- تىزىملاتقان
- 2011-2-25
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-4-6
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 7481
- نادىر
- 2
- يازما
- 291
ئۆسۈش
49.62%
|
مىللى كىملىكىمىزنى كىملەر قوغداۋاتىدۇ
ئۈمىدۋارمەن
يېىقىندىن بىرى،زىيالى قالپىقىنى كىيۋالغان(گەرچە سالاھىتى توشمىسىمۇ) نەپسى خاھىشىغا ئەگەشكەن، بىرقىسىم شەخسىيەتچى كىشىلەر، مىللەتنى سۆيگەن قىياپەتتە مەيدانغا چىقىپ قېرىنداش مۇسۇلمان مىللەتلەرگە ناھەق تىل تەككۈزۈپلا قالماستىن، مەقسەتلىك ھالدا مىللى مەدىنىيەتلىرىمىز بىلەن دىنى كۆرسەتمىلەرنى زىددىيەتلەرشتۈرۈش ئۈچۈن، قىلچە مەنتىقىگە ئۇيغۇن بولمىغان بىمەنە سۇئاللارنى مەيدانغا كەلتۈرۈپ ، نادان(مۇكەممەل دىنى چۈشەنچىگە ئىگەبولمىغان) كىشىلەردە ،ئىسلامدىن گۇمانلىشىش ھالىتىنى شەكىللەندۈرۈشكە تېرشىۋاتىدۇ، ئەمەلىيەتتە سەگەك كىشىلەر،بۇلارنىڭ ، مىللى بىرلىكلىرىمىزدىن بىرى بولغان، ئىتقات بىرلىكىمىزنى بۇزۇشقا ئۇرنىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلالسىمۇ،يەنە بىرقىسىم نادان خەلقىمىز،ئۆزلىردىكى مىللى قىزغىنلىقى تۈپەيلى، ئۆزلىرى تۇيماستىن شۇئالارغا ئەگىشىپ كىتىۋاتقانلىقى، مىنى بۇ ھەقتە ئازراق چۈشەنچە بىرىشكە مەجبۇر قىلدى.
ئىسلام قاندقتۇر ،زىيالى تونىغا ئورنىۋالغان تار مىللەتچى كىشىلەر تۆھمەت قىلغاندەك، ئىنسلاردىن مىللەت ئۇقۇمىنى يوققا چىقىرىدىغان، دوگما ،خۇراپات دىن ئەمەستۇر.
ئىسلام ھېچ قاچان، ھېچ قانداق ئۇرۇندا، ئادەملەردىكى مىللەت ئۇقۇمىنى ئىنكار قىلمىدى ۋە ئىنكار قىلمايدۇ، بەلكى ئاللاھ تائالا،ئەگەر خالىغان بولسا بارلىق ئىنسانلارنى بىر دىن، بىر مىللەت ، قىلىپ يارتىدىغانلىقىنى ، لېكىن مەلۇم ھېكمەتلەر تۈپەيلى، خىلمۇ-خىل مىللەت قىلىپ ياراتقانلىقىنى مۇقەددەس كىتاپ مۇنداق بۇيان قىلىدۇ: << ئەگەر پەرۋەردىگارىڭ خالسا ئىدى، ئادەملەرنى ئەلۋەتتە بىر ئۈممەت قىلاتتى>> (سۈرە ھۇد 118- ئايەتنىڭ بىرقىسمى)
ئاللاھ تائالا ئادەملەرنى خلمۇ- خىل مىللەت قىلىپ يارتىشىنىڭ ھېىكمىتىنى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ:<< ئى ئىنسانلار! سىلەرنى بىز ھەقىقەتەن بىر ئەر، بىر ئايالدىن، (ئادەم بىلەن ھەۋۋادىن ئىبارەت) بىر ئاتا بىر ئانىدىن ياراتتۇق ئۆز ئارا تونۇشۇشۇڭلار ئۈچۈن سىلەرنى نۇرغۇن مىللەت ۋە ئۇرۇق قىلدۇق، ھەقىقەتەن ئەڭ تەقۋادار بولغانلىرىڭلار اﷲ نىڭ دەرگاھىدا ئەڭ ھۆرمەتلىك ھېسابلىنىسىلەر (يەنى كىشىلەرنىڭ بىر - بىرىدىن ئارتۇق بولۇشى نەسەب بىلەن ئەمەس، تەقۋادارلىق بىلەن بولىدۇ)، اﷲ ھەقىقەتەن ھەممىنى بىلگۈچىدۇر، ھەممىدىن خەۋەرداردۇر>> (سۈرە ھۇجرات 13- ئايەت)
ساغلام ئەقىل ئىگىىسى، يۇقارقى ئاللاھنىڭ سۆزلىرىدىن ئىسلامنىڭ مىللەتكە بولغان مەيدانىنى ھېس قېلالايدۇ.
ئىسلام ھەرقانداق ئىشتا ئۆزىگە ئادىللىقنى ئاساسى پىرىنسىپ قىلغان، ئىنسان تەبئىيتىدىكى ئەڭ نازۇك ھالقىلارغىچە، ئادىللىق قىلىشنى تەلەپ قىلىدىغان دىن بولغاچقا، شەخسىيەتچىلىككە قەتئى قارشى تۇرىدۇ، چۈنكى تار مىللەتچى كىشىلەرنىڭ دەۋاسى قانداقتۇر، نۇقۇل مىللەتۋازلىق مەسىلىسى بولماستىن، مىللەت مەسىلىسىدە باشقا مىللەتنى، يۇرت مەسىلىسىدە باشقا يۇرتلىقلارنى، مەھەللە مەسىلىسىدە باشقا مەھەلىلىكلەرنى،ئەڭ ئاخىردا مەلۇم پەنپەئەت ئۈستىدە بىر قۇساق قېرىندىشىنى چەتكە قاقىدۇ،دە ئۆزىنىڭ شەخسىيەتچىلكىنى ئاشكارلاپ قويىدۇ، مانا بۇ ئۇلارنىڭ ماھىيتى.
نۆۋەتتىكى ئىتتىپاقلىق تەكىتلىنىۋاتقان جەمئىيەتتە ئىتتىپاقلىشىمىز دەيدىكەنمىز مىللى خاسلىقىمىزنى قوغدىغان ئاساستا ئىتقات بىرلىكى ئاساسىدا ئىتتىپاقلىشىشىمىز كېرەك، ئىتقات ئاساسىدىكى برلىك مۇستەھكەم يىمىرىلمەس بىرلىكتۇر. ئىتقات بىرلىكى ئاساسىدىكى ئىتتىپاقلىققا ئۈلگە، نەمۇنە تەلەپ قىلغۇچىلارغا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھاياتى يىتەرلىك ئۈلگە بولالايدۇ.
يەنە گۇمانى كۆز قاراشتا بولغۇچىلارغا ئەرەبلەرنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىغا قاراپ بېقىشىنى، ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى قۇرئان - ھەدىس بىلەن ئۆلچەپ،ئۇلارنىڭ بۇنداق خارلىق زەبۇنلۇققا دۇچار بولىشنىڭ سەۋەبى ھەققىدە ئازراق ئىزدىنىپ بېقىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن.
تار مىللەتچى كىشىلەر، دەۋا قىلىۋاتقان كەلگۈسى، ئەرەبلەرنىڭ بۈگۈنى شۇ. بۇنىڭدىن ساۋاق ئېلىشىمىز كېرەك.
ئۇلار بۈگۈنكى كۈنگە مىللىتىدىن ۋاز كىچىپ ئەمەس، دىندىن يىراقلىشىپ كىلىپ قالغان دىسەك خاتالاشمايمىز، ئەگەر نۇقۇل ھالدا مىللى خاسلىق مىللەتنى بىرلەشتۈرەلسە ئىدى،بىر مىللەت بولغان ئەرەبلەر يىگىرمە نەچچەدۆلەتكە بۆلنىپ ياشىمىغان بۇلاتتى. بەلكىم بۇنىڭغا قارىتا ،تار مىللەتچى كىشىلەر: ئۇلار سىزدەك ئىتقات بىرلىكىنى ئاساس قىلىمىز دەپ تۇرۋالغۇچىلار سەۋەبىدىن بىرلىشەلمىگەن دىيىشى مۇمكىن(مەلۇم مۇنبەردە بىرسى شۇنداق يازغان) بۇلار ، ئۇنداقتا ئەرەبلەر ئىسلام كىشىلىشتىن ئىلگىرى نىمىشقا بىرلىشەلمىگەن؟ دىگەن سۇئالنىڭ جاۋابى ھەققىدە ئوينىلىپ باقسا،ئوخشاش تېلدا سۆزلەشنىڭ ئىتتىپاقلاشتۇرۇشقا يىتەرلىك ئەمەسلىكىنى، بىرلەشكەن تەقدىردىمۇ ئۇزۇنغا بارمايدىغانلىقىنى ھېس قېلالايدۇ،بۇنىڭغا تارىخمۇ ھەم گۇۋاھ بۇلالايدۇ.
ئىنىقراق قىلىپ ئېيتقاندا: تار مىللەتچى كىشىلەر ئىسلامنىڭ ھەق دىن ئىكەنلىكىدىن گۇمانلىنىدۇ، ئىسلامنىڭ سېستېمىلاشقان ئىددىۋى- نەزەرىۋىيلىككە ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلمەيدۇ ياكى ئىشەنمەيدۇ، ئىسلام مىللى مائارىپ ۋە ئىجتىمائى تەرەققىيات ئاساسىدىكى مىللى مەنپئەتكە ئەھمىيەت بەرمەيدۇ، دەپ گۇمانلىنىدۇ، مائارىپتىكى قاتماللىق، تەرەققىياتتىكى قالاقلىق، روھىيەتتىكى زەئىپلىق
خەلىقتىكى ساپاسىزلىقتىن ئىبارەت بۇ مەسىلىلەرنىڭ پەيدا بولۇش سەۋەبى ھەققىدە ئىزدەنمەستىن پاكىتسىز ھالدا ئىسلامغا يۈكلەپ، خەلقىمىزدە ئىسلامدىن قورقۇش كەيپىياتنى شەكىللەندۈرۈشنى مەقسەت قېلىدۇ، لېكىن بۇلار، مۇسۇلمانلار(ئۇيغۇرلار) توپىدىن ئايرىلىپ قېلىشتىن قورقۇپ، ئۆزدىنىڭ دەھرىيلىكىنى يۇشۇرۇپ،قارىماققا مۇسۇلمانلىق دەۋاسىدا چىڭ تۇرىدۇ، يەنە بۇلار مىللى خاسلىقنىڭ ئىسلام كۆرسەتمىلىرى تەرپىدىن ئاتلىماتسىيە بولۇپ كىتىشىدىن ئەنسىرەپ، ناتوغرا ئىددىيە بىلەن قۇراللىنىپ ئىسلامدىن مۇداپىئەلىنىش ھالىتىدە تۇرىدۇ، مانا مۇشۇنداق خاتا چۈشەنچىلىرى بىلەن ئىسلام بىلەن مىللەتنىڭ مۇناسىۋىتىنى قاتماللاشتۇرۋېتىدۇ، ۋەھالەنكى ئىسلام مىللەت سۆيەر دىن بولۇپ، ئىتقات بىرلىكى ئاساسىدىكى، ئۆرۈپ – ئادەت ، مىللى ئەنئەنىلەرنى قوغدايدۇ. مىللەتنىڭ مەجۇتلىقىغا ئالاقىدار بارلىق مىللى خاسلىق ئىسلام ئىتقاتىدا بىرلىككە كەلگەندىلا ھەرخل تارىخى دەۋىرلەرنىڭ بوران چاپقۇنلىرىغا بەرداشلىق بېرەلەيدۇ،شۇندىلا مىللەتنىڭ خاسلىقلىرى ئىسلامدىن ئىبارەت بۇ چوڭ سېپىل بىلەن قوغدانغان بولىدۇ.
يازمىمىزنىڭ تېىمىسىغا ماس ھالدا، مىللى ئۆرۈپ – ئادەتلىرىمىزنى قوغداشتا كىملەرنىڭ ھەقىقى كۈچ چىقىرۋاتقانلىقى ھەققىدە ئازراق ئويلىنىپ،جەمئىيەتكە ئىنساپ نەزىرىمىزنى ئاغدۇرۇپ باقساق،يۇقاردا بىز تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن تار مىللەتچى كىشىلەرنىڭ دەۋاسىنىڭ قۇرۇق شۇئار ئىكەنلىكىنى ھېس قىلماق تەس ئەمەس. مەسىلەن:ئۇلار < سەللە ئەرەپلەرنىڭ كىيىمى، ئۆزىمىزنىڭ دوپپىسىنى كىيىشىمىز كېرەك > دەپ جار سالدى، ئەمەلىيەتتەئۇلار ئۆزلىرى دپپا كەيدىمۇ ؟ ياق ! قارايدىغان بولساق، دوپپىنى يەنە دىنى كىشىلەر كەيدى، < مىللى كىيىم كىچەكلەرنى كىيىپ، ئۆرۈپ ئادەتلىرىمىزنى ساقلايلى > جار سالدى.ئەمەلىيەتتە ئۇلارنىڭ ئايال- قىزلىرى كەيدىمۇ ؟ ياق . ھاراق بوتۇلكىسنىڭ قوڭىدەك كۆزەينەكنى تاقاپ جەمئيەتنى ئۇنداق ئىسلاھ قىلايلى، بۇنداق ئىسلاھ قىلايلى دەپ ھەرخىل ماقالە ئەسەرلەرنى يېزىپ، كەچلىكلىرى ھاراق سورۇنلىرىدىن كىلەلمىدى(زىيالى تونىغا ئورنىۋالغان تار مىللەتچىلەرگە قارتىلغان) ئۇنىڭ قارشىسىدا مىللى كىيىم كىچەكلىرىمىز يەنە شۇ دىنى مۇھىتى قۇيۇق شەھەرلەدە كۆپ كىيىلدى. شۇنىڭغا ئوخشىغان مىساللار ئىنتايىن كۆپ،قايسى يۇرتتا دىنى پۇراق كۈچلۈك بولسا، شۇيەردە مىللى پۇراق كۈچلۈك بولدى، دىمەك دىنى ئىتقات بىلەن مىللى كىملىك باشقىلار ئويلىغاندەك تەتۈر تاناسىپ ئەمەستۇر.
مىللى كىملىكنى قوغداشتىدىكى ئەڭ ياخشى يول، ئىتقات يۇلى، بولۇپمۇ بىزگە ئوخشاش مىللى ئۆرۈپ ئادەتلىرى بىلەن ئىسلام ئۆرۈپ ئادەتلىرى ماس گىرەلىشىپ كەتكەن مىللەتلەرگە نىسبەتەن تېخىمۇ شۇنداق .
بۈگۈنكىدەك ئىتتىپاقلىق كەڭ تەشۋىق قىلنىۋاتقان جەمئىيەتتە بۇندىن ئىلگىرى ھېچكىم تالاش-تارتىش قىلمىغان ئىشلار ئۈستىدە، تالىشىپ زىھنىمىزنى ئىسراپ قىلماي، مىللەتنى ئىسلاھ قىلىش يوللىرى ئۈستىدە بىرلىكتە ئىزدەنسەك، يامان نىيەتلىك كىشىلەرنىڭ بۇ ھەقتىكى مۇنازىرلىرىگە قاتنىشىپ ئۇلارنى تونۇتۇشقا ياردەمدە بولماسلىقىمىزنى تەۋسىيە قىلىمەن!
|
|