قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 3945|ئىنكاس: 32

سىز ئېرىڭىزنىڭ نېمىسى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

2

تېما

0

دوست

306

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   3%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  15641
يازما سانى: 18
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 14
تۆھپە : 78
توردىكى ۋاقتى: 8
سائەت
ئاخىرقى: 2013-5-11
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-19 17:04:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىز ئېرىڭىزنىڭ نېمىسى


رىۋايەت قىلىنىشىچە ئادەمنىڭ ھەۋۋا ئانىنىڭ سۆزى تۈپەيلى جەننەتتىكى چەكلەنگەن مېۋە(ئەقىل مېۋىسى-بۇغداي)نى يەپ، جەننەتتىن-روھىيەت ئالىمىدىن زېمىنغا –مەۋجۈدىيەت ئالىمىگە چىقىرىلىشى سۆيۈش بىلەن سۆيۈلۈشنىڭ نەتىجىسى، شۇنداقلا، زېمىندا-بارلىق مەۋجۈدىيەت ئارىسىدا مېھىر-مۇھەببەتنىڭ باشلىنىشى؛ ئىككى قۇتۇپنىڭ- ئەر بىلەن ئايالنىڭ، ياز بىلەن قىشنىڭ، كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ، مۇسبەت بىلەن مەنپىينىڭ، ھاياتلىق بىلەن ئۆلۈمنىڭ، شان-شەرەپ بىلەن ئار نومۇشنىڭ، مۇھەببەت بىلەن نەپرەتنىڭ مۇتلەق، مەڭگۈلۈك بىرلىكىنىڭ باشلىنىشى ئىدى.

بۇنىڭدىن 20 مىڭ يىل ئىلگىرى مېسوپوتھمىيە تۈزلەڭلىكىدە بىر ئايال زېمىندىكى بۇغداي ئۆسۈملۈكىنى بايقاپ ئۇنى دۇنياغا تاراتقاندىن باشلاپلا ئاياللار دۇنياغا، ئەرنىڭ قەلبىگە بىر يۈكسەك سىيما سۈپىتىدە بۆسۈپ كىرىپ(بۇ گەپ سەل كەمتۈك بولۇپ قالغان بولسىمۇ) دۇنيانى تەۋرىتىشكە، ئەرنى بويسۇندۇرۇشقا كىرىشتى، ئاياللار سىرىتلارغا چىقىپ يىرتقۇچ ھايۋانلار بىلەن ئېلىشىپ ئوۋ ئوۋلىدى، تاش ئوتىغۇچ بىلەن يەر تېرىدى، سانچىغاق بىلەن بېلىق تۇتتى... ۋەھالەنكى، ئېيىقتەك كۈچلۈك، شىردەك ھەيۋەت ئەرلەر ئۆيدە ئولتۇرۇپ بالا باقتى!...نەسەب زەنجىرىنىڭ ھالقىسى ئاياللارنىڭ ئىختىيارلىقىدا بولدى.

«ئىنسانلار ئايال زاتىغا، ئايال جىنىسقا بولغان چوقۇنىشىنى، ئىلاھىي ھېسياتىنى، تەلپۈنۈشلىرىنى، ھۆرمىتىنى، ئېگىز قىيالارغا، مىڭ ئۆيلەرگە، ئۆڭكۈرلەرگە تاش قەلەملەر بىلەن ئويدى». ئەر زاتى ئايال ئۈچۈن قورام تاشنى مومدەك ئېرىتىپ بالباللارنى ياساشتىن، تاش پىچاقلارنى تەيزىگە ئايلاندۇرۇپ قىيا تاشلار ئۈستىدە كۆزلىرى تېشىلىپ، ئۇستىخانلىرى ئۇۋۇلۇپ كېتىشتىنمۇ يانمىدى.

ئايالدىن ئىبارەت بۇ ئوت بىردە زېمىننى ئۆز ھاراتىتى بىلەن ئىللىتىپ ياشناتسا، بىردە ئەركەك جىنىسنىڭ ۋۇجۇدىدا خۇددى يانا تاغ ماگمىسىدەك پۇرۇقلاپ، ياۋايىلىقنىڭ، قورقۇمسىزلىقنىڭ، جاسارەت ھەم ۋەھشىيلىكنىڭ مەنبەسى بولۇپ قالدى.
ھايۋانات دۇنياسىدىكى سېرىق قۇشقاچنىڭ ئۆز ئۇۋىسىنى رەڭلىك يوپۇرماقلار بىلەن بىزىشىدىن تارتىپ، ئىككى ئەركەك بۇغىنىڭ نەچچە كۈنلەپ ئۈسسۈشۈپ قانغا بويىلىشى، ھەتتا ئۆلۈشىگىچە، ئىنسانىيەت دۇنياسىدا ئڭ كىچىكى، بىر ئايال ئۈچۈن بىر-بىرىنى ئۆلتۈرۈشتىن تارتىپ، ئىككى قوۋم، ئىككى دۆلەت، ئىككى قىتئە ھەتتا دۇنياۋى ئۇرۇشقىچە قايسى بىرىنىڭ ئايال زاتى بىلەن ئالاقىسى يوق دېيەلەيمىز؟

باتۇر تەڭرىقۇتنىڭ بىكەسى(ئايالى)نىڭ بىر ئېغىز سۆزى گۈەندۇڭ مۇھاسىرىسىدىن يوچۇق ئېچىپ، خەن سۇلالىسىنىڭ تەقدىرىنى ئۆزگەرتتى. 1186 دانە جەڭ كېمىسى، يۈمىڭ يۇنان چەۋەندازى ۋە سانسىزلىغان كىشىلەرنى ئۇرۇشقا سۆرەپ كىرگەن، 19 يىل داۋاملاشقان دۇنياغا مەشھۇر «ياغاچ ئات» ھىيلىسىنى ئوتتۇرىغا چىقارغان تىرويا ئۇرۇشى سىپارتا مەلىكىسى گۈزەل ھېلىنا ئۈچۈن بولغان بولسا، يۈز يىل داۋاملاشقان ئەنگىلىيە-فىرانسىيە ئۇرۇشى ئەرنىڭ ئايالنىڭ قەلبىدىكى ئورنىنى تالىشىش، ئاداققى ئىلھام ۋە جاسارەتنىڭ مەنبەسىگە ئىگە بولۇش ئۈچۈن ئىدى.
مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا، ئەرنىڭ بارلىق ھەرىكىتى ئايال زاتىغا ئۆز مەۋجۇدلۇقى ۋە سۆز-ھەرىكىتى ئەركەك زاتىنى ئۇپۇق سىزىقى مەڭگۈ كۆرۈنمەيدىغان مەنزىلگە ئۈزلۈكسىز سىلجىتىش، ئۆزىدىن ئىبارەت بۇ مەڭگۈ يەشكىلى بولمايدىغان تېپىشماقنىڭ جاۋابى ئۈستىدىن بىتاقەت قىلىش، ئويلاندۇرۇش ۋە گاڭگىرىتىشتىن ئىبارەت بولدى.
رىۋايەت قىلىنشچە ئادەم ئاتا زېمىنغا چۈشكەندە ئۇنىڭغا بىرتال بۇغداي، بىر تۇياق كالا، بىر دانە تاياق بىرىلدى. بۇغداي ھاياتلىقنىڭ ئەڭ زۆرۈر ماددىي كاپالىتى، كالا ئەمگەكنىڭ، ھاياتلىق ئۈچۈن كۆرەش قىلىشنىڭ سىمۋۇلى بولسا، تاياق زورلۇق كۈچنىڭ، دىكتاتۇرىنىڭ سىمۋۇلى ئىدى.

ئادەم ئاتىدا ئەقىل، ماددىي كاپالەت، زورلۇق كۈچتىن ئىبارەت تەبىئەتنى ئۆزگەرتىش، بويسۇندۇرۇشنىڭ ۋە ئۆزىگە تايىنىپ ياشاشنىڭ ئەڭ زۆرۈر شەرتلىرىنىڭ ھەممىسى تەل ئىدى. لېكىن يەنە بىر نەرسە كەمدەك قىلاتتى، ئۇ بولسىمۇ ئۇنىڭغا مەڭگۈ مەدەت، ئىلھام ۋە ئىشەنچ ئاتا قىلىدىغان ھەمراھ-ھەۋۋا ئانا ئىدى.
ئادەمنىڭ مېھنەت، ھەۋۋا ئانىدىكى مۇھەببەت زېمىننى پانىي ئالەمدىكى شۇنداق بىر جەننەتكە ئايلاندۇردىكى، زېمىندىكى بىر تال شىۋاق تۈمەن خىل گۈل-چېچەككە، بىر تال قارا تاش تۈمەن خىل لەئىل-ياقۇتقا، بىر تال پىلە قۇرتى مىليون خىل جانلىققا ئايلاندى.

ئادەمدىكى مېھنەت، ھەۋۋادىكى مۇھەببەت زېمىندا شۇنداق بىر ئەزىم دەريا ھاسىل قىلدىكى، ئۇنىڭ سۈيى ھەربىر مەۋجۈداتنى تەشنا قىلدى، ھەربىر مەۋجۈدات بۇ ئەزىم دەريانىڭ سۈيىدە ئېقىشنى، ئۇنىڭغا غەرق بولۇشنى ئىختىيار قىلدى. بۇ دەريا شۇنداق مۇتلەق ۋە مۇقەددەس ئىدىكى، ئۇنىڭ مەنبەسى ئىلاھىي سۆيگۈ بولسا، مەنزىلى جەننەتۇل مەۋا ئىدى. پاسىلى ئۇپۇق سىزىقى بىلەن تۇتاشسا، چوڭقۇرلۇقى دېڭىزنىڭ تەكتىدىن يەنە زىمىننىڭ قارنىغىچە ئىدى. ئۇنىڭ مەۋج ئۇرۇشى شۇنداق بىر گۈزەل كۈي ئىدىكى، قورام تاش ئاڭلىسا سۇ بولۇپ ئاقاتتى، زىمىستاندا گۈل-چىچەكلەر ئېچىلىپ، زۇلمەت زوھەلگە ئايلىناتتى. بۇ مۇھەببەت ئەكسى دەرياسى ئىدى.

ئەردىكى مىھنەت ۋە مۇھەببەت، ئايالدىكى ئىلھام ۋە مەدەت خۇددى پاختىنىڭ ئىچىدىكى چوغدەك بىزگىچە يېتىپ كەلگەنىدى. سىز بىلەن مەن ئاشۇ بۈيۈك دەريانىڭ، ئاشۇ مۇقەددەس كۈينىڭ،ئاشۇ تەڭداشسىز تۇيغۇنىڭ سەمەرىسى، ھەقدار ئىگىسى سۈپىتىدە ئاپىرىدە بولدۇق، ئادەم ئاتا بىلەن ھەۋۋا ئانا، يۈسۈپ بىلەن زۇلەيخا، تاھىر بىلەن زۆھرە... ماڭغان يولدا، ئاققان سۇدا، كۆيگەن ئوتتا... ئاقتۇق، كۆيدۇق.
«مۇھەببەت-ئائىلە تۇيغۇسى، نىكاھلىق تۇرمۇشنىڭ ئۇلى ۋە گۈلى، ئاتا-ئانىلىق تۇيغۇلىرىنىڭ راۋاجى، جەمئىيەتكە، مىللەتكە، تۆھپىكارلىققا يۈزلىنىشنىڭ موھىم بوسۇغىسى» دەيدۇ ئابدۈشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن.
مۇھەببەت مىنى، سېنى جەننەتنىڭ پانىي ئالەمدىكى كۆلەڭگىسى بولمىشى «ئائىلە»گە باشلاپ كىردى، «مەن» بىلەن «سەن» «بىز»گە ئۆزگەردى. خۇددى تۈركەمن خەلقىنىڭ ئاتەشلىك شائىرى مەختۇم قۇلى فەراغى ئېيتقاندەك:

       بىر بۇلاقنىڭ ئىككى كۆزى،
       بىرى سەندۇر، بىرى مەن.
       بىر ئالمىنىڭ ئىككى يۈزى،
       بىرى سەندۇر، بىرى مەن.

«ئائىلە نىكاھ مەھسۇلى، مۇھەببەتنىڭ بەرقارار تېپىشى، شۇنىڭدەك ئۇ، مۇھەببەتنىڭ پەرۋىشگاھى ھەم سىنايدىغان دەرگاھىدۇر». ھەقىقەتەنمۇ شۇنداق، ئائىلىدىن ئىبارەت بۇ «جەننەت»كە قەدەم باسقان ئۇ ئىككى جىنىس «مۇھەببەت»تىن ئىبارەت بۇ كۆچەتنى ئورتاق ھالدا ئائىلىدىن ئىبارەت بۇ زېمىنغا تىككۈچىدۇر.

ئۇنداقتا سىز ئاشۇ ئائىلىنىڭ- جەننەتنىڭ نىمىسى؟
سىز ئائىلىدە خوتۇندۇرسىز، خوتۇن(خاتۇن) دېمەك، خانىش، ئانا دېمەكتۇر. بۇ ياراتقۇچىنىڭ سىزگە ئاتا قىلغان نېمىتى، بۇ ئەرلەرنىڭ، ئېرىڭىزنىڭ سىزگە بەرگەن ئەڭ ئالىي كۆڭۈل سوۋغىسى ۋە شەۋكەتلىك نامىدۇر.
سىز ھەۋۋا ئانىدىن ئۇدۇم ئالغان ئاشۇ ئىلھام ۋە مەدەتنىڭ ھەقدا ئىگىسى ۋە جارچىسى، ئۇ سىزنى نازاكەت ۋە لاتاپەتتە تەڭداشسىز قىلسا، ئىرىڭىزنى پۈتمەس-تۈگىمەس كۈچ-قۇۋۋەتكە، ئەبەدىي ئىشەنچكە، تاغدەك ۋەزىنگە، ئارسلاندەك قورقۇمسىزلىققا ئىگە قىلىدۇ. ئائىلىڭىز گويا جەننەت، بۇ يەردە «ئەخلەت ئالسىڭىز ئالتۇن، كۈل ئالسىڭىز كۆمۈش» بولىدۇ. سىز ئائىلىدە خۇددى ئىللىق باھار شامىلىدەك شىۋاقلارنى ئويغىتىسىز، خۇددى قۇياشتەك قاراڭغۇ دىللارنى يورۇتىسىز، مۇزلىغان قەلبلەرنى ئىللىتىسىز، پەقەت ۋە پەقەت سىز بولغاچقىلا، ئېرىڭىز(بارلىق ئەر زاتى) پۈتمەس-تۈگىمەس ئىلھام ۋە كۈچ-قۇۋۋەتكە ئېرىشەلەيدۇ، ئاندىن ئائىلىنىڭ تۈۋرۈكى، جەمئىيەت، مىللەتنىڭ جاۋابكارى بولالايدۇ. ئايالسىز، خوتۇنسىز ئەر ئېچىلمىغان بوز يەر.

خوتۇن بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن ئەرنىڭ مەنىۋى ئاجىزلىقىنى بىلەمسىز؟! شۇنى بىلىڭكى، ئۇ ئويغاق ھالەتتە ئەمەس، ئۇيقۇ ھالىتىدىمۇ، تىرىك ئەمەس، ئۆلۈپ بولغاندىمۇ زاتى ئايالنىڭ ئىلھاملاندۇرۇشىغا مۇھتاج. ئەرلەر:«ئەگەر دۇنيادا ئۆلگەن ئەرنى تىرىلدۈرەلەيدىغان بىر نەرسە بار دېيىلسە، ئۇ خوتۇننىڭ ئىلھامىدۇر»دەپ قارىشىدۇ. شۇڭا ئۇيغۇرلاردا «ئەرنى ئەر قىلغانمۇ خوتۇن، يەر قىلغانمۇ خوتۇن»دېگەن مەشھۇر سۆز بار.

«ئايال ئۆز ئائىلىسىدە ئېرىنىڭ يېڭى ھەيكىلىنى تاراشلايدۇ ۋە ئىزگۈ تىلەكلىرى ئارقىلىق تەڭرىدىن ئۇنىڭغا مۇۋەپپەقىيەت تىلەيدۇ، ئەينەككە قارايدۇ، تاكى قېرىپ موماي بولۇپ كەتكەندىمۇ ئۇنىڭ ئېرى ئۇنىڭ گۈزەللىككە تەلپۈنۈشىگە ئىلھامچى سىيما بولۇپ قېلىۋىرىدۇ. ئەركەك بولسا ئايال جىسمىدىكى ئىككىنچى جان، ھەتتا ئۆز جېنىنى قۇربان قىلىشقا ئېلىپ كېلىش ئىقتىدارىدىكى جاندۇر، ئۇ قان ۋە تومۇردىلار ئەمەس، بەلكى پىكىر-خىيال، تەلپۈنۈش ۋە تەلمۈرۈش، ئاڭلاش ۋە نەزەر سېلىش، خۇشال ياكى ناخۇشلىقىدا ھەرىكەتلىنىپ تۇرىدىغان جاندۇر» دەيدۇ ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەدئىمىن. شۇنداق ئىكەن، ئەمىسە سىز ئېرىڭىزنىڭ نېمىسى؟!...
سىز بەلكىم مۇشۇمۇ سۇئال بولدىمۇ، ئۇنىڭ جاۋابى سۇئالنىڭ ئۆزىدىنلا چىقىپ تۇرمامدۇ، مەن ئېرىمنىڭ خوتۇنى بولماي يەنە نېمىسى بولماقچى ئىدىم؟... دەپ قېلىشىڭىز مۈمكىن، سۇئالىم ئۇ خىل مۇناسىۋەتنى ئاللىقاچان ئۆز ئىچىگە ئېلىپ بولغان ھەتتا ھالقىپ كەتكەن.
ۋەھالەنكى، تۇرمۇشىمىزدا« خوتۇن»دىن ئىبارەت بۇ ئۇلۇغ سۆزنىڭ ماھىيەتلىك مەنزىللىرىگە يىتەلمەي ئۇنىڭ تاشقى پوستىدىلا تېڭىرقاپ يۈرۈۋاتقانلارمۇ خېلى بار.
دەل توغرا، سىز ئېرىڭىزنىڭ خوتۇنى، ئەمسە خوتۇن دېگەن نېمە؟
«ئۇ ئەرنىڭ بۈيۈك مۇرەببەسى، ئۇ(ئايال)ئەركەك ئۈچۈن مۇرەككەپ دۇنياغا چىقىش ئالدىدىكى ئارامگاھ، نېرۋىلارنى تىنچلاندۇرىدىغان ۋىسال قىرغىقى، ئۈمىد بەخىش ئەتكۈچى رەسەتگاھى، مۈشكۈللۈك توپانلىرىغا تاقابىل تۇرغۇچى نوھ كېمىسى، مۇھەببەت تۇيغۇلىرىنى دولقۇنلاندۇرىدىغان مەيخانە، خۇپىيانە سىرلارنى ساقلايدىغان ئالتۇن ساندۇق، مىللەت ۋە خەلققە رىشتە باغلايدىغان مۇقەددەس قورغان، ئۆزىنىڭ(ھەم ئەرنىڭ)ئوبرازىنى پالانلايدىغان لايىھە دەرگاھىدۇر»-«ئائىلە»دىن
دېمەك،«خوتۇن»نىڭ ياقىلايدىغان مەنا قىرغاقلىرى تولىمۇ كەڭ، تولىمۇ چوڭقۇر. ئۇنداقتا سىز خوتۇن دېگەن سۆزنىڭ ماھىيەتلىك مەنالىرى ھەققىدە تەلقىن قىلىشنى خالامسىز؟

1.ئېرىڭىزنىڭ مەدەتكارى بولۇڭ.
كېلىنتون ئامېرىكىنىڭ پىرىزدېنت سايلىمىدا قىيىن ئەھۋالدا قالدى. ئايالى ھىلارى: «سىز چوقۇم غەلىبە قىلىسىز، سىز ساكىسنى ياخشى چالىسىزغۇ، تېلېۋىزوردا ماھارىتىڭىزنى نامايان قىلىڭ، سىزگە چوقۇنىدىغان نۇرغۇن ئاياللار چوقۇم سىزگە بېلەت تاشلايدۇئدېدى. كىلىنتون سايلامدا ئۈستۈنلۈككە ئېرىشىۋاتقان پەيتتە يەنە كىرىزسقا پېتىپ قالدى، دېموكراتلار پارتىيەسى ئۇنى :«ئۇنىڭ تۇرمۇش ئىستىلىدا مەسىلە بار، ئۇ بىر شاللاق»دېدى. كىلىنتون نېمە قىلىشنى بىلەلمەي تۇرغاندا ئايالى ھىلارى يەنە ئوتتۇرىغا چىقتى، ئۇ تېلېۋىزوردا نوتۇق سۆزلەپ ئېرىنىڭ ئۆزىنى تولىمۇ ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى، ئۇنىڭ ياخشى بىر دادا، مەسئۇلىيەتچان ئەر ئىكەنلىكىنى، ئەخلاق جەھەتتە ھېچقانداق سەتچىلىكنىڭ يوقلۇقىنى، ئۆزىنىڭ ئۇنىڭ خوتۇنى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۇنىڭغا تولۇق ئىشىندىغانلىقىنى ئېيتتى، ئۇ نوتۇقىنى سۆزلەپ بولۇپ ئۆيىگە قايتىپ كېلىپ راسا يىغلىدى. ئېرىنىڭ ياقىسىغا ئېسىلىپ، يۈزلىرىنى راسا بىر مورلىغۇسى كەلدى. كىلىنتون پىرىزدېنىت بولۇپ سايلىنىپ خوتۇنىغا:«سىز مەن ئۈچۈن ھالقىلىق بىر بېلەتنى تاشلىدىڭىز»دېدى.
بوۋاي سەپەرگە چىقىۋىدى، مومىيى ئۇنىڭ بېلىگە بېشىدىكى يىپەك ياغلىقىنى ئېلىپ چىگىپ قويدى...
دېھقان كۆز يەتمەس بۇغداي دېڭىزىدا، پىژغىرىم ئىسسىقتا ئوما ئورۇپ، بېلىنى تۈلىيەلمەي قالدى، ىوتۇنى خۇمرىدا قېتىق، داستىخاندا ئوچاق نېنى ئېلىپ كەلدى، دېھقان خوتۇنىنىڭ چېھرىگە قارىدى، خۇمرىدىكى قېتىق، نان، خوتۇنىنىڭ چېھرىدىكى لاتاپەت ئۇنىڭغا كۈچ قۇۋۋەت بېغىشلىدى، ئۇنىڭ ھاردۇقى چىقتى...

شۇنى ئۇنۇتماڭكى، سىزنىڭ ھەربىر سۆزىڭىز، ھەرىكىتىڭىز خۇددى ھاۋا تۇتۇلۇپ چاقماق چاقسا چۈمۈلىلەر پەستىن ئېگىزگە قاراپ ماڭغاندەك، قارلىغاچلارنىڭ قانىتى ئېغىرلاپ پەس ئۇچقاندەك، تۆمۈر نەم تاتسا دات باسقاندەك ئېرىڭىزگە تەسىر قىلىپ تۇرىدۇ. تارىخ بېتىنى ۋاراقلايدىغان بولساق، ئاياللاردىن مۇتەپپەككۈرلەر ناھايىتى ئاز چىققان، لىكىن ئۇلار مۇتەپپەككۇرلارنىڭ مەنىۋى ئانىسى، «ئايلاللار كىتاپ يازمىغاندىمۇ ئەرلەرنى كىتاپ يېزىشقا مەجبۇر قىلالايدۇ»دەيدۇ پەيلاسوپ ئابدۇقادىر جالالىدىن، ئەر خۇددى مەركەزدىن قاچقۇچى كۈچ ھالىتىدە ھەرىكەت قىلىۋاتقان جىسىمدەك ئازابلانغاندا، يالغۇزسىرىغاندا ياكى خۇشال بولغاندا ئايالدىن ئىبارەت بۇ نوقتىنى بويلاپ ھەرىكەت قىلىدۇ. قىيىنچىلىققا يولۇققاندا، گاڭگىرىغاندا، ئامىتى كەلگەندە ئەرنىڭ ئويلايدىغىنى يەنىلا خوتۇنىدۇر. 2-دۇنيا ئۇرۇشىدا رۇس خەلقى ئەڭ مۈشكۈل ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغاندا، رۇس ئاياللىرى ھېچنىمىدىن باشقا يەنە رۇس خەلقىگە، رۇس ئەرلىرىگە «كاتيۇشا»دىن ئىبارەت غايىۋى ئايال ئوبراز ۋە شۇ نامدىكى ناخشا بىلەن ئىلھام بېرىپ، ۋەتەن ئۇرۇشىنىڭ غەلىبىسى ئۈچۈن تۆھپە قوشقان، «كاتيۇشا»دىن ئىبارەت بۇ ئىسىم ھەربىر رۇس جەڭچىسىنىڭ يۈرەك تارىنى تىترىتىپ، ئۇلارنى قارلىق دالىدا توڭلاپ ئۆلۈشتىن، نېمىس تانكىلىرىنىڭ ئاستىدا چەيلىنىشتىنمۇ قورقمايدىغان ئىرادە ۋە كۈچ-قۇۋۋەتكە ئىگە قىلغان.

2.كوتۇلدىماڭ.
شۇ نەرسە ئېسىڭىزدە بولسۇنكى، سىز ئەڭ ئالدى بىلەن ئېرىڭىزنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى كۆرۈڭ، ئېرىڭىزنىڭ ۋۇجۇدىدىكى %20 ئارتۇقچىلىقى ئارقىلىق ئۇنىڭ %80 ئىللىتىنى تۈگىتىشكە، ئازايتىشقا تىرىشىڭ. ئۈمىدۋار بولۇڭكى، سىزنىڭ مەدەت بېرىشىڭىز بىلەن ئېرىڭىز %20 ئارتۇقچىلىقى بىلەن مۇكەممەل بىر ئەرگە، پەزىلەتلىك ئەرگە، مەسئۇلىيەتچان دادىغا ئايلىنالىشى مۈمكىن. ئەكسىچە %80لىك ئارتۇقچىلىق بىلەن ئېرىڭىز سىزنىڭ كوتۇلداشلىرىڭىز، ئەزۋەيلەشلىرىڭىز، قۇسۇر ئىزدەشلىرىڭىز تۈپەيلى خارابلىشىشى، «كوچا ئادىمى»گە ئايلىنىپ كېتىشى مۈمكىن، چۈنكى تامچە سۇ تېمىۋەرسە تاشمۇ تاقەت قىلالماي تېشىلىپ كېتىدۇ.

«ئۇرۇش ۋە تىنچلىق»تىن ئىبارەت ئەنە شۇنداق دۇنياۋى ئەسەرنى يېزىپ دۇنيا ئەدەبىيات غەزىنىسىگە ئۆچمەس تۆھپە قوشقان ئۇلۇغ روس يازغۇچىسى لىۋ تولىستويمۇ خوتۇنىنىڭ توختىماي كوتۇلداشلىرى تۈپەيلىدىن قېلىن قار ياققان بىر كېچىسى ئۆيىدىن چىقىپ كېتىپ ۋوگزالدا توڭلاپ ئۆلۈپ قالغان، خوتۇنى قىزىغا يازغان خېتىدە: «داداڭنىڭ ئۆلۈشىگە مەن سەۋەبچى بولدۇم، مېنىڭ توختىماستىن كوتۇلداشلىرىم ئۇنىڭ بېشىغا چىقتى»دېگەن.
ئايالنىڭ ئىلھامى«ئۇرۇش ۋە تىنچلىق»نى روياپقا چىقارغان بولسا، يەنە شۇ ئايالنىڭ كوتۇلداشلىرى بىر شۆھرەتلىك يازغۇچىنى ئىسسىق ھۇجرىدىن قارلىق دالىنى ئەلا بىلىشكە، كوتۇلداش ئىچىدە ئۆتكەن تۇرمۇشتىن ئۆلۈمنى ئەلا بىلىشكە ئېلىپ بارغان.

بۇ ھېكايىنى قانچىلىك ئايالنىڭ ئوقۇغۇنىنى بىلمەيمەن، قانچىلىك ئايالنىڭ تەسىرلىنىپ ئۆز ئىللىتىنى تۈزىتىشكە تىرىشىۋاتقىنى ماڭا قاراڭغۇ، لېكىن بىر نەرسە ئېنىقكى، كوتۇلداش يەنە داۋاملاشماقتا. ئۇ يەنە يېڭىدىن-يېڭى مەزمۇن ۋە ئاجايىپ-غارايىپ شەكىلگە ئىگە بولماقتا. سىز كوتۇلداشنى«مېنىڭ سۆزۈم شەكسىز توغرا، ئېرىمنى مۇكەممەل بىر ئادەم بولسۇن دەپ شۇنداق قىلىمەن»دەپ ئويلىغان چېغىڭىزدا، ئاللىقاچان ئېرىڭىزنىڭ روھىنى بەربات قىلىپ بولغان بولىسىز. كوتۇلداشلىرىڭىز خۇدد چېپىپ كېتىۋاتقان يۈگۈرۈك ئاتنىڭ تۇمشۇقىغا توقماق بىلەن ئۇرغاندەك، ئۇنى ئۈركۈتۈپ، قاڭقىتىپ يەرگە يىقىتىدۇ، نىشاندىن ئاداشتۇرىدۇ، دېمىنى كېسىدۇ.
تەڭرى تەرىپىدىن شۇنچە مۇكەممەل، جەزبىدار ۋە گۈزەل يارىتىلغان بۇ ھەيكەل سىزنىڭ كوتۇلداشلىرىڭىز بىلەن باش –كۆزى قان، پۇت-قولى چولاق، قۇلىقى گاس، كۆزى كور ھالەتتە پانىي ئالەمدە تېڭىرقاش ۋە ئازاپ ئىچىدە يۈرمىسۇن... ئېرىڭىز ئەخلاقتا چۈشكۈنلەشمىگەنلا بولسا ئۇنىڭ ئۇنداق-مۇنداق كەمچىلىكلىرى ئۈچۈن ھەدىسىلا كوتۇلداپ كەتمەڭ. ئەگەر كوتۇلداش ئەرنى تېخىمۇ مۇكەممەل قىلىپ چىقالايدىغان بولسا، ئۇنداقتا خېلى مۇكەممەل مەسئۇلىيەتچان ئەرلەر يەنە نېمە ئۈچۈن ئاشۇ كوتۇلداشلار تۈپەيلىدىن بارا-بارا چۈشكۈنلىشىپ ئەڭ ئاخىرىدا تۇرمۇشقا بولغان ئىشەنچىسىنى يوقىتىپ بالىلىرى ۋە ئائىلىسىدىن جۇدا بولۇشقا مەجبۇر بولىدۇ؟
«ھەر قانداق سەت، كۆرۈمسىز ئايال بىلەن ئۆي تۇتۇپ چىدىيالايمەنكى، كوت-كوت ئايال بىلەن بىرگە ئۆتۈشكە چىدىيالمايمەن»دەيدۇ ۋارىن ئاۋلىدا.

كوتۇلداش دۇنيادىكى ئەڭ پاجىئەلىك قىيناش ئۇسۇلىدۇ. نۇرغۇن ئەرلەر بۇ خىل قىيناش تۈپەيلى ئۆلۈپ كەتكەن. بىر ئايال دۇنيا بويىچە ئەڭ چىرايلىق ھۆسن-جامالغا ئىگە بولسىمۇ كوتۇلداش كېسىلىنى يۇقتۇرۇۋالىدىكەن، ھەرقانداق ئەرنى بىزار قىلماي قالمايدۇ. ئاياللار كوتۇلداشنىڭ ئەرلەرگە نىسبەتەن ئەڭ قورقنۇچلۇق قىيناش ئۇسۇلى ئىكەنلىكىنى مەڭگۈ چۈشەنمەيدۇ، كوتۇلداش، تىرناق ئاستىدىن كىر ئىزدەشنىڭ ئائىلىگە ئېلىپ كېلىدىغان بەختسىزلىكى ئەيىش-ئىشرەت، ئىسراپخورلۇقتىنمۇ يامان.

دوكتۇر لېۋىس. جىينمان مەشھۇر پىسخولوگ. ئۇ 1500 دىن ئارتۇق ئەر-ئايال ئۈستىدە تەتقىقات ئېلىپ بارغان، بۇنىڭ نەتىجىسى شۇنى كۆرسەتتىكى ئەرلەرنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك كوتۇلداش، تىرناق ئاستىدىن كىر ئىزدەشلەرنى ئاياللارنىڭ ئەڭ يامان كەمچىلىكى قاتارىغا كىرگۈزگەن.

ئاياللار ھامان كوتۇلداش بىلەن ئېرىنى ئۆزگەرتمەكچى بولىدۇ، ھالبۇكى، بۇ خىل ئۇسۇل ئەلمىساقتىن تارتىپ ھازىرغا كەلگىچە قەتئىي ئۈنۈم بەرمىگەن.

كوتۇلداشنىڭ ئەڭ قورقۇنچلۇق يېرى، ئۇ ئەرلەرنىڭ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسىنىڭ قاتىلىدۇر.
سىزنىڭ كوتۇلداشلىرىڭىز ئەرنىڭ ۋۇجۇدىدىكى ئەمدىلەتىن بىخ سۈرۈپ چىققان ياكى چېچەكلەپ مىۋە بىرىۋاتقان ئادىمىيلىكنىڭ، ئىززەت-غورۇرنىڭ مايسا ۋە شاخلىرىنى توخۇ چوقۇلىغاندەك، ئۆچكە غاجىلىغاندەك كاردىن چىقىرىپ تاشلايدۇ. ئەرنىڭ قەلپ ئېترىزى قاغجىراپ ھوسۇل شېخى قۇرۇيدۇ. ئەرنىڭ سىزگە، تۇرمۇشقا، ھاياتقا بولغان ئىشەنچى يوقايدۇ، ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىتىن مەھرۇم بولغان ئەرگە ھەممە نەرسە ئۆلۈكتەك، كائىنات مۇزلاپ قېتىپ كەتكەندەك، تۇرۇمش بولسا خۇددى يىپى ئۈزۈلگەن لەگلەكتەك، دېڭىزدا خادا تاشقا سوقۇلۇپ لەپىلدەۋاتقان قېيىقتەك تۇيۇلىدۇ.
كوتۇلداشنىڭ ئاقىۋىتىنى تۆۋەندىكىدەك ئىپادىلەش مۈمكىن:

كوتۇلداش بىزار بولۇشقا، بىزار بولۇش ئۆچمەنلىككە، ئۆچمەنلىك پاجىئەگە تەرەققى قىلىشىمۇ مۈمكىن(ئائىلىسىگە، ئايالىغا ئۆچ ئېلىش خاراكتېرلىك خىيانەت قىلىش). كوتۇلدىغان چاغدىكى تۈرۈلگەن قاپىقىڭىز، پۈرۈشكەن يۈزلىرىڭىز، قوللىرىڭىزنى زاكون تايىقىدەك شىلتىشلىرىڭىز، ئەمەلىيەتتە سىزنىڭ باشقىلارنىڭ، بولۇپمۇ ئېرىڭىزنىڭ ئالدىدا ئاشكارىلىنىپ قالسا قەئىي بولمايدىغان ئاجىزلىقىڭىز ياكى ئىللىتىڭىز ئىدى. سىزنىڭ كوتۇلداپ قانائەت قىلغان چېغىڭىز كۆڭۈلنىڭ«تۆرى»دىن «پەگاھ»غا چۈشكەن ۋاقتىڭىزدۇر، «ياخشى ئاياللارنىڭ 36 خىل پەزىلىتى»دېگەن كىتابنىڭ 18-بۆلەك، 2-قىسمىدا مۇنداق دېيىلگەن، مۇۋاپىق كۆرسىڭىز سىناپ كۆرۈڭ:
«ئەگەر سىز كوتۇلداشنىڭ ئەرلەرگە ئېلىپ كىلىدىغان زىيىنىنى تونۇپ يەتكەن بولسىڭىز ئۇنى بىر ئامال قىلىپ ئۆزگەرتىڭ. ئەگەر بۇ كىسەلنى تېخى تونۇپ يەتمىگەن بولسىڭىز ئېرىڭىز ۋە باشقا كىشىلەردىن سوراپ بېقىڭ. ئەگەر ئۇلار سىزنى كوتۇلدايدىغان ئايال دېسە، ھەرگىز غەزەپلەنمەڭ بەلكى ياخشىراق ئويلىنىپ كۆرۈڭ.

(1)  ئوخشاش بىر گەپنى تەكرارلاش قېتىم سانىنى ئازايتىڭ، بىر گەپنى بىر قېتىم دەپلا ئۇنتۇپ كېتىشكە ئادەتلىنىڭ.
(2) مۇلايىم ئۇسۇلنى قوللىنىڭ.
(3)  يۇمۇرلۇق تۇيغۇنى يېتىلدۈرۈڭ.
(4)  تەمكىن بولۇڭ.

ئەر زاتى ئايالدىن ئىبارەت بۇ گۈلنىڭ تىكىنىنىڭ بارلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ ئۇنى ئېھتىيات بىلەن پۇرايدۇ، مۇشۇنداق تۇرۇقلۇق سىز يەنە نېمىدەپ ئۇنى ئۆزىڭىزنىڭ خۇشبۇي ھىدى بىلەن مەستخۇش قىلماي تىكىنىڭىز بىلەن زەخمىلەندۈرىسىز؟...

«خوتۇنى تەتۈر بولغان ئەركەكنىڭ دوزىخى مۇشۇ دۇنيادا»دېگەنىكەن بابۇر.
خوتۇنىنىڭ، ئائىلىسىنىڭ يېتەرلىك ئىلھاملاندۇرىشىغا، قوللىشىغا، ھۆرمىتىگە ئېرىشەلمىگەن، ئايالنىڭ چىن دىلىدىن سۆيۈنۈپ ئېتىراپ قىلىشى ئاستىدا ئايالى ئۈستىدىن «غالپ» كېلەلمىگەن ئەرنىڭ بىرىنىڭ كەينىدىن بىرى يوپۇرلۇپ كېلىۋاتقان ئىجتىمائىي خىرىسلار ئۈستىدىن غالپ كېلەلىشى مۈمكىنمۇ؟!...
مېھىر-مۇھەببەتسىز، ھەمدەمسىز، كوتۇلداش، تىل-ھاقارەت، ئارتۇقچە غەزەپتىن تېشىلگەن، سۇنغان بۇ ۋەيرانە كېمە تۇرمۇشتىن ئىبارەت بۇ دېڭىزنىڭ شىددەتلىك دولقۇنلىرىغا قانداقمۇ بەرداشلىق بېرەلىسۇن؟ ئەسلىدە سىز شېرىن سۇخەن سۆزلىرىڭىز بىلەن ئېرىڭىزنىڭ دەردىگە دەرمان، يارىسىغا مەلھەم بولۇشىڭىز كېرەك ئىدى. «خوتۇن كىشى تىلى بىلەن تۇل قالۇر»دېگەن ماقال بويىچە سىز ئەمدى ئېرىڭىز بىلەن قالماقچىمۇ ياكى تىلىڭىز بىلەنمۇ؟ بوۋىمىز يۈسۈپ خس ھاجىپ ئېيتىدۇلەركى:

167.سۆزۈڭنى تۈزەتكىن بېشىڭ كەتمىسۇن،
تىلىڭنى تۈزەتكىن چىشىڭ سۇنمىسۇن.

3.  ئېرىڭىز بىلەن سىرداش بولۇڭ
كېسىپ ئېيتىش كېرەككى، ئەگەر سىزنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىڭىزدا ئېرىڭىز بىلەن مۇڭدىشىش ۋاقتىڭىز ئەڭ ئاز دېگەندە يېرىم سائەتتىن كەم بولۇپ قالسا(پەۋقۇلئاددە ئەھۋاللار بۇنىڭ سىرتىدا) ئەر-خوتۇنلۇق مۇناسىۋىتىڭلار ئۈستىدە جىددى ئويلىنىشىڭىز، تەدبىرىر قوللىنىشىڭىز زۆرۈر. بۇنداق بولمايدىكەن، بۇ ئەر-خوتۇن ئوتتۇرىسىدىكى مېھىر-مۇھەببەت ئۇلىنىڭ تەۋرەپ قېلىۋاتقانلىقى ھەتتا يىمىرىلىشكە يۈزلىنىۋاتقانلىقىنىڭ بېشارىتى. سىز كۆڭلىڭىزدە«سۆزلەشكۈدەك نېمە گەپ بولاتتى» دەپ ئويلىغان بولسىڭىز خاتالاشقان بولىسىز، مەيلى قانداق تېمىدا بولسۇن-كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى ئۇششاق-چۈششەك ئىشلاردىن تارتىپ خىزمەت، ئۈگىنىشكىچە، دۇنيا ۋەزىيتىدىن تارتىپ مەھەللە-كوي، قولۇم-قوشنىلارغىچە (دىققەت قىلىڭكى، غەيۋەت قىلىشتىن ئېھتىيات قىلىڭ)، قۇشلار، ھايۋانلار، قۇرت-قوڭقۇزلار، ھەتتا سىز ياقتۇرۇپ كۆرگەن كىنو-تېلىۋىزىيە فىلىملىرى...ئىشقىلىپ سىز سۆزلەشنى خالىغان ھەرقانداق بىر تىما ئۈستىدە كۆڭۈل ئازادىلىكى ئاساسىدا خالىغانچە «كوتۇلداش»قا بولىدۇ. چۈنكى ئەنە شۇنداق ئۇششاق-چۈششەك ئىشلاردا سىردىشىش ئارقىلىق سىز ئۆزىڭىزمۇ سەزمىگەن ھالدا بىر خىل روھىي ئازادىلىككە، تېخىمۇ كەڭ بوشلۇققا ئېرىشىسىز. ئۆزىڭىز ۋە قارشى تەرەپنىڭ نېمىنى خاتا قىلغانلىقىنى ، يەنە قايسى تەرەپلەردە سىز سېزەلمىگەن پەزىلەتلەرنىڭ يوشۇرۇنغانلىقىنى بايقىيالايسىز. چۈنكى، دۇنيادا كەم-كۈتسىز ئەر ياكى ئايال مەۋجۈت ئەمەس، سىردىشىش دەل ئاشۇ بىر-بىرىگە ھىم قىلىدۇ، مۇھەببەت ئۇنى يەملەيدۇ، سىردىشىش خۇددى دانلاۋاتقان قۇشتەك تۇرمۇشىڭىزدىكى، ۋۇجۇدىڭىزدىكى، روھىڭىزدىكى كەمتۈكلۈكنى بىردىن-بىردىن تېرىپ ئىلغايدۇ، داۋالغۇۋاتقان قەلبىڭىزنى، بەختىڭىزنى، لېيغان بۇلاقتەك تۇرمۇشىڭىزنى تىندۇرۇپ سۈزۈك سۇدەك قىلىدۇ.

ئېرىڭىز خىزمەتداشلىرىغا، دوست-بۇرادەرلىرىگە ، قان-قېرىنداشلىرىغا، باشلىقىغا دېيەلمىگەن گەپلىرىنى، يۈرىكىنى ئازاپلاپ، دىلىنى چىگىۋاتقان دەردلىرىنى، تۇرمۇشنىڭ بېسمى، ھاياتنىڭ جۇدۇن-چاپقۇنلىرى ئارىسىدا تارتىۋاتقان كۈلپەتلىرىنى ھەم ئېرىشكەن مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى، غايە-تەلپۈنۈشلىرىنى سىزگە دەۋالسۇن.
سىز ئېرىڭىزنىڭ بايلىقىغا، شان-شەرىپىگە، خۇشاللىقىغىلا شىرىك بولۇپ، غەم-قايغۇسىغا، ئارزۇ-ئارمىنىغا...شېرىك بولۇشنى خالىمىسىڭىز ئۇنداقتا سىزنى «يېرىم ئايال» ياكى «چارەك ئايال» دېيىش كېرەك. سىز يەنە ئەڭ موھىمى ئىرىڭىزنىڭ دەرد-ئەھۋالىنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلاشنى بىلىشىڭىز، ئۇنىڭغا مەلھەم بولۇشىڭىز كېرەك. ئەينى چاغدا سىزگە قات- قات مۇھەببەت مەكتۇپلىنى يوللىغان، ناخشىغا قېتىپ توۋلىغان، ھەتتا شائىرلىق يولىغا، مەجنۇنلۇق كوچىسىغا كىرىپ قالغان، سۈتتەك ئايدىڭ كېچىلەردە شېرىن سۆھبەتلەرنىڭ ئايىغى چىقماي، تولۇن ئاينى ھاردۇرۇپ غەربكە قىيسايتىۋەتكەن، تۈننى –تاڭغا ئۇلىۋەتكەن ھېلىقى«ئاشىق»ىڭىز ئەمدى بىردىنلا «مۆرىمەس»، سىز بىردىنلا «ئىندىمەس»بولۇپ قالسىڭىز بۇ سىز ئۈچۈن بىنورماللىق ئەمەسمۇ؟!

مۇھەببەتلەشتىڭىز، توي قىلدىڭىز، ئۆي تۇتتىڭىز، بالا-چاقىلىق بولىدىڭىز... ئەمدى ھەممە ئىش تۈگىدىمۇ؟! سىزنىڭچە، توي بەزىلەرنىڭ گېپى بويىچە ئېيتقاندا «مۇھەببەتنىڭ قەبرىسى»مۇ؟
ياق، ھەرگىز ئۇنداق ئەمە. سىز يادرونىڭ يىمىرلىش ۋە يۇغۇرلۇش رىياكسىيەسىنى بىلەمسىز؟ مۇھەببەت دەل يادرو يىمىرلىش رىياكسىيسى بولسا، توي، ئائىلە يادرو يوغۇرۇلۇش رىياكسىيەسىدۇر. ئالدىنقىسى بىر-بىرىنى يىمىرىپ ئوت ھاسىل قىلىدۇ، كىيىنكىسى بىر-بىرىگە يۇغۇرلۇپ ئوت ھاسىل قىلىدۇ. ئۇنىڭ ھەربىر ئۆزەكلىرى مۇھەببەت تىندۇرمىلىرىغا تويۇنغان، ئۇنىڭ يادرو ھەرىكىتى قۇياشنى ئەندىزە قىلغان، شۇڭا ئۇ قۇياشتەك تەڭداشسىز ۋە ئەبەدىيدۇر. نىكاھ، ئائىلىدىن ئىبارەت بۇ پۈتمەس تۈگىمەس بۇلاقنىڭ مەنبەسى. شۇڭا ئۇنىڭ ھەربىر شىۋاق، ياپراقلىرىدىن مېھىر-مۇھەببەت تۆكۈلۈپ تۇرۇشى كېرەك.
ئېرىڭىزنىڭ سىزگە ئۆز خۇشاللىقىنىلا ئېيتىپ، دەردىنى ئېيتمىغىنى ئەمەلىيەتتە سىزگە ئىشەنمىگىنى، ئىشەنچنىڭ سۇسلىشىشى، پاجىئەنىڭ باشلىنىشىدۇر.

«بېرىلىپ تىڭشاش ئاياللاردىكى بىر خىل سېھرىي كۈچ، ئېرىنىڭ دەردىنى كۈلۈپ تۇرۇپ تېڭشىيالاليدىغان ئاياللار چىرايلىق، ئەمما ۋىت-ۋىت ئاياللاردىن كۆپ ئۈستۈن تۇرىدۇ»دەيدۇ جىرمى تايلور.
سىز ھەرقانداق ئەھۋال ئاستىدا ئەڭ زور سەۋىر-تاقەت بىلەن، ئەڭ ياخشى روھىي ھالىتىڭىزنى ساقلاپ، ئېرىڭىزنىڭ دەردىگە قۇلاق سېلىڭ، «ئەرلەرنىڭ مۇھتاج بولىدىغىنى ‹نەسىھەتكوي ئايال خوجايىن›ئەمەس، بەلكى ئۆز كۆڭلىنى چۈشىنىدىغان ئاياللاردۇر».

ئېرىڭىز: «قاراڭ، مېنىڭ بىر پارچە ماقالەم ژورنالغا بېسىلىپتۇ»دېسە، سىز «قانچە پۇل قەلەم ھەققى كېلىدىكەن»دەمسىز ياكى «ئەجەپ ياخشى بوپتۇ، ئەسلىدىلا ياخشى يېزىلغان ماقالە ئىدى بۇ» دەمسىز؛ ئېرىڭىز:«تىجارەتتە زىيان تارتتىم، ۋەيران بولىدىغان بولدۇم»دېسە، سىز «ئەمدى پۈتۈنلەي تۈگەشتۇق، گەدەنگىچە قەرىزگە بوغۇلۇپ ئۆتىدىغان بولدۇم، مەن نېمە دېگەن شور پىشانە، نېمە دەپ سېزدەك يارىماس بىلەن توي قىلىپ قالغاندىمەن»دەمسىز ياكى «ئۇنچىۋالا غەم يەپ كەتمەڭ، بۇ كۈنلەرمۇ چوقۇم ئۆتۈپ كېتىدۇ، سىز يەنە باش كۆتۈرۈپ چىقالايسىز» دەمسىز. يەنە:
ئېرى:«بۈگۈنكى ئوچۇق دەرسىم شۇنداق مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى، مەكتەپ مۇدىرى، كەسپداشلىرىم ھەممەيلەن مېنى ماختىدى.» خوتۇنى: «ئۆيدە گاز تۈگىگىنى نەۋاخ، ئالدى بىلەن بىر تۇڭ گاز ئەكىلىپ بېرىڭ.»ئېرى: «دوستۇمنىڭ ئانىسى قازا قىپتۇ، ئۆلۈم پەتىسىگە بېرىپ كەلسەم بولغىدەك.» خوتۇنى:«ئادەم دېگەن تۇغۇلۇپ تۇرىدۇ، ئۆلۈپ تۇرىدۇ، ئەتە چۈشتىن كىيىن قىزىمىزنىڭ مەكتىپىدە ئاتا-ئانىلار يىغىنى بار ئىكەن، بىر يېرىمدا بارىدىكەنسىز، ئۇنىڭ مۇئەللىمى بىلەن ئوبدانراق سۆزلىشىپ قويۇڭ، قىزىمىزنىڭ ئۆگىنىش نەتىجىسى كۆڭۈلدىكىدەك ئەمەس.»ئېرى لام-جىم دېمەي يېلى چىقىپ كەتكەن توپتەك بوشىشىپ، تۇڭنى سۆرىگىنىچە سىرتقا ماڭدى. ھالبۇكى، ئېرىڭىزنىڭ سىزگە دەردىنى تۆكۈۋالغىنى سۇغا غەرق بولۇپ كېتىۋاتقىنىدا بېشىنى سۇدىن چىقىرىپ بىر قېتىم چوڭقۇر نەپەس ئېلىۋالغىنى، ئېرىڭىزنىڭ سىزگە دەردىنى تۆكۈۋالغىنى نىشاندىن ئادىشىپ قالغاندا، ۋال-ۋۇل قىلغان چاقماقنىڭ يورۇقىدا نىشاننى ئىلغا قىلىۋالغىنى؛ ئېرىڭىزنىڭ سىزگە دەردىنى تۆكۈۋالغىنى سىزگە ئىشەنگىنى، سىزنى ئۆزىنىڭ پۈتمەس-تۈگىمەس روھىي بايلىقى قىلىۋالغىنى. ئەرنى ياۋنىڭ ھۇجۇمى، دۇنيانىڭ كۈلپىتى، تۇرمۇشنىڭ جاپا مۇشەققىتى... بويسۇندۇرالمايدۇ، لېكىن خوتۇننىڭ بولۇمسىزلىقى كاردىن چىقىرىدۇ.

سىزگە ئەر بولغۇچى كىچىك ۋاقتىدا دەردىنى ئانىسىغا تۆكىدۇ، يىگىتلىك مەسۈمىدە دەردىنى دوستىغا تۆكىدۇ، ئەمدىلىكتە «دادا» بولغاندا دەردىنى كىمگە تۆكىدۇ؟ ئانىسىنىڭ دەردى بۇ چاغدا «بالىسى»نىڭكىدىنمۇ كۆپىيىدۇ، دوستىغىمۇ؟ دوستىنىڭمۇ ئەمدىلىكتە خوتۇنى باردە! ئاڭلىسىمۇ چالا ئاڭلايدۇ، ئەمىسە بالىسىغا تۆكسۈنمۇ؟... چېچقايسىسىغا ئەمەس، بەلكى سىزگىلا تۆكىدۇ.
ناۋادا سىز ئۇنىڭ دەردىنى قۇلاق سېلىپ ئاڭلىمىسىڭىز، ئۇنىڭ «يېغىر»ىغا «پاختا» كۆيدۈرۈپ باسمىسىڭىز، ئۇ دەردىنى كىمگە تۆكىدۇ؟ تېشىغا چىقالمىغان بۇ دەرد خۇددى ماڭقۇرتنىڭ چېچىدەك تېرىنىڭ ئىچىگە مېڭىپ كېتىدۇ، ئېرىڭىز دەردىنى كوچىغا، قاۋاققا، ھاراققا ھەتتا سىزنىڭ سىياقىڭىزدا كۆرۈنگەن «ياۋا گۈل»لەرگە تۆكىدۇ، بۇ چاغدا سىز ئاڭلايمەن دەپمۇ ئۇنىڭ دەردىنى ئاڭلاپ بولالمايسىز، چۈنكى ۋاقىت ئۆتكەن، پۇرسەت كەتكەن، ئېرىڭىزدىن ئىبارەت بۇ دات باسقان چۆگۈن ئاللىقاچان تىشىلىپ سىزدىن ئىبارەت بۇ «سىماب سۈيى»نى ساقلىيالماس بولۇپ قالغان. مۇشۇنداق بولۇپ قېلىشنى خالامسىز؟ سىز ئۇنىڭ نىمىسى؟ تويدىن بۇرۇن ئۇنىڭ مەبۇدىسى ئىدىڭىز، مۇھەببەت سىزنى مەبۇدىگە ئايلاندۇرغانىدى. تويدىن كېيىن سىز ئۇنىڭ «خوجايىنى»بولدىڭىز، ۋىسال شادلىقى ئېرىڭىزنى سېھىرلەپ سىزگە بوي سۇندى، ئەمدىلىكتە سىز ئانا، ئۇ ئاتا بولدى. سىز ئەمدى ئۇنىڭ نېمىسى بولۇشىڭىز كېرەك؟ «خان مۇپەتتىشمۇ؟»، «زاكون تايىقى»مۇ؟! «باشلانغۇچ مەكتەپ»تىكى «ئۇستازى»مۇ!ياق، ھەرگىز ئۇ ئەمەس. كېسىپ ئېيتىش كېرەككى، ئۇنىڭ سىردىشى بولۇڭ، ياردەمچىسى بولۇڭ، ھەمراھى بولۇڭ، «ئالتۇن توي»، «كۈمۈش توي»، ھەتتا «ئالماس توي»لارنىمۇ بىرگە ئۆتكۈزۈڭ.

مۇھەببەتلىشىشتىن بۇرۇنقى ياكى تويدىن بۇرۇنقى قارشى تەرەپ سېزىپ قېلىشتىن ئەڭ قورقىدىغان ئىللەتلىرىڭىزنى ھېلىھەم بىلىندۈرمەڭ، ئاشكارا ئىپادىلىمەڭ، ئۇنى مەڭگۈ باش كۆتۈرگۈزمەڭ، ئاستا-ئاستا تۇنجۇقتۇرۇپ يوقىتىۋېتىڭ، ئەگەر ئىللەتلىرىڭىزنىڭ ئاشكارىلىنىشىغا يول قويسىڭىز ئۇنىڭغا يول ئېچىپ بەرگەن بولىسىز.
لېكىن، ئەر بىلەن ئايال بىر-بىرىگە قارىمۇ قارشى ئىككى دانە چىشلىق چاقتەك بىر-بىرىنى مەجبۇرىي ئايلاندۇرسا، بۇ ئىككى دانە چىشلىق چاق ئاقىۋەتتە بىر-بىرىنى يەپ تەڭلا ئۇپراپ كىرەكتىن چىقىدۇ، ئۆز ئىللىتىنى بايقىيالمىغان ياكى ئۇنى خاتا ھالدا «ئالاھىدىلىكىم»، «ئۆزگىچىلىكىم»دەپ تۇرۇۋالىدىغان ئايال ياكى ئەر ئۆزى ئۈچۈنمۇ، ئۆزگىلەر ئۈچۈنمۇ جانغا ئىكەك!
تەڭرى سىزنى مېھىر-مۇھەببەتنىڭ، خۇشاللىقنىڭ، گۈزەللىكنىڭ، دۇنيادىكى بارلىق ياخشىلىقلارنىڭ، ئىزگۈ تىلەكلەرنىڭ رەمزىسى، قاراڭغۇلۇقنىڭ، خۈنۈكلۈكنىڭ، زىمىستاننىڭ، غەزەپ-نەپرەتنىڭ...كۈشەندىسى سۈپىتىدە مەھبۇبىڭىزنىڭ جىسمىدىن ياراتتى، سىز ئۇنىڭ جېنىغا ئىكەك ئەمەس، روھىغا بىلەي، جىسمىغا قۇۋۋەت، يارىسىغا مەلھەم بولۇشىڭىز كېرەك.

4. ئۆزىڭىزنى مۇكەممەللەشتۈرۈشكە تىرىشىڭ
دۇنيادا مۇكەممەل نەرسە بولمىسا كېرەك. پەرداز ئەينىكى ئالدىدا سائەتلەپ ئولتۇرۇپ چىرايىڭىزدىكى ئانچىكى ئىللەتلىرڭىزنى تۈزەش ئۈچۈن سىز ئىسىمنى بىلىدىغان ياكى بىلمەيدىغان گىرىم بويۇملىرى ئارىسىدا ناشتىسىز قېلىۋاتقىنىڭىزدا، شۇنى ئويلاپ قويۇڭكى، ئەمەلىيەتتە سىزنىڭ ئەڭ كۆڭۈل قويۇپ تۈزەشكە تېگىشلىكى ئىچكى ئىللەتلىرىڭىز، روھىي كەمتۈكلۈكىڭىز، گۈزەللەشتۈرىدىغىنىڭىز قەلپ ئېتىزىڭىز، مۇكەممەللەشتۈرىدىغىنىڭىز پەزىلىتىڭىز، چۇڭقۇرلاشتۇرىدىغىنىڭىز بىلىمىڭىز، ھە راست، يەنە مۇھەببىتىڭىز، ئەقىدىڭىز ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇلارغا تاشقى قىياپەتنى گۈزەللەشتۈرۈشكە سەرپ قىلغاندەك ئۇنچىۋالا كۆپ ۋاقىت ۋە پۇل كەتمەيتت! پەقەت ئىشكاپلاردا توپا بېسىپ، مۈگدەپ سىزنىڭ ئوقۇشىڭىزنى كۈتۈپ تۇرغان، مەخسۇس سىزگە ئوخشاش قىز-چوكانلار ئۈچۈنلا يېزىلغان كىتابلاردىن بىر نەچچىنى، ئون نەچچىنى، خالىسىڭىز نەچچە ئوننى ئوقۇپ قويسىڭىز، كىتاپ قەلپ ئېتىزىڭىزنى مۇنبەتلەشتۈرەتتى، بىپايان دالىغا، ۈلىستانغا ئايلاندۇراتتى، سىزنى رومانتىك قىلاتتى. ئايال ئەسلىدىنلا بىر شېئىر ئىدىغۇ؟ ئۇنىڭغا رومانتىك تۇيغۇ قوشۇلسا گۈلىستانغا بۇلبۇل، گۈل بەرگىگە شەبنەم جور بولغاندەك تېخىمۇ يارقىن، تېخىمۇ تاتلىق بولۇپ كەتمەمدۇ؟
فىرانسوز ئاياللىرى شۇنىڭ ئۈچۈن گۈزەللىكتە دۇنياغا داڭ چىقارغانكى، ئۇلار شېئىرىي تۇيغۇغا، رومانتىكىغا باي، بۇ خىل تۇيغۇ بالزاكقا پۈتمەس-تۈگىمەس بەىئىي تالانت ئاتا قىلغان بولسا، ناپالىئوندا پۈتۈن دۇنيانى بويسۇندۇرۇش تەشنالىقى ۋە قاراملىق يېتىلدۈرگەن، شۇنداقلا فرانسوز ئەرلىرىنى «ئاياللارنىڭ سۆزى تەڭرىنىڭ ھۆكۈمىدۇر»دېگۈزگەن.
ئاندىن «تىرىكىنى قاپتا، ئۆلۈكىنى ھەپتە ساقلا»شقا تېگخشلىك بوۋاي-مومايلار بىلەن سىزدىشىڭ. چۈنكى سىز كاتتا ئەربابلارنىڭ سۆز-ھەرىكىتىدىن، ئۇلۇغ كىتابلارغا پۈتۈلگەن ھېكمەتلەردىن تاپالمىغان ئەقىلنى ئەسكى سېۋەتنىڭ بېغىدەك ئىگىلىپ قالغان ئاشۇ قېرى كەمپىرلەردىن، «گىلدىڭباش» بوۋايلاردىن تاپالىشىڭىز مۈمكىن.
ئاندىن ئېرىڭىزنىڭ بەزى ۋاقىتلاردىكى تەنبىھ-نەسىھەتلىرىنىڭ مەنىسى، سەۋەبى ھەققىدە ئەستايىدىللىق بىلەن ئويلىنىپ بېقىڭ.

ئۆزىڭىزنى قەدەمدە بىر كۆزىتىڭ، ھەر كۈنى ئۆزىڭىزنى ئەقىل تارازىسىدا ئۆلچەڭ، ھەر ئايدا بىر قېتىم ئۆزىڭىزگە باھا بېرىڭ، ھەر يىلى ئۆزىڭىز ئۈسىتىدن ھۆكۈم چىقىرىڭ. ئىنسانىي پەزىلەتكە، ئىنسانىي مۇكەممەللىككە قانچە قەدەم يېقىنلاشقانلىقىڭىزنى ئۆلچەپ كۆرۈڭ، ۋۇجۇدىڭىزدىكى قايسى ئىللەتلىرىڭىزنىڭ يوقالغانلىقىنى ساناڭ، خۇددى ھەرە ئۇۋا ياساۋاتقاندەك، ئاستا-ئاستا ئۆزىڭىزگە خاس بولغان پەزىلەت مۇنارىنى ياساپ چىقىڭ. بۇنىڭ ئۈچۈن بىر يىل، ئون يىل، ھەتتا نەچچە ئون يىل كېتىشىمۇ مۈمكىن. چۈنكى ئادەم ئۆزىنى ئۆمۈرۋايەت مۇكەممەللەشتۈرۈشكە مۇھتاج، بوۋىلار «كۆچەتنىڭ چوڭ بولۇشى ئون يىلنىڭ ئىشى، ئادەمنىڭ چوڭ بولۇشى يۈز يىلنىڭ ئىشى» دەپ ناھايىتى توغرا ئېيتقان. ئەنە شۇ چاقدا ئۆزىڭىزمۇ سىزگە بارغانسىرى كۆپلىگەن كىشىلەرنىڭ كۈلۈپ قاراۋاتقانلىقىنى، ئېرىڭىزنىڭ، بالا-چاقىلىرىڭىزنىڭ چېھرىدە تەبەسسۈم جىلۋىلىنىۋاتقانلىقىنى كۆرىسىز. ئەمەلىيەتتە، ۋۇجۇدىڭىزدا ئۆلۈۋاتقان ھەر بىر ئىللەت بىر ئۆلۈش خۇشاللىقنىڭ ئائىلىڭىزدە باشلىنىۋاتقانلىقىدىن، جەمئىيەتتە، مىللەتنىڭ ۋۇجۇدىدا بىر ساغلام ھۈجەيرىنىڭ يىتىلىۋاتقانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. ئەكسىچە بولغاندا، شۇ نەرسە ئېسىڭىزدە بولسۇنكى، توي قىلغانلىق ھەممىگە ئېرىشكەنلىك ياكى ھەممە ئاخىرلاشقانلىقنىڭ بەلگىسى ئەمەس، ئالىي مەكتەپتە ئوقۇغانلىق ھەممىنى بىلىپ كەتكەنلىك ئەمەس، سىز«ئوغلۇم، ئەمدى مەندە ئوقۇ»(كامالىدىن ھېساموف -«مومامنىڭ شىپالىق رېتسىپلىرى» ناملىق كىتابنىڭ ئاپتۇرى9دېگەن ھېكايىنى ئاڭلىغانمۇ؟ خىزمەتكە چىققانلىق، مائاش ئالغانلىق ھەممىنى ھەل قىلىۋەتكەنلىك ئەمەس، ئانا بولغانلىق ئاخىرقى ۋەزىپىنى ئادا قىلغانلىقمۇ ئەمەس، مۇكەممەل بولۇشنىڭ تۇرمۇشتا يېزىلمىغان ئۆزىگە يارىشا نۇرغۇن قائىدىسى بار. مۇكەممەل ئايالنىڭمۇ بىر قەدەر مۇكەممەل بولالىشىدا ئۆزىگە لايىق يوشۇرۇن ئەقلى بار. بىر جۈپ دېقان ئەر-خوتۇننىڭ ئائىلە شادلىقى ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن، بەش يىل مۇھەببەتلەشكەن، مائاشلىق بىر جۈپ ئەر-خوتۇننىڭ ئائىلە شادلىقىدىن چەندان ئارتۇق بولۇشى مۈمكىن. ئوخشاشلا ھېلىقى مائاشلىق ئەر-خوتۇننىڭ خاپىلىقى، روھىي نامراتلىقى، قارا قورساق دېھقان ئەر-خوتۇننىڭكىدىن ئېغىر بولۇشى مۈمكىن. خوتۇن بولۇشتىن ئانا بولۇشقىچە، قېينئانا بولۇشتىن چوڭ ئانا، ئۇلۇغ موما بولۇشقىچە ھەر بىر بوغۇن، ھەربىر قەرناننىڭ ئەڭ يۇقىرى مەنزىلىگە يىتىش ئۈچۈن تىرىشىڭ...بۈگۈن ئەتكەن تامىقىڭىز تۈنۈگۈنكىگە ئوخشىمىسۇن، خۇرۇجى تۈنۈگۈنكىدىن ئاز، لېكىن تەمى تۈنۈگۈنكىدىن مەززىلىك بولسۇن، پەردازلىرىڭىز تۈنۈگۈنكىدىن سۇس بولسۇن، لېكىن چىھرىڭىزدىكى تەبەسسۈم تۈنۈگۈنكىدىنمۇ يېقىملىق، ئىللىق بولسۇن، ھويلىڭىزدىكى بىر تەشتەك گۈل بىر كۈندە ئون قېتىم يۆتكەلسە بولىدۇكى، لېكىن ئون كۈنگىچە بىر جايىدا تۇرۇپ قالمىسۇن.

ئۆزى ياكى ئۆزگىلەرنىڭ خاسلىقى ۋە نېمىلەرنى ئويلايدىغانلىقى، نېمىگە قىزىقىدىغانلىقى، نېمىنى قوغلىشىدىغانلىقى... بىلەن قىلچە كارى يوق«سوغۇق قان»، روھى قۇرغاق، شەخسىيەتچى ئاياللارغا نىسبەتەن شۇنى قىستۇرۇپ ئۆتۈش لازىمكى، «ئاياللار ‹يىغلاپ، كۈچ كۆرسىتىش›، ‹ئۆزىنى تاشلىۋىتىپ كۈچ كۆرسىتىش›، ‹ياسنىۋىلىپ جىنسى تۇرمۇش ئۆتكۈزۈشنى رەت قىلىپ كۈچ كۆرسىتىش›، ‹كوتۇلداپ تەگەپ كۈچ كۆرسىتىش›، ‹ئائىلە ئىشىنى تاشلاپ ياكى يامانلاپ چىقىپ كېتىپ كۈچ كۆرسىتىش›تىن ئىبارەت بەش خىل ئەڭگۈشتەرنى ئىشلەتكەنسىرى ئىشنى بۇزىدۇ. بۇ يەردە ئەڭ موھىمى ئايالنىڭ بۇ ‹ئەڭگۈشتەر› لەرنىڭ مىقدارىنى، ئېغىرلىقىنى ناھايىتى قاتتقى تىزگىنلىشى، ھەرگىز ‹سىيرىلغانچە سىيرىلىپ كەتمەسلىكى› دۇر. بولمىسا ئائىلىدە تەتۈر پىسخىكا پەيدا قىلىپ قويىدۇ. ئاتا-ئانىسىدىن، ئەتراپىدىكىلەردىن يۇقتۇرغان بۇنداق ئىللەتنى ياش ئەۋلاد ئاڭلىق تۈزىتىشى كېرەك.
زاتى ئايالنىڭ گۈزەللىكى- نازۇكلۇقى، ئاجىزلىقى. لېكىن، ئاشۇ گۈزەللىك ئىچىدىكى يوشۇرۇن قورقۇمسىزلىق، نازۇكلۇق ئىچىدىكى جاسارەت، ئاجىزلىق ئىچىدىكى چىدامچانلىق ئانا تەبىئەتنىڭ ئەقىلنى لال قىلىدىغان مۆجىزىسىدۇر.
دېگەنلىرىم ئايال ھەققىدىكى بايانلارنىڭ بىر قەترىسى. ئايالدىن ئىبارەت بۇ يىلتىزى زېمىننىڭ باغرىغا، شاخلىرى ئاسماننىڭ قەرىگە تۇتاشقان بۈيۈك دەرەخنىڭ بىر ياپرىقى، خالاس.

بەلكىم، مەن ھۆددىسىن چىقامق تولىمۇ مۈشكۈل بۇ مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۇنى مىدىرلىتالماي ئارقىغا داجىپ كېتىۋاتقاندىمەن ياكى ئارتۇقچە ھاياجانلىنىپ كېتىپ ئاشۇرۇۋەتكەندىمەن. لېكىن، نېمىلا بولمىسۇن ئۇزۇندىن بېرى ئارامىمدا قويمايۋاتقان ئىزتىراپلىق خىياللىرىمنى دەۋېلىپ ئىچىم سەل بوشىغاندەك، كۆڭلۈم سەل ئارامىغا چۈشكەندەك بولدۇم، ناۋادا بۇ ماقالەمنى ئوقۇغان ھەممە ئايال ھېچ بولمىسا ئۇلارنىڭ يېرىمى ياكى «يېرىم ئايال»لارمۇ «مەن ئېرىمنىڭ نېمىسى ؟» دەپ چۇقان كۆتۈرسە، بۇ ھالدا بارلىق ئەرلەرنى ھېچ بولمىسا ئەرلەرنىڭ يېرىمىنى، بولۇپمۇ «يېرىم ئەر»، «چارەك ئەر»نى پۈتۈنلەپ، ياساپ-جابدۇپ «ئېيىق»نى «ئۆڭكۈر»(بۇ يەردە ‹ئېيىق بولسىمۇ ئېرىڭ بولسۇن، ئۆڭكۈر بولسىمۇ ئۆيۈڭ بولسۇن›دېگەن تەمسىل كۆزدە تۇتۇلىدۇ-مۇھەررىردىن)گە قايتۇرۇپ كېلەلىشى ھەم ئۇلارنى «مەن خوتۇنۇمنىڭ نېمىسى بولغىيتىم؟!» دېگەن ئويغا كەلتۈرەلىشى مۇمكىن.

خۇلاسە كالام، ئەمدى نۆۋەت ئەرلەرنىڭ، «سىز خوتۇنىڭىزنىڭ نېمىسى؟!...»

«شىنجاڭ ئاياللىرى»ژورنىلى  2013-يىل 1-سانىدىن
ئاپتۇرى : قەشقەر شەھەرلىك 26-ئوتتۇرا مەكتەپتىن ئالىمجان خۇدابەردى

0

تېما

0

دوست

202

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   0%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  16465
يازما سانى: 21
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 46
توردىكى ۋاقتى: 7
سائەت
ئاخىرقى: 2013-3-29
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-19 20:23:49 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇكەممەل بر ئەر بولۇش ھەقىقەتەن  تەستە  
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

0

تېما

0

دوست

278

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   0%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  15352
يازما سانى: 15
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 28
تۆھپە : 78
توردىكى ۋاقتى: 18
سائەت
ئاخىرقى: 2013-5-27
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-20 00:28:55 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قالتىس يېزىلغان ماقالە ئىكەن. بىر پائىشە ئايال ئېيتىدۇ:  ئەرلەر  پائىشىلەرنى تىللىغان بىلەن كۆڭلىدە بەكلا ئامراق،چۈنكى ئايالىدا يوق بىر نەرسە بىزدە بار، ئۇ بولسىمۇ قۇلاق سېلىپ ئاڭلاش.........

7

تېما

3

دوست

6648

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   32.96%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4402
يازما سانى: 281
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 1103
تۆھپە : 1330
توردىكى ۋاقتى: 431
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-9
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-20 01:34:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
        مەن بۇ ماقالىنى بەكمۇ ياقتۇرۇپ وقۇدۇم. ماقالە يازغۇچىنىڭ، تېما يوللىغۇچىنىڭ مىھنىتىگە رەھمەت!
       ( تېلىفوندا خەت يازغاندا ەمزىنى قانداق قويىمىز؟ بىلىدىغانلار چۈشەنچە بەرسەڭلار)
5#
ئىناۋەتسىز قەۋەت،بۇ تېما ئۆچۈرۈلگەن
6#
ئىناۋەتسىز قەۋەت،بۇ تېما ئۆچۈرۈلگەن
7#
ئىناۋەتسىز قەۋەت،بۇ تېما ئۆچۈرۈلگەن
8#
ئىناۋەتسىز قەۋەت،بۇ تېما ئۆچۈرۈلگەن
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )