- تىزىملاتقان
- 2011-6-9
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-6
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 4268
- نادىر
- 0
- يازما
- 328
ئۆسۈش
75.6%
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا qinturk تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-3-16 14:59
بۈگۈن تورىمىزدىكى دولان تەخەللۇسىدىكى روزى قادىر تەرجىمە قىلغان<< مۇستەقىل ئىددىيىگە قاچان ئىگە بولىمىز؟>> ناملىق فېليەتوننى قايتا بىر ئوقۇپ چىقتىم.دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ مۇستەقىل ئىدىيگە ئىگە بولۇڭلار !دەپ خەلققە ئىلھام بىرىشى ئادەمنى سۆيۈندۈرىدىغان بىر ئىش.ئەمما مەزكۇر ئەسەرنىڭ ئاخىرىدىكى مۇنۇ بايانلارغا نەزرىمىزنى ئاغدۇرساق نېمىنى ھېس قىلىشىمىز مۇمكىن؟ مۇستەقىل ئىددىيە دىموكراتىيە مۇھىتىدا ۋۇجۇتقا كىلىدۇ..... مۇستەقىل ئىددىيە ئادىل قانۇن شارائىتىدا يىتىلىدۇ...،مۇستەقىل ئىددىيە پۇخرالار ساپاسىدىن ئۇستىن تۇرىدۇ...
قارىغاندا مۇستەقىل ئىدىيگە ئىگە بولماق ئۇنچە ئاسان ئەمەس ئوخشايدۇ.ئەمما ھەر قېتىملىق سىياسى ئۆگنىشتە <ئىدىينى ئازات قىلىش ،دەۋىر بىلەن تەڭ ئىلگىرلەش ...> دېگەندەك سۆزلەرنى يادىلايمىز-يۇ،زادى نېمىنىڭ ھەققى <ئىدىيەنى ئازات قىلىش > ئىكەنلىكى ھەققىدە تولۇق بىر كۆز-قاراش ھەققىدە ئويلىنىپ باقمايمىز(ئويلانساقمۇ ئۆزىمىز بىلىمز-دە!). ئۇنداقتا بۇ يەردە دېيلىۋاتقان مۇستەقىل ئىدىيە زادى قانداق بولىدۇ؟ياشلارلا ئەمەس ھەممەيلەن مۇستەقىل ئىدىيەگە ئىگە بولۇشنى ئويلايدۇ،ئەمما نۆۋەتتە بىز ئۆگنىۋاتقان سانسىز ئىدىيەلەر ئالدىدا ئۆزىمىزنىڭ مۇستەقىل ئىدىيسىنى نەدىن تاپىمىز؟بۈگۈنكىدەك قانۇن-ئىنتىزام كۆز قارشى تەكتلىنۋاتقان سوتسىيالىزىم شارائىتى ئاسىتىدا مۇستەقىل ئىديىگە قانداق ئىگە بولىمىز؟نۆۋەتتە،ياخشى سىياسەتلەرنىڭ شاراپىتىدە، شارائىتىمىز ياخشى،خەلق كۈنسىرى ياخشى تۇرمۇشقا قاراپ يۈزلەنمەكتە،يەنە كىلىپ رەھبەرلەرنىڭ خىزمەت دوكلاتى ۋە پىلانلىرىدىن <21-ئەسىرنىڭ 20-يىللىرى ھازىرقى ئىقتىساتنى بىر قاتلاش ...>ھەققىدىكى سۆزلەرنى ئاڭلىغاندا، دۆلەتنىڭ گۈزەل كەلگۈسىنى كۆرمەك تە ئەمەس.ئەمما-زە، ئىقتىسات تەرەققى قىلغان بىلەن ئۇنىڭغا لايىق كاللا (ئىدىيە) بولمىسا قانداق قىلغۇلۇق؟!
مۇستەقىل ئىديىگە ئىگە بولۇشنى بۇرۇنمۇ دۆلەت رەھبەرلىرى تەكىتلىگەن (بۇ ھەقتە مەن تورداشلارغا ‹‹ئاتام خۇياۋباڭنى ئەسلەيمەن›› ناملىق كىتابنى ئوقۇپ بېقىشنى تەۋسىيە قىلىمەن. چۈنكى: كىتابتا خۇياۋباڭنىڭ ‹ياشلارمۇستەقىل ئىدىيىگە ئىگە بولىشى كىرەك...›دېگەن مەنىدە سۆز قىلىپ، ‹ئىرىشكەن› لىرى بايان قىلىنغان، يەنە كىلىپ 1980-يىللارنىڭ ئاخىرى ۋە 1990-يىلىنى باشلىرىدىكى ۋەقە لەر ياخشى يېزىلغان، مۇمكىن بولسا (قىزىقساڭلار ياكى ۋاقىت يارسە ) ‹‹ئۇ جۇڭگونىڭ تەقدىرىنى ئۆزگەرتتى، جىياڭزېمىننىڭ تەرجىمھالى››ناملىق زور ھەجىملىك كىتابنىمۇ قوشۇپ بىر كۆرۈپ باقساڭلار ماڭا ئوخشاش 1980 -يىللارنىڭ ئوتتۇرىلىرى تۇغۇلۇپ، 1990-يىللاردىكى تارىخىنى بىلمەيدىغان قارا قورساق بولۇپ قالمايسىلەر.ئەلۋەتتە، ئۇمۇ بىزدىن 20يىل بۇرۇنقى دەۋىرىنىڭ ئىدىيلىرىنى ئۆگنىشىمىزگە پايدىلىق). يۇقارقى كىتابلار توغرا پىكىرلىك تەتقىقاتچىلارنىڭ يېزىشى ۋە تەكشۈرىشىدىن ئۆتكەن بولغاچقا ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ، ئۇيغۇرچە تەرجىمە قىلىنغان.
يەنە كىلىپ بىز مۇستەقىل ئىديىىگە ئىگە بولمىغانلىمىز ئۈچۈن ، ئەشۇ ئۇرخۇن دەۋرى،ھون دەۋرى ...ياكى ئۈچ ۋېلايەت ئىقىلابى توغرىسدا ئايىغى چىقماس مۇلاھىزىگە، بىمەززە پاراڭ ئارىلاشقان گۇڭگا تارىخ ھادىسلىرگە، مۇستەقىللىقىنى يوقاتقان ئەگەشمە پىكىرلەر بىلەن ئىسلىپ يۈرىمىز؟(ئەلۋەتتە، ئۇ تارىخلارنىمۇ بىلىشمۇ بەك مۇھىم).ئەمما بىزگە لازىمى يەنىلا كۆپ خىل ئىزدىنىش نەتىجىسىدە مەيدانغا كەلگەن مۇستەقىل ئىدىيە،
گەرچە، تارىخ كەسىپىدە بەش يىل ئوقۇپ مۇشۇ ساھەنىڭ نېنىنى يەۋاتقان بولساممۇ، تارىختىن بىرى داۋام ئەتكەن ۋەقەلەرنى كۆز ئالدىمغا كەلتۈرۈپ <مۇستەقىل ئىدىيە> دېگەننىڭ زادى قانداق بولدىغنى ھەم <مۇستەقىل ئىديىلىك>لەرنىڭ تەقدىرى ھەققىدە ئاز-تولا ئويلاپ قالغاچقا مانا مۇشۇنداق تاققا-تۇققا بىر ئەبجەشنامىنى تورداشلارغا يوللاپ بېقىشنى قارار قىلىدىم .ئەمما بىز يېراق ئۆتمۈشنى بىلىشتىن ئاۋال تۈنۈگۈننىمۇ بىلىپ قويايلى!بەلكىم ،شۇنداق بولغاندا كۆپرەك پىكىر يۈرگۈزۈپ مۇستەقىل ئىددىيىگە بالدۇرراق ئىگە بولارمىز!....
|
|