قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 8984|ئىنكاس: 51

ياپونىيە نېمىشقا تەرەققىي قىلالىغان؟

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

چ چ: 654354470

55

تېما

0

دوست

9761

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   95.22%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  252
يازما سانى: 340
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى: 2276
تۆھپە : 1461
توردىكى ۋاقتى: 1497
سائەت
ئاخىرقى: 2013-9-12
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-15 13:27:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   duttarqi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-3-19 11:09  

ياپونىيە نېمىشقا تەرەققىي قىلالىغان؟
     


      ئادىلە ئىسمائىل

           ياپونغا كەلگەندىن باشلاپ بۈگۈنگىچە بولغان بىر يىللىق ئوقۇش ھاياتىمدا ئېرىشكەن بۇ ئەل ھەققىدىكى دەسلەپكى ئۇچۇر ۋە تەسىراتلىرىمنى قېرىنداشلىرىمغا سۇنىمەن. كۆڭلۈم كۆڭۈللەرگە يەتسىكەن، نازۇك تىلەكلىرىمنى ھەممە بىلسىكەن دەيمەن. ئىزچىل ئەسرا بولۇشنى، بىلىشىمچە يەتكۈزۈشنى داۋاملىق ئىستەيمەن.

1. ياپونىيە مائارىپى ۋە روھ
    ياپونىيە تۇپرىقىغا قەدەم بېسىشتىن بۇرۇن ياپونىيە ھەققىدە كۆرگەن ماتېرىياللار ۋە ئاڭلىغانلىرىم بويىچە، ياپونىيەنى ئاجايىپ بىر دۇنيا، ياپونلۇقلارنى پەۋقۇلئاددە ئادەملەردەك تەسەۋۋۇر قىلاتتىم. دەرۋەقە ياپونىيەگە كەلگەندىن بۇيان تۈپتىن ئۆزگىچە، يېپيېڭى بىر دۇنيانى كۆردۈم. تەبىئەتتىكى ئاجايىپ گۈزەللىك، ئىجتىمائىيەتتىكى غايەت ئەۋزەللىك، ئادىمىيلىكتىكى بىباھا ئەركىنلىك، ئىنسانىي قەدىر-قىممەت... ۋەھالەنكى، بۇ دۇنيانىڭ بەختىيارلىرى بىزدىن ھېچبىر ئارتۇقى يوق تولىمۇ ئاددىي ئادەملەر ئىكەن، ياپونىيەگە كەلگەن دەسلەپكى كۈنلەردە 2-دۇنيا ئۇرۇشىدا ھالىدىن كەتكەن، 50-يىللارنىڭ باشلىرىدىمۇ نامراتلىقتىن ئىڭراۋاتقان ياپون شۇنچە قىسقا ۋاقىتتا ئۇ قەدەر تۈپ ئۆزگىرىشلەرگە قانداق ئېرىشكەندۇ؟ ئۆز ئېلىنى دۇنيانىڭ كۆزىگە ئايلاندۇرغان ئۇلۇغ ياپونلۇقلار راستتىنلا مەن كۆرۈۋاتقان مۇشۇ ئاددىي ئادەملەرمىدۇ؟ بۇ ھەقتە خېلى كۆپ ياپونلۇقلار، ھەتتا ئوقۇتقۇچىلىرى بىلەن سۆھبەتلەشتىم. «بۇ مەسىلىنى بىزمۇ ئويلاپ باقماپتىكەنمىز» دېگەنلەرمۇ، سوئاللىرىمدىن ھەيران بولغانلارمۇ بولدى. دەرۋەقە، بۇ ئۇلارنىڭ دۇنياسى. ماڭا يېڭى تۇيۇلغان بارچە نەرسە ئۇلار ئۈچۈن تەبىئىي، تەييار نېمەت. بەلكىم سوئالىمغا ياپون ئېلىنىڭ بۈگۈنى ئۈچۈن ئۇل سالغانلار بىر نېمە دەر دېگەن ئوي بىلەن ئۇلارنى ئىزدىدىم. بەرھەق، سوئالىم پىشقەدەملەردىن قانائەت تاپتى.
    «40-50-يىللاردىكى نامراتلىق، كېسەللىك ھەم ئۇرۇش مەغلۇبىيىتىنىڭ ۋەيرانچىلىقى قاپلىغان ئۇ خارابە يىللارنى بۈگۈنكى ياشلار تازا چۈشەنمەيدۇ. شۇڭا، بۈگۈننىڭ قەدرىگە بىزدەك يەتمەيدۇ، شۇ يىللاردا زاۋۇت-كانلاردىن ئېقىپ چىقىرىلغان كېرەكسىز سۇلار بىلەن بۇلغانغان پاسكىنا دېڭىز سۈيىنى ئىچىپ، كېسەللىك، ئۆلۈمگە گىرىپتار بولغانلارنىڭ، شۇ سەۋەب ھەر خىل غەيرىي ئالامەتلەر بىلەن تۇغۇلۇپ، يېتىلەلمەيلا قان-ياشلار بىلەن ئۇزىتىلغان بوۋاقلارنىڭ سانىنى مەنمۇ ئېيتىپ بېرەلمەيمەن. نامراتلىقتىن تاغ ئۆڭكۈرلىرىدە ياشايدىغانلار، كۈنلۈك يېمەكلىككىمۇ چىقىنالمايدىغانلار كۈرمىڭ ئىدى. ماماتلىق ئاخىر ياپونلۇقلارنى ئويغاتتى. جاننى ئالقانغا ئېلىپ، خالىس، پىداكارانە كۈرەشكەن ئۇ ئۆم، جەڭگىۋار يىللارنى كۆرگەن ھەربىر ياپونلۇق ئۇنتۇيالمايدۇ. ئەنە شۇ كۈچ ياپون خەلقىنى قۇتقۇزدى، شۇ ئىرادە، شۇ ئۆملۈك 10 نەچچە يىل ئىچىدىلا ياپوننى يېڭى بىر دۇنيا قىلىپ قايتا ياراتتى. 60-يىللارغا كەلگەندە ياپونىيە ئىقتىسادى تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى چەككە يەتتى. يۇقىرى سۈرەتلىك پويىز، يەر ئاستى پويىزلىرى دۇنياغا كەلدى. ماشىنا، تېلېۋىزور، توڭلاتقۇ، تېلېفون دېگەنلەر ھەممە ئائىلىلەرگە دېگۈدەك ئومۇملاشتى. ئەلۋەتتە بۇ ئۈنۈملەردە تاشقى ئامىلمۇ، سىياسىي، ئىجتىمائىي تەسىرمۇ يوق ئەمەس. ئامېرىكا-چاۋشيەن ئۇرۇشىدىكى ئامېرىكىغا چىقارغان زور كۆلەملىك يادرو قوراللىرى ۋە ئاشلىق، پادىشاھ يىكېدا (泄田) نىڭ يېڭىچە ئىقتىسادىي سىياسىتى... بىراق سىزنىڭ سوئالىڭىزغا مەندىن چىقىدىغان ئەڭ دانا جاۋاب: ئالدى بىلەن بىزدە روھ، يەنىلا روھ بولغانلىقتا. سۆزلەپ شۇ يەرگە كەلگەندە، 70ياشلار چامىسىدىكى بۇ پىشقەدەم تارىخچى ھاياجىنىدىن ئىختىيارسىز تىترەپ كەتتى. «بىراق تەييار دۇنياغا تۇغۇلغان بۈگۈنكى ياشلاردا بۇنداق روھ كەم تېپىلىدۇ» ئۇنىڭ خورسىنىپ ئېيتقان ئاخىرقى سۆزى مېنى ئويلاندۇرۇۋاتقان كېيىنكى سوئالىمغىمۇ جاۋاب بولدى.
    دەرۋەقە، مەن كۆرۈۋاتقان بۈگۈنكى ياپون ياشلىرىنى تەسەۋۋۇرۇمدىكى بىلەن ئانچە كېلىشتۈرۈپ بولالمىغانىدىم. ئۇ مېنىڭ: «شۇ يىللاردىمۇ دوكتور، ئالىملار بارمىدى؟ ئالىي مەكتەپلەر كۆپمىدى؟» دەپ سورىغان سوئالىمدىن كۈلۈپ كەتتى. «نېمە دېمەكچى ئىكەنلىكىڭىزنى چۈشەندىم. ئۇلارسىز دۇنيا تەۋرىمەيدۇ، شۇنداقمۇ؟ ھا، ھا، ھا... ئەمما شۇنىڭغا ئىشىنىڭكى، زورىيىشنىڭ ئاچقۇچى ئالىملاردىلا ئەمەس. ھەممىگە تۈرتكە بولىدىغىنى يەنىلا روھ ۋە ئىرادە. شۇنداق، شۇ چاغلاردىمۇ بىرەر يۈزچە ئالىي مەكتەپ بولىدىغان. ئەمما دوكتور، ماگىستېر تەربىيەلەش 60-يىللاردىن كېيىن باشلاندى. ئەمما شۇ چاغلاردىمۇ يەنىلا چەكلىك ئىدى».
    بۇ ھەقتە يەنىمۇ چوڭقۇرلاش ئۈچۈن «ياپونىيە مائارىپ تەزكىرى»نى ۋاراقلاپ، ئاندىن ئۇ ئېيتقان «روھ» سۆزىگە بەرھەق ئىشەندىم.
    1950-يىلى بىر يىل ئىچىدە دۆلەت مىقياسىدا ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ئومۇمىي ئوقۇغۇچى سانى 224923 ئادەم بولۇپ، شۇ يىلى جەمئىي 1858 ئوقۇغۇچى ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتتۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ ئىچىدە بىرەرمۇ دوكتور ياكى ماگىستېر يوق ئىكەن. 2003-يىلى بىر يىل ئىچىدە دۆلەت مىقياسىدا ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ئومۇمىي ئوقۇغۇچى 2801732 بولۇپ، شۇ يىلى ئالىي مەكتەپ پۈتتۈرگەن 567711 ئوقۇغۇچى ئىچىدە 67355 ئوقۇغۇچى ماگىستېرلىق شەرىپى، 14023 ئوقۇغۇچى دوكتورلۇق شەرىپى بىلەن مەكتەپ پۈتتۈرگەن.
    2003-يىلىدىكى ئالىي مەكتەپكە ئۆرلەش، پۈتتۈرۈش، ماگىستېرلىق ۋە دوكتورلۇققا ئۆرلەش نىسبىتى تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى چەككە يەتكەن. ئەمما شۇ يىلقى ياپونىيە ئىقتىسادى ۋە ئىشقا ئورۇنلىشىش نىسبىتى 60-يىللاردىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن سەۋىيەگە چۈشۈپ قالغان. مانا بۇۇ روھنىڭ قۇدرىتى. ئىختىساس بىلەن ئىقتىسادنىڭ مۇناسىۋىتى.
    نوپۇسنىڭ كۆپىيىشى، ئىقتىساد ۋە ئىجتىمائىيەتتىكى گۈللىنىش 60-يىللاردىكى ئىستۇدېت ئالىملار بىلەن بۈگۈنكىنىڭ سانىدا غايەت سېلىشتۇرمىنى ھاسىل قىلغىنىغا ئوخشاش، روھىيەتتىكى بۇرۇلۇش ۋە «غەيرىي نورمال» تەرەققىياتمۇ بۇ بۆسۈشنىڭ ياندىشىدا تەڭ بىخلىنىپ ماڭغان. ئۇ بولسىمۇ ئىنسانىي ھوقۇق ۋە ئىجتىمائىي ئەۋزەللىك ياراتقان «ئەركىنلىك» ئۇنىڭدا گەرچە پىشقەدەم ياپونلۇقلار يات كۆرىدىغان «ئەنئەنىۋى ياپون روھىدىن چەتنىگەن، قىزىل رەقەم پەيدا قىلىۋاتقان ئۆسمۈرلەر» كۆپ بولسىمۇ، ئەمما دۆلەت ئۇقۇمىدىكى كاپالەت، مەۋجۇت ئەۋزەل شارائىت ئۇلارغا يەنىلا ئىلگىرىلەش ۋە ئۆزگىچە يول تېپىشنىڭ كەڭرى زېمىنىنى ھازىرلاپ تۇرۇپتۇ. ئۇلارنىڭ روھىيىتىدە ھېلىھەم مۇستەقىللىق، دادىللىق، پائالىيەتچانلىق ۋە زەبەردەست مىللىي روھ ئۆلمەپتۇ.
    ياپونىيە ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى ئوقۇش ياردەم پۇلى، ئوقۇش قەرز پۇلى (ئۆسۈمسىز ھەم ئۆسۈملۈك) ھەقسىز داۋالاش، ئېتىبار باھادىكى قاتناش ھەتتا ئازادە تۇرالغۇ (ھۆكۈمەت ئىگىدارچىلىقىدىكى مەكتەپلەرنىڭ ياتاقلىرى يۈرۈشلەشكەن، تولۇق ئۈسكۈنىلىك) ھەم ئەڭ ئەۋزەل ئۆگىنىش شارائىتى بىلەن تەمىنلىگەن. شۇنداقلا ئىشلەپ تۇرۇپ ئوقۇش تۈزۈمىنى كەڭ تۈردە يولغا قويغان بولسىمۇ، ئەمما مەجبۇرىي مائارىپ ياكى تولۇق ئوتتۇرىنى تۈگىتىپلا مۇقىم ياكى ۋاقىتلىق ئىش بىلەن ئۆمۈر ئۆتكۈزۈشنى خالايدىغانلار، شۇنداقلا قىسقا مۇددەتلىك كەسىپ بىلەن مەكتەپلەردە ھۈنەر ئىگىلەپ، مۇستەقىل، كىچىك ئىگىلىك تىكلەشنى ئەۋزەل بىلىدىغانلار كۆپ ساننى ئىگىلەيدىكەن. ئىستاتىستىكىغا قارىغاندا 2003-يىلى تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتتۈرگەن 1 مىليون 315 مىڭ ئوقۇغۇچىنىڭ 14.6 پىرسەنتى ئالىي مەكتەپكە (تۆت يىللىق)، 7.8پىرسەنتى كەسپىي مەكتەپلەرگە (ئىككى يىللىق) ئۆرلەپ، قالغان 50 پىرسەنتكە يېقىن ئوقۇغۇچى ئاساسەن جەمئىيەتكە يۈزلەنگەن. (ئەمما بۇ نىسبەت مەيلى 50-يىللار ياكى ھازىرقى بىلەن سېلىشتۇرۇلسۇن، پەقەتلا سان پەرقى، خالاس).
    ياپونىيەدە مۇقىم خىزمەت (پېنسىيە يېشىغىچە)، توختاملىق خىزمەت (توختام مۇددىتى توشقىچە) ۋە ۋاقىتلىق خىزمەت (قايسى بىر تەرەپ ۋاز كەچكىچە) دېگەندەك كۆپ خىل ئىش تۈرى ۋە ئىش تۈزۈمى يولغا قويۇلغان بولۇپ، ھەر كىم ئۆزىگە لايىق ھەم خالىغان خىزمەتنى تاللاپ ئىشلەيدىكەن. مۇقىم خىزمەتنىڭ كىرىمى بىلەن تەڭ ئىش ۋاقتى ۋە مۇددىتىمۇ مۇقىم بولغاچقا، ۋاقىت ۋە مۇددىتى ئەركىن بولغان خىزمەتنى خالايدىغانلار يەنىلا كۆپرەك ئىكەن. گەرچە بۇ خىلدىكى خىزمەتلەر ئالاھىدە مەلىكىلىك بولمىغان، خىزمەتچىلەر ئىشلىگىنىگە قاراپ ھەق ئالىدىغان بولسىمۇ، ئادەملىك قىممىتى خىزمەت ئورنى بىلەن ئۆلچەنمەيدىغان بۇ ئەلدە ھەر كىم ئۆز يارىشىقى، ھەم ئارزۇسى بويىچە تاللاپ ئىشلەيدىكەن. ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىمۇ ئوقۇشتىن سىرت مۇشۇ خىل خىزمەت بىلەن تۇرمۇش راسخوتى، ھەتتا ئوقۇش پۇلىنى تاپىدىكەن. ھەر كۈنى يېڭىلىنىپ، بېسىپ تارقىتىلىدىغان مەخسۇس خىزمەت ئېلانى ژۇرناللىرى، كومپيۇتېر خاس تور بەتلىرى، گېزىتلەرنىڭ خاس سەھىپىلىرى ۋە پارچە ئېلانلارمۇ ئۈزۈلمەيدىكەن. ئۆزى خالاپ، تاللاپ قىلغان ئىشقا تەبىئىي ھالدا مۇھەببەت، مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى سىڭىپ كەتكەن، يەنە كېلىپ، ھەر كىمنىڭ مۇقىم خىزمەت دائىرىسى، بەلگىلىك ۋەزىپىسى ۋە كىرىمى بولغاچقا بوشاڭلىق، مەسئۇلىيەتسىزلىك، قولىنىڭ ئۇچىدا ئىشلەش دېگەنلەر بۇ يەردە مەۋجۇت ئەمەسكەن. ئەلۋەتتە، ئۈزلۈكسىز ئىلگىرىلەپ ئوقۇيدىغان، پۈتۈن مەۋجۇتلۇق ۋە زېھنىي-قۇۋۋىتى بىلەن تەتقىقاتقا بېرىلىدىغانلارمۇ، بىرەر تۈردە نەتىجە قازىنىپ مۇقىم، مۇستەقىل ئورنىنى تىكلىمىگىچە مۇھەببەت، ئائىلىنى تەرك ئېتىدىغانلارمۇ ئاز ئەمەس. ئەمما كىم مەيلى نېمىلا قىلسۇن خالاپ قىلىدۇ، سۆيۈپ قىلىدۇ. مانا بۇنى ياپونىيەنىڭ غالىبىيەت ئىزچىللىقىدىكى بىر سىر دەپ چۈشەندىم. بۇ ئىككى دەۋر ئادەملىرىدە ئوخشىمايدىغان ئىككى خىل «روھ» بولسىمۇ، ئەمما ھەر ئىككىسىدىلا «زورىيىشنىڭ ئاچقۇچى دوكتوردا ئەمەس، روھتا» دېگەن ئەينى بىر مەنە كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ.
    ئەلۋەتتە، ئادەمگە ساپا كېرەك، مەيلى نېمىلا ئىش قىلسۇن، مۇئەييەن سۈپەت ھەم ئاساس بولمايدىكەن، ئۇنىڭ ئۆزى مەغلۇبىيەت. بىراق ياپونىيەدىكى «ئوقۇشتىن توختىدى» دېگەن مۇشۇ ياشلارنىڭمۇ ھەرقاندىقى كومپيۇتېرنى بىمالال ئىشلىتەلەيدۇ. زۆرۈر قانۇن ساۋاتلىرىنى، ئۇنىۋېرسال ئاساسىي بىلىملەرنى مۇكەممەل بىلىدۇ. ماسلىشالايدۇ، جەمئىيەتكە تېگىشلىك ئىنكاس قايتۇرالايدۇ. مائارىپ تۈزۈمى ۋە تۈزۈلمىسىدىكى تاكامۇللۇق، تەربىيەلەشتىكى كۆپ ياقلىمىلىق ۋە خاسلىق يېتىلدۈرگەن بۇ خىل پسىخىك ساپا، ئادىمىيەتكە زۆرۈر ئاكتىۋال ئامىللارنى تەقلەپ تۇرۇپتۇ.

    2. ياپون بالىلىرىنىڭ تەربىيەلىنىشى
    ئادەم بەخت ئىچىدە ئۆز بەختىنى سېزەلمەيدۇ. ناۋادا مەنمۇ يالاڭ ئاياق قىر ئېشىپ، كېسەكتە ئولتۇرۇپ، ئەسكى تاملىقتا ئوقۇۋاتقان ئاشۇ بالىلار دۇنياسىدىن كەلمىگەن بولسام، ئۇلارغا قاراپ ئېسەدىمىگەن، ھاياجانلانمىغان بولاتتىم.
    ماگىستېرلىق ئىمتىھانىغا تەييارلىق قىلىۋاتاتتىم. ئىمتىھانغا قاتنىشىش سالاھىيىتىگە ئېرىشىش ئۈچۈنمۇ ئالدى بىلەن كەسىپ دائىرىسىدە ياپونچە 5000 خەتلىك ئىلمىي ماقالە تاپشۇرۇش شەرت قىلىناتتى. مەكتەپ بىلەن ئىشتىن ئېشىنمايدىغان ۋاقىتنى ئەمدى كۇتۇپخانىغىمۇ بۆلمەي بولمىدى. ئۆيۈمگە ۋە مەكتەپكە يېقىن بىرنەچچە كۇتۇپخانىنىڭ كارتىسىنى بېجىردىم. تۇنجى قېتىم ئوقۇتقۇچۇم باشلاپ بېرىپ تەپسىلىي تونۇشتۇردى.
    بۇ كۇتۇپخانا كومپيۇتېر ئارقىلىق كېرەكلىك ماتېرىياللارنى ئىزدىمەكچى بولسىڭىز، دەرھال شۇ ھەقتىكى ھەممە ئۇچۇرلارنى سىزگە يەتكۈزۈپ بېرىدۇ. ناۋادا سىز ئىزدىگەن ماتېرىيال بۇ كۇتۇپخانىدا بولمىسا، خادىملار سىزگە باشقا كۇتۇپخانىلاردىن ئەكەلدۈرۈپ بېرىدۇ. سىزگە زۆرۈر ياكى ئىزدەپ تاپالمايۋاتقان ماتېرىيال ئۇچرىسا ئۇنى سېتىۋالىمەن دېسىڭىزمۇ ياكى كۇتۇپخانىنىڭ كۆپەيتىش ماشىنىسىدا نۇسخا ئېلىۋالسىڭىزمۇ بولىدۇ. مانا بۇ ياقتىكى كومپيۇتېرلاردا ئىنتېرنېت ۋە باشقا سىستېمىلار تولۇق. خادىملارنى خەۋەرلەندۈرۈپ قويۇپلا، خالىغانچە ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ.
    - بۇ پىلاستىنكىلارنىمۇ ئارىيەت بېرەمدۇ؟
    - ئەلۋەتتە. ئۈنئالغۇ، سىنئالغۇ، CD,VCD پىلاستىنكىلىرى، ھەممە تۈر بار. ئارىيەت ئېلىپ كەتسىڭىزمۇ ياكى مۇشۇ يەردە ئۆزىڭىز تاللىغان لىنتىلارنى قويۇپ ئاڭلاپ، كۆرسىڭىزمۇ بولىدۇ. تىڭشىغۇچ ئىشلەتسىڭىزلا ھېچكىمگە دەخلى قىلمايسىز، - دەپ زامانىۋى كۆرۈش، ئاڭلاش ئۈسكۈنىلىرى ئورۇنلاشتۇرۇلغان خاس ئۈستەللەرنى كۆرسەتتى.
    - مانا بۇ ئەدەبىي ئەسەرلەر گۇرۇپپىسى، ياپونىيە ۋە دۇنيا ئەدەبىياتىغا ئائىت ھەممە ماتېرىياللارغا ئېرىشەلەيسىز، - بىر ئۆيگە لىققىدە تىزىلغان ئەدەبىي كىتابلارنى كۆرۈپ، ئىچىم يورۇپ كەتتى.
    - بۇ لۇغەت ۋە تىل تەتقىقاتىغا دائىر ئەسەرلەر...
    ئۇنىڭ سۆزى ئاخىرلاشمايلا، ئۆزۈممۇ سەزمەستىن توۋلاپ سالدىم.
    ئۇيغۇرچە لۇغەت!... ۋاھ... پەقەت ئويلىماپتىكەنمەن. تۈزگۈچىسىمۇ ياپونلۇقكەن تېخى. (يىيى نۇما ئېيزوۋ) ئۇيغۇرچە ئاتالغۇلارمۇ شۇنچىلىق تولۇق، ئىدىتلىق، ھېچ ئىشەنگۈم كەلمەيدۇ.
    - ئۇيغۇر تىلىلا ئەمەس، دۇنيادىكى ھەرقانداق تىلغا ئائىت تەتقىقات ۋە لۇغەت ماتېرىياللىرى بار. ياپونىيەدە «يىپەك يولى»نىڭ تەسىرى ناھايىتى زور. شۇ ۋەجىدىن ئۇيغۇر تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان ئالىملار، شۇ قىزىقىش بىلەن ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە ئۇيغۇر تىلىنى ئۆگەنگۈچىلەرمۇ ئاز ئەمەس. شۇڭا بۇ خىل ماتېرىياللار ئىشلىنىپ تۇرىدۇ. - تولىمۇ سۆيۈندۈم، ئېيتقۇسىز خۇشاللاندىم ھەم شۇ دەقىقە ئىچىمدە بىر ئوت ياندى!
    - بۇ يەردە خەق تاماق يەپ ئولتۇرىدىغۇ؟
    - ھە، بۇ ئارام ئېلىش ئۆيى. تاماق يەپ، قەھۋە ئىچىپ، پاراڭلاشسىڭىز، مۇنازىرە قىلسىڭىز بولىدۇ. ئەمما ئۆگىنىش ئۆيىدە ئۇنداق ئەمەس. كىرىپ كۆرۈڭ، - ئۈستەل چىراغلىرى، تىڭشىغۇچلار بېكىتىلىپ، يېرىم توسۇپ ياسالغان ئايرىم كىشىلىك ئۈستەللەردە ئادەملەر لىققىدە، باش چۆكۈرۈپ ئولتۇرۇپتۇ. مەن ياپونىيە ياشلىرىنىڭ ھەممىسىنى كوچىدا كۆرگەندەك قىلاتتىم. بۈگۈن بولسا ھەممىسى بۇ يەرگە يىغىلغاندەك قىلاتتى. راستىنى ئېيتسام، بۈگۈنكىدەك ئارام ئېلىش كۈنلىرى ئەمەس، ئادەتتىمۇ ئورۇنلىرى لىققىدە تولۇپ كەتكەن بۇنداق كۇتۇپخانىلارنى مەن ئىلگىرى كۆرگەن ئەمەس. ئاسان قېرىمايدىغان، قېرىسىمۇ سالامەتلىكىدىن كەتمەيدىغان 60-70 ياشلىق ياپون بوۋايلىرىمۇ ئاپئاق چاچ-ساقاللىرى بىلەن كۇتۇپخانىغا زىننەت بېرىپ، تەڭ يېرىم ئورۇننى ئىگىلەپ ئولتۇرىدىكەن. ئۇلار نېمە ئۆگىنىدىغاندۇ؟ يەنە نېمىگە مۇھتاجدۇ؟
    ئاستىنقى قەۋەتكە چۈشۈپ كېتىۋېتىپ، ئەينەك تاملىق زالنىڭ ئىچىدە سەكرەپ ئويناپ يۈرگەن بالىلارغا كۆزۈم چۈشتى. ھەيرانلىقتا ئالدىراپ سورىدىم:
    - ئاۋۇ قەيەر؟
    - بالىلار كۇتۇپخانىسى.
    - شۇنداقمۇ؟
    - ئاتا-ئانىلار بالىلارنى كۇتۇپخانىغا ئېلىپ كەلگەندە، قولاي بولسۇن ئۈچۈن ئايرىم بالىلار ئۆيى ياسالغان، - ئۇ سۆزلىگەچ مېنى بالىلار كۇتۇپخانىسىغا باشلاپ كىردى. رەسىملىك كىتاب-ژۇرنال، بالىلار پىلاستىنكىلىرى، تېلېۋىزور، سىن قويغۇ، ئويۇنچۇق ۋە ئادەتتىكى يەڭگىل چېنىقىش ئۈسكۈنىلىرى بىلەن تولغان، قاينام-تاشقىنلىق كۇتۇپخانىنى ئايلىنىۋېتىپ «بۇلارنىڭ ھەممىسى ھەقسىزمىدۇ» دېگەن سوئال كاللامدىن كەچتى.
    - سىلەردە كۇتۇپخانىلارغىمۇ ھەق تۆلەمدۇ؟
    - بۇنداق بالىلار سورۇنلىرى ماگىزىن، باغچا ھەممىلا ئاممىۋى پائالىيەت ئورۇنلىرىدا بار. ھەممىسى ھەقسىز، - ئۇ سوئالىمدىن ھەيران بولغان ھالدا جاۋاب بەردى.
    «ئەپسۇس، مۇشۇنداق جايلار بىزدە بولسىتى، ھەق تۆلىسەكمۇ مەيلىتى» دېدىم ئىچىمدە. ئۇ مېنىڭ جىمىپ كەتكىنىمنى كۆرۈپ، سوئالدىن كۆرە ئىزاھاتنى زۆرۈر تاپتى.
    - ھەر يىلى دۆلەتنىڭ كۇتۇپخانا مائارىپىغا سالىدىغان مەبلىغى 3 مىليارد 500 مىليون (خەلق پۇلىدا 260 مىليون 756 مىڭ 414 يۈەن). ئۇنىڭدىن باشقا ئۆسمۈرلەر پاراۋانلىق ئورنى ۋە بالىلار يەسلىسىگە سالىدىغان مەبلىغى 7 مىليارد 940 مىليون ياپون يېنى.
    - ئۇنداقتا ئومۇمىي مائارىپ مەبلىغىچۇ؟
    - 2 مىليارد 429 مىليون 600 مىڭ ياپون يېنى (181 مىليون 9652 يۈەن خەلق پۇلى). مانا بۇ كىتابنى كۆرسىڭىزلا ياپونىيە مائارىپىغا ئائىت پۈتۈن ئىستاتىستىكىغا ئېرىشەلەيسىز.
    - ئۇ «مائارىپ تەزكىرىسى» ناملىق كىتابنى ماڭا سۇندى.
    - رەھمەت سىزگە، - ئۇنىڭغا رەھمىتىمنى بىلدۈرگەچ يەنە بىر ئىش ھەققىدىكى سوئالنىمۇ سوراپ ئۈلگۈردۈم، - قايسى كۈنى خازاما مۇئەللىم «توي قىلسام خىزمەتتىن چېكىنىمەن» دەيدۇ. ياپونىيەدە ئاياللارنىڭ ھەممىسى شۇنداقمۇ؟
    - ئىلگىرى ئاساسەن شۇنداق ئىدى. ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتتۈرۈپ، ئەڭ نوپۇزلۇق شىركەتلەردە ئىشلەيدىغان ئايال خادىملارمۇ توي ۋە تۇغۇتتىن كېيىن خىزمەتتىن چېكىنەتتى. ھېس قىلغانسىز، ياپونىيەدە خىزمەت سىجىللىقى بەكلا ئېغىر. ھەممىلا ئادەم ئالدىراشلا يۈرىدۇ. بۇنداق مۇھىت كىشىلەرنى تەبىئىيلا ئائىلە ئىللىقلىقىغا بەكلا مۇھتاج قىلىپ قويغان. بالىلار تېخىمۇ شۇنداق. ئاتا-ئانىلارنىڭ شۇنچە جان كۆيدۈرۈپ ئىشلىشى يەنىلا بالىلار ئۈچۈن، بىراق بالا تەربىيەسى يېتەرلىك بولمىسا، ئۇنىڭغا دۇنيا دۆۋىلەپ بەرسىڭىزمۇ بىكار. ئەلۋەتتە بالىلار باغچىغىمۇ بارىدۇ. ئۇ يەردە دەسلەپكى مەكتەپ مۇھىتىنى ھېس قىلىدۇ. ئۆملۈكنى، دوستلۇقنى ئۆگىنىدۇ. ئەمما ئۇ يەردە بالىلارنىڭ تەربىيەلىنىدىغان ۋاقتى ئانچە ئۇزۇن بولمىغاچقا، يەنىلا ئانىلارنىڭ ئۆز ۋاقتىنى بالىلار ئۈچۈن قۇربان قىلىشىغا توغرا كېلىدۇ.
    - ئالىي مەكتەپ پۈتتۈرۈپ ئائىلە ئايالى بولسا نېمىدېگەن ئېچىنىشلىق، بۇنى ئۇلار راستتىنلا خالامدۇ؟
    - ئېچىنىشلىق؟... ئۆگەنگەنلىرىنى ئۆز بالىلىرىغا ئۆگىتىش. ئۆز ئائىلىسىگە سىڭدۈرۈشتىنمۇ بەختىيار، كۆڭۈللۈك ئىش بولامدۇ؟ يەنە كېلىپ بۇنى ئۇلار خالاپ قىلىدۇ. بۇنداقلار ھازىرمۇ كۆپ. ئەمما نۇرغۇن ئاياللار خىزمەت قىلمىسىمۇ، يەنىلا ئوقۇشنى قولدىن بەرمەيدۇ. ئەرلەر ئىشقا، بالىلار باغچىغا كەتكەن چاغلاردا داۋاملىق ئۆرلەپ ئوقۇيدۇ. تۈرلۈك كەسىپلەردە ئۇنۋان ئېلىپ ياكى ماگىستېرلىققا قەدەر تەربىيەلىنىدۇ. بالىلار ئۆز ھاجىتىدىن چىققۇدەك بولغاندا، ئۇلار يەنىلا ئالاھىدە نوپۇز بىلەن جەمئىيەتكە قايتا قاتنىشالايدۇ.
    يېڭى كەلگەن دەسلەپكى ئىككى ئايدا تېخى ئىش تېپىپ ئىشلىمىگەچكە، ۋاقتىممۇ ئازادە ئىدى. ھەر يەكشەنبە كۈنى ئۆيۈمنىڭ يېنىدىكى باغچىدا تىل مەشىقى قىلغاچ، سەيلە قىلىدىغان بولدۇم. ئۆي تىنجىق، باغچا ھەقسىز ھەم جانغا راھەت. چىرايلىق گۈل-گىياھلارنى، سۈپسۈزۈك كۆلدىكى بېلىقلارنى تاماشا قىلغاچ ياپونلۇقلار ھەم ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىنى يۈزە بولسىمۇ بىلەلەيدىكەنمەن.
    بۇ يەردە بايرام ۋە ھەپتىلىك ئارام كۈنلىرى مەكتەپ، دوختۇرخانا، بانكا، پوچتىخانىلاردىن تارتىپ ئايرىم سودا ئورۇنلىرىغىچە ئىش توختىتپ ئارام ئالىدىكەن. كىشىلەر ماشىنىلىرى بىلەن ئائىلە بويىچە ياكى دوستلار ئارا چەت ئەللەرگە، شەھەر ئەتراپىدىكى ساياھەت رايونلىرىغا، دېڭىز بويلىرى، ئىسسىق كۆل، باغچىلارغا ئوينىغىلى بارىدىكەن. باغچىلاردا، بالىلار ئويۇن سورۇنلىرىدىن باشقا چېنىقىش مەيدانى، سۇ ئۈزۈش كۆلى، ماگىزىن، رېستوران ھەم يەنە شۇ يەردىمۇ بالىلار كىتابخانىسى بار ئىكەن. ئاتا-ئانىلار كۆلدە ئۈزۈپ يۈرگەن بېلىقلارغا بولكا ئۇۋۇتۇپ بەرگەچ بالىلارغا بېلىقلارنىڭ ئىسىملىرى ( بۇ يەردە بېلىق تۈرىنىڭ كۆپلۈكىدىن نامىنى بىلىپ بولۇشمۇ بىر گەپ)، خۇسۇسىيەتلىرىنى تونۇشتۇرىدىكەن. كېمە، پاراخوتلاردا ئوينىتىپ، چىملىقتا بىللە غىزالىنىدىكەن. ئاندىن ئۆزىگە تەئەللۇق ئەخلەتلەرنى بىرمۇبىر خالتىغا يىغىپ، ئورنىغا يەتكۈزۈپ قايتىدىكەن. بىزدىكى باغچىلار ئېسىمگە كەلدى. ھەپتىدە ئەمەس، يىلدا بىر قېتىم زور غەيرەت بىلەن قاتار چاينى قۇربان قىلىپ، 1-ئىيۇن كۈنى بالىلار ئۈچۈن باغچىغا يىغىلغان، نەتىجىدە سورۇن تۈزۈپ ئىچىپ-لەيلەپ «بالىلار بايرىمى» نى تەبرىكلەۋاتقان ئاتا-ئانىلار، بوشىغان بوتۇلكىلارنى تېپىپ ئويناپ، بايرىمىنى قۇتلۇقلاۋاتقان گۆدەكلەر، كەچ كىرگەندە مەينەتچىلىكتىن ئەخلەت دۆۋىسىگىلا ئايلىنىپ قالىدىغان خارابە باغچىلار...
    كۆزۈم سەل نېرىدا ئۆزلىرىمۇ كىمونو (ياپونچە كىيىم) كىيىپ، ئەمدى ئايىغى چىققان ئىككى ياشلار چامىسىدىكى بالىسىغىمۇ كىمونو كىيگۈزۈپ، ئىككى تەرەپتىن يېتىلەپ كېتىۋاتقان بىر جۈپ ياش ئاتا-ئانىغا چۈشتى. بالىنىڭ تېخى تىلى چىقمىغان بولسىمۇ، بىراق ئۇ ئىككىسى بالىسىغا توختىماستىن سۆزلەيتى. چوڭ ئادەملەرگە سۆزلەۋاتقاندەك ئەڭ چىرايلىق ھۆرمەت شەكلىدىكى ئىبارىلەرنى ئىشلىتەتتى (ئۆزگىرىشچان ھەم خاسلىققا ئىگە ياپون تىلىدا ھۆرمەت تۈسى ۋە ئادەتتىكى تۈس دەپ ئاتىلىدىغان تامامەن ئىككى خىل ئىپادىلەش شەكلى بولىدۇ. ھۆرمەت شەكلى ئادەتتە چوڭلار، خېرىدارلار ۋە ناتونۇشلارغا ئىشلىتىلىدۇ. ياپونىيەدىكى ئاتا-ئانىلار بالىلىرىغا تىلى چىققاندىن باشلاپ ھۆرمەت شەكلىدە سۆزلەيدىكەن ھەم «ھۆرمەت»نى ئۆگىتىدىكەن). شۇنچىلىك سىلىق، شۇنچىلىك قائىدىلىك، ھەۋىسىم كەلدى. ياپونلارغا مۆھۈر بولۇپ بېسىلىدىغان مىللىي ئادەت ئەسلى مۇشۇنداق يېتىلىدىكەن-دە! ئارقىدىن يەنە شۇنداق كىيىنگەن، چاچلىرى ئۇچتەك ئاقىرىپ، يۈزلىرىنى يول-يول قورۇقلار باسقان 70-80 ياشلار چامىسىدىكى ئۈچ موماي قانداقتۇ قىزىق پاراڭلار بىلەن تېلىقىپ-تېلىقىپ كۈلۈشۈپ يېنىمدىن ئۆتتى. ئۇلار ياغاچ كەش سېپىۋالغىنى، ئۇزۇن كىمونو كىيىۋالغىنىغا قارىماي شۇنچە چاققان، يەڭگىل قەدەملەر بىلەن كېتىۋاتاتتى.
    ياپونىيىدە بايرام كۈنلىرى باغچىلار تېخىمۇ قاينام-تاشقىنلىققا چۆمىدىكەن. چوڭ-كىچىك، ئەر-ئايال، پۈتۈن ئادەم كىمونو كىيىپ، مىللىي ئۇسسۇلنى ئويناپ، بايرام تەنتەنىسى قىلىشىدىكەن. ئايرىم بايراملاردا بىزدەك ياۋروپاچە «مەدەنىي» كىيىملەر بىلەنمۇ ئۆتكۈزگىلى بولىۋېرەتتىغۇ؟ يەنە كېلىپ بۇ كىمونولارنى يېنىدا بىر ئادەم بولمىسا، يالغۇز قاملاشتۇرۇپ كىيمەكمۇ بىر گەپ. ھەرىكەتلىنىشكىمۇ بىئەپ، بىراق ئۇلارنىڭ قېرىلىرىدىن تارتىپ ياشلىرىغىچە چوڭ-كىچىك ئۇچرىشىش، قىز-يىگىتلەر تۇنجى ئۇچرىشىشىدا، توي مۇراسىمى، يېتىلگەنلىك مۇراسىمىدا (بالىلار 18 گە تولغاندا «يېتىلگەنلىك مۇراسىمى» ئۆتكۈزۈلىدۇ. بۇ مۇراسىمنىڭ بىردىنبىر بەلگىسى، كىمونو كىيگۈزۈش ئارقىلىق شۇ ئادەمنىڭ چوڭ بولۇپ يېتىلگەنلىكى، مۇھىمى ياپونلۇقسەن، ياپونلۇقنىڭ ئىز باسارىغا ئايلانغانلىقىدىن بېشارەت بېرىشلا، خالاس) كىمونو كىيىشىپ ئۆز ئەسلىنى نامايان قىلىشىدىكەن. قىزلارنى نازۇك، ئەرلەرنى قامەتلىك كۆرسىتىدىغان بۇ كىيىم، ئۇلارنىڭ كۈلكىسىگە غۇرۇر، تەنتەنىسىگە غالىبلىق تۈسى بېرىدىكەن. ياپونلار ياپوندىلا ئەمەس، ھەتتا چەت ئەللىك بىلەن تويلىشىپ، چەت ئەلدە توي مۇراسىمى ئۆتكۈزسىمۇ، مۇراسىمغا پۈتۈن ئائىلە بويىچە كىمونو كىيىپ قاتنىشىدىكەن. ھەيران قالدىم ھەم ياپونلۇقنى كۆكلەتكەن نەرسىنىڭ نېمىلىكىنى چۈشەنگەندەك بولدۇم. كىيىم ئۇ پەقەت ئەۋرەتنى ياپىدىغان لاتىلا ئەمەس، بەلكى مىللەتنىڭ روھى، بايرىقى ئىكەن. 2-دۇنيا ئۇرۇشىدىن ھازىرغىچە ياپونلۇقلار ئىسلاھات ئارقىلىق كۆپ تەرەپلىرىنى ئۆزگەرتكەن، يېڭىلىغان بولسىمۇ، ئەمما مىللەتنى زورايتقان مىللىي ئېڭى ۋە مىللىي بىرلىكىنى ئىزچىل ساقلاپ كەپتۇ. ياپونلۇقلار تىلغا ئېلىنىشى بىلەن تەڭ ھەممىنىڭ كۆز ئالدىغا، بېلىگە «تەڭى تېڭىپ» ئېگىلىپ تۇرغان نازۇك ئايال، تۆشى ئوچۇق، يوتىسى ساڭگىلاپ تۇرغان ئۇزۇن «يەكتەك»لىك، ھەيۋەت چىراي ئەركەك كېلىدۇ. مانا بۇ مىللىي خاسلىق، ياپونلۇقنىڭ ئۆلمەس ئوبرازى.
    ياپونىيىدە ئوتتۇرا مەكتەپتىن باشلاپلا مەخسۇس مىللىي كىيىم، مىللىي ئۇسسۇل، مىللىي ئۆرپ-ئادەت دەرسلىكلىرى ئۆتۈلىدىكەن. چەت ئەللىك ئوقۇغۇچىلارغىمۇ پائالىيەتلەردە شۇ كىيىملەرنى كىيىشنى تەشەببۇس قىلىدىكەن. مەنمۇ كىيدىم، ياپونچە ئۇسسۇللارنى ئوينىدىم، ئوخشاپمۇ كەتمەيتىم. ھەممىسى «ياپونلۇققا ئوخشىدىڭ» دېيىشتى. پەقەت ئاشۇ مىنۇتلاردىلا دوپپا كىيگەن، ئەتلەس كۆڭلەكلىك، ئۆرۈمى چاچ، ئوسما قويۇشىۋالغان قىزلارنى بۇ يەرگە كەلگەندىن بېرى تۇنجى قېتىم ئەسلىدىم. ئەپسۇس، بىزدە بۇنداق كۆرۈنۈشلەر بارغانچە قۇرۇپ ھېيت-ئايەملەردىمۇ ئەنئەنە، خاسلىقىمىز بارغانچە سۇسلاشماقتا. ئۆزۈمگە قايتتىم، ئۇزۇنراق چېچىممۇ يوق، كۆڭلۈمگە شۇنچە پۈككىنىمگە قارىماي دوپپىنىمۇ ئۇنتۇپ كەپتىمەن، ھەر ھالدا ئەتلەس كۆڭلىكىم بىلەن بولسىمۇ ئۇيغۇر ئۇسسۇلىنى كۆرسىتەلىدىم. ھەممىسى چۇرقىرىشىپ كەتتى. ئۆگەنگىسى كەلدى. كۆڭلىكىمگە قاراپ، «بۇ ئۆزبېكنىڭغۇ؟» دېيىشتى. «ئۆزبېكلا ئەمەس، ئۇيغۇرمۇ كىيىدۇ، توقۇيدۇ» دېدىم. بۇنىڭدىن ئارتۇقىنى ئۆزۈممۇ بىلمەيدىكەنمەن. «بەك چىرايلىق دوپپا كىيەتتۇق، ئالدىراشلىقتا ئۇنتۇپ كەپتىمەن، كېيىنكى قېتىم دوپپا كىيىپ ئويناپ بېرىمەن. دېگەننىمۇ تەكىتلەپ قويدۇم...»
    مىللىيچە ئادەتلەرنى ئۆگىتىش، بالىلار تەربىيەسىدىكى ئەڭ مۇھىم ئامىللارنىڭ بىرى ئىكەن. ئۇلار بالىلارنى بىللە ئېلىپ يۈرۈش ۋە كۆپ ۋاقىتنى ئۇلار بىلەن ئۆتكۈزۈشنى، ئاتا-ئانىلارنىڭ بۇرچى ۋە پەزىلىتى دەپ قارايدىكەن. ئۇلار بالىلارنى باغچا، كۇتۇپخانىلاردىن باشقا دېڭىز بويلىرى، سۇ ئۈزۈش كۆللىرىگە ئاپىرىش بىلەنمۇ تەربىيەلەيدىكەن. 2-3 ياش چاغلىرىدىن باشلاپلا سۇ ئۈزۈشكە يېتەكلەيدىكەن. باشلانغۇچتىن تارتىپلا مەخسۇس سۇ ئۈزۈش دەرسلىكلىرى ئۆتۈلگەچكە، بالىلار قالتىس سۇ ئۈزۈش ماھىرلىرى بولۇپ يېتىلىدىكەن.

    3. تاغدىن-باغدىن
    توكيوغا كېلىپ تۇنجى ھېس قىلغان «غەلىتىلىك» تار ھەم زىچ پايتەخت كوچىلىرى بولدى، شىن جيۇكۇ. گىنزا دېگەن ئەڭ ئاۋات رايونلىرىدىمۇ بىزدىكىدەك قوش ئۆتۈشمىلىك قاتناش يولى، ۋېلىسىپىت يولى، پىيادىلەر يوللىرىنى ئۇچرىتالمىدىم. تارغىنە قاتناش يولىنىڭ ئىككى قاسنىقى گۈللۈك، تۆمۈر توسۇق ياكى رەڭلىك سىزىقلار بىلەن چېگرالىنىپ، ئىككى ئادەممۇ ئازادە قاتارلىشىپ ماڭالمىغۇدەك ھالەتتە بولسىمۇ، ۋېلىسىپىت ھەم پىيادىلەر بىمالال ئۆتۈشۈپ تۇرىدىكەن. پىيادە ماڭغانلار ئۆزلۈكىدىن تام ياقىلاپ، كەينىدىن كېلىۋاتقان ۋېلىسىپىتلىكلەرگە يول بوشاتسا، ئۇلارمۇ بوشقىنا ئاۋازدا «كەچۈرۈڭ» دەپ سىگنال بەرگەنچە يانداپ ئۆتىدىكەن. ۋېلىسىپىت قوڭغۇرىقىنىڭ كۈچەپ ئۇرۇلغانلىقىنى بۇ يەردە بىرەر قېتىممۇ ئۇچرىتىپ باقمىدىم. 1964-يىلىدىكى «ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنى» مۇناسىۋىتى بىلەن رەتلىنىپ، كېڭەيتىلگەن توكيو كوچىلىرى ھازىرغا قەدەر بۇزۇپ چۇۋۇلماپتۇ. رېمونت قىلىش توغرا كەلگەندىمۇ، قىسقىغىنە بىرەر يۈز مېتىر دائىرە ئىچىدە، كېچىلىرى، ئەل ئايىغى بېسىققاندا ياسايدىكەن.
    ياپونغا كېلىپلا ئەتىسى مەكتەپ ئورۇنلاشتۇرغان سالامەتلىك تەكشۈرۈشكە باردۇق. دوختۇرخانىدىكى مۇھىتنىڭ كاتتىلىقىنى دېمەيلا قوياي، مۇئامىلىدىكى سىلىق-سىپايىلىك ۋە زىيادە ئىززەتتىن سۆيۈنگىنىمدىن كۈندە ئاغرىۋالغۇم كەلدى. تەكەللۇپ ئىبارىلەرنى كۆپ ئىشلەتكىنى ھەم تېخى ياپونچىنى تۈزۈك يامىدىيالمىغىنىم ئۈچۈن گەپلىرىنى پەقەتلا ئۇقالمىدىم. ئۇلارنىڭ مەقسىتىنى بىلمەيۋاتقىنىم ئېنىق تۇرسىمۇ، قايتا-قايتا ئېرىنمەي چۈشەندۈردى. كاشال بولۇۋاتقىنى مەن تۇرسام يەنە مەندىن كەچۈرۈم سوراپ، ئېگىلىپ تۇرۇپ رەھمەت ئېيتتى... بۇ ئەلگە چەت ئەللىك ئوقۇغۇچىمەن، شۇنىڭ ئۈچۈنلا پۈتۈن داۋالىنىش راسخوتىنىڭ پەقەت 2 پىرسەنتىنىلا مەن ئۈستۈمگە ئالىمەن. شۇنداقلا ماگىستېرلىق ئوقۇش پۇلىنىڭ كەچۈرۈمگە ئېرىشىۋاتىمەن ھەم شۇنىڭ ئۈچۈنلا مەكتەپنىڭ ئەڭ ياخشى، يۈرۈشلەشكەن ياتاقلىرىغا قىلغان ئىلتىماسىم تەستىقلاندى.
    2003 - يىلى 4 - ئايدا توكيودىكى «ئاسىيا-ئافرىقا تىل مەكتىپى» ياپون تىل كەسپىگە ئوقۇشقا كىردىم. 2004-يىلى 2-ئايدا ھۆكۈمەت ئىگىدارچىلىقىدىكى داڭلىق ئالىي مەكتەپ «ئوچىيانومىزى قىزلار ئۇنىۋېرسىتېتى» فىلولوگىيە ئىنستىتۇتى شەرق ئەدەبىياتى كەسپىنىڭ ماگىستېرلىقىغا ئىمتىھان بېرىپ، تىل مەكتىپىدىن ئوخشاش قارار ئوقۇش پۈتتۈرگەنلەر ئىچىدە ھۆكۈمەت ئىگىدارچىلىقىدىكى ئالىي مەكتەپكە ئۆتكەن بىردىنبىر ئوقۇغۇچى سۈپىتىدە، يۇقىرى نەتىجە بىلەن قوبۇل قىلىندىم. بىر يىلغىمۇ يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە ئۆزۈممۇ ئىشەنگۈسىز بۇ پەۋقۇلئاددە نەتىجىنى ئويلىغىنىمدا، ياپونلۇقلارغا، ياپون مائارىپىغا ئاپىرىن ئېيتماي تۇرالمايمەن.

مەنبە: تەڭرىتاغ ژۇرنىلىنىڭ 2004 - يىللىق 4 - سانىدىن ئېلىندى

3

تېما

2

دوست

4355

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   78.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  16309
يازما سانى: 524
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 11
تۆھپە : 1260
توردىكى ۋاقتى: 127
سائەت
ئاخىرقى: 2013-9-12
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-15 14:41:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماقالىنىڭ بىر يىرىدە چاۋشىيەن ئۇرۇشى مەزگىلىدە ئامىركىغا چىقارغان زۆر كۆلەمدىكى يادرو قوراللىرى دەپ يىزىلىپتۇ. بۇ بەكلە خاتا، كۈلكىلىك گەپ. ئەينى ۋاقىتتا ياپۇنىيە ئۇرۇشقا كېرەكلىك ماددىي-ئەشيا تەمىنلىگەن، ۋېيتنام ئۇرۇشى مەزگىلىدىمۇ شۇنداق. بۇ ئارقىلىق ئىقتىساد ئەسلىگە كەلگەن. لىكىن ياپۇن ئامىركىغا يادرو قورالى تەمىنلىگەن دىيىش ئەمەليەتكە ئۇيغۇن ئەمەس.

ئەگەر تاڭرىتاغ ژۇرنىلىنىڭ مۇھەررىرى ياكى ئاپتۇر ئۆزى مۇشۇ خاتالىققا يول قويغان بولسا بەكمۇ ئەپسۇس.
قۇتلان تېلفۇنلىرى

0

تېما

0

دوست

1831

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   83.1%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8970
يازما سانى: 92
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 321
تۆھپە : 355
توردىكى ۋاقتى: 449
سائەت
ئاخىرقى: 2013-6-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-15 21:38:44 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن بىلىدىغان ئارتۇقچۇلىقى .
  باشقا تائىپىلەرگە ئوخشاش نومۇسسىز ئەمەس .
باشقا تائىپىلەرگە ئوخشاش ۋىجدانسىز  ئەمەس .
باشقا تائىپىلەرگە ئوخشاش  .....................................................................................
................................................................................................................ ئەمەس .

0

تېما

0

دوست

142

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   47.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  15714
يازما سانى: 15
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 15
تۆھپە : 38
توردىكى ۋاقتى: 8
سائەت
ئاخىرقى: 2013-4-19
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-15 22:11:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئامېرېكا قاراپ تۇرۇپ ھېلېقې بومبېسېنې تاشلېۋەتتې...ھە.بولمېسا خېلې بېر يەرگە ئاپارغان كوپ نوپۇسنې.........،يەنە بېر ئاز ۋاقېت سەۋرې قېلسا ئاجايېپ بېزنېڭمۇ تەقدېرېمېز باشقېچە بوللاتتې . ھېلېمۇ بوش كەلمەيۋاتېدۇ ،ئوماق پاكارلار.كاللېسې بەك ئوتكۇر ئېكەن بۇلارنېڭ.

تۈمەن ئۆركىشى

15

تېما

18

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   3.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4025
يازما سانى: 989
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 1638
تۆھپە : 2290
توردىكى ۋاقتى: 438
سائەت
ئاخىرقى: 2013-9-12
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-15 22:32:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   orkex تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-3-15 23:05  

       بىر ماتېريالدا دىيىلىشچە : ‹‹ كەلگۈسى 50-60  يىلدا ياپونىيە ئامېركىنىڭ ئورنىنى ئېلىپ  دۇنياغا خوجا بولىدىكەن .››  .يامان پاكارلار بۇ .
       شۇڭا ھازىردىن باشلاپ ،يادرو قۇرالىغا ، يەنە باشقا دۆلەتلەرنىڭكىدەك مۇنتىزىم ئارمىيگە ئېرىشىش ئۈچۈن تىرىشىۋاتىدۇ .ھازىردىن باشلاپ رىقابەتچىسىنى ئۇجۇقتۇرۇشنىڭ كويىغا كىردى .ماجرالارنى ئويلاڭلا . بۇ ماجرالار بىكاردىن -بىكار پەيدا بولمىدى ، بۇلارنى ئامېركا -ياپون _كورىيە  ئىتتىپاقى ئىنچىكە پىلانلاپ ،ئۇزۇن پۇرسەت كۈتۈپ پەيدا قىلغان . ..ھايات بولساق نەتىجىسىنى كۆرىمىز تېخى .......

1

تېما

0

دوست

189

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   63%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  16342
يازما سانى: 9
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 8
تۆھپە : 44
توردىكى ۋاقتى: 5
سائەت
ئاخىرقى: 2013-5-15
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-15 23:42:15 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماقالىدە ھەقىقەتەن خاتالىق كۆرۈلگەن ئوخشايدۇ. چاۋشيەن ئۇرۇشىدا يادرو قۇرال ئىشلىتىلمىگەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ چاغدا ياپونىيەنىڭ يادرو قۇرالىمۇ يوق ئىدى. بەلكىم قورال ياراق بىلەن تەمىنلىدى دېمەكچى بولغىيدى ھەقاچان.
چاۋشيەن ئۇرۇشى ھەقىقەتەن ياپونىيەنىڭ گۈللىنىشىدىكى مۇھىم سەۋەبلەرنىڭ بىرى، چۈنكى ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن ياپونىيە ئېغىر زەربە يىگەن، سانائەتلىرى نۇرغۇن بۇزغۇنچىلىققا ئۇچىرىغان. بىراق ياپونىينىڭ ئىلغار تېخنىكىسى ۋە ئىلغار بولغان باشقۇرۇش ئۇقۇمى بولغاچقا چاۋشيەن ئۇرۇشى مەزگىلىدە ئامرىكىغا ئوق دورا ۋە ماددىي ئەشيا بىلەن تەمىنلىگەن. شۇ سەۋەبلىك ئۇرۇشتىن كېيىنكى ئىقتىساددا بەك تېز گۈللىنىش كېلىپ چىققان.

0

تېما

1

دوست

1159

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   15.9%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  14200
يازما سانى: 129
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 136
تۆھپە : 274
توردىكى ۋاقتى: 156
سائەت
ئاخىرقى: 2013-6-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-16 00:07:01 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى ماقالە،يوللۇغىچىغا رەھمەت

1

تېما

1

دوست

2938

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   31.27%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9619
يازما سانى: 204
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 437
تۆھپە : 607
توردىكى ۋاقتى: 298
سائەت
ئاخىرقى: 2013-9-7
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-16 00:12:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياپۇنلۇقلاردا ھەقىقەتەن ۋىجدان ، غورۇر بار. ياپۇنلۇقلارنى كىچىك ۋاقتىمدا ‹ باشقىلار ›باسقۇنچى دەيتتى .لېكىن چوڭ بولغاندىن كېيىن بۇلارنىڭ كۆڭلۈمدىكى ئوبرازى ئۆزگەرگەن ئىدى .

4

تېما

0

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   2.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8985
يازما سانى: 612
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2293
تۆھپە : 1761
توردىكى ۋاقتى: 342
سائەت
ئاخىرقى: 2013-9-9
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-16 02:43:54 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نىمىشقىكىن جۇڭگۇدا ئىشلەنگەن ياپۇنلۇقلارغا مۇناسىۋەتلىك فىلىملەرنى كۆرسەملا كۈلگۈم كېلىدۇ... مانا قاراڭلار، كىچىككىنە جاڭگا نۇرغۇن ياپۇنلۇقلارنى قىرىپ تۈگەتتى.... قايسىدۇر بىر قېرى بوۋاي ياپۇنلۇقلارنى بولىشىغە ئەخمەق قىلىپ، مەھەللىسدىكلەر بىلەن بىرلىشىپ ئۆلتۈرۈپ تۈگەتتى.... ئاجايىپ كۈلكىلىك بىلىنىدۇ مۇشۇنداق تەسۋىرلەر....مۇشۇنداق فىلىملار... ئەمەلىيەت راسلا شۇنداقمىدۇ؟

1

تېما

1

دوست

2938

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   31.27%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9619
يازما سانى: 204
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 437
تۆھپە : 607
توردىكى ۋاقتى: 298
سائەت
ئاخىرقى: 2013-9-7
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-16 02:56:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
umidyar يوللىغان ۋاقتى  2013-3-16 02:43
نىمىشقىكىن جۇڭگۇدا ئىشلەنگەن ياپۇنلۇقلارغا مۇناسىۋەت ...

جۇڭگولۇق رېجىسسورلار ئەمەلىيەتكە ئىشەنمەي ، ئېھتىماللىققا بەكمۇ ئىشىنىدۇ . باشقىلارنىڭ كەمسىتىلىشىنى بەكمۇ ياقتۇرىدۇ .
ئەينى چاغدا جۇڭگو نوپۇسىمۇ خېلى بار ئىدى ، ئەجىبا ئاشۇ ئىككى ئۈچ شەخىس ياپۇنلۇقلارنى شۇنچىلىك كۆپ يوقاتقان بولسا ، ئۇلار ئاللىبۇرۇنلا تۈگىسە بولمامتى .
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )