قولاي تىزىملىك
ئىگىسى: yalqunbol

بىز ئەر ئەمەس، مۇسۇلمانمۇ؟داۋۇت ئوبۇلقاسىم

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

0

تېما

4

دوست

4519

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   86.26%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8496
يازما سانى: 313
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 978
تۆھپە : 728
توردىكى ۋاقتى: 551
سائەت
ئاخىرقى: 2013-4-10
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-20 20:38:51 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ajiza يوللىغان ۋاقتى  2013-3-20 16:10
53----قەۋەتتىكى    ئىنكاسقا   ---------
قۇرئان  ۋە  ھەدىستە   پۈت ...


قۇرئان ۋە ھەدىسنى ئەقىل ۋە ۋىجدان بىلەن ئوقىمىغاندا ئىنسانغا ھېچقانداق بىر توغرىنى كۆرسىتىپ بېرەلمەيدىغانلىغىنى تالاي مىساللار بىلەن سۆزلەپ كېلىۋاتىمەن.
سىز بولسىڭىز قۇرئان ۋە ھەدىسلەر بار يەردە ئېنسانغا ئەقىل لازىم بولمايدۇ، بۇلارنىڭ ئۆزى ۋىجدان،  بۇلارنى ئوقۇش ۋە تىڭشاشقىلا بولىدۇ ، ئويلاش ، تۇيۇش  ، بۇ ھەقتە تەپەككۈر قىلىش دېگەنلەرلازىم بولمايدۇ دەپ كېلىۋاتىسىز.  ئەقلىڭىزنى ئىشلىتىشكە يەنىمۇ تىرىشىپ بېقىڭ..!!

2

تېما

0

دوست

7541

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   50.82%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  3396
يازما سانى: 298
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 1925
تۆھپە : 1056
توردىكى ۋاقتى: 304
سائەت
ئاخىرقى: 2013-4-10
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-20 21:40:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چارچاپ قالغاچقا يېرىمىدىن ئازراق ئۇقۇدۇم ، ئاپتورنىڭ مەقسىدى ئايان بولدى ، دەرۋە ئارلاشتۇرۇش بىمەنىلىك ، ئۇيغۇر بولغىنى ئۈچۈن مۇسۇلمان بۇلالمايدىغان ياكى ئەر بولغىنى ئۈچۈن مۇسۇلمان بۇلالمايدىغان ئىش يوق ئەلۋەتتە .

ئەقىل ساھىپلىرى بۇ سۇئاللار ئۈستىدە مۇنازىرە قىلمايدۇ.
قۇتلان تېلفۇنلىرى

0

تېما

4

دوست

1805

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   8.71%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  16044
يازما سانى: 241
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 10
تۆھپە : 518
توردىكى ۋاقتى: 30
سائەت
ئاخىرقى: 2013-4-10
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-20 23:08:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نە، ئۇ  داغۇرىستان دىگەن ؟ بۇ يەردە ئۇلارنىڭ ، قىلمىشىنى مۇزاكىرە قىلىشنىڭ ئورنى يوق. داغۇرۇستاندىكىلەرگە ، شۇنداق پەلسەپە بىلەن، چۈشەنچە بەرسىڭىز تېخىمۇ ياخشى بولاتتى!
ئەشۇ داغۇرلار ، ئۇيغۇرلارنىڭ پوقىدىن يىسىمۇ تۈزۈلمىگىدەك... ئەمسە، ۋھي بىچارىلەر!
پەرۋاز

0

تېما

4

دوست

1805

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   8.71%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  16044
يازما سانى: 241
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 10
تۆھپە : 518
توردىكى ۋاقتى: 30
سائەت
ئاخىرقى: 2013-4-10
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-20 23:10:16 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   kiya تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-3-20 23:12  

نەدە ئاڭلىغىنىڭىزمۇ ئىسىڭىزدە يوق بولغان بىر يۇمۇرنى، شۇنداق (كاتتا  )پەلسەپە بىلەن ،چۈشەندۈرۈش بىر ئەقىلسىزلىك خالاس!
قىلنى،  قىرىققا يىيىۋىتىپسىز ........ يۇمۇرنى، ئەمىلىيەت دەپ چۈشىنىۋاپسىز ، توۋا !

1

تېما

1

دوست

5299

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   5.98%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9071
يازما سانى: 312
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 1143
تۆھپە : 849
توردىكى ۋاقتى: 543
سائەت
ئاخىرقى: 2013-4-8
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-21 00:30:58 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
      تېما ئىگىسى مىسال كەلتۈرگەن داغىستاندىكى يۇمىرىستىك ۋەقە ئۆتكەندە كۆك ھىلالنىڭ تېمىسىدا مەلۇم بىر ئايال تورداش تەرەپىدىن ئوتتۇرىغا تاشلانغانىدى. چېچىنىيىدىكى مەلۇم بىر مەسچىتتە يۈز بەرگەن مەزكۈر يۇمىرىستىك ۋەقە دەل ئاپتور تىلغا ئالغان داغىستاندا يۈز بەردى دېگەن يۇمىرىستىك ۋەقەنىڭ ۋارىيانتى ئىدى.
     نەپسى-خاھىشىغا ئەگەشكەن بىر قىسىم تار مىللەتچى ئۇنسۇرلار زەھەرخەندىلىك قىلىپ، ئاللاھ-نىڭ نۇرى بولغان ئىسلامغا غەيرى پوزىتسىيىدە مۇئامىلە قىلىۋاتىدۇ. ئىسلام تار مىللەتچى ئۇنسۇرلار گۇمان قىلغاندەك دوگما، خۇراپات ئەمەس. بەلكى، ئىجتىمائىي ئادىللىقنى ئۆزىگە تۈپ پىرىنسىپ قىلغان، ئىنسان تەبىيئىتىدىكى ئەڭ نازۇك ھالقىلارغىچە ئادىل مۇئامىلە قىلىشنى بىلىدىغان ئىلغار دىندۇر. ئۆتكەندە ئاپتورنىڭ مۇشۇ باغداش تورىدا ئېلان قىلىنغان ‹‹قانداق قىلىش كېرەك›› سەرلەۋھىلىك ماقالىسى بىلەن مەزكۈر ماقالىسدىكى ئېتىقادىمىزغا دائىر مەركىزىي ئىدىيە بىر نۇقتىغا يېغىنچاقلانغان:
    يەنى ئىسلامدىن گۇمانلىنىش، ئاغرىنىش، ياتسىراش، ئىسلام ئوبىرازىنى خۇنۈكلەشتۈرۈش ۋە ئىسلام بىلەن شەخىسنىڭ مۇناسىۋېتىنى پەرىقلەندۈرەلمەسلىك جەھەتلەردە ئالاھىدە گەۋدىلىك بولغان.
      1. ئىسلامدىن گۇمانلىنىش.
       تار مىللەتچى ئۇنسۇرلار ئىسلامنىڭ ھەق دىن ئىكەنلىكىدىن گۇمانلىنىدۇ. ئۇلار ئىسلامنى سېستىمىلاشقان ئىدىيېۋىي-نەزىرىيېۋىيلىككە ئىگە بولغان پەلسەپە مېتودىغا ئىگە ئەمەس دەپ قارايدۇ. ئىسلامدىكى ۋەز-نەسىھەتلەر - تار مىللەتچىلىك تەرغىپ قىلىۋاتقان مىللىي ئاڭ،  مىللىي مەدەنىيەت، مىللىي غورور، مىللىي روھ ۋە مىللىي ئىدىيولوگىيىگە شۇنداقلا مۇشۇ ئاساستا بارلىققا كەلگەن مىللىي دۆلەتكە رەھبەرلىك قىلالمايدۇ دەپ گۇمانلىنىدۇ. ئىسلام مىللىي مائارىپ ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئاساسىدىكى مىللىي مەنپەئەتكە دەخلى-تەرۇز قىلىدۇ، دەپ گۇمان قىلىدۇ. تار مىللەتچى ئۇنسۇرلار دىن بىلەن مىللەتنىڭ مۇناسىۋېتىنى شۇنداق قاتماللاشتۇرۇپ قويىدۇ.
     ئىسلام تار مىللەتچىلىكنى ياقىلىمايدۇ. ئىسلام مىللەت سۆيەر دىندۇر. ئۇ، ئىسلام بىرلىكى ئاساسىدىكى ئېتىقاد، ئەقىيدە،ئەخلاق، مىللىي ئەنئەنە ۋە مىللىي ئۆرىپ-ئادەتنى ياقىلايدۇ. ئىسلام ئالاھىدىلىكىگە ۋە ئىسلام مەدەنىيىتىگە ئىگە بولغان مىللەت مەۋجۇتلىقىنى ئېتىراپ قىلىدۇ. مىللىي ئورتاق تىل ئىسلامنىڭ كۈشەندىسى ئەمەس. مىللىي ئورتاق تىل ئاساسىدىكى مىللىي مۇستەقىللىق، مىللىي مەۋجۇتلۇق ۋە مىللىي يۈكسىلىش ئىسلام ئېتىقادىدا بىرلىككە كەلگەندىلا، كۈچلۈك كاپالەتكە ئىگە بولالايدۇ. ھەمدە، تارىخىي دەۋىرلەرنىڭ بوران-چاپقۇنلىرىدا ئۆزىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ساقلاپ قالالايدۇ.
      ئۆز ۋاقتىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ رەھبەرلىكىدە ئەرەب مىللىتىدىن بولغان مۇسۇلمان ئەرەبلەر بىلەن ئەرەب مىللىتىدىن بولغان مۇشرىك ئەرەبلەر ئوتتۇرىسىدا قانلىق ئۇرۇشلار يۈز بېرىدۇ. نىمە ئۈچۈن بىر مىللەت ئىككىگە بۆلىنىپ ئۇرۇش قىلىدۇ؟ تار مىللەتچى ئۇنسۇرلار تەرغىپ قىلىۋاتقان دىندىن خالىي مىللىي ئاڭ، مىللىي روھ، مىللىي غورور، مىللىي ئىپتىخار ۋە مىللىي ۋىجدان نىمە ئۈچۈن ئۇلارنى ئۆزئارا ئۇرۇش قىلىشتىن توسۇپ قالالمىدى؟
     پاكىت شۇنى ئىسپاتلىدىكى ئاللاھ-نىڭ دىنى بولغان ئىسلام ئېتىقادى مىللەتچىلىكتىن ۋە مىللىي مەنپەئەتتىن غالىب كەلدى. شۇڭا دەيمىز، ئىسلامنىڭ مەنپەئىتى ھەممىدىن ئەلادۇر.
      ئاللاھ مۇشرىك دېگەننى مۇشرىك  دېمەسلىك، ئۆزىنىڭ مۇشرىكلىكىگە يېتەرلىك دەلىلدۇر. ئىسلام تارىخىنى بىلىدىغانلار ئەرەب مۇشرىكلىرىنىمۇ بىلىدۇ. مۇشرىك ئەرەبلەر بىلەنلا چەكلەنگەن ئەمەس. ئۇ، باشقا مىللەتلەردىمۇ، جۈملىدىن ئۇيغۇرلاردىمۇ يوق ئەمەس. ئاللاھ-نىڭ بارلىق-بىرلىكىگە ئىمان كەلتۈرىدىغان، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەرلىكىنى ئېتىراپ قىلىدىغان لېكىن ناماز ئوقۇمايدىغان، زاكات بەرمەيدىغان، روزى-رامىزان تۇتمايدىغان، ھالال-ھارامنى ئايرىمايدىغان، جازانىخور، ئۆسۈمخور، زىناخور، شاراپخور، پارىخور،قانخور ۋە قىمارۋاز ئۇيغۇرلارنىڭ مۈشرىكتىن نىمە پەرقى بار.
       ئىسلام مۈشرىك ئەندىزىسىدىكى ۋە تار مىللەتچىلىك ئالاھىدىلىكىدىكى ئۇيغۇرلۇقنى قۇبۇل قىلالمايدۇ. مۇسۇلمان ئۇيغۇرلاردىن باشقا يەنە خىرىستىيان ئۇيغۇر، مۇشرىك ئۇيغۇر، فاجىر ۋە پاسىق ئۇيغۇرلارمۇ بولۇشى مۈمكىن. سىز قايسى ئەندىزىدىكى ئۇيغۇرلۇقنى تاللايسىز؟
         شۇڭا دەيمەن، دىيارىمىزدىكى مۇسۇلمان ئۇيغۇرلارنىڭ بىردىن-بىر چىقىش يولى ئىسلام بىرلىكى ئاساسىدىكى مىللىي بىرلىكتۇر.
         2. ئىسلامدىن ئاغرىنىش.
          تار مىللەتچى ئۇنسۇرلار ئىدىيىدىكى گۇمراھلىقنى، مەدىنىيەتتىكى قاششاقلىقنى، مائارىپتىكى دوگمىلىقنى، تەرەققىياتتىكى ئەزمىلىكنى، ئەنئەنىدىكى خۇراپاتلىقنى، ئەخلاقتىكى زەئىپلىكنى ۋە مىللىيەتتىكى تەپرىقىچىلىقنى مىللەتچىلىك نۇقتىئىنەزەرىدىن كۆرمەي، ئاساسسىز ھالدا ئىسلامدىن كۆرىدۇ. بۇ خىل ھادىسىلەرنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش سەۋەپلىرىنى يىلتىزىدىن ئىزدەنمەي ئىسلامغا يۈكلەيدۇ. دىندىن خالىي مىللەتچىلىك ئەندىزىسىدىكى ئېتىقاد، ئەقىيدە، ئەخلاق، ئەنئەنە ۋە ئۆرىپ-ئادەت ئۇلارنىڭ شوئارى ھەم نىشانىدۇر. تار مىللەتچى ئۇنسۇرلارنىڭ جاھالىيەتلىك ئىدىيە-نەزىرىيە پائالىيىتى ئۇلارنىڭ ئىسلامدىن ئاغرىنىش كەيپىياتىنى تېخىمۇ ئەۋجىگە چىقارغان. دەھرىيلىك ئالاھىدىلىككە ئىگە مەۋجۇتلىقىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن مۇسۇلمانلىق دەۋاسىدا چىڭ تۇرۇپ كەلدى. تائەت-ئىبادەتسىز ئەمەل دەۋاسىدا قايمۇقىپ يۈرگەنلەر يەنە كىمدىن ئاغرىنسۇن؟
          3. ئىسلامدىن ياتسىراش.
          تار مىللەتچى ئۇنسۇرلار ئىسلامدىن خەۋىپسىرەپ تۇرىدۇ. مىللىي مەۋجۇتلىقى بىلەن مىللىي مۇستەقىللىقىدىكى خاسلىق ئىسلام تەرەپىدىن ئاسسىمىلاتسىيە بولۇپ كېتەمىكىن دەپ ئەنسىرەپلا تۇرىدۇ. ئىسلامدىن ياتسىراش خاھىشى ئۇلارنى غەيرى مەدەنىيەتكە تەۋە بولغان غەيرى ئىدىيە-نەزىرىيە بىلەن قوراللاندۇردى. ھەمدە ئۇلار قولىدىكى مۇشۇ كوزىرغا تايىنىپ، ئىزچىل ئىسلامدىن مۇداپىيىلىنىش ھالىتىدە تۇرۇپ كەلدى. يات ئېقىمغا غەرىق بولغان تار مىللەتچى ئۇنسۇرلار ئىسلام ھىمايىسىدىكى غول ئېقىمدىن بۆلىنىپ چىقىپ، تۈرلىك تارماق ئېقىملارغا ئايرىلىپ كەتتى. ئۆزى تەۋە بولغان توپنىڭ دىنىي ئېتىقادىغا ئاسىيلىق قىلىش ۋە كىشىنىڭ چاپىنىدا تەرلەشنى شەرەپ بىلىش ھەقىيقەتەن نومۇسسىزلىققۇ؟؟؟
         4. ئىسلام ئوبىرازىنى خۈنۈكلەشتۈرىش.
         ئىسلامنىڭ ئوبىرازىنى خۈنۈكلەشتۈرۈشكە ھەسسە قوشۇدىغان تېرمىنلارنى مىسال كەلتۈرىپ، ئاپتور نىمە مەقسەتكە يەتمەكچى؟ ئاپتور داغىستاندىكى ۋە ئۇيغۇر جەمىيىتىدىكى مەۋھۇم كىنايىلىك ئەۋرىشكىلىرىنى مىسال قىلىپ، قانداق پەلسەپىۋىي قاراشنى ئوتتۇرىغا قويماقچى؟
         بۇنى ئۆزىنى دانا چاغلاپ دىنىي ئېتىقادىنى مەسخىرە قىلىش پەلسەپىسى دېسەك مۇۋاپىق بولغۇدەك. قۇرئان كەرىمنى ئوقۇغان ھەرقانداق بىرىمىز قۇرئان كەرىمدىكى بايانلاردىن ئىسلام دىنىنى مەسخىرە قىلغۇچىلارنىڭ قانداق گۇناھقا سەۋەپچى بولىدىغانلىقىنى بىلمىگەن يەردە ئەمەس. ئەرمۇ، مۇسۇلمانمۇ؟ مۇسۇلمان ئۇقۇمى ھەجىم جەھەتتە ئەر مۇسۇلمان ئۇقۇمى بىلەن ئايال مۇسۇلمان ئۇقۇمىنى ئۆز ئىچىگە ئالالايدۇ. ئەرمۇ، مۇسۇلمانمۇ؟ دېگەن سوئالدىكى ‹ئەر›ئۇقۇمىنىڭ قارشى تەرەپىدە ‹ئايال›ئۇقۇمى يوشۇرۇنغان. ‹ئايال›ئۇقۇمىنىڭ ئورنىغا ‹مۇسۇلمان›ئۇقۇمى دەسسىتىلىپ، مۇسۇلماندىن ئىبارەت بۇ ئۇقۇم جىنىسقا ئايرىلىپ، ئايال جىنىسىغا ئوخشىتىلغان. مۇسۇلمانلارغا قىلىنغان ھاقارەتلىك مىساللار ئاپتورنىڭ ماقالىسىدا ماڭدامدا بىر ئۇچۇراپ تۇرىدۇ. پەقەت مۇناپىقلارلا ئىسلامنى، مۇسۇلمانلارنى مەسخىرە قىلالايدۇ.
         5. ئىسلام بىلەن شەخىسنىڭ مۇناسىۋېتىدىكى زىتلىق.
          ئىسلام دىنىدا ياخشى ئەمەللەر بىلەن يامان ئەمەللەرنىڭ پاسىلى ئېنىق بەلگىلەنگەن. ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان مۇسۇلمانلارنىڭ مەدەنىيەت سەۋيىسى بىلەن تەقۋالىق دەرىجىسى ۋە نىيەت-ئىقبالى بىلەن نەپسى-خاھىشى ئۆز ئارا پەرىقلىق بولىدۇ. شۇنىڭغا يارىشا ئۇلار سادىر قىلغان ئەمەللەرمۇ ئۆزئارا پەرىقلىق بولىدۇ. ياخشى ئەمەللەر بىلەن يامان ئەمەللەر سادىر بولغاندىن كېيىن، شەخىسنىڭ تەۋەلىكىگە ئۆتۈپ كېتىدۇ. ئەمەل شەخىسكىلا ۋەكىللىك قىلىدۇ. بىر كىشىنىڭ سادىر قىلغان يامان ئەمىلىگە قاراپ، ئىسلام مۇشۇنداق دىن كەن دەپ باھا بېرىپ، دىنىمىزنى ھاقارەتلىسەك، بۇ قاراپ تۇرۇپ ئىسلام بىلەن شەخىسنىڭ مۇناسىۋېتىنى زىتلاشتۇرۇپ قويغانلىق بولماي نىمە؟ بىر كىمنىڭ قىلغان ياخشى-يامان ئەمىلى ئۆزىگە تەئەللۇق. ئاللاھ خالىسا مۇكاپاتلايدۇ، خالىسا جازالايدۇ. ياخشىلىق بىلەن يامانلىق ئاللاھ-نىڭ تەغدىر قىلىشى بىلەن بولىدۇ.
        

باھا سۆز

kaxmir  ئاللاھ ئەجرىڭىزنى بەرسۇن  يوللىغان ۋاقتى 2013-3-24 14:52
tvmvr  ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن،نادىر ئىنكاس  يوللىغان ۋاقتى 2013-3-23 11:05

1

تېما

1

دوست

5299

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   5.98%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9071
يازما سانى: 312
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 1143
تۆھپە : 849
توردىكى ۋاقتى: 543
سائەت
ئاخىرقى: 2013-4-8
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-21 00:35:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
      باشقۇرغۇچىلار  بۇ نىمە ئىش؟ ئەمدى ئىنكاس تەستىقلىنىدىغان ھالغا چۈشۈپ قالدۇقمۇ؟

0

تېما

0

دوست

242

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   21%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  15246
يازما سانى: 14
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 12
تۆھپە : 72
توردىكى ۋاقتى: 13
سائەت
ئاخىرقى: 2013-4-8
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-21 01:06:05 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
زىيالىنىڭ  سۇئالى

مۇسۇلمانلار شۇنداقمۇ؟........


كۅز ئاچالماي يۈرسەك بىز جۇت شىۋىرغان بوراندا،
ئىمانىڭنى سىتىپ يەپ ياتتىڭ ئىسسىق ئوراندا.
يامانلارغا يان بىسىش شەرەپمۇ يا قۇرئاندا،
جاۋاپ بەرگىن ئى موللام مۇسۇلمانلار شۇنداقمۇ؟.

ئايغا چىقسا بەزىلەر داڭ قىتىشىپ ياپىر دەپ ،
ياخشىلارنى تىللايسەن چەتكە قىقىپ كاپىر دەپ.
بۇلبۇللارنى ئۈركۈتتۇڭ تۇتالماستىن قاقىر دەپ،
جاۋاپ بەرگىن ئى موللام مۇسۇلمانلار شۇنداقمۇ؟.

پاكىز يۈرسە بۇ قىلىق كاپىرلارغا خاس دىدىڭ،
قاسماق كىيىم ياغ دوپپا مۇسۇلمانغا ماس دىدىڭ.
ئىلىم پەنگە جۈش ئۇرۇپ ياكى ئالغا باسمىدىڭ،
جاۋاپ بەرگىن ئى موللام مۇسۇلمانلار شۇنداقمۇ؟.


كۆرمەي تۇرۇپ بىراۋنى ئاڭلاپ مىڭنى قاغايسەن،
ئىسرائىلغا يان بىسىپ ئەرەپاتنى تىللايسەن.
بامداتتىن كىين گۇناھقا پىتىپ شام نامازغا يىغلايسەن.
جاۋاپ بەرگىن ئى موللام مۇسۇلمانلار شۇنداقمۇ؟.


موللامنىڭ جاۋابى..........

مۇشۇ سۆزۇم جاۋاپتۇر



جىمى ئالقىش ھەقلىقتۇر ئالەملەرنىڭ رەببىگە،
بىزدىن سالام ئىھتىرام ،ئۇ ئىۋەتكەن ئەلچىگە.
سۇئال كەپتۇ دوسلاردىن ،جاۋاپ يازدۇق رەددىگە،
ياراپ قالسا جاۋابىم تەڭ بارايلى سەجدىگە.
سوراقلاپسىز موللامنى ئايىماپسىز ئازراقمۇ،
بىزمۇ سورساق ھەقلىققۇ زىيالىلار شۇنداقمۇ

چىن ئالىمنى رادىكال ئۇنسۇر ئاتاپ يەكلەشلە،
ئىشەكلەرگە تون يىپىپ ئىمام قىلىپ تىكلەشلە.
ئاندىن سۇئال قويۇشۇپ شىئىر يىزىپ ئەپلەشلە،
سېسىتىشقا ئىسلامنى قانچە پۇلغا گەپلەشلە.
ھەقىقەتنى بىسىشقا ئامال باركەن مۇنداقمۇ؟،
مۇشۇ سۆزۇم جاۋاپتۇر زىيالىلار شۇنداقمۇ؟.

بىلىمىڭ بار ۋە لىكىن ئىتقادىڭ دىتىڭ يوق،
كىملىكىڭ يوق ۋە ياكى تۇتاي دىسە سىپىڭ يوق.
جان بىقىشچۈن ئۈگەنگەچ بۈيۈك غايەڭ غىمىڭ يوق،
ھاراق ئىچسەڭ قاينايسەن يىشىلگەندە ئىسىڭ يوق.
ئىتقادسىز بىلىمدان ۋالاقلاركەن مۇنداقمۇ
جاۋاپ بەرگىل شائىرىم زىيالىلار شۇنداقمۇ؟.


كۈندە بەش ۋاخ يۇيۇشنى داداڭغا بىز ئۈگەتكەن،
نەسىھەت قىپ ياخشىنى تىللاشنىمۇ تۈگەتكەن.
كاپىر دىيىش كاپىرنى دەل قۇرئاندا بار گەپكەن،
«خۇدۈكى بار سەكرەيدۇ» دىگەن ئەجەپ ھىكمەتكەن.
«چىدىمىساڭ ئۆلىۋال» دەل كىلەرمۇ مۇنداقمۇ؟،
جاۋاپ بەرگىل شائىرىم زىيالىلار شۇنداقمۇ؟.

خانلىق مەدرىس تاقالدى ،سىنىڭ زۇلۇم جەۋرەڭدە،
ئىلىم بىلەن دىن قارشى بولۇپ قالدى دەۋرىڭدە.
دىندىن خەۋەر بەرمىگەچ ئەخلاق يوقتۇر نەۋرەڭدە،
بۇنىڭ ئۈچۈن كۆيەرسەن جەھەننەمدە قەۋرەڭدە.
كىم جاۋاپكار بۇنىڭغا سۇئالىم بار مۇنداقمۇ؟،
جاۋاپ بەرگىل شائىرىم زىيالىلار شۇنداقمۇ؟.

ھىدايەتكە چاقىردۇق جۇت زۇلمەتكە پاتقاندا،
قۇسۇقلارغا مىلىنىپ ھاراق پۇراپ ياتقاندا.
ساتما دىدۇق ئىماننى مائاشقا پۇل قاتقاندا،
دۇشمەنلەرنى مەدھىيلەپ شائىر قوشاق قاتقاندا.
ئالعا دسەك مۇكۈنۈپ چىققان يىرىڭ قونداقمۇ؟،
جاۋاپ بەرگىل شائىرىم زىيالىلار شۇنداقمۇ؟.

باشلىساڭلا ئەگەشتۇق دەپ زىيالى ئۇلۇقكەن،
قىنى پارلاق كەلگۇسى ماڭعان يولۇڭ تۇيۇقكەن،
ئىست ئاحماق بولۇپتۇق ،قەلبىڭ بەكمۇ قۇرۇقكەن.
سەنلەر بولغاچ باشلامچى ئەلنىڭ كۅڭلى سۇنۇقكەن.
ھۆرمەت قىلساق دەپسەندە قىلغان بارمۇ مۇنداقمۇ
جاۋاپ بەرگىل شائىرىم زىيالىلار شۇنداقمۇ؟.

مەدەنىيەت مائارىپ ژورنال سىنىڭ قولۇڭدا،
دينىمىزغا ئۆچ بولدۇق ،تەربىيلىنىپ ئۇنىڭدا،
كىملەر ئىدۇق كىم بولدۇق باشلاپ ماڭعان يولۇڭدا.
بوۋىلارنىڭ ھىكمىتى قالدى چەتتە بولۇڭدا.
كاللا يۇيۇپ ئۆزگەرتىش سەنلەر قۇرغان قىلتاقمۇ؟،
جاۋاپ بەرگىل شائىرىم زىيالىلار شۇنداقمۇ؟.

چىمەن دوپپا بەقسەم تون ساقال سۇمبات بىزلەردە،
ناۋائىدەك ئىزچىل بىز بۇغرا باسقان ئىزلەردە.
ئوخشىمايسىز ئۇيغۇرغا ساقال تۇرماس يۈزلەردە،
ئۇيغۇرغا خاس نە سۇلكەت سالاپەت بار سىزلەردە.
ۋارىس ئەمەس ئۇيغۇرغا ياتقا ھاممال يانداقمۇ،
جاۋاپ بەرگىل شائىرىم زىيالىلار شۇنداقمۇ؟.

سەن ئۆگەتكەن تەلىمات ئىبلىسقا بەك ئوحشايدۇ،
قىزلىرىڭدىن دىن ئەمەس ،ھەر بىر ۋىجدان قاقشايدۇ،
پەقەت جىنسى سۅيگۉدىن قانداق كۅڭۇل ياشنايدۇ،
ھالال نىكاھ سۆيگۈنى قاچان بوعۇپ تاشلايدۇ،
چاتاق چىقسا ھامىلە تاشلايدىعان قاسراقمۇ،
جاۋاپ بەرگىل شائىرىم زىيالىلار شۇنداقمۇ؟.


پاھىشىنى تانسىنى مەدەنىيەت دىيىشتىڭ،
ھاراق ئىچىپ مەلىنى باشلىرىڭغا كىيىشتىڭ.
مەسۇملارنى تەربىيلەپ ئىشتان كەيمەس قىلىشتىڭ.
پۇل تىپشىقا قىزلارنى مەبلەغ قىلىپ سىلىشتىڭ.
خوتۇنلارنى كۆنلىسەك بىز ياۋايى ئاخماقمۇ؟،
جاۋاپ بەرگىل شائىرىم زىيالىلار شۇنداقمۇ؟.


موللام قىزى نازۇگۇم قاچقان ئامبال سولۇندىن،
سەن ئوقۇتقان داشۆسىڭ قاچماس ماڭنۇر مولۇندىن.
بۈگۈن جۆيلۇپ قوپۇپسەن ئىت قوپقاندەك كولۇڭدىن،
ئىززەت ھۆرمەت شان شەرەپ قايسى ئىدى بۇرۇندىن.
«ئوغرى تۇرۇپ ئوغرى دەپ ,توۋلاش» باركەن مۇنداقمۇ؟،
جاۋاپ بەرگىل شائىرىم زىيالىلار شۇنداقمۇ؟.

دۇنيادا ھىچ مۇسۇلمان ئىسرائىلغا يان باسماس،
تۆھمەت قىلساڭ بىلىپ قىل يالغان گىپىڭ چاك باسماس،
ئەرەپات ۋە حاماستىن بىر گەپ بىلەن تاڭ ئاتماس.
بىلمىسەڭ گەر سۆزلىمە ،بولىۋالغىن خۇپسەن گاس.
تەۋبە قىلسام نە يامان ، ساراڭ باركەن مۇنداقمۇ؟،
جاۋاپ بەرگىل شائىرىم زىيالىلار شۇنداقمۇ؟.

ئايغا چىققان حەۋەرنى سەن بىلەن تەڭ ئاڭلىدۇق،
خۇدا بەرگەن قۇدرەت دەپ باشمالتاقتا داڭلىدۇق،
سەن باشلىغان قايسى ۋاق توغرا يولغا ماڭمىدۇق،
سەندىن قاچان توعرا گەپ توغرا نىشان ئاڭلىدۇق.
ئىتقادتىن ۋاز كەچسەم شۇندىلا بىز ئورتاقمۇ،
جاۋاپ بەرگىل شائىرىم زىيالىلار شۇنداقمۇ؟.

مەنعۇ ئايغا چىقمىدىم ، سەنمۇ چىقىپ باقمىدىڭ،
بىزلەردىغۇ مەكتەپ يوق ،سەن بولساڭمۇ ئاقمىدىڭ.
بىزغۇ دىننى قوغدىدۇق، سەن قەيەردە چاقنىدىڭ؟،
كاللىسى يوق ماڭقۇرۇت ،سەن شۇنچىلا پاكمىدىڭ.
ئۆز قەۋمىگە ئىت بولۇپ قاۋايدىكەن مۇنداقمۇ؟،
جاۋاپ بەرگىل شائىرىم زىيالىلار شۇنداقمۇ؟.



ئەمەس بولساڭ ھاراملىق ،چوقۇم ئاناڭ نىكاھلىق،
نەسلىڭ ھالال بولغاندۇ موللام بەرگەچ گۇۋاھلىق.
ئەزەن چىللاپ قويغاچقا ئىسمىڭ شۇنداق جۇلالىق،
قاچان بولۇپ قالغاندۇر موللام ساڭا گۇناھلىق.
ئەيت دۇنيادا تۇزكورلۇق قىلىغان بارمۇ مۇنداقمۇ؟،
جاۋاپ بەرگىل شائىرىم زىيالىلار شۇنداقمۇ؟.


بىل خۇدالىق ئالەم بۇ ھەددىڭدىن بەك ئاشمىغىن،
ئۆز قەۋمىڭگە دوستۇڭغا سەن يۇنداڭنى چاچمىغىن.
مەن سەن ئۈچۈن يىغلايمەن ،كەل مىنىڭدىن قاچىمىغىن،
نەسىھەت بۇ چىندىلدىن،ئۆز دىينىڭنى باسمىغىن.
ئۈگىنىپ باق دىينىڭنى پەن بىلەن دىن ئورتاقمۇ؟،
ئۇيغۇر ئۈچۈن جۈپ قانات بىز بولايلى شۇنداقمۇ؟.

مەنبە : ساقىيە چۈش تەبىر تورى

باھا سۆز

kaxmir  ھەقىقەتەن رىئاللىقنى ئېچىپ بەرگەن شىىئر  يوللىغان ۋاقتى 2013-3-24 14:54
Faruk571  ھەقىقەتەن ياخشى يېزىلغان شېئىر دە بۇ  يوللىغان ۋاقتى 2013-3-21 12:34
kokeme0998  ۋاي ۋاي شۇنداقمۇ كىلەمدىغان  يوللىغان ۋاقتى 2013-3-21 11:02

0

تېما

0

دوست

242

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   21%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  15246
يازما سانى: 14
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 12
تۆھپە : 72
توردىكى ۋاقتى: 13
سائەت
ئاخىرقى: 2013-4-8
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-21 01:54:26 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇيغۇرمەن ھەم مۇسۇلمان

  سۇئال قويسام رەنجىپسىز ئۇيغۇرمۇ سىز مۇسۇلمان ،
  ئەبۇ جەھىل  ئەرەپقۇ   يەر- زىمىنغا  تونۇلغان  .
  ئەبۇ تالىپ   ھەتتاكى  پەيغەمبەرنىڭ  تاغىسى ،
  جىيەنىنى خەلقىنىڭ  سۈيقەستىدىن  قوغدىغان  .

  ئەقىل بولسا سۆزۈمنىڭ ۋەزناسىنى  بىلگەنسىز ،
  يا چۈشەنمەي مەجنۇندەك يېرىم ياتا كۈلگەنسىز .
  ئۇيغۇرلۇقتىن تانمايمەن ئەرەپكە يان باسمايمەن ،
  يىگانە بىر ئاللاھقا  بويۇن  ئەككەن  بەندىمىز .

  بۈگۈن مىللەت دۇنيادا نەچچە يۈزلەپ سانالدى ،
  ئىتقاتلار كۆپىيىپ تۈرلۈك  "دىن " بوپ ئاتالدى .
  قىزىق يېرى ئاخىرەت پەقەت جەننەت جەھەننەم ،
  ئۈچىنجى بىر ئورۇن يوق مىللەتۋازلىق يوقالدى .

  ئەرەپتىمۇ كاپىر كۆپ ئەجەمدىمۇ مۇسۇلمان  ،
  يۈزلەنمەكتە ئىسلامغا ئەقىل تاپقان خىرىستيان .
  چىمەن دوپپا ئوچۇق چاچ شەيتانلارنىڭ مېكرى ،
  مومىڭىزغا تۆھمەتتۇر يېقىنلاردا  توقۇلغان .

مۇسۇلمانلىق "سۈپەت"تۇر دىنغا بويۇن ئەككەنگە ،
  تۇرماس مەڭگۈ چاپلىشىپ باشقا يولغا كەتكەنگە .
  ئۇيغۇرسىزمۇ مۇسۇلمان بولۇش مومكىن ۋە لىكىن ،
  ئىمان بولماي نىجات يوق ئاخىرەتكە كەتكەندە .

  چىمەن دوپپا ئۈستىگە رومال سالغان مومىڭىز ،
  ئۇيغۇرلۇقنى دەۋا قىپ ئېچىلمىدى  نېرىڭىز .
  مازاق قىلماڭ ئەرەپ دەپ ھىجاپلانغان قىزلارنى ،
  ھىجاپلىنىش سەۋەبى ئىسلام بولغاچ دىنىمىز .

  چالا موللا دەپقاپسىز مۇللا بولماق ئاسانمەس ،
  مۆئمىن دىگەن سۈپەتكە ئىگە بولساق بىزگە بەس .
  قارىغاندا موللامنىڭ يېنىدىن ئۆتۈپ باقماپسىز ،
  كېپقالغاندەك تۇرۇدۇ دىندا مېڭىش سىزگە تەس .

  ئۇيغۇر دىمەك ئايرىم گەپ مۇسۇلمانلىق باشقا ئىش ،
  بىلەلەيسىز   قۇرئاندىن  بولسىڭىز ئەگەر  دانىش .
  ئېلىپ كېلىڭ بۇرھاننى كوتۇلدىماي دەلىلسىز ،
  جاۋابىغا تەييارمەن سۇئال  بولسا يازۇ- قىش .

  قايسى مىللەت قايسى رەڭ پەرقىمىز يوق ئىسلامدا ،
  شاھ ۋە گاداي باراۋەر ئەۋزەللىگى  ئىماندا .
  كېلىڭ بىرتەن بولايلى تەۋبە قىلغان  بەندىگە ،
  جەننەت يولى ئاشكارە كۆرسىتىلگەن قۇرئاندا .

  نىگىر بولسا مۇسۇلمان قېرىنداشتۇر تانمايمەن ،
  دىندىن يانغان ئۇيغۇرنى نەزرىمگە ئىلمايمەن .
  پەيغەمبەرنىڭ تەلىمى بارچە مۆئمىن بىر جەسەت ،
  مۇشۇ سۆزدىن بىر ئۆمۈر ۋەللاھى ھېچ يانمايمەن


تېما تەستىقلىغۇچى : muhlise38
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2013-03-16, 11:54
مەنبە: مەرىپەت مۇنبىرى

باھا سۆز

yilpaghu  قول قويدۇم  يوللىغان ۋاقتى 2013-3-24 19:55
kokeme0998  ئاپتورى كىمدۇ بۇ شئىرنىڭ  يوللىغان ۋاقتى 2013-3-21 11:07

0

تېما

0

دوست

449

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   12.25%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  13257
يازما سانى: 32
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 72
تۆھپە : 97
توردىكى ۋاقتى: 119
سائەت
ئاخىرقى: 2013-4-9
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-21 03:32:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم باغداش ئەھلى
  ئىنكاسلىرىڭلانى كۆرۈپ چىقتىم،قارىسام ئاپتورنىڭ ئىدىيىسى شۇنچە ئېنىق تۇرسىمۇ مۇتلەق كۆپ ساندىكىلەرنىڭ چۈشىنەلمىگىنىدىن ئەپسوسلاندىم. بەزىلەر تېخى ئۇنى قۇرۇق گەپ سېتىپ ئۆزىنى كۆز -كۆز قىلىدىغان سولتەك بىلىپ قالغانلىقى مەلۇم .بۇ بەلكىم ئۇستاز داۋۇت  ئوبۇلقاسىمنىڭ  قەلەمگە بولغان يۇكسەك مەسئولىيەتچانلىقى تۇپەيلى ئاسانلىقچە قولىغا قەلەم ئالماسلىقى سەۋەپلىك ئوقۇرمەنلەر ۋە تورداشلارنىڭ تونىماسلىقى كەلتۇرۈپ چىقارغان بولىشى مۇمكىن. بۇنى تامامەن چۈشىنىشكە بولىدۇ.
  مەن ئۇنى 10 نەچچە يىللار مابەينىدە ئەسەرلىرىنى ئوقۇش داۋامىدا تونىغان، گەرچە ھالا بۈگۈنگە يۈز كورۈشۈپ باقمىغان بولساممۇ ئۇنىڭغا بولغان ھۆرمىتىم سەۋەپلىك ئۇنىڭ ئىش ئىزلىغا ئالاھىدە دىقەت قىلىپ تۇرىمەن، ئەسەرلىرىنى ئۇچراتقان ھامان ئوقۇۋالمىسام  كۆڭلۈم ئارام تاپمايدۇ.مەن تونۇيدىغان داۋۇت ئوبۇلقاسىم  ئېتقادى مۇستەھكەم،بىلىم قۇرۇلمىسى مۇكەممەل،پىكرى چوڭقۇر ، مىللىتىمىزنىڭ ئوتىدا كۆيۈپ، سۇيىدە ئېقىۋاتقان بىر ھەقىقى زىيالى مىللىتىمىزنىڭ رۇس پەلسەپەچىسى . ئۇنىڭ يىللادىن بېرى قىلىۋاتقان ئەمەلى ھەركەتلىرى بۇنى ئىسپاتلاپ تۇرۇپتۇ.مېنىڭچە ئۇنىڭ باغداشتا پەيدا بولىشى باغداش مۇنبىرىنىڭ شەرىپى.
  پەلسەگە قىزىققۇچىلار يۇنان پەيلاسوپى سوقراتنىڭ پاجىئەسىنى بىلىدۇ، بىز مۇشۇ دەۋىردىمۇ ‹‹سوقرات پاجىئەسى ›› پەيدا قىلساق بىزگە نىسبەتەن چوڭ ھاقارەت .مەن ئۇنى سوقراتقا تەڭ قىمماقچى ئەمەس ، بەلكى ئۇنىڭ مىللىتىمىز ئۈچۈن دۇپۇلدەۋاتقان يۇرەك سوقىشىنى ھېس قىلىشنى،  ئەسەرلىرىنى تولۇق چۇشەنگۈدەك ئوقۇپ ئىنكاس يېزىشىنى سەمىمى ئۈمىت قىلىمەن

0

تېما

0

دوست

328

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   64%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  16596
يازما سانى: 28
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 100
توردىكى ۋاقتى: 30
سائەت
ئاخىرقى: 2013-4-10
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-21 07:17:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
maslixix يوللىغان ۋاقتى  2013-3-20 20:07
سىزنى ئىلىمسىزلىك ساراڭ قىپقوياي دەپ قاپتۇ

سىز ، ئىلىپبەنى ئىلىم دەپ قاراپ ئولتۇرۇپ ، شۇنىڭ بىلەنلا كۇپايىلنىپ قالغانلىقڭىز ، يازغانلىرڭىزدىن
مانا مەن دەپ چىقىپلا تۇرۇپتۇ ، بىچچارە بايقۇش . لىكىن مىنىڭ نەزرىمدىكى ئىلىم ، ئاۋال ئۆزۈمنىڭ
نىمە ئۈچۈن ؟ كىم تەرپىدىن ئىجاد قىلىنغان ئەسەر ئىكەنلىگىمنى بىلىش ، ئاندىن خەختەك تەمتىرەپ
يۈرمەي ، رەببىم كۆرسەتكەن يولنى مۇكەممەل ئۈگنىپ ، بىر ئۆمۈر ئىككىلەنمەي مېڭىش ، بىرلا ۋاقىتتا ،
ھەم ئەركەك ، ھەم ئۇيغۇر ھەم مۇسۇلمان بلۇشنىڭ يولنى بىلىشنى ئىلىم دەيمەن ، ئاللاھنىڭ رەھمىتى
بىلەن بۇ جەھەتتە خەخكە ھاجەت چۈشمىگدەك ساۋادىم بار . سىزچۇ؟
مۇسۇلمان دىگەن كىم ؟ دىن دىگەن نىمە ؟ مىللەت دىگەن نمە ؟ ئەر دىگەن نمە ؟ بىلەمسىز ؟
بىلسىڭىز جاۋاپ بېرىڭچۇ ؟ قېنى .
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

ئۇلىنىش قوشوش|بايقاش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|باغداش مۇنبىرى ( 新ICP备06003611号-1 )  

GMT+8, 2013-4-10 11:51 , Processed in 0.067146 second(s), 6 queries , Memcache On.

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش