- تىزىملاتقان
- 2012-12-19
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-3-25
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 3904
- نادىر
- 1
- يازما
- 236
ئۆسۈش
63.47%
|
پەخىرلىك ئالىمىمىز مەھمۇد قەشقەرىنىڭ تۇغۇم،ئۆلۈمىدىكى ئىنىقسىزلىق
باشلانغۇچ 6-يىللىق تىل-ئەدەبىيات دەرىسلىكىگە پەخىرلىك ئالىمىمىز مەھمۇد قەشقەرىنىڭ<<تۈركى تىللار دىۋانى>>ناملىق شاھانە ئەسىرىدىن ئىلىنغان<< <دىۋانۇ لۇغەتىت تۈرك>تىن ئۈگۈت-نەسىھەتلەر>>دىگەن ئەسەر بىرىلگەن.مەن بۇ دەرس ئارقىلىق مەھمۇد قەشقەرى كىم؟قانداق تارىخى دەۋىردە ياشىغان؟تۈركى تىللار دىۋانى قانداق ئەسەر؟نىمە سەۋەپتىن،قانداق يىزىلغان؟...دىگەنلەرنى ئوقۇغۇچىلارغا بۈلدۈرمەكچى بولدۇم،ھەم ھاجى ئەھمەت كۆلتىگىن ئاكىنىڭ قەدىمى كۇچا خاندانلىقىدا تۇغۇلغان بۇددىسىت ئالىمىمىز كومراجىۋادىن تارتىپ 19-ئەسىردە ياشاپ ئۆتكەن مەرىپەتچى شائىرىمىز ۋە مۇتەپپەكۇرىمىز ناقىسقىچە بولغان139نەپەر مەشھۇرىمىز ھەققىدە بەلگىلىك چۈشەنچە بىرىلگەن<<دىڭىز ئۈنچىلىرى>>ناملىق تەزكىرىسىگە مۇراجەت قىلدىم.<<دىڭىز ئۈنچىلىرى>>نى ئوقۇش ئارقىلىق شۇنى بىلدىمكى بىر ئادەم تەرىپىدىن يىزىلغان بىر شەخىسنىڭ ئىككى ئورۇندىكى تەرجىمھالى ئوخشاش چىقماي قالدى،يەنى كىتابنىڭ 44-بىتىدىكى مەھمۇد قەشقەرىنىڭ تۇغۇلغان ،ۋاپات بولغان ۋاقتى بىلەن،يە نە شۇكىتابنىڭ277-بىتىدىكى مەھمۇد قەشقەرىنىڭ تۇغۇلغان ،ۋاپات بولغان ۋاقتى ئوخشاش چىقمىدى.
شۇنىڭ بىلەن مەن بىر گۇمان ئىلكىدە ساقلاۋاتقان كىتابلىرىم ئارىسىدىن مەھمۇد قەشقەرىگە ئائىت يىزىلغان كىتابلاردىن مەھمۇد قەشقەرىنىڭ تۇغۇلغان ،ۋاپات بولغان ۋاقتى ھەققىدىكى ئۇچۇرلارنى توپلىدىم،توپلىغانلىرىم تۆۋەندىكىدەك بولدى:
1.دىڭىز ئۈنچىلىرى : ئاپتۇرى- ھاجى ئەھمەت كۆلتىگىن،2009-يىلى نەشىر قىلىنغان،
1)...ئۇ قاراخانىلارنىڭ خان ئەۋلادلىرىدىن بولۇپ1030-يىلى قەشقەرنىڭ ئوپال يىزىسىدا دۇنياغا كەلگەن...1090-يىلى ئالەمدىن ئۆتكەن.(44-بەت)
2)ئۇيغۇر خەلقنىڭ11-ئەسىردە ياشىغان ئۇلۇغ ئالىمى،دۇنيا تۈركولوگىيە ئىلمىنىڭ ئاساسچىسى مەھمۇد كاشغەرىي1028-يىلى قەشقەرگە تەۋە ئوپال يىزىسنىڭ ئازىخ كەنتىدە تۇغۇلۇپ،1126-يىلى97يىشىدا ئالەمدىن ئۆتكەن.(277-بەت)
2.تۈركى تىللار دىۋانى:ئاپتۇرى-مەھمۇد كاشغەرىي،2012-يىلى نەشىرى.
...ئەگەر ئۇنى97يىشىدا ۋاپات بولدى،دىگەن رىۋايەت توغرا بولسا،يۇقىرىقى پەرىزىمىز بويىچە ئالىمنىڭ ۋاپاتى1126-يىللارغا توغرا كىلىدۇ. (1053-بەت)
3.مەھمۇد قەشقەرى ۋە <<تۈركىي تىللار دىۋانى>>:ماقالىلەر توپلىمى،2008-يىلى نەشىر قىلىنغان.
...ئالىم تەخمىنەن مىلادىيە1005-يىلى قەشقەرنىڭ ئوپال يىزىسى ئازىخ(ھازىرقى قۇمباغ)كەنتىدە تۇغۇلغان.(29-بەت)
4.مىڭ يىل بۇرۇن،مىڭ يىل كىيىن مەھمۇد كاشغەرىي ۋە<<دىۋانۇ لۇغاتىىت تۈرك>>:شۈكرۈ خالۇك ئاكالىن(تۈركىيە)
...تۈركىي تىللار لۇغەتچىلىكىنىڭ ئاتىسى مەھمۇد كاشغەرى1008-يىلى تۇغۇلغانلىقى قۇبۇل قىلىنماقتا.(1-بەت)
5.مەكتىۋىمىزدىكى<<ئۇلۇغلۇق ئىلىمدىن كىلىدۇ>>نامىدىكى تەشۋىقات دوسكىسى.
مەھمۇد قەشقەرى(1105-1008)
يۇقارقى مەنبەلەردىن مەھمۇد قەشقەرىنىڭ تۇغۇلغان،ۋاپات بولغان ۋاقتىدىكى بىر-بىرىگە ئوخشىمايدىغان سان-سىفىرلارنى كۆرۈپ ھەيران قالدىم.يۇقارقى مەنبەلەرچە بولغاندا مەھمۇد قەشقەرى بوۋىمىزئايرىم-ئايرىم ھالدا 60ياش،98ياش،97ياش ئۆمۈر كۆرگەن بولاتتى.ئوقۇغۇچىلىرىمغا قايسىسىنى توغرا يىلنامە دەپ سۆزلەپ بىرىشتە ئىككىلەندىم،قايمۇقۇپ قالدىم،ئاخىرى بىز كۆپ ئاڭلىغان<<پەخىرلىك ئالىمىمىز مەھمۇد قەشقەرى 97يىشىدا ئەلەمدىن ئۆتكەن>>دىگەن قاراش بويىچە چۈشەنچە بەردىم.ھەم كۆڭلۈمدە تۆۋەندىكىدەك سۇئاللار تۇغۇلدى.
تۈركولوگىيە ئىلمىنىڭ ئاساسچىسى،تۈركىي تىللار لۇغەتچىلىكىنىڭ ئاتىسى...دەپ تەرىپلەنگەن،ب د ت پەن-مەدەنىيەت مەركىزى تەرىپىدىن پۈتۈن بىر يىلنى <<مەھمۇد قەشقەرى يىلى>>قىلىپ بىكىتىلىپ،دۇنيادىكى باشقا ئەل خەلقلىرىنىڭ ھۆرمەتلىشىگە،ئىتىراپ قىلىشىغا ئىرىشكەن،پەخىرلىك ئالىمىمىز مەھمۇد قەشقەرىنىڭ تۇغۇلغان، ۋاپات بولغان ۋاقتىدا نىمە ئۈچۈن يۇقارقىدەك ئىنىقسىزلىقلار كۆرۈلىدۇ؟بۇ كىمدىكى مەسئۇلىيەت؟تەتقىقاتچىلار ئۈزلۈكسىز يىتىشىپ چىقىۋاتقان جەمئىيتىمىزدە نىمە ئۈچۈن<<دىۋانشۇناسلىق>>تەك بىرەر ئىلمىي جەمئىيەت قۇرۇلمايدۇ؟؟؟؟؟؟تورداشلار بىرلىكتە مۇلاھىزە قىلىپ باقساق. |
|