قولاي تىزىملىك
ئىگىسى: sewir

نورۇز بايرىمى توغرىسىدا

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

2

تېما

9

دوست

5799

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   15.98%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  15034
يازما سانى: 603
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 24
تۆھپە : 1724
توردىكى ۋاقتى: 191
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-21 15:07:46 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تورداشلارنىڭ   بۇ ماقالىنى كۆرۈپ بىقىپ  سوغۇق قانلىق بىلەن  پىكىر قىلىشنى ئۈمۈد قىلىمەن.  
              

                                                                                                      نورۇز بايرىمى  ئۆتكۈزۈشىنڭ ھۆكىمى  

سوئال : نورۇز بايرىمى ئۆتكۈزۈش توغرىمۇ خاتامۇ؟، مەنمۇ باشقىلاردەك بۇ كۈندە بايرام قىلىمەن، ساۋاقداشلار ۋە كەسىپداشلار بىرگە جەم بولۇپ زىياپەت قىلىشىمىز، نورۇزنى مۇشۇنداق تەبرىكلىسەك توغرا بولامدۇ؟ نورۇز بايرىمى ئۆتكۈزۇشكە ئىسلام دىنى قانداق قارايدۇ؟ بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.
جاۋاب :
بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھغا خاستۇر. بىز بۇ سوئالىڭىزغا بىر نەچچە نۇقتىنى چىقىش قىلىپ تۇرۇپ تۆۋەندىكىدەك جاۋاب بىرىمىز.
بىرىنچى: « نورۇز » سۆزلۈكىنىڭ ئەسلى كېلىپ چىقىشى پارسچە سۆز بولۇپ « يىڭى كۈن» دېگەن مەنانى بىلدۈرىدۇ، بۇ ئەسلىدە پارسلارنىڭ بايرام كۈنى بولۇپ، ئۇلار بۇ كۈننى ناھايتى چوڭ بىلىدۇ، چۈنكى پارسلارنىڭ ئەۋۋەلقى پادىشاھى “ جەمشىت شاھ“ تەرىپىدىن بۇ كۈن بايرام كۈنى قىلىپ بېكىتىلگەن. ئۇلار ئۈچۈن بۇ كۈن يىڭى يىلنىڭ تۈنجى كۈنى بولۇپ، بەش كۈن داۋاملىشىدۇ. مىسىردىكى قىبتىي قەبىلىلىرىمۇ بۇ كۈندە بايرام قىلىدۇ. بۇ ئۇلارنىڭ چۈشەنچىسىدە ”باھار بايرىمى“ دەپ ئاتىلىدۇ.
ئىمام زەھەبىي «تۇشبىھۇل خەسىس بىئەھلىل خەمىس» ناملىق ئەسىرىنىڭ 46- بىتىدە مۇنداق دەيدۇ: ”نورۇز كۈنى مىسىرلىق قىبتىلارنىڭ بايرام كۈنى بولۇپ بۇلار بۇ كۈننى بەك ئالاھىدە ئۆتكۈزىدۇ، ھازىر مۇسۇلمانلارنىڭ بۇ قىلمىشى ئۇلارنىڭ پائالىيەتلىرىگە ئوخشاپ قالدى“ .
ئىككىنچى: مۇسۇلمانلارنىڭ روزا ھېيت ۋە قۇربان ھېيتتىن باشقا بايرام كۈنى بولمايدۇ، باشقا بايراملار يېڭىدىن پەيدا بولغان ئەسلى يوق ئىشلار بولۇپ بۇ كۈنلەردە بايرام قىلىش توغرا بولمايدۇ.
ئىمام ئەبۇ داۋۇد 1134-، نەسائىي 1556- نومۇرلۇق ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە : « پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەدىنە شەھىرىگە كەلگەندە ئۇلار يىلدا ئىككى كۈن بايرام قىلاتتى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ ئىككى كۈندە بايرام قىلىشنىڭ سەۋەبىنى سورىغاندا، ئۇلار: بىز جاھىلىيەت دەۋرىدىمۇ بۇ ئىككى كۈندە بايرام قىلاتتۇق دېيىشكەن، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇلارغا: ئاللاھ تائالا سىلەرگە ئۇ ئىككى كۈندىنمۇ ياخشىراق بولغان ئىككى كۈننى ئالماشتۇرۇپ بەردى، ئۇ ئىككى كۈن روزا ھېيت ۋە قۇربان ھېيت كۈنىدۇر دېگەن. بۇ ھەدىسنى شەيخ ئەلبانىي سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمىنىڭ2021 -نومۇرلۇق ھەدىستە زىكىر قىلىدۇ.
يېڭىدىن پەيدا بولغان بايراملاردىن: يىڭى يىل بايرىمى، ئانىلار بايرىمى، ئاياللار بايرىمى، ياشلار بايرىمى، ئۆسمۈرلەر بايرىمى، تۇغۇلغان كۈنى مۇناسىۋىتى، مۇستەقىللىق كۈنى قاتارلىقلار بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدىن ئەسلى كېلىپ چىقىشى كاپىرلارنىڭ بايرىمى بولغان نورۇز بايرىمىغا ئىشتىراك قىلىش خەتەرلىك ھېسابلىنىدۇ. نورۇز بايرىمى جاھىلىيەتنىڭ ئىشلىرىدىن بولۇپ، ئىسلامدىن بۇرۇن پارسلار ۋە خرىستىئانلار بۇ كۈندە بايرام قىلاتتى، بۇ كۈندە بايرام قىلىشنى چەكلەشتىكى ئاساسلىق ئامىللارنىڭ بىرى، ئۇلارغا ئوخشاپ قالماسلىق كۆزدە تۇتۇلىدۇ. ( دېمەك؛ ئەسلى كېلىپ چىقىشى يەھۇدى ياكى خرىستىئانلارنىڭ بايراملىرى مىللەت ئىچىدە ئۆرپ-ئادەتكە ئايلىنىپ كەڭ تارالغان بولسىمۇ، ئۇنىڭدىن يىراق تۇرۇشىمىزنىڭ زۆرۈرلىكى، ئەمما ياشلار بايرىمى، بالىلار بايرىمى دۆلەت بايرىمى دېگەنگە ئوخشاش بايراملار ھەرقانداق دۆلەت ۋە جەمئىيەتنىڭ سىياسى، ئىجتىمائىي تۈزۈملىرىگە قاراپ بەلگىلىنىدۇ، بۇنىڭغا قارىتا شەرئى ھۆكۈممۇ دۆلەت تۇزۇمى ۋە جەمئىيەتنىڭ سىياسى، ئىجتىمائىي تۈزۈملىرىگە قاراپ تۇرۇپ، ئەقىدىنى چىقىش قىلغان ئاساستا ھۆكۈم چىقىرىدۇ. مەسىلەن: يۇقىرىقىدەك بايراملارغا قاتناشمىسا بولمايدىغان ئەھۋاللاردا (يەنى قاتناشمىسا خىزمىتىگە ياكى ئوقۇشىغا تەسىر يېتىدىغان ئەھۋال ئاستىدا) قاتناشسا بولىدىغانلىقى، ئەمما كۈچەپ قاتنىشىشنىڭ ياخشى ئەمەسلىكى ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ.-م- )
ئىمام زەھەبىي «سۈننەتنى چىڭ تۇتۇپ بىدئەتتىن ھەزەر قىلايلى» ناملىق مەشھۇر ئەسىرىدە: ”نورۇز بايرىمى ۋە باشقا پائالىيەتلەردە دىنسىزلارغا ئوخشاپ قىلىش دىنىمىزدا چەكلىنىدىغان ئىشلاردىندۇر. مۇسۇلمان بۇنى بىلمەسلىكتىن قىلىپ سالسا چۈشەندۈرۈپ تەربىيە قىلىپ توسۇش كېرەك. ئەگەر ئۇلارنىڭ بايرىمىدىن پەخىرلىنىپ، ياخشى كۆرۈپ ئىشتىراك قىلسا قاتتىق ئەيىبلىنىدۇ، ئەمما بۇ كۈننى ئادەتتىكى ئويۇن تاماشا قىلىش كۈنى دەپ بىلىپ، ئائىلە ۋە بالىلىرى بىلەن كۆڭۈل ئاچسا، بۇ شۇ كىشىنىڭ نىيىتىگە باغلىقتۇر. دىندا چەكلەنگەن ئىشلارنى بىلمەي قىلىپ سالغان كىشىلەرنىڭ ئۆزرىسى قوبۇل قىلىنىدۇ ۋە چىرايلىقچە بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىلىدۇ“ . ئىسلام ئۇنىۋېرسىتېتى ژۆرنىلى 103- 104- سانلىرىغا مۇراجىئەت قىلىنسۇن.
مۇسۇلمانلارنىڭ ھېيت-بايراملاردا دىنسىزلارغا ئوخشاپ قىلىشى قاتتىق چەكلىنىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ: «كىمكى يات دىنسىز مىللەتكە ئوخشىۋالىدىكەن ئۇ كىشى شۇ مىللەتتىن ھېسابلىنىدۇ» دېگەن ھەدىسنىڭ مەنىسىمۇ كاپىرلارنىڭ خۇسۇسي بايراملىرىدىن مۇسۇلمانلارنىڭ يىراق بولۇشى تەۋسىيە قىلىنىدۇ. ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە مۇنداق دېيىلىدۇ: “ بىر كىشى دىنسىز يات مىللەتنىڭ شەھىرىگە كېلىپ ئۇلارنىڭ تۈرلۈك بايراملىرىغا قاتنىشىپ شۇ ھالەتتە ئۆلۈپ كەتسە ئۇ كىشى قىيامەتتە شۇلار بىلەن بىرگە تىرىلدۇرۇلىدۇ“. چۈنكى بايرام دېگەن شۇ مىللەتنىڭ دىنى ئورۇنلاشتۇرۇشى بولۇپ، ئۇ مىللەتنىڭ دىنى ۋە مىللى ئەنئەنىسىنىڭ بەلگىسىدۇر. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: « ھەر ئۇممەت ئۈچۈن بىر شەرىئەت بېكىتتۇق، ئۇلار شۇ شەرىئەتكە ئەمەل قىلىدۇ». قىبلە، ناماز ۋە روزىغا ئوخشاش ئايرىم ئىبادەتلىرى بولىدۇ، ئۇلارنىڭ ھېيت-بايراملىرىنى ياقتۇرۇش بىلەن باشقا پروگرامما ۋە دىنى پرىنسىپلىرىنى ياقتۇرۇشنىڭ ئارىسىدا ھېچ پەرق يوق. ئۇلارنىڭ بارلىق پائالىيەتلىرىگە رازى بولۇش، كۇفرىغا تولۇق رازى بولغانلىق، بەزىسىگە رازى بولۇش كۇفىرنىڭ بەزىسىگە رازى بولغانلىقتۇر . بولۇپمۇ دىنسىزلارنىڭ ھېيت-بايراملىرى، ئۇلارنىڭ باشقا پروگرامما ۋە دىنى پرىنسىپلىرىدىن ئالاھىدە پەرقلىنىدىغان پائالىيىتى بولۇپ بۇنىڭغا رازى بولۇشنىڭ ئاقىۋىتى ئىنتايىن خەتەرلىكتۇر.
ھەنەپى مەزھەب ئالىملىرىدىن قازىخان مۇنداق دەيدۇ : “ بىر كىشى نورۇز بايرىمىدا باشقا ۋاقىتتا سېتىۋالمايدىغان نەرسىلەرنى سېتىۋېلىپ، بۇ كۈننى كافىرلار كاتتىلىغاندەك كاتتىلىسا ئۇ كىشى كافىر ھېسابلىنىدۇ . ئەمما بۇ كۈندە ئادەتتىكىدەك باشقىلارغا سوۋغا تەقدىم قىلسا ياكى بۇ كۈننى كاتتىلىماستىن نورمال خوشاللىق ئىچىدە ئۆتكۈزسە كافىر بولمايدۇ . كاپىرلارغا ئوخشاپ قىلىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن بۇنىڭدىن بۇرۇن ياكى كېيىن قىلمايدىغان ئىشلارنى بۇ كۈندىمۇ قىلماسلىق كېرەك“.
مالىكي مەزھەب ئالىملىرىدىن ئىبنى قاسىم مۇنداق دەيدۇ : “ مۇسۇلمان ئۈچۈن يات دىندىكىلەرنىڭ بايرام كۈنىدە ئۇلارغا سوۋغا تەقدىم قىلىش ياخشى ئەمەس، بۇ ئۇلارغا ياردەم قىلىپ بايرام كۈنىنى ئۇلۇغلىغانلىق ھېسابلىنىدۇ . بۇ كۈنلەردە مۇسۇلمانلارنىڭ ئۇلارغا ئوخشىۋېلىشىمۇ چەكلىنىدۇ . شۇنداقلا بۇ كۈنلەردە ئۇلارنىڭ زىياپەتلىرىگە قاتنىشىش، ئۇلارنىڭ بايرام سىموۋۇلى بولغان سوۋغاتلارنى قوبۇل قىلىش قاتتىق چەكلىنىدۇ. بۇ كۈندە ئۇلارغا ئوخشىۋالغان مۇسۇلمانلارغا نەسىھەت قىلىنىشى زۆرۈردۇر. ئۇلارنىڭ ئاللاھتىن قورقۇشى ۋە ئۆز ئەقىدىسىدىن پەخىرلىنىپ بېشى ئۇستۇن ئىززەتلىك ياشىشى تەۋسىيە قىلىنىدۇ“.
سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى پېشقەدەم ئالىملاردىن پەزىلەتلىك شەيخ دوكتۇر ئىبنى ئىبنى جىبرىين بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: “ بىدئەت سانىلىدىغان ھەر تۈرلۈك نورۇز بايرىمى ۋە كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزۈش توغرا ئەمەس، شۇنداقلا مۇسۇلمانلار ئۆزلىرى پەيدا قىلىۋالغان مىراج-ئىسرا كۈنىنى ئۇلۇغلاش، مەۋلۇت كۈنىنى خاتىرىلەش قاتارلىق ئىشلارمۇ توغرا ئەمەس، يات دىندىكىلەرنىڭ بايرام كۈنىدە قىلغان زىياپەتلىرىگە قاتنىشىش، تاماقلىرىنى يېيىش توغرا ئەمەس . بۇ ئۇلارنىڭ پائالىيەتلىرىنى كۈچلاندۇرغانلىق ۋە ئۇلارنىڭ ئىشلىرىنى توغرا دەپ قارىغانلىق ھېسابلىنىدۇ . بۇنىڭ بىلەن بىلىمسىز كىشىلەر ئالدىنىپ ئېتىقادتا خاتالىشىپ قالىدۇ“ تۈگىدى.
سۆزنىڭ خۇلاسىسى: مۇسۇلمانلارنىڭ نورۇز بايرىمى ئۆتكۈزۈشى، بۇ كۈنگە خاس قىلىپ ھەرتۈرلۈك كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرىنى قىلىشى ۋە قاتنىشىشى بولسا دىندا چەكلەنگەن ئىشلارغا پىسەنت قىلماسلىققا يول ئاچىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن شەرىئەتتە ئەسلى يوق ھېيت بايراملارغا قاتنىشىش توغرا ئەمەس. «ئىبنى جىبرىين پەتىۋالىرى توپلىمى» ناملىق ئەسەرنىڭ 27-بېتىگە قارالسۇن.
ئاللاھ ئەڭ توغرىسىنى بىلگۈچىدۇر.
ئاللاھ ھەممىمىزنى ياخشىلىققا يېتەكلىسۇنhttp://www.islam-qa.com/ug/ref/101404/نورۇز
ئۇستۇدىكى مەزمۇنلاردا خاتالىق بولسا مۇسۇلان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ خەۋەر قىلىشىنى سورايمىز شۇ ۋاقىتتىلا ئۇچۇرۇلۇدۇ ، ئىنسان خاتالىقتىن مۇستەسنا ئەمەس اللائەڭ ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: پاك دىن ئېسلام تورى.  
http://pakdin.com/asar/article.asp?id=265


      

0

تېما

0

دوست

642

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   28.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  14856
يازما سانى: 17
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 174
تۆھپە : 81
توردىكى ۋاقتى: 46
سائەت
ئاخىرقى: 2013-4-19
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-21 15:24:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   izdap تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-3-21 15:37  

نورۇز  ئۆتكۈزۈشنىڭ  ھۆكمى   نېمە ؟  
پەتىۋادا   -------شەيخ   مۇھەممەد  ئەل مۇنەججىد   .
بارلىق  گۈزەل  ماختاشلار   ئالەملەرنىڭ  پەرۋادىگارى  ئۇلۇغ  ئاللاقا  خاستۇر  .

بىز  بۇ سوئالغا  بىر نەچچە  نۇقتىنى  چىقىش  قىلىپ  تۇرۇپ  جاۋاپ بېرىمىز  .

نوۋرۇز   سۆزى  ----     ئەسلى  پارسچە  سۆز   بولۇپ  ، يىڭى   كۈن  دېگەن  مەنەنى  بىلدۈرىدۇ  .  ئەسلى  پارىسلارنىڭ   بايرىمى  بولۇپ ، ئۇلار  بۇ كۈننى  ناھايىتى  چوڭ  بىلىدۇ  .چۈنكى ، پارسلارنىڭ  ئاۋۋالقى  پادىشاھى   جەمشىد  شاھ  تەرىپىدىن  بۇ كۈن   بايرام قىلىپ  بېكىتىلگەن  . ئۇلار  ئۈچۈن   بۇ كۈن  يىڭى  يىلنىڭ  تۇنجى  كۈنى بولۇپ  بەش كۈن  داۋاملىشىدۇ .  مىسىردىكى  قىبتى  قەبىلىلىرىمۇ  بۇ  كۈندە   بايرام  قىلىدۇ . بۇ ئۇلارنىڭ  چۈشەنچىسىدە  باھار  بايرىمى دەپ ئاتىلىدۇ .
ئىمام  زەھەبى   ئۆزىنىڭ  ئەسىرىدە ‹ ئۈچ  بۇھىل ھەسىس  ئۈچ  بىھۇل خەمىس ›  ناملىق كىتابىنىڭ  46- بېتىدە  مۇنداق  دەيدۇ  :
نوۋرۇز  كۈنى  --مىسىرلىق   قىبتىلارنىڭ   بايرام كۈنى  بولۇپ ،  ئۇلار  بۇ كۈننى ئالاھىدە  ئۆتكۈزىدۇ . ھازىر  مۇسۇلمانلارنىڭ   بۇ قىلمىشى  ئۇلارنىڭ  پائالىيىتىگە  ئوخشاپ  قالدى .
2.  مۇسۇلمانلارنىڭ  قۇربان ھېيت  ۋە  روزا ھېيتتىن  باشقا  بايرام كۈنى بولمايدۇ . باشقا  بايراملار  يىڭىدىن  پەيدا بولغان ئەسلى  يوق  ئىشلار  بولۇپ ، بۇ كۈنلەردە  بايرام،  قىلىش  توغرا بولمايدۇ .  ئىمام  داۋۇد  1134   ۋە  نەسائىي  1135 - نومۇرلىق   ئەنەس  رازىياللاھۇ  ئەنھۇدىن   رىۋايەت    قىلىنغان ھەدىستە    مۇھەممەد ساللاللاھۇ  ئەلەيھى  ۋەسسالام  مەدىنە  شەھرىگە   كەلگەندە   ، ئۇلار   يىلدا  ئىككى  كۈن بايرام قىلاتتى .  ئۇلۇغ  رەھبىرىمىز  بۇ ئىككى  كۈندە  بايرام قىلىشنىڭ  سەۋەبىنى  سورىغاندا ،  ئۇلار  بىز  جاھالىيەت  دەۋرىدىمۇ  بۇ ئىككى  كۈندە  بايرام  قىلاتتۇق   دىيىشكەن .  پەيغەمبەر  ئەلەيھى  سالام ئۇلارغا  :  ئاللا  تائالا  سىلەرگە  ئۇ  ئىككى  كۈندىنمۇ  ياخشىراق  بولغان ئىككى  كۈننى  ئالماشتۇرۇپ  بەردى  . ئۇ  ئىككى  كۈن  قۇربان ھېيت  ۋە  روزا  ھېيت  دېگەن  .   بۇ ئىككى  ھەدىسنى  شەيخ  ئالبانى   ‹سەھىھ  ھەدىسلار  › توپلىمىنىڭ  2021- نومۇرلۇق  ھەدىستە   زىكىر   قىلىدۇ . يىڭىدىن  پەيدا  بولغان  بايراملاردىن ---- يىڭى  يىل بايرىمى
، ئاياللار  بايرىمى ،  بالىلار  بايرىمى  ، ياشلار بايرىمى ،  تۇغۇلغان  كۈن  ، مۇستەقىللىق كۈن  ،   نوۋرۇز  بايرىمى   قاتارلىقلار  بولۇپ   بۇ بايراملارغا  ئىشتىرا ك  قىلىش خەتەرلىك  ئەھۋال  ھىسابلىنىدۇ .   نوۋرۇز  بايرىمى  جاھىلىيەتنىڭ  ئىشى  بولۇپ  ، ئىسلامدىن بۇرۇن  پارسلار  ، خىرىستىيانلار  بۇ بايرامنى  تەبرىكلەيتتى .  بۇ  بايرامنى  ئۆتكۈزۈشنى  چەكلەشتىكى  ئاساسلىق  ئامىللارنىڭ  بىرى  ، ئۇلارغا  ئوخشاپ  قالماسلىق  كۆزدە  تۇتۇلىدۇ .


<   ئىسلام  ئائىلىسى  >  تور  بېتىدىكى  شەيخنىڭ  سىنئالغۇسىدىن   ئاڭلاپ  يازغان  . بۇ يەتتە  مىنۇتلىق ئىكەنتۇق   .  ئىشىم چىقىپ  قىلىپ  ئاخىرىنى يازالمىدىم  .  ئەگر  ئۆزىڭىزنى ئاللانىڭ  قۇلى  مەن دەپ  قارىسىڭىز  يۇقۇردىكى  پەتىۋانى  قوبۇل  قىلغايسىز  ، ئۇنىڭ  ئەكسىچە  بولسا    بايرامنى تەبرىكلەۋىرىڭ  ئەمما   بۇ يەردە  قالاىمىقان  بىلجىرلىماڭ  .  ./forum.php?mod=post&action=edit&fid=36&tid=16409&pid=143738&page=1
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

0

تېما

0

دوست

642

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   28.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  14856
يازما سانى: 17
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 174
تۆھپە : 81
توردىكى ۋاقتى: 46
سائەت
ئاخىرقى: 2013-4-19
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-21 15:42:01 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىنكاسلارمۇ  تەستىقلىنامدۇ ؟

@人不应该放弃,而更

2

تېما

1

دوست

1883

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   88.3%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8717
يازما سانى: 87
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 309
تۆھپە : 383
توردىكى ۋاقتى: 301
سائەت
ئاخىرقى: 2014-1-3
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-21 15:57:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەممىڭلانىڭ  نۇرۇز بايرىمىغا  مۇبارەك بولسۇن

0

تېما

0

دوست

250

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   83.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  16597
يازما سانى: 1
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 68
توردىكى ۋاقتى: 67
سائەت
ئاخىرقى: 2013-12-2
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-21 16:13:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
yikqi يوللىغان ۋاقتى  2013-3-20 18:12
يېزىمىزدا 500دىن ئارتۇق كىشى بىر يەرگە جەم بولۇپ نورۇزن ...

ئسمدە قېلىشچە ئالى مەكتەپتە ئۇقۇۋاتقان چېغىمدا سىماچەننىڭ ‹‹تارىخى خاتىرلەر ››دىگەن ئەسىرنى ئۇقۇغان ئىدىم ،ئۇنڭدا ھونلارنڭ ھەريىلى 3-ئايدا نۇرۇز بايرىمى ئۈتكۈزدىغانلىغى بايان قىلىنغان

0

تېما

0

دوست

373

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   36.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  15908
يازما سانى: 26
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 11
تۆھپە : 112
توردىكى ۋاقتى: 31
سائەت
ئاخىرقى: 2013-5-27
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-21 16:18:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

0

تېما

0

دوست

373

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   36.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  15908
يازما سانى: 26
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 11
تۆھپە : 112
توردىكى ۋاقتى: 31
سائەت
ئاخىرقى: 2013-5-27
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-21 16:58:55 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

2

تېما

9

دوست

5799

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   15.98%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  15034
يازما سانى: 603
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 24
تۆھپە : 1724
توردىكى ۋاقتى: 191
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-21 20:49:05 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نورۇز  ئۆتكۈزۈشنىڭ  ھۆكمى   نېمە ؟  
پەتىۋادا   -------شەيخ   مۇھەممەد  ئەل مۇنەججىد   .
بارلىق  گۈزەل  ماختاشلار   ئالەملەرنىڭ  پەرۋادىگارى  ئۇلۇغ  ئاللاقا  خاستۇر  .


قىرىندىشىم ئىككىمىزنىڭ يوللىغنى  بىر ئوخشاش مەزمۇندىكى پەتىۋاكەن.     ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن.    ھەتتا مۇشۇ پەتىۋالارنى كۆرۈپ تۇرۇپمۇ  يەنىلا  تور موللىسى دەپ تىللايدىغانلار باركەن ئەمەسمۇ ؟
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )