- تىزىملاتقان
- 2013-1-25
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-5-24
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 4413
- نادىر
- 0
- يازما
- 471
ئۆسۈش
80.43%
|
پادىشاھ ئەپەندىمدىن گىدىيىپ تۇرۇپ تەكەببۇرلۇق بىلەن سوراپتۇ،
-ئەپەندىم ،مۇشۇ تۇرقۇم بىلەن نەچچە پۇلغا يارارمەن؟
ئەپەندىم ئىككىلەنمايلا جاۋاپ بىرىپتۇ،
-25 تىللاغا يارايلا پادىشاھ.
-جۆيلۈمىسلە ئەپەندىم،مۇشۇ بىلىمدىكى ئالتۇن كەمىرىملا 25 تىللاغا يارايدۇ.
-بەللىرىدىكى كەمەرنى دىمىسەم سىىللى ئۈستەك بەرسىلە بولىدۇ تېخى .
بۇ يۇمۇر تولىمۇ مەنىلىك يۇمۇر،ئادەمنى قىممەت توغرىسىدا ھەقىقى ئويلاندۇرىدۇ.مەندىكى قىممەت زادى نىمە؟
ھەر بىر ئادەم <<ئالتۇن كەمەر>>نىڭ ئۆزىنىڭ قىممىتى بولۇپ قېلىشتىن ھەزەر ئەيلىشى كىرەك.بىر ئادەم ھاياتىدا نۇرغۇن ئىشلارغا دۇچ كىلىدۇ ۋە يەنە نۇرغۇن ئىشلارنى قىلىدۇ.بۇنىڭ ئاساسى ئىھتىياجلىرى قانغاندىن كىيىنكىللىرى بولسا قىممەت بەلگىلەشتە ئاساسلىق رول ئوينايدۇ.
كۈندە كورۈدىغىنىمىز ئېسىل ماشىنىلارنىڭ كۆز-كۆز قىلىنىشى،ھەرەڭ-سەرەڭ ياسانغان قىزلارنىڭ كۆزىمىزنى ئالا-چەكمەن قىلىشى،قىمممەت باھالىق كىيىملەر،زىبۇ -زىننەتلەر....بۇلارنىڭ كۆپىنچىسى <<ئالتۇن كەمەر>>نىڭ ۋارىيانتلىرىدۇر.
بەل تۇئىسىرۇنەل ھاياتەددۇنيا،(سىلەر دۇنيا تىرىكچىلىكىنى ياخشى كۆرىسىلەر)
ۋەل ئاخىرەتۇ خەيرۇ ۋە ئەباقا.(ھالبۇكى ئاخىرەت ياخشىدۇر ۋە باقىيدۇر)
ەىگەن بۇ ئايەت غەپلەتتىكىلەرنىڭ ئېسىدىن كۆتۈرۈلۈپ كەتكەن بۇ دەۋىر ئاجايىپ كىرزىسلەرگە پاتتى.قىممەت بەلگىلەش مال-دۇنياغا باغلىنىشقا ئومۇميۇزلىك يۈزلەنگەندەكلا.
مەندە نىمە بار؟مىنىڭ قىممىتىم نەدە؟مەن دۇنيالىق ۋە ئاخىرەتلىك ئۈچۈن نىمىلەرنى ھازىرلىدىم؟بۇ ھەر بىر ئەقىل ئىگىسى ئويلىنىشقا تىگىشلىك زور مەسىلە.
<<پۇلىدىن باشقا ھېچنىمىسى يوق قەلەندەر>> دىگەن گەپ بىر مەزگىل مودا بولدى.ھەممىمىزنى ئويلىنىشقا سالدى.قارايدىغان بولساق تامامەن توغرىلا بىر گەپ.پۇلىدىن باشقا ھېچنىمىسى يوق كۆرەڭ بىر توپ ئادەملەر كۆزئالدىمىزدا نامايان بولدىلەر،ھەر خىل ئىقتىسادى ئۆزگىرىشلەر بىزگە ھەر خىل تەسىرلەرنى ئېلىپ كەلدى.بىزنىڭ ھاياجانلىرىمىز غەلىتە قىسمەتلەرگە دۇچار بولدىلەر بۇ مەزگىلدە.
ئىقتىسادنى ئىنكار قىلىش ئەلۋەتتە ھاماقەتلىك،ئەمما پۇلنى قىممەت بەلگىلەش سېستىمى قىلىۋالغان ھەر قانداق بىر قىلمىشنى قەتئى ئىنكار قىلماي بولمايدۇ.بۇ ھەم ئۆزىنى ۋەيران قىلىش بەدىلىگە ساختا ھوزۇرغا ئىرىشىشتىن باشقا نەرسە ئەمەس.
ھەقىقى پايدىلىق ئىلىم بىزگە دورىدۇر،شىپادۇر،يىمەك ئىچمەكتۇر،كىيىم -كىچەكتۇر،تۇرالغۇدۇر،،مانا بۇ قىممەتتۇر!
|
|