قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 13511|ئىنكاس: 106

(ئاتتىلا) مۇھەممەد ئىمىن بۇغىرانىڭ «ش ت تارىخى» غا رەددىيە

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

7

تېما

5

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   0.32%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  3477
يازما سانى: 433
نادىر تېمىسى: 19
مۇنبەر پۇلى: 2168
تۆھپە : 1802
توردىكى ۋاقتى: 564
سائەت
ئاخىرقى: 2013-4-19
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-17 21:01:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
«ش ت تارىخى» غا رەددىيە
چيەن بوچۋەن
«شىنجاڭ گېزىتى» 1991-يىلى 8-ئاينىڭ 23-كۈنى


شىنجاڭدىكى مىللىي بۆلگۈنچىلىك ھەرگىز بۈگۈنكى كۈننىڭ مەھسۇلى ئەمەس، بۇنىڭدىن يېرىم ئەسىر بۇرۇن مىللىي بۆلگۈنچىلەر بىر مەھەل ئەسەبىيلەشكەن، ھەتتا ئەدەپ كەتكەن. 30-يىللاردا قۇرۇلغان «ش ت ئى ج» شىنجاڭدىكى مىللىي بۆلگۈنچىلەر تۆرەلدۈرگەن ۋە بالا تاشلىۋەتكەن غەلىتە تۆرەلمە ئىدى. بۇ قورچاق ھاكىميەتنىڭ قۇرۇغۇچىسى-مۇھەممەد ئىمىن (بۇغىرا) سېپى ئۆزىدىن ئۇچىغا چىققان مىللىي بۆلگۈنچى ئىدى.
1. مۇھەممەد ئىمىننىڭ ئەكسىيەتچىل تەرجىمىھالى
مۇھەممەت ئىمىن شىنجاڭ خوتەن رايونىدىن، ياش ۋاقتىدا پان تۈركىزملىق ۋە پان ئىسلامىزملىق تەربىيە ئالغان، كېيىن ئەنگىلىيە جاھانگىرلىكىنىڭ ئىشپىيۇنلۇق ئورگانلىرىغا سېتىلغان ۋە ئۇنى شۇلار باققان.
مىللىتارست جىن شۇرېننىڭ زۇلمەتلىك ھۆكۈمرانلىقى پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ قارىشلىقىنى قوزغىدى، ئەنگىليە جاھانگىرلىكى پۇرسەت كەلدى، دەپ ھېسابلاپ، مۇھەممەت ئىمىننى بۆلگۈنچىلىك، بۇزغۇنچىلىق ھەرىكەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىشقا كۈشكۈرتتى. مۇھەممەت ئىمىن ئەتىراپىغا شېرىك توپلاپ، ئەنگىلىيە جاسۇسلىرىنىڭ مەخپىي كۆرسەتمىسى بويىچە، جىن شۇرېن ھىندىستاندىن سېتىپ ئالغان بىر قىسىم ھەربىي قوراللارنى توشۇپ ماڭغانلارنى توسۇپ ۋە بۇ قوراللارنى بۇلاپ، قارا قىشتا غەلىيان كۆتەردى، ئارقىدىن خوتەنگە ھۇجۇم قىلىپ، ئۆزىنى «خوتەن خانى» دەپ ئاتىدى. يەنىمۇ ئىلگىرلەپ گۇما، قاغىلىق، پوسكام، يەكەن، قەشقەر كونىشەھەر قاتارلىق جايلارنى ئىشغال قىلدى. 1933-يىلى 11-ئاينىڭ 12-كۈنى مۇھەممەت ئىمىننىڭ قۇراشتۇرىشى بىلەن «ش ت ئى ج» نىڭ قۇرۇلغانلىقى جاكارلاندى. قورچاق ھۆكۈمەت مۇھەممەت ئىمىننىڭ رىياسەتچىلىكىدە تۈزۈلگەن ھۆكۈمەتنىڭ تەشكىلىي پىروگىراممىسى، سىياسىي ئىشلارنى يولغا قويۇش پىروگىراممىسىنى ۋە ئاساسىي قانۇننى ئېلان قىلدى. ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى پارچىلايدىغان بۇ رەزىل كومېدىيەدە مۇھەممەت ئىمىن بارلىق ھۈنىرىنى ئىشقا سېلىپ «چوڭ تۆھپە» ياراتتى.
«ش ت ئى ج» نىڭ ئىجىرا قىلغان فاڭجىن ۋە سىياسەتلىرىدىن قارىغاندا، ئۇ ئىنتايىن تار مەھكىمىچى، ئەكسىيەتچى ۋە ئەشەددىي مىللىي بۆلگۈنچى ھاكىمىيەتتۇر. ئۇ تۈزىگەن ھۆكۈمەتنىڭ تەشكىلىي پىروگىراممىسىدا، «ش ت ئى ج مەڭگۈ مۇستەقىل دۆلەت» دەپ بەلگىلىدى، «تۈركى مىللەتلەردىن باشقا بارلىق مىللەتلەرگە قارىشى تۇرۇش لازىم» دەپ جار سالدى. بۇ قورچاق ھۆكۈمەتنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدىكى رايونلاردا نۇرغۇن بىگۇناھ خەنزۇلار، خۇيزۇلار ۋە باشقا مىللەت ئاھالىلىرى ئېغىر زىيانكەشلىككى ۋە رەھىمسىزلەرچە قىرغىنچىلىققا ئۇچرىدى.
ھالبۇكى، شىنجاڭدىكى مىللىي بۆلگۈنچىلەرنىڭ شىرىن چۈشى ئۇزاققا بارماي، ئىش ئۇلارنىڭ ئويلىغان يېرىدىن چىقمىدى. 1934-يىلنىڭ بېشىدا خۇيزۇ مىللىتارست ماجۇڭيىڭ خەنزۇ مىللىتارست شىڭ شىسەي بىلەن بولغان كۈرەشتە يېڭىلىپ، ئۇنىڭ قوشۇنى جەنۇبىي شىنجاڭغا چېكىنگەندە، 2-ئاينىڭ 6-كۈنى قەشقەر كونىشەھەرنى ئىشغال قىلدى. «ش ت ئى ج» يىمىرىلدى، مۇھەممەت ئىمىن ئالدىراپ-تېنەپ خوتەنگە قېچىپ بېرىپ، ئۆز ئالدىغا يەنە بىر «خ ئى جۇمھۇريىتى» نى تىكلەپ، بۆلگۈنچىلىك، بۇزغۇنچىلىق ھەرىكەتلىرى بىلەن داۋاملىق شۇغۇلاندى. ئۇزاق ئۆتمەي ماجۇڭيىڭنىڭ قالدۇق قىسىمى خوتەننى ئىشغال قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بۇ كىچىككىنە مىللىي بۆلگۈنچى ھاكىميەتنىڭمۇ كۈلى كۆككە سورۇلدى. مۇھەممەت ئىمىن ئالدىراپ تېنەپ ئەنگىلىيە جاھانگىرلىكىنىڭ مۇستەملىكىسى ھىندىستانغا قېچىپ، ئۇزۇن مۇددەت چەت ئەللىك خوجايىنىنىڭ خەيرى ساخاۋىتىگە تايىنىپ كۈن كەچۈردى. ئۇ سەرگەردان بولۇپ تۇرغان مەزگىلىدە بارلىق زېھنىنى سەرپ قىلىپ، ئاتالمىش «ش ت تارىخى» ناملىق كىتابنى يېزىپ چىقىپ، شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا تارقىتىپ، مىللىي بۆلگۈنچىلىك ئۈچۈن داۋاملىق جامائەت پىكىرى تەييارلىماقچى بولدى.
2. «ش ت تارىخى» نى يېزىشتىكى جىنايى مەقسىدى
مۇھەممەت ئىمىن بۇ كىتابنى شۇنچە ئىشتىياق بىلەن يېزىپ چىقىشتا ئۇ مەشھۇر ئالىم بولۇشنى ئەمەس، بەلكى پۈتۈنلەي سىياسىي مەقسەدنى كۆزلىگەن. ئۇ بۇ كىتابنىڭ «كىرىش سۆزى» نىڭ بېشىدىلا ئېنىق قىلىپ مۇنداق دېگەن: «بەختكە قارىشى ش ت لىقلار ئۆز ئەجدادلىرىنىڭ نۇرغۇن شەرەپلىك تارىخىنى، تىللاردا داستان قىلغۇدەك قەھرىمانلىق جاسارىتىنى، دۇنيانى زىل-زىلىگە سالغان ئىش-ئىزلىرىنى ۋە ئۆتمۈشتىكى دۆلىتىنىڭ ئۇلۇغ ئىكەنلىكىنى بىلمىگەچكە، بەزىلەرنىڭ ئەسەرلىرىگە ئاسانلا ئىشىنىپ قېلىپ، تۈركىستاننىڭ تارىختا مۇستەقىل دۆلەت ئىكەنلىكىدىن گۇمانلىنىدۇ.» دېمەك ئۇ بۇ كىتابىدا تۈركىستان (شىنجاڭنى كۆرسىتىدۇ) قەدىمدىن تارتىپ «مۇستەقىل» دۆلەت ئىدى، دەپ داۋراڭ سالغان. ئارقىدىن يەنە: «ش ت دىكى تۈرك مىللىتى دۇنيا بويىچە ئەڭ قەدىمىي، يۈكسەك مەدەنىيەتكە ئىگە، دۇنيادا ئەڭ ئورنى بار، ئىنسانىيەت جەمىئىيىتىگە ئەڭ تۆھپە قوشقان مىللەت» دەپ جار سالغان. ئاندىن مۇھەممەت ئىمىن مۇقامنى ئۆزگەرتىپ، قايغۇرغان ھالدا مۇنداق دېگەن: «شۇنىڭدىن كېيىن، تۈركىستانلىقلار ئىقتىسادىي جەھەتتىنلا ئەمەس، سىياسىي جەھەتتىنمۇ ئاسارەت ۋە زۇلۇم ئاستىدا قالغان، مۇشۇنداق ئەھۋالدا بۇ مىللەتنى يوقۇتىۋېتىش غەرىزى پەيدا بولۇپ، تۈركىستاننىڭ تارىخى يوق قىلىنىپ ئۆچۈرۋېتىلدى. ئىنسانىيەت ئۈچۈن ئۇلۇغ ئەھمىيەتكە ئىگە تارىخىي ئەسەرلەر مەيدانغا كەلگەن رايون قارىنىيەتلەر تەرىپىدىن بېسىۋېلىندى.»
دېمەك، ئۇ بۇ كىتابىدا يات مىللەتلەر (ئاساسەن خەنزۇلارنى كۆزدە تۇتىدۇ) نىڭ تۈركلەرگە قىلغان «ئىقتىسادىي ئېكىسپىلاتسىيسى ۋە سىياسىي زۇلىمى» نى پاش قىلىپ، يات دۆلەت (جۇڭگونى دېمەكچى) نىڭ شىنجاڭغا «تاجاۋۇز» قىلغانلىقى ئۈستىدە شىكايەت قىلماقچى بولغان. ئاخىرىدا ئۇ ئېنىق قىلىپ: «بۇنىڭدىن كېيىن بۇ كىتاب ۋەتەننى سۆيۈش ئېڭىنى ئۆستۈرۈش، مىللىتىمىزنىڭ ئەركىنلىكىنى قوغداپ قېلىشتا بىر ئۈلۈش كۈچ بولسا، بۇ مەن ئۈچۈن ئىپتىخارلىق ئىش بولاتتى.» دېگەن. دېمەك بۇ يەردە ئۇ ئۆزىنىڭ بۇ كىتابنى يېزىشتىكى غەرىزى-ئۆز مىللىتىنىڭ ۋەتەننى (بۆلۈنگەن ۋە مۇستەقىل بولغان شىنجاڭنى دېمەكچى) سۆيۈش، مىللەتنىڭ ھاياتىنى قوغداش (شىنجاڭدىكى تۈركى تىللىق مىللەتلەرنىڭ «ئازادلىقى» نى قولغا كەلتۈرۈش) «ئاڭلىقلىقى» ۋە «ئاكتىپلىقى» نى ئۆستۈرۈش ئىكەنلىكىنى بايان قىلغان.
قىسقىسى، مۇھەممەت ئىمىن بۇرۇن قولىغا قورال ئېلىپ ئاتاكىغا ئۆتۈپ، «ش ت ئى ج» نى «بەرپا قىلىپ»، مىللەتلەرنىڭ ئىتىپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى پارچىلاش ئۈچۈن شاپاشلىغان بولسا، قورالنى تاشلاشقا مەجبۇر بولغاندىن كېيىنمۇ، قولىغا قەلەم ئېلىپ ئاتالمىش «ش ت تارىخى» نى يېزىپ، يەنە مىللەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىقىنى بۇزۇش، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى پارچىلاش ئۈچۈن خىزمەت قىلغان. گەرچە شەكلى ئوخشاش بولمىسىمۇ، ماھىيىتى تامامەن ئوخشاش.
3. «پانتۈركىزم» تەرغىپ قىلىنغان
«ش ت تارىخى» دېگەن كىتابتا مۇھەممەت ئىمىن «پانتۈركىزم» نۇقتىنەزىرىنى كۈچەپ تەرغىپ قىلغان.
بىرىنچىدىن، مۇھەممەت ئىمىن تۈركى تىللىق مىللەتلەرنىڭ تارىخىي ئورنىنى غەرەزلىك ھالدا يۇقىرى كۆتەرگەن. ئۇ كىتابنىڭ «كىرىش سۆز» ئىدە مۇنداق دېگەن: «ھازىرقى زامان ئەسەرلىرىدە ئېتىراپ قىلىنغان ش ت دىن ئىبارەت بۇ زېمىن ئەزەلدىن تارتىپ ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركلىرىنىڭ ماكانى... تۈركلەرنىڭ رايونى ۋە يۇرتى ھەمدە دۇنيا بويىچە ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىنىڭ بۆشۈكى.» شۇ پاراگىرافتا يەنە: «تۈركىستاندىكى تۈرك مىللىتى دۇنيا بويىچە ئەڭ قەدىمىي، يۈكسەك مەدەنىيەتكە ئىگە، دۇنيادا ئەڭ ئورنى بار، ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىگە ئەڭ كۆپ تۆھپە قوشقان مىللەت» دېگەن. باشقىلارنى ئۆزىنىڭ سەپسەتىسىگە ئىشەندۈرۈش ئۈچۈن ئۇ تارىخ ئويدۇرۇپ چىقىپ، «مىسىرنىڭ يېزىق شەكلى بىلەن قالدۇرۇلغان مەلۇماتلىرىنى تەكشۈرۈش، تەتقىق قىلىش ئارقىلىق مىسىرنىڭ تارىخىنى مىلادىدىن ئىلگىركى ۋاقىتقا سۈرۈشكە بولىدىغانلىقى ئىسپاتلاندى. ھالبۇكى، مىسىرنىڭ يازما مەلۇماتلىرىدا بايان قىلىنغان تۈركلەرنىڭ يىراق قەدىمكى زاماندىكى تارىخى مىسىرلىقلارنىڭكىدىن 5000 يىل بۇرۇن» دەپ جۆيلىگەن. ئۇ بۇ يەردە مىسىرنىڭ مەدەنىيەت تارىخى 6000 يىلدىن كۆپرەك بولغان بولسا، تۈركلەرنىڭ 11 مىڭ يىلدىن ئارتۇق مەدەنىيەت تارىخى بار، دېمەكچى. مول ئارخېلوگىيلىك ماتېرىياللار تۈركلەرنىڭ Ⅶ ئەسىر (7-ئەسىر) دە يېزىق ئىجاد قىلغانلىقىنى ئىسپاتلىدى. لېكىن مۇھەممەت ئىمىن كىتابنىڭ «قەدىمكى تۈركلەرنىڭ يېزىقى» دېگەن پاراگىرافىدا ئىزا تارتماي لاپ ئۇرۇپ مۇنداق دېگەن: «قەدىمقى تۈركلەرنىڭ كۆچۈش دەۋرىدىن بۇرۇنلا يېزىقى بار ئىدى.» ئۇ كىتابىنىڭ «تۈركلەرنىڭ كۆچۈش دەۋرى ۋە بۇ دەۋردىن كېيىنكى ش ت» دېگەن پاراگىرافىدا، تۈركلەر بۇنىڭدىن 9000 يىل بۇرۇن كۆچش دەۋرىنى باشتىن كەچۈرگەن، دەيدۇ. ناۋادا مۇشۇنداق بولسا، تۈركلەر 9000 يىل بۇرۇنلا يېزىق ئىجاد قىلغان بولىدۇ.
ئىككىنچىدىن، مۇھەممەت ئىمىن تۈرك دۆلىتىنىڭ دائىرىسىنى غەرەزلىك ھالدا كېڭەيتكەن. ئۇ كىتابنىڭ «تۈركلەرنىڭ ۋەتىنى» دېگەن پاراگىرافىدا مۇنداق دېگەن: «بۇ تارىخىي خاتىرىلەر تۈركلەر ۋەتىنىنىڭ چېگىرىسىنى ئىسپاتلاپ بەردى. يەنى تۈركلەرنىڭ ۋەتىنىنىڭ چېگىرىسى غەربتە شىمالىي دېڭىزغىچە، شىمالدا ئاتاسقىچە، شەرقتە ياپون دېڭىزىغىچە، جەنۇبتا خۇاڭخې دەرياسى ھەمدە قاراقۇل چۆلىگىچە بارىدۇ، يۇقىرىدا ئېيتىلغان كەڭ رايونلار تۈركلەرنىڭ زېمىنىدۇر، تارىخىي خاتىرىلەردە بۇ زېمىندا تۈركلەردىن باشقا مىللەتلەرنىڭ ياشىغانلىقى توغرىسىدا مەلۇمات چىقمايدۇ، يېقىنقى زامان ئەسەرلىرىگە قارىغاندا تۈركلەرنىڭ ۋەتىنى ئاسىيا قىتئەسىدۇر. ئۇ غەربتە شىمالىي دېڭىز، قىزىل دېڭىز، قارا دېڭىز ۋە ياۋروپاغا، شىمالدا شىمالىي مۇز ئوكيانغا، شەرقتە تىنچ ئوكيانغا، جەنۇبتا ھىندى ئوكيانغا تۇتاشقان». ياۋروپا-ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلىقىنى تۈركلەرنىڭ ۋەتىنى، ئۇ يەردە تۈركلەردىن باشقا مىللەتلەر بولمىغان دېيىش-ئاغزىغا كەلگەنچە بىلجىرلىغانلىق. مۇھەممەت ئىمىن ئاممىنى ئالداش ئۈچۈن ھەتتا ئەڭ ئەقەللىي تارىخىي بىلىم ۋە جۇغراپىيلىك ئۇقۇمنىمۇ تىلغا ئالمىغان!
مۇھەممەت ئىمىننىڭ تۈرك مىللىتىنى شۇنچە كۆككە كۆتۈرۈپ، «تۈركلەرنىڭ ۋەتىنى» نىڭ دائىرىسىنى كېڭەيتىشتىكى مەقسىدى تۈركى تىللىق مىللەتلەرنىڭ ئۆز مىللىتىنى قىزغىن سۆيۈشتەك غورۇرىدىن پايدىلىنىپ، بۇنداق نورمال مىللىي ھېسسىياتنى قەستەن تۇيۇق يولغا باشلاپ، ئۇنى ھېچكىمنى كۆزگە ئىلمايدىغان، ئۆزىنىلا قالتىس چاغلايدىغان چوڭچىلىق سەۋداسىغا ئايلاندۇرۇپ، ئاندىن بۇ خىل مىللىي چوڭچىلىق سەۋداسىدىن پايدىلىنىپ، ئۆزىنىڭ مىللىي بۆلگۈنچىلىك غەرىزىگە يېتىش، ھەتتا بۈيۈك تۈرك ئىمپېريىسىنى قۇرۇپ، شۇ ئارقىلىق ئۆزىنىڭ پۈتكۈل دۇنياغا زومىگەرلىك قىلىش شىرىن چۈشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت. بىز مۇھەممەت ئىمىننىڭ بۇ خىل ئۇسۇلىغا ھەرگىز بىپەرۋالىق قىلماسلىقىمىز لازىم. تارىخىي تەجرىبىلەر ئەھمىيەت بېرىشكە ئەرزىيدۇ. گىتلېرمۇ شۇنداق قىلغان ئىدى، گىتلېر نېمىس مىللىتى دۇنيا بويىچە ئېسىل مىللەت، يەھۇدىيلار ۋە باشقا مىللەتلەرنىڭ ھەممىسى پەس مىللەت دېگەننى كۈچەپ تەرغىپ قىلىپ، غەرەزلىك ھالدا مىللىي چوڭچىلىق سەۋداسىنى قوزغاپ، فاشىستىك ئەسەبىي كەيپىياتنى قۇترىتىپ، «3-ئىمپېريە» نى قۇرۇپ، سىرتقا قارىتا غالجىرلارچە تاجاۋۇز قىلىپ، يەھۇدىيلارنى ۋە باشقا مىللەتلەرنى قىردى. ئاخىرى 2-دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ پارتىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. ناۋادا مۇۋاپىق خەلقئارا شارائىت ۋە سىياسىي كىلىمات بولسا، مۇھەممەت ئىمىننىڭ گوپپاڭچى ئەۋلادلىرىمۇ گىتلېرغا ئوخشاش ئىشنى قىلىدۇ.
4. «مۇستەقىل بولۇش» نى تەرغىپ قىلىپ، «بۆلگۈنچىلىك» نى مەدھىيلىگەن
شىنجاڭدىكى مىللىي بۆلگۈنچىلەرگە تارىخىي ئاساس تېپىپ بېرىش ئۈچۈن، مۇھەممەت ئىمىن يازما يادىكارلىقلاردىكى ھەقىقىي مەلۇماتلارغا قارىماي، «ش ت ئەزەلدىن مۇستەقىل دۆلەت ئىدى» دېگەن سەپسەتىنى كۈچەپ تەرغىپ قىلغان. ئۇ كىتابىنىڭ كىرىش سۆزىدە مۇنداق دېگەن: «بۇ ئەسەر ش ت (شىنجاڭنى دېمەكچى) نىڭ دۇنيا بويىچە ئەڭ قەدىمىي ، ئەڭ مەشھۇر، مەدەنىيىتى ئەڭ بۇرۇن تەرەققىي قىلغان دۆلەت ئىكەنلىكىنى قىسقىچە چۈشەندۈرۈپ بېرىشنى ئۈمۈت قىلىدۇ.» «بەختكە قارىشى، ش ت لىقلار ئۆز ئەجدادلىرىنىڭ نۇرغۇن شەرەپلىك تارىخىنى بىلمەيدۇ... تۈركىستاننىڭ تارىختا مۇستەقىل دۆلەت ئىكەنلىكىدىن گۇمانلىنىدۇ.» مۇشۇنداق بۆلگۈنچىلىك مەيدانىنىڭ يېتەكچىلىكدە، مۇھەممەت ئىمىن تۈركلەرنىڭ، تۈركلەرنىڭ ئىجدادى ھۇنلارنىڭ، تۈركلەرنىڭ يېقىن قوۋمى ئۇيغۇر (خۇيخې) لارنىڭ شۇنداقلا ئۇزاق قەدىمكى زاماندا تىيانشاننىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدا ياشىغان نۇرغۇن يەرلىك مىللەتلەرنىڭ ھەممىسى جۇڭگونىڭ قەدىمكى شىمال مىللەتلىرى ئىكەنلىكىنى، بۇ مىللەتلەر قۇرىغان يەرلىك ھاكىميەتلەرنىڭ ھەممىسى قەدىمكى ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزنىڭ بىر قىسىمى ئىكەنلىكىنى ئىنكار قىلغان. پۇرسەت بولسىلا، ئۇ بۇ مىللەتلەر قۇرىغان يەرلىك ھاكىميەتلەرنىڭ ھەممىسىنى «مۇستەقىل دۆلەتلەر» ئىدى، ئۇلار قەدىمكى ئۇلۇغ ۋەتىنىمىز-جۇڭگونىڭ بىر قىسىمى ئەمەس ئىدى، دېگەننى تەكىتلىگەن، ھەتتا بۇ دۆلەتلەرنى «جۇڭگو» بىلەن پۈتۈنلەي قارىمۇ قارىشى قىلىپ قويغان. ئالايلۇق، ئۇ كىتابىنىڭ «تۈركلەرنىڭ ۋەتىنى» دېگەن پاراگىرافىدا «ش ت (شىنجاڭنى دېمەكچى)، غەربىي تۈركىستان (سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىنى دېمەكچى) تۈركلەرنىڭ ۋەتىنى» دېگەن. «ئۇيغۇرلارنىڭ تەشكىلى» دېگەن پاراگىرافتا يەنە: «ش ت دا 19 مۇستەقىل دۆلەت بولغان» دېگەن. ئارقىدىنلا ئۇ بۇ 19 مۇستەقىل دۆلەتنىڭ قانداق قىلىپ «ئۇيغۇر دۆلىتى» دەپ ئاتىلىدىغان ئىككى دۆلەت بولۇپ بىرلەشكەنلىكىنى ئىزاھلىغان، ئاندىن ئۇ: «بۇ ئىككى ئۇيغۇر دۆلىتى پۈتۈنلەي مۇستەقىل، قۇدىرەتلىك دۆلەت ئىدى» دېگەن. ئۇ ھەتتا چىڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى دەۋرىدىكى تارىخ توغرىسىدىمۇ كۆزىنى يۇمۇپلا قارىسىغا سۆزلەپ، ئىنتايىن ئىشەنچلىك تەلەپپۇز بىلەن: « «چىڭ سۇلالىسى قوشۇنى ھەجىريە 1240-يىلى (مىلادى 1824-يىلى) جاھانگىر خوجىنى ئەسىر ئېلىپ بېيجىڭغا ئېلىپ كېتىپ، ھىجىريە 1241-يىلى (مىلادىيە 1825-يىلى) ئۆلتۈرۋەتتى. ئەمما جاھانگىر خوجىنىڭ ئوغىلى يەنىلا ش ت نىڭ پادىشاھسى بولۇپ، داۋاملىق قارىشلىق كۆرسەتتى. بەلكى جۇڭگو قوشۇنى خەلقنىڭ كۈچلۈك قارىشلىقىغا ئۇچىراپ ئىلگىرلىيەلمىدى، خەلق جۇڭگو قوشۇنلىرىغا قارىشلىق كۆرسەتكەن ئەھۋالدا مۇستەقىللىقنى ساقلاپ قالدى» دېگەن. پۈتۈن كىتابقا نەزەر سالساق، پۇرسەت بولسىلا ئۇ ش ت دىكى چوڭ-كىچىك ھاكىميەتلەرنىڭ ھەممىسى مۇستەقىل دۆلەت ئىدى، دېگەننى تەرغىپ قىلىپ، ھەممىلا جايدا «مۇستەقىللىق»، «مۇستەقىللىق» دەپ جار سېلىپ، شۇ ئارقىلىق مىللىي بۆلگۈنچىلىك داۋرىڭىنى كۈچەيتكەنلىكىنى كۆرەلەيمىز.
مۇھەممەت ئىمىن شىنجاڭنڭ قەدىمدىن بۇيان ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزنىڭ بىر قىسىمى ئىكەنلىكىدىن ئىبارەت بۇ پاكىتنى ئىنكار قىلىشقا ئامالسىز قالغاندا، بۇ، جۇڭگونىڭ «ش ت غا قىلغان تاجاۋۇزچىلىقى» دەپ جېنىنىڭ بېرىچە تۆھمەت قىلغان ھەمدە ۋەتىنىمىزنىڭ بىرلىككە كەلگەن ۋاقتىنى ئىلاج قىلىپ قىسقارتىشقا ئۇرۇنغان. ئۇ كىتابىنىڭ «جۇڭگونىڭ ش ت غا تۇنجى قېتىم بېسىپ كىرىشى» دېگەن پاراگىرافىدا مۇنداق دېگەن: «جاڭ چيەن مىلادىدىن 59 يىل بۇرۇن رۇران، قۇچۇ ئىككى دۆلەتنىڭ قوشۇنىنى مەغلۇب قىلىپ، بۇ ئىككى دۆلەتنىڭ زېمىنىنى ئىشغال قىلغاندىن كېيىن، قارا شەھەر، كۇچا، قەشقەر، يەكەن، خوتەن قاتارلىق 36 دۆلەتكە داۋاملىق ھۇجۇم قىلىپ ئۇلارنى مەغلۇب قىلدى ۋە بېسىۋالدى. جۇڭگو پادىشاھى جاڭ چيەننى ش ت نىڭ باش ھەربىي ۋالىلىقىغا تەيىنلەپ، لوپنۇر ئەتىراپىدىكى ئۇرلى (چېدىر) شەھىرىنى ۋالىي تۇرىدىغان جاي قىلىپ تاللىدى. جۇڭگونىڭ تارىخ كىتابلىرىدىكى خاتىرىلەرگە ئاساسلانغاندا، ش ت نى بېسىۋالغان ۋاقتى جەمىئىي 49 يىل بولغان.» ھازىرچە يۇقىرىدىكى ئابزاس سۆزدىكى تارىخىي پاكىتلارنىڭ خاتالىقىنى قويۇپ تۇرۇپ، غەربىي يۇرتنىڭ ئىچكىرىدىكى مەركىزىي خاندانلىقلار بىلەن بىرلىككە كەلگەن ۋاقتىغا كەلسەك، غەربىي خەن سۇلالىسى غەربىي يۇرتتا قورۇقچى بەگ تەسىس قىلغاندىن تارتىپ، شىمالىي لياڭ خانلىقى غەربىي يۇرتنى ۋاكالىتەن ئىدارە قىلغانغا قەدەر، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ 500 يىل ئۆتكەن، مۇھەممەت ئىمىن بولسا «جەمىي 49 يىل» دەپ توپتوغىرا ئوندىن توققۇز قىسىمىنى قىسقارتىۋەتكەن! يەنە ئالايلۇق، ئۇ تاڭ سۇلالىسىنىڭ غەربىي يۇرتتا ھۆكۈمرانلىق قىلغانلىقىنى بايان قىلىشقا مەجبۇر بولغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇ يەنە تاڭ سۇلالىسىنىڭ تالاس جېڭىدە مەغلۇب بولغانلىقىنى ھەۋەس بىلەن تەسۋىرلىگەن. ئۇ كىتابىنىڭ «ش ت نىڭ مۇستەقىللىقى ۋە ئۇنىڭ مىڭ يىلغىچە جۇڭگونىڭ تاجاۋۇزىدىن قۇتۇلىشى دېگەن پاراگىرافىدا مۇنداق دېگەن: «ئەبۇ مۇسىلىم گاۋ شيەنجىژنىڭ ئىنسانىيەتسىزلىك قىلمىشىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ھىجىريە 734-يىلى (مىلادىيە 751-يىلى) زىيادنى خۇراسان ۋە غەربىي ت دىكى تۈرك قوشۇنلىرىنىڭ باش قوماندانى قىلىپ، زور قوشۇننى باشلاپ جۇڭگوغا ھۇجۇم قىلىشقا ئەۋەتتى. گاۋ شيەنجىژ قارلۇق ۋە باشقا تۈرك قوشۇنلىرىدىن ئەسكەر ئېلىپ توسۇپ زەربە بەردى. ئىككى قوشۇن تالاس شەھىرى ئەتىراپىدا ئېلىشتى، سەككىز يىلدىن بۇيان جۇڭگونىڭ ھۆكۈمرانلىقىدىن قۇتۇلۇشنى كۈتۈپ تۇرغان تۈرك قوشۇنلىرى، بۇ چاغدا بىردەك ئىتتىپاقلىشىپ جۇڭگو قوشۇنلىرىغا زەربە بەردى. گاۋ شيەنجىژ بىرنەچچە ئادىمىنى ئېلىپ قېچىپ كەتتى. جۇڭگو قوشۇنى ئالدى ۋە كەينى تەرەپتىن زەربىگە ئۇچىراپ، پۈتۈنلەي يوقۇتىلدى... تۈركلەر جۇڭگونىڭ تۈركىستاندىكى ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، جۇڭگونىڭ تۈركىستاننى بېسىۋالغان كۈچلىرىنى تازىلىدى، شۇنىڭدىن ئېتىبارەن مىڭ يىلدىن ئارتۇق جەرياندا جۇڭگونىڭ قوراللىق كۈچلىرى ش ت غا قوراللىق تاجاۋۇز قىلالمىدى. تاكى ھىجىريە 1172-يىلى (مىلادى 1758-يىلى) غا قەدەر، تۈركىستان خەلقى جۇڭگونىڭ تاجاۋۇزىدىنى قۇتۇلۇپ، بەختىيار، خاتىرجەم ياشىدى.» يۇقارقى سۆزدە مۇھەممەت ئىمىن تالاس ئۇرۇشىدىن تارتىپ چىڭ سۇلالىسى شىنجاڭنى بىرلىككە كەلتۈرگىچە بولغان ۋاقىت ئىچىدە ش ت  «مۇستەقىل ئىدى» دەپ كېسىپ ئېيتقان. ئەمىلىي ئەھۋال زادى قانداق؟ ئالدى بىلەن تاڭ سۇلالىسىنىڭ ئەنشى قورۇقچى بەگ مەھكىمىسى جېنيۈەننىڭ 3-يىلى (مىلادى 787-يىلى) غىچە، بېشىبالىق قورۇقچى بەگ مەھكىمىسى جېنيۈەننىڭ 7-يىلى (مىلادى 791-يىلى) غىچە مەۋجۇت بولغان. ئارقىدىن ئۇيغۇر خانلىقى (ئۇرخۇن ئۇيغۇر خانلىقى) مىلادى 840-يىلغىچە ھۆكۈمرانلىق قىلغان. ئارقىدىن يەنە قۇجۇ ئۇيغۇر خانلىقى، كۆسەن ئۇيغۇر دۆلىتى، قاراخانىلار سۇلالىسى، قىتالار قۇرىغان غەربىي لىياۋ سۇلالىسى مەۋجۇت بولغان. ئەجىبا ئۇيغۇرلار (خۇيخېلار) بىلەن قىتانلار جۇڭگونىڭ قەدىمكى مىللەتلىرى ئەمەسمىكەن؟ ئۇنىڭدىن كېيىن چىڭگىزخاننىڭ موڭغۇل خانلىقى، چىڭگىزخان سۇيۇرغال قىلىپ بەرگەن زېمىندا قۇرۇلغان چاغاتاي خانلىقى، ئوگداي خانلىقى، قىپچاق خانلىقلىرىنىڭ غەربىي يۇرتتىكى ھۆكۈمرانلىقى، چاغاتاي ئەۋلادلىرىنىڭ تىيانشاننىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدىكى ھۆكۈمرانلىقى تاكى چىڭ سۇلالىسىنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىگىچە داۋاملاشقان. ئەجىبا موڭغۇللار جۇڭگونىڭ قەدىمكى مىللىتى ئەمەسمىكەن؟ جۇڭگونىڭ بۇ قەدىمكى مىللەتلىرىنىڭ شىنجاڭدا ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەنلىكى شىنجاڭنىڭ ئۇلۇغ ۋەتىنىمىز بىلەن بىرلىككە كەلگەنلىكىنىڭ پولاتتەك پاكىتى ئەمەسمۇ؟
بۇنىڭدىن باشقا، مۇھەممەت ئىمىن كىتابىنىڭ «بىرىنچى قېتىملىق ئىنقىلاب (جاھانگىر خوجىنىڭ توپىلىڭىنى دېمەكچى) تىن ئىككىنچى قېتىملىق ئنقىلاب (ۋەلىخان توپىلىڭىنى دېمەكچى) قىچە بولغان 50 يىل جەريانىدا ش ت نىڭ ئومومىي ئەھۋالى» دېگەن پاراگىرافىدا گەپتىن گەپ چىقىرىش ئۇسۇلىنى قوللۇنۇپ، ئۆزىنىڭ يەرلىك مىللىي بۆلگۈنچى قەبىھ ئەپتى بەشىرىسىنى قىپيالىڭاچ ئاشكارىلاپ مۇنداق دېگەن: «ش ت خەلقى ئىنقىلابىنىڭ مەقسىدى جۇڭگونىڭ ئاسارىتىدىن مەڭگۈ قۇتۇلۇپ، دۇنيادىكى ئەركىن مىللەتلەرگە ئوخشاش، ئەركىن، ئازاد تۇرمۇشتىن بەھرىمان بولۇش.» بۇ، مۇھەممەت ئىمىندىن ئىبارەت كونا ماركىلىق بۆلگۈنچىنىڭ ئاتالمىش «ئىنقىلابىنىڭ مەقسىدى» بولۇپلا قالماي، شىنجاڭدا يېڭىدىن پەيدا بولغان بارلىق مىللىي بۆلگۈنچىلەرنىڭمۇ «ھەرىكەت نىشانى.»
داۋامى («شىنجاڭ گېزىتى» 1991-يىلى 8-ئاينىڭ 24-كۈنى)
5. شىنجاڭنىڭ بىرلىككە كەلتۈرىلىشىگە «تاجاۋۇزچىلىق» دەپ تۆھمەت قىلغان
مۇھەممەت ئىمىن ئۇلۇغ ۋەتىنىمىز جۇڭگوغا قاتتىق ئۆچمەنلىك قىلىش دەرىجىسىگە يەتكەن. ئۇ كىتابىنىڭ «ش ت نىڭ ئەھۋالى ھەققىدە مۇلاھىزە» دېگەن پاراگىرافىدا مۇنداق دېگەن: «جۇڭگو ئەسلىدىنلا ش ت دىكى مىللەتلەرنىڭ 3000 يىللىق دۈشمىنى ئىدى.» «قەدىمكى تۈركلەر ۋە جۇڭگونىڭ سىياسىتى ھەقىدە تەھلىل» دېگەن پاراگىرافىدا مەسخىرە ئارىلاش مۇنداق دېگەن: «جۇڭگو تەرەپ گەرچە جۇڭگو مەدەنىيىتىنىڭ ئىلغارلىقىنى، سانائىتىنىڭ تەرەققى قىلغانلىقىنى دائىم كۆككە كۆتەرسىمۇ، لېكىن جۇڭگونىڭ سىياسىتى تاجاۋۇزچىلىق خارەكتېرىگە ئىگە.» ئۇ ھەتتا كىتابىنىڭ مەخسۇس ئاجىراتقان بىر پاراگىرافىغا «جۇڭگونىڭ سىياسىتى تاجاۋۇزچىلىق خارەكتېرىگە ئىگە، ئىنسانىيەتسىز، ھىيلىگەرلىك سىياسەت» دەپ ماۋزۇ قويۇپ، جۇڭگوغا بولغان قاتتىق ئۆچمەنلىكىنى ئىپادىلىگەن. ئۇ ئەڭ زەھەرخەندىلىك سۆزلەر بىلەن قارغاپ مۇنداق دېگەن: «جۇڭگو كۈچەيگەن ياكى ئاجىزلاشقان مەزگىللەردە بولسۇن، باشتىن ئاياغ تۈرك قەۋملىرىنىڭ كۈچلۈك رەقىبى بولۇپ كەلدى، ئۇرۇش دەۋرىدە ياكى تىنچ دەۋرىدە بولسۇن، جۇڭگو تەرەپ ھەقىقىي ئىناقلىق پوزىتسىيىسنى زادىلا ئىپادىلىمەي، ھەمىشە ئىنسانىيەتسىز روھىنى ئىپادىلىدى.»
شىنجاڭنىڭ ۋەتىنىمىز بىلەن بىرلىككە كېلىشى ئۇزاق تارىخىي جەرياننى بېسىپ ئۆتكەن، بۇ جەرياننىڭ ھەر بىر قەدىمى بىرلىككە كەلگەن كۆپ مىللەتلىك ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزنى بەرپا قىلىشقا قوشۇلغان تۆھپە بولۇپ، ئۇنى راسا مەدىھلەشكە ئەرزىيدۇ. ئەمما ھەر قېتىم بۇ ئۇلۇغ تارىخىي جەرياننى تىلغا ئالغاندا، مۇھەممەت ئىمىن ھامان ئۇنى كۈچەپ قارغىغان. ئۇ كىتابىنىڭ «جۇڭگونىڭ ش ت غا تۇنجى قېتىم بېسىپ كىرىشى» دېگەن پاراگىرافىدا مۇنداقك دېگەن: «جاڭ چيەن مىلادىدىن 59 يىل بۇرۇن رۇران، قۇچۇ ئىككى دۆلەتنىڭ قوشۇنىنى مەغلۇب قىلىپ، بۇ ئىككى دۆلەتنىڭ زېمىنىنى ئىشغال قىلغاندىن كېيىن، قارا شەھەر، كۇچا، قەشقەر، يەكەن، خوتەن قاتارلىق 36 دۆلەتكە داۋاملىق ھۇجۇم قىلىپ ئۇلارنى مەغلۇب قىلدى ۋە بېسىۋالدى. جۇڭگو پادىشاھى جاڭ چيەننى ش ت نىڭ باش ھەربىي ۋالىلىقىغا تەيىنلەپ، لوپنۇر ئەتىراپىدىكى ئۇرلى (چېدىر) شەھىرىنى ۋالىي تۇرىدىغان جاي قىلىپ تاللىدى.» بۇ يەردە مۇھەممەت ئىمىن خەن سۇلالىسىنىڭ غەربىي يۇرتنى بىرلىككە كەلتۈرگەنلىكىنى «بېسىۋالدى» دەپ قارىغان. «مەنچىڭ پادىشاھلىرىنىڭ ش ت نى بېسىۋېلىش غەرىزى ۋە بۇ غەرەزنىڭ ئەمەلگە ئېشىش سەۋەبلىرى» دېگەن پاراگىرافىدا مۇھەممەت ئىمىن چىڭ سۇلالىسىنىڭ شىنجاڭنى بىرلىككە كەلتۈرگەندىن كېيىنكى يۈرگۈزگەن سىياسىتى ئۈستىدە توختۇلۇپ مۇنداق دېگەن: «جۇڭگولۇقلار ئاسسىملاتسىيە سىياسىتىنى يۈرگۈزۈپ، تۈركىستاندىكى بارلىق مىللەتلەرنىڭ ئىرقىنى دۇنيادىن يوقۇتىۋەتمەكچى بولدى ھەمدە ش ت نى جۇڭگونىڭ بىر ئۆلكىسى قىلىپ يۇتىۋېلىش ئۈچۈن سۈيقەست قىلدى ۋە زەھەرلىك ۋاستىلەرنى قوللاندى. بۇنىڭدىن جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە جۇڭگو مىللىتىنىڭ ش ت خەلقىگە ئۆچمەنلىك قىلىش ھېسسىياتىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ.» بۇ يەردە مۇھەممەت ئىمىن چىڭ سۇلالىسىنىڭ شىنجاڭنى بىرلىككە كەلتۈرگەنلىكىنى «يۇتىۋېلىش» دەپ، «سۈيقەست»، «زەھەرلىك ۋاستە قوللاندى» دەپ جېنىنىڭ بارىچە قارغىغان. «ش ت نىڭ ئۆز ئىستىقبالىدىن مەھرۇم بولىشى» دېگەن پاراگىرافتا مۇھەممەت ئىمىن مۇنداق دېگەن: «ليۇ جىنتاڭ قەشقەرنى ئىشغال قىلغاندىن كېيىن، بىر ئەسكەر، بىر پاي ئوقمۇ چىقىم قىلماي، يەكەن، خوتەنلەرنى ئىگىلىۋالدى. مۇشۇنداق ۋەزىيەتتە، بىچارە ش ت جۇڭگونىڭ سۈيقەستىگە ئۇچىراپ، مىلادى 1877-يىلى، يەنى ھىجىريە 1294-يىلى ئىستىقبالىدىن مەھرۇم بولدى.» زو زۇڭتاڭ ۋە ئۇنىڭ قول ئاستىدىكى سەركەردە ليۇ جىنتاڭنىڭ قوقەنلىك تاجاۋۇزچى، ھەربىي ئاتامان ياقۇپبەگ باندىتلىرنى تازىلاپ، شىنجاڭنى يېڭىباشتىن تىنجىتىشىمۇ يېقىنقى زاماندا ۋەتىنىمىزنىڭ بىرلىككە كېلىشىدىكى زور ۋەقە ھېسابلىنىدۇ. مۇھەممەت ئىمىن بولسا بۇنى «جۇڭگونىڭ تاجاۋۇزچىلىقى» دەپ ئاتىغان ھەمدە قايغۇرغان ھالدا ش ت شۇنىڭدىن ئېتىبارەن «ئىستىقبالىدىن مەھرۇم بولدى» دېگەن. ئەجىبا شىنجاڭنى قوقەنلىك كېڭەيمىچى ئۇنسۇر بېسىۋېلىپ چەت ئەلنىڭ مۇستەملىكىسىگە ئايلاندۇرسا بۇنىڭ ئىستىقبالى بولغان بولامتى؟ مۇشۇ سۆزلەردىن مۇھەممەت ئىمىن مىللىي بۆلگۈنچىلا ئەمەس، بەلكى ۋەتەن ساتقۇچى ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.
6. تارىخنى ئۆزگەرتىپ، توپىلاڭ ۋە بۆلگۈنچىلىكنى «ئىنقىلاب» دەپ مەدھىيلىگەن
مۇھەممەت ئىمىن ئۇلۇغ ۋەتىنىمىز جۇڭگونى قارغاش بىلەن بىرگە، مۇستەقىللىق ۋە بۆلگۈنچىلىك ھەققىدە ھە دەپ داۋراڭ سېلىپ، شىنجاڭ تارىخىدىكى بىرلىككە قارىشى تۇرغان، بۆلگۈنچىلىك قىلغان توپىلاڭلارنىڭ ھەممىسىنى «ئىنقىلاب» دەپ مەدھىيلىگەن. ئۇ كىتابىنىڭ «شەرقتە قارلۇق دۆلىتى، غەربتە تۈركەش دۆلىتى قۇرۇلۇپ، كۆك تۈرك دۆلىتىنىڭ ئەسلىگە كېلىشى» دېگەن پاراگىرافىدا مۇنداق دېگەن: «كۆك تۈرك ئىمپېريىسى ئاغدۇرۇلغاندىن كېيىن، جۇڭگونىڭ زۇلىمى ئاستىدىكى تۈركلەر تۈرلۈك ئازاب-ئوقۇبەتلەرگە ئۇچىراپ، مۇنقەرزلىكنىڭ ئېچىنىشلىق ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتتى. جۇڭگودىن مەرتىۋە-ئۇنۋان ئالغان خانلار ۋە خائىنلار جۇڭگونىڭ ئۇلارنى ئەتىۋارلىغانلىقىدىن ناھايتى مەمنۇن بولۇپ، جۇڭگو ھەدىيە قىلغان سوۋغاتلارنى ئىنتايىن قىممەتلىك، چەكسىز شەرەپلىك، دەپ ھېسابلىدى. لېكىن ۋەتەنپەرۋەرلەر ۋە خەلق ئاممىسى ئۇلارغا نارازى بولۇپ، جۇڭگونىڭ زۇلمەتلىك ھۆكۈمرانلىقىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن پۇرسەت كۈتتى. شۇڭا قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ مۇستەقىللىق ئۈچۈن داۋاملىق كۈرەش قىلىش تۈرك رايونىدا دائىم يۈز بېرىپ تۇردى. ئاخىرى تۆۋەندىكى ئىككى ئىنقىلاب (قارلۇقلار بىلەن تۈركەشلەرنىڭ قوزغىلىڭىنى دېمەكچى) مۇۋەپپەقىيەت قازىنىپ، جۇڭگو قوشۇنىنى مەغلۇب قىلدى، تۈركلەر ئازاد بولۇپ، كۆك تۈرك دۆلىتى ئەسلىگە كەلدى.»
«تاڭنامە، تۈركلەر ھەققىدە قىسسە»، «يېڭى تاڭنامە، تۈركلەر ھەققىدە قىسسە» دىكى خاتىرلەرگە ئاساسلانغاندا، Ⅶ ئەسىر (7-ئەسىر) نىڭ ئاخىرىدا تۈركەشلەر غەربىي تۈركلەرنىڭ ئون قەبىلە خاقانى ئاسىنا قوشالوغا قارىشى كۈرەشتە پەيدىنپەي قۇدىرەت تېپىپ تۈركەش خانلىقىنى قۇرىغان. ئۇنىڭ قاغانلىرى شاگىل، سۇلۇلاز تاڭ سۇلالىسىگە تەۋە بولۇپ، تاڭ سۇلالىسى پادىشاھلىرىنىڭ ئۇتۇغاتىنى قوبۇل قىلىپ، تاڭ سۇلالىسى ئۈچۈن غەربتىكى چېگىرا رايوننى قوغدىغان. Ⅷ ئەسىر (8-ئەسىر) نىڭ ئوتتۇرلىرىدا، ئۇيغۇر (خۇيخې)، قارلۇق، باسمىل ئۈچ قەبىلە بىرلىشىپ شەرقىي تۈركلەرنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا قارىشى تۇرغان، غەلىبە قازانغاندىن كېيىن باسمىللارنىڭ سەردارىنى قاغان قىلىپ، ناھايتى قىسقا مەزگىل مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان باسمىل خانلىقىنى قۇرىغان، ئىككى يىلدىن كېيىن ئۇنىڭ ئورنىنى ئۇيغۇر خانلىقى ئىگىلىگەن. مۇھەممەت ئىمىننىڭ باسمىل خانلىقىنى خاتا ھالدا قارلۇق خانلىقى دەپ ئاتىغانلىقى، ئۇنىڭ تارىخ بىلىمى ئىنتايىن ئاز ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. تۈركەش خانلىقى بىلەن باسمىل خانلىقىنىڭ ھەر ئىككىسى غەربىي تۈركلەر بىلەن شەرقىي تۈركلەرنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا قارىشى چىقىپ غەلىبە قازانغاندىن كېيىن قۇرۇلغان مىللىي ھاكىميەتلەر ئىدى. مۇھەممەت ئىمىن بولسا قاراپ تۇرۇپ ئۇلارنى «جۇڭگو» غا قارىشى قىلغان «ئىنقىلاب»، «تۈركلەرنى ئازاد قىلغان» دەۋالغان. تارىخنى مۇنداق ئۆزگەرتىش قەدىمدىن ھازىرغىچە كەمدىن كەم كۆرۈلگەن!
«قەدىمكى تۈركلەر ۋە جۇڭگونىڭ سىياسىتى ئۈستىدە تەھلىل» دېگەن پاراگىرافىدا، مۇھەممەت ئىمىن ئاغزىغا كەلگەننى جۆيلۈپ مۇنداق دېگەن: «بەزىدە تۈرك ئىمپېريىسى جۇڭگودىن مەغلۇب بولغان، كۈچى ئاجىزلاشقان بولسىمۇ جۇڭگوغا بەيئەت قىلمىدى، باج-سېلىقمۇ تۆلىمىدى، قەتتىئىي ئىرادە بىلەن ئاخىرغىچە قارىشلىق كۆرسىتىپ ئۆلۈمگە پىسەنت قىلماي، شەرەپ بىلەن قۇربان بولدى. چۈنكى تۈركلەر ئاسارەت ئاستىدا ياشاشنى نومۇس دەپ بىلەتتى. شۇڭا ھەر بىر تۈرك مىللەت، دۆلەت ئۈچۈن ھېچنىمىسىنى ئايىماي شەرەپنى قولغا كەلتۈرۈشكە رازىكى، شان-شەرەپنى يوقۇتۇپ مەنىسىز ھايات كەچۈرۈشنى خالىمايدۇ.» 200 يىلدىن ئارتۇق تۈرك تارىخىنى ئەستايىدىل تەتقىق قىلساق، ئۇنداق ئىش زادىلا مەۋجۇت ئەمەسلىكىنى بىلىمىز. مۇھەممەت ئىمىن نېمىشقا جۇڭگوغا «ئاخىرغىچە قارىشلىق كۆرسىتىپ، ئۆلۈمگە پىسەنت قىلمىغان» تۈرك قەھرىمانلىرىنى ئويدۇرۇپ چىقىرىدۇ؟ ئۇنىڭ مەقسىدى-باشقا مىللىي بۆلگۈنچىلەرنى توپىلاڭ كۆتۈرۈشكە، پايدىسىز ئەھۋالدىمۇ «ئاخىرغىچە قارىشلىق كۆرسىتىپ، ئۆلۈمگە پىسەنت قىلماسلىق» قا قۇتىرىتىش. ئەمىلىيەتتە، مۇھەممەت ئىمىن ئۆزى ئەزەلدىن ئۇنداق قىلمىغان. «ش ت ئى ج» يىمىرىلگەندە ئۇ ئالدىراپ-تېنەپ خووتەنگە قاچقان. «خ ئى جۇمھۇريىتى» نىڭ كۈلى كۆككە سورۇلغاندا ئۇ يەنە ئالدىراپ-تېنەپ ھىندىستانغا قاچقان. ھىندىستاندا شان-شەرەپتىن ئۆز ئىختىيارى بىلەن مەھرۇم بولۇپ، مەنىسىز تۇرمۇش كەچۈرۈپ، ئەنگىلىيە جاھانگىرلىكىنىڭ سەدىقىسىگە تايىنىپ ئاخىرقى ئۆمىرىنى ئۆتكۈزگەن. بۇنىڭدىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدىكى، مۇھەممەت ئىمىننىڭ سۆزلىرىنىڭ ھەممىسى ئادەم ئالدايدىغان سەپسەتە.
چىڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى دەۋرىدە ۋە يېقىندا شىنجاڭدا يۈز بەرگەن توپىلاڭلارنى مۇھەممەت ئىمىن تېخىمۇ كۈچەپ مەدھىيلىگەن. چىڭ سۇلالىسى شىنجاڭنى بىرلىككە كەلتۈرگەن چاغدا، بۆلۈنمە ھاكىميەت بولىۋېلىشقا ئۇرۇنغان چوڭ-كىچىك خوجىلارنى يوقاتقان، ئۇلارنىڭ پەرزەنتىلىرى ئوتتۇرا ئاسىياغا قېچىپ كەتكەن. قوقەن كېڭەيمىچىلىرى شىنجاڭغا تاجاۋۇز قىلىشنى ئويلاپ، چوڭ-كىچىك خوجىلارنىڭ ئەۋلادلىرىنى شىنجاڭنى پاراكەندە قىلىشقا كۈشكۈرتۈپ، ئۇلارنى كېڭەيمىچىلىك سۈيىقەستى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرغان. چوڭ-كىچىك خوجىلارنىڭ ئەۋلادلىرىمۇ قايتا باش كۆتۈرۈپ «قولىدىن كەتكەن جەننىتى» نى قايتۇرۋېلىش خام خىيالىدا بولغان. مىلادى 1824-يىلدىن 1826-يىلغىچە توپىلاڭ كۆتەرگەن جاھانگىر خوجا چوڭ خوجا (بۆرھانىدىن) نىڭ نەۋرىسى ئىدى. مۇھەممەت ئىمىن ئۇنى «ئىنقىلابىي داھى» دەپ كۆكە كۆتۈرۈپ، ئۇنىڭ توپىلاڭچى كۈچلىرىنى «ئىنقىلابچى كۈچلەر» دەپ ئاتىغان. مۇھەممەت ئىمىن يەنە شۇ ئابزاستا يۇقۇرغا ئوخشاش سۆزلەر بىلەن مىلادى 1830-يىلىدىكى يۈسۈپ خوجا (چوڭ خوجىنىڭ چوڭ نەۋرىسى، جاھانگىر خوجىنىڭ تاغىسى) توپىلىڭىنى تەسۋىرلەپ، بۇ توپىلاڭنى «ئىككىنچى قېتىملىق ئىنقىلاب» دەپ ئاتىغان. ئارقىدىنلا يەنە تېخىمۇ كەڭ سەھپە ئاجىرىتىپ، مىلادى 1847-يىلدىن 1857-يىلغىچە بولغان ئارىلىقتا يۈز بەرگەن ۋەلىخان (جاھانگىر خوجىنىڭ ئىنىسى باۋدۇننىڭ ئوغىلى) توپىلىڭىنى «ئۈچۈنچى قېتىملىق ئىنقىلب» دەپ ئاتىغان. ئاخىرقى يەكۈندە بۇ توپىلاڭلارغا يۇقىرى باھا بېرىپ: «ش ت خەلقىنىڭ ئىنقىلابىنىڭ مەقسىدى جۇڭگونىڭ ئاسارىتىدىن مەڭگۈ قۇتۇلۇپ، دۇنيادىكى ئەركىن مىللەتلەرگە ئوخشاش ئەركىن، ئازادە تۇرمۇشتىن بەھرىمان بولۇش» دېگەن. ئەمىلىيەتتە، مەيلى جاھانگىر خوجا بولسۇن ياكى ۋەلىخان بولسۇن، ئۇلارنىڭ توپىلاڭلىرىنىڭ مەقسىدى شىنجاڭغا قايتىپ زومىگەر بولۇپ، ئەيشى-ئىشىرەتلىك تۇرمۇش كەچۈرۈشتىن ئىبارەت. مۇھەممەت ئىمىننىڭ بۇ توپىلاڭچىلار ئۈچۈن «مىللەتنىڭ ئەركىنلىكى، ئازادلىقى» دېگەن بايراقنى كۆتۈرۈپ چىقىشى «قوي كاللىسىنى ئېسىپ قويۇپ، ئىت گۆشىنى سېتىپ»، تېخىمۇ كۆپ نادان خەلقنى ئالدام خالتىسىغا چۈشۈرۈشكە ئۇرۇنغانلىق، خالاس.
7. توپىلاڭغا ۋە بۆلگۈنچىلىككە قۇتىرىتىش خىتابنامىسى
«ش ت تارىخى» دېگەن كىتابنىڭ ئاخىرىدا، مۇھەممەت ئىمىن شىنجاڭ تارىخىغا مۇناسىۋەتسىز بىر نېمىلەرنى يېزىپ، مىللىي بۆلگۈنچىلىك مەۋقەسى ۋە پوزىتسىيسىنى چىقىش قىلىپ، ئەينى چاغدىكى شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي ئەھۋالىغا باھا بەرگەن. ئۇ بۇ ئابزاس سۆزىگە «ش ت نىڭ ئەھۋالى ھەققىدە مۇلاھىزە» دەپ ماۋزۇ قويغان. ئۇنىڭ ئاساسىي مەزمۇنى مۇنداق: «بىر مىللەتنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرىشى ۋە تەرەققىياتى شۇ مىللەتنىڭ ئۆزىنىڭ ئېھتىياجى ۋە مۇقەددەس ۋەزىپىسى. مىللەتنىڭ مەۋجۇتلۇقى ۋە تەرەققىياتىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ھەر بىر كىشى تىرىشىپ كۈرەش قىلىشى، بارلىقىنى قۇربان قىلىشى لازىم. مىللەتنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرىشى ۋە تەرەققىيياتىدىكى بارلىق توسقۇنلۇق ۋە قىيىنچىلىقلارنى پائال يوقۇتىشى، يېڭىشى كېرەك. بىردەك ئىتتىپاقلىشىپ، كۈچنى توپلاپ، سىرتقى كۈچنىڭ ئاسارىتىدىن ساقلىنىشى لازىم. شۇنداق قىلغاندىلا ئاندىن مىللەتنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرىشى ۋە تەرەققىياتىنى ساقلىغىلى، بارلىق قىيىنچىلىقلارنى يەڭگىلى، بارلىق كۈرەشلەردە يەڭگىلى، سىرىتقى كۈچنىڭ بېسىمىنى چەكلىگىلى بولىدۇ. بۇ ھەر بىر كىشىنىڭ مۇقەددەس ئۇلۇغ ۋەزىپىسى. لېكىن ش ت لىقلار بۇ ۋەزىپىنى ئورۇنلاشقا تىرىىشچانلىق كۆرسەتتىمۇ؟ بىز بۇ مەسىلىگە شۇنداق جاۋاب بېرىمىزكى: ش ت نىڭ خەلقى ئۆزىنىڭ مۇقەددەس بۇرچىنى تېخى ئورۇندىغىنى يوق. ئىنتايىن ئاز ساندىكى كىشىلەر مىللەتنىڭ تەرەققىياتى ۋە مەۋجۇتلىقى ئۈچۈن كۈرەش قىلشىقا كۆڭلىدە ناھايتى قىزغىن بولسىمۇ، لېكىن ئەمىلىي ھەرىكەت قىلمىدى.» مۇھەممەت ئىمىن بۇ يەردە ھەر بىر «ش ت خەلقى» نى مىللىي بۆلگۈنچىلەرنىڭ خام خىيالىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن «بىردەك ئىتتىپاقلىشىش» قا، «كۈچنى توپلاپ كۈرەش قىلىش» قا كۈچىنىڭ بارىچە قۇتىراتقان. ئارقىدىنلا ئۇ يەنە مۇنداق دېگەن: «ش ت خەلقىدە مۇنداق روھىي ھالەتنىڭ پەيدا بولىشىغا ش ت خەلقىنىڭ كۆپ يىللاردىن بۇيان جۇڭگونىڭ سىياسىتىنىڭ ئاسارىتىدە ياشاپ غەپلەتتە قالغانلىقى ئاساسىي سەۋەب بولغان. شۇڭا ئۇلار دۆلەت دېگەن كۆز قاراشتىن، مىللىي ئېڭىدىن ۋە دىنىي ئېتىقادتىن ئايرىلىپ قالغاندىن كېيىن، تۈرك مىللىتىنىڭ مەنىۋىي ئالاھىدىلىكىنى ساقلىيالمايلا قالماستىن، بەلكى دۆلەت، مىللەت، دىن ئۈچۈن بارلىقىنى قۇربان قىلىش غەيرىتىنى يوقۇتۇپ قويغان.» بۇ يەردە مۇھەممەت ئىمىن «ش ت خەلقى» دىن دۆلەت قارىشى، مىللىي ئاڭ ۋە دىنىي ئېتىقادنى «كۈچەيتىش»نى، مىللىي بۆلگۈنچىلىك قىلىشقا ئىدىيىدە ھازىرلىنىشنى تەلەپ قىلغان. ئاخىرىدا ئۇ مۇنداق دېگەن: «ش ت دا ئۆز-ئۆزىنى ۋەتەنپەرۋەر، مىللەتپەرۋەر دەۋالغان نۇرغۇن كىشىلەر ئاغزىنىڭ ئۇچىدىلا شۇنداق دەيدۇ، ئەمىلىي ھەرىكىتى يوق. ئەمىلىي ھەرىكىتى بىلەن دۆلەت، مىللەت ئۈچۈن قۇربان بولۇشتىن ئايانماي كۈرەش قىلىدىغانلار ساناقلىقلا! ساناقلىقلا كىشى بىلەن مەقسەدكە يېتىش قىيىن.» بۇ يەردە مۇھەممەت ئىمىن «ۋەتەنپەرۋەر، مىللەتپەرۋەرلەر» نى بۆلگۈنچىلىك مەقسىدىگە يېتىش ئۈچۈن ئەمىلىي ھەرىكەت قوللۇنىشقا قۇتىراتقان.
مۇھەممەت ئىمىننىڭ بۇ پاراگىرافىدىكى سۆزلىرىنى توپىلاڭ قىلىشقا ۋە بۆلگۈنچىلىككە قۇتىرىتىش خىتابنامىسى، ئۇنىڭ قۇتىرىتىش ۋە قايمۇقتۇرۇش كۈچى ئىنتايىن كۈچلۈك دېيىشكە بولىدۇ. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە ۋەتەننىڭ بىرلىكى توغرىسىدىكى قارىشى ئانچە كۈچلۈك بولمىغان، ھېسسىياتقا بېرىلىپ كېتىدىغان كىشىلەر ، سىياسىي جەھەتتە گۆدەك، تۇرمۇشتا تەجىربىسىز ئاز سانلىق مىللەت ياش-ئۆسمۈلىرى ئۇنىڭغا ناھايتى ئوڭايلا ئالدىنىپ قالىدۇ.
8. «ئۇيغۇرلار»-«ش ت تارىخى» نىڭ كۆچۈرۈلمىسى
«ش ت تارىخى» نىڭ قەپەزدىن چىقىشى شىنجاڭغا چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتكەن، زەھىرى كەڭ تارقالغان. يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىن، ئۇلۇغ جۇڭگو كومۇنىستىك پارتىيسىنىڭ رەھبەرىكىدە تۈرلۈك مىللىي سىياسەتلەر توغىرا ئىجىرا قىلىنىپ، مىللىي تېرىتورىيىلىك ئاپتونومىيە ئەمەلگە ئېشىپ، شىنجاڭدىكى ھەر قايسى مىللەتلەر باراۋەر، ئىتتىپاقلىق، ئۆزئارا كۆيۈنىش، ھەمكارلىشىش، ئورتاق راۋاجلىنىش داغدام يولىغا ماڭدى.
لېكىن شۇنى كۆرىشىمىز كېرەككى، مەملىكىتىمىزنىڭ سىرىتىدىكى كاپىتالىزم كۈچلىرى تېخى خېلى كۈچلۈك، مەملىكەت ئىچىدە سىنىپىي كۈرەش تۈگەپ كەتكىنى يوق. شىنجاڭدا تار يەرلىك مىللەتچىلىك كەيپىياتى ئاز سانلىق كىشىلەرنىڭ ئىدىيىسىدە ھېلىمۇ چوڭقۇر ساقلانماقتا، ئايرىم مىللىي بۆلگۈنچىلەر قاراڭغۇ بۇلۇڭ-پۇچقاقتا يۇشۇرۇنۇپ تۇرماقتا. بولۇپمۇ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان سىرتقى دۈشمەن كۈچلەر شىنجاڭغا قاراتقان ئاغدۇرمىچىلىق، بۇزغۇنچىلىق ھەرىكەتلىرىنى كۈچەيتتى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە، بۇرژۇئاچە ئەركىنلەشتۈرۈش پىكىر ئېقىمى ئەدەپ كەتتى، تار يەرلىك مىللەتچىلىك كەيتپىياتى بىر ئاز ئۆسۈپ قالدى، ئايرىم مىللىي بۆلگۈنچىلەرمۇ قۇتىراشتى، «ش ت تارىخى» نىڭ چوڭقۇر تەسىرى ئاشكارلىنىشقا باشلىدى. تۇرغۇن ئالماسنىڭ «ئۇيغۇرلار» دېگەن كىتابى مانا مۇشۇنداق سىياسىي مۇھىت ۋە ئىجتىمائىي شارائىت ئاستىدا بارلىققا كەلگەن.
«ئۇيغۇرلار» دېگەن كىتاب ئەمىلىيەتتە «ش ت تارىخى» نىڭ كۆچۈرۈلمىسى. ئۇنىڭ بىردىن بىر ئوخشىمايدىغان يېرى شۇكى، مۇھەممەت ئىمىن «پانتۈركىزم» نى كۆككە كۆتەرگەن، ئۇنىڭ چەت ئەلدىكى دۈشمەن كۈچلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى خېلى قويۇق ئىدى. تۇرغۇن ئالماس بولسا «پانتۈركىزم» نىڭ ئۆزگەرگەن تۈرى-«پان ئۇيغۇرچىلىق» نى كۆككە كۆتۈرۈپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش، مىللىي بۆلگۈنچىلىكنى تەرغىپ قىلىش جەھەتتە شىنجاڭغا بىۋاستە ناھايتى يامان تەسىر كۆرسەتتى.
تۇرغۇن ئالماس تۈرلۈك ناتوغىرا ئۇسۇل ۋە ۋاستىلەرنى قوللۇنۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئورنىنى جېنىنىڭ بارىچە يۇقىرى كۆتۈرۈپ، كىتابىدا قايتا-قايتا، ئۇيغۇرلار «ئەڭ قەدىمىي مەدەنىيەتلىك خەلقلەرنىڭ بىرى»، «شەرقتە ھىنگان تاغلىرىدىن غەربتە كاسپى دېڭىزىغىچە، شىمالدا ئالتاي تاغلىرىدىن تارىتىپ جەنۇبتا ھىمالايا تاغلىرىغىچە» بولغان «ئوتتۇرا ئاسىيا» «ئۇيغۇرلارنىڭ ئانا يۇرىتى»، «ئوتتۇرا ئاسىيا ئەڭ قەدىمكى چاغلاردىن تارتىپ ئۇيغۇرلارنىڭ ئانا يۇرىتى بولۇپ قالماستىن، بەلكى دۇنيا مەدەنىيىتىنىڭ ئەڭ قەدىمكى، ئەڭ مەشھۇر ئالتۇن بۆشۈكىنىڭ بىرى» دەپ تەكىتلىگەن. ئۇ كىتابىدا يەنە تەكرار-تەكرار ئۇيغۇرلار ئۇلۇغ ئوغۇز ئىمپېريىسى-ئۇلۇغ ھۇن تەڭرىقۇتلىقىدىن تارتىپ سەئىدىيە خانلىقىغىچە بولغان 11 ئۇلۇغ ياۋروپا-ئاسىيا دۆلىتىنى قۇرىغان، دېگەن. شۇ ئارقىلىق مىللىي چوڭچىلىق سەۋداسىنى قۇتىرىتىشقا ئۇرۇنغان. خەنزۇ ۋە باشقا مىللەتلەر ئۈستىدە توختالغاندا، ئۇلارنىڭ پەزىلىتىنى قەبىھ دېمىگەن تەقدىردىمۇ تەبىئىيىتى مەككار دەپ، ياۋايى دېمىگەن تەقدىردىمۇ قالاق دەپ، مىللەتلەر ئارىسىدا دۈشمەنلىك ۋە ئۆچمەنلىك پەيدا قىلىشقا ئۇرۇنغان. تۇرغۇن ئالماس مۇھەممەت ئىمىننىڭ ئۇسۇلىنى قوللۇنۇپ، ساك، ھۇن، ئۇيسۇن، ياۋچى، سىيانپى، جۇرجان، قاڭقىل (ئېگىز ھارۋىلىقلار)، تۈرك قاتارلىق جۇڭگونىڭ قەدىمكى مىللەتلىرنىڭ ھەممىسىنى ئۇيغۇرلار دەۋېلىپ، شۇ ئارقىلىق بۇ مىللەتلەرنىڭ تارىخىنى ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى، بۇ مىللەتلەر ياشىغان جايلارنى ئۇيغۇرلارنىڭ دۆلىتىنىڭ زېمىنى قىلىۋالغان. تۇرغۇن ئالماس «ئۇيغۇرلار» دېگەن كىتابىدا يەنە «مۇستەقىللىق» نى كۆككە كۆتۈرۈپ، «بۆلگۈنچىلىك» نى تەرغىپ قىلغان. ئۇ ئۇلۇغ ۋەتىنىمىز جۇڭگونىڭ چېگىراسىنى سەددىچىن سېپىلى دەپ، قەدىمكى تارىخىي ئەمىلىيەتكە قىلچە پىسەنت قىلماي، سەددىچىن سېپىلىنىڭ سىرىتىدىكى جۇڭگونىڭ قەدىمكى مىللەتلىرى قۇرىغان يەرلىك ھاكىميەتلىرىنىڭ ھەممىسىنى «مۇستەقىل دۆلەت» دەپ ئاتىغان، ھەتتا ئۇلارنى «جۇڭگو» بىلەن قارىمۇ قارىشى قىلىپ قويغان. شۇڭا، «ئۇيغۇرلار» دېگەن كىتابتا «مۇستەقىل» دېگەن سۆز «ش ت تارىخى» دىنمۇ كۆپ چېلىقىدۇ. «جۇڭگو» بىلەن باشقا «يەرلىك مىللىي ھاكىميەتلەر» گە نىسبەتەن تۇرغۇن ئالماسنىڭ تۇتقان پوزىتسىيىسىنى، غەزەپ-نەپىرىتىنى ئېنىق دېيىشكە بولىدۇ. ئۇ «جۇڭگو»نى تىلغا ئالسىلا ئىختىيارسىز ھالدا «مەككار»، «ۋاپاسىز»، «زەئىپ»، «قالاق» دېگەندەك سەلبىي مەنىدىكى سۆزلەرنى ئىشلەتكەن. «باشقا مىللەتلەرنىڭ ھاكىميەتلىرى» (ئۇنىڭ قارىشىچە ئەمىلىيەتتە ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئۇيغۇرلار قۇرىغان دۆلەتلەر) نى تىلغا ئالسىلا ئاغىزى قۇلىقىغا يەتكەن ھالدا «مۇستەقىل»، «قۇدىرەتلەك»، «پارلاق»، «مەدەنىيەتلىك»، «باي» دېگەندەك ئىجابىي مەنىدىكى سۆزلەرنى ئىشلەتكەن. ئۇ ھەتتا ئۇزاق مۇددەتلىك تارىخنى كۆرمەي، بىردەملىك ۋەقەنى كۆرۈپ، «جۇڭگو» ھۇنلارغا، تۈركلەرگە ۋە ئۇيغۇرلارغا بېقىنغان، دەپ مۇئەييەنلەشتۈرگەن. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئۇ ۋەتىنىمىزنىڭ بىرلىكى ئۈچۈن ئۆچمەس تۆھپە قوشقان بەن چاۋغا ھە دەپ ھۇجۇم قىلىپ، ئۇنى «ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ ئۆزئارا زىددىيىتىدىن پايدىلىنىپ، بىر-بىرى بىلەن كاللا سوقۇشتۇرۇپ، ئۇلارنى ئۆزئارا ئۇرۇشقا سېلىپ قويۇپ، كۆپلەپ قان تۆكۈلۈشكە سەۋەب بولدى» دەپ ھاقارەتلىگەن. ئۇ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتكەن، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغدىغان ئاز سانلىق مىللەتتىن چىققان مۇنەۋۋەر تارىخىي شەخسلەر، ئالايلۇق، خەن سۇلالىسى  دەۋرىدىكى قوغۇشار تەڭرىقۇت، تاڭ سۇلالىسىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىكى ئاسىنا سۇنىس، ئۇيغۇر خانلىقى يىمىرىلگەندىن كېيىنكى ئونمىش (ھورمۇز) قاتارلىقلارغا ئىچ-ئىچىدىن ئۆچمەنلىك قىلىپ، ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى «خائىنلار» دەپ ئاتىغان. ۋەتەننىڭ بىرلىكىگە قارىشى چىققان، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلغان ئاز سانلىق مىللەتتىن چىققان مۇناپىقلارنى، ئالايلۇق، تاڭ سۇلالىسىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىكى كۇرشادنى تولوپ تاشقان ھاياجانلىق كەيپىيات ئىچىدە «شىر يۈرەك قەھرىمان» دەپ مەدھىيلىگەن. ھەتتا غەرەزلىك ھالدا مۇنداق دېگەن: «ئۇنىڭ نامى خەلق ئازادلىقى ۋە مۇستەقىلىقى  يولىدا كۈرەش قىلغان ۋە كۈرىشىۋاتقانلارنىڭ قەلبىدىن مەڭگۈ ئورۇن ئالدى ۋە ئالغۇسى.» بۇ يەردە بىز شۇنى سوراپ باقايلى: كىملەر «خەلق ئازادلىقى ۋە مۇستەقىللىقى يولىدا كۈرەشتى»؟ كىملەر «خەلق ئازادلىقى ۋە مۇستەقىللىقى يولىدا كۈرىشىۋاتىدۇ»؟ قانداق «خەلق» مەملىكىتىمىزدە «مۇستەقىللىق» ۋە «ئازادلىق» نى تەلەپ قىلىۋاتىدۇ؟ بۇ «خەلق» كىمدىن «مۇستەقىللىق» ۋە «ئازادلىق» تەلەپ قىلىدۇ؟ تۇرغۇن ئالماس رېئاللىق ئالدىدا مۇشۇ مەسىلىلەرگە جاۋاب بېرىشكە جۈرئەت قىلالامدۇ؟
مەيلى مەيدان ۋە پوزىتسىيە جەھەتتىن بولسۇن، ياكى نۇقتىنەزەر ۋە ئۇسۇل جەھەتتىن بولسۇن، «ش ت تارىخى» بىلەن «ئۇيغۇرلار» بىر زاۋۇدنىڭ بىر ساندۇققا قاچىلىغان ماللىرى. تېخىمۇ ئېنىقراق ئېيتساق، «ئۇيغۇرلار» دېگەن كىتاب «ش ت تارىخى» دىكى نۇرغۇن مەزمۇنلارنى ئاز-تولا ئۆزگەرتىپلا بىۋاستە كۆچۈرۋالغان. بۇ ئىككى كىتابنى ئەستايىدىل سېلىشتۇرساق، بۇنداق ئابزاسلار كەم دېگەندە 50 نەچچە يەردە ئۇچىرايدۇ.
مەنبە: «شىنجاڭ گېزىتى» 1991-يىلى 8-ئاينىڭ 23-، 24-كۈنىدىكى سانلىرى

ئۆي قاپلىنى

0

تېما

3

دوست

8889

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   77.78%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  10357
يازما سانى: 438
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2088
تۆھپە : 1286
توردىكى ۋاقتى: 376
سائەت
ئاخىرقى: 2013-4-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-17 21:33:09 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىشقىلىپ مۇشۇ خەقلەر ئەسكى دېگەنلەر ياخشى، ياخشى دېگەنلەر ئەسكى!
قۇتلان تېلفۇنلىرى

0

تېما

1

دوست

1607

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   3.06%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  14450
يازما سانى: 139
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 165
تۆھپە : 363
توردىكى ۋاقتى: 159
سائەت
ئاخىرقى: 2013-4-19
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-17 21:42:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
jackson يوللىغان ۋاقتى  2013-3-17 21:33
ئىشقىلىپ مۇشۇ خەقلەر ئەسكى دېگەنلەر ياخشى، ياخشى دېگە ...

پەرۋاز

ئۆي قاپلىنى

0

تېما

3

دوست

8889

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   77.78%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  10357
يازما سانى: 438
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2088
تۆھپە : 1286
توردىكى ۋاقتى: 376
سائەت
ئاخىرقى: 2013-4-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-17 21:49:55 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
amerka يوللىغان ۋاقتى  2013-3-17 21:42

سزنى دىمىدىم، خەن تارىخچىلىرىنى دەۋاتىمەن

0

تېما

2

دوست

1092

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   41.71%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9094
يازما سانى: 74
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 152
تۆھپە : 235
توردىكى ۋاقتى: 243
سائەت
ئاخىرقى: 2013-4-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-17 22:09:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
‏مۇشۇ تېرورچى ۋەتەن ساتقۇچلار بىلەن ۋەتەنپەرۋەرلەرنىڭ دىئالوگىنى،ياكى نەق مەيدان مۇنازىرىسىنى كۆرۈشكە پۇرسەت بولسىدى،تىرورچىلارنىڭ ئەپتى بەھشىرىسى ئېچىلىپ قانچىلىك شەرمىسار بولغانلىقىنى بىر كۆرسەك،يۈزلىرىگە تۈكۈرسەك،سەپسەتەڭ ئاقمىدىغۇ دەپ قوڭلىرىغا تەپسەك

باھا سۆز

xjabraham  ھاھا،، جانلىق  يوللىغان ۋاقتى 2013-4-10 11:16

0

تېما

1

دوست

78

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   39%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  15283
يازما سانى: 8
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 22
تۆھپە : 16
توردىكى ۋاقتى: 4
سائەت
ئاخىرقى: 2013-4-15
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-17 22:16:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنڭ ئاخىرنى ئوقۇشقا رايىم قاممىدى......................                                                                ھەي  ............

0

تېما

1

دوست

1607

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   3.06%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  14450
يازما سانى: 139
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 165
تۆھپە : 363
توردىكى ۋاقتى: 159
سائەت
ئاخىرقى: 2013-4-19
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-17 22:25:02 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
jackson يوللىغان ۋاقتى  2013-3-17 21:49
سزنى دىمىدىم، خەن تارىخچىلىرىنى دەۋاتىمەن

بىلىمەن  دوستۇم!

3

تېما

0

دوست

2320

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   23.43%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  16309
يازما سانى: 283
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 11
تۆھپە : 662
توردىكى ۋاقتى: 62
سائەت
ئاخىرقى: 2013-4-19
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-17 22:25:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۈچ خەتلىك ئىسمى بارلار گەپكە خېلى يامان جۇمۇ. مەن مەكتەپتە خېلى تىرىشىپ 1-2 يىل تەجرىبە ئىشلەپ ئۇقۇش پۇتتۇرۇش ماقالىسى يىزىپ ئۇقۇش پۇتتۇردۇم. ئۇلار تەجرىبىخانىغىمۇ تۇزۈك چىقماي 2 ئاي قالغاندا بىر توپ ماقالىلارنى توپلىۋېلىپ شۇلاردىن پايدىلىنىپلا قەغەز يۈزىدە تەجرىبىسىنى پۇتتۇرۇپ، ماقالىسىنىمۇ يىزىپ بۇلىدۇ. نۇرغۇن قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ ، سان-سىغىرلىرى جەدۋەل-جەدۋەل تولدۇرىۋىتىدۇ.
مۇناسىۋەتسىز گەپنى قىپ سالدىم كەچۇرۇڭلار
مۇناسى

باھا سۆز

yvsvf  بۇمۇ يېڭىچە ئەدەبىي ئۇسلۇب چېغى...  يوللىغان ۋاقتى 2013-3-17 22:36

0

تېما

0

دوست

282

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   41%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  15973
يازما سانى: 21
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 15
تۆھپە : 82
توردىكى ۋاقتى: 19
سائەت
ئاخىرقى: 2013-4-19
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-17 22:31:16 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
؟ ؟ ؟ ؟ ؟ ؟ ؟ ؟ ؟ ؟ ؟ ؟ ؟ ؟ ؟ ؟

1

تېما

0

دوست

717

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   79.25%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  13221
يازما سانى: 75
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 87
تۆھپە : 167
توردىكى ۋاقتى: 12
سائەت
ئاخىرقى: 2013-4-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-17 22:35:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
‹‹ئاخىرىدا ئۇ مۇنداق دېگەن: «ش ت دا ئۆز-ئۆزىنى ۋەتەنپەرۋەر، مىللەتپەرۋەر دەۋالغان نۇرغۇن كىشىلەر ئاغزىنىڭ ئۇچىدىلا شۇنداق دەيدۇ، ئەمىلىي ھەرىكىتى يوق. ئەمىلىي ھەرىكىتى بىلەن دۆلەت، مىللەت ئۈچۈن قۇربان بولۇشتىن ئايانماي كۈرەش قىلىدىغانلار ساناقلىقلا! ساناقلىقلا كىشى بىلەن مەقسەدكە يېتىش قىيىن.» بۇ يەردە مۇھەممەت ئىمىن «ۋەتەنپەرۋەر، مىللەتپەرۋەرلەر» نى بۆلگۈنچىلىك مەقسىدىگە يېتىش ئۈچۈن ئەمىلىي ھەرىكەت قوللۇنىشقا قۇتىراتقان››
    نېمىدىگەن جىق گەپ بۇ! ئۆزى مىسال ئېلىپ، ئۆزى يىشىپ بەرمىسىمۇ مۇھەممەتئىمىن بۇغرانىڭ بۇنچىلىك گەپلىرىنى ئۆزىمىز تەھلىل قىلالايمىز، يېشەلەيمىز! ‹‹ئۇنداق قىلغان، بۇنداق ئەتكەن›› دەپ دادلىغۇچە پاكىت بىلەن خاتالىقنى كۆرسەتسە بولمامدىكى!؟

باھا سۆز

niyaz1  سىز باش سۈرەت قىلىۋالغان ئىنسانمۇ ئەينى چاغدا مۇشۈ چيەن بوۋچۇەنلەر بىلەن بىر سەپتە تۇرۇپ بىللە يازغان  يوللىغان ۋاقتى 2013-3-19 01:36
arslan428  خەنزۇۋان بۇيىچە:大家都讲道理嘛。شۇنداق قىلغىنى  يوللىغان ۋاقتى 2013-3-17 23:05
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

ئۇلىنىش قوشوش|بايقاش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|باغداش مۇنبىرى ( 新ICP备06003611号-1 )  

GMT+8, 2013-4-19 15:06 , Processed in 0.071274 second(s), 6 queries , Memcache On.

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش