قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 3733|ئىنكاس: 4

قەدىردان ئۇستاز پىشقەدەم پىداگوگ ئابدۇرېھىم ئەيسانى ئەسلەيمىز

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

18

تېما

6

دوست

1115

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   11.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  15433
يازما سانى: 82
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 91
تۆھپە : 314
توردىكى ۋاقتى: 116
سائەت
ئاخىرقى: 2014-4-14
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-16 00:56:06 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
                  قەدىردان ئۇستاز پىشقەدەم پىداگوگ ئابدۇرېھىم
                                    ئەيسانى ئەسلەيمىز
                                                                          قاھارقادىر ،پەرھات ئابدۇرېھىم   
                                                                                          
ئۆمۈرنىڭ سەپىرىدە ھامان بىر ئۆلەر ئىنسان،                                                                                                                                  مەگەر ۋىجدان بىلەن ئۆلسە،قالار نامى بۇلۇپ داستان.*

                                                                           未命名.jpg

      سەبىي قەلبىمگە تۇنجى رەت مەرىپەت ئوتىنى ياققان مەرھۇم ئۇستازىم ئابدۇرېھىم ئەيسا ھەققىدە يېزىلغان بىئوگىرافىك تارىخى رومان «ئەنسىز كېچىلەر»نىڭ ئاخىرقى بەتلىرىنى ئوقۇپ تۈگەتكىنىمدە،يۈرەك باغرىمنى تىلغاپ ئۆتكەن ئاچچىق ھەسرەتتىن پۈتۈن ۋۇجۇدۇم لەرزىگە كەلدى.كۆز ياشلىرىم ئىختىيارسىز كىتاب بەتلىرىگە تاراملاپ تۆكۈلدى.كاللامدا پەقەت بىرلا سادا ئەسەبىيلەرچە نەرە تارتىپ ئاسمان زىمىنغا سىڭىپ كەتتى.«ئېھ بىۋاپا دۇنيا!»
    مەرھۇم ئۇستازنىڭ ھايات شامى 1971-يىلى 8-ئاينىڭ 28-كۈنى چىدىغۇسىز جىسمانىي ۋە روھى ئازاپ ،تەسۋىرلىگۈسىز روھى غۇربەتچىلىك،يوقسىزلىق ئىچىدە خېجىڭ ناھىيەسىنىڭ نەمۇدۇن يېزىسىدا ۋاقىتسىز ئۆچكەنلىكىنى بىلگىنىمدە،ئۆزۈمنى ئۇستازغا بىر ئۆمۈر قەرىزدار گۇناھكاردەك ھېس قىلىپ  قولۇمغا قەلەم ئالدىم .بىراق بىر ئۆمۈر سان-سىفىر، فورمۇلا بىلەن ھەپىلىشىپ چارچىغان نېرۋىلىرىمغا تايىنىپ بىر ئەسلىمە يېزىپ چىقىشقا كۆزۈم يەتمەي مەرھۇم ئۇستازىمنىڭ ئىككىنچى ئوغلى ،بايىنغولىن سەنئەت ئۆمەكنىڭ سابىق مۇئاۋىن باشلىغى پەرھات ئابدۇرېھىمنى ياردەملىشىشكە چاقىردىم.
     مەن 50-يىللاردا ئۇستازىمنىڭ جاپالىق ئەجرى ۋە تەشكىللىشى  بىلەن باش ئەگىم تاغلىرىدىن ئۆتۆپ قاراشەھەر دارىلمۇئەللىمىنگە ئوقۇشقا كەلگەن ئىدىم.شۇ كۈندىن باشلاپ قەدىردان ئۇستازىمىزنىڭ يارقىن سىماسى،ھەر جۈملە سۆزى،ھەربىر ھەركىتى دىن تارتىپ ۋۇجۇدىمىزغا سىڭىپ كىرىپ بىزنى باشقىچە بىر دۇنياغا يىتەكلەپ ماڭغاندەك تۇيغۇغا كەلگەن ئىدۇق.بىز ئۈچۇن ئۇستاز بىلەن ئۆتكەن ھەر بىر كۈن ،ھەر بىر سائەت تالاي يېڭىلىقلاردىن ،تالاي سېھرى ھېكمەتلەرنىڭ يىشىلىشىدىن دېرەك بېرەتتى.خۇددى بىز ئۇستازنى كۆرۈش ئۈچۈن تاڭنىڭ ئېتىشىنى زارىقىپ كۈتكەندەك ،مەرھۇم ئۇستازىمىزمۇ ھەر تاڭدا باشقىچە روھ ،يېڭىچە بىر خىل سالاپەت ۋە كامالەتكە تولغان ھالدا خۇشخۇي كۈلۈمسىرەپ ئالدىمىزدا پەيدا بولاتتى.بىز ئۇستازىمىزنىڭ كېچە-كېچىلەپ ئارام ئالماي قىزىرىپ كەتكەن كۆزلىرىگە قاراپ«بۇ ئادەمگە ھاردۇق يەتمەمدىغاندۇ؟قاچان تاماق يەپ قاچان ئۇخلايدىغاندۇ؟»-دىيىشەتتۇق.ئەمدى بىلسەك ئۇستازدىكى پولاتتەك ئىرادە ۋە پەزىلەت ئەسلى مىللەتنى جاھالەت ۋە نادانلىقتىن  قۇتۇلدۇرۇش، خەلق قەلبىگە مەرىپەت ئۇرۇقىنى چېچىپ،پارلاق كەلگۈسى ئۈچۈن مۇستەھكەم ھۇل سېلىشتەك مىللەتپەرۋەرلىك روھىدىن كەلگەن ئىكەن.
    ئۇستاز مىنى قاراشەھەر دارىلمۇئەللىمىندىن  ئۆز قولى بىلەن ئۆلكىلىك دارىلمۇئەللىمىنگە يولغا سالغان ئىدى .بىر يىلدىن كېيىن ئۇ خۇددى تەقدىر مىنىڭ ۋە ساۋاغداشلىرىمنىڭ بۈگۈنى،ئەتىسى ۋە كەلگۈسىنى يورۇتۇش ئۈچۈن بەخىىش ئەتكەن ئۆچمەس مەشئەلدەك مەكتەپتە قايتا پەيدا بولغاندا ھاياجاندىن ئۇستازنىڭ ئىللىق باغرىغا ئۆزۈمنى ئاتقانلىقىم ھېلىھەم ئىسىمدە .دېمەك،ئۇستازنىڭ ئۈن- تىنسىز ئۆزىنى بېغىشلاش روھى بولمىغان بولسا ماتىماتىكا پىروفېسسورى دىگەن پەخىرلىك نامنى ئالغان مىنىڭ ،ھەر ساھەلەردە ئىشلەپ شان-شەرەپ ،ئەمەل مەنسەپلەرگە ئېرىشكەن ساۋاغداشلىرىمنىڭ بۈگۈنى بولمىغان بولاتتى.شۇڭا كىسىپ ئېيتالايمەنكى مەيلى ئۈرۈمچى 2-دارلمۇئەللىمىندە،مەيلى سابىق سوۋىت ئىتىپاقى تاشكەنىت ئوتتۇر ئاسىيائۈنۋېرسىتېتىدا ئوقۇغان يىللىرىمدا ،كېيىنكى شىنجاڭ ئۈنۋېرسىتېتىدائوقۇتقۇچىلىق بىلەن ئۆتكەن 40نەچچە يىللىق ھاياتىمدا ئۇستاز ئابدۇرېھىم ئەيسانىڭ سىماسى كۆز ئالدىمدىن كەتمەي ،ئۇنىڭ روھى مىنى داۋاملىق ئالغا ئۈندەپ كەلدى.
         ئابدۇرېھىم ئەيسا 1921-يىلى ئاتۇش شەھىرىنىڭ سۇنتاغ يېزا مەشھەد كەنتىدە تىجارەتچى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن.دەسلەپ دىنى مەكتەپتە ساۋادىنى چىقىرىپ ،كىيىنچە ئۇيغۇر مائارىپىنىڭ پىشۋاسى مەمتېلى ئەپەندى ئاچقان يېڭى پەننى مەكتەپنىڭ تۇنجى قارارىدا ئەلا ئوقۇغان.ئۇ ئاشۇ مەكتەپتىكى 100نەچچە ئوقۇغۇچىدىن تەركىپ تاپقان «ئىزچىلار»ئەترىتىگە قوشۇلۇپ،يېڭى پەن-مەدىنىيەتنى تەشۋىق قىلىپ ،نادانلىق،خۇراپاتلىق جاھالەت كۈچلىرىگە قارشى كەسكىن كۆرەشنىڭ باشلامچىلىرىدىن بىرى بۇلۇپ قالغان .ئۇلار ياڭراتقان «ئىزچىلار» مارشى پۈتۈن ئاتۇش ،قەشقەر ئاسمىنىدا كۈچلۈك سادا ياڭرىتىپ ،خەلىق قەلبىنى زىلزىلىگە سالغان.

                                                                      بىز ئىزچىلارمىز،پۇت-قوللىرىمىز ،
                                                                      كۆزلىرىمىز ھەممىسى ساغلام.
                                                                      خەلق يولىدا كۆرەش قىلىمىز،
                                                                      دۈشمەنگە ساقلاپ دىلدا ئىنتىقام.
                                                                      ئۆمرىمىز ئۆتتى زالىم قولىدا،
                                                                      ئىشلىيەلمىدۇق خەلق يولىدا.
                                                                      قۇللۇق ئورنىدىن دەس تۇرۇپ ئەمدى،
                                                                      ئۆرلەيمىز ئىلىم ئىرپان يولىدا.
       مانامۇشۇنداق ئۇلۇغۋار ئىستەكلەرنىڭ تۈرۈتكىسىدە پەيدا بولغان يېڭىلىققا ئىنتىلىش ۋە ئىزدىنىش روھى ئۇنى كىندىك قېنى تۆكۈلگەن ئانا يۇرتىدىن ئايرىلىپ ،بىلىم ئېلىش يولىدا جاپالىق كۆرەش قوينىغا باشلاپ كىردى.ئۇ 30-يىللارنىڭ ئاخىرى ئۇچتۇرپاندا ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇپ 40-يىللارنىڭ باشلىرىدا ئۈرۈمچىگە كېلىپ ئۆلكىلىك دارىلمۇئەللىمىندە ئوقۇدى.1944-يىلى دارىلمۇئەللىمىننى پۈتتۈرۈپ كورلىغا كىلىپ ئۇيغۇر ئۇيۇشمىسىدا ئىشلىدى.بۇجەرياندا ئۇ ئۆزى يازغان «قىزىل چاچلىق ياۋايى ئادەم» دراممىسىنى سەھنىلەشتۈرۈپ ،بىۋاستە ئۆزى رول ئېلىپ ئويۇن قويۇپ كەڭ خەلىق ئاممىسىنىڭ زۇلمەتلىك جەمىيەتكە ،نادانلىق خۇراپاتلىققا قارشى روھىنى ئۇرغۇتۇپ كىشىلەر قەلبىنى ھاياجانغا سالدى.ئۇ يەنە بىر قىسىم ئىلغار پىكىرلىك زىيالىلار بىلەن گومىنداڭ ئەكسىيەتچىل ھۆكۈمىتىگە قارشى بىرقاتار سىياسى پائالىيەتلەرنى ئېلىپ باردى،بۇ پائالىيەتلەر ئەكسىيەتچى ھۆكۈمەتنىڭ دىققەت ئېتىبارىنى قوزغاپ ،گومىنداڭ ساقچى دائىرلىرى تۇتۇش بۇيرۇقى چىقارغاچقا كورلىدىن ئايرىلىپ ئۇچتۇرپانغا بېرىپ پاناھلىنىشقا مەجبۇر بولدى.ئۇ 1947-يىلى يازدا ئۇچتۇرپاندا قولغا ئېلىنىپ تۈرمىگە تاشلاندى.
     ئۇ تۈرمىدە ئېغىر قىيىن-قىستاقلارغا بەرداشلىق بىرىپ ،تېخىمۇ مۇستەھكەم ئىرادە ۋە ئۇلۇغۋار غايە تىكلىدى. زۇلمەتلىك كونا دۇنيانى ئۆزگەرتىش خەلىقنىڭ ئەركىنلىگىنى ،ھوقوقىنى قولغا ئېلىش ئۈچۈن يالغۇز ئەدىبىيات-سەنئەت تەشۋىقاتلا بولسا كۇپايە قىلمايدىغانلىقىنى،تېخىمۇ مۇھىمى مىللەتنىڭ مائارىپ ،ئوقۇ-ئوقۇتۇش ئىشلىرىنى راۋاجلاندۇرۇپ كەڭ خەلىق ئاممىسىنى ئويغىتىشنىڭ مۇھىملىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلىپ ئوقۇتقۇچى بۇلۇشتەك ئۇلۇغۋار غايىنى كۆڭلىگە پۈكتى.شۇ يىلى ئۆلكىلىك«11بېتىم»نىڭ ئىجراسىنى تەكشۈرۈش ئۆمىكىنىڭ ئارلىشىشى بىلەن تۈرمىدىن قويۇپ بېرىلدى.
       1948-يىلى ئۈرۈمچىگە كىلىپ ئابدۇرېھىم ئەپەندىنىڭ تونۇشتۇرشى بىلەن ئۆلكىلىك دارىلمۇئەللىمىندە ئوقۇتقۇچى بولدى ،ئۇ ئوقۇتقۇچىلىقنى جېنىدىن ئەزىز بىلەتتى.ئۆزىگە ئۈمىد بىلەن تىكىلگەن سەبىيلەردىن پەخىرلىنەتتى.ئۇلارنىڭ كەلگۈسىنىڭ خوجايىنلىرى بۇلۇپ قالىدىغانلىقىغا شۈبھىسىز ئىشىنەتتى .شۇڭا ئۇلار بىلەن مەيلى سىنىپتا ،مەيلى مەيداندا قەلىبداش ئىدى .دەرىسنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئۆتەتتى . دەرىستىن سىرىتقى تەنتەربىيە تۈرلىرىدىمۇ ئۆزىنىڭ ئاجايىپ تالانتىنى نامايەن قىلاتتى.خەتلىرىنىڭ چىرايلىق ۋە توغرىلىقى، سۆزلىرىنىڭ جاراڭلىق ۋە ئېنىقلىقى بىلەن ئوقۇغۇچىلارنى جەلىپ قىلاتتى .دۇتتارنى ئاجايىپ مۇڭلۇق،ھېسياتلىق چېلىپ ئادەمنىڭ يۈرەك تارىلىرىنى تىترىتەتتى.ئىلھامى كەلگەندە چوڭقۇر پىكىرلىك شېئىرلارنى يازاتتى.1949-يىلى مەرھۇمنىڭ «ھەقتىن بىر خىتاب»ناملىق شېئىرى شىنجاڭ گېزىتىدە «ئۇرخۇن»تەخەللۇسى بىلەن ئېلان قىلىنغان ئىدى.

                                                            بۈيۈك كۆرسەم چىناردۇر شاھانە سۈرۈڭ،
                                                            قېلىپسەن چۆل باياۋاندا ياڭرىماس ئۈنۈڭ.
                                                            شۇ تۇرمۇش بىرلە شاد ئۆتەرمۇ كۈنۈڭ،
                                                            تاڭ ئاتماسمۇ ئېلىڭدە يورۇماسمۇ تۈنۈڭ.

دەپ يېزىپ، ئۆزىنىڭ مۇرەككەپ،زىددىيەتلىك روھى دۇنياسىنى،نىجاتلىق ئىزدەش ۋە يورۇقلۇققا،ھۆرلۈككە بولغان ئىنتىزارلىقىنى،جاھالەتلىك ئىجتىمائىي رېئاللىققا بولغان كۈچلۈك غەزەپ نەپرىتىنى سىموۋوللوق ۋاستىلەر ئارقىلىق ئىنتايىن تەسىرلىك ۋە روشەن ئىپادىلەپ بەرگەن.شېئىر يېزىلغان ئىجتىمائىي ۋە سىياسىي مۇھىتنى دەۋىر ئارقا كۆرۈنىشى قىلىپ تېخىمۇ چوڭقۇر تەھلىل يۈرگۈزسەك ئۇنىڭدىن تېخىمۇ كۆپ تارىخى ئىزلارنى ،ئەينى دەۋىردىكى زىيالىلارنىڭ تېڭىرقاش ۋە زىدىيەت بىلەن تولغان قەلىب ساداسىنى تېخىمۇ چوڭقۇر ھېس قىلالايمىز.
    شىنجاڭ تىنىچلىق بىلەن ئازات بولغاندىن كېيىن،ئابدۇرېھىم ئەيسا تېخىمۇ تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق بىلەن مائارىپ ئىشلىرىغا بېرىلىپ كەتتى .1950-يىلى 2-ئايدا ئۇ،خەلىق ئازاتلىق ئارمىيەسى 6-دېۋىزىيەنىڭ سىياسى كومىسسارى،قاراشەھار ۋىلايىتىنىڭ تۇنجى ۋالىيسى گاۋشىروڭنىڭ ھاۋالاسى بىلەن قاراشەھەر ۋىلايەتلىك دارىلمۇئەللىمىنگە يۆتكىلىپ كەلدى .ئۇ 1950-يىلى 2-ئايدىن 1953-يىلى 7-ئايغىچە بۇ مەكتەپتە ئوقۇتقۇچى،ئىلمىي مۇدىر ،مەكتەپ مۇدىرى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىدى.بۇجەرياندا ئۇ مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشلىرىغا يۈرەك قېنىنى سەرىپ قىلىپ،ئوقۇتۇش شارائىتىنى ياخشىلاپ،بىلىملىك يېڭى بىر ئەۋلات ئىز-باسارلارنى تەربىيلەپ ھەرقايسى ساھەلەرگە ئېھتىياجلىق بولغان ئوقۇتقۇچى ۋە كادىرلار قوشۇنىغا ئاساس سالدى .
1953-يىلى يۇقۇرنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن كورلىغا يۆتكىلىپ كىلىپ ۋىلايەتلىك دارىلمۇئەللىمىن(ھازىرقى بايىنغولىن ئوبلاستلىق 1-ئوتتۇرا مەكتەپ)نى قۇرۇش ئىشلىرىغا كىرىشتى كەتتى.بۇ چاغدا مەكتەپ ئورنى نەدە؟،ئوقۇتقۇچى نەدە؟،قۇرلۇشقا كىتىدىغان مەبلەغ نەدە؟،ھىچكىم بىلمەيتتى.ئەمما ئۇ يېڭى جوڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىنكى خەلىق ئاممىسىنىڭ تولۇپ تاشقان قىزغىنلىقىغا ئىشىنەتتى .ئۇنىڭ ئىزدىنىشلىرى بىكارغا كەتمىدى،يول مېڭىپ مەبلەغ ھەل قىلدى ،ئازاتلىق ئارمىينىڭ 18-پولكى (ھازىرقى يېزا ئىگىلىك 2-دېۋىزىيە 29-پولك)ئادەم كۈچى ئاجرىتىپ قۇرلۇشنى باشلىدى ،كورلا ناھىيەلىك خەلىق ھۆكۈمىتىنىڭ قوللىشى ۋە مەكتەپتىكى باھارلىق ئىشچى خىزمەتچى ،ئوقۇغۇچىلارنىڭ تىرىشچانلىقى ئارقىسىدا بۇ قۇرلۇش 1954-يىلى 8-ئايدا تاماملىنىپ ،كورلا ۋىلايەتلىك(بۇ چاغدا كورلا ۋىلايەت بۇلۇپ قۇرۇلغان) دارىلمۇئەللىمىنىڭ يېڭى ئوقۇتۇش بىناسى قەد كۆتۈردى.بورا كەپىلىك سىنىپلاردا خىش كېسەكلەرنى ئۈستەل،ئورۇندۇق قىلىپ ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنى ئازادە يورۇق سىنىپلارغا كۆچۈرۈپ كىردى ھەمدە بۇ مەكتەپنىڭ تۇنجى مۇدىرلىقىنى ئۈستىگە ئالدى.
    خۇددى مەرھۇمنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى ئېيىتقاندەك،ئۇستازنىڭ مىللەتنى مائارىپ ئىشلىرىغا بولغان ئوتلۇق مۇھەببىتى،قان-تەر،ئەجىر مېھنىتى سانسىزلىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ قەلبىدە ئوتقاشتەك چاقناپ تۇرىدۇ،مەرھۇم ئۇستازنىڭ ئالدىن كۆرەرلىگى  بولمىسا مەكتەپ بۈگۈنكىدەك مۇھىتى گۈزەل،تىنىچ ۋە كۆلىمى كەڭرى زامانىۋى ئوقۇتۇش بىناسى،ياتاق بىناسى،ئىشخانا، تەجىربىخانا ۋە تەنتەربىيە مەيدانىغا ئىگە نۇقتىلىق ئوتتۇرا مەكتەپ بولمىغان بولاتتى.
   ئابدۇرېھىم ئەيسا 1957-يىلى مەركىزى پارتىيە مەكتەپكە ئوقۇشقا بېرىپ قايتىپ كىلىپ،تەشكىلنىڭ ئورۇنلاشتۇرشى بىلەن ئۆلكىلىك دارىلمۇئەللىمىننىڭ مۇئاۋىن مۇدىرلىقىغا تەيىنلەندى.ئۇ ئۆزىنىڭ ئانا مەكتىپىگە 3-قېتىم قايتىپ كىلىپ زىممىسىگە چۈشكەن خىزمەتنىڭ تېخىمۇ ئېغىرلىقىنى ھېس قىلىپ،پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن بېرىلىپ ئىشلىدى «شىنجاڭ مائارىپى»قاتارلىق ھەرخىل گېزىت ژورناللاردا ئوقۇتۇش تەتقىقاتىغا ئائىت بىر قاتارئىلمىي ماقالىلەرنى ئېلان قىلدى.
   1958-يىلى پۈتۈن مەملىكەت مىقياسىدا ئومۇمى خەلىق پولات تاۋلاش دولقۇنى كۆتۈرۈلدى.قەھرىتان سوغوقتا ئۈرۈمچى 2-دارىلمۇئەللىمىندىكى مىڭدىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى-ئوقۇتقۇچى نەنسەن پولات تاۋلاش مەيدانىغا ئاتلاندى،شۇ قېتىم پولات تاۋلاش ھەركىتى ئابدۇرېھىم ئەيسانىڭ تەقدىرىنى پۈتۈنلەي ئۆزگەرتىۋەتتى.ئۇنىڭغا مۇنداق ئۈچ تۈرلۈك «گۇناھ» ئارتىلدى.بىرىنچىسى،300دىن ئارتۇق ئوقۇغۇچىنى مەكتەپتە قالدۇرۇپ،مەركەزنىڭ«ئومۇمى خەلق پولات تاۋلاشقا قاتنىشىش»چاقىرقىغا توسقۇنلۇق قىلدى.ئىككىنچىسى،مەركەزنىڭ پولات تاۋلاشتا«سۈنئىي ھەمراھ قويۇۋېتىش» تىن ئىبارەت ئىستىراتىگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرشىغا قارشى چىقتى.ئۈچىنچىسى،ئۈرۈمچى ئىككىنچى دارىلمۇئەللىمىن زورمىقتاردا سۈپەتسىز تاش قېزىپ پولات تاۋلاش ۋەزىپىسىنىڭ ئورۇنلىنىشىغا ئېغىر تەسىر يەتكۈزدى...
    شۇنىڭ بىلەن ئۇ خاتا لۇشىيەننىڭ زەربىسىگە ئۇچراپ مەكتەپتىكى باھارلىق ۋەزىپىسىدىن قالدۇرلۇپ ئاپتۇنۇم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىنىڭ قوشۇمچە كەسىپ ئىشخانىسىغا مۇئاۋىن مۇدىر قىلىپ يۆتكىۋىتىلدى.1960-يىلۇ 3-ئايدا قاراشەھەر 3-ئوتتۇرا مەكتەپكە ئادەتتىكى خىزمەتچى قىلىپ چۈشۈرۋىتىلدى.1966-يىلى يەنە چارە كۆرۈلۈپ يېزىغا چۈشۈرۈلدى.ئابدۇرېھىم ئەيسا يېزىدا يەر تېرىش، خامان تېپش، زەيلىك چېپىش، ئېغىل- قوتان قۇرۇغداش، دىگەندەك ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى قىلدى.ھەتتا قەھرىتان سوغوقتا باغراش كۆلىگە بېرىپ قومۇش ئوردى.ئىشتىن بىكار بولسىلا كۆرەش قىلىندى.كېچىسى خامان باقتى.ئۇنىڭ بېشىغا كەلگەن دەرت ئەلەم،ئېغىر ئەمگەك جىسمانىي ۋە ئەقلىي قۇۋۋىتىنى خورىتىپ ئېغىر ئازاپ ئوقۇبەتلەرنى باشتىن كەچۈردى .ئەمگەك يېشىغا توشمىغان پەرزەنىتلىرىنىڭ غەم قايغۇسى،ئۈزۈلدۈرمەي ئېلىپ بېرىلىۋاتقان سىياسى كۆرەشلەر،ھەددى-ھېسابسىز جىسمانىي ۋە روھى زەربە بۇ پىشقەدەم ئۇستازنى ھالسىراتتى.پۈتۈن ھاياتى ۋە يۈرەك قېنىنى مىللەتنىڭ ئىشلىرىغا بېغىشلىغان بۇ پىشقەدەم پىداگوگنىڭ يالقۇنلۇق يۈرىكى 1971-يىلى 8-ئاينىڭ 28-كۈنى 51 يېشىدا  ۋاقىتسىز سوقۇشتىن توختىدى.
      1978-يىلى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى 11-قۇرۇلتاي 3-ئومۇمىي يىغىندىن كېيىن ج ك پ قاراشەھەر خۈيزۇ ئاپتۇنۇم ناھىيەلىك كومىتېتى مەرھۇمنىڭ نامىنى تەل-تۆكۈس ئەسلىگە كەلتۈردى.
     مەرىپەت جاھالەتنىڭ گۆركارى.بىر مىللەتنىڭ تارىخى مەۋجۇتلىقى شۇ مىللەتنىڭ جۇلالانغان مەرىپەت شولىسىدا ئۆز ئەكسىنى تاپىدۇ.قەدىردان ئۇستازىمىز ئابدۇرېھىم ئەيسا ئەپەندىنىڭ مىللىي مەرىپەت ئىشلىرىمىزنىڭ گۈللىنىشى ئۈچۈن بېغىشلىغان جاپالىق ھەمدە شەرەپلىك ھاياتى خۇددى يېقىنقى ۋە بۈگۈنكى ئىلىم پەن تارىخىمىزدا ئۆتكەن مەرىپەت مەشئەللىرىنىڭ ھاياتىغا ئوخشاش شۇ دەم شۇ پەيتتە ئۇيغۇر مىللىي مەرىپەت ئىشلىرى يولىدا كۈچ بېرىۋاتقان مىڭلىغان «ئىزچىلار»ئۈچۈن مۇنەۋەر ئۆرنەك ئەلۋەتتە.مىللىتىىز ئۆزتارىخىدا ياشاپ ئۆتكەن ئەنە شۇنداق مەرىپەت مەشئەللىرىنىڭ ئەجىر-تەرىسىز،جاپالىق ھاياتى بەدەللىرىسىز بۈگۈنكى ساپا ۋە ئورۇنغا ئىرىشەلمەس ئىدى.شۈبھىسىزكى مەرھۇمنىڭ ھاياتى مەقسەتلىرى مىللىتىمىزنىڭ مەدەنىيەت-مەرىپەت ئىشلىرىنىڭ گۈللەپ راۋاجلىنىشى ئۈچۈن ئۆزىنى بېغىشلاۋاتقان ھەر بىر ۋىژدان ئىگىسىنىڭ پەخىرلىك،شەرەپلىك ۋەزىپىسى بۇلۇپ قالغۇسى.شۇ پەيىتتە بۇ ھۆرمەتلىك ئۇستازنىڭ ئۇيغۇر مەرىپەت ئىشلىرى بىلەن مەھكەم باغلانغان نامى بىزنىڭ ئاشۇ مەقسەت-ئىنتىلىشلىرىمىز ئۈچۈن باسقان ھەر بىر قەدەم ۋە ئەجىر مېھنەتلىرىمىزدە ھۆرمەت بىلەن يادلانغۇسى.
     مەرھۇم بىزدىن ئايرىلغىلى 40 يىل بولغان بۈگۈنكى كۈندە بىز بۇ ئەسلىمىمىزنىڭ مەرھۇمنى ھۆرمەت بىلەن ياد ئىتىپ تۇرۇۋاتقان سان-ساناقسىز مەرىپەت ئوغلانلىرىنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ئاق كۆڭۈل سەبدىشىغا،قابىل ئۇستازى ۋە مېھرىبان ئاتىسىغا بولغان ئوتلۇق سېغىنىشلىرى ئۈچۈن ئەڭ ياخشى تەسەللىي بۇلۇپ قالىدىغىنىغا ئىشىنىمىز .ئەلۋىدا قەدىردان ئۇستاز!

*ۋېن تىيەنشىاڭ-(1236-1283) جەنۇبى سۇڭ سۇلالىسى دەۋرىدە ئۆتكەن مىللىي قەھرىمان،شائىر.
بۇ ئىككى مىسرا شېئىرنى ئۇ ئەكسىيەتچىلەرنىڭ تۈرمىسىدە ئۆلۈم ئالدىدا قان بىلەن يازغان.



بايىنغولىن تارىخ ماتېرياللىرى(10-توم)


behram

0

تېما

0

دوست

249

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   83%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11366
يازما سانى: 17
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 31
تۆھپە : 57
توردىكى ۋاقتى: 8
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-4
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-18 19:26:52 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ياىشى بوپتۇ   مەن  بۇ شەخىسنى ئاڭلىماپتىكەنمەن   رەخمەت.......
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

0

تېما

2

دوست

2544

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   18.13%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  15597
يازما سانى: 189
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 72
تۆھپە : 761
توردىكى ۋاقتى: 188
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-19 10:39:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ دەل قارشەھەر ئويمانلىقىدىن،يەنى باغراشتىن.مەنمۇ بۇنداق ئىسىل ئادەمنى پەقەتلا بىلمەي يۈرگىنىمدىن خىجىللىق ھىس قىلىۋاتىمەن...تولىمۇ ئىزدىنىشچان،تىرىشچان،ئۈمۈتۋار،چىدامچان،غەيرەتلىك ئادەمكەنتۇق...بەكمۇ پەخىرلەندىم...ئاللاھ ياتقان يىرىنى جەننىتى قىلغاي!!!ئامىن!!!

0

تېما

2

دوست

2544

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   18.13%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  15597
يازما سانى: 189
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 72
تۆھپە : 761
توردىكى ۋاقتى: 188
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-19 10:41:52 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ئادەمنىڭ تەخەللۇسى ئالىپتېكىنمۇ يە؟ئۆزۈمچە شۇنداق ئويلاپ قالدىم...

7

تېما

5

دوست

3250

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   41.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  5979
يازما سانى: 227
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 277
تۆھپە : 797
توردىكى ۋاقتى: 211
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-24
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-27 15:08:38 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
«ئەنسىز كېچىلەر»نى ئوقۇپ چىقساق بولغۇدەك.

كەسىپداشنى مەڭگۈ ياد ئىتېمىز.

تېما ئىگىسىگە تەشەككۇر !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )