بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئۆتكۈن تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-3-30 13:55
بىر مىسرا بىر جاھان (نەۋائىي شېئرلىرىغا ) ئابدۇرىشىت.ئۆتكۈن ئەي، ئەتىرگۇل خۇش ھىدىڭدىن مەستى-مۇستەغرەق① جاھان، بىر قاراپ ھۆسنىڭگە ئاشىق بولدى بۇلبۇل شۇل زامان. بەرگىدۇر بەلكى چىرايلىق، تىكىنى ئابىھايات، پوستى پال-پۇل ھەرىدەك نەشتىرى تاتلىق ناۋات. گۈلمۇ سەن ياكى ياقۇت،نەزمە ئىچرە دۇر-سەدەپ، مىسرالىرى بىر جاھان،ئاڭا شەيدا ھەممە ئەجەپ. ئۇندا جەۋلان خەمىسە، گۈل ئاشىقى بۇلبۇلمۇ ھەم، مىسرالىرىڭ بولغۇسى شۇ تىل بىلەن باغى ئەرەم②. شۇل تىلىڭنىڭ ھۆسنىدىن مۇڭغا چۆمدى يەر-جاھان، خىجىللىقتىن ئايۇ-يۇلتۇز ئەشرەق③ تامان بولدى نىھان④. سازلىدۇق قالۇن سەتارنى مۇقام ئىچرە چالايىن دەپ، چەببىيات ئۆزھالدا ھەم يار ئەكسىنى كۆرەيىن دەپ. ھۆسنى پىراقىڭدىن قايۇ ئاشىقكى بولدى ئاشنا، شۇل نەزمىنى كۆرمىسە،ئېيسا⑤ ئاڭا تاپماس داۋا. نەچچە شائىر تىرىلدۈرگەن بولسا مەسھ⑤ ئېيسا شۇدەم، ئەمدى جانغا سېنىڭدەك ئارامى جان يوق مۇقەددەم.
ھەر-بىر مىسرا، بىر جاھان،ئۇندا جەۋلان كائىنات، ھۆسنى ئۇل ئەختەر⑥ ئۇنىڭ، نەزمە ئىچرەقەن-ناۋات. ھەر-بىر مىسرا، بىر جاھان ئىششىق ئەھلى ياتلىشار، كۇپلىتلىرىڭ دۇر بۇلاق،چاڭقاق دىللار شاتلىنار. ئەي نەۋائىي نەزمەڭ ئىچرە تاپتىم سېھىر نازۇ كەرەم، چۈنكى كلاسسىك بابىغا تىكتى نەزمەڭ تۇغ-ئەلەم⑦. 1. مەستى-مۇستەغرەق.......غەرىق مەست 2. باغى ئەرەم.............ئەرىش بېغى 3. ئەشرەق............... شەرىق تەرەپ 4. نىھان................. يوقۇلۇش،يوشۇرنۇش، پېتىش 5. ئېيسا................رىۋايەتلەردە ئۇنىھەممە ئىشقا قادىر دەپ تەرىپلىگەن،ئۇنىڭ ئۆلۈكنى تىرىلدۇرەلەيدىغان سېھرى باردېيىلگەن. 6. ئەختەر...............يۇلتۇز 7. تۇغ-ئەلەم............ئىلگىركىۋاقىتلاردابايراق رولىنى ئوينىغان، پادىشاھلارنىڭ دۆلەتنىڭ ھوقوقىنىڭ سىمۋولى |