- تىزىملاتقان
- 2013-3-2
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-28
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 2382
- نادىر
- 0
- يازما
- 133
ئۆسۈش
12.73%
|
1. ئانا تىل بايرىمى ھارپىسىدا ، دوسلىرىم بىلەن قىسقا مەزگىللىك ساياھەتكە ئاتلاندۇق. ئانا تىلغا ھېرىسمەنلىگى بىلەن دائىم بىزگە ئۈلگە بولىدىغان دوستىمىز سەپەر ئالدىدا بىر قائىدىنى ئىلان قىلدى : " سەپەر جەريانىدا كىم ئۇيغۇرچە بولمىغان بىرەر سۆزنى ئارىلاشتۇرۇپ سۆزلىسە 10 سوم جەرىمانە تۆلەيدۇ" . " بۇ ئاددى ئىشقۇ ، ھەممىمىز ئانا تىلدا ئوقۇغان ، ئارىلاشتۇرماي سۆزلىيەلەيمىز" ...
2. " شۇفېيزەنگە كىلەي دىدۇق پارچە پۇل تەييارلاڭلار" ، " كىچىك ماشىنىغا 10 كوي ئالىدىكەن" جەرىمانە تۆلەش شۇنىڭدىن باشلاندى. ئەڭ ئەۋجىگە چىققان ۋاقتى تاماقخانىدكى سۆھبەتتە بولدى . تاماقلارنىڭ ئىسمىنى ساپ ئۇيغۇرچە قىلىپ " بىر كىشىلىك ھور گۈرۈچ كەلتۈرۈڭ" دىدىم كۈتكۈچى قىزغا . "" نىمە دىدىڭىز؟ چۈشەنمىدىم ". قاراپلا تۇرىدۇ كۆزلىرىنى پارقىرىتىپ . " قېرىنقۇلاق گۆش قورۇمىسى بىلەن ھور گۈرۈچ كەلتۈرۈڭ !" يەنە تەكرالىدىم . چۈشەنمىدى . جەرىمانىنى دەپ تاماق يىمەي چىقىپ كەتسەم بولمايدۇدە . ئاخىرى دۆۋلەت تىلىدا سۆزلەشكە توغرا كەلدى. " 木耳肉 , 米饭" تاماقنى يىمەي تۇرۇپلا چۈشەندۈرۈشكە 50 سوم كەتتى مانا !
3 .باشقا دوسلىرىمنىڭ ھالىمۇ مىنىڭكىدىن ياخشى ئەمەس . بىر دوستۇم " بىر تەخسە لىغىرداق " دىۋىدى كۈتكۈچىنىڭ ئەرۋايى ئۇچتى " نىمە ئۇ لىغىرداق ،بېغىرداق دىگەن . ئۇيغۇرچە دىسىلە ماندا " دەپ چايۋاقاپلا كەتتى . " لەڭپۇ دىدۇق خېنىم " ئىككى خەت جەمئى 20 سوم . يەنە بىرسى قاتكۆك قورۇمىسىنى چۈشەندۈرەلمەي "لاڭقا " دەپ تاشلىدى.
جەرىمانىلەر ئاۋۇۋاتىدۇ. پاراڭ قىزىۋاتىدۇ . ئارىمىزدىكى تىجارەتچى دوستىمىز ھەممىدىن ئەقىللىق چىقتى. ئۇ قورۇما تىزىملىكىنى كۆرسىتىپ " ماۋۇنىڭدىن ، ئاۋۇنىڭدىن " دەپلا ئىسمىنى دىمەي تامىغىنى بۇيرىتىۋالدى .
4 . شۇنداق قىلىپ بىر نەچچە كۈن ئىچىدە ئامال بار ساپ ئانا تىلىمىزدا سۆزلەشكە تىرىشىپ ، جەرىمانىنىمۇ ئاۋۇتتۇق ، نۇرغۇنلىغان ئادەتلەنمىگەن ئاتالغۇللىرىمىزغا ئادەتلىنىۋالدۇق . ئادەتلىنىۋالغان غەلىتە سۆزلىرىمىزنى ئىشلەتمىدۇق .
5. ئۆيگە قايتقاندىن كىيىن بۇ ئىشنى ئائىلىدە داۋاملاشتۇردۇق . "جەرىمانە پۇلنى نەگە قويىمىز؟ " دىسە " سۇلىئاۋ خالتا تەييارلا شۇنىڭغا سالىمىز" دەپ تۇنجى جەرىمانىنى باشلىدىم .
6.گەرچە جەرىمانە ئاۋۇپ كەتكەن بىلەن كۆڭلىمىز خۇشال،روھىمىز كۆتۈرەڭگۈ . چۈنكى بىز ساپ ئانا تىلدا سۆزلەشكە تىرىشىۋاتاتتۇق !
(توخۇتۇرنىڭ ئابزاس ئايرىش ئۇسۇلىنى دوراپ قويدۇم كەچۈرۈڭلار!) |
-
ھەممە باھا نومۇرى : تىللا + 10
باھا خاتىرىسى
|