شۇنداق غەزەللەرنى ياڭرىتىپ، بىپايان دالىلاردا كۆمۈلمەس ئىزلارنى قالدۇرغان ئاشۇ ئارىسلاندەك ئەجداتلىرىمىز ئۆزلىرىنىڭ ئىسسىق قانلىرى بەدىلىگە ئەۋلادلارغا ئەبەدىي بىر قامۇسنى يېزىپ قالدۇرغان.ئۇ بولسىمۇ -شانلىق تارىخ! تارىخ ـ قېزىپ تۈگەتكىلى بولمايدىغان بايلىق. بىر مىللەتنىڭ شان-شۆھرىتى، تارىخ بېتىنىڭ قەلەم ۋە ئەلەم بىلەن پۈتۈلگەن ئاشۇ ئۆچمەس قۇرلىرىدا، ئەجداد بىلەن ئەۋلادنىڭ قېنى ۋە روھى بىر گەۋدىگە ئايلانغان. يۇرۇتۇمدىن ئايرىلىپ ئاشۇ كەڭ كەتكەن ئاقچۇق سېيىغا نەزەر سالغنىمدا، سۇسىز، ئۆسۈملۈكمۇ ئاندا-ساندا ئۆسەلەيدىغان بۇجايدا قەد كۆتۇرۈپ، كۆك ئاسمانغا مەردانە غۇلاچ تاشلاپ تۇرغان ئاشۇ قارا ياغاچ دىققىتىمنى ئۆزىگە تارتتى، ھەم ھەيرانلىق، ھەم قېزىقىش بىلەن بوۋامدىن: بوۋا، ئاۋۇ قارا ياغاچ مۇشۇنداق سۇسىز يەردە قانداقمۇ كۆكىرىپ تۇرغاندۇ؟- دەپ سورىدىم. بوۋام ئاق ئارلاشقان ساقىلىنى سىلىۋېتىپ ماڭا ھەيرانلىق ئىلكىدە قارىدى ، پەمىمچە بوۋامدىن بۇسوئالنى سورىغان مەنلا ئەمەس بولغىيتىم، ئۇ ھېچ ئويلانماستىنلا غۇربەت تۇرمۇش غۇۋالاشتۇرۋەتكەن نۇرسىز ئاجىز كۆزلىرىنى قاراياغاچقا تىكىپ :-بالام، راجى بوۋاڭنىڭ روھى ئۇنى كۆكەرتىپ تۇرغان –دېدى. دەسلەپتە بوۋامنىڭ جاۋابىدىن تازا قانائەت ھېس قىلالماي تۇرۇپ قالدىم، ئارىنى بىرھازا جىمجىتلىق باستى. بوۋام ھاسسىنى توكىلداتقىنىچە قارا ياغاچ تەرەپكە ماڭدى، مەنمۇكەينىدىن سايىدەك ئەگشمەكتە ئىدىم. بوۋام قارا ياغاچقا قانچە يېقىنلاشقانسىرى ئۇنىڭ مېڭىشىنىڭ تەسلىشىۋاتقانلىقىنى، بەدىنىنىڭ تىنىمسىز تىترەۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىۋاتاتتىم قانداقتۇر ئۇنىڭ ۋۇجۇدىنى بىر خىل ۋەھىمە چۇلغىۋاتقاندەك گاھىدا تاراملاپ ياش تۆكسە گاھىدا ئاسمانغا قاراپ ئېغىر ئۇھسىرايتتى. مانا قارا ياغاچقا ئون نەچچە مېتىرلا قالدۇق، مەن ئۇنىڭ سايىسىغا يۈگەردىم، بوۋام ئارقامدىن:- توختا،-دەپ ۋارقىرىدى. شۇنچە يىلدىن بېرى بوۋام بىلەن بىرگە يۈرۈپ ئۇنىڭ مۇنداق جاراڭلىق، كەسكىن ئاۋازدا گەپ قىلغىنىنى تۇنجى قېتىم ئاڭلىغان بولغاچقىمىكىن تۇرغان ئورنۇمدا قاققان قوزۇقتەك تۇرۇپلا قالدىم. بوۋام ئاشۇ تۇرمۇش قېرىتىۋەتكەن ئورۇق ھەم قاداق باسقان قوللىرى بىلەن كۆز ياشلىرىنى سۈرتىۋېتىپ، دۇئاغا قول كۆتۈردى. بوۋام ئاران تەستە يۈكىنىپ ئولتۇرۇپ قىرائەت باشلىدى، ئوقۇغانسىرى ئاۋازى ئۈزۇلۈپ-ئۈزۈلۈپ چىقاتتى، مەنمۇ قاراياغاچقا قاراپ خىيالغا كېتىپتىمەن. ئارىدا بوۋامنىڭ: - راجى ئاكا مەن كەلدىم، ئۇكاڭ سېنى يوقلاپ كەلدى،- دېگەن سۆزىنى ئاڭلاپ ھاڭ تاڭ قالدىم، ھەم بوۋامدىن: بوۋا، راجى دېگەن كىمۇ؟ بۇ قارا ياغاچنىڭ ئىسمىمۇ دەپ سورىدىم، - بوۋام ئورنىدىن تۇرۇپ قولۇمدىن يېتىلەپ قارا ياغاچ سايىسىغا ئاپىرىپ ئولتۇرغۇزدى، ھەم قارا ياغاچقا يېڭىباشتىن قارىۋېتىپ ئالدىرماي سۆز باشلىدى:
يۇرتى ئېدىر سۈيى ئەلۋەك ماكان ئىدى، خەلقى ساددا جەڭدە باتۇر قاپلان ئىدى لېكىن مەخسۇت ھاشارىدا كۈن تۈن قارا ئىدى ئىنتىقامدىن يۈرەك خۇن، ئەركىنلىك ئارمان ئىدى. ۋارقىرالماس باي غوجامغا ھەر كىشى، شۇڭا يوقتۇر تاپقان ئاشنىڭ بەرىكېتى. تاپشۇرار ھاشار سېلىق، قالغىنى بىر باش پىياز. چىقسا دەيدۇ ئۇيغۇرۇمنىڭ سەركىسى. ئاشۇچىرىك سىنىپ ۋەجى ئاقتى قانلار، خەلق ئىشلەپ جان باقالماي تىترەر جانلار. شۇپەيتتە تۆمۈر خەلپە ئالدى قورال. ئەگەشتى ھەم راجى بالا ئېشىپ تاغلار. ئۇچتى كۆككە پەرۋاز ئۈچۈن قانات قېقىپ، ئەل غېمىدە ئولتۇرالماي بېشى قېتىپ. ئويناتقاچ نەيزە-قېلىچ ئەل بېشىدا، يۈردى چېرىك قايان بولسا شۇ يان چېپىپ. قارا بۇلۇت قاپلاپ قالسا ئەل بېشىنى، جەڭگە كىردى دوغا تىكىپ ئۆز جېنىنى. گاھى چىقسا قاتتىق بوران كۆچسە قۇملار، توسايدۇ ھەم ئورمان قىلىپ ئۆز تېنىنى. شۇ پەيتتە يىگىرمىدە قىران ئېدى، ئۆزى باتۇر جەڭگە كىرسە مەرگەن ئېدى. ئۆزسۆيگىنى ئىلاجسىز دېدەك بولغاچ، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنى ئويلاپ سەرسان ئېدى. شۇكۈنلەردە كەلدى دۈشمەن قوشۇن باشلاپ، راجىمۇ ھەم جەڭگە چىقتى بەلنى باغلاپ. كارقىلمىدى زەمبىرەك ھەم ئاپتومات، چىيەن دارېنلار قېچىپ كەتتى بارگاھ تاشلاپ. راجى يالغۇز ئات چاپتۇرۇپ ئۇنى قوغلاپ، پىستىرمىدا تۇرغان دۈشمەن ئۇنى ساقلاپ. شۇ ۋەجىدىن دۈشمەنلەرگە بولدى تۇتقۇن، قاراياغاچقا پۇت قولىنى قويدى باغلاپ. دېدى ئۇلار:قوزغالغانلار زادى قانچە، ئېيتە ئېنىق بۇندىن باشقا ئامال قانچە. راجى دېدى: غالچىمىدىم ئۈمىد كۈتمە، كۆكتە يۇلتۇز قانچە بولسا ئۇلار شۇنچە. گەپ ئالالماي شۇ باتۇرنىڭ ئاغزىدىن، سۇغۇرىۋالدى يۈرىكىنى خۇن باغرىدىن. سوقتى يۈرەك ياندى گويا قۇياش كەبى. غازاتنى دەپ كەچتى جاننىڭ مېھرىدىن. شۇڭا گۇۋاھ تۇرار يالغۇز قارا تېرەك، ئاڭىمۇ ھەم ھايات بەرگەن مۇشۇ يۈرەك. ئۆگەن نەۋرەم ئۆرلە كۆككە ئىزدىنىپ، شۇندا ئايان زادى قانداق قىلماق كېرەك
بوۋامنىڭ مۇشۇ ھېكايىسىدىن، ماكسىم گوركىي ئېيتقىنىدەك ئىنسانىيەتنى ئەركىنلىك ئازاتلىق ئۈچۈن يېتەكلىگەن دانكونى كۆرگەندەك بولدۇم. شۇڭامەنمۇ مۇشۇ قارا تېرەككە يۈكسەك ھۆرمەت ھەم ئېھتىرام بىلەن قارايدىغان ھەم مىللىتىمنىڭ ئەسلى ۋەسلىنى چۈشەنگەندەك بولدۇم. ئۇلار قەلبىمىزدە مەڭگۈ ھايات!!! |