بىزگە پەلسەپە نىمىشقا لازىم؟(3)
داۋۇت ئوبۇلقاسىم
تورداشلارغا ئىلاۋە:
پەلسەپە تەپەككۇرىدا ئىشلىتىلىۋاتقان ئۇقۇم ئەستەرلىرىدىكى تەبىرلەرنىڭ جالالى، ئۇقۇم كاتگورىيەلىرىنىڭ مەنتىقىسى، مىزانى ۋە تەپەككۇر ئۇسۇلىنى تەتقىق قىلىدىغان پەن. دىنىي ئىلىمدا بۇ ئىلىمنىڭ مېتودولوگىيەسىدىن ئىبارەت موشۇ بىر تارمىقى « ئۇسۇلى دىن» دېيىلىدۇ. دىنىي ئەھلى ئىلىملىرىدە پەلسەپە ئۇقۇمى ئېلىشاڭغۇ، چۈنكى ئىمام غەززالى باشچىلىقىدىكى كىلاسسىك مۇتەسسىپلەر كۆزدە تۇتىۋاتقان پەلسەپە ماتېماتىكا، فىزىكا، خىمىيەدىن ئىبارەت تەبئىي پەنلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۇقۇم. سەۋەبى ئۇ دەۋرلەردە بۇ پەنلەر پەلسەپەدىن تېخى ئايرىلىپ بولۇپ بولالمىغان. بۇنىڭ خاتالىقى ھەققىدە ئايرىم توختالمايمىز. چۈنكى ئىلىم – پەننىڭ بۈگۈنكى ئەھۋالىغا قارساقلا ھەممە نەرسە ئايدىڭ بولىدۇ. يەنە دەيدىغان گەپ، ماركىسىزم، كاپتالىزم، مەۋجۇدىيەتچىلىك دېگەندەك ئىدىيەلەر پەلسەپە ھېسابىغا كىرمەيدۇ، ئىدىئولوگىيە سانىلىدۇ. بۇ قىسقىچە مەلۇماتنى بىرىشتىكى مەقسەت تورداشلارنىڭ بۇ تېمىغا موشۇنچىلىك بولسىمۇ ساۋادقا ئىگە بولۇپ كىرىشىنى تەۋسىيە قىلماقتىن ئىبارەت. ناۋادا بۇ تېمىدىكى نۇقتىئى نەزەرلەرگە قايىل بولمىغان ۋە بۇ تېمىدا مۇنازىرە قىلالىغىدەك بولساڭلار بىز كۆرشۈپ مەسىلىنى تەڭ ھەل قىلساق بولىدۇ. ئەگەر مەسىلىنى ھەل قىلالمىساق پىكرىمىزنى ساقلايمىز، ئىزدىنىمىز خالاس. مەن داۋۇت ئوبۇلقاسىم بۇ جەھەتتە ھەرقانداق ئىلىم ئىگىسىنىڭ ئالدىغا چىقىشقا ھازىر.
بىز ئەر ئەمەس، مۇسۇلمانمۇ؟
نەدە ئاڭلىغىنىم ئىسىمدە يوق . بىر يىللاردا شۇنداق بىر يۇمۇر ئاڭلىدىم . شۇ يىللاردا داغىستاننىڭ بىر شەھىرىدە شۇ جايدىكى رۇسلار بىلەن بىلەن يەرلىك مۇسۇلمانلار ئارىسىدا سۇركۇلۇش بولۇپ جىدەل يوغىناپ بىر- بىرىنى توپلىشىپ كىلىپ ئۇرىدىغان ئەھۋاللار بولۇپتۇ. شۇ شەھەرنىڭ مۇسۇلمانلار توپلاشقانراق جايىدا بىر مەسچىت بار ئىكەن. ئۇ كۇنى تازا دىگەر نامىزى تارقىلىۋاتقان چاغدا بىر توپ ئادەم مەسجىتنىڭ ئالدىغا باستۇرۇپ كەپتۇ. ئەمدىلا مەسجىتتىن تاراۋاتقان جامائەت دالدىلىنىش ئۇچۇن ئالدىراپ سالدىراپ مەسجىتكە كىرىپ كىتىشىپتۇ. بىر توپ كىشىنىڭ مەسجىتنىڭ ئالدىغا باستۇرۇپ كەلگەنلىگىنى كۆرگەن ئۆتكەن- كەچكەن 6 -7 يەرلىك مۇسۇلمان ياشلىرى يۇگرەپ كېلىپ باسقۇنغا ئۆزىنى ئېتىپتۇ. ئۆتۇپ كېتىۋىتىپ بۇ ئەھۋاللارنى كۆرۇپ تۇرغان مودا كىيىنگەن بىر ئايال كىشى قاتتىق غەزەپلىنىپتۇ- دە مەسجىتكە يالاڭباشتاقلا كىرىپ،
__ ھەي سىلەرمۇ ئەرمۇ؟__ دەپتۇكەن، ئىشتاننى ئوشىقىدىن ئاشۇرماي كىيىپ، بولىشىغا ساقال قويىۋالغان بىرسى كۆزىدىن ئوت چاقنىتىپ تۇرۇپ:
__ ئاچا ماۋۇ دىگەن تەرەت ئېلىپ كىرىدىغان مەسجىت. سىزدەكلەر قالايمىقان جۆيلۇيدىغان يەر ئەمەس، گەپنى توغرا قىلىڭ! بىز ئالدى بىلەن مۇسۇلمان، ئەر ئەمەس، __ دەپتۇ. ئەلۋەتتە، مۇشۇنداق جاۋاب ھازىرلىقىدا ياشايدىغان قارا يۇمۇرجانلار داغىستاندا ئەمەس، بىزدىمۇ كەڭرى . لېكىن بۇ نېمىشقا مۇشۇنداق بولىدۇ؟ بۇنداق يۇمۇرىستىك نادانلىقنىڭ دەرىجىسى زادى قانچىلىك؟ مەلۇمكى ئەر ئۇقۇمىنىڭ قارشىسى ئايال ئۇقۇمى بولۇپ، بۇ يۇمۇردىكى تەنتەك؛ مەن يۇرىگىمگە ئەمەس، نەقىلگە ئەگىشىمەن، دېمەكچى بولغان ئەسلى مەسلىكىنى، جۈملە مەنتىقىسىدە مەن ئايال دەپ كېلىشكە تېگىشلىك كەلىمىنىڭ ئورنىغا يۇقۇرقىدەك «مەن مۇسۇلمان» ئىبارىسىگە ئالماشتۇرۇش بىلەن ئىپادە قىلىپ، بىلىپ - بىلمەيلا زور بىر يۇمۇرىستىك ئوخشۇتۇش بوشلىقى شەكىللەندۇرگەن. راست مەيلى نەقلىي يول تۇتۇلسۇن ياكى ئەقلىي يول تۇتۇلسۇن ھېچقايسىسى ئىنساننى ھەقىقىي ئەر ھەتتا ھەقىقى ئىنسان قىلالمايدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسى يۇرەكنى دۇپۇلدەتكەننى ئىزدەشنىڭ قوراللىرىدۇر. بىر جەسەت ياكى مۇردا مەيلى نەقلىي يولنى تۇتقان بولسۇن ياكى ئەقلىي يولنى تۇتقان بولسۇن، بۇ بەرىبىر ئەھمىيەتسىزدۇر. شۇڭا ھەقىقى مۇسۇلمانلارنىڭ يولباشچىسى مۇھەممەت سەللاللاھۇ ئەلەيھىۋەسسالام ئوغلى ئىبرايىم ۋاپات بولۇپ، يۇم- يۇم يىغلاۋاتقىنىدا يېنىغا كېلىپ« ئېي ئاللاھنىڭ رەسۇلى سەن بىزگە ئۆلگەنلەرگە يىغلىماڭلار» دېمىگەنمىدىڭ دېگەن ساھابىگە: «مەن سىزلەرنى كۆڭلى يېرىم بولۇشتىن ئەمەس، داد پەرياد ئېتىشتىن توستۇم. مېنىڭدە كۆرۇلگەن بۇ ھال قەلبىمدىكى سۆيگۇ ۋە مەرھەمەتنىڭ ئەسىرىدۇر... مەرھەمەتكە ناقابىل كىشىگە باشقىلارمۇ مەرھەمەت كۆرسىتەلمەيدۇ» دېيىش بىلەن بۇ خىل تەپەككۇر مېتودىنى رەت قىلىشنى سۇننەت قىلىپ قالدۇرغان ئىدى. خوش، ئەسلىي تەپەككۇر مېتودىنىڭ گىپى تۈگىدى. ئەمدى بۇ يۇمۇردا ئىشلىتىلگەن ئۇقۇملارنىڭ كاتىگورىيە جەھەتتىكى بىمەنىلىكى قانداق بولىدۇ؟
دۇنيادا ھەقىقەتەن ئۇ دېگەندەك «ئالدى بىلەن ئەر ياكى ئىنسان ئەمەس، مۇسۇلمان » بولىدىغان ئىشمۇ بارمۇ؟ مەلۇمكى ھەرقانداق بىر مەۋجۇت ھال كاتىگۇرىيەسى مەئەييەن بىر مەۋجۇتلۇقنىڭ مۇئەييەن بىر مېزانغا نىسبەتەن ئېيتىلىدۇ، مەسىلەن، قولىمىزدىكى كىتاب ۋاراقلىرىنىڭ ئوينايدىغان رولىغا قاراپ؛ مۇقاۋا، تېتول، نەشر ھوقۇقى بېتى، مۇندەرىجە، تېكىست بەتلىرىگە ئايرىلىدۇ، تەركىبى نۇقتىسىدىن يەنە شۇ كىتاب قەغەز، سۈرەت، خەتكە ئايرىلىدۇ. ناۋادا «ئوينايدىغان رول» ياكى «تەركىپ» دېگەندەك مېزانلار ئەھمىيەتسىز بولسا، ئۇلارغا نىسبەتەن ئېيتىلىدىغان ئۇقۇملارمۇ تەڭلا ئەھمىيەتسىز بولۇپ كېتىدۇ. ئەمما مېزانغا نىسبەتەن ئوتتۇرغا چىققان ئۇقۇملارنىڭ رېتى ۋە سانى ئۆزگۈرۈپ قالىدىغان، بىرسىنى مۇەييەنلەشتۇرۇپ يەنە بىرسىنى ئىنكار قىلىدىغان ئىش بولمايدۇ. يوق نەرسىنى كاتىگۇرىيەگە ئايرىيدىغان ئىشمۇ بولمايدۇ. مەلۇمكى، ئىنسانلار ئالدى بىلەن ھەر جەھەتتىكى يىتىلىش دەرىجىسىگە قاراپ بوۋاق، بالا، ئۆسمۇر، قورامىغا يەتكەن، يىتۇك ياكى ئادەتتە قىسقارتىلىپلا بالا، چوڭ ئادەم دەپ ئايرىلىدۇ. فىزىلوگىيەلىك پەرقى، بۇنىڭغا يارىشا ئائىلىدىكى، جەمىيەتتىكى بۇرچىغا، بۇرچىغا يارىشا خارەكتېرىغا بېقىپ ئەر، ئايال دەپ ئايرىلىدۇ. بۇرچ بىلەن ئەر، كۈچ بىلەن ئەل بولىدۇ. ئەل جامائەتنىڭ ئىرادىسى، سىياسىتى ۋە تەبىئىتى بىلەن مىللەت بولىدۇ. بىر پەيتتىكى كەسمىدە ئىجتىمائىي تەبئىتى ۋە ئىشلىتىدىغان تىلى نۇقتىسىدىن مىللەتلەرگە بۆلىنىدۇ. ئاندىن ئىدىئولوگىيە تۇتقان يولى بويىچە ماركىسىزمچى، ناتۇرالىست، خىرىستىيان، بۇددىست، مۇسۇلمان دېگەندەك ئۈممەتلەرگە بۆلىنىدۇ. ئوبېيكتىپ ئىنسان كاتىگۇرىيەسىدىكى ئەر- ئايال، ئۆسمۇر، بالا دېگەندەك ئۇقۇملارنى ماركىسىزمچى ، ناتۇرالىست، خىرىستىيان، مۇسۇلمان دېگەندەك سوبېيكتىپ ئىنسانلىقنىڭ ئالدىغا ئۆتكۇزۇشكە بولمايدۇ. ناۋادا مۇشۇنداق قىلىنسا، بۇ يوق نەرسىنى ياكى ھىچ بولمىغاندا مەۋجۇتلىغى مۇكەممەل بولمىغان نەرسىنى كاتىگۇرىيەگە ئايرىغاندەك ئىش بولىدۇ. شۇڭا «بىز ئالدى بىلەن مۇسۇلمان، ئەر ئەمەس» دېگەن بۇ جاۋاب، ئۇنى ئاڭلىغان ھەرقانداق كىشىگە توڭ غورىنى ئاجايىپ شېرىن دەپ ماختاۋاتقان سودىگەرنى كۆرىۋاتقاندەك تەسىرات بەرمەي قالمايدۇ. دۇرۇس، «بىز ئالدى بىلەن مۇسۇلمان، ئەر ئەمەس» دېگەن بۇ جاۋابنىڭ ئورنىدىكى ئەر ئۇقۇمىنىڭ ئورنىغا ئوخشاشلا ئوبېيكتىپ ئىنسانلىق كاتىگورىيەسىدە كېلىدىغان مىللەت ئۇقۇمىنى ئالماشتۇرساق، بۇنداق يۇمۇرىستىك ئەھۋالنىڭ بىزدە نەقەدەر كەڭلىكى مانا مەنلا دەپ چىقىدۇ. ھەقىقەتەنمۇ بىز ئەرمۇ، مۇسۇلمانمۇ؟ دېگەن بۇ سۇالغا بېرىلىدىغان جاۋاب قانداق بولسا، يېقىنقى مەزگىلدە دىيارىمىزدا ئەۋج ئالغان بىز ئۇيغۇرمۇ، مۇسۇلمانمۇ؟ دەيدىغان بۇ كەڭ ئۇچرايدىغان سۇالغا بېرىلىدىغان جاۋاپ شۇنداق بولىدۇ، يەنە كېلىپ كىشىلەر ھەرقانچە نادان بولسىمۇ ئەر- ئايالدىن ئىبارەت ھايۋانىلىققا ئەڭ يېقىن بۇ ئۇقۇمغا نىسبەتەن يەنىلا مۇەييەن سەزگۇرلىكتە بولغاچقا بىز ئۇيغۇرمۇ، مۇسۇلمانمۇ دەيدىغان بىمەنە سۇئالغا، بىز ئەرمۇ، مۇسۇلمانمۇ؟ دەپ كىرىشسە مەسىلىنى تېخىمۇ ئاسان ئايدىڭلاشتۇرىۋىلالايدۇ. ئەلۋەتتە ئايدىڭلاشماي گەپتانلارنىڭ دۆڭى بولۇپ تۇرىۋەرسىمۇ بولىدۇ؛ بۇگۇنكى كۇندە دوختۇرلۇق تېخنىكىسى يۇقىرىلىدى. ئەر بولۇشقا زورۇقۇپ قالغانلار ئاياللىقنى تاللىسا ئىشمۇ پۇتىۋېرىدۇ. جامائەتچىلىك، سۇسلىدى چوڭ بولۇشنى خالىمىغانلار يوسۇنغا ئۆزىنى زورلىماي بالا بولۇپ يۇرسىمۇ كۇن ئۆتېۋىرىدۇ. ھەر ئەرنىڭ «سۈرىنى قانۇن ھۆددىگە ئالدى»، ئەمدى يىگىت سىياقىدىكىلەر يۇمشاق دەسسەپ، ئىنجىمارۇق بولۇپ يۈرسىمۇ بىرەرسى ئائىلىسىگە باسقىن تۇزىمەيدۇ. قىزلار نازاكەتسىز تومپايلارغا ئايلانسىمۇ، ئۇنىڭ دىپلومى، مۇئاشى، ئۇنىڭغا ئالاقىدارلاردىكى تۇيغۇ گاللىقى بۇ كۆرۇمسىزلىكنى كۆزگە چېلىقماس قىلىۋىتەلەيدۇ. بۇ ئىشلار كەمسىنىش، بىنورماللىق تۇيغۇسى، ئەنسىزلىك پەيدا قىلمايدۇ. قورساق تويىۋېرىدۇ، كۇن نورمال ئۆتىۋېرىدۇ. ئەمما مۇكەممەل ئىنسانلىق ئۆلچىمى ئېتىبارسىز قالغاچقا شەھەرلەردە، «شەھەر كۆرگەنلەر»دە، غەرىپكە غەرىقلەر دەۋاتقان ئاتالمىش «دېمۇكىراتىيە»نىڭ خىلسىز ئاياق كىيىش، ئاچمايدىغان يەرلەرنى ئېچىپ يۇرۇش دېگەندەك «ئىجابىي» ئۆرنەكلىرى مەيدانغا چىقىۋېرىدۇ. يېزىلىرىمىزدىكى «ياخشىلار»نىڭ ئەھۋالى ھازىرچە، مەلۇم بىر يىلى قومۇلدا يۇز بەرگەن مۇنۇ ۋەقەلىكتىن ئۆزگىچە بولۇپ كەتمەيدۇ.
بىر يىلى ئاتالمىش بىرنەچچە «تەقۋا» ياشلار كېتىۋىتىپ، يولدا يېنىدا قىڭراق ساقلاپ يۇرۇيدىغان بىر تەلۋە لۇكچەك بىلەن نىمىسى نېمە بولغان جىدەللىشىپ قاپتۇ. بىرنەچچىسىگە قىڭراق تېگىپتۇ. ئارىدىن بىرسى قاندىغى قانداق بولغان قىڭراق تۇتقان تەلۋىنى ئارقىدىن كىلىپ قۇچاقلىۋاپتۇ. ئەمما شۇ چاغدا قىڭراقچىنىڭ ئالدىدىكى ئەڭ بەك «تەقۋا» قارىم ئۇنى ئۇرماي مۇشتىنى كۆتەرگىنىچە قاراپ تۇرۇپتۇ. پەيت كىتىپتۇ، قىڭراقچى ئىككىسىدىن بوشۇنۇپ قىڭراقنى تېخىمۇ بەك تەھلىكىلىك شىلتىپ ئۇلارنى سۇرۇپ توقاي قىلغاندىن كىيىن غالىپ ھالدا كېتىپتۇ. كىيىن جاننى ئالقانغا ئېلىپ كەينىدىن قىڭراقچىنى قۇچاقلىغان بالا زەردىسى قايناپ؛ تەييار قىلىپ تۇتۇپ بەرسەم نىمىشقا ئۇرمايسەن دەپتىكەن مۇش كۆتۇرۇپ قويۇپلا تۇرغان قارىم «پەيغەمبەر ئەلەيھىسالامنىڭ ئىنساننىڭ يۇزىگە ئۇرماڭلار » دەيدىغان ھەدىسى يادىمغا كېلىپ قالدى دەپ جاۋاپ بېرىپتۇ. بۇ نېمىدىگەىن تەسىرلىك يۇمۇر- ھە.
شۇڭا ئاۋامنىڭ ئۇقۇملىرى ۋە پىكىر ئەندىزىلىرى بويىچە ئېيتقاندا ئىنسان ئالدى بىلەن كۇلىدىغاندا شاپپىدە كۇلەلەيدىغان، ۋاقىرايدىغاندا دەرھال ۋاقىرىيالايدىغان، تەبئىتى بېجىرىم، خارەكتېرى تىك، جاسارىتى بار ئەر ياكى نازاكىتى بار ئايال بولسۇن، مەيلى ئۇنىڭ مەسلىكى، دىنى، يولى قانداق بولىشىدىن قەتئى نەزەر ھەرقانداق چاغدا نادىر ئىنسانلاردىن بۇ جەھەتتىكى سۆلەتنى كۆرەلىسۇن ۋە ئۆزىگە تەدبىقلىيالىسۇن. يۇقۇرىدىكى يۇمۇردىكى تەنتەككە ئۆتىدىغان ئىبارىلەر بىلەن دېسەك بۇنىڭ مۇھىملىغى ئۇچۇن يادىمىزدا بولسۇنكى؛ قۇرئان كەرىم ئات- ئىشەك، قوي – ئۆشكىلەرگە ئەمەس، بەلكى ئىنسانلىق بىلەن شەرەپلەندۇرۇلگەن ئىنسانلارغا ئېزىزلىق ئۇچۇن چۇشۇرۇلگەن. يەنە كېلىپ «قۇرئان ئىنسانلار ئۇچۇن بىر باياندۇر، تەمكىنى بارلار/ تۇرغۇنلار ئۇچۇن بىر ھىدايەت،بىر تەلىمدۇر»[1]دىگەن ئايەتتىكى تەمكىنى بارلار ئىبارىسى پىشقان خارەكتېر بىشارىتىدە ھەم رەسۇلىلا سەللاللاھۇ ئەلەيھۇۋەسسالام ئىسلامنى تۇنجى بولۇپ كۆرگەنلا كىشىلەرگە ئەمەس، بەلكى خارەكتېرى پىشقان ، ئىنسانلىق شەرىپى كامىل كىشىلەرگە تەۋسىيە قىلغان ئىدى. ئۆزىنىڭ ھەقلىقلىقىنى كىشىلىك شەرىپىنى شىپى كەلتۇرۇپ دەلىللەشتىن ئايانمىغانتى. كىيىنكى ئوچۇق دەۋىتىمۇ بالىلارغا ئەمەس، چوڭلارغا بولغان ئىدى. شۇڭا بۇ باسقۇچ ئوڭۇشلۇق بېسىلماي خارەكتېرى يىتىلمىگەن، پىكرى بۇزۇق، تۇيغۇسى كېسەل سۇرىتىي ئىنساننىڭ ، گۆدەكلەرنىڭ مۇسۇلمانلىق مەسلىكى ۋە «ئىسلامىي سۈرەت»نى بىلىپ، بىلمەي قورال- جابدۇق قىلىشى ئەمەس، مۇشۇ باسقۇچنى ئوڭۇشلۇق بېسىپ كەلگەن ئىنساننىڭ كەلىمە شاھادەت ئېيتقانلىرى ئاندىن بىجىرىم مۇسۇلمان بولالايدۇ. بولمىسا يە ياخشىلىغىنى، يە يامانلىغىنى بىلگىلى بولمايدىغان بىر بىرىدىن پەرىقسىز ئوماچتەك ئىنسانلار، نەگە ھەيدىسە شۇ يەرگە ماڭىدىغان پادىسىمان يۇمشاقباشلار، مەنىۋى زەرەرنى ھېس قىلمايدىغان قۇل- چۆرىلەر، كۇچسىزلىغىدىن ئۆزىدىن ئۇركۇپلا ياشايدىغان مەھكۇملار، زاھىرى ئەمەللەرنى تۇتۇش ئىرادىسىلا سۆيۇملۇك دوگمىلار، تاج تاقىغان قوڭالتاقلار، قوڭى ئوچۇق ماجان بۇۋىلەر، ساۋاب تېجارەتچىلىرى، شاپتۇلنىڭ قەستىدە ھەر سىياقتا بولالايدىغان جىن- شاياتۇن... ۋاھاكازالار ئاۋۇپ ئېزىزلىقنى شەرەپسىزلىكنىڭ تېگى يوق ھېڭىغا تاشلايدۇ. شۇڭا بىزدىن بۇ خىلدىكى ئىنسانلىق سۈرەتنىڭ ئىسلامغا ھاقارەت كەلتۇرىدىغانلىقىنىڭ مىساللىرىنى ئوڭايلا تاپقىلى بولىدۇ. ھەتتا تاپقىلى بولۇدۇلا ئەمەس، ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ دىنىنى شىپى كەلتۇرۇپ ئىنساننى، ئۆزىنى تەجەللى قىلىش، ھەر مۇقام ۋە ھاللاردىكى جامالىغا، كامالىغا ئىنتىلىش دېگەندەك ئىنسانىي تۇيغۇلىرىمىزنى دەپسەندە قىلىشقىچە ئىلگىرلەپ كېلىۋاتقانلىغىنى سەزمەيدىغان ۋە سېزىشنى خالىمايدىغان كىشىلەر ھېلىھەممۇ ئارىمىزدا بار . ئاددىسى غەرپ دۆلەتلىرىگە بېرىپ «دىبو» ياكى «بالىلارنىڭ بېقىلىش پۇلى»نى يەپ مەخسۇس مۇسۇلماندارچىلىق قىلىۋاتقان «مۇسۇلمان»لارنىڭ غەرپ گېزىتلىرىدە كەسپىي؛ ناماز ئوقۇش. دېيىلىپ يېزىلىشلىرى مېنى تالاي قېتىم ئىزا تارتقۇزغان. دىيارىمىزدا موللىنىڭ بوكسىيور توغرىسىدىكى «پەتىۋا»سى بىلەن بوكسىيوردىن رايى يېنىپ ئېلانغا رول ئېلىش ئۈچۈن چۆرگىلەپ يۈرگەن تالانىتلىق بوكسىيورچىنى مەن ئۆز كۆزۇم بىلەن كۆرگەن، ئۆرە تۇرۇپ سۇ ئىچسەك بولامدۇ؟ شىرەدە تاماق يىيىش توغرىمۇ؟ دېگەندەك سۇئاللارنىڭ كىشىنى ئىسيانغا زورلايدىغان تەرىپىنى پەقەتلا نەزەرگە ئالماي، قۇللارچە قىلىنغان مۇنازىرىلەرنى ئۆز قۇلۇقىم بىلەن ئاڭلىغان. ئەقەللىيەتتە شەرىپى بار ئىنسانلارغا تارتىلىدىغان «نەزىر»لىرىمىزنى بەش ئەزاسى بېجىرىم تۇرۇپمۇ كوچا - كويلاردا شەرەپسىزلارچە ئولتۇرۇپ تىلەيدىغان «تىلەمچىلەر»نىڭ ھەققى ھېسابلايدىغانلارنى ۋە ئۇلارنى ئاشۇ پاسكىنىچىلىقى، بەت-بەشىرىلىكى بىلەن شەرەپلىك ئىنسانلارنىڭ داسقىنىغا باشلاشنى «تەقۋا»لىق ھېسابلايدىغانلارنى، بۇنىغۇ مەيلى دەيلى، ھەتتا ئىنسانلىق ھەق- ھوقۇقلار ئۈچۈن تەسىرلىك تېرىشچانلىقلارنى كۆرسەتكەن كىشىلەرگە، «بۇنىڭ ئورنىغا ئاللاھ دەپ مۇشۇنداق تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن بولسا- ھە» دەپ ئۆكۈنگەن ئۆكۈنۈشلەرنى تالاي قېتىم ئۇچراتقان ھەم بىرنەچچە يىلنىڭزى بۇنداق پەسكەشلىكنىڭ بۇ تەرزىدە مىللىي ئىڭىمىزغا زەھىرىنى چاچقانلىغىنى ھەممىمىز بىرلىكتە ئوچۇق ئاشكارە ھالدا كۆرۇپ تۇرۇپتىمىز.
بەرھەق «بىز ئالدى بىلەن مۇسۇلمان، ئەر ئەمەس» جۇملىسىنىڭ كەيپىياتىدا ئىپادىلىنىپ تۇرىۋاتقىنىدەك ئىنساننى چۆكۈرۈش، يۇلتۇزىنى چۇشۇرۇش ھېسابىغا نىيەتتىكى نەرسىنى ئۇلۇقلاش، بۈيۈك كۆرسىتىش ئۇسلۇبى، ئەرەپلەر بولۇپمۇ پارىسلارنىڭ ھەتتا ئارىمىزدىكى بەزى ئاتالمىش «موللا - ئۆلىما»لارنىڭ سىياسىي ۋە ماددىي پايدىلىرى ئۈچۈن ئىسلام دىنىنى ۋاسىتە قىلغانلىقى تارىختا كۆرۇلمىگەن ئىش ئەمەس. «بىلىمدار»لارنىڭ «نادان»لارنى مەغرۇر ھالدا قارا تۈركلەر دەپ ئاتىشى، بىلمىگىنىمىزدە بوينىمىزنى پۈكۈپ ناھايىتى تەبئىلا مەن بىر قارا تۈرك دەيدىغان بولۇپ كىتىشىمىز... ۋاھاكازالار، بۇنىڭ ناھايىتى چېلىقىشلىق بەلگىسى. ھالبۇكى شۇ تارىخلاردا بىز ئۆزىمىزگە ئۈلگە قىلغان مۇھەممەد سەللالھۇ ئەلەيھۇۋەسسالام ماۋۇ مۋۇ شەرتنى ئادا قىلساڭ مۇسۇلمان، بولمىسا ئەمەس دەپ كەلمەستىن، بەلكى بۇنىڭ ئەكسىچە ئېزىلىۋاتقان قۇللارغا، ئىنسان ئورنىدا كۆرۈلمەيۋاتقان ئەر - ئاياللارغا، ئۆزىنىڭ ھەققانىي ھوقۇقىنى، كىشىلىك ئىززىتىنى تونۇتۇش، كىشىلەر چوقىنىدىغان بۇتلارنى ئارقا تېرەك قىلىپ زالىملىق قىلىۋاتقانلارغا ھەقىقىي ئىنسانلىقنى بىلدۈرۈش بىلەن ئۆز تەلىمىنى باشلىغان ۋە ئەڭ ئالدى بىلەن ھۆرلۈك جەڭچىسى، كىشىلىك ھوقۇق جەڭچىسى بولۇپ ئوتتۇرغا چىققان ئەمەسمىدى؟ يەنە كېلىپ يۇقۇرقى ناتوغرا كەيپىيات ئىزچىل تەنقىدلىنىپ كېلىۋېتىپمۇ، بۈگۈنكى كۈندە يەنە نېمىشقا باش كۆتۈرۈپ قالىدۇ؟ ئېتىقاد مەسىلىسى دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلۈپ «مەن ئۇيغۇر ئەمەس، مۇسۇلمان» دېيىلىپ، ئوبېيكتىپ ئىنسانلىقنىڭ چىگرىسىغا باستۇرۇپ كېلىپ، ئىنساننى مۇكەممەلسىز ھالدا قالدۇرماقچى بولىدۇ؟
ئۇزۇن تارىخلار مابەينىدە خەيرلىك ئىشلارنىڭ ئادەتلىشىشى ۋە ئۇنىڭ مىللىي تەبىئەتكە ئايلىنىشىغا ئەگىشىپ بىر قىسىم ئىسلامىي ئۆرپلەر ئاللىقاچان مىللىي ئۆرپ ئادەت بولۇپ، خېلى مەزمۇت قەد كۆتۇرۇپ بولغان ئىدى. ھالبۇكى يېقىنقى دەۋرلەردە باش كۆتۈرگەن ئۆزىمىز ھەققىدىكى قايتا ئويلۇنۇش ۋە ئالدىنقى ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدىكى قالاق ۋە مۇتەەسسىپ موللىلاردىن يىرگىنىش پىسخىكىسى، يېقىنقى مەزگىلدە تەبىئىلا شۇ دەۋردىكى دىن ۋە ئۆرپلەردىن گۇمانلىنىش، ئۇلار بىلەن چەك – چىگرا ئاجرىتىش پىكىر يولىنى شەكىللەندۇردى. گەرچە تارىخ، مىللىي ئۆزلۈك جەھەتتە بۇ قايتا ئويلىنىش ئىجابى تەسىر كۆرسۈتۈپ، ئاتا- بوۋىلىرىمىزنىڭ شانلىق تارىخلىرى، نۇرانە خارەكتېرلىرى قايتا يورۇتۇلغان ۋە بۇ يورۇتۇلۇش خوجانىياز ھاجىغىچىلىك كەلگەن بولسىمۇ، دىنىي ساھادە بۇ خىل قايتا ئويلۇنۇش ئىجابىي نەتىجە ئېلىپ كەلگىدەك چوڭقۇرلۇققا يېتەلمەي، ھېىسسىي، ھەتتا سەلبى تېيىزلىقتىلا توختىۋالدى. دىنىي تەپەككۇر ئاتا- بوۋىلىرىمىزنىڭ دىن جەھەتتىكى كامالىتىنى قايتا يورۇتۇپ كۆرسۈتۈش يولىدا ئەمەس، بەلكى ئۆزىگە مۆتىۋەر كۆرۈنگەن دولەتنىڭ پەتىۋاسىنى دەستەك قىلىپ، ئاتا- بوۋىلارنى ئىنكار قىلىش، ھەتتا 1000 يىلنىڭزى ئەڭ ئەقەللى دىنىي ئۆرپلەرنىمۇ تۇرغۇزالمىغانغا چىقىرىش، مىللىيلاشقان ئىسلامى ئۆرپ ۋە پائالىيەتلەرنى بۇزۇپ- چېقىش، پۈتۈنلۇكنى پارچىلاش، يەمچۈكلىرىنى جايلاشتۇرۇش يولىغا قاراپ ماڭدى. دىنىي مائارىپنىڭ بىز ئويلىغاندىنمۇ ئاجىز ھالدا بولمىقى، خەلقنىڭ بولۇمسىزراق بالىلىرىنى دىنىي ساھەگە دەۋەت قىلىشى، جەمىيەتتىكى ھەرىكەتچان ئەمما نەزەرىيەۋى سەرەمجانلاشتۇرۇشقا گال بالىلارنىڭ بۇ ساھەگە كىرىشىنىڭ كۆپ بولۇشى، كاللىغا كەلگەن سۇئال، مۇكەممەللىككە بولغان تەلپۇنۇش ئەمەس، چۈشۈنۈكسىزلىك، ياشاش بېسىمى پىسخىكىسىنىڭ قىستىشى بىلەن ئىلىم ئىشقىدا ئەمەس، پەتىۋالار قورۇقىدا ئاراملىق تېپىش ئىستىكىدە دىندار بولغانلارنىڭ كۆپ بولۇشى سەۋەبلىك بۇنداق سەلبىيلىك تېخىمۇ مۇدھىشلەشتى. بۇنىڭغا قوشۇلۇپ ئامېرىكىنىڭ ماھىيەتتە مېلىنى سېتىپ، پۇلىنى تېپىش كويىدىكى ئىقتىساتنى يەرشارىلاشتۇرۇش مەپكۇرىسىگە ئۈستمۇ- ئۈست چۈشىدىغان ۋە شۇنىڭ جىنسىدىن بولغان بىر قىسىم دىن تونىغا ئورالغان تەرغىباتلار نېمە ئۈچۈنكىن رايونىمىزدا سالىھ مۇسۇلماندارچىلىق، تەقۋالىق دېيىلىپ تەرغىپ قىلىنىدىغان بولدى. قەدىمكى دىنىي ئالىملىرىمىزنىڭ شارائىتى، ئىلمى ۋە دىنىي قۇۋۋىتىگە تەڭ كېلەلۈگۈدەك بىرەرسى چىقماي تۇرۇپمۇ، ئۇلارنىڭ تۇتقان يولى، مىللىيەتلەشتۈرگەن ئۆرپلىرىنى، يوسۇنلىرىنى، پەتىۋالىرىنى رەت قىلالايدىغانلار ئاۋۇپ كەتتى. مۇشۇ يېقىنقى مەزگىللەردىكى 1000 يىللىق تارىخلىرىمىز جەريانىدا ئاللىقاچان مىللىي خارەكتېرلىرىمىز بىلەن كامالىي بېرلىشىپ كەتكەن ئۆرپلىرىمىز تەپ تارتىش يوقلا، چېقىلىپ يېپيېڭى نەرسىلەر كۆرۇلۇشكە باشلىدى. مەسىلەن ، بوشۇك تويىنىڭ ئەسلى قىممىتى، ئەسلى شەكلى توغرىسىدا ئويلايدىغانلار يوق. ئەقىقە ئۇقۇمىغا زىيادە زورۇقۇش ئاۋۇپ باردى. ياغلىق چىگىش ئۆرپىنىڭ ئەسلىنى ئەسلەيدىغانلار يوق «يېپيېڭى ھىجاپ ئۇسۇلى» باش كۆتەردى. ماھىيەتتە «ئىنسان قېلىپ» ئۆزىدىن «نوچى، بىلىملىك، سۆلەتلىك» كۆرۇنگەنلەرنىڭ يوسونى، كىيىم - كېچىكى تەكىتلەندى. ئۆزىدىكىسى ناچار، خەقتىكىسى ئېسىل كۆرۈنىشكە باشلىدى. خەقتىكى ئارقىلىق ئۆزىنى پەدەزلەش ئۇدۇمغا ئايلانغىلى تۇردى. ھالبۇكى مىللىي ئۆرپلىرىمىزنى، بۇنىڭ سەمەرىسىدە مىللى پىسخىكىمىزنى، مىللىي خارەكتېرىمىزنى چۆلگە تاشلاپ قويىدىغان بۇنداق ئىشقا يول قويغىلى بولمايتتى. خارەكتېرى بولمىغاننىڭ، پىشمىغاننىڭ ئۆرپلەرگە بولغان سەزگۈرلۈكى، جامائەتلەشمىگەننىڭ ئاخىرقى ھېسابتا دىنىنىڭ بولۇشى مۇمكىن بولمايدىغان ئىش ئىدى. دۇرۇس، تۇغۇچىنى قوغدىماق، جورۇقى بار بولماق، ھەرھاللاردىكى جامالىغا ئىنتىلمەك، كامالەت بىلەن خاسىيەت ياكى ئۆزىگە خاس خاراكتېرىنى تاپماق ھەر بىر مۇسۇلماننىڭ ئىنسانىي بۇرچى. ئىنسان ئالدى بىلەن بۇ بۇرچنى ئادا قىلىپ ئۆزىدە نېمە بولسا شۇنى ئىجرا قىلالايدىغان، تۇتالايدىغان بولسۇن. بۇ يوغان يەرگە ئېسىلمىدىڭ دەپ ئىنسان تەبىئىتىگە، مىللىيىتىگە، خارەكتېرىگە، غۇرۇرىغا زەھىرىنى چېچىش بىلەن بولمايدۇ. بەلكى بۇلارغا ئىكرام كۆرسەتمەك بىلەن بولىدۇ. تېخىمۇ ئىلگىرلەپ ماۋزۇيىمىز بويىچە بۇ جەھەتتىكى ئىجتىھاتىڭلارغا ياردىمى بولسۇن ئۈچۈن بۇنىڭغا قوشۇپ « قانداق قىلىش كېرەك » ناملىق ماقالىنىڭ < ئۆيى يوقنىڭ ئويى يوق> ماۋزۇ ئاستىدىكى تۆۋەندىكى ئۇزۇندىنى ئوقۇپ كۆرۇڭلار. «يېقىنقى دەۋردە نېمىشقىكىن بۇنىڭ ئەكسىچە مىللەتنى ئېتىراپ قىلمايمىز، دۇنيادا مۇسۇلمان كاپىر دەپ ئىككىلا مىللەت بار دەيدىغان نادان موللىچاقلار پەيدا بولدى. ھەتتا قەشقەردە مېھماننى مۇسۇلمانلار، ئۇيغۇرەكلەر دەپ ئىككى خىل چاقىرىدىغانلىغى توغرىسىدىكى گەپلەرمۇ قۇلاققا كىرىپ تۇردى. بۇ دەرىجىدە ساپاسىز كىشىلەر بىلەن ئەلۋەتتە مۇنازىرە قىلىپ ئۆلتۇرۇشنىڭ ھاجىتى يوق، ئەمما بۇ گەپنى قانداق بىر «مۇتەپپەككۇر»نىڭ ئوتتۇرىغا تاشلىغانلىغىنىمۇ تۇزۇك ئىلغا قىلغىلى بولمىدى. مۇشۇنداق ئەھۋالدا ئۆزىنى شىنجاڭدىكى موللىلارنىڭ ئالدى دەپ چاغلايدىغان بىرسىنى تېپىپ گەپتانلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن بۇ توغرىدا ئۇنىڭغا قىسقا ۋە ئۇدۇللا تەنبىھ بەردىم. ئالدى بىلەن ئۇنىڭ مۇشۇ مەسلەكتە ئىكەنلىگىنى ئېنىقلىدىم. ئاندىن ئۇنىڭدىن ناھايىتى ھۆرمەتسىزلىك بىلەن بىر سۇئال سورايمەن سۇئالنىڭ نازاكىتىنىڭ يوقلىغى ماڭا مەلۇم. بۇ توغرىدا مۇنازىرلەشمەيمىز. ھەم سۇئالدىكى بىئەدەپسىزلىكتىن ئاچچىقلاشمايمىز. پەقەت سۇئالنىڭ ئۆزىگىلا جاۋاپ بېرىلا دەپ شەرت قويدۇم. ماقۇللىغىنى ئالغاندىن كېيىن، __ بىز ئىسلامى رەسمىيەت بويىچە نىكاھلانغانلاردىن بولغان بالىلارنى ھالالدىن بولغان دەيمىز. لاما دېنىغا ئېتىقات قىلىدىغان بىر جۇپ قالماق ئەلۋەتتە ئۆزىنىڭ مىللى ئۆرپ - ئادىتى بويىچە توي قىلىدۇ. ئىسلامى چۇشەنچە بويىچە بولغاندا ئۇلاردىن بولغان بالىنى ھارامدىن بولغان دەيمىزمۇ، ھالالدىن بولغان دەيمىزمۇ؟ __ دەپ سورىدىم. ئۇ ئېرەڭسىمەيلا، __ نېمە بولسا بولمامدۇ؟ __ دەپ كۇلۇپ،__ كاللىنىڭ ئىشى بار دەيمەن، يوقىلاڭ گەپنى سورىماي، نەق گەپنىلا سورىسىلا، __ دېدى. مەن سۇئالىمنى باشلىدىم. __ پەيغەمبەر ئەلەيھۇۋەسسالامنىڭ ئاتا – ئانىسىنىڭ ئاشۇ قالماقلاردەك مۇشرىك ئىكەنلىگىنى بىلىلا شۇنداققۇ دەيمەن،__ دىدىم. ئۇ ناھايىتى ئەستايىدىللىق بىلەن، __ شۇنداق__ دەپ جاۋاپ بەردى. مەن گېپىمنى داۋاملاشتۇردۇم ئۇنداقتا يۇقىرىقى قالماقلارنىڭ بالىسى توغرىسىدىكى سۇئالنى پەيغەمبەر ئەلەيھۇۋەسسالامنىڭ تۇغۇلۇشىغا قارىتىپ سورىساق، بۇنىڭ جاۋابى ئەمدى قانداق بولىدۇ؟__ دېدىم. ئۇ خېلىبەك قىزاردى. جاۋاپ بېرىشكە قاتتىق قىينالدى. مەن جاۋابىنى دەپ بېرەي، __ ئەلۋەتتە ھەر ئىككىسى قانۇنلۇق ھېسابلىنىدۇ. ئىسلامى چۇشەنچىدە ھەركىم دىنى ۋە ئۆز مىللىتىنىڭ ئۆرپ ئادىتى بويىچە توي رەسمىيىتىنى بېجەرگەن بولسىلا بۇ نىكاھ قانۇنلۇق، تۇغۇلغان بالىلار ھالال بولىدۇ، ئەكسىچە بۇ قالماقلار ئۈرۈمچىگە ساياھەتكە كېلىپ ئىسلامى رەسمىيەت بويىچە توي قىلسا بالىسى ھالال بولمايدۇ. سىلىنىڭ بۇنىڭغا ھازىر بىرنېمە دېيىشلىرى ھاجەت ئەمەس، كىتاب كۆرسىلە ئاندىن بىرنېمە دېسىلە، __ دېدىم. ئۇ يەنە ئويلىنىشقا كەتتى. بىرنەچچە كۈندىن كېيىن «شۇنداق بولىدىكەن» دەپ كەلدى. كۆرۈشلۈككى ھەر مىللەتنىڭ ئۆرپ - ئادىتى ئىسلامى نۇقتئى نەزەردە ئەسلى ئاشۇنداق نوپۇزلۇق نەرسە، ئىسلام ئەھكاملىرىغا مۇخالىپ بولمىسىلا، ئۇ ئۆزىنىڭ نوپۇزىدىن قالمايدۇ. نىكاھنى تۆت ئادەم ئوقۇپ قويسىلا، قالغىنى قىلسىمۇ بولىدىغان، قىلمىسىمۇ بولىدىغان ئىش ئەمەس. مۇشۇنداق تۇرسا پەيغەمبەر ئەلەيھۇۋەسسالامنىڭلا ئەمەس، دۇنيادىكى نۇرغۇن كىشىنىڭ ھالاللىقىنى دەلىلەيدىغان مىللىيەتكە نېمىشقا مۇنداق يەڭگىلتەكلىك قىلىسىلەر؟ مىللىيەتكە تىل سېلىشتا بۇنىڭ ئەھلىلىرى بىلەن سۆزلۇشۈپ كۆرمەي، ئۇنى يامانشىشقا نېمىشقا سەۋىيەسى ۋە خارەكتېرىنىڭ تايىنى يوق شۇنچىۋالا ئادەمنى سەپەرۋەر قىلىسىلەر؟ نېمەڭلەرگە نېمە يەتمەي بۇ ئىسلامى نۇقتىئى نەزەردىن تېنىپ ئامىرىكىنىڭ ھەممىنى يەر شارىلاشتۇرۇش نۇقتئى نەزەزىرىدە گەپ-سۆز قىلىدىغان بولۇپ قالدىڭلار؟ كاشكى بۇنداق گەپ- سۆزلەرنى سۆزلەيدىغان گەپتانلار نۇقتىنەزەر ئاسىيلىقىنى ئىلغا قىلالىسا ئىدى، ھەر ھالدا خوش بولۇپ قالاتتۇق. مۇنچىلىك ساۋادى بار ئىنسان، مەسىلىنىڭ مىللىي تۇيغۇدا ئەمەس، بەلكى مىللىي تۇيغۇغا ئۇنداق – مۇنداق سەۋەپلەر بىلەن ئويدۇرۇپ چىقىرىلغان ئۇقۇملارنى ئوبېيكىت قىلىپ، ئىنسانلار ئارىسىدا مىللىيەتنى سۈيىئىستىمال قىلغان تېتىقسىز ئېرقچىلىق ۋە تەپرىقچىلىقنىڭ پەيدا بولىۋاتقانلىغىنى ھېس قىلغان بولار ئىدى. سۇنى لېيىتىۋاتقانلارنىڭ دېپىغا ئۇسۇل ئوينىماس ئىدى. راست بىزنىڭ جامائەتچىلىكىمىز، مىللىيىتىمىز مەزلۇم. شۇڭا ئارىمىزدا مىللەتكە قارىماي يول تۇتالايدىغان، ئۇنى كەمسىتىدىغان، مىللەتتىن ھايا قىلمايدىغان، ھەتتا ئۇنىڭ مەنپەئەتىنىڭ قارشىسىدا مېڭىشنى تاللىۋالغان كىشىلەر ئاۋۇپ قېلىقلىق. ئەقەللىسى ئىنىستېتۇت، ئۇنىۋېرسىتىت ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ قولىدا كۆتۈرۈۋالغان ئۇيغۇرچە كىتابنى كۆربپ ھېيىقمايلا ھازىرمۇ ئۇيغۇرچە ئوقۇۋاتامسىلەر؟ بۇ قايسى دەۋر دەيدىغان؟ ھەر ھېيتتا يۇرتتا ھېيت نامىزى ئوقۇلسۇن ئوقۇلمىسۇن سەئۇدى پالانچى كۇنى ھېيت قىلىدىكەن، قىلمايدىكەن دېيىشىپ يۇرت جامائىتىگە قارىماي ئايرىم ھېيت قىلىدىغان، ھەتتا بۇنى دىندارلىق دەپ بىلىپ غادىيىپ يۈرىدىغانلار بار. «بۇرچ بىلەن ئەر، كۈچ بىلەن ئەل» بولىدىغان بۇ زاماندا، ھېچقانداق بۇرچنى زېممىسىگە ئالمايدىغان، ئەلگە كېرەكلىك ھېچقانداق كۈچكە نەزىرنى سالمايدىغان قەرزدار «ئەر»، ئىرادە ۋە سىياسىتى يوق « ئەل»لا بار. ھالبۇكى دىننىڭ يولى بۇ ئەمەس. ھېيتنىڭ قاچان بولىدىغانلىغى ۋە ھېيت نامىزىنىڭ قاچان ئوقىلىدىغانلىغىنى سەۇدى ئەمەس، يۇرت جامائىتى بەلگىلەيدۇ. جامائەت ۋە مىللەتنىڭ مەزلۇملىغى، نادانلىغى ساڭا بىلىنىشكەن بولسا ئۇنى ئوڭشاش ئۈچۈن كۆكرەك كېرىپ ئالدىغا چىق، ئىزدەن، بىلگەنلىرىڭنى تەدبىقلا، بولۇمسىزلىقنى ئوڭشاشنىڭ تەدبىرىنى قىل، لېكىن مىللەتنىڭ ئېتىبارىنى، نوپۇزىنى سۇندۇرۇشنىڭ يولىغا كىرمە. ئۆزۇڭنى كىچىك چاغلاپ بۇنىڭغا جۇرئەت قىلالمىساڭ، يەنە بىر ئۆينىڭ گىپىنى قىلىپ، غودۇڭشۇپ يۈرمە، مىجازى ھالدا ئېيتقاندا ئۆزۇڭنى ئەر چاغلىماي ئۇ ئەردىن چىقىپ بۇ ئەرگە تەككەن بولساڭ، بۇرۇنقى ئېرىڭنىڭ يامان گىپىنى قىلما. يېڭى ئېرىڭنىڭ يېنىغا بار، ئۆيۇڭنى تۇت. ئۆزۇڭلارنى كۆرۈۋېلىش ئۈچۈن تۆۋەندىكى گەپلىرىمنىمۇ ئاڭلا؛ بىر كۈنى مەن مۇشۇنداق ھېيت قىلىدىغان «ئاتالمىش تەقۋا»لارنىڭ بىرسىدىن ناۋادا شۇنداق بىر كۈنلەر كېلىپ، ئۇيغۇرلار بىلەن ئەرەپلەر بىر-بىرىگە جەڭ ئېلان قىلىپ قالسا، قانداق قىلىسىلەر؟ مىللەتنى سېتىپ سەئۇدىدىكى ئىماملىرىڭلارنىڭ پاي قەدەملىرىگە ئەگىشەمسىلەر؟ دەپ سورۇدۇم. ئۇ ھەرھالدا تاڭزىپ تۇرۇپ بولسىمۇ « مەن مىللەتنى تونىمايمەن» دىدى. ھالبۇكى ئۇنىڭ جاۋابىنىڭ ئەكسىچە دىن مىللەتنى تونۇيتى، تېخى دىن ئاتالغۇسى قەدىمىيلىك ئېتىبارىدا ئېيتىلغاندا مىللەت دېيىلەتتى. ھەتتا قۇرئان كەرىمدە ئوچۇق ئايەت بىلەن «سەن يۇزۇڭنى ھەنىف بولۇپ دىنغا، ئاللاھ ئىنسانلارنى قانداق فىترەت ئۈستىگە ياراتقان بولسا شۇنىڭغا قىل»[2] دەپ كېلىۋاتسا ،«ئادەتتە ئىماندىن كېيىن نامازدىن ھېساب ئېلىنىدۇ. ئەمما پادىشاھلار ئىماندىن كېيىنلا ئادالىتىدىن ھېساب بېرىدۇ» دېيىلىپ ئىنساننىڭ ئىجتىمائىي مەجبۇرىيىتىنىڭ شەخسى مەجبۇرىيىتىدىن ئۈستۈن ئىكەنلىگىدىن بېشارەت بولىۋاتسا، ئەمدى يۇقۇرقىسى قانداق مەنتىقە! ئېنىقكى بۇ خىلدىكى كىشىلەردىن قاتتىق ھەزەر ئەيلىمەي بولمايدۇ. چۇنكى مىسالەن ئېيتقاندا، 1960 - يىلدىن بۇيان تۈركىيەدىن گېرمانىيەگە چىقىرىلغان ئەمگەك كۇچى ھېسابىدىكى ئىشچىلارنى ھېچكىم گېرمانىيەگە يەرلىشىپ قالىدۇ ۋە سانى ئىككى يېرىم مىليوندىن ئېشىپ كېتىدۇ دەپ ئويلىمىغان ئىدى. ئەمما ھەقىقەتەنمۇ بۇ ئويلىمىغان ئىش يۇز بەردى. تۈركىيەدە پەقەت «يوقسۇل»لىقىنى، گېرمانىيەدە بولسا «يات ئىشچى» ئىكەنلىكىنىلا ھېس قىلالىغان بۇ ئىشچىلارنىڭ يېتەرلىك پۇل تېپىپمۇ يۇرتىغا قايتمايدىغانلىغىنى، گېرمانىيە 80- يىللاردا رەسمى بىلدى ۋە بۇنىڭغا سىياسەت بەلگىلىدى. گېرمانىيىنىڭ ئالدىدا تۈركلەرنى پۈتۈنلەي قايتۇرۇۋتىش ياكى ئۇنى پۈتۈنلەي ئاسمىلاتسىيە قىلىۋىتىشتىن ئىبارەت ئىككىلا يول بار ئىدى. بۇ ئەھۋالدا گېرمانىيە ئىچكى سىياسەتتە «تۈركلەرنىڭ بىرىنچى كىملىكى مۇسۇلمان. مۇشۇ ئۇقۇم ئاساسىدا بۇلارنى گېرمان قىلىمىز. دىنلىرىنى تۇتسۇن، ئەمما تۈرك بولۇپ ئەمەس، مۇسۇلمان بولۇپ مەۋجۇت بولسۇن» [3]دەپ كوردىنات بېكىتتى.« گېرمانىيە تۈركىيەدە ئەكسىيەتچىل پائالىيەتلىرى بىلەن تونۇلغان گۇرۇپپىلارنىڭ دەۋەتچىلىرىنى گېرمانىيە مەكتەپلىرىدىكى تۈركلەرگە دىنىي تەلىم بېرىش ئۈچۈن تەكلىپ قىلىۋاتىدۇ. ئۇلارنىڭ ئۆشرە- زاكات يېغىپ كۇچىيىشىگە ئالاھىدە غەمخورلۇق كۆرسىتىۋاتىدۇ... بۇ گۇرۇپپىلار تۈركىيە پەيدا قىلغان بوشلۇقتىن پايدىلىنىپ، ئۆزلىرى تۇرغان جايدىكى تۈركلەرنى تۈركىيە مەپكۇرىسىگە قارشى ماقاملارغا تارتىۋاتىدۇ» [4] ئەنقەرەدىكى بۇ ھەقتىكى دوكلاتلاردا مۇشۇنداق خاتىرىلەر قالدۇرۇلغان ئىدى . قىزىقارلىغى خېلى زور مەبلىغى ئارومكودىن كېلىدىغان ۋە ئاتا تۈرككە ھاقارەت بىلەن تولغان «بۇت - ئادەم» ناملىق كىتابنى باسقان ۋە تارقاتقان، 1963- يىلىدا مەككىدە باستۇرغان پىروگراممىسىنىڭ بىر ماددىسى مىللىيەتچىلىك ۋە ئېرىقچىلىق بىلەن كۈرەش قىلىش بولغان «رابىتات - ئال ئالام ئال ئسلام» بۇ ئىماملارغا 1984- يىللارغىچە 1100 دوللاردىن مۇئاش بېرىپ تۇردى. ھالبۇكى ئەرەپلەر ئىتتىپاقسىزلىق ئامىلى دەپ قارشى تۇرىدىغان ئۇقۇملار قاتارىغا تىزىۋالغان «مىلىيەتچىلىك» ئۇقىمىنىڭ ئەرەپلەرنىڭ شەخسىيەتچىلىكى ئۈستىگە قۇرۇلغان نەسەپۋازلىغىمۇ ياكى يەرشارىلاشتۇرۇش ئېھتىياجىنىڭ تەلىپىمۇ بۇنى بىلگىلى بولمايتى. چۇنكى ئەرەبلەر ئەزەلدىن مىللەت مىقياسىدا ئىتتىپاقلىق ئورنىتىشقا تەشنا بولسىمۇ مۇرادىغا يىتەلمەي ئۆكۈنۈپ يۈرگەن، بۇنىڭغا تەبىئىي يېتەلمىدۇق ئىسلام دىنى بىلەن يەتكەنتۇق دەپ ئىسلامنىڭ ئۇلۇغلىقىنى دەلىللەپ كەلگەن خەلق ئىدى. ئەجىبا مۇشۇنداق ئەھۋالدا يۇقۇرقىدەك پىروگراممىنىڭ ئوتتۇرغا چىقىشى نورمال بولۇرمۇ؟ مانا مۇشۇنداق ھەممە نەرسە بىر- بىرىگە كىرىشىپ كەتكەن، ھەر نەرسىنىڭ تەسىرچانلىغى ھەسسىلەپ ئاشقان مۇھىتتا، قولدىكى ئىشنى ئېلىشتۇرىۋەتمەي، جاي- جايىدا، گۈلىنى گۈلىگە كەلتۈرۈپ ئېلىپ بارماق ئۈچۈن، ھادىسىلەرنى ئوپىراتسىيە قىلىش ئۈچۈن ئېلىپ كەلگەن ئۆيىمىز ياخشى ۋە توغرا سەرەمجانلىشىپ بولغان بولمىقى، يۈرىشىۋاتقان تەپەككۇرنىڭ نەدە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدىغان پايدىلنىش سىستېمىسى جايىدا بولمىقى، تەپەككۇر مېتودىنىڭ قايسى سەيناغا سىغىدىغان سىغمايدىغانلىغى توغرىسىدىكى پارامېتىرلار تۇرغۇزۇلمىقى كېرەك. ئېنىقكى پەلسەپە مانا مۇشۇنىڭ ئۈچۈن لازىم-
-------------------------------------------------------------------------------
[1] «قۇرئان كەرىم» 3--سۈرە
[2] «قۇرئان كەرىم» رۇم سۇرىسى 30-ئايەت
[3] «دۆلەت ۋە ئىسلام» مۇستاپا بالباي 82-بەت.جۇمھۇرىيەت كىتابچىلىقى، ئىستانبول
[4] «دۆلەت ۋە ئىسلام» مۇستافا بالباي 83- بەتكە قاراڭ، جۇمھۇرىيەت كىتابلارى . ئىستانبول
|