- تىزىملاتقان
- 2010-12-27
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-4-1
- ھوقۇقى
- 200
- جۇغلانما
- 9201
- نادىر
- 28
- يازما
- 200
ئۆسۈش
100%
|
تەپسىلاتى : http://bagdax.cn/beijing
2013- يىلى 3- ئاينىڭ 2- كۈنى دۆلەت ئىچىدىكى داڭلىق ۋە نۇقتىلىق تور بېكەتلىرىنىڭ مۇۋاپىققىيەت تەجرىبىلىرىنى ئۆگىنىپ، نەزەر دائىرىسىنى تېخىمۇ كېڭەيتىپ ياخشى
بولغان ئىجىتمائىي مۇھىت بەرپا قىلىش ئۈچۈن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق ياشلار بىرلەشمىسىنىڭ ئالدىن ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن ، رايونىمىزدىكى ئۇيغۇر ۋە قازاق يېزىقىدىكى سەركەردە توربېكەتلەردىن باغداش تورى (ئۈچ نەپەر) كارۋان تورى ، مىسرانىم تورى، چىمبۇلاق تورى ، كارۋان(قازاق تىلدىكى)تورى ،بايلىق تورى ،ئانا تۇپراق تورى ،يېزا - مەكتەپ پىدائىيلار تورى مەسئۇللىرى ۋە ئۈرۈمچى شەھەرلىك جامائەت خەۋىپسىزلىكى تور باشقۇرۇش خادىمى بولۇپ 14 كىشى بۇ قېتىملىق ئەھمىيەتلىك سەپەر ئۈچۈن بېيجىڭغا يول ئالدى.
بۇ قېتىمقى پائالىيەت شىنجاڭ ئىچىدىكى سەركەردە توربېكەتلەر ،مەملىكىتىمىزدىكى داڭلىق توربېكەتلەردىن ۋەكىل خارەكتىرلىق خەلق تورى، تېڭشۈن تورى،سىنا تورى قاتارلىقلارنىڭ تەرەققىيات ئەندىزىسى ئارقىلىق، يېڭىلىق يارىتىش شۇنداقلا شىنجاڭ تورچىلىقىغا تېخىمۇ كۈچلۈك ئۇل سېلىشنى ئاساس قىلغان، پىكىر ئالماشتۇرۇش ۋە ساياھەتنى بىرلەشتۈرۈپ دوستلۇق ئالغا سۈرۈلگەن تۇنجى سائەتلىك ئۇنتۇلغۇسىز قىممەتلىك دەرس بولدى.بېيجىڭ ئايرىپورتى بۇ كۈنى ئادەملەر توپى بىلەن تولغان ئىدى.ياشلار بىرلەشمىسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرىشى بىلەن بېيجىڭ ئايرىدىرومىدا مەخسۇس خادىم ماشىنا بىلەن بېكەت قۇرغۇچىلىرىنى قىزغىن كۈتىۋالدى، ۋە ئۈچ يۇلتۇزلۇق ئالىي مېھمانسارايغا ئورۇنلاشتۇردى.
توربەت قۇرغۇچىلىرى شۇ كۈنى يىغىلىپ تاماققا ئورۇنلاشتۇرۇلدى،شۇنداقلا بۇرۇندىن تور بەتلەردە رەسىملىرىنى كۆرگەن ،بۇنچە يېقىن ئولتۇرۇپ بىرگە غىزالىنىپ باقمىغان بېكەت مەسئۇللىرىنىڭ تۇنجى كۈنلۈك دوستلۇق رىشتى تېخىمۇ كۈچەيدى .
3- ئاينىڭ 3 – كۈنى بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 9 دا مەركىزى ئىتتىپاق مەكتىپى سىنىپىدا ئۆز – ئارا پىكىر ئالماشتۇرۇش ۋە تونۇشتۇرۇش پائاالىيتى بولدى، ھەرقايسى بېكەت مەسئۇللىرى بېكەت تارىخى ۋەبېكەت باشقۇرۇش ئەندىزلىرىنى ،دۇچ كېلىۋاتقان قىيىن مەسىللەرنى بىرەر قۇر چۈشەندۈرۈپ ئۆتتى.
شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن بۇ قېتىمقى سەبداشلار سىنا تورىنىڭ بېيجىڭدىكى باش ئىش ئورنىغا كەلدى ،شۇنداقلا ئۇلارنىڭ قىزغىن قارشى ئېلىشى بىلەن ئاساسلىق ئىش ئورۇنلىرى ،سۈرەتكە ئېلىش ئۆيى ،ئارام ئۆيلىرى ،ھەرقايسى تۈر باشقۇرۇش ئورۇنلىرىنى تەپسىلىي زىيارەت قىلدى ،زىيارەتتىن كېيىن سىنا تورىنىڭ مەلۇم تۈر دېرىكتورى سىنا تورىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى ،مىكرو بىلوگنىڭ تەرەققىياتى، ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى تەرەققىيات نىشانى قاتارلىقلارنى تەپسىلىي سۆزلەپ ئۆتتى،بېكەت مەسئۇللىرىمۇ ئۆزىگە قاراڭغۇ بولغان بىر قانچە مەزمۇن ئۈستىدە ئۆز ئارا پىكىر ئالماشتۇردى.
3- ئاينىڭ 4- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ئالدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان بويىچە خەلق تورى سەبداشلارنى قىزغىن قارشى ئالدى،ئۇلاردىكى ئۆلچەم ،شۇنداقلا خىزمەتتىكى ئەستايىدىللىق شىنجاڭ تورچىلىرىدا يەنىمۇ يېڭى ۋەزىيەت شەكىللەندۈرۈشنى ئىختىيارسىز ئىپادىلەپ تۇراتتى.خەلق تورىمۇ ئۆز نۆۋىتىدە رەقەملىك ئېكران ئۇچۇرلىرى بىلەن توربەتنىڭ كىيىنكى يۈكسەك تەرەققىياتى ،شۇنداقلا ئەينى چاغلاردىكى ھالەتلىرىنى سېلىشتۇرۇپ قىممەتلىك بىر سائەتلىك چۈشەنچىگە ئىگە قىلدى.
خەيرىلىك پائالىيەتلەر بۇنىڭ بىلەن توختاپ قالمىدى ئەلۋەتتە،شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن مەملىكىتىمىزدىكى ئەڭ چوڭ ئالاقە تورى بولغان تېڭشۈن تورىنىڭ بېيجىڭدىكى ئىش بېجىرىش ئورنىدا سەبداشلارنى كۈتىۋالدى.ئۇلارنىڭ قىزغىن قارشى ئېلىپ يول باشلىشى بىلەن ،تېڭشۈن تورىنىڭ ئىككى بىناسى ئايرىم – ئايرىم زىيارەت قىلىندى،نۆۋەتتىكى تېڭشۈن تورى بولسا ئاساسەن ياشلارنى ئاساس قىلىپ ئىشلىتىۋاتقان، چەتئەل كارخانىلىرىدىكى خىزمەت ئەركىنلىكىنى ئۆزىگە يۇقىرى مۇجەسسەملىگەن ،توختىماستىن ياشلار قوشۇنى بىلەن تەرەققىي قىلىۋاتقان پۇقراۋىي كارخانا ئىكەنلىكىنى بېكەت ئىگىلىرى زىيارەت جەريانىدا تولۇق ھېس قىلىشتى ،شۇناقلا 2 نۇمۇرلۇق يىغىن زالىدا ئىككى نەپەر تېڭشۈن تۈر مەسئۇللىرى تېڭشۈننىڭ بۈگۈنكى تەرەققىياتى ،كەلگۈسى پىلانلىرى، شۇنىڭدەك ئوخشاش ساھەلەردىكى يۇقىرى بولغان سانلىق قىممەت پەرىقلىرى توغرىسىدا تەپسىلىي ئۇچۇر بەردى.
3- ئاينىڭ 5- كۈنى بۇ قېتىمقى سەپەرداشلارغا بىر كۈنلۈك ساياھەت ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ ، ۋاڭ فۇجىڭ ،مەركىزى مىللەتلەر ئۇنۋىرسىتىتى ،قاتارلىق ئورۇنلار ساياھەتنىڭ مۇھىم نۇقتىسى بولدى،6- چىسلا ئەتىگەندە شىنجاڭ سەركەردە توربەت مەسئۇللىرى بېيجىڭدىن ئۈرۈمچىگە يول ئالدى.
بۇ قېتىمقى پائالىيەت نوقۇل ھالدا تەجرىبە ئالماشتۇرۇشلا بولماستىن ،توربېكەتچىلىرىمىزدىكى ئىناقلىق ،ئىتتىپاقلىق ئۇرۇقلىرىنى رەسمىي بىخلاندۇرىدىغان مۇنبەت تۇپراقلىق رولىنى ئوينىدى،ئۇيغۇر ،قازاق تورچىلىقىدا تۇنجى قېتىملىق دەۋىر بۆلگۈچ تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە بولدى. 14 كەسىپداشلار خۇددى ئاكا - ئۇكا ،ئاچا –سىڭىللاردەك ،خۇددى بىرلا مەقسەت، بىرلا توربەت باشلىقلىرىدەك ئىناق بولۇپ كەتتى،ئىشىنىمىزكى بۇ قېتىمقى ساياھەت بېكەت باشلىقلىرىمىزنىڭ كونا باشقۇرۇش ئۇسلۇبلىرىنى ئۆزگەرتىپ ،يېڭىچە ئۇيغۇر ،قازاق تور مەدەنىيتى ،يەنە شۇنداقلا بىرلەشكەن، ھەمكارلاشقان ،ئۆز – ئارا قوللايدىغان تور مەدەنىيتىنى بەرپا قىلىدۇ.
بىزمۇ جۈملىدىن شىنجاڭ تورچىلىقى ئۈچۈن كۈچ چىقارغان ياشلار بىرلەشمىسىگە ، ھەرقايسى دەرىجىلىك رەھبىرىي ئورۇنلارغا كۆپ رەھمەت ئېيتىمىز، شۇنداقلا مۇشۇنداق پائالىيەتلەرنىڭ كۆپلەپ ئېلىپ بېرىلىپ شىنجاڭ تورچىلىقىنىڭ كىيىنكى تەرەققىياتىغا تېخىمۇ ياخشى ئۇل سېلىشىنى چىن قەلبىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز!
تەپسىلاتى : http://bagdax.cn/beijing/ |
|