1. سىلەر بىزنىڭ ئىشقا ئۇرۇنلاشماي تۇرۇپ ئىشقا ئۇرۇنلىشىش كېلىشىمنامىسىنى تامغا ئۇرغۇزۇشتىكى مەقسىدىڭلار نىمە؟
2. بىز ئۇقۇش پۈتتۈرمەي تۇرۇپ ئىشقا ئۇرۇنلىشىش كېلىشىمنامىسىنى تۈزسەك سىلەرگە قانداق پايدىسى بار؟
3.ھازىر قايسى بىر ئالى مەكتەپتە سىلەرنىڭكىدەك ئىشقا ئۇرۇنلاشماي تۇرۇپ كېلىشىمنامىگە تامغا ئۇرغۇزدىغان ئىش بار ئىكەن. دەپ بېرىڭلار؟
4. ئەگەر بىز ھەممىمىز شۇنداق تامغا ئۇرغۇزۇپ كەلسەك مەكتەپ مۇدىرىغا پايدىسى بارمۇ - يوق ؟
5. بەلكىم بۇ ئىشلارنى مەكتەپ مۇدىرى مەن بىلمەيدىكەنمەن دەپ تۇرىۋىلىشى مۇمكىن ،ئۇنداق بولسا مۇشۇنداق چوڭ ئىشنى سىز بىلمىسىڭىز ،سىز رۇخسەت قىلمىسىڭىز يەنە كىم شۇنداق قىلسۇن؟ ئەجىبا مەكتەپتە سىزنى باشقۇردىغان يەنە بىر مەكتەپ مۇدىرى بارمۇ ؟
بەلكىم بەزىلەر بۇنىڭغا قانداق ئىسپاتىڭ بار دېيىشى مۇمكىن. قۇلۇمدىكى كىچىك دەپتەر ئىسپات بۇلالامدۇ يوق ؟ ئاشۇ مەكتەپتە ئۇقۇغان بارلىق ئۇقۇغۇچىلار ئىسپات بولالامدۇ يوق؟ ئەگەر پىكىر ئېلىش بوپ قالسا يۇقىرى ئورگانلارنىڭ يەنە ئۇدۇل بېرىپ مەكتەپكە ئۇقۇغۇچىلار مۇنداق دەيدۇ، ئۇقۇغۇچىلاردىن پىكىر ئېلىپ يوللاپ بېرىڭلاردىمەستىن مەكتەپكە كېلىپ ئۇقۇغۇچىلارنىڭ ھالىنى سوراشنى ئۇمۇد قىلمىز.
تورداشلار بەلكىم مۇنداق سوئال سورىشى مۇمكىن ؟ سىز نىمىشقا ئۇقۇغان سىنىپىڭىز ۋە ئىسمىڭىزنى دىمەيسىز دىيشى ۋە مەكتەپ رەھبەرلىكىگە بۇ ئىشنى ئىنكاس قىلمايسىز دېيشى مۇمكىن . مەكتەپ شۇنچە قاپيۇرەكلىك بىلەن قىلغان ئىشقا مەندەك بىر سويما ئۇقۇغىچىنىڭ گېپىنى ئاڭلامدۇ ؟ يەنەتېخى ئۆزۆمنىڭ بېشىغا پىت تېرىغان بولىمەن. چۈنكى مەن بۇ مەكتەپتىن قورقىمەن.سەۋەبى بىزنىڭ يۈزىمىزنى تۆكتى دەپ مەكتەپتە ئۇقۇغان ئىسپاتىمنى يوقاتسا ياكى نەچچە پەندىن ئۆتەلمەي دىپلۇم كىلەر يىلى چىقىدۇ دېسە مەن قانداق قىلمەن،ئىشقىلىپ بۇ مەكتەپكە گەپ كەتمەيدۇ. شۇڭا تورداشلارنىڭ سەمىمى پىكىر بېرىشنى ۋە ئاكتىپ ئاۋاز قۇشۇپ بېرىشنى ئۇمۇد قىلىمەن. ئەسلى مەكتەپتىكى بىللە ئۇقۇغان بالىلاربىرلىكتە ئوپچە ئەرىز قىلسا بولاتتى. لىكىن ئۇلار قورقتى. مەنمۇ شۇ . بىر ئۇغۇلبالا تۇرۇپ بايامقىدەك قورقتۇم دىمەسلىكىم كېرەك ئىدى. ئەمدى قورقساممۇ مۇشۇباغداشقا يوللاپ قويدۇم. چۈنكى باغداشتىكى پىكىرى ئۆتكۈر كۆپنى كۆرگەن ئاكا- ئاچىلىرىم مەن ۋە مەندەك ئۇكىلىرىنى ئۇنتۇپ قالمايدۇ دەپ ئويلايمەن.
مەكتەپ بىزگە بەرگەن مۇناسىۋەتلىك كىتاپچە بار ئىدى. سىىغىمى چوڭ ئىكەن دەپ چىقىرالمىدىم.
ۋاقىت قىسلىقى سەۋەبلىك ئىملا خاتالىقىدىن خالى بولالمىدىم ئىملا خاتالىقى بولساخاپا بولماي چۈشىنىپ ئۇقۇشىڭلارنى ئۈمۈد قىلمەن.