قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 572|ئىنكاس: 2

پەرىشتە يامغۇرى -ئەسلىمە

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

6

تېما

0

دوست

549

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   9.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  13730
يازما سانى: 15
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 79
تۆھپە : 120
توردىكى ۋاقتى: 23
سائەت
ئاخىرقى: 2014-5-1
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-20 23:49:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
[   

پەرىشتە يامغۇرى
ئەركىن ئابلىمىت ئاتچاپا
( ئەسلىمە)

- بۇ ئەسىرىمنى مەشھۇر رەھبىرىمىز يولداش تۆمۈر داۋامەت ئاكىنىڭ 85 ياشقا كىرگەن خاتىرسىگە ۋە مەرھۇم دادام ئابلىمىت ياقۇپ ۋاپاتىنىڭ ئالتە يىللىقىغا ئېھتىرام بىلەن بېغىشلايمەن.

    ئىلاۋە:«باش شۇجى شى جىنپىڭ تۆمۈر داۋامەتنى يوقلىدى» ماۋزۇلۇق خەۋەرنى باغداش تورىدىن كۆرگەندىن كېيىن، ھەم سۈيۈندۈم، ھەم كۆڭلۈم يېرىم بولدى، شۇڭا تورداشلار قاتارىدا كۆڭۈل ئىزھارىمنى يازغان ئىدىم، بۈگۈن «پەرىشتە يامغۇرى»نى كۆرۈپ، بۇ ئەسەردىن تورداشلارنىڭمۇ ھۇزۇرلىنىشىنى مۇۋاپىق كۆردۈم ھەمدە ھېلىقى ئىنكاسىمنى بۇ يەرگە كۆچۈرۈپ قويدۇم:
    ئوز خەلقىنىڭ ئوتىدا كويۇپ ،سۇيىدە ئىېىقىپ ، جاپانى ئوزى تارتىپ ،راھەتنى خەلقىگە ئاتىغان  سويۇملۇك رەھبىرىمىز ،ساغلام بولسۇن . ھازىرقى ئوزىنى رەھبەر دەپ يۇرگەن ساۋاتسىزلار ،مانابۇ ئالىم رەھبەرلىرىمىزدىن ئوگەنسە ،خەلقىمىزنىڭ  كوزىدىن ھازىرقىدەك  بىھۇدە  ياش ئاقمىغان بۇلاتتى .( بۇ تورداش پىدانىڭ ئىنكاسى)
   
شۇنداق، بۈيۈك رەھبەرىمىزنى ئاللا ئۆز پاناھىدا ساقلايدۇ، چۈنكى ئاللا خەلق قەلبىدىكى ئادەمنىڭ پەرۋىشكارى، شۇنداق دېيىشكە ھەقلىقمىزكى، تۆمۈر داۋامەت بىر رەھبەرشۇناس ئالىم، شۇنداقلا مىللەتشۇناسلىق ئالىمىمىزدۇر!!!!!(بۇ مېنىڭ پىداىنىڭ ئىنكاسىغا يازغان ئىنكاسىم).

1
مېنىڭچە، ھەر بىر ئادەمنىڭ كىشىلىك ھاياتىدا تەربىيىلىنىش، ئۆگىنىش، تېرىشچانلىق، كەسىپ، ئەمگەك، يېڭىش، مۇكاپات، بەخت، پايدا، نەتىجە، شان- شەرەپ، ياردەملىشىش، بېغىشلاش، كەچۈرىۋېتىش، ھاياجانلىنىش، ئارزۇ، سېغىنىش، ئېرىشىش، سۆيگۈ، سەپەر، ئويۇن، جەم بولۇش، خۇشھاللىق، مېھرى- مۇھەببەت، ھوزۇرلۇنۇش، كۈلكە... قاتارلىق گۈزەل، ئىجابىي ۋە مەنىلىك، تاتلىق خاتىرىلەرمۇ؛ قاششاقلىق، يېڭىلىش، يوقۇتۇش، ھاقارەتلىنىش، تۆھمەت، جۇدالىق، ئايرىلىش، شەخسىيەتچىلىك، كۈلپەت، زەئىپلىك، ئىپلاسلىق، مەغلۇبىيەت، جازا، ئۈمۈدسىزلىك، ئاسىيلىق، مەھكۇملۇق، نەپرەت، كېسەل، ئازاپ، يىغا... قاتارلىق ئاچچىق، سەلبىي  خاتىرىلەرمۇ بولىدۇ. بۇ مەنىدىن ئېيتقاندا، ئىنساننىڭ ھاياتىنى سانسىزلىغان تاتلىق ۋە ئاچچىق سەرگۈزەشتىلەر تۇلۇق پۈتۈلگەن زور بىر ئىلاھىي قامۇس دېيىشكە بولىدۇ. بۇ قامۇستىكى تەپسىلاتلارنىڭ بەزىلىرى ئۆز نۆۋىتىدە شۇ شەخىسنىڭ تۇرمۇشىغا ئاجايىپ زور ئۆزگىرىشلەرنى ئېلىپ كېلىشى، ھەتتا ئۇنىڭ پۈتۈن ھاياتىنى ئۆزگەرتىۋېتەلىشى مۇمكىن. شۇنىڭ بىلەن بۇ بىر تەپسىلات ئۇنىڭ ۋۇجۇدىغا ئەبەدىي ئۆچمەيدىغان تامغا بولۇپ ئويۇلۇپ، ئۇنىڭ قەلبىدە مەڭگۈلۈك يادنامە بولۇپ قېلىشى، ھەر بىر ئادەمنىڭ كىشىلىك ھاياتىدا بۇنداق مەڭگۈلۈك يادنامىدىن پەقەت بىر ياكى بىر نەچچىسىلا ساقلىنىپ قېلىشى مۇمكىن.
ئۆزۈمنى ئېلىپ ئېيتسام، مېنىڭ ھايات سەپىرىمدىمۇ ئېسىمدىن چىقمايدىغان، خاتىرىلەشكە، قەدىرلەشكە ئەرزىيدىغان، قەلبىمگە نەقىش بولۇپ ئويۇلغان ئۇنتۇلغۇسىز ئەسلىمىلەر، ئەھمىيەتلىك ئىزلار ۋە خاتىرىگە ئېلىشقا ئەرزىيدىغان چوڭقۇر ھېس- تۇيغۇلار بار. بولۇپمۇ بۇنىڭدىن ئاز كەم 35 يىل مۇقەددەم بولۇپ ئۆتكەن ئاشۇ ئۇنتۇلغۇسىز مىنۇتلار ۋە ئۇنىڭغا ئالاقىدار كارتىنىلار كۆز ئالدىمدا تېخى تۈنۈگۈنكىدەك زاھىر بولۇپ تۇرىدۇ. ئائىلىمىزگە قايتا بەخت- سائادەت بەخش ئەتكەن بىر مۇھتىرەم زاتنىڭ چوڭقۇر مېھرىبانلىق يېغىپ تۇرغان، پەرىشتە سۈپەت  سىماسى ھەم شۇ قېتىمقى ئۇچرۇشۇش مەنزىرىسى ھەر قېتىم خىيالىمدىن كەچكىنىدە تەسۋىرلىگۈسىز بىر خىل مىننەتدارلىق، ئىپتىخارلىق، سېغىنىش ۋە سۆيۈنۈش ھېسىياتى ۋۇجۇدۇمنى بىر قېتىم كۈچلۈك لەرزىگە سېلىپ ئۆتىدۇ. راستىنى ئېيتقاندا، ئاشۇ زاتنىڭ شۇ قېتىملىق غەمخورلىقى بولمىغان بولسا، بىزنىڭ بۈگۈنكى بەختىيار كۈنلىرىمىز بولمىغان بولاتتى.
بىزدە « ئۆتكەن كۈنىڭنى ئۇنۇتما، شىر چورۇقۇڭنى قۇرۇتما »، « سۇ ئىچكەندە قۇدۇق قازغۇچىنى ئۇنۇتما » دېگەندەك ھېكمەتلىك ماقال- تەمسىللەر بار. بۈگۈنكى بۇ توققۇزىمىز تەل، بەختىيار كۈنلىرىمىز بىلەن ئاشۇ يىللاردىكى ئاچ- زېرىنلىق، كۈلپەتلىك كۈنلەرنى ھەر قېتىم كۆڭۈل ئىكرانىمدا سېلىشتۇرۇپ ئۆتكۈنىمدە، كاللامدا كىملەر ئارقىلىق، نېمە بىلەن قانداق قايتۇرۇش كېرەكلىكىنى ئويلاپ يەتكىلى بولمەيدىغان بىر خىل چىگىش قەرزدارلىق تۇيغۇسى مېنى پات- پات بىئارام قىلىپ، ئىزتىراپلىق خىيالەتلەر قاينىمىغا غەرق قىلاتتى. مانا، يېشىم 50 كە ئۇلاشقاندىلا ئاندىن مەن بۇ تېپىشماقنىڭ جاۋابىنى تاپقاندەك بولۇپ، كۆڭلۈم پاللىدە يورۇپ كەتتى. شۇنىڭ بىلەن بىر قىسمىنى دادام رەھمەتلىك ۋە باشقا مۆتىۋەرلەردىن ئاڭلاپ يادا بولۇپ كەتكەن، يەنە بىر قىسمىنى ئۆزۈم بېشىمدىن بىۋاستە ئۆتكۈزگەن بۇ ھېكايەتلەرنى كەڭ ئوقۇرمەنلەر بىلەن ئورتاقلىشىشقا بولغان بىر خىل كۈچلۈك ئىستەكنىڭ تۈرۈتكىسى مېنى ئاخىرى بۇ ئەسلىمىنى قەلەمگە ئېلىشقا مۇۋاپپەق قىلدى. راست ئەمەسمۇ، يۈرۈكىمدە چوڭقۇر يىلتىز تارتقان بۇ تۇيغۇلىرىمنى بىرەر پارچە يازمام ئارقىلىق ئىپادىلىسەم بۇمۇ بولىدىغان گەپ ئىكەنغۇ!...
بىراق، مەن توختالماقچى بولغان بۇ كىشى كىم نېمە دەپ يازسا بولىۋېرىدىغان ئادەتتىكى ئادەم ئەمەس ئىدى. بىزگە ئالاھىيدە غەمخورلۇق قىلغان، پۈتۈن ئائىلىمىزنى خار- زەبۇنلۇق، خورلۇق، يوقسۇللۇق، ناھەقچىلىق ئاتلىق جۇدۇن- چاپقۇندىن ئازات قىلغان، كەمسىتىلىش، ئادالەتسىزلىك قاتارلىق كۆرۈنمەس سىرتماقتىن قۇتۇلدۇرغان، بىز ۋە بىزگە ئوخشاش خورلۇققا، ئۇۋالچىلىققا ئۇچراپ گاڭگىراپ يۈرگەن باشقا تالايلىغان سۇلغۇن، بىقۇۋۇل كىشىلەرگە غەمخورلۇق قىلىپ، ئۇلارنى ئىنسانىي قەدىر- قىممەتكە، بەخىتكە ئېرىشتۈرگەن بۇ كاتتا زات توغرىسىدا توختىلىشمۇ يەڭگىللىك بىلەن قارار قىلىدىغان ئىش ئەمەس ئىدى. مەن ۋە مېنىڭ ئائىلەمدىكىلەرلا ئەمەس، بەلكى پۈتۈن ئويغۇر خەلقى ئىسمىنى ئىپتىخارلىق بىلەن تەلقىن قىلىدىغان، كەڭ ئاۋامنىڭ قەلب قەسىرىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالغان، ھەممىمىز چەكسىز  پەخىرلىنىدىغان، شۇنداقلا دۆلىتىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقى چوڭقۇر ھۆرمەت قىلىدىغان ۋە ھىمايە قىلىدىغان، خەلقئارادىمۇ بەلگىلىك تەسىر ۋە ئىناۋەتكە ئېگە بولغان بۇ ئابرۇيلۇق پەزىلەت ساھىبىنىڭ ئىسمى- تۆمۈر داۋامەت ئىدى.
دەرۋەقە، ئالىي رەھبىرىمىز ۋە ئاتاقلىق شائىرىمىز يولداش تۆمۈر داۋامەت 1927- يىل 6- ئاينىڭ 16- كۈنى توقسۇن ناھىيەسىنىڭ يىلانلىق يېزىسىدا  نامرات بىر ئۇيغۇر دېھقان ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن بولۇپ، بۇ يىل 85 ياشقا كىرىپ قالدى. ئۇ پارتىيىمىز ۋە دۆلىتىمىز ئازاتلىقتىن كېيىن تەربىيەلەپ يېتىشتۈرۈپ چىققان تۇنجى ئەۋلات ئۇيغۇر رەھبەر بولۇپ، 1950- يىلى خىزمەتكە قاتناشقان. ئىنقىلاۋىي خىزمەت ھاياتىدا يېزا باشلىقى، مۇئاۋىن رايۇن باشلىقى، ھاكىم، ناھىيىلىك پارتكوم شۇجىسى، ئاپتونۇم رايۇنلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، ئاپتونۇم رايۇنلۇق ئىنقىلابىي كومىتېتىنىڭ دائىمىي ئەزاسى، مۇئاۋىن مۇدىرى، ئاپتونۇم رايۇنلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى، ئاپتونۇم رايۇنلۇق خەلق قۇرۇلتېيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى، دۆلەت مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، ئاپتونۇم رايۇنلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونۇم رايۇننىڭ رەئىسى قاتارلىق يۇقىرى ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن. ئۇدا ئىككى نۆۋەت مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن كومىتېت باشلىقى ۋە « جوڭگۇ- ئەرەپ دۆلەتلىرى دوستلۇق جەمئىيىتى » نىڭ باشلىقى بولغان. بىر نەچچە نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى ۋە ھەيئەت ئەزاسى بولغان. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى  11-، 12-، 13-، 14-، 15-، 16- قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى، 12-، 13-، 14- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى بولغان. 2003- يىل 3- ئايدا دەم ئېلىشقا چىققان.
يولداش تۆمۈر داۋامەت يۇقىرى ئابرۇي ۋە نوپۇزغا ئېگە ئالىي دەرىجىلىك دۆلەت رەھبىرى بولۇپلا قالماستىن، ئۇ يەنە جىسمىدىن مەردانىلىق ئۇرغۇپ تۇرىدىغان، لىرىك شېئىرىي ھىسىياتقا، ئۆزگىچە بەدىئىي تەپەككۇرغا، كەڭ ۋە چوڭقۇر تەسەۋۋۇرغا  ۋە مول بەدىئىي ماھارەتكە ئىگە بىر ئوت يۈرەك شائىر.
ئالىي دەرىجىلىك بىر دۆلەت رەھبىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، يولداش تۆمۈر داۋامەتنىڭ ۋاقتى ھەقىقەتەن ئىنتايىن ئالدىراشچىلىق ئىچىدە ئۆتىدىغانلىقىنى ھېچكىم ئېتىراپ قىلماي تۇرالمايدۇ. پۈتۈن ئاپتونۇم رايۇنىمىزنىڭ، دۆلىتىمىزنىڭ زور ۋە مۇھىم خىزمەتلىرى، دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى مۇھىم دىپلۇماتىيە پائالىيەتلىرى، تۈرلۈك يىغىن، ئورۇنلاشتۇرۇش، تەكشۈرۈش، يېتەكچىلىك قىلىش، ئويلاش، يېزىش، پارتىيە مەركىزى كومىتېتى، گوۋۇيۇەنگە خىزمەتلەردىن دوكۇلات بېرىش، ئائىلىدىكى مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش...، بۇلار ئۇنىڭ كۈندۈلىك ئىش تەرتىۋى. ئۇنىڭدىن باشقا، ئۇ يەنە ئاپتونۇم رايۇنىمىزنىڭ ھەر ساھە ئىشلىرىغا، بولۇپمۇ مەدەنىيەت، ئەدەبىيات- سەنئەت ئىشلىرىمىزنىڭ تەرەققىياتىغا ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىدىغان ۋە ئۇنى بىۋاستە قوللايدىغان رەھبەرلىرىمىزنىڭ بىرى. ئۇ ھەمىشە ئالدىراش بولىشىغا قارىماي، ئەدەبىيات- سەنئەت ساھەسىدىكى تۈرلۈك پائالىيەتلەرگە قاتنىشىپ، ھەر مىللەت ئەدىبلىرى بىلەن دوستانە بېرىش- كېلىش قىلىپ تۇرىدۇ. ئەدەبىيات- سەنئەت ئىشلىرىغا ئائىت سۆھبەت، مۇھاكىمىلەرگە قاتنىشىپ تۇرىدۇ. بۇ جەھەتتە يولۇققان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا ئالاھىيدە كۆڭۈل بۆلىدۇ ۋە كۈچ چىقىرىدۇ. بىز ئۇنىڭ ئويغۇر مىللىي مەدەنىيىتىمىز ۋە ئەدەبىيات- سەنئەت ئىشلىرىمىزنىڭ تەرەققىياتىغا قوشقان تۆھپىسى ۋە كاتتا ئەمەلىي نەتىجىلىرىگىمۇ قايىل بولماي تۇرالمايمىز. يولداش تۆمۈر داۋامەت دىڭ شىياۋپىڭ، جياڭ زېمىن، لې پىڭ، خۇ جىنتاۋ قاتارلىق ئالى دۆلەت رەھبەرلىرىمىز بىلەنمۇ ناھايىتى يېقىن دوستلۇق ئورناتقان بولۇپ، ئۇلار يولداش تۆمۈر داۋامەتنىڭ خىزمەت، ئىجادىيەت، تۇرمۇش ئىشلىرىغا ئالاھىيدە كۆڭۈل بۆلىدۇ ۋە غەمخورلۇق قىلىدۇ. ئۇلار ھەر قېتىملىق  ھېيت- بايراملاردا ئۆز- ئارا پەتىلىشىشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن. دېمەك، مەن دائىم سۆيۈملۈك رەھبىرىمىز يولداش تۆمۈر داۋامەتنىڭ خىزمەت سىجىللىقىنىڭ ئىنتايىن زىچ ئىكەنلىكىنى، بىر تەرەپ قىلىدىغان ئىشلىرىنىڭ ئىنتايىن مۇھىم، زور  ۋە كۆپ ئىكەنلىكىنى، مەسئۇلىيىتىنىڭ ۋە خىزمەت بېسىمىنىڭ ئىنتايىن ئېغىر ئىكەنلىكىنى تەسەۋۋۇر قىلاتتىم.
چوڭقۇر مەنالارغا تويۇنغان يالقۇنلۇق مىسرالارنىڭ مول ھوسۇللۇق ئىجاتكارى بولۇش سۈپىتى بىلەن تالانتلىق شائىرىمىز يولداش تۆمۈر داۋامەت ۋاقىت ئىچىدىن ۋاقىت چىقىرىپ، تەبىئەتنىڭ ھەر بىر گۈزەل  مۆجىزىلىرىدىن كۈچلۈك ئىلھام ئېلىپ، كۈندۈلىك تۇرمۇشتا ئۆزى شېئىرىي كۆزلىرى بىلەن گۈزەتكەن، ئىددىيسىگە تەسىر قىلغان ئامىللارنىڭ بىرىنىمۇ نەزىرىدىن ساقىت قىلماي، ئۆزىنىڭ شېئىرىي ماھارىتىنى ئىزچىل نامايەن قىلىپ، يىنىك، راۋان، چۈشۈنىشلىك ۋە رەڭدار مىسرالىرى ئارقىلىق ئۇيغۇر مىللىي ئەدەبىياتىمىز چىمەنزارلىقىنى تېخىمۇ جۇلالىق گۈل- چېچەكلەر بىلەن بېزەشنى ئۆزىنىڭ ئۆمۈرلۈك نىشانى قىلغان بۇ پىشىۋايىمىزنىڭ كېچە- كېچىلەپ ھارماي- تالماي يېزىۋاتقاندىكى قەيسەر سىماسى دائىم كۆز ئالدىمدا زاھىر بولاتتى. كۆڭلۈمدە «  ۋاقىت- مانا موشۇنداق ئىگىلمەس- سۇنماس قەيسەر ئىرادىلىك كامالەت ئېگىلىرى بىلەنلا ئۆز قىممىتىنى نامايەن قىلالايدۇ » دېگەنلەرنى ئويلايتتىم.  يولداش تۆمۈر داۋامەتنىڭ يېزىقچىلىق ئىستىلى ئىنتايىن مەسئۇلىيەتچانلىققا، ئىجادىيەت ئۇسۇلى ئىنتايىن ئىزچىللىققا ئېگە بولۇپ، ئۇنىڭ ئىجات قىلغان ئەسەرلىرىنى تەتقىق- تەھلىل قىلغىنىمىزدا، مەيلى ئىدىيەۋىيلىك جەھەتتىن بولمىسۇن، بەدئىيلىك جەھەتتىن بولمىسۇن ۋە ياكى سانى ۋە ھەجمى جەھەتتىن بولمىسۇن، ئۇنىڭ ئۇيغۇر مىللىي ئەدەبىياتىدا تۇتقان ئورنى ۋە تەسىرىنى ھەرگىز تۆۋەن مۆلچەرلىيەلمەيمىز. بۇ ئەسەرلەرنىڭ ئىچىدە شېئىر ئاساسىي ئورۇندا تۇرىدىغان بولۇپ، شېئىرلار توپلىمىدىنلا سەككىز پارچە كىتابى نەشىر قىلىنغان. ئۇنىڭدىن باشقا، ئەسلىمە، ئەدەبىي خاتىرە، زىيارەت- تەكشۈرۈش خاتىرىسى، نەسىر قاتارلىق ژانىرلاردىكى ئەسەرلىرىمۇ مۇھىم سالماقنى ئېگەللەيدۇ. كىشىنى ئەڭ قايىل قىلىدىغىنى شۇكى، ئۇ كۈندۈلىك خاتىرە يېزىشنى يېرىم ئەسىردىن ئارتۇق ۋاقىتتىن بېرى ئىزچىل تۈردە ئۈزمەي داۋاملاشتۇرغان. ئاخىرىدا بۇ خاتىرە « ھايات گۈلشەنىدىن تەرمىلەر » ناملىق زور ھەجىملىك  نادىر ئەدەبىي ئەسەرگە ئايلانغان. بىز ھەممىمىز بۇ ئۇستاز شائىرىمىزنىڭ بۇ خىل قەيسەر شىجائىتىدىن ئۆگىنىشىمىز، ئۇنى ئۆرنەك قىلىشىمىز كېرەك.
يولداش تۆمۈر داۋامەتنىڭ ھازىرغىچە 30 پارچىدىن ئارتۇق توم- توم كىتابلىرى نوپۇزلۇق نەشرىياتلاردا ۋە چەتئەللەردە نەشىر قىلىنغان بولۇپ، بۇ كىتابلارنىڭ بىر قىسمىغا جياڭ زېمىن، لې پىڭ، خۇ جىنتاۋ، لى رۈيخۇەن قاتارلىق دۆلەت رەھبەرلىرى يۇقىرى باھالارنى بەرگەن ۋە بېغىشلىما، كىرىش سۆز ياكى كىتاب ئىسمى يېزىپ بەرگەن. بۇ كىتابلارنىڭ كۆپ قىسمى خەنزۇ، ياپون، رۇس، ئېنگىلىز، ئەرەپ، قازاق، ئۆزبېك قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ تىللىرىغا تەرجىمە قىلىپ نەشىر قىلىنغان ۋە چەتئەللەردىمۇ قىزغىن ئالقىشقا ئېرىشكەن. ئۇنىڭ يەنە ئۇيغۇرچە، خەنزۇچە نەشىر قىلىپ تارقىتىلغان تۆت توملۇق « تۆمۈر داۋامەت ماقالىلىرى » دېگەن كىتابى جوڭگۇچە سوتسىيالىستىك نەزەرىيە سېستىمىسىنى بەرپا قىلىش ۋە بېيىتىشتا بەلگىلىك ئەھمىيىتىنى نامايەن قىلغان. ئۇنىڭ يېقىندا يەنە كۈندۈلىك خىزمەت پائالىيەتلىرى ئاساسىدا خاتىرىگە ئېلىپ ماڭغان « ھايات مۇجەسسىمى » سەرلەۋھىلىك زور ھەجىملىك كىتابى مىللەتلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنغان بولۇپ، كىتابتا ئاپتۇرنىڭ ئىنقىلابىي خىزمەت ھاياتىدا خەلقىمىزگە قىلىپ بەرگەن شانلىق ياخشى ئىش تەپسىلاتلىرى يۇقىرى بەدىئىي سەۋىيىدە يېزىپ چىقىلغان. دېمەك، يولداش تۆمۈر داۋامەت ئاكا ھازىر ياشىنىپ قالغان بولسىمۇ ئۇنىڭ ئويناق قەلىمى تېخى بىزنىڭ جىسمىمىزغا روھىي كۈچ، قەلبىمىزگە مەنىۋىي ھوزۇر، ئىجادىيىتىمىزگە كۈچلۈك ئىلھام بېغىشلايدىغان، خەلقىمىزگە كۈچلۈك ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيىسى بېرىدىغان نادىر ئەسەرلەرنى تەقدىم ئىتىشتىن، چوڭقۇر پەلسەپىۋىي پىكىر ۋە  گۈزەل شېئىرىي پۇراق بىلەن سۇغۇرۇلغان ئىجادىيەت مېۋىلىرىنى بەخش ئېتىشتىن ھېلىھەم توختىغىنى يوق.
بىز يەنە شۇنىڭغا قايىل بولماي تۇرالمايمىزكى، يولداش تۆمۈر داۋامەتنىڭ شېئىرلىرىنىڭ تېمىسى خىلمۇخىل، تۇرمۇش پۇرىقى كۈچلۈك، ھېسىياتى قايناق، تىلى ئاممىباپ بولۇپ، ئۇنىڭدىن كۈچلۈك ۋەتەنپەرۋەرلىك خىسلىتى، دەۋىر روھىي، تىپىك تۇرمۇش پۇرىقى ۋە گۈزەل تەبىئەتنىڭ سېھرىي ھېكمەتلىرى جانلىق ئەكىس ئىتىپ تۇرىدۇ. شائىرنىڭ شېئىرلىرىدا قاپىيە، تۇراق، ۋەزىن، بوغۇم قاتارلىق شېئىرىي ئامىللار يۇقىرى ماھارەت بىلەن تويۇندۇرۇلغان بولۇپ، كۈچلۈك ۋە راۋان دىكلىماتسىيەچانلىققا ئېگە قىلىنغان. خاسىيەتلىك تەبىئەت مەنزىرىلىرى، قايناق تۇرمۇش مەنزىرىلىرى ۋە رىئال ھايات ھەقىقەتلىرى ساپ ۋە يەڭگىل بەدىئىي تىل بىلەن سۈرەتلەپ بېرىلگەن بولغاچقا، ھەرقانداق بىر ئوقۇرمەن ئۇنىڭدىكى مەزمۇن ۋە مۇددىئانى قىينالمايلا چۈشىنەلەيدۇ ۋە ئۇنىڭدىن چوڭقۇر ھوزۇر ئالالايدۇ. مەسىلەن مۇنۇ مىسرالارغا قاراپ باقايلى؛
ۋادىلارنى سۆيۈپ، ياشنىتىپ،                 بېغىشلايدۇ دىلغا زوق- ھوزۇر،     
ئۇچۇپ ئۆتەر ئىللىق شاماللار.                 قۇش- قاناتلار نەغمە- ناۋاسى.
قىرغاقلارغا چاچىدۇ ئۈنچە،                     ئايان بولار بۇنىڭدىن ئەلگە،
سۈيى ئويناق دەريا- قاناللار .                نەۋ باھارنىڭ قەدرى- باھاسى.
...........................                    ..............................
( شائىرنىڭ « ئۆمۈر ئىزلىرى » ناملىق شېئىرلار توپلىمىدىكى « باھار ئىلھامى » دېگەن شېئىرىدىن )
بۇ شېئىردا تەبىئەتنىڭ مول ھاياتى كۈچكە تولغان گۈزەل، قايناق مەنزىرىسى خۇددىي ئۇستا رەسسامنىڭ قولىدىن چىققان بىر پارچە نادىر ماي بۇياق رەسىمگە ئوخشاش ئوقۇرمەننى كۈچلۈك زوقلاندۇرسا، شائىرنىڭ 55 يىللىق قەدىناس ھەمراھى مەرھۇمە گۈلزىرەخان ئانىمىزنىڭ ۋاپاتىغا بېغىشلاپ يازغان مەرسىيەسى كىشىگە نېمىنىڭ ھەقىقىي ۋاپادارلىق ئىكەنلىكىنى ھەقداتىغا يەتكۈزۈپ يورۇتۇپ بېرىدۇ، ئۇنى ئوقۇغان كىشىنىڭ يۈرىكى جىغ... غىدە قىلىپ تىتىرىمەي قالمايدۇ. تۆۋەندىكى قۇرلار بۇ پىكرىمىزنىڭ دەلىلى:
ۋادەرىخ! چاك- چاك يېرىلدى باغرىم، نىگارىم قايداسەن؟
چىن ۋاپادار ھەمراھىم، تىلتۇمارىم قايداسەن؟
تاغ- داۋان ئاشقان ئىدۇق بىللە ھاياتلىق يولىدا،
كەتتىڭا تاشلاپ مېنى، سەرۋى- چىنارىم قايداسەن؟
غەم- جاپا چۈشكەندە باشقا تاغ كەبى بولدۇڭ يۆلەك،
ئات سېلىپ ئۆتتۈم توساقتىن، كۈچ- مادارىم قايداسەن؟
...........................................................
يوق ئىكەن لوقماندىمۇ ئۇشبۇ ئەجەلگە ھېچ ئامال،
ياش ئەمەس قان ئاقتى كۆزدىن، گۈلئۇزارىم قايداسەن؟
ياقا يىرتىپ نالە ئەيلەر ھەم ئۇماق پەرزەنتلىرىڭ،
ئۆيگە شام، تۈۋرۈك ئىدىڭسەن، نۇر چىراغىم قايداسەن؟
...........................................................
( شائىرنىڭ « ئۆمۈر ئىزلىرى » ناملىق شېئىرلار توپلىمىدىكى « ۋاپادارىم قايداسەن؟ » دېگەن شېئىرىدىن ).
ئىنسانچىلىقتا، ھەربىر ئادەمنىڭ كۆڭلىگە پۈككەن يۈكسەك ئارزۇسى، گۈزەل غايىسى ۋە چوڭقۇر پىلانى بولىدىغانلىقىغا ھەممىمىز ئىشىنىمىز. مەن ئۆزىنىڭ مۇشۇ ئۇلۇغۋار ئىشلىرىنى رۇياپقا چىقاردى دېسە- تۆمۈر داۋامەت ئاكىنى دېسە بولىدۇ- دەپ قارايمەن. چۈنكى ئۇ ئۆمۈر ئىزلىرىنى مەڭگۈ سولماس گۈل- چىمەنلەر بىلەن بېزىيەلىدى. بىز ھېلىھەم بولسىمۇ ھەممىمىزنىڭ ئىپتىخارى بولغان بۇ پەخىرلىك ئوغلانىمىزنىڭ قەدرىگە تېخىمۇ يېتىشىمىز، ئۇنى مەڭگۈ قەدىرلىشىمىز، ئۇنىڭغا چوڭقۇر ھۆرمەت ئېھتىرامىمىزنى بىلدۈرۈشىمىز كېرەك.
سىياسىي جەھەتتىن دۆلەتنىڭ ئالىي دەرىجىلىك رەھبەرلىك قاتلىمىغا تەۋە بولغان، ئەدەبىي ئىجادىيەت جەھەتتىن كامالەتكە يەتكەن مۇشۇنداق بىر كاتتا زات ئۈستىدە مەندەك بىر ئاددىي قەلەمكەشنىڭ بىر قەدەر مۇكەممەل بولغان ياخشىراق بىر پارچە ئەسەر يېزىپ چىقالىشىم ۋە جىسمىمدا قۇتراپ تۇرغان، مېنى قەلەم تەۋرىتىشكە ھەر ۋاقىت ھەيدەپ تۇرغان كۈچلۈك ھېسىياتىمنى ئۆزۈمنىڭ ئويلىغىنىدەك ئەتراپلىق يورۇتۇپ بېرەلىشىم ناتايىن. شۇنداقتىمۇ، ئائىلىمىز بېشىدىن ئۆتكۈزگەن ئەگرى- توقاي كەچمىشلەر ۋە بىز پەرزەنتلەرگە نىسبەتەن ھاياتىمىزدىكى ئەڭ مۇھىم كىشى بولغان دادام ئابلىمىت ياقۇپ ۋە سۆيۈملۈك شەپقەتچىمىز يولداش تۆمۈر داۋامەت توغرىسىدا بىرەر پارچە بىر نەرسە يېزىپ كەڭ ئوقۇرمەنلەر بىلەن ئورتاقلىشىش تەقەززاسى مېنىڭ بۇ ئىشقا جۈرئەت قىلىشىمغا سەۋەپ بولدى.  ماڭا ئاشۇ ئۇزۇن يىللاردىن بېرى كېچە- كۈندۈز ھەمراھ بولۇپ كەلگەن، ۋەزنى شۇنچە ئېغىر بۇ  ھېس- تۇيغۇلارنى كۆڭلىمدە جىمجىت دەپنە قىلىۋېتىشنى  ئۆزۈمگە زادىلا راۋا كۆرمىدىم. ئۇنىڭ ئۈستىگە، دادام ئابلىمىت ياقۇپمۇ يولداش تۆمۈر داۋامەتنىڭ ئاشۇ شەپقىتى ۋە غەمخورلۇقىغا قانداق جاۋاب قايتۇرۇش توغرىسىدا كۆپ ئويلانغان ۋە بىرەر ئەھمىيەتلىك ئىش قىلىپ مىننەتدارلىقىنى ئىپادىلەشنى ئۇزۇن يىل ئارزۇ قىلغان بولسىمۇ، ئەپسۇس بۇ ئارزۇسىغا يېتەلمەي كەتكەنىدى.
2
1978- يىل ئەتىياز.
بىز خېلى كۈنلەردىن بۇيان دادام ئابلىمىت ياقۇپ بىلەن كۆرۈشەلمەي يۈرەتتۇق، چۈنكى ئۇ موشۇ كۈنلەردە يەنىلا ئۆزىنىڭ ئەرز- دەۋا ئىشلىرىنى ھەل قىلىش كويىدا  يۇقىرى- تۆۋەن چېپىپ يۈرەتتى. ئۇ بۈگۈن نامازشام بىلەن تۇيۇقسىز ناھايىتى ئالدىراش قايتىپ كەلدى ۋە قاراڭغۇ چۈشۈۋاتقانلىقىغا قارىماي، شۇ ئالدىراشلىقى بىلەن بىزنى « باللىرىم، قەشقەرگە سەپەر چىقتى، يۈرۈڭلار...» دەپلا چوڭ داداملارنىڭكىدىن ئېلىپ ماڭدى. ئۇ چاغلاردا بىز مارالبېشى ناھىيە ئاتچاپا ( ھازىرقى يېڭىئۆستەڭ ) يېزىسىنىڭ يېڭىمەھەللە كەنتىدىكى ئانامنىڭ ئاتا- ئانىسىنىڭكىدە تۇرىۋاتاتتۇق. چوڭ داداملارنىڭ « ۋاي نېمە ئىش بولدى، بۇ كېچىدە ئالدىراپ نەگە بارىسىلەر، مۇشۇنداقلا ماڭامسىلەر؟ » دېگەن تەئەججۇپلۇق سۇئاللىرىمۇ جاۋابسىز قالدى. چوڭ ئانام بولسا مۇھىم ئىش ئىكەنلىكىنى پەرەز قىلىپ يەتكەن بولسا كېرەك، پالاقشىپ يۈرۈپ بىر پەستىلا بىزگە بىر  خورجۇن روزىغار تەييارلاپ ئۈلگۈرگەنىدى.
ئۇ چاغلاردا مەن 15- 16 ياشلاردا ئىدىم، دادام ئابلىمىت ياقۇپ 43 ياشلاردا، سىڭلىم نۇرىگۇل 13، 14 ياشلاردا، ئىنىم مەمەتجان 11، 12 ياشلاردا ئىدى. دادام روھىي ۋە جىسمانىي جەھەتلەردىن شۇنچە كۆپ ۋە ئېغىر ئازابلارنى تارتقىنىغا قارىماي، يەنىلا ناھايىتى روھلۇق ۋە مەردانە ئىدى. ئۇ يۈكنىڭ ئەڭ ئېغىرىنى- نان- تۇقاچ، تالقان، چىنە- قاچا قاتارلىقلار  قاچىلانغان خورجۇننى؛ مەن كىيىم- كېچەك بوقچىسىنى؛ سىڭلىم دادامنىڭ كىتاب- ماتىرىياللىرى قاچىلانغان قارا سومكىنى كۆتەرگەنىدى. بىز كىيىملىرىمىز جۇل- جۇل، پۇتلىرىمىز يالاڭ ئاياق، يامغۇرلۇق كېچە سوغىقىنىڭ يەنىلا خېلى كۈچلۈك بولىشىغا قارىماي، مارالبېشى ناھىيىسىنىڭ ئاتچاپا يېزىسىدىن يولغا چىقىپ، زۇلمەتتەك قاراڭغۇلۇقتا زەيكۆل، شىكەرباغ، جاغدا، قارايانتاق، چىگەقۇدۇق، قاپاقتال، ئاخۇنلۇقۇم دېگەن قۇم- جەزىرىلەر ئارىسىدىكى ئۇششاق ئۆتەڭلەرنى تۇتاشتۇرىدىغان چىغىر يوللارنى ئارقىمىزدا قالدۇرۇپ، 50 چاقىرىمدىن ئارتۇقراق كېلىدىغان بۇ مۇساپىنى بېسىپ يوپۇرغا ناھىيىسىنىڭ بايئاۋات گۇڭشې گۈلباغ دادۈيسىگە يېتىپ كەلگەنىدۇق. ( ئۇ چاغلاردا يېزا « گۇڭشې »- دەپ، كەنت « دادۈي »- دەپ، مەھەللە « شاۋدۈي » دەپ ئاتىلاتتى )
بۇ چاغدا كېچىدىن بېرى پات- پات يېغىپ، ئۈستىباشلىرىمىزنى چىلىق- چىلىق ھۆل قىلىۋەتكەن سىم- سىم يامغۇرمۇ توختاپ، ھاۋا ئېچىلىپ، ئۇپۇقمۇ سۈزۈلىشكە باشلىغانىدى.
-كونىلار بۇنداق يامغۇرنى پەرىشتە يامغۇرى دەيدۇ. باھاردا ياغقان بۇنداق يامغۇر قاغجىراپ ياتقان پۈتۈن كائىناتقا پاكىزلىق ۋە سائادەت ئېلىپ كېلىدۇ. بۇ بىزگە نىسبەتەنمۇ بىرەر خۇشھاللىقتىن بىشارەت بولىشى مۇمكىن- دېگەنىدى دادام بىزنىڭ ۋايساشلىرىمىزنى ئاڭلىغاندىن كېيىن يامغۇرنىڭ خاسىيىتىنى تەسۋىرلەپ. كېچىدىن بېرى يالت- يۇلت قىلىپ ئوت چېچىپ، گۈلدۈر- تاراق ئاۋازلىرى بىلەن ھەيۋىسىنى كۆرسەتكەن ئېغىر بۇلۇتلارمۇ تاڭنىڭ يورۇشىغا ئەگىشىپ نەلەرگىدۇر غايىپ بولغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئورنىنى بىردەمدىلا ئارقىمىزدىكى قۇملۇقلارنىڭ نېرىسىدن بالقىپ چىققان ئالتۇنرەڭ قوياشنىڭ شېشىدەك جۇلالىق   نۇر- زىباسى ئىلكىگە ئالغانىدى.
گۈلباغ دادۈيدە دادامنىڭ تاغىلىرى، بىر نەۋرە تۇغقانلىرى بار بولۇپ، ئۇلار دادامنى بەكلا چوڭ كۆرەتتى. دېمىسىمۇ، دادام بۇ ۋاققىچە مۇشۇ جەمەتتىن چىققان تۇنجى زىيالى بولۇپ، ئۇلار دادامنى « ھەممىنى بىلىدىغان چوڭ ئەمەلدار » دەپ بىلەتتى. بىز گۈلباغ دادۈينىڭ مۇدىرى، دادامنىڭ بىر نەۋرە ئىنىسى ياقۇپ كىچىكنىڭ ئۆيىگە چۈشكەنىدۇق. ياقۇپ كىچىك سويغان پاقلاننىڭ گۆش- كاۋاپلىرى ھايت- ھۇيت دېگىچە ئالدىمىزدىكى داستىخانغا كەلتۈرىلدى. بىز تويغۇدەك بىر ۋاق غىزالانغاندىن كېيىن، ھەممە ھاردۇقچىلىقىمىز چىقىپ كەتكەندەك قايتىدىن روھلاندۇق. ئەتىيازلىق تېرىلغۇنىڭ تازا ئالدىراش مەزگىلى بولسىمۇ، تۇغقانلار ئېتىز- ئېرىقنىڭ ئىشلىرىنى بىر ياققا قايرىپ قويۇپ، ئۆي- ئۆيلىرىدىن چىقىپ ياقۇپ كىچىكنىڭكىگە ئولاشقانىدى. ئۇلار بىزنىڭ بۇنداق تەرەپباللا پەيدا بولۇپ قېلىشىمىزنى ئويلاپمۇ باقمىغانىدى. شۇڭا ئۇلار تەرەپ- تەرەپتىن بىزنى ئۆيلىرىگە مېھمان بولۇشقا تەكلىپ قىلىپ تۇرىۋالدى.
- ماڭا تېگەل بولدى، ھەممىڭلارنىڭ كۆڭلىگە رەھمەت. « بىر ھارغاننى دەيمۇ، بىر ئاچقاننى » دېگەندەك، سەپىرىمىزنىڭ كۆپ قىسمى تېخى ئالدىمىزدا. بىز بۈگۈن قانداقلا بولمىسۇن قەشقەر شەھرىگە يېتىپ بېرىۋالمىساق بولمايدۇ. « ئات ئورۇق، يۈك ئېغىر، يول يىراق » دېگەن مانا شۇ. بىزنى يولدىن قويماڭلار، ئەگەر بەك تۇغقاندارچىلىقنى يەتكۈزگىڭلار بولسا، مالال كۆرمىسەڭلار بىزگە بىرەر ھارۋا تەييارلاپ بېرىڭلار، يوپۇرغىغا بېرىۋالايلى، ئۇنىڭ نېرىسىغا بىر ئىلاجىنى قىلارمىز- دېدى دادام ئۇلارغا سالماق ھالدا ئوچۇق كۆڭۈللۈك بىلەن.
شۇنداق قىلىپ، ياقۇپ كىچىك دادۈينىڭ ئات- ھارۋىسىنى تەييارلاپ بەردى، تۇغقانلار لاتا خالتا، باش رومىلى ۋە تەرەتچە ‹1› دېگەندەك نەرسىلەرگە قاچىلاپ كەلگەن نان، سامسا، تۇخۇم، قۇرۇق يەليىمىش، قېتىق دېگەندەك يوللۇقلار بىلەن يۈكىمىز خېلى ئېغىرلاشقان بولسىمۇ، بۇ قېتىم بۇ نەرسىلەرنى ھارۋا كۆتىرەتتى.
مەن دادامنىڭ بۇ تۇغقانلىرىنىڭ كۆيۈمچانلىقى، ئاق كۆڭۈللىكى ۋە مېھماندوستلىقىدىن چوڭقۇر تەسىرلەندىم. بىز ئولتۇرغان ئات- ھارۋا قۇمساڭغۇ يولدا ناھايىتى تېز كېتىۋاتاتتى. پۈتۈن ۋادىلار خاسىيەتلىك باھار مەنزىرىسىگە چۈمگەنىدى. ئەمدىلەتىن يېشىللىشىشقا باشلىغان ئېتىزلار، قىرلار، ئېرىق بويلىرى، ئېدىرلار، دەل- دەرەخلەر، باغلار  تۈجۈپىلەپ يۇيۇنۇپ چىققان قىز بالىدەك شۇنچە پاكىز ۋە چىرايلىق بولۇپ، كىشىنىڭ كۆڭلىگە ئاجايىپ گۈزەل تۇيغۇلارنى، ئەتىكى ئارزۇ- ئۈمۈدلەرنى بېغىشلايتتى. مەيىن شامال يۈزلەرنى سىيپاپ ئۆتكەندە ئادەمنىڭ تېنى تېخىمۇ راھەتلىنىپ كېتەتتى. مەن تەبىئەتنىڭ بۇنچە گۈزەل ۋە سېھىرلىك بولىدىغانلىقىنى تۇنجى قېتىم ھېس قىلىۋاتاتتىم.
دادۈينىڭ ياش ھارۋىكىشى ھەيدىگەن شاش چىلانتورۇق ئات بىزنى ئىككى سائەتكە قالمايلا يوپۇرغا ناھىيە بازىرىغا يەتكۈزىپ قويۇپ قايتىپ كەتتى. بىز يول بويىدىكى بىر تامنىڭ تۆۋىدە يۈك- تاقلارغا قاراپ ئولتۇردۇق. دادام بىر ياققا كېتىپ بىردەمدىن كېيىنلا قايتىپ كەلدى ۋە:
- بۇ قېتىم ئىشىمىز خېلى ئوڭغا تارتىۋاتىدۇ، قەشقەرگە بارىدىغان بىر ماشىنا بار ئىكەن، بالىلىرىم نەرسىلەرنى كۆتۈرىڭلار، ئاشۇ ماشىنىغا چىقىۋالايلى- دېدى ئالدىراپ.
راست دېگەندەك، بىز سەكسەن خالتىلىرىمىزنى كۆتۈرۈشىپ بىر ئىدارىنىڭ ئالدىغا كېلىشىمىزگە بىر يۈك ماشىنىسى دەرۋازىدىن چىقىپ بىزنى كۆرۈپ، « كۇش... » شىدە گاز قويۇپ توختىدى. ماشىنىنىڭ كۇزىپى بوش ئىدى. بىز ھاپىلا- شاپىلا يۈك- تاقلىرىمىزنى بېسىپ ماشىنىغا چىقتۇق. بۇ مېنىڭ ئەقلىمنى بىلگىدەك بولغاندىن بۇيانقى تۇنجى قېتىم ماشىنىغا چىقىشىم ئىدى. كىچىك ۋاقتىمدا ماشىنىغا بىر نەچچە قېتىم چىققان بولساممۇ، بىراق ئۇ ئىشلار گۇيا بىر چۈشتەك، مەندە قىلچە تەسىر قالدۇرمىغانىدى. چوڭ دادامنىڭ مەھەللىسىدىكى توپا يولدىن، يېزا بازىرىدىن ناگان- ناگاندا بىرەر تىرەكتۇر، كوڭكا ( شۇ چاغلاردا قارا ماشىنىنى كىشىلەر  « كوڭكا » دەپ ئاتايتتى ) دېگەندەكلەر ئۆتۈپ قالسا، مەن دىمەتلىك بالىلار توپا- تۇمان، لاي- پاتقاقلارغا پەرۋا قىلماستىن، شاپاق دوپپىمىزنى قولىمىزغا ئېلىۋېلىپ ئۇنىڭ كەينىدىن خېلى بىر يەرگىچە ئەگىشىپ يۈگرەيتتۇق. ئارىمىزدىكى ياشقا چوڭراق، چاققانراقلىرىمىز بەزىدە ئۇنىڭغا يېتىشىۋېلىپ، كوزىپىغا يامىشىپ، خېلى بىر يەرلەردىن قايتىپ كېلەتتۇق ۋە بۇ قالتىس غەلىبىمىز بىلەن بىرەر ھەپتىگىچە  ماختىنىپ يۈرەتتۇق. مانا بۈگۈن مەن ئۇلارنىڭ ھېچقايسىسى تېخىچە چىقىپ باقمىغان مۇشۇنداق يېڭى ھەم چوڭ ماشىنىغا چىقىپ بىمالال ئولتۇرۇپ، چوڭ شەھەرگە كېتىۋاتاتتىم. ماشىنىنىڭ قەدەمدە بىر سىلكىشلىرى، بەزىدە ئادەمنى بىرەر غېرىچچە ئېگىزلىككە كۆتۈرۈپ قاتتىق ئۇرۇشلىرىمۇ ماڭا ناھايىتى كۆڭۈللۈك تۇيۇلاتتى. مەن كوزۇپنىڭ ئالدىدىكى تۆمۈر بالداقنى مەھكەم تۇتقىنىمچە، ئالدىمدىكى ھەر بىر مەنزىرىنىڭ بىرىنىمۇ چالا قويماي كۆرۈپ ماڭاتتىم.  خۇشھاللىق ھېسىياتىم تولۇپ تاشقانىدى، دادام ۋە ئۇكۇلىرىمنىڭ كەيپىياتىمۇ كۆتۈرۈلىپ كەتكەنىدى...
بىز مەنزىلگە خېلى يورۇقلا يېتىپ كەلدۇق ۋە كۈدە- كۆرپىلىرىمىزنى يۈدۈشۈپ، « قەشقەر گېزىتى » ئىدارىسىنىڭ ئائىلە قورۇسىغا كىرىپ كەلدۇق. ئۇ يەردا دادامنىڭ ئابلا قاسىم، ھاجى ئېلى ئىسىملىك بۇرادەرلىرىنىڭ ئۆيى بولۇپ، بىز شۇلارنىڭكىگە چۈشتۇق. ئابلا قاسىم دادامنىڭ يېقىن دوستى بولۇپ، ئاشۇ بالايى ئاپەتلىك يىللاردا ئۇنىڭغىمۇ « بۇزۇق ئۇنسۇر » دىگەن قالپاق كەيدۈرۈلۈپ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان. ھاجى ئېلى دادامنىڭ شىنجاڭ بيۇرو كادىرلار مەكتىپىدە بىللە ئوقۇغان ساۋاقدىشى ئىدى.  ئۇلار بىزنى قىزغىن قارشى ئالدى ۋە بىز قەشقەردىن ئايرىلغانغا قەدەر ياخشى كۈتۈۋالدى. بىز كەلگەن شۇ كۈنى ئاخشىمى دادام ئۆزىنىڭ خىزمەتكە قاتناشقاندىن كېيىنكى كەچۈرمىشلىرىنى، تارتقان كۈلپەتلىرىنى كېچە بىر ۋاققىچە بۇ دىلكەش بۇرادەرلىرىگە ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرگە سۆزلەپ بەردى. ئارىلىقتا ئۇلاردىن بەزىلىرى بىر نەچچە قېتىم كۆز يېشىمۇ قىلىشقان بولدى. بىز ئەتىسى ئورنىمىزدىن سەھەر تۇرۇپ، قەشقەر شەھرىنىڭ غەربىي شىمال قىسمىدىكى سەمەن يولىغا جايلاشقان سەمەن مېھمانخانىسىنىڭ ئالدىغا كەلدۇق. بۇ مېھمانخانىغا پەقەت دۆلەت ۋە ئاپتونۇم رايۇننىڭ مۇھىم رەھبەرلىرى، چەتئەللىك كاتتا مېھمانلارلا چۈشىدىغان بولۇپ، بىز بۈگۈن كۆرۈشمەكچى بولغان ئاپتونۇم رايۇنىمىزنىڭ ئەڭ ئالى رەھبىرى يولداش تۆمۈر داۋامەتمۇ مۇشۇ مېھمانخانىغا چۈشكەنىدى.
دادام ئابلىمىت ياقۇپ « مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى » مەزگىلىدە قىلچە گۇناھسىز ھالدا تۈرمىگە قامىلىپ، ئېغىر زىيانكەشلىككە ئۇچرىغانىدى. تۈرمىدىن قويۇپ بېرىلگەن ئىككى يىلدىن ئارتۇقراق ۋاقىتتىن بېرى ئادالەتنى ياقلاپ دەۋا قىلىپ، ئاتچاپادىن 300 چاقىرىم يىراقلىقتىكى قەشقەر شەھرىگە نەچچە ئون قېتىم، پوسكام، مارالبېشى ناھىيەلىرىگە يۈز قېتىمدىن ئارتۇق قاترىغان بولسىمۇ، ئۇ يەرلەردە ئۇنىڭ مەسىلىسىنى ھەل قىلالىغۇدەك ئادەم تاپالمىغانىدى. ئاخىرى ئۇ ئۈرۈمچىگە بېرىپ ئاپتونۇم رايۇننىڭ بۇ خەلقپەرۋەر كاتتا رەھبىرى بىلەن كۆرۈشۈش قارارىغا كەلگەن ۋە يول جاپاسى، ئىقتىسادىي قىيىنچىلىق، قاتناش قىيىنچىلىقى... دېگەنلەرگە تېز پۈكمەي، يۇرتىمىزدىن تەخمىنەن ئۈچ مىڭ چاقىرىم يېراقلىقتىكى ئۈرۈمچىگە ئارقا- ئارقىدىن ئىككى قېتىم بارغان. بىرىنچى قېتىم بارغىنىدا ھەر خىل تۇسالغۇلارغا ئۇچراپ كۆرۈشۈش پۇرسىتى تاپالمىغان. ئىككىنچى قېتىم بارغىنىدا بولسا يولداش تۆمۈر داۋامەت كاماندىرۇپكىغا چىقىپ كەتكەن بولغاچقا كۆرۈشەلمىگەن. دادامنىڭ قارىشىچە، يولداش تۆمۈر داۋامەت بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇنىڭغا بېشىدىن ئۆتكەن ھەقىقىي سەرگۈزەشتىلىرىنى، دەرت- ئەلىمىنى تۆكمىگىچە  مەسىلە ھەل بولمايتتى. دېمەك، دادام بۇ كۈننىڭ كېلىشىنى تۆت كۆزى بىلەن كۈتىۋاتقاندا، شۇ چاغلاردا ئاپتونۇم رايۇنلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى ۋە ئاپتونۇم رايۇنلۇق ئىنقىلابىي كومىتېتنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى بولۇپ ئىشلەۋاتقان بۇ بىرىنچى نومۇرلۇق رەھبەر بۈگۈن شۇنچە يېراق جايدىن ئۆزى بۇ يەرگە كەلگەنىدى. بۇ ناھايىتى ياخشى پۇرسەت بولۇپ، بۇ پۇرسەتنى قولدىن بېرىشكە ھەرگىز بولمايتتى. بۇ قېتىم ھەر ئاماللارنى قىلىپ بولسىمۇ ئۇ زات بىلەن چوقۇم كۆرۈشۈش كېرەك ئىدى.
ئەسلىدە، يولداش تۆمۈر داۋامەتنىڭ بۇ قېتىم قەشقەرگە كېلىدىغانلىقى توغرىسىدىكى يىپ ئۇچىنى دادام ئۆزىنىڭ ئۈرۈمچى، قەشقەردىكى بەزى ئۇزۇن قۇلاق بۇرادەرلىرى ئارقىلىق ئېگەللىگەنىدى. دادامنىڭ جىنايەتسىز ئىكەنلىكىنى، ناھەق زىيانكەشلىككە ئۇچرىغانلىقىنى ئۇنىڭغا كۆڭۈل بۆلىدىغان نۇرغۇن دوستلىرى ۋە باشقا كىشىلەرمۇ بىلەتتى. شۇ سەۋەپتىن ئۇلار دادامغا ھېسداشلىق قىلاتتى ۋە كۆڭۈل بۆلەتتى. دادام تۈرمىدىكى ۋاقتىدا پۇرسەت بولسىلا يۇقىرىغا ئەرز- شىكايەتلەرنى توختىماي يېزىپ يوللاپ تۇرغان، تۈرمىدىن چىققاندىن كېيىن بولسا ئەھۋالىنى ناھىيە، ۋىلايەت ۋە ئاپتونۇم رايۇندىكى ئالاقىدار تارماق ۋە مەسئۇل خادىملارغا قايتا- قايتا شىكايەت قىلغان بولسىمۇ تېخىغىچە بىرەر نەتىجىگە ئېرىشەلمەي كېلىۋاتاتتى. دادامنىڭ قارىشىچە، بۇ دېلونى پەقەت ئاپتونۇم رايۇننىڭ ئەڭ ئالىي رەھبىرى بولغان يولداش تۆمۈر داۋامەتلا ھەل قىلالايدىغان بولۇپ، ئائىلىمىزنىڭ بارلىق ئۈمۈدى ئاشۇ كىشىگىلا باغلىق بولۇپ قالغانىدى. بىراق، مەن بولسام ئاشۇ چاغلاردا « بۇ كاتتا باشلىقنى بىز زادى كۆرەلەرمىزمۇ؟ ئۇ قانداقراق كىشىدۇر، بىزنى ئىلىك ئالارمۇ، دادامنى قوبۇل قىلارمۇ، بىزنىڭ ئاھۇ- زارىمىزغا قۇلاق سالارمۇ، تۇرمۇشىمىزدىكى خانىۋەيرانچىلىقلار شۇنىڭ بىلەن ئاخىرلىشارمۇ...؟ »- دېگەنلەرنى  ئويلاپ بەكلا ئەندىشە قىلغانىدىم، ئەپسۇس بۇ خىيالىم ئورۇنسىز بولۇپ چىقتى.

3
دادامنىڭ ھېكايە قىلىپ بېرىشىچە، دادام ئابلىمىت ياقۇپ 1935- يىلىنىڭ باش ياز ئايلىرىدا توغۇلغانىكەن. دادا تەرەپ چوڭ دادام ياقۇپ مىراپ دادام بەش، ئالتە ياش چېغىدا؛ پاتمىخان چوڭ ئانام دادام ئون نەچچە ياشلارغا كىرگەندە ئۆلۈپ كەتكەنىكەن. بۇ يۇرتتا يۇرت بېگى، قازى دېگەنلەردىن قالسىلا، چوڭ دادام ياقۇپ مىراپ چوڭراق مەنسەپدار ھېساپلىنىدىغان بولۇپ، ئۇنى بۇ يۇرتتىكى يەتتە ياشتىن يەتمىش ياشقىچە بولغان ھەممە ئادەم ناھايىتى ھۆرمەتلەيدىكەن. كىشىلەر دېھقانچىلىق بىلەن تىرىكچىلىك قىلىدىغان بۇ يۇرتتا، شۇ چاغلاردىمۇ سۇچىلىق ئىشلىرى ھەممىدىن مۇھىم جامائەت مەنپەئىتى ھېساپلىنىدىكەن. چوڭ دادام ياقۇپ مىراپ ئاتچاپا دەپ ئاتالغان بۇ يۇرتتا مانا شۇ سۇ ئىشلىرىنى باشقۇرىدىغان مىراپ ئىكەن. چوڭ دادام رەھمەتلىك ئىككى ئايالىدىن ئۈچ ئوغۇل، بىر قىز پەرزەنت كۆرگەن بولۇپ، دادام بالىلارنىڭ ئەڭ كېچىكى ۋە چوڭ دادامنىڭ يېشى ئاتمىشلارغا يەتكەندە كۆرگەن پەرزەنتى ئىكەن. چوڭ داداملار كاتتا قورۇ- جايلىرى، غورۇ باغلىرى، مۇنبەت يەرلىرى، ساناقسىز داۋۇ- دەرەخلىرى ۋە ئېغىل- چىتەنلەردە تولۇپ تۇرىدىغان مال- چارۋىلىرى بار بولغان باي كىشى ئىكەن. دادامنىڭ باشقا ئاكىلىرى بۇرۇنلا ئۆز لايىقىدا ئۆي- ماكانلىق بولۇپ كەتكەنىكەن، شۇڭا چوڭ دادام ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن ئۇنىڭ ۋەسىيىتىگە ئاساسەن بۇ تەئەللۇقاتلارنىڭ بىر قىسمى ئۇنىڭ چۆرىسىدە خىزمىتىدە بولغان نامرات ئاۋامغا، ئۇرۇق- تۇغقانلارغا بۆلۈپ بېرىلگەنىكەن. قورۇ- جايى قاتارلىق يەنە بىر قىسىم مۈلكى بولسا يۇرتنىڭ ئوقۇش- ئوقۇتۇش ئىشلىرى ئۈچۈن ئىئانە قىلىنغانىكەن.
( كىشىلەر ئۇ يەرنى يېقىنقى كۈنلەرگىچە « ياقۇپ مىراپنىڭ خانىقاسى »، « خانىقا »، « مەدرىسە » دېگەندەك ناملار بىلەن ئاتايتتى. خانىقانىڭ شەرقى- شىمال تەرىپىدە سۈيى يىل بويى سىڭىپ كەتمەي بىر خىل يىنىك دولقۇنلۇنۇپ تۇرىدىغان كەڭرى زەيكەشلىك، قالغان ئۈچ تەرىپى بۈككىدە باغ- ئورمانلار، مۇنبەت تېرىلغۇ يەرلەر بىلەن ئورۇلۇپ تۇرىدىغان بوستانلىق ئىدى. مەن ئەقلىمنى بىلگىدەك بولغاندا، كەڭرى بىر تۆپىلىكتە بىنا قىلىنغان بۇ ئىمارەتلەرنىڭ ئاساسىي قۇرۇلۇشلىرى تېخى بار ئىدى. دادامنىڭ ھاۋاخان ئىسىملىك بىر ئاچىسى بولۇپ، ئۇ شۇ چاغلاردا مۇشۇ خانىقانىڭ بىر تەرىپىدىكى كونا ئىككى ئېغىزلىق ئۆيىدە ئولتۇراتتى.)
قەشقەر رايۇنىنىڭ باشقا جايلىرىغا ئوخشاشلا، 1930- يىللارنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن باشلاپ ئاتچاپا دېگەن بۇ چەت يۇرتتىمۇ پەننىي مەكتەپلەر ئانچە- مۇنچە قۇرۇلۇشقا، ئاقارتىش، ئىلىم- مەرىپەت ھەرىكەتلىرى جانلىنىشقا باشلىغانىدى. « ياقۇپ مىراپنىڭ خانىقاسى »  1940- يىللارنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا مەدرىسە ( ئوقۇل، مەكتەپ ) گە ئۆزگەرتىلگەن بولۇپ، دادام ئۇ چاغدا سەككىز- توققۇز ياشلاردا ئىكەن. ئۇ مۇشۇ مەدرىسەدە قەشقەردىكى خانلىق مەدرىسە، ساقىيە مەدرىسە قاتارلىق جايلاردا ئىلىم تەھسىل قىلىپ كەلگەن ئىسمايىل ئاخۇن خەلپىتىم، ئۇرايىم ئاخۇن خەلپىتىم، بارات خەلپىتىم، زىرىپ موللام، قاسىم موللام، ئىمىر تۆمۈر قاتارلىق ئۇقۇمۇشلۇق ئۇستازلارنىڭ قولىدا ئىلگىرى- ئاخىرى ئوقۇپ، خەت ۋە قۇرئان ساۋادىنى چىقارغانىكەن. ئۇ ئۆسمۈر چېغىدىن باشلاپلا يېتىلگەن زىرەك ۋە تىرىشچانلىقى، توغرا پىكىر قىلىش خاراكتېرى، يېشىغا سېلىشتۇرغاندا مەسىلىلەرگە خېلى ئادىل ۋە ھەققانىي باھا بېرىش جەھەتلەردىكى ئىقتىدارى قاتارلىق ئالاھىيدىلىكلىرىگە ئاساسەن، يۇقىرىنىڭ تەلىپى، تەشكىلنىڭ ۋە كەڭ ئاۋامنىڭ كۆرسىتىشى بويىچە، 1951- يىلى سابىق شىنجاڭ ئۆلكىلىك بيۇرو كادىرلار مەكتىپى ( ھازىرقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنلۇق پارتكوم پارتىيە مەكتىپى ) گە ئوقۇشقا ئەۋەتىلگەن ۋە 1952- يىلى ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن، شىنجاڭ ئويغۇر ئاپتونۇم رايۇنلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ قەشقەر ۋىلايەتلىك شۆبە مەھكىمىسىگە خىزمەتكە تەقسىم قىلىنغان.
بۇ دۆلىتىمىز ئەمدىلا ئازات قىلىنغان، جۇڭگو زېمىنىدا نەچچە ئەسىر داۋام قىلغان پىئۇداللىق ئاسارەتلەرنىڭ تەسىرى تېخى مۇئەييەن دەرىجىدە مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇۋاتقان، ئىشلەپچىقىرىش ۋاستىلىرىگە بولغان خۇسۇسىي مۈلۈكچىلىك تۈزۈمىنى سوتسىيالىستىك ئومۇمى خەلق ئېگىدارلىقىغا ئۆزگەرتىشتەك زور تارىخىي ھەرىكەت يۇقىرى دولقۇنغا كۆتۈرۈلگەن مەزگىل بولۇپ، مەملىكىتىمىزنىڭ ھەممە جايلىرىنى ئارقا- ئارقىدىن قوزغالغان « كونىلىقنى تۈگۈتۈپ، يېڭى دۇنيا بەرپا قىلىش»، « يەر ئىسلاھاتى ئېلىپ بېرىش »،  « ئىجارە كېمەيتىش »،  « پۇلات تاۋلاش »، « ئوڭچىللىققا قارشى تۇرۇش »، « چوڭ سەكرەپ ئىلگىرلەش »، « ئىستىل تۈزىتىش »... دېگەندەك مۇرەككەپ سىياسىي، ئىنقىلاۋىي كۆرەشلەر، شۇئار- چاقىرىقلار قاپلاپ كەتكەنىدى. ئازراقلا بىخۇدلۇق قىلغانلارغا ئۆزىدىن يۇغان قالپاقلار كەيدۈرۈلۈپ، ئۇلار شۇ چاغدىكى ۋەزىيەتنىڭ ئېھتىياجى بويىچە كۆرەش- تەنقىتنىڭ ئاساسلىق ئوبيېكتلىرى قىلىناتتى، نازارەت ئاستىغا ئېلىناتتى ياكى تۇتۇپ تۇرۇش ئورۇنلىرىغا، قاماقخانىلارغا يوللىناتتى. بىر قېتىم « ياغلىق قاپاق » بولۇپ قالغان ئادەم بۇ توقا- لەنەتلەردىن ئاسانلىقچە قۇتۇلالمايتتى. كېيىن كۆرەشنىڭ چوڭقۇرلۇشىشىغا ئەگىشىپ، تۇرمىلار « سىنىپىي ئۇنسۇر » لار بىلەن توشۇپ كەتكەن. بۇنىڭ ئىچىدە پوسكام ناھىيىسىدە مەسىلە بىر قەدەر ئېغىر بولۇپ، تۇرغۇزۇلغان دېلولارنىڭ سانى ۋە قامالغانلارنىڭ سانى شۇ چاغدىكى ئالاقىدار تارماقلارنىڭ بېشىنى قاتۇرىدىغان مۇھىم بىر مەسىلە بولۇپ قالغان. شۇنىڭ بىلەن تەشكىلنىڭ نەزىرى دادام ئابلىمىت ياقۇپقا چۈشكەن. چۈنكى ئۇ چاغدا دادام تېخى ناھايىتى ياش بولسىمۇ، ئۇنىڭ ئىپادىسى ناھايىتى ئاكتىپ بولۇپ، خىزمەتتە كۈندىن كۈنگە كۆزگە كۆرۈنىۋاتقان، يولداشلارنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ۋە رەھبەرلىكنىڭ ھېمايە قىلىشىغا ئېرىشىپ كىلىۋاتقان مەزگىللىرى ئىكەن. ئالاقىدار تارماقلار مۇزاكىرەلىشىش ئارقىلىق، دادام ئابلىمىت ياقۇپنى بۇ مۇھىم ئىنقىلاۋىي خىزمەتنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالايدۇ دەپ قارىغانىكەن.
ئەسلىدە پوسكام ناھىيەسى يەكەن ۋىلايىتىگە قاراشلىق بولۇپ، 1956- يىل 6- ئايدا يەكەن ۋىلايىتى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغاندا ئۇنىڭغا قاراشلىق يەكەن، پوسكام، قاغىلىق، مەكىت ناھىيەلىرى قەشقەر ۋىلايىتىگە قوشۇۋېتىلگەن. دادام ۋەزىپىنى تاپشۇرىۋالغاندىن كېيىن، ئۆزىگە يارىدەمچىلىككە ئاجرىتىپ بېرىلگەن ئىككى نەپەر خىزمەتدېشىنى باشلاپ بۇ ناتونۇش ناھىيەگە بارغان. سالمىقىمۇ، مەسئۇلىيىتىمۇ ناھايىتى ئېغىر بولغان، نەچچە يۈز پارچە دېلودىكى بىرەر مىڭغا يېقىن ئادەمنىڭ جىنايەتلىك ياكى ئەمەسلىكىنى بەلگىلەشكە بېرىپ تاقىلىدىغان بۇ  مۇھىم ۋەزىپىنى ئوڭۇشلۇق ئورۇنلاش دادام ئۈچۈن ناھايىتى زور بىر سىناق ئىدى. شۇڭا دادام باشچىلىقىدىكى تەكشۈرۈش گورۇپپىسى پوسكام ناھىيەسىگە بارغان كۈنىدىن باشلاپلا ئاراممۇ ئالماستىن خىزمەتكە كىرىشىپ كەتكەن. ئۇلار ناھىيەلىك تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ، جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسىنىڭ ئىشخانا، ئارخىپخانا، ئىسكىلاتلىرىغا پېتىشماي قالغان، تاغار، يەشىكلەرگە قاچىلانغان نەچچە يىللىق دېلو ئارخىپلىرىنى كېچە- كۈندۈز جاپالىق تەكشۈرۈپ كۆرۈپ خاتېرە قالدۇرغان. دەلىل ئىسپاتلارنى تەكشۈرگەن، گۇماندارلاردىن، گۇۋاھچىلاردىن، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلاردىن تەپسىلىي ئەھۋال ئېگەللىگەن. ئۇلار بۇ دېلولارنى بىر يىلغا يېقىن ۋاقىتتا  تەرگاۋ نازارەتچىلىك تەرتىپى بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلاپ، نەچچە مىڭ بەتلىك خۇلاسە دوكۇلات تەييارلاپ چىققان ۋە قەشقەرگە قايتىپ ئالاقىدار رەھبەرلىككە بىر تەرەپ قىلىش پىكرىنى دوكۇلات قىلغان.
ئەسلىدە، دېلودىكى جاۋابكارلارنىڭ بەزىلىرى « بەش خىل ئۇنسۇر » ( پومۇشچېك، باي دېھقان، ئەكسىل ئىنقىلاپچى، بۇزۇق ئۇنسۇر، ئوڭچى ئۇنسۇر ) لار، گۇمانلىق « ئىشپىيۇن » لار، « يېزا ئىگىلىكىنى كوپراتسىيەلەشتۈرۈشكە قارشى ئۇنسۇر » لار، قارا نوپۇسلار ياكى ئاشۇنداق كىشىلەرنى قانات ئاستىغا ئېلىپ يوشۇرغان « ئۇنسۇر » لار ئىدى. بەزىلىرى ئەزگۈچى سىنىپقا تەۋە بولغان ئاشۇ زومىگەر « بەش خىل ئۇنسۇر » لارنىڭ « كۈچۈكلىرى » ئىدى. بەزىلىرى « چوڭ سەكرەپ ئىلگىرلەش » مەزگىلىدىكى « سوتسىيالىستىك ئىنقىلاۋىي قائىدە- تەرتىپ » لەرگە « بويۇنتاۋلىق » قىلغان، يېڭى ھاكىمىيەتكە قارشى « قۇتراتقۇلۇق » قىلغان « داشقال » لار ئىدى. يەنە بەزىلىرى ئوغرىلۇق، بۇلاڭچىلىق، زەخمىلەندۈرۈش، ھاقارەتلەش، تەشكىلى تۈزۈمگە بوي سۇنماسلىق... قاتارلىق ئىجتىمائىي قىلمىشلارنى سادىر قىلغان جىنايەت گۇماندارلىرى ئىدى. بۇ شۇ چاغدا ئەمدىلا ئورنىتىلغان « ئىلغار سوتسىيالىستىك تۈزۈم » بىلەن ئەنئەنىۋىي « قالاق ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى » ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتنىڭ ۋە ئەينى ۋاقىتتىكى يېڭى تۈزەلمە، نادانلىق، نامراتلىق، تەجرىبىسىزلىك قاتارلىق ئامىللارنىڭ ئىپادىلىنىشى ئىدى. يېتەكچى ئىددىيە ئايدىڭ بولماسلىق ۋە ئېغىر سولچىللىق خاھىشى ئەۋج ئېلىپ كېتىش قاتارلىق سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن، قانۇن ئىجرا قىلغۇچى تارماقلار بۇ دېلولارنى ۋاقتىدا، كەسكىن بىر تەرەپ قىلىشقا ئامالسىز قالغان ياكى جۈرئەت قىلالمىغان.
خىزمەت گورۇپپىسىدىكىلەر بۇ دېلولارغا چېتىشلىق گۇماندالارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنى تەنقىت- تەربىيە قىلىپ قويۇۋەتكەن. بىر قىسمىنى ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرى ۋە ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشىغا كېپىلگە بەرگەن. پەقەت ئاز بىر قىسىم  دېلولارنىلا سوت قىلىپ، ئۇنىڭ جاۋابكارلىرىغا قانۇن بويىچە جازا بېرىشكە تېگىشلىك- دەپ قارىغان. رەھبەرلىك تەكشۈرۈش گورۇپپىسىنىڭ بىر تەرەپ قىلىش پىكرىگە قوشۇلغان، ئۇلارنىڭ خىزمىتىدىن ناھايىتى رازى بولغان ۋە ئۇلارنى ئالاھىيدە تەقدىرلىگەن. كېيىن بۇ تەجرىبە يۇقىرى دەرىجىلىك ئورۇنلارنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن ۋە باشقا جايلارغىمۇ كېڭەيتىلىپ ئۆرنەك قىلىنغان.
خىزمەت گورۇپپىسىنىڭ يۇقىرقى نەتىجىلىرى بولۇپمۇ دادامنىڭ سىياسىي، كەسپىي جەھەتتىكى ئىپادىسى ئالاقىدار رەھبەرلىكنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان. شۇنىڭ بىلەن دادام ئابلىمىت ياقۇپ 1958- يىلىنىڭ باشلىرىدا پوسكام ناھىيەلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باش پروكۇراتۇرلۇق ۋەزىپىسى بىلەن پوسكام ناھىيىسىگە يۆتكەلگەن.

4
  پوسكام ناھىيەسى قەشقەر ۋىلايىتىدىكى باشقا ناھىيەلەرگە قارىغاندا، نوپۇس ۋە زېمىن جەھەتتىن بىر قەدەر كىچىكرەك ناھىيە بولۇپ، پۇخرالىرى ساددا، ئاق كۆڭۈل كىشىلەر بولغاچقا، دادام بۇ يەرنىڭ شارائىتىغا تېزلا كۆنۈپ كەتكەن ۋە ئارىلىقتا ئاتچاپاغا بېرىپ، ئانام ئاينىساخان بىلەن تۇرمۇش قۇرغان. ئۇلار قەھەتچىلىك، ئاچارچىلىق يىللىرىدا مۇشۇ يۇرتتا ئۆي تۇتۇپ، بىز تۆت پەرزەنتكە ئاتا- ئانا بولغان. ئارىدىن بىر نەچچە يىللار ئۆتۈپ، پۈتۈن مەملىكەت مىقياسىنى ئون يىل مالىمان قىلغان « مەدەنىيەت زور ئىنقىلاۋى » باشلانغان.
« مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى » نىڭ زادى قانداق ئىنقىلاب ئىكەنلىكى، قانداق پارتلىغانلىقى، نېمە ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلغانلىقى، كىملەر قوزغىغانلىقى، قانداق نەتىجە بىلەن ئاخىرلاشقانلىقى... قاتارلىق مەسىلىلەر توغرىسىدا ئاشۇ ئىنقىلاب دەۋرىنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەن بىر قىسىم پىشقەدەملىرىمىزنىڭ تونۇشى ئايدىڭ بولسىمۇ، بۇ ئىنقىلابتىن كېيىن توغۇلغان، ئۆسۈپ يېتىلگەن يەنە بىر قىسىم ئوقۇرمەنلىرىمىزنىڭ بۇنىڭ زادى قانداق ئىش ئىكەنلىكىگە بولغان چۈشەنچىسى ئانچە ئېنىق بولماسلىقى مۇمكىن. شۇ سەۋەپتىن بۇ ئىنقىلاب توغرىسىدا ئىككى كەلىمە چۈشەنچە بېرىپ ئۆتۈپ كېتىشنى زۆرۈر دەپ قارىدىم.
« مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى » دۆلىتىمىزنىڭ سوتسىيالىستىك زامانىۋىيلاشتورۇش قۇرۇلۇشى داۋامىدىكى ئالاھىدە بىر تارىخىي شارائىتتا پارتلىغان، ئاتالمىش « پارتىيە ئىچىدىكى كاپىتالىزم يولىغا ماڭغان ھوقۇقدارلار » نى تارتىپ چىقىرىپ، ئۇلارنىڭ ھوقۇقىنى تارتىۋېلىشنى تۈپ مەقسەت ۋە مۇھىم نوقتا قىلغان، يېتەكچى ئىددىيسى توغرا بولمىغان، ھەق بىلەن ناھەق ئېغىر دەرىجىدە ئاستىن- ئۈستىن قىلىۋېتىلگەن بىر قېتىملىق مىسلى كۆرۈلمىگەن زور ئىچكى سىياسىي ھەرىكەت بولۇپ، ئۇ دۆلىتىمىز  ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنىڭ زور دەرىجىدە چېكىنىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان، خەلق ئاممىسىنى ئېغىر بالايى ئاپەتلەرگە گىرىپتار قىلغان بىر مەيدان مەغلۇبىيەتلىك تارىخي ئىنقىلاب ئىدى.
1962- يىلىدىن، 60- يىلىنىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە قانات يايدۇرۇلغان « سوتسىيالىستىك تەلىم- تەربىيە ھەركىتى » جەريانىدا، يولداش ماۋ زېدۇڭنىڭ « سىنىپىي كۆرەش تۇتۇلغان ھامان، ھەممە ئىش يۈرۈشىپ كېتىدۇ »، « بۇرژۇئا ئوڭچىلىرى بىلەن خەلق ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت دۈشمەن بىلەن ئۆز ئوتتۇرىسىدىكى مۇرەسسە قىلغىلى بولمايدىغان زىددىيەت » دېگەن يوليۇرۇقلىرىنىڭ روھى بويىچە، جايلاردا « 4 نى ئېنىقلاش ( ھېساباتنى، ئىسكىلاتنى، مال- مۈلۈكنى، ئەمگەك نومۇرىنى ) »، « بەشكە قارشى تۇرۇش ( خىيانەتچىلىككە، ھايانكەشلىككە، ئىسراپچىلىققا، بىئۇكراتلىققا، چېچىلاڭغۇلۇققا ) » ھەركەتلىرى كەڭ كۆلەمدە قانات يايدۇرۇلغان. تەربىيە ھەركىتى ئابىستراكىت « سول » چىل ئىددىيەنىڭ مۇتلەق يېتەكچىلىكىدە قانات يايدۇرۇلغانلىقتىن، مەملىكەت بويىچە سانى ناھايىتى زور بولغان « سىنىپىي دۈشمەن » لەر « قولغا چۈشكەن ». ھەرىكەتنىڭ كېڭىيىشى ۋە كۆرەشنىڭ چوڭقۇرلىشىشىغا  ئەگىشىپ، « سىنىپىي دۈشمەن » لەرنىڭ سانىمۇ ناھايىتى تېز كۆپىيىپ،  كۆرەش ۋەزىيىتىنىڭ ئىنتايىن كەسكىن ئىكەنلىكى « ئىسپاتلانغان ». بۇ « دۈشمەن » لەرنىڭ بەزىسى پارتىيە، ھۆكۈمەتنىڭ « يۇقىرى » دەرىجىلىك ئاپپراتلىرىغا، بەزىسى « تۆۋەن » دەرىجىلىك ئاپپاراتلىرىغا « يوشۇرۇنغان ». بەزىسى ھەتتا پارتىيە مەركىزى كومىتېتى ۋە گوۋۇيۇەنگىچە « سوقۇنۇپ » كېرىۋالغانىدى. مەدەنىي مائارىپ، ئەدەبىيات- سەنئەت قاتارلىق ئىدېئولوگىيە ساھەلىرىدىمۇ بىر قىسىم « زەھەرلىك چۆپ » ‹2› لەر « يامراپ » كەتكەن. دىمەك، دۆلەت ئىچى ۋەزىيىتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، زىيالىلار ئارىسىدا، ئىلىم ساھەسىدە ئىككى خىل ئوخشىمىغان قاراش باش كۆتۈرۈپ، كۆپ ساندىكى ئىلغار پىكىرلىك زىيالىيلار « سېسىق توققۇزىنچى» ‹3› دەپ چەتكە قېقىلغان ياكى زەربە يىگەن. شۇنىڭ بىلەن « ئىككى سىنىپ » نىڭ « ئوخشاش بولمىغان » ماھىتى رۇشەن « گەۋدىلىنىپ » چىققان. ھوقۇق زىيادە مەركەزلىشىش، شەخسكە چوقۇنۇش، دېمۇكراتىيە- مەركەزلەشتۈرۈش ۋە كوللېكتىپ رەھبەرلىك پرىنسىپىغا سەل قاراش خاھىشلىرى كۈچلۈك ئەۋج ئالغان. لىن بياۋ ‹4›، جياڭ چىڭ ‹5› قاتارلىقلار باشچىلىقىدىكى بىر قىسىم قارا نىيەتلەرنىڭ دۆلەتنىڭ ئالىي ھوقۇقىنى قولغا كىرگۈزىۋېلىش ئۈچۈن ئېلىپ بارغان نەيرەڭلىرى ۋە خىلمۇ- خىل سىياسىي- ئىجتىمائىي بېسىملار كۈچلۈك ئەۋج ئالغان. تاشقىي ۋەزىيەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا، خەلقئارادىكى رېۋىئونىزم ( شيۇجېڭجۇيى ) غا قارشى تۇرۇش بىلەن دۆلەت ئىچىدىكى رېۋىئونىزمغا قارشى تۇرۇشنىڭ تەسىرى، جۇڭگو بىلەن سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى مۇناسىۋىتىنىڭ يامانلىشىشى ۋە باشقا خەلقئارالىق تەسىرلەر گەۋدىلىنىپ چىقىپ، يولداش ماۋ زېدۇڭنىڭ كۈچلۈك ئەندىشىسىنى قوزغىغان.
ئومۇمەن، « مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى » نىڭ پارتلىشىغا يېڭى جوڭگۇدا سوتسىيالىستىك جەمئىيەتنىڭ تەرەققىياتىغا بولغان ئىدىيىۋىي تەييارلىقنىڭ كەمچىل بولۇشى، سىنىپىي كۆرەشنىڭ ئېغىر دەرىجىدە كېڭەيتىۋىتىلىشى، پارتىيىنىڭ ئىچكى مۇناسىۋىتىنىڭ جىددىيلىشىشى، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ كوللېكتىپ رەھبەرلىك تۈزۈمى ۋە دېمۇكراتىيە- مەركەزلەشتۈرۈش تۈزۈمىنىڭ ئۆزلۈكسىز ئاجىزلىشىشى، يولداش ماۋ زېدۇڭنىڭ رەھبەرلىك جەھەتتىكى خاتالىقى، ھوقۇقى ۋە تەسىر دائىرىسى بىر قەدەر زور بولغان لىن بياۋ، جياڭ چىڭغا ئوخشاش بىر بۆلۈك ئەكسىيەتچى قارانىيەت ئۇنسۇرلارنىڭ ھىلە- نەيرەڭلىرى قاتارلىق كۆپ خىل مۇرەككەپ ئامىللار سەۋەپ بولغان. شۇنىڭ بىلەن پارتىيە مەركىزى كومىتېتىنىڭ 1966- يىل 8- ئاۋغۇستتىكى « پرولېتارىيات مەدەبىيەت زور ئىنقىلابى توغرىسىدىكى قارارى » ماقۇللانغان. « قارار » نىڭ روھىدىن كۆرسىتىلىشىچە، ئىنقىلاپنىڭ مەقسىتى پارتىيە ئىچىدىكى كاپىتالىزم يولىغا ماڭغان بىر قىسىم « ھوقۇقدارلار »  ۋە « سىنىپىي دۈشمەنلەر » نى تارتىپ چىقىرىپ، ئۇلارنىڭ ئەدىپىنى بېرىش، « ئىنقىلاب » داۋامىدا « سول » چىلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، كۈچەيتىش ۋە ئۇلارغا قەتئىي تايىنىش، « ئوتتۇرا » دىكىلەرنى قولغا كەلتۈرۈش، ئەكسىيەتچى « ئوڭ » چىلارنى يېتىم قالدۇرۇش ۋە قەتئىي يوقۇتۇشتىن ئىبارەت سوبيېكتىپچانلىق خاھىشى چىقىش قىلىنغان.
بۇ « قارار » نىڭ ئەجەللىك خاتالىقى شۇ يەردىكى، ئۇنىڭدا بۇ « ئوڭ » چى « ھوقۇقدارلار » نى، « سىنىپىي دۈشمەن ئۇنسۇرلار » نى ئايرىش، پەرقلەندۈرۈش ۋە بېكىتىشنىڭ كونكرىت ئۆلچىمى ۋە جازالاشنىڭ ئېغىر- يېنىكلىك سالمىقى ھەققىدىكى كونكرت پرىنسىپلار ئوتتۇرىغا قويۇلمىغان. شۇنداقلا، ئۇنىڭدا يەنە « قالايمىقانچىلىق چىقىشتىن قورقماسلىق كېرەك » ، « جۈرئەت قىلىشنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇش كېرەك »... دېيىلگەنىدى. شۇنىڭ بىلەن « مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى » نىڭ پىلتىسىگە ئالدى بىلەن بېيجىڭ، شاڭخەي شەھەرلىرىدە ئوت يېقىلغان، كېيىن بۇ ئوت باشقا چوڭ- چوڭ شەھەرلەرگە، ئارقىدىن مەملىكەتنىڭ ھەممە جايىغا تېزلا يامرىغان. ئالدى بىلەن ليۇ شاۋچى، دېڭ شياۋپىڭ قاتارلىق مەركەزدىكى بىر قىسىم مۇھىم رەھبىرى يولداشلار تارتىپ چىقىرىلغان. « قىزىل قوغدىغۇچىلار » دەپ ئاتالغان ئالىي مەكتەپ، ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغىچىلىرى ۋە كەڭ ياشلار بۇ « ئىنقىلاب » نىڭ ئاساسى تايانچ كۈچلىرى بولۇپ، ئۇلار يېڭى جوڭگۇنىڭ تەربىيەسىنى ئالغان، يېڭى دۇنيا قۇرۇش ئىستىكى ۋە ھېسىياتى ئۇرغۇپ تۇرىدىغان ئەڭ ئىشەنچلىك، ئەڭ ئاكتىپ، ئەڭ زور « كۈچ » ئىدى. « پرۇلېتارىيات مەدەنىيەت زور ئىنقىلابىنى ئاخىرغىچە ئېلىپ بارايلى » دېگەن بايراقنىڭ يېتەكچىلىكى ۋە مەركەزنىڭ « پارتىيە ئىچىدىكى بىر ئۇچۇم كاپىتالىزم يولىغا ماڭغان ھوقۇقدارلارغا ۋە جەمئىيەتتىكى جىن- شەيتانلارغا ئومۇمىي ھۇجۇم باشلاش »، « ئىسيان كۆتۈرۈش يوللۇق » دېگەندەك چاقىرىقلىرى ئاستىدا، « قىزىل قوغدۇغۇچىلار » ھېچكىمدىن تەپتارتماي، ھېچنېمىدىن قورقماي، بۇرژۇئا ئەكسىيەتچى لۇشيەننى ئۈزۈل كېسىل تەنقىدلەش، قورشاپ ھۇجۇم قىلىش، ئاخبارات- تەشۋىقات ۋاستىلىرىنى ئېگەللىۋېلىش، چوڭ خەتلىك شۇئار چاپلاش، تەشۋىقات قەغەزلىرىنى تارقىتىش، ئۇرۇش، چېقىش، ئوت قويۇش، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە- ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنى پاچاقلاپ تاشلاش، زىيالىيلارنى، كادىرلارنى ۋە رەھبىرىي يولداشلارنى تارتىپ چىقىرىش، تۇتۇش، كۆرەش- تەنقىد قىلىش، قاماش... ھەركەتلىرىنى شىددەت بىلەن قانات يايدۇرغان. گېزىت، رادىئو قاتارلىق ئاخبارات ئاپپاراتلىرى ئىگەللىۋېلىنغان. مەركەزدىن تارتىپ، يەرلىككىچە، پارتىيە- ھۆكۈمەت ئاپراتلىرىدىن تارتىپ، خەلق گۇڭشېسى، ھەتتا دادۈي، شاۋدۈيلەرگىچە بولغان ھەر قايسى قاتلام ۋە تارماقلارنىڭ كۈندۈلىك خىزمەتلىرى، ئوقۇ- ئوقۇتۇش، ئىشلەپچىقىرىش تەرتىپلىرى زور دەرىجىدە قالايمىقانلىشىپ، مەملىكەت خاراكتېرلىك زور مالىمانچىلىق ۋە ھۆكۈمەتسىزلىك ھالەت شەكىللەنگەن...
« ئىنقىلاب » نىڭ كۈچلۈك دولقۇنى خۇددىي تۇيۇقسىز كۆتۈرىلگەن بوراندەك، ھەش- پەش دېگۈچە پوسكامدەك بۇ كىچىك ناھىيەگىمۇ تېزلا باستۇرۇپ كېلىپ، بىر قىسىم سىياسىي پۇرسەتپەرەسلەرنىڭ رەزىل سۇيقەستىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا، يۇشۇرۇن قاپقان قۇرۇشتىن ئاشكارە ئاتاكىغا ئۆتۈشتەك ياخشى مەيدان ھازىرلاپ بەرگەن. بۇ زور كەلكۈننىڭ زەربىسىدە، ئالدى بىلەن بىزنىڭ ئائىلىمىز خۇددىي بىر تۇتام ئاجىز خەس- چاۋاردەك، ئاسانلا سورۇلۇپ كەتكەن. ھاياتلىق ئالىمىدە ھەممە شەيئىنىڭ بىر كۈشەندىسى بولغىنىدەك، پوسكام ناھىيەسىدە خىزمەت قىلغان ئون يىلغا يېقىن ۋاقىت ئىچىدە داداممۇ بۇ خىل قىسمەتتىن مۇستەسنا بولالمىغانىدى.
ئەسلىدە، دادام ئۆز خىزمىتىنى باش چۆكۈرۈپ ئىشلەش بىلەن بولۇپ كەتكىنى بىلەن، دادامنىڭ مەلۇم بىر كۈشەندىسى ئىزچىل پۇرسەت كۈتۈپ كەلگەن بولۇپ، خۇددىي پاسىق ئەرۋاھلاردەك، دادامنى قاپقانغا دەسسىتىشنىڭ ئەپلىكرەك بىرەر چارىسىنى تاپالماي تازا رەللە بولۇپ يۈرگەندە، تەلىيىگە مانا بۇ سىياسىي ھەرىكەت پارتلاپ، ئۇ ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرىدىغان تازا ياخشى پۇرسەتكە ئېرىشكەن. « مېنىڭ ئېشىمغا ئەسلىدە سەن سويما تۇپا سالغان ئىدىڭ، مانا ئەمدى نۆۋەت ماڭا كەلدى، بۇ مۇشۇنداق ئۆتنە ئالەم، خەپ توختا...» دېگەنلەرنى ئويلىغانىكەن شۇ چاغلاردا ھېلىقى كۈشەندە.
دادامغا چوڭقۇر ئاداۋەت ساقلاپ كەلگەن بۇ ئادەمنىڭ ئىسمى ھ X  X  بولۇپ، دادام كېلىشتىن ئاۋال، ئۇ بۇ مەھكىمىڭ مۇئاۋىن باش پروكۇراتۇرى ئىكەن. تۈزۈكرەك مەكتەپ تەربىيەسى كۆرمىگەن، خىزمەتكە قاتناشقىلى خېلى يىللار بولغان بولسىمۇ، تېخىغىچە بۇ كەسپكە ئۆزلىشەلمەي، كىشىلەر تەرىپىدىن « ئاقنى قارا قىلىشقا ئۇستا بۇياقچى »، « قولىغا چۈشكەن ئادەمنى بوش قويىۋەتمەيدۇ »، « سۇنىڭ ئېقىشىغا، تۈكنىڭ يېتىشىغا قاراپ ئىش تۇتىدۇ » دەپ تەرىپلىنىدىغان بۇ چالا ساۋات ئادەمنىڭ سولچىل ئىددىيسى ئىنتايىن كۈچلۈك بولغانلىقتىن، يۇقىرقىدەك نەچچە يۈز پارچە دېلونىڭ بېسىلىپ قېلىشى، بىرەر مىڭدەك ئادەمنىڭ ئاز بولغاندىمۇ بىر نەچچە ئاي ھەتتا بىر نەچچە يىلغىچە بىر تەرەپ قىلىنماي قامىلىپ يېتىشىغا، جەمئىيەتتە ناھايىتى زور يامان تەسىرلەرنىڭ كېلىپ چىقىشىغا سەۋەپچى بولغانلىقى ۋە ئىستىلدا بەزى خاتالىقلار كۆرۈلگەنلىكى ئۈچۈن مەنسىپىدىن قالدۇرۇلۇپ، ئۇنىڭ ئورنىغا دادام قويۇلغانىكەن. دادامدىن ئون نەچچە ياش چوڭ چىقىدىغان بۇ ھىلىگەر تۈلكە دادامدەك بىر « توڭ سويما » نىڭ ئۆزىدىن « ھوقۇق تارتىۋالغان » لىقى، « ئابرۇي » ىنى يەر بىلەن يەكسان قىلغانلىقىدىن كۆڭلىدە قاتتىق نارازى بولغان بولسىمۇ، كۆرۈنۈشتە، تەشكىلنىڭ قارارىنى قوبۇل قىلغان قىياپەتكە كىرىۋېلىپ، ئەمەلىيەتتە دادامنى تازا ئېگىزدىن موللاق ئاتقۇزۇش ئۈچۈن ئىزچىل « قارا ماتىرىيال »، « جىنايى پاكىت » توپلاپ ماڭغانىكەن.
ئىنقىلابنىڭ ئاتالمىش « ئېھتىياجى » سەۋەپلىك، 1968- يىل 12- ئايدا قەشقەر ۋىلايىتىگە قاراشلىق تەپتىش ئاپپاراتلىرى تارقىتىۋېتىلىپ، خىزمەتچى خادىملىرىنىڭ بىر قىسمى جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسىگە، يەنە بىر قىسمى سوت مەھكىمىسىگە تەڭشەلگەن. دادام سوت مەھكىمىسىگە، ھېلىقى ھ X  X  بولسا جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسىگە تەقسىملەنگەن. دېمەك، پوسكام ناھىيەلىك تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ فونكتسىيىسىمۇ ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان، دادامنىڭ كىچىككىنە مەنسىپىگىمۇ ھېچكىم  ئېتىبار قىلمىغان. ئەكسىچە، بۇ چاغدا  ھ X  X نىڭ ئىشىكى تۆت چىشلىق بولغان. ئۇنىڭچە دادامنىڭ ئەدىپىنى بېرىشنىڭ بۇنىڭدىنمۇ ياخشى پۇرسىتى بولمايتتى.
دەرۋەقە، ھ X  X  يەرلىكتە خېلى چوڭقۇر تەسىرى بار بىر قۇۋ ئادەم ئىدى، ئۇ ئىنقىلاب باشلىنىشى بىلەن تەڭلا، ھە- دېگەندە، ناھىيەلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى قارمىقىدىكى ئاتالمىش « خەلق قوغداش بۆلىمى » نىڭ كاتتىۋېشى بولىۋالغان ۋە بۇ بۆلۈمدە ئايرىم « ئامانلىقنى قوغداش شىتابى » قۇرغان. ئاندىن  ئۈستى- بېشىغا ماشرەڭ كېيىملەرنى كېيىشىپ، بىلىكىگە قىزىل يەڭ بەلگىسى تاقاشقان، بەزىلىرى كالتەك، بەزىلىرى كۆسەي مىلتىق ۋە تاپانچىلارنى كۆتۈرۈشىۋالغان بىر توپ « خەلق ئەسكەرلىرى »، « قىزىل قوغدىغۇچىلار » نى ئەتراپىغا توپلىغان. شۇنداقلا، دادامغا «  پارتىيىنىڭ سىياسىي قانۇن سېپىگە سوقۇنۇپ كېرىۋالغان مۇھىم ئەكسىيەتچى ئوڭچى ئۇنسۇر » دەپ قارا چاپلاپ، بىرىنچى بولۇپ پاش قىلغان ۋە ئۇنىڭغا « پرۇلېتارىياتنىڭ شەپقەتسىز كالتىكى » نىڭ « تەمى » نى راسا تېتىتمىسا بولمايدىغان « جاھىل دۈشمەن » دەپ قالپاق كەيدۈرۈپ، داۋراڭ سالغان. يۇقىرى- تۆۋەن قاتراپ يۈرۈپ، بەزى « رەھبەر » لەرنىڭ قوللىشىغىمۇ ئېرىشكەن. دېمەك « تەلۋەنىڭ قولىغا چوماق تۇتقۇزىلغان » ئىدى.
پۈتۈن كائىناتقا قەھرىتان سوغۇق تازا ھەيۋە كۆرسىتىۋاتقان، يەر- زېمىننى قېلىن قار قاپلىغان زىمىستان قىش كۈنلىرى ئىدى.
بىر كۈنى كەچقۇرۇن قاراڭغۇ چۈشكەندە، بىر توپ ئادەم ئۆيىمىزگە ئۇشتۇمتۇت باستۇرۇپ كېرىپ، تۇشمۇ- تۇشتىن دادامنى ئۇرۇپ، دەسسەپ كەتتى، بىز نېمە ئىشلىقىنى ئاڭقىرالماي، چۆرۈدىشىپ ئولتۇرغان چويۇن مەشنىڭ ئەتراپىدىن چىقىراشقانچە تۇرۇپ كەتتۇق. ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ياشقا چوڭ، بويى ئېگىز، قاپاقلىرى لەشتەك ساڭگىلىغان، چىرايى قوناق مەدىكىدەك كېپەكلەشكەن كۆرۈمسىز بىرسى « بۇ ئەكسىيەتچى ئۇنسۇرنى تۇتۇڭلار، قالغان ھېساپ- كىتابنى شىتاپقا بارغاندا قىلىشىمىز » دېدى قوللىرىنى شىلتىپ. ئۇنىڭ شۇ چاغدىكى ئەلپازى خۇددىي بىرەر قاتىللىق گورۇھىنىڭ ئاتامانىغىلا ئوخشايتتى. ئۇنىڭ بۇيرۇق بېرىشى بىلەن تەڭ چۆرىسىدىكى غالچىلىرى دادامنىڭ قوللىرىنى ئارقىسىغا قايرىپ باغلاپ، داقىراتقىنىچە ئېلىپ چىقىپ كەتتى. دادامنىڭ « بۇ قانداق ئىش، سەنلەر نېمە قىلىشماقچى...؟ » دېگەن سۇئاللىرىمۇ جاۋاپسىز قالدى. بىز باشتا قاتتىق قورقۇپ كەتتۇق. كېيىن يىغا- زارە بىلەن دادامنىڭ كەينىدىن ئەگەشتۇق، ئۇنى ئېلىپ ماڭغانلارنىڭ پەشلىرىگە ئېسىلدۇق. لىكىن ئۇلاردىن بىر نەچچىسى بىزنى قوپاللىق بىلەن ئىتتىرگىنىچە ئۆيگە كىرگۈزىۋەتتى ۋە دادامنى بىر قارا لاتا پىكاپقا ئىتتىرىپ چىقىرىپ ئېلىپ كەتتى. ئەتىسى ئىككى نەپەر قۇراللىق ئادەم كېلىپ، دادامنىڭ بىر يۈرۈش يوتقان- كۆرپىسىنى ئېلىپ كەتتى. شۇنىڭدىن باشلاپ، ئۆيىمىزدە خۇددىي قىيامەت قايىم بولغاندەك يىغا- زارە باشلاندى. بىزنىڭ كۈلپەتلىك كۈنلىرىمىز ئەنە شۇ كۈنىدىن باشلانغانىدى.
بىز تۆت بالا بولۇپ، شۇ چاغدا مەن ئالتە- يەتتە ياشلاردا ئىدىم. ئېسىمدە قېلىشىچە، ئەڭ كىچىك ئىنىم ياقۇپجاننىڭ توغۇلغىنىغا تېخى بىر نەچچە ئايلا بولغانىدى. ئانامنىڭ كۆزىدىن ياش قۇرۇمايتتى، ئۇ تالاغا چىقاتتى، ئۆيگە كىرەتتى. كۈندۈزلىرى قايسى تارماقلارغىدۇر بېرىپ، بىراۋلارغا ھال ئەيتىپ، دادامنىڭ دېرىكىنى قىلاتتى، لىكىن نەتىجىسى بولمايتتى. بىز بۇنىڭدىنمۇ قورقۇنۇشلۇق يەنە قانداقتۇر بىرەر شۇملۇقلار يۈز بېرىدىغاندەك، ئىشىكتىن چىقساقلا كىملەردۇر تۇتۇپ، بۇ قارا قىشتا نەلەرگىدۇر ئېلىپ كېتىدىغاندەك، يەتتە باشلىق يالماۋۇزغا ئوخشايدىغان بىركىملەر قېنىمىزنى شۇرايدىغاندەك، ھەممە ئادەم بىزنى ئۆچ كۆرىدىغاندەك بىر خىل ئەنسىز تۇيغۇلار ئىچىدە سىرتقا چىقىشقىمۇ جۈرئەت قىلالماي ئىشىكنى تاقاپ ئولتۇراتتۇق. بىز ئۈچۈن كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ پەرقى يوق ئىدى.
ئانام ئارىدىن بىر نەچچە ئاي ئۆتكەندە ئاندىن دادامنىڭ نەدە ئىكەنلىكىنى بىلىپتۇ. ئەسلىدە ئىسيانچىلار ناھىيە بازىرىنىڭ شىمالى ئەتراپىغا جايلاشقان، ناھىيەدىن ئانچە يىراق بولمىغان بىر قۇشخانىنى ئۆزگەرتىپ « جىنايىتى ئېغىر ئۇنسۇر » لارنى قامايدىغان مەخپىي بازا قىلىۋالغان بولۇپ، دادام شۇ يەرگە قامالغانىكەن. بىر كۈنى ئانام قۇچاقتىكى ياقۇپجان ئىنىمنى كۆتەرگەن، قالغانلىرىمىزنى يېتىلىگەن ھالدا، ئۇ جايغا باشلاپ باردى. ئۈستىدىكى بۇغۇچلىرى ئېتىلمىگەنلىكتىن، ئىككى ياندىكى قۇلاقلىقى لەپەڭشىپ تۇرىدىغان ھەربىيچە قۇلاقچىلارنى كېيىشكەن، قوللىرىغا كۆسەي مىلتىق، كالتەكلەرنى ئېلىۋېلىشقان ياش ئىسيانچىلار بۇ جاينىڭ ئەتراپىنى قاتتىق قوغداۋاتقان بولۇپ، ئۇلار بىزنى دادام بىلەن كۆرۈشتۈرمىدى. دادامنىڭ ئەھۋالىنىمۇ ئېيتىپ بەرمىدى. بىراق، بىز تاماقلارنى ئېلىپ، ھەر كۈنى دېگۈدەك ئاشۇ جايغا قاترايتتۇق. بۇ چاغدا قارلار ئېرىپ، يوللار لاي- پاتقاقلار بىلەن ماڭغۇسىز بولۇپ كەتكەن بولسىمۇ، بىزنىڭ دادامنى كۆرۈش ئىستىكىمىز قىلچە بوشاشمىغانىدى. ئارىدىن خېلى كۈنلەر ئۆتۈپ، ئۆرۈك، ئالما چېچەكلىرى ھەممە يەرنى قاپلىغان بىر كۈنى، بىزنىڭ بۇ ئارزۇيىمىز ئەمەلگە ئاشتى. ئانام قايسى بىر باشلىقلارغا يىغلاپ، يېلىنىپ يۈرۈپ، بىر پارچە كۆرۈشۈش تەستىق خېتىگە ئېرىشكەنىدى. دادامنى ئىككى نەپەر گۇندىپاي يالاپ چىقتى. ئۇنىڭ پۇتىدا ئېغىر ئۈشكەل، قولىدا كويزا بار بولۇشىغا قارىماي، جىسمى ۋە چېھرىدىن قانداقتۇر كۈچلۈك جەسۇرلۇق، ئاتىلارچە مېھرىبانلىق ۋە ھېچ ئىش بولمىغاندەك بىر خىل خاتىرجەملىك ئالامەتلەر چىقىپ تۇراتتى. گۇندىپايلارنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشى ۋە توسىشىغا قارىماي، دادام بىزگە، بىز دادامغا قاراپ ئۆزىمىزنى ئاتتۇق. دادامنىڭ ئۆسۈپ دىردىيىپ كەتكەن ساقاللىرىغا يۈزلىرىمىزنى سۈركەشتۇق، بوينىدىن قۇچاقلاشتۇق، يىغا- زارە قىلىشتۇق.
- بۇ زادى نېمە ئىش، ئۇلار نېمىشقا سېلىنى...- دېدى ئانام خۇرسىنىش بىلەن كۆزلىرىدىكى ياشلارنى سۈرتۈپ تۇرۇپ.
- مەندىن ئەنسىرىمەڭلار، ھېچ ئىش يوق- دېدى دادام راستلا ھېچ ئىش بولمىغاندەك چىرايىغا تەبەسسۇم يۈگۈرتىشكە ئۇرۇنۇپ.
-ئۇلار سىزنى نېمە قىلىشتى؟ - دېدى ئۇ دادامنىڭ يۈزلىرىدىكى ئەمدىلەتىن قېتىشىشقا باشلىغان زەخمە ئىزلىرىنى يېنىك سىلاپ.
-بۇ بىر ئۆتكۈنچى جۇدۇن. ئۆتۈپ كېتىدۇ. مەن ھېچنېمە بولمۇدۇم، مەن يوق تازا قىينالدىڭلار تايىنلىق، جاپا تارتساڭمۇ بالىلارغا ئوبدان قارا، تېزلا جەم بولىمىز، مەن گۇناھسىز، گۇناھ ئۇلاردا- دېدى دادام سالماقلىق بىلەن.
- دادا، ئۇلار سىزنى قاچان قويۇپ بېرەر؟ سىز بۇ يەردىن چىقمىسىڭىز مېنى مەكتەپكە ئالمايدىكەن- دېدىم مەن ياشلىق كۆزلىرىمنى دادامنىڭ مېھرىبان چىرايىغا تىكىپ.
- ئوغلۇم، داداڭغا ئىشەن، داداڭ ھېچ ئىشنى خاتا قىلغىنى يوق. داداڭ سېنى چوقۇم ئوقۇتىدۇ- دېدى دادام بېشىمنى ئىسسىق قوللىرى بىلەن سىيلاپ.
ئارىدىن يەنە بىر- ئىككى ئايچە ۋاقىت ئۆتكەندە دادام راستىنلا قويۇۋېتىلدى. ئۇ بۇ قېتىم خېلى ياداپ، ئوبدانلا جۈدىگەنىدى. بىراق، ھەر كۈنى ئەتتىگەندە يەنە نەلەرگىدۇر چىقىپ كېتىپ، ئاخشىمى قاراڭغۇ چۈشكەندە قايتىپ كېلەتتى. ئانامنىڭ « بۇ قانداق زامان بولۇپ كەتتى، نېمە ئىشلارنى قىلىۋاتىسىلەر ؟» دېگەن سۇئالىغا دادام: « مۇنازىرە، مۇلاھىزە، مۇھاكىمە، مۇزاكىرە،... دېگەنلەر بولمامدۇ؟ » دەپ جاۋاب بېرەتتى ھەم قىسقا، ھەم يۇمۇرلۇق قىلىپ. دادام بەزى كۈنلىرى كەيپىياتى ناھايىتى سۇلغۇن كەلسە، بەزىدە خېلى روھلۇق كېلەتتى. شۇ كۈنلەردە، دادامنىڭ كۈندە تەنقىد- كۆرەش قىلىنىۋاتقانلىقى، سوراق- سۇئاللارغا تارتىلىۋاتقانلىقى، ھەر خىل بېسىملارغا، خورلۇقلارغا ۋە تىل- ھاقارەتلەرگە ئۇچراۋاتقانلىقىنى بىلىپ تۇراتتۇق. چۈنكى، بىرنەچچە ئايدىن بېرى ئۇنىڭ كەينىدىن ئۆزلىرى بويىۋالغان ئالا كالتەكلەرنى، قىزىل پۈپۈكلىك نەيزىلەرنى، كۆسەي مىلتىقلارنى كۆتۈرىشىۋالىدىغان، مەيدىسىگە ماۋ زېدۇڭنىڭ سۈرىتى چۈشۈرىلگەن ئىزناكلارنى تاقىۋېلىشىدىغان ھېلىقىدەك « قىزىل قوغدۇغۇچىلار » خۇددىي سايىگە ئوخشاش، بىردەممۇ نېرى بولماي نۆۋەت بىلەن ئەگىشىۋالغانىدى. ئۇلار ئىشىكنىڭ ئالدىدا ساقلاپ تۇرۇپ، ئۆيىمىزنىڭ چىرىقى ئۆچكەندە يوقايتتى ۋە ئەتتىگىنى دادام ئىشقا مېڭىشتىن بورۇن يەنە ئىشىك ئالدىمىزغا ئۈنۈپ بولاتتى. لېكىن دادام زادى نېمە ئىشلارنىڭ بولىۋاتقانلىقىنى بىزگە چاندۇرماسلىققا ئۇرۇناتتى. كېيىنكى يىلى قىشتا ئۇلار دادامنى رەسمىي قاماشتى.
ئىشنىڭ جەريانى مۇنداق بولغان؛
ئىنقىلابنىڭ كېڭىيىشى، ئۆتكۈرلىشىشى ۋە چوڭقۇرلۇشىشىغا ئەگىشىپ، يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە، ساھەلەر بويىچە تۆھپە- ھوقۇق تالىشىش، كۆز قاراشتا ئوخشاش بولماسلىق، يېتەكچى ئورۇننى، مۇھىم ئورۇننى ئېگەللەش...  قاتارلىق سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن، ئىسيانچىلار قوشۇنىنىڭ ئۆز ئىچىدىمۇ ئىختىلاپ، مەزھەپچىلىك، ئۆزئارا مۇنازىرلىشىش، قارمۇ- قارشىلىق، ئېلىشىش كەيپىياتلىرى ئەۋج ئېلىپ، جەمئىيەت تەرتىپى تېخىمۇ قالايمىقانلاشقان، رۇشەن ھالدا بۆلۈنۈش ھادىسلىرى كېلىپ چىققان. ھالبۇكى، بۇ خىل يۈزلىنىش دادام ۋەكىللىك قىلىدىغان تەرەپتىكىلەرگىمۇ ئۆز قاراشلىرى ئۈستىدە دېمۇكراتىك پىكىر قىلىش، مۇنازىرلىشىش جەھەتتە مەلۇم پۇرسەت يارىتىپ بەرگەن ئىكەن.
1969- يىل يازدا، پوسكام ناھىيەلىك ئىنقىلابىي كومىتېتى « مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى » غا رەھبەرلىك قىلىش شىتابىنىڭ تەشكىللىشى بىلەن، ناھىيەلىك ئىنقىلابىي كومىتېت يىغىن مەيدانىدا « پۇرۇلىتارىيات مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى » نىڭ نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش، « ئىنقالاپ مىۋىسى » بولغان، قولغا چۈشۈرىلگەن « سىنىپىي ئۇنسۇر » لارنى كەسكىن كۆرەش قىلىش ۋە ئىنقىلابنى ئاخىرغىچە ئېلىپ بېرىشنى مەخسەت قىلغان بىر قېتىملىق زور سەپەرۋەرلىك يىغىلىشى ئېلىپ بېرىلغان. كۈن تەرتىپكە ئاساسەن، يىغىلىشتا ھەرقايسى ئاممىۋىي تەشكىلاتلارنىڭ ۋەكىللىرى ئۆز تەشەببۇسىنى ياقىلاپ تۈرلۈك مەزمۇندا شۇئارلارنى توۋلاشقان. نۆۋەت دادامنى قوللايدىغان، مالىمانچىلىقنى ياقلىمايدىغان تەرەپكە كەلگەندە، بۇ تەرەپنىڭ يېتەكچىسىنىڭ كۆرسىتىشى بىلەن، داداممۇ شۇئار توۋلىغان.  مانا بۇ شۇئار  ھ X  X  نىڭ كۈتكەن يېرىدىن چىقىپ، ئۇنىڭ ئىشىكىنى تۆت چىشلىق قىلىۋەتكەن.
دادام ئەسلىدە « يوقالسۇن ھەقىقىي سىنىپىي دۈشمەنلەرنىڭ رەزىل ئەكسىيەتچىل لۇشيەنى! ياشىسۇن ئۇلۇغ داھىمىز ماۋجۇشىنىڭ پرۇلىتارىيات ئىنقىلابىي لۇشيەنى، » دېگەن شۇئارنى توۋلىماقچى ئىكەن، لىكىن ئۇ، بۇ شۇئارنىڭ ئالدىنقى يېرىمىنى توغرا ئېيتقان بولسىمۇ، كېيىنكى يېرىمىنى باشلاشتا، يەنىلا « يوقالسۇن... » دەپ توۋلاپ، گىپىنىڭ يېرىمىغا كەلگەندە خاتالاشقانلىقىنى بايقاپ، قايتىدىن تۈزۈتۈپ توۋلىغان.
دادامنىڭ دىققەتسىزلىكتىن ئېغىزىدىن چىقىپ كەتكەن مانا مۇشۇ ئەجەللىك بىر جۈملە سۆزى،  ھ X  X تەرەپدارلىرىنىڭ قارىشىچە « نەق ئەكسىل ئىنقىلاپچى ئۇنسۇر » ئىكەنلىكىنىڭ « پولاتتەك پاكىت » ى ئىدى. ھX  X  يىللاردىن بېرى زىرىكمەي- تېرىكمەي، تاغار- تاغارلاپ قارا ماتىرىياللارنى توپلاپ كەلگەن بولسىمۇ، ئۇ ۋە ئۇنىڭ يالاقچىلىرى بىر يىلدىن ئارتۇقراق ۋاقىتتىن بېرى دادامنى تۇتۇپ سولاپ، ھەر خىل ئۇسۇللار بىلەن سوراق قىلىپ، قىيىن- قىستاقلارغا ئېلىپ شۇنچە تىرىشقان بولسىمۇ، ئۇنىڭ بۇ ئۇرۇنۇشلىرى دادامغا قايتا باش كۆتۈرەلمىگىدەك دەرىجىدە جىنايەت بېكىتىش ۋە جازالاشتا پۇت تېرەپ تۇرالمىغانىدى. ئۇ بۇنىڭدىنمۇ كۈچلۈك بىرەر ئاساسقا، بىرەر غايىۋىي ئەڭگۈشتەرگە ئېرىشىش تەشنالىقىدا تازا  تەلۋىلىگى تۇتۇپ تۇرغىنىدا، مانا ئۇنىڭ تىلىكى ئاخىرى ئىجابەت بولغانىدى. ئۇ مانا شۇ بىر جۈملە سۆزنى كۈتۈپ تۇرغاندەك، دادامنىڭ ئاغزىدىكى گەپ تۈگە- تۈگۈمەيلا ئوتتۇرىغا چىقىپ كاكىرايدۇ:
- تۇتۇڭلار بۇ قانۇن تورىغا قاتمۇ- قات ئورۇنىۋالغان نەق ئەكسىل ئىنقىلاپچى ئۇنسۇرنى، ئۇ ئۆزىنىڭ چېكىدىن ئاشقان رەزىل قارا نىيىتىنى ئاخىرى مانا ئىنقىلابىي ئاممىنىڭ ئالدىدا ئاشكارىلىدى. ئەمدى يەنە كىم ئۇنىڭغا چاپان ياپىدۇ، كىم ئۇنى سىنىپىي دۈشمەن ئەمەس، دېيەلەيدۇ...!
ئۈستى ئوچۇق يىغىن زالى پات- پاراق بولۇپ كەتكەن. ھX  X نىڭ يۇقىرقى بۇيرۇقى بىلەن تەڭلا بىر توپ ئىسيانچى كېلىپ دادامنى ھاپىلا- شاپىلا تۇتۇپ باغلاپ، رەئىس سەھنىسىنىڭ ئاستىدىكى سەيناغا ئىككى رەت قىلىپ تىزىلغان نەچچە ئون نەپەر « ئۇنسۇر » نىڭ قاتارىغا ئاپىرىپ تۇرغۇزۇپ قويغان. بۇ « ئۇنسۇر » لارنىڭ بويۇنلىرىغا ھەم كېلەڭسىز، ھەم ئېغىر تاختىلار ئېسىلغان. باشلىرىغا ئۆزىنىڭ بويى بىلەن تەڭ كەلگۈدەك ئۇزۇنلۇقتىكى ئۈستى سۇنايغا ئوخشاش ئۇشلۇق قەغەز بۆكلەر كەيدۈرۈلگەن بولۇپ، ئۇنىڭغا ئۇلارنىڭ جىنايىتىگە ۋە ئۇلارنى يوقۇتۇشقا ئائىت مەزمۇندىكى شۇئارلار يېزىلغانىكەن. ھايال ئۆتمەيلا دادامنىڭ بېشىغىمۇ بۇ « بۆك » كەيدۈرۈلگەن. دادامنىڭ تەرىپىنى ئېلىشقا، ئۇنى قۇتقۇزۇۋېلىشقا ھېچكىم جۈرئەت قىلالمىغان. دادامنىڭ ئەھۋالنى چۈشەندۈرۈشىگىمۇ پۇرسەت بەرمەي، مۇشت- پەشۋا، مىلتىقنىڭ پاينىكى قاتارلىقلار بىلەن « ئەدەپلەپ »، تىز پۈكتۈرگەن. ئارقىدىن نەق مەيداندىلا قولىنى تاغاققىچە قايرىپ، گەپ قىلالمايدىغان قىلىپ كانىيى بىلەن قوشۇپ بىرىنچى باغلاقتا باغلاپ، پۇتىغا  كىشەن سالغان. شۇنىڭ بىلەن يىغىن دادامنى مەركەز قىلغان ھالدا، « پاش قىلىش »، « جىنايەت ئىسپاتىنى كۆرسىتىش »، « شىكايەت قىلىش »، « كۆرەش- تەنقىت قىلىش » قا ئۆزگۈرۈپ، تاڭ ئاتقىچە داۋاملاشقان. تاڭ ئاتقاندا، دادام ناھىيەلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسىنىڭ تۈرمىسىگە ئاپىرىلىپ، كۆلىمى ئىككى كۇۋادرات مېتىرچە كېلىدىغان، ئۆلۈم جازاسى ھۆكۈم قىلىنىدىغان سىياسىي جىنايەتچىلەرلا قامىلىدىغان لەھەتتەك قاراڭغۇ بىر كامىرغا قامىۋېتىلگەن.
ئارىدىن ئىككى كۈن ئۆتكەندە، ئەلپازىدىن جاللاتتەك شۇملۇق يېغىپ تۇرىدىغان، كۆڭلى ئاشۇ تۈرمىدىنمۇ قارا ۋە زۇلمەتلىك بولغان ھ X X بىر توپ چاپارمەنلىرىنى باشلاپ  كېلىپ، ناھىيەلىك تەپتىش مەھكىمە ئائىلە قورۇسىدىكى ئۆيىمىزگە باستۇرۇپ كىردى ۋە ئۆينىڭ پۈتۈن بۇلۇڭ- پۇچقاقلىرىغىچە ئاقتۇرۇپ، دادامنىڭ كىتابلىرىنى، خاتىرلىرىنى، قول يازمىلىرىنى ۋە ئۆيدىكى رادىئو، تام سائەت، شىرە، ئورۇندۇق، چامىدان، ساندۇق قاتارلىق قولغا چىققۇدەك مۈلۈكلەرنىڭ ھەممىنى بىر قارا ماشىنىغا بېسىپ ئېلىپ كەتتى. ئۇلار ھەتتا ئۇن، گۈرۈچ دېگەندەك روزىغارلىرىمىزنىمۇ قالدۇرۇپ قويمىدى. ئانام بىر قولىدا ياقۇپجان ئۇكامنى كۆتۈرۈپ، يەنە بىر قولىنىڭ بارماقلىرىنى چىشلىگىنىچە ئۆينىڭ بىر بۇلۇڭىدا ئۈن- تۈنسىز قاراپ تۇردى. بىز بولساق ئانامنى دالدا قىلىپ، ئۇنىڭ كەينىدە پېشىگە ئېسىلىپ، غال- غال تىتىرەشكىنىمىزچە قاراپ قېلىشتۇق. ئۇلار مېڭىش ئالدىدا ھېلىقى ھ X X دېگەن جاللاتقا ئوخشاش ئادەم ھەم سۆرۈن، ھەم يىرگىنىشلىك تەلەپپۇزدا ئانامغا:
- ئۆينى ئەتىدىن قالدۇرماي بوشۇتۇش، بۇ دېگەن پۇرۇلېتارىيات ئەمگەكچى ئاممىسىنىڭ قان- تەرى، ئومۇمنىڭ مۈلكى. ئۇنىڭدا ئەكسىيەتچى ئۇنسۇرنىڭ پۇشتىلىرىنىڭ ھەققى يوق- دېدى زەھەرخەندىلىك بىلەن. ئارىدىن نەچچە كۈن ئۆتمەي، دادامنىڭ خىزمىتى، ئىش ھەققى توختىتىلغانلىقى، بىزنىڭ نوپۇسىمىزنىڭ ئائىلە بويىچە ئۆچۈرۈلگەنلىكى توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشنى تاپشۇرۇۋالدۇق. ئاندىن بىزنى ئۆيدىن ھەيدەپ چىقىرىپ، ئىشىكىمىزگە پىچەت سېلىشتى. بۇ ئىش يۈز بېرىپ بىرەر ھەپتىلەردىن كېيىن، ئانامنىڭ دادىسى ( بىزنىڭ چوڭ دادىمىز ) ئايۇپ مەممەت كېلىپ، بىزنى بۇ يەردىن مارالبېشى ناھىيەسىنىڭ ئاتچاپا  يېزىسىدىكى يۇرتىمىزغا ئېلىپ كەتتى. شۇ ئارىلىقتا بىزنىڭ كوچىدا قالغىنىمىزنى كۆرگەن بەزى ئاق كۆڭۈل كىشىلەر بىزگە يوشۇرۇنچە  يارىدەملەرنى قىلدى.  
بىز تۇغۇلۇپ شۇ ياشقىچە ياشىغان بۇ ئائىلە قورۇ ناھىيە بازىرىنىڭ مەركىزىدىكى « شەنبە بازار » دېگەن يەردە بولۇپ، قورۇنىڭ ئالدىدىن شىمالغا ماڭسا يەكەن، قەشقەر، مارالبېشىلارغا، جەنۇپقا ماڭسا قاغىلىق، خوتەنلەرگە بارغىلى بولىدىغان مەركىزى تاش يول ئۆتەتتى. يولنىڭ ناھىيە ئىچىدىن ئۆتىدىغان تۆت، بەش چاقىرىمچە كېلىدىغان قىسمىنى ھەر بىرىگە نىرنەچچە ئادەمنىڭ غۇلىچى يەتمىگۈدەك دەرىجىدە يۇغانغان قېرى قاپاق تېرەكلەر ئوراپ تۇرغاچقا، ياز كۈنلىرى بۇ يولغا ئازراقمۇ ئاپتاپ چۈشمەيتتى. يولۇچىلار، ئۆتكۈنچىلەر ۋە يېقىن ئەتراپتىكى ئاھالىلار تازا ئىسسىق بولغان كۈنلەردە بۇ يولنىڭ ئىككى قاسنىقىدىكى داق يەرلەردە سايىداپ، ئارام ئېلىشاتتى. ( بىز 1978- يىل 6- ئايدا كەلسەك، بۇ تېرەكلەر ئاللىقاچان كېسىلىپ، ۋەيران قىلىۋېتىلگەنىكەن. ) بىز شۇ كۈنى كېچىدە بىر قارا ماشىنىغا يۈك- تاق، بوخچا- بۇغۇنجىلىرىمىزنى يوشۇرۇنچە بېسىپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئولتۇرۇپ، تۈرمىدىكى دادام بىلەن، كىندىك قېنىمىز تۆكۈلگەن بۇ ۋاپاسىز يۇرت بىلەن ۋە ئىشىكىمىز ئالدىدىن ئۆتىدىغان، چۆچەكلەردىكىدەك چىرايلىق ئاشۇ يول بىلەن ۋە يەنە نېمىلەر بىلەندۇر كۆزىمىز قىيمىغان ھالدا خىيالەن خوشلۇشۇپ، تۈن نىسپىدە بۇ ناھىيەدىن ئۈنتىنسىز چىقىپ كەتتۇق. ئەسلىدە ناھىيەلىك قۇراللىق بۆلۈمنىڭ سىدىق ئەمەر ئىسىملىك بىر باشلىقى بولۇپ، ئۇ كىشى دادام بىلەن بىر يۇرتلۇق ھەم يېقىن ئۆتۈشىدىغان دوستلاردىن ئىكەن. بۇ ماشىنىنى شۇ كىشى خۇپىيانە ئاجرىتىپ بەرگەنىكەن. بىزنىڭ يولغا چىقىش ھەركىتىمىز يوشۇرۇنچە ئېلىپ بېرىلغان بولغاچقا، مېڭىشتىن ئىلگىرى دادام بىلەنمۇ، باشقا يېقىن- يورۇقلار بىلەنمۇ كۆرۈشەلمىگەن ۋە خوشلىشالمىغانىدۇق.
شۇنىڭدىن باشلاپ تاكى دادامنىڭ مەسىلىسى ئۈزۈل- كېسىل ھەل بولۇپ، خىزمىتى ئەسلىگە كەلگىچە بولغان سەككىز يىلدىن كۆپرەك سوزۇلغان، ئاچارچىلىق، قەھەتچىلىك ۋە قالايمىقانچىلىقلار ھەممە يەرنى قاپلىغان ئاشۇ كۈلپەتلىك يىللاردا، بىزنىڭ ھالىمىزدىن چوڭ دادام ئايۇپ مەممەت، چوڭ ئانام پاتەمخانلار خەۋەر ئالدى. ئەپسۇسكى، دادام تۈرمىدىن قويۇپ بېرىلگەن كۈنلەردە، كىچىك ئىنىم ياقۇپجان ئاچارچىلىق دەستىدىن يەتتە يېشىدا ئۆلۈپ كەتكەن بولۇپ، دادام ئۇنىڭ يۈزىنى كۆرۈشكىمۇ ئۈلگۈرەلمىگەنىدى.

5
دادامنىڭ ئېيتىپ بېرىشىچە، ئۇلار يازنىڭ تازا ئىسسىق بولىدىغان تومۇز ئايلىرىدا دادامنى ھېلىقى كامىرغا ساق 110 كۈنگىچە بىرەر قېتىممۇ سىرتقا چىقارماي قامىغان. كامىرنىڭ ئاستى- ئۈستى، تۆت تېمى پۈتۈنلەي خىش- بىتۇندىن قاتۇرۇلغان بولۇپ، كېچىككىنە پەنجىرە ۋە ئىشىك، پەنجىرىنىڭ راملىرىنىڭ ئاراچلىرىمۇ سىرتىدىن قارا رىزىنكە پىلاستىر بىلەن چاپلىۋىتىلگەن بولۇپ، ئازراقمۇ يورۇقلۇق ۋە ھاۋا ئۆتۈشىش ئىمكانىيىتى قالدۇرۇلمىغان. تامىقىغا ئەتتىگەندە توخۇنىڭ تۇخۇمىچىلىك كېلىدىغان ئىككى دانە سېرىق قۇناقنىڭ ھور نېنى بىلەن بىر قاچا قايناق سۇ، كەچتە مەنتاڭدىن قويۇقراق كېلىدىغان، قۇرۇق سۇغىلا چېلىنغان بىر قاچا ئاداپ ئۇماچ بېرىلگەن. بۇلۇڭغا بىر تەرەت چىلىكى قويۇپ بېرىلگەن بولۇپ، چوڭ- كېچىك تەرەت مۇشۇ چىلەكتە بولغان. كۈندە بىرەر يېرىم سائەت ھاۋالاندۇرۇلۇشتەك قاماقخانا تۈزۈمىمۇ بىكار قىلىنغان. گۇندىپايلاردىن تارتىپ ھەرقانداق ئادەمنىڭ دادام بىلەن كۆرۈشىشى مەنئىي قىلىنغان. دادام بۇ قارا كامىرغا بەنت قىلىنغان دەسلەپكى كۈنلەردە ھېچكىم ئۇنىڭدىن بىرەر قېتىممۇ گەپ سوراپ باقمىغان ياكى كۆرۈشكىلىمۇ كىرمىگەن. تەرەت چېلىكىدىن چىقىدىغان، سېسىقتىن ئۆتۈپ كۆز ۋە بۇرۇننى ئېچىشتۇرۇپ كېرەكتىن چىقىرىدىغان، ئاچچىققا ئايلىنىپ كەتكەن پۇراقچىلىق كامىرنىڭ ئىچىنى بىر ئالغان. دادام ۋاقىتنى خۇددى تاۋۇتتىكى تىرىك مۇردىدەك، ئەنە شۇ مۇھىت ئىچىدە نىمجان بولۇپ ئۆتكۈزگەن. ئەسلىدە ھ X X مۇشۇنداق ۋاستە بىلەن دادامنى ئۆلتۈرۈپ يوقاتماقچى بولغانىكەن. شۇنداقتىمۇ، قاماقخانىدا ئىلگىرى دادامنىڭ خەيرىخاھلىقىنى كۆرگەن ئوتتۇرا ياشلىق بىر گۇندىپاي بار بولۇپ، ياخشىلىقنى ئۇنتۇمىغان بۇ كىشى بىر ئاماللارنى قىلىپ، يېرىم كېچىلەردە دادامغا يېمەكلىك قاتارلىق بەزى لازىمەتلىكلەرنى يەتكۈزۈپ بەرگەن. كامىرنىڭ ئىشىكىنى بىردەم، يېرىمدەم ئېچىپ ھاۋا ئالماشتۇرۇپ بەرگەن. دادامنىڭ تەلىپى بويىچە، ئۆگزىگە خۇپىيانە چىقىپ، بىر بۇلۇڭغا ئاسانلىقچە كۆزگە چېلىقمىغۇدەك قىلىپ، توخۇنىڭ كۆزىچىلىك كېلىدىغان بىر تۆشۈك ئېچىپ بەرگەن. كۈنلەرنىڭ ئۆتىشى بىلەن، كۈندۈزلىرى ھېلىقى تۆشۈكتىن كىرگەن كېچىككىنە خاسىيەتلىك نۇرنىڭ تۈرۈتكىسىدە، دادامنىڭ كۆزى بۇ قاراڭغۇ مۇھىتقىمۇ كۆنۈپ، ھەممە نەرسىنى خۇددىي كۈندۈزدىكىدەك كۆرەلەيدىغان بولغان. ھېلىقى ياخشى نىيەتلىك كىشى يەتكۈزۈپ بەرگەن بويۇملار ئىچىدە يىپ- يىڭنىمۇ بار بولۇپ، دادام ئۇنىڭدىن پايدىلىنىپ، جىلىتكىسىنىڭ قارا رەڭلىك ئەستىرىنى سۆكۈپ، قوراشتۇرۇپ، بىر شاپاق دوپپا تىككەن ۋە ئۇنىڭ بىر سانتىمىتىر كەڭلىكتىكى ھالقىسىمان جېيىكىگە يىپ بىلەن « جاھان ھەرقانچە مالىمان بولسىمۇ، بېشىمغا ھەرقانداق دىشۋارچىلىقلار چۈشسىمۇ، قەلبىم كومۇنىستىك پارتىيە ۋە ماۋجۇشىغا مەڭگۈ سادىق بولىۋېرىدۇ » دەپ كەشتىلىگەن. دوپپىنىڭ ئۈستىدىكى كېچىككىنە يۇمۇلاق تۆپىلىكىگە دوپپىنى پۈتتۈرگەن ۋاقىت، ئورۇن ۋە ئۆزىنىڭ ئىسمىنى پۈتكەن. تۆت تەرەپتىكى يۈزلىكىگە بولسا بىز تۆت بالىنىڭ ئىسمى بىلەن توغۇلغان كۈنلىرىمىزنى ئايرىم- ئايرىم كەشتىلەپ چىققان. دادامنىڭ قارىشىچە، ئۇ ئەگەر ناھەق ئۆلۈپ كەتسە، ئۆزىنىڭ پارتىيە، ھۆكۈمەتكە سادىق ئىكەنلىكىنى، ھېچقانداق جىنايىتى يوقلىقىنى مۇشۇ دوپپا  ئىسپاتلايتتى.
( مەن 1975- يىللىرى ئەتراپىدا چوڭ دادام قاتارلىق تۇغقانلار بىلەن پەيلۇ ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش مەيدانى ‹ ھازىرقى شىنجاڭ قەشقەر تۇرمىسى › غا دادامنى يوقلاپ بارغىنىمىزدا، دادام شۇنچە يىللاردىن بېرى ئىچ ئىشتىنىنىڭ يانجۇقىدا ساقلاپ يۈرگەن بۇ دوپپىنى بىزگە كۆرسەتكەن، ھەتتا مېنىڭ بېشىمغا كەيدۈرۈپمۇ باققان. دادام تۇرمىدىن قويۇپ بېرىلىش ھارپىسىدا ئۇنىڭ بىر قىسىم قارا نىيەت تۇرمىداشلىرى تىلىنى بىر قىلىپ، مەقسەتلىك ھالدا بۇ دوپپىنى ئوغرىلاپ كۆيدۈرىۋەتكەن.)  
ئارىدىن بىرەر ئايچە ئۆتكەندىن كېيىن، ھ X X باشچىلىقىدىكى « تەھقىقلەش » گورۇپپىسىنىڭ ئەزالىرى بىر نەچچە قېتىم كېلىپ، دادامنى سوراق قىلىپ، جىنايى قىلمىشىنى بوينىغا ئېلىش ۋە ئىقرار قىلىشنىڭلا بىردىن بىر « چىقىش يولى » ئىكەنلىكى، جاھىللىق قىلسا زىياننىڭ تېخىمۇ چوڭىنى تارتىدىغانلىقى... توغرىسىدا كۆپ « خىزمەت » ئىشلىگەن بولسىمۇ، دادام ئۆزىدە ھېچقانداق جىنايەتنىڭ يوقلۇقىنى، خۇددىي ئۇلى بوش تامنىڭ ئوڭايلا ئۆرۈلۈپ چۈشىدىغىنىدەك، بۇ تۆھمەت دېلونىڭمۇ ئۇزۇنغا قالماي ئاغدۇرۇلىدىغانلىقىنى، ھ X  X كە ئوخشاش قارانىيەت پۇرسەتپەرەسلەرنىڭ ھەقىقىي جىنايەتچى ئىكەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ ھامان بىر كۈنى ئېغىر بەدەل تۆلەپ، ھالاك بولىدىغانلىقىنى ئېيتىپ، ئۇلارنىڭ ئاغزىنى تۇۋاقلاپ قويغان. شۇ مەزگىللەردە، بۇ ناھىيەدىكى « ئىسيانچى » لارنىڭ خېلى غوللۇق « قۇماندان » لىرىدىن بېرىگە ئايلىنىۋالغان قېرى ھ X X دادامنى قىلچە باش ئەگدۈرەلمىگەندىن كېيىن، ئۇنى بىر ئاماللارنى قىلىپ يوقاتمىسا، كۈنلەرنىڭ بىرىدە راستىنلا ئۆز بېشىغا بالا تېپىۋېلىشىدىن ئەنسىرەپ، قاماقخانىغا يەنە مەخسۇس بىر تەرگاۋ ئىشخانىسى تەسىس قىلغان ۋە ئۆزى بۇ ئىشخانىنىڭ مەسئۇللىقىنى ئۈستىگە ئېلىۋالغان. بۇنداق بولغاندا دادامغا خالىغان ۋاقىتتا « دېكتاتۇرا » يۈرگۈزگىزەلەيتتى ۋە ئاسانراق ئۇجۇقتۇرۇشقا پۇرسەت تاپالايتتى. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ بىر نەچچە چۇماقچىسىنى كەينىگە سېلىۋېلىپ، دادامنى يەنە خىلمۇخىل قىيىن- قىستاقلارغا ئالغان. ئاچ، ئۇسۇز قويغان. توشۇپ كەتكەن تەرەت چېلىكىنىمۇ تۆكتۈرمىگەن.  كامىرغا يېرىم كېچىلەردە كىرىپ، ئۇخلاۋاتقان دادامنىڭ ئۈستىگە ھېلى قىزىق سۇ، ھېلى سوغاق سۇ قۇيۇپ، كامىرنىڭ ئاستىنى ۋە سېلىنجىلىرىنى چىلىق- چىلىق ھۆل قىلىپ، تېخىمۇ سېسىقچىلىققا تولدۇرۇۋەتكەن. بۇ يۇندىلار سىمۇنتقا سىڭمىگەنلىكتىن، دادام  كۈن- كۈنلەپ ياتالماي قىينالغان. ئۇنىڭ ئۈستىگە كۆڭلىگە خىلمۇخىل شۇملۇقلارنى پۈكۈپ يۈرگەن ھېلىقى باغرى تاش كۈشەندە نەچچە كۈندە بىر قېتىم غالچىلىرىنى باشلاپ كىرىپ دادامنى ھەرخىل ئۇسۇللاردا قاتتىق ئۇرۇپ قىيناپ، ئاغزى، بۇرنىنى قان قىلقان. چىشلىرىنى تۆكۈۋەتكەن. بارماقلىرىنى، بىر نەچچە تال قوۋۇرغىسىنى سۇندۇرىۋەتكەن. پۈتۈن بەدەنلىرىنى كۆكەرتىۋەتكەن. دادام پەقەت ھۇشىدىن كەتكەندىلا زەھەرلىك ھىجايغىنىچە گېدىيىپ چىقىپ كەتكەن. دادام نەچچە كۈنلەرگىچە ئەسلىگە كېلەلمەي يېتىپ كەتكەن. بىر نەچچە قېتىم بىھۇش بولۇپ سەكراتقا چۈشكەن بولسىمۇ، تەقدىرنىڭ ئىرادىسى بىلەن مۆجىزىدەكلا ھايات قالغان. كېيىن جىسمانىي ۋە ئەقلى ئىقتىدارىدىن ئايرىلىپ جان ھەلقۇمغا يەتكەندىلا ئاندىن ياخشى نىيەتلىك بىر قىسىم  رەھبەرلەرنىڭ ئەھۋالدىن خەۋەر تېپىپ كۆڭۈل بۆلۈشى بىلەن، قارا كامىردىن ئادەتتىكى ياتاققا يۆتكەلگەن ۋە بەزى دورىلار بېرىلىپ، سالامەتلىكى ئازتولا ئەسلىگە كەلگەن. دېمەك، دادام رەھمەتلىك شۇ كۈنلەردە مىڭ ئۆلۈپ، بىر تىرىلگەن.
دادامنىڭ ئۈستىدىن پەقەت 1970- يىلىنىڭ بېشىغا كەلگەندىلا ئاندىن ئادىل سوتمۇ قىلىنمىغان، ئاقلىنىش ھوقۇقىمۇ بېرىلمىگەن ئەھۋال ئاستىدا ھۆكۈم ئېلان قىلىنغان. بۇ چاغدىكى سوت قىلىش ئىشلىرىمۇ ئىنقىلابنىڭ تەسىرى ۋە ئېھتىياجى ياكى قىسمەن شەخسنىڭ ئىرادىسىنى چىقىش قىلىپ ئېلىپ بېرىلىدىغان بولۇپ، ئۇنىڭ پۇنكتسىيىسى بەئەينى جاللات شىڭ شىسەي 1930- يىللاردا شىنجاڭغا ھۆكۈمرانلىق قىلغان مەزگىلدە قۇرغان مەخپى سوت ھەيئىتى ‹ 6 › نىڭكىگە ئوخشىشپ كېتەتتى.
دادام ئۈستىدىن چىقىرىلغان بۇ ھۆكۈمنامىنىڭ جىنايەت پاكىتلىرىنى بايان قىلىش قىسمى ناھايىتى ئۇزۇن بولۇپ، ئۇنىڭغا دادامنىڭ « پررولېتارىيات مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى » نىڭ « ئەڭ ئەشەددىي دۈشمىنى » بولۇپ، سىنىپىي تەركىۋى ئەڭ يۇقىرى بولغان زومىگەرنىڭ سېسىق تۇخۇمى ئىكەنلىكى، يەر ئاستى قارا ئۇۋىدا كومۇنىستىك پارتىيەگە قارشى تەربىيەلىنىپ چىققاندىن كېيىن كۆز بوياپ ئۈرۈمچىدىكى بيۇرو كادىرلار مەكتىپىگە سوقۇنۇپ كىرىۋالغانلىقى، كېيىن يەنە ماھىيىتىنى يوشۇرۇپ، پارتىيەنىڭ سىياسىي قانۇن قوشۇنىغا سىڭىپ كىرىۋېلىپ، ئوڭچىل ئاغدۇرمىچىلىق بىلەن شوغۇللانغانلىقى، بىر قىسىم ئەشەددىي ئەكسىل ئىنقىلابىي ئۇنسۇرلار بىلەن ئېغىز- بۇرۇن يالىشىپ، ئۇلارنىڭ جىنايىتىنى قانات ئاستىغا ئالغانلىقى، ئۇزۇنغىچە پارتىيە ۋە خەلققە قارشىي ئەكسىل ئىنقىلابىي جىنايى ھەرىكەتلەر بىلەن شوغۇللانغانلىقى، ئەمگەكچى ئامما ۋە ئومۇمنىڭ مال- مۈلكىنى ئېگەللىۋالغانلىقى، ئەڭ مۇھىمى، كەڭ خەلق ئاممىسى يىغىلغان سەپەرۋەرلىك چوڭ يىغىنىدا يۈرىكىنى قاپتەك قىلىپ، ئىنقىلاپقا قارشىي ئاشكارە ئەكسىيەتچىل شۇئار توۋلاپ، ئۆزىنىڭ ھەقىقىي ئەپتى- بەشىرىسىنى ئاشكالىغانلىقى، جىنايىتى پاش بولغاندىن كېيىن، ئىنقىلابىي كومىتېتنىڭ ۋە ئىنقىلابىي رەھبەرلەرنىڭ خىزمىتىگە توسقۇنلۇق قىلىپ، ئۇلارنى  ھاقارەتلىگەنلىكى، جىنايىتىنى تونۇماي، دۆلەت قانۇنى ۋە پۇرولېتارىيات ئىنقىلابى بىلەن ئاخىرغىچە جان تىكىپ ئېلىشقانلىقى، جىنايىتى ئىنتايىن ئېغىر بولۇپ، ئۆلۈم جازاسى بېرىلمىسە خەلقنىڭ غەزىپىنى باسقىلى بولمايدىغانلىقى... قاتارلىق ۋەزنى ئىنتايىن ئېغىر ئاتالغۇلار بىلەن مۇبالىغە قىلىنغان، ئويدۇرۇپ چىقىرىلغان ناھايىتى زور جىنايى قالپاقلار ئابىستراكت ھالدا تازا كۆپتۈرۈپ كەيدۈرۈلگەن بولسىمۇ، جىڭغا ئولتۇرغىدەك بىرەرمۇ كونكرېت جىنايەت جەريانى كۆرسۈتۈپ بېرىلمىگەن. ئاخىرىدا «  نەق ئەكسىل ئىنقىلاپچى ئۇنسۇر » دېگەن ئېغىر جىنايەت نامى بېكىتىلىپ، ئۆلۈم جازاسى بېرىپ، سىياسىي ھوقۇقىدىن ئۆمۈرۋايەت مەھرۇم قىلىنغان. نارازىلىق ئەرز بېرىش ھوقۇقىمۇ بېرىلمىگەنىدى.
« ھەقىقەت ئېگىلىدۇ، سۇنمايدۇ » دېگەندەك، بۇنىڭلىق بىلەن ھ X  X نىڭ دادامنى كۆزدىن يوقۇتۇشتەك ئەڭ زور ۋە ئەڭ شېرىن ئارزۇسى ئەمەلگە ئاشمىغان. ئۇ چاغلاردا، ئۆلۈم جازاسى بېرىلىدىغان جىنايەتچىلەرنىڭ دېلوسىنى ۋىلايەتتىكى ئالاقىدار تارماقلار تەكشۈرۈپ تەستىقلايدىغان بولۇپ، ئۇلار دادامنىڭ دېلوسىغا قاراپ چىققاندىن كېيىن، دېلو پاكىتىنى پوسكام ناھىيەلىك ئىنقىلابىي كومىتېت ۋە ئارمىيە تەرەپنىڭ يەنە بىر قېتىم ئىنچىكە تەكشۈرۈپ، ئېنىقلاپ، مۇزاكىرە قىلىشىدىن ئۆتكۈزۈپ قارار قىلىش، نەتىجىسىنى دوكۇلات قىلىش توغرىسىدا قارار قىلىپ قايتۇرغان. پوسكامدىكى ئالاقىدار كىشىلەر ئىچىدىكى بىر قىسىم ھەققانىي رەھبەرلەرنىڭ پىكرى، بولۇپمۇ، ئارمىيە تەرەپنىڭ ھەربىي ئىدارە قىلىش گورىپپىسىدىكى ۋەكىللەرنىڭ كۈچلۈك تەلىپى ۋە بېسىمى ئاستىدا، دادامغا بېرىلگەن جازا ئىككىنچى قېتىم مۇددەتلىك يىگىرمە يىللىق قاماق جازاسىغا ئۆزگەرتىلگەن. شۇنىڭ بىلەن بۇ ھۆكۈمنامە كۈچكە ئېگە قىلىنىپ، دادام يەكەن ناھىيەسى تەۋەلىكىدىكى پەيلۇ ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش مەيدانىغا ئاپىرىپ بېرىلگەن.
دادام پەيلۇدا ساق ئالتە يىل جازا ئۆتەپ بولغاندا « مەدەنىيەت زور ئىنقىلابىي » مۇ ئاخىرلاشقان. مەركەزنىڭ شۇ چاغدىكى ئۇۋال، خاتا، يالغان دېلولارنى تەكشۈرۈش، تۈزۈتۈش، ناھەق زىيانكەشلىككە ئۇچرىغانلارنىڭ سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، نامىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش توغرىسىدىكى بىر قاتار سىياسەت- بەلگىلىمىلىرىنىڭ روھىيغا ئاساسەن، ئۇ 1976- يىلىنىڭ ئاخىرلىرى ھۆرلۈككە ئېرىشكەن. بىراق، بۇ كۇپايە قىلمايتتى. شۇ چاغلاردا تېخى مەملىكەت مىقياسىدا قالايمىقانچىلىقلارنىڭ مەنبىيى تۈپتىن تازلىنىپ بولالمىغان، توپىلاڭدىن توغاچ ئوغۇرلاپ مەنسەپكە ئېرىشىۋالغان بەزى ھوقۇقدارلارنىڭ تەسىرى تەلتۆكۈس ئاخىرلاشمىغان بىر ئۆتكۈنچى مەزگىل بولغاچقا،  دادامغا بېرىلگەن مۇددەتلىك يىگىرمە يىللىق قاماق جازاسى ئۇنىڭ تۈرمىدە ئىجرا قىلىنىپ بولغان ۋاقتىغا توغرىلىنىپ، مۇددەتلىك ئالتە يىللىق قاماق جازاسىغا ئۆزگەرتىلىپ قويۇپ بېرىلگەن. دادام ئەسلىدىنلا ھ X X كە ئوخشاش ھەقىقىي قارا نىيەتلەرنىڭ تۆھمەت چاپلاپ ئۆچ ئېلىشى بىلەن، قىلچە گۇناھسىز ھالدا خاتا جازالانغان بولغاچقا، بۇنداق نەتىجىنى قەتئىي قوبۇل قىلالمايتتى.
ھەر قانداق بىر ئادەم ئۆز دادىسىنى يامان دېمەيدۇ. بىراق مەن تونۇيدىغان بىر قىسىم « دادا » لارغا سېلىشتۇرغاندا، دادام ئابلىمىت ياقۇپ ھەقىيقەتەن بىر غورۇرلۇق، ۋىژدانلىق، ھەققانىيەتچى دادا ئىدى. ئۇ ئۆز بېشىغا بۇنداق ئېغىر مۈشكۈلاتلارنىڭ چۈشۈشىنى زادىلا ئويلاپ باقمىغانىدى، چۈنكى ئۇ ھاياتىدا ئادەم تۇرماق، بىرەر ھاشارەتكە ئازار بېرىشنىمۇ ئېغىر گۇناھ ھېساپلايدىغان باغرى يۇمشاق دادا ئىدى.  ئۇنىڭ ھەققانىيەت تۇيغۇسى ناھايىتى ئېنىق بولۇپ، تۇرمۇشتا بېشىغا ھەرخىل دىشۋارچىلىقلار چۈشكەن نۇرغۇنلىغان كىشىلەرگە قولىدىن كېلىشىچە ياخشىلىقلارنى قىلغانىدى. ئۇ بۇنى ئۆزىنى ئادەم ھېساپلايدىغان ھەرقانداق بىر ئەقىل ئېگىسى قىلىشقا تېگىشلىك ئەقەللىي مىزان دەپ قارايتتى. بىراق ئۇ ھېچ ئىشتىن ھېچ ئىش يوقلا مۇشۇنداق ئېغىر بەدەل تۆلىگەن، « دۈشمەن »، « گىزەندە »، « جىن- شەيتان »، « ئەكسىيەتچى ئۇنسۇر »... دېگەندەك ئەڭ ئېغىر قالپاقلارنى كېيىپ، ئادەم تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايدىغان ئۇسۇللاردا قىيىن- قىستاقلارغا ئېلىندى. پوسكام تۈرمىسىدە تارتقان ئازابلىرى يەتمىگەندەك، پەيلۇغا ئاپىرىلغاندىن كېيىنمۇ، جىنايىتى  ئەڭ ئېغىر ئۇنسۇرلار قاتارىدا قاتتىق باشقۇرۇلغان، ئەڭ ئېغىر ئەمگەكلەرگە سېلىنغان. دۆڭلۈكنى يۆتكەپ زەيكەشنى تىندۇرۇپ، بوز يەر ئېچىش دولقۇنىدا، لەنجۇدا ئىشلەنگەن، ئىككى كۇپمېتىر توپا سىغىدىغان بىر چاقلىق يۇغان غالتەك ھارۋىدا ئىككى يىل  تۇپا، توڭ توشۇغان. شۇ جەرياندا توڭ تۇپا بېسىۋېلىپ، سول پۇتى يوتا قىسمىدىن سۇنۇپ كەتكەن. قېلىن مۇزنىڭ ئاستىلىرىغا  كىرىپ كېتىپ پۇت- قوللىرى ئۈششۈپ كەتكەن. ئۇ بۇ يەردە ئەكسىل ئىنقىلابچى، قاتىل، ئوغرى، بۇلاڭچى، باسقۇنچى... دېگەندەك جىنايەتچىلەر بىلەن بىللە قامالغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ بەزىلىرى دادامغا ئوخشاش ئۇۋالچىلىققا ئۇچرىغانلار بولسىمۇ، يەنە كۆپ بىر قىسمى ئۆزىنىڭ ئۆتكۈزگەن جىنايىتىگە لايىق جازاسىنى يېگەن ھەقىقىي جىنايەتچىلەر ئىدى. بۇنىڭ ئىچىدە ھەتتا دادام دېلوسىنى بىر تەرەپ قىلىشقا قاتناشقانلارمۇ بار بولۇپ، ئۇلار دادامغا قورسىقىدا غۇم ساقلاپ يۈرگەنىكەن. دادام بىر نەچچە قېتىم ئاشۇنداق چۈپرەندىلەرنىڭ توپلۇشۇپ بوزەك قىلىش، ھاقارەتلەش، كەمسىتىش ۋە ئۇرۇپ نەرسىلىرىنى تارتىۋېلىشتەك زىيانكەشلىكلىرىگە ئۇچرىغان. تۈرمىگە كىرىشتىن ئىلگىرى ئۇنىڭ يەتتە ئەزايى ساق، بەستى تاغ شەمشادلىرىدەك تىك يۈرۈيدىغان، بويى بىر مېتىر 75 سانتىمېتىر، ئېغىرلىقى سەكسەن كىلوگىرام كىلىدىغان بىجىرىم بىر ئەر ئىدى. تۇرمىدىن چىققاندا بولسا ئۆزىگە دىئابىت، بۇۋاسىر، يۈرەك قان- تومۇر كېسەللىكلىرى دېگەندەك كۆپ خىل بۇدۇشقاق كېسەللىكلىرىنى تېپىۋالغان، بەدىنىنىڭ نەچچە ئون يېرىنى قاتتىق تاياقتىن قېپقالغان تارتۇقلار قاپلىغان، ئىنسانىي قەدىر قىممىتى ئېغىر ئاياق ئاستى قىلىنىپ خورلانغان، تىل- تاياق دەستىدىن قەددى پۈكۈلگەن، ئېغىرلىقى قىرىق نەچچە كىلوگىرامغا چۈشۈپ قالغان بىر مەجرۇھ بوۋايغا ئوخشاپ قالغانىدى. ئۇنىڭ ئىناق ۋە بەختلىك ئائىلىسى ۋەيران بولدى. بالا- چاقىلىرى ئاچ- يالىڭاچلىقتا خار- زەبۇن بولدى. ھەتتا بىر بالىسىنى ئاشۇ بالايى ئاپەتلىك يىللار يەپ كەتتى.
ھېلىقى ھ X X كە كەلسەك، يۇقىرىدا دېيىلگەندەك، دادام تۇرمىدىن چىققاندىن كېيىن دەۋا ئىشى بىلەن پوسكام ناھىيەسىگە بىرنەچچە قېتىم بارغان بولۇپ، ئۇ ئۇ يەردە باشقىلاردىن بۇ ئىپلاس مەلئۇننىڭ ئالدىنقى يىلى بارلىق ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلىنىپ، كېيىن يۈرەك كېسىلى قوزغۇلۇپ تۇيۇقسىز بېشىنى يەپ ئۆلگەنلىكىنى ئاڭلاپتۇ. بىراق، بۇنىڭلىق بىلەن دادامنىڭ تارتقان ئۇۋالچىلىقىنىڭ ئورنىنى تولدۇرۇش مۇمكىنمۇ؟ ئۇ بۇ بەدەللەرنى زادى كىم ئۈچۈن، نېمە ئۈچۈن تۆلەيدۇ؟ بۇنىڭ بىر جاۋابى بولۇشى كېرەك-دە.
مانا شۇ خىل ئېغىر تەڭسىزلىكلەرنىڭ سەۋەبىنى تېپىش ئۈچۈن،  ئۇ يەنە يېڭى باشتىن ئادالەتنى ياقلاپ دەۋاغا چۈشكەن بولسىمۇ، ھازىرغىچە ئۇنىڭ شىكايىتىنى قۇلاق سېلىپ ئاڭلايدىغان، دەرتكە توشۇپ كەتكەن كۆڭلىنى چۈشىنىدىغان بىرەر ئورۇن ياكى مەسئۇلىيەتچان بىرەر رەھبەرنى تاپالماي كېلىۋاتاتتى.  باشنى سىغدۇرغىدەك بىرەر جايىمۇ، تۇرمۇشتىكى ئىقتىسادىي كىرىم مەنبىئىمۇ ۋە قىلىدىغان مۇقىم ئىشىمۇ بولماسلىق، ئىككى يىلدىن ئارتۇقراق ۋاقىتتىن بېرى توختىماي دەۋالىشىش، بىر ئائىلە كىشىلەرنىڭ ئۇنىڭ، بۇنىڭ ئۆيىدە ماكانسىزلارچە تىۋىنىپ كۈن ئۆتكۈزۈشى، كۈندىن كۈنگە كۆپىيىۋاتقان قەرزلەر . مانا بۇ ئېغىر يۈكلەر دادامنىڭ ئاجىز ۋە ئورۇق جىسمى ئۈستىدىن تاغدەك بېسىپ تۇراتتى. ئۇ بۇ كۈنلەرنىڭ يەنە داۋاملىشىشىغا ئەمدى بەرداشلىق بېرەلمەيتتى. مانا بۈگۈن ئۇنىڭ بارلىق ئۈمۈدى باغلانغان شاپائەت ئەلچىىسى بۇ يەرگە كەلگەندە، ئۇ بۇ پۇرسەتنى قولدىن بەرسە ھەرگىز بولمايتتى. قانداقلا بولمىسۇن، بۈگۈن بۇ كىشى بىلەن جەزمەن كۆرۈشۈپ، بۇ پاجىئەلەرنى ئۇنىڭغا بىلدۈرۈش كېرەك. شۇندىلا بۇ ئىشلاردىن قانائەتلىنەرلىك بىرەر خۇلاسە چىقىشى مۇمكىن ئىدى.

6
بىز سەمەن مېھمانخانىسىنىڭ دەرۋازىنىڭ ئالدىغا كېلىپ ئانچە ئۇزۇن ئۆتمەيلا بەش- ئالتىدەك « بېيجىڭ » ماركىلىق لاتا پىكاپ ۋە ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا كۆزنىڭ يېغىنى يىگۈدەك پارقىرايدىغان ئالى دەرىجىلىك چىرايلىق بىر كۈلرەڭ قوڭغۇز پىكاپ شەھەر مەركىزى تەرەپتىن كەلدى. مېھمانخانا دەرۋازىسى ئەتراپىدا مۇھاپىزەت ۋەزىپىسى ئۆتەۋاتقان ساقچىلار، ئەسكەرلەر ئۇلارنىڭ كەلگەنلىكىنى يىراقتىنلا كۆرۈپ، چاقماق تېزلىكىدە رەتلىك دىققەتتە تۇرۇپ، ماشىنىدىكى زاتلارغا چاس بېرىپ ھۆرمەت بىلدۈرۈشتى. بۇ يەرگە توپلىشىۋالغان كىشىلەر ھاياجانلانغان ھالدا بىر- ئىككى ئېغىزدىن « تۆمۈر شۇجى »، « تۆمۈر داۋامەت » دېيىشىپ قاراپ قېلىشتى. ماشىنا گورۇپپىسى ئۈستىگە كىچىككىنە كاناي ۋە مۇشتۇمچىلىك چوڭلۇقتا قىزىل ساقچى چىرىقى ئورنىتىلغان، ئۈستى يېرىمى ئاق، ئاستى يېرىمى كۆك سىرلانغان بىر ماشىنىنىڭ يول باشلىشىدا مېھمانخانىنىڭ قويۇق باغجانلىغان مەنزىرىلىك دەرەخلەر بىلەن قاراڭغۇلۇشۇپ تۇرغان قورۇسى ئىچىگە بىر- بىرلەپ كىرىپ كەتتى. دەرۋازا تەرەپكە گۆررىدە دەۋرەشكەن ئاۋامنى كۆك ئىشتان، ئاق چاپان، ئاق قاسقان شەپكە كېيىشكەن ساقچىلار ھە- دەپ نېرى ھەيدەيتتى. مېھمانخانىنىڭ ئالدى ئەسكەرلەر، ساقچىلار ۋە تۆمۈر داۋامەت بىلەن كۆرۈشۈش ئىستىكىدە نە- نەلەردىن كەلگەن دەرتمەنلەر بىلەن ئادەتتىن تاشقىرى ئاۋاتلىشىپ كەتكەنىدى. ئاڭلىغان خەۋەرلەردىن قارىغاندا، بۈگۈن يولداش تۆمۈر داۋامەتنىڭ قەشقەرگە كەلگىنىگە ئۈچ كۈن بولغان بولۇپ، بۈگۈن كەچتە قايتماقچى ئىكەن. كىشىلەر سەل سېلىككەندە، دادام بىر نەچچە قېتىم دەرۋازىدا پوستا تۇرغان ساقچىنىڭ يېنىغا بېرىپ تەلىپىنى دېگەن بولسىمۇ، تۆمۈر داۋامەت بىلەن كۆرۈشىشنى تەلەپ قىلىدىغانلار كۆپ بولغاچقا، ساقچىلار دادامنىڭ ئىلتىماسىغا زادىلا قۇلاق سالمىدى. دادام بىر چەتكە چىقىپ، سومكىسىدىن قەغەز، قەلەملىرىنى ئالدى- دە، ئۇنىڭغا بىر نەچچە قۇر خەت يېزىپ، بايام مېھمانخانا قورۇسىدىن چىقىپ  دەرۋازىنىڭ يەنە بىر تەرىپىدە توختىتىلغان ھېلىقى ساقچى پىكاۋىنىڭ يېنىغا بېرىپ، ئۇنىڭ ئىچىدە ئولتۇرغان ياشقا چوڭراق بىر ساقچىغا يېلىنىپ يۈرۈپ، خەتنى ئۇ كىشىگە تۇتقازدى.
ئەسلىدە دادام ئۇ قەغەزگە « ھۆرمەتلىك تۆمۈر شۇجى، مەن ئىنتايىن ئېغىر ئۇۋالچىلىققا ئۇچرىغان بىر دۆلەت كادىرى، بېشىمغا چىدىغۇسىز ئازابلار چۈشكەن بولسىمۇ، پارتىيەگە بولغان ساداقىتىم ۋە ئىشەنچىم قىلچە ئاجىزلاشقىنى يوق. بىراق بىرنەچچە يىلدىن بېرى ئۆز يۇرتۇمدا مۇساپىرچىلىق تارتىپ، ھازىرغىۋە باش تىققۇدەك يەر، بېشىمىزنى سىلىغۇدەك شەپقەتچى تاپالماي خارلىقتا يۈرىۋاتىمىز. مۈمكىن بولسا، قىممەتلىك ۋاقىتلىرىدىن بىر نەچچە مىنۇت ئاجرىتىپ، دەرت ئەھۋالىمىمنى ئاڭلاپ، شەپقەت قىلىشلىرىغا تەشنامەن، ئۆزلىرىدىن باشقا ھېچقانداق ئۆمۈدۈم قالمىدى » دېگەنلەرنى يازغانىكەن. بىز دەرۋازىدىن يېراقراق بىر يەردىكى قارا ياغاچلارنىڭ تۆۋىدە دەرۋازىدىن كۆز ئۈزمەي قاراپ ئولتۇراتتۇق. ۋاقىت ئۆتۈپ كېتىۋاتاتتى. دادامنىڭ ئادەتتە دائىم بىغەملەرچە كۈلۈمسىرەپ تۇرىدىغان چىرايىنى شۇ تاپتا قانداقتۇر بىر خىل غەم بۇلۇتلىرىنىڭ سايىسى ۋە بىر خىل تەقەززالىق ئالامەتلىرى جىددىي تۈسكە كىرگۈزگەنىدى. ئالاھەزەل، چۈشلۈك دەم ئېلىشقا بىرەر سائەتچە قالغاندا، ياشقا چوڭراق كەلگەن بايىقى ساقچى دەرۋازادىن چىقىپ، بىركىمنى ئىزدىگەندەك، تۆت ئەتراپقا بويۇنداپ قارىغىلى تۇرىۋىدى، دادام شۇ ھامان ئۇنىڭ ئالدىغا يۈگۈردى، بىزمۇ دادامغا ئەگەشتۇق.
- تالەيلىرى بار ئىكەن، تۆمۈر شۇجى سىلىنى قوبۇل قىلىدىغان بوپتۇ، يۈرسىلە- دېدى ئۇ ساقچى دادامغا. ئۇنىڭ دېيىشىچە، ئۇ بايىقى خەتنى تۆمۈر شۇجىنىڭ كاتىپىغا يەتكۈزۈپتۇ. تۆمۈر شۇجى چۈشلۈك دەم ئېلىش ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ، دادامنى قوبۇل قىلماقچى ئىكەن. بىز دادامنىڭ كەينىدىن تاپ باستۇرۇپ ماڭماقچى بولىۋىدۇق، ساقچىلار دادامنى كىرگۈزدى، لېكىن بىزنىڭ كىرىشىمىزگە يول قويمىدى. تەخمىنەن بىرەر سائەتچە ۋاقىت ئۆتكەندە دادام دەرۋازىنىڭ ئالدىدا پەيدا بولدى. ئۇنىڭ چىرايى خۇشھاللىق ۋە ھاياجاندىن باھار ئاپتىپىدەك ئېچىلىپ كەتكەنىدى. دادام ئۆزى بىلەن بىللە چىققان ياش بىر خىزمەتچى خادىم ( دادامنىڭ ئېيتىپ بېرىشىچە، ئۇ كىشى تۆمۈر شۇجىنىڭ كاتىپى ئىكەن ) نىڭ ھەمراھلىقىدا، بىزنى مېھمانخانا قورۇسىغا باشلاپ ماڭدى. بىز دادام ئېيتقان ھېلىقى « پەرىشتە يامغۇرى » نىڭ سېھىرلىك خاسىيىتىدىن يۇيۇنۇپ پاكىزلانغان، چىرايلىق ئارچا- قاراغايلار ۋە گۈلچىمەنلەر بىلەن بۈككىدە يېشىللىشىشقا باشلىغان جەننەتتەك گۈزەل قورۇدا كېتىۋاتاتتۇق. نەۋباھارنىڭ يامغۇردىن كېيىنكى نەم ھەم خۇشبۇي ھېدى ئادەمنى چەكسىز راھەتلەندۈرەتتى. بىز بۇ يۇغان قورۇدىن، ئاستى سىمۇنت ۋە كاھىشلار بىلەن قاتتىقلاشتۇرۇلغان چىغىر يوللاردىن ئۆتۈپ، ئېگىز دەرەخلەر ئارىسىدا سۈرلۈك قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان، ئۈستى يېشىل قاڭالتىر بىلەن قاپلانغان، رۇس ئۇسلۇبىدا سېلىنغان بىر قەۋەتلىك بىر بىنانىڭ كۆتۈرۈلۈپ تۇرغان پەلەمپەيلىرىنى بېسىپ، ئۇزۇن بىر كارىدۇرنىڭ قوش قاناتلىق ئىشىكىدىن كىردۇق. كۈندۈزى بولۇشىغا قارىماي، كارىدۇرنىڭ تورۇسىدىكى يۇغان ئاسما چىراقلار يېقىۋېتىلگەن بولغاچقا، قويۇق دەرەخلەرنىڭ سايىسىدا قاراڭغۇلۇشۇپ تۇرغان قورۇ باغچىسىغا قارىغاندا، كارىدۇرنىڭ ئىچى خېلىلا يورۇق ئىدى. كارىدۇرنىڭ تېمىنىڭ ئاستى يېرىمى يېشىل رەڭدە، ئايىقىمىز ئاستىدىكى ياغاچ پول توق قىزىل رەڭدە سىرلانغانىدى. كارىدۇرنىڭ ئوتتۇرىسىغا بۇ باشتىن ئۇ باشقىچە بويلۇتۇپ ئۇزۇن پايانداز سېلىنغان بولسىمۇ، پولنىڭ ئاستى بوشلۇق بولغاچقا، ئادەم ھەر بىر قەدەم باسقاندا، خۇددىي يەرنىڭ ئاستىدىن ئاڭلانغاندەك « دۇڭ، دۇڭ... » قىلغان سۈرلۈك ۋە بوش ئاۋاز ئاڭلىنىپ تۇراتتى. كارىدۇرنىڭ ئوتتۇرىسىغىراق كەلگەندە ھېلىقى خىزمەتچىنىڭ باشلىشى بىلەن بىز ئوڭ تەرەپتىكى بىر ئۆيگە كىردۇق. ئۆي ئىچكىرى- تاشقىرى ئىككى ئېغىزلىق بولۇپ، ناھايىتى ھەشەمەتلىك ئىدى. ئىچكىركى ئۆينىڭ ئىشىكى قىيا ئوچۇق بولۇپ، ئۇ يەردىن پاكىز كىرلىك بىلەن ئورالغان يۇمشاق كارۋات كۆرۈنۈپ تۇراتتى. تاشقىرقى ئۆيدىكى بىر ئورۇندۇقتا قانداقتۇر بىر دەستە ماتىرىيالنى كۆرۈپ ئولتۇرغان، پۈتكۈل ئۈستى- بېشىدىن بىر خىل سالاپەت، پاكىزلىق، چېھرىدىن نۇر يېغىپ تۇرىدىغان بىر كىشى بىزنى كۆرۈپ ئورنىدىن تۇردى ۋە قىزغىنلىق بىلەن ئۆيگە ئالاھىدە سۆلەت قوشۇپ تۇرغان يۇمشاق ئەترەڭ كىرىسلوغا تەكلىپ قىلدى. بىز مايلاپ قويغاندەك پاكىز بۇ ئۆينى پاسكىنا قىلىپ قويۇشتىن ئېھتىيات قىلىپ، كىرىسلونىڭ بىر تەرىپىدە قورۇنۇپقىنا ئولتۇردۇق.
- مانا بۇ بايا ئۆزلىرىگە گىپىنى قىلىپ بەرگەن بالىلىرىم، بۇ يۇغان باش چوڭ بالام ئەركىنجان بولىدۇ، ئاۋۇ ئوتتۇرىدا مىسكىنغىنا ئولتۇرغىنى يالغۇز قىزىم نۇرىگۇل، ماۋۇ چۈجىدەك ۋىجىكى مەمەتجان- دېدى دادام بىزنى تونۇشتۇرۇپ. ئاندىن- بالىلىرىم، بۇ كىشى بىز ئۇزۇندىن بېرى كۆرۈشۈشنى تەقەززالىق بىلەن ئارزۇ قىلغان شەپقەتچىمىز تۆمۈر شۇجى، تۆمۈر داۋامەت بولىدۇ- دېدى  ھاياجان بىلەن.   
- قورۇنماڭلار بالىلىرىم، بەھوزۇر ئولتۇرۇڭلار- دېدى بىزنىڭ تېخىغىچە تارتىنىپ تۇرغىنىمىزنى كۆرگەن تۆمۈر داۋامەت ئاكا بىزنىڭ ئۈستباشلىرىمىزغا مېھرىبانلىق بىلەن بىر- بىرلەپ سەڭگىرىپ.
- بايا داداڭلار ھەممىنى دېدى، كۆپ رىيازەت چېكىپسىلەر بالىلىرىم، سىلەر بىلەن كۆرۈشەلمىگەن بولسام ھەقىقەتەن تولىمۇ ئەپسۇسلىنارلىق ئىش بولاتتىكەن- دېگەچ ئورنىدىن تۇرۇپ بىزنىڭ ئالدىمىزغا كەلدى:
- نەچچە ياشقا كىردىڭىز- دېدى ئۇ مېنىڭ ئۆڭۈپ، كونىراپ كەتكەن سىمۇنترەڭ سىم شەپكەم ‹7› نى قولىغا ئېلىپ كۆرگەچ بېشىمنى سىيلاپ.
- ئون ئالتىگە.
- خەت بىلەمسىز؟
- ياق.
- ئوقۇغىڭىز بارمۇ؟
- بار...
ماڭا ئەۋلىيالاردەك تەسىر بەرگەن بۇ كىشى ھەممىمىز بىلەن خۇددىي ئاتىلارچە مېھرىبانلىق بىلەن بېشىمىزنى سىيلاپ تۇرۇپ سۆزلەشكەندىن كېيىن، ئەترەڭ دۇخاۋا پەردىلىرى تۈرمەكلەپ قويۇلغان چوڭ دەرىزىنىڭ يېنىدىكى ئورۇندۇققا بېرىپ ئولتۇردى- دە، بىزنىڭ قاتمۇ- قات ياماق چۈشكەن، تۈگمىلىرى ئۈزۈلگەن جۇلدۇر كېپەن كىيىم- كېچەكلىرىمىزگە، يالاڭ ئاياق يۈرۈپ بىلەي تاشتەك قېتىپ قارىداپ كەتكەن پۇتلىرىمىزغا  قايتىدىن يەنە سەپسالدى ۋە تۇساتتىن مېنىڭ باياتىندىن بېرى يوشۇرۇش بىلەن ئەۋارە بولىۋاتقان ئوڭ پۇتۇمنى كۆرۈپ قالدى:
- ۋويئ، پۇتىڭىزغا نېمە بولدى؟ - دېدى ئۇ يەنە ئورنىدىن تۇرۇپ.
-ھېچ، ھېچ ئىش بولمىدى- دېدىم مەن نېمە دەپ جاۋاب بېرىشنى بىلمەي ئايرىم كىشىلىك بىر كىرىسلودا ئولتۇرغان دادامغا قورقۇمسىراپ قاراپ.
ئەسلىدە، مەن بايا كىرىۋېتىپ، قورۇدىكى ھېلىقى چىرايلىق چىغىر يولنىڭ ئەگىلىشىدىن ئۆتكىچە، كەپسىزلىك قىلىپ، كۆزۈمگە يىشىل گىلەمدەك چىرايلىق كۆرۈنگەن چىملىق بىلەن ئۇدۇللاپ ماڭغانىدىم، شۇ چاغدا يىللاردىن بېرى چوڭ داداملارنىڭ قويىنى بېقىش جەريانىدا ساسلىق- پاتاسلىقلاردا يالاڭ ئاياق يۈرۈپ ھاۋانچىنىڭ تېشىدەك قېتىپ كەتكەن ئاشۇ پۇتلۇرۇمنىڭ ئوڭ تەرەپتىكى بىر بارمىقىنى چىملىقتىكى ئەينەك پارچىسىدەك بىر نەرسە يارىلاندۇرغانىدى، بايا تۆمۈر داۋامەت ئاكا ئاشۇ جايدىن چىقىۋاتقان قاننى كۆرۈپ قالغانىدى:
- دوختۇرنى چاقىرىڭ- دېدى ئۇ شىرەسىنىڭ قارشىسىدا نېمىلەرنىدۇر خاتىرىلەپ ئولتۇرغان كاتىپىغا. ھايال ئۆتمەيلا، دوختۇر سومكىسى كۆتۈرگەن، ئاق خالاتلىق بىر خانىم كىرىپ مېنىڭ پۇتۇمنى تازىلاپ تاڭدى، ئارقىدىن پۇتۇم ئاستىدىكى گىلەمگە ساقىغان قانلارنى تازلىدى. شۇ ئارىدا ياش مۇلازىملار كۆتۈرۈپ كىرىشكەن غىزالار ئالدىمىزدىكى چوڭ چاي شىرەسى ئۈستىگە تولدۇرىۋېتىلدى.
- ئېلىڭلار باللىرىم، تارتىنماي قورسۇقۇڭلار تويغۇچە يەڭلار- دېدى تۆمۈر داۋامەتمۇ بىزنىڭ يېنىمىزغا كېلىپ ئورۇن ئېلىپ بىللە غىزالانغاچ. سۈتتەك ئاق موما، بۇلاق مانتا، پېتىر مانتا، پىلتە قۇيماق، يۇمشاق نان، شورپا، گۆش ۋە ئۇششاق ئاق، قىزىل تۇرۇپ، كەرەپشە، كۈدە قاتارلىق يېڭى كۆكتاتلاردىن قىلىنغان، گۆشلۈك، تۇخۇملۇق ھەر خىل قورۇمىلاردىن كېلىۋاتقان مەزىلىك پۇراقلار كىشىنىڭ كۈچلۈك ئىشتىھاسىنى قوزغايتتى. بىز بۇ چاغقىچە بۇنداق ئىسىل غىزالارنى كۆرۈپ ھەم تېتىپ باقمىغانىدۇق، شۇڭا مەنمۇ ئۇكىلىرىمغا ئەگىشىپ ئاچكۆزلۈك بىلەن تاماققا تۇتۇش قىلدىم. خېلى ۋاقىتلاردىن بېرى بىرەر ۋاخ تويغۇدەك غىزالىنىشقا قادىر بولالمىغان، ئاچلىقتىن تارتىشىپ كەتكەن قورساقلارمۇ  بىردەمدىلا غىققىدە تويۇپ كەتتى.
- ئالدىنقى يىلى ئۈرۈمچىگە بېرىپ مېنى ئىزدىگەنلىكلىرىنى  ئاڭلىغانىدىم. كەچۈرمىشلىرىنى قالدۇرغان ئەرز- شىكايەتلىرىدىنمۇ ئاز- تولا بىلگەنىدىم. خىزمەتنىڭ ئالدىراشچىلىقىدا بۇ ئىشلارغا كۆڭۈل بۆلەلمىدىم. بۈگۈن سىلى بىلەن كۆرۈشكىنىم ناھايىتى ياخشى بولدى، ئەھۋالنى تېخىمۇ تولۇق چۈشەندىم ۋە كۆردۈم شۇنداقلا بىر قېتىم ناھايىتى ئەھمىيەتلىك ئەمەلىي دەرس ئاڭلىغاندەك بولدۇم، بۈگۈن بۇ سەرگۈزەشتىلەرنى تەپسىلىي ئاڭلاپ تولىمۇ تەسىرلەندىم. كۆڭلۈممۇ سىلەرنىڭكىگە ئوخشاشلا ئازابلاندى. دەرۋەقە، بۇ بىر زور پاجىئە، ئون يىل داۋاملاشقان پاجىئە بولدى. نۇرغۇنلىغان كىشىلەر، مۇنەۋۋەر يولداشلار زەربە يىدى، نۇرغۇنلىغان ئائىلىلەر ۋەيران بولدى، ھېچكىم كۆرۈشنى خالىمايدىغان بۇ قالايمىقانچىلىقلارغا ئاخىرى خاتىمە بېرىلدى- دېدى تۆمۈر داۋامەت ئاكا غىزالىنىپ بولغاندىن كېيىن يۇمشاق قەغەز بىلەن ئاغزىنى سۈرتكەچ ئورنىدىن تۇرۇپ سالماقلىق بىلەن. رەتلىك، يارىشىملىق كېيىنگەن، قاش، كىرپىكلىرى ئۆسكىلەڭ، بويى دادامدىن ئېگىزرەك كەلگەن، پاكىزلىقتىن چىرايىدىن نۇر يېغىپ تۇرىدىغان بۇ سالاپەتلىك كىشى دادامدىن سەككىز- ئون ياش چوڭ بولسىمۇ، قارىماققا دادامدىن خېلىلا ياش كۆرۈنەتتى. ئۇ دادامغا بۇ ئىنقىلاپنىڭ بىزگە ئوخشاش ساناقسىز ئائىلىلەرنى خانىۋەيران قىلغانلىقى، نۇرغۇنلىغان كوممۇنىستلارنىڭ، ئىلغار  يولداشلارنىڭ مۇشۇ سەۋەپتىن ناھەق زىيانكەشلىككە ئۇچرىغانلىقى، بەزىلىرىنىڭ ھەتتا ئېتىۋىتىلگەنلىكى، تاياق- توخماق بىلەن ئۆلتۈرىۋېتىلگەنلىكى، تۈرمە، قاماقخانىلارنىڭ بىگۇناھ كىشىلەر بىلەن تولۇپ كەتكەنلىكى، بۇ ئىنقىلابنىڭ دۆلىتىمىزنىڭ سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇش تەرەققىياتىغا ئېلىپ كەلگەن زېيىنىنىڭ تېخىمۇ زور ئىكەنلىكى، جياڭ چىڭ باشچىلىقىدىكى تۆت كىشىلىك گوروھ ۋە ئۇنىڭ بىر قىسىم گۇماشتىلىرى تارمار قىلىنغاندىن كېيىن، پارتىيىمىز مەدەنىيەت زور ئىنقىلابىنىڭ ساۋاقلىرىنى چوڭقۇر يەكۈنلەۋاتقانلىقى، ناھەق، يالغان، خاتا، ئۇۋال قىلىنغان دېلولار ھازىر تۈزۈتىلىۋاتقانلىقى قاتارلىق مەسىلىلەرنى ئېيتىپ، دادامغا تەسەللىي بەردى.
دېمىسىمۇ، « مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى » دا زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان يالغۇز داداملا ئەمەس. تۈرلۈك بەتناملار بىلەن يۇغان قالپاقلار كەيدۈرۈلۈپ قىيىن- قىستاققا، سۇلاققا ئېلىنغانلار، ئۆلۈم جازاسى ھۆكۈم قىلىنىپ ئېتىلىپ كەتكەنلەر، ئامالسىزلىقتىن ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋالغانلار، نېرۋىسىدىن ئادىشىپ ساراڭ بولۇپ قالغانلار، خانىۋەيران بولۇپ، ئېغىر ئازاپ تارتقانلارنىڭ سانى ھەقىيقەتەن ئاز ئەمەس ئىدى. بۇنىڭ ئىچىدە يۇقىرىدا ليۇ شياۋچى، دېڭ شياۋپىڭ، خې لوڭ، تاۋ جۇ قاتارلىق دۆلەت رەھبەرلىرىدىن تارىپ تۆۋەندە ئاددىي ئاۋامغىچە بار ئىدى. 1978- يىلى چاقىرىلغان پارتىيە 11- نۆۋەتلىك 3- ئومۇمى يغىنىدىن كېيىن، « مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى » جەريانىدا بىر تەرەپ قىلىنغان سىياسىي دېلولارنى قايتا تەكشۈرگەندە، ئۇنىڭ % 98 تىن كۆپرەكى خاتا بېكىتىلگەنلىكتىن تۈزۈتىلگەن ياكى ئۆزگەرتىپ بىر تەرەپ قىلىنغان.
ئاخىردا، بۇ پەرىشتىدەك باغرى يۇمشاق زات پۈتۈن جىسمىدىن سەمىمىيلىك يېغىپ تۇرغان ھالدا ئالدىمىزغا كېلىپ:
- بالىلىرىم خاتىرجەم بولۇڭلار، ئۇ كۈنلەر ئەمدى كەلمەسكە كەتتى، بۇنىڭدىن كېيىن ئۆي- ماكانىڭلارمۇ بولىدۇ، ئاچمۇ قالمايسىلەر، يېڭى كىيىملەرنىمۇ كېيەلەيسىلەر، مەكتەپكىمۇ كىرەلەيسىلەر، ياخشى ئوقۇپ، كەلگۈسىدە داداڭلاردەك غەيرەتلىك، قەيسەر، ياراملىق ئادەم بولۇڭلار، بولامدۇ؟- دېدى مېھرىبانلىق ۋە ئۈمۈتلىك نەزەر بىلەن...
مەن بۇ ئەسلىمىنى يېزىش داۋامىدا يولداش تۆمۈر داۋامەت ئاكىنىڭ مىللەتلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنغان « ھايات گۈلشەنىدىن تەرمىلەر » ماۋزۇلۇق كۈندۈلىك خاتىرە ئاساسىدىكى زور ھەجىملىك كىتابىنى ۋە « ھايات مۇساپىسى » ماۋزۇلۇق ئىككى توملۇق ئەسلىمىلەر توپلىمىنى كۆرۈپ چىقتىم. ئالدىنقى كىتابىغا بۇ زاتنىڭ 1949- يىل 12- ئايدىن، 2005- يىل 9- ئايغىچە بولغان 55 يىلدىن ئارتۇقراق ۋاقىتتا خاتىرىلەپ ماڭغان، زور، مۇھىم ۋە ئەھمىيىتى زور بولغان مىڭ پارچىدەك قول يازمىسى كىرگۈزىلگەن. كېيىنكى كىتابىدا ئاپتۇرنىڭ توغۇلۇپ ئەقلىنى بىلگىدەك بولغاندىن كېيىنكى ئائىلە نەسەبنامىسىدىن تارتىپ، 2008- يىلنىڭ ئاخىرىغىچە بولغان 80 يىلدەك ۋاقىت جەريانىدا بېشىدىن ئۆتكەن، مۇھىم تارىخي ئەھمىيەتكە ۋە رىئال ئەھمىيەتكە ئېگە بولغان 230 پارچىدەك زور تارىخىي ۋەقەلەر يۇقىرى بەدىئىي ماھارەت بىلەن يېزىپ چىقىلغان بولۇپ، مەن بىز بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ ھاياتىغا ناھايىتى زور تەسىر كۆرسەتكەن ئاشۇ قېتىملىق تەپسىلاتلار ئۇچراپ قالسا ئەجەپ ئەمەس دېگەن ئۈمۈد بىلەن، بۇ كىتابلارنىڭ 1978- يىلىدىكى قىسمىنى تەپسىلى ئاقتۇرغان بولساممۇ، ئۇ ئىشلار توغرىسىدا بىرەر يىپ ئۇچى تاپالمىدىم. دېمىسىمۇ بىز ئۈچۈن ئەڭ ئەھمىيەتلىك ۋە ئەڭ زور بولغان بۇنداق ئىشلار بارلىقىنى ۋەتەن ۋە خەلقنىڭ سائادىتىگە بېغىشلىۋەتكەن يولداش تۆمۈر داۋامەت ئاكىغا ئوخشاش مۇھىم رەھبەرلەر ئۈچۈن ھەر كۈنى نەچچە ۋاخ ئۇچراپ تۇرىدىغان ئادەتتىكى ئىشلار ئەمەسمۇ؟ يولداش تۆمۈر داۋامەت ئاكىنىڭ سەمىمىي غەمخورلىقى ۋە شەپقىتىگە ئېرىشكەن يالغۇز بىزلىمۇ، بۇ خىلدىكى تەپسىلاتلارنى خاتىرلەپ بولۇش مۇمكىنمۇ...؟ دېگەنلەرنى ئويلاپ، كۆڭلۈم تەسكىن تاپتى.
دەرۋەقە، شۇ كۈنى چۈشلۈك دەم ئېلىش ۋاقتى توشقاندىن كېيىن، بۇ ھەشەمەتلىك مېھمانخانىدىن خۇشھال ۋە كۆتۈرەڭگۈ روھ بىلەن قايتىپ چىقتۇق. كەچقۇرۇن ئىشتىن چۈشكەن مەھەلدە، بىر لاتا پىكاپ كېلىپ بىزنى ھاجى ئېلىنىڭ ئۆيىدىن ئېلىپ چىقىپ، قەشقەر ۋىلايەتلىك پارتكوم كادىرلار مېھمانخانىسىغا ئېلىپ باردى ۋە پىكاپتىكىلەر بىزنى بۇ مېھمانخانىنىڭ تۆت كارۋات قويۇلغان بىر ئېغىزلىق ياتىقىغا ئورۇنلاشتۇردى. تاماقنىمۇ مۇشۇ مېھمانخانىنىڭ كادىرلار ئاشخانىسىدىن ھەقسىز يىدۇق. ئارىدىن بىرەر ئايچە ۋاقىت ئۆتكەندە، بىزنى مەخسۇس ماشىنا بىلەن پوسكام ناھىيەسىگە ئاپىرىپ، ناھىيەلىك ھۆكۈمەت مېھمانخانىسىغا، ئاندىن بۇ ناھىيەنىڭ ياستۇڭ ئورمانچىلىق مەيدانىغا ئاپىرىپ، ئۇ يەردە ئالدىن تەييار قىلىنغان بىر يۈرۈشلۈك ئۆيگە ئورۇنلاشتۇردى. دەرۋەقە دادامنىڭ خىزمىتى، مائاشى ئەسلىگە كەلگەن، نوپۇسىمىز يېڭىباشتىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان، دادامنىڭ خىزمەتتىن توختىتىلغاندىن كېيىنكى نەچچە يىللىق مائاشى تولۇقلاپ بېرىلگەنىدى. ئارزۇيىمىز ئاخىرى ئەمەلگە ئېشىپ، قايتىدىن بەختلىك بىر ئائىلىگە جەم بولدۇق. دېمەك، گۈزەل ۋە غايىۋىي چۈشكە ئوخشايدىغان بۇ قىممەتلىك مىنۇتلار شۇنىڭدىن باشلاپ، بىزنىڭ رىئال تۇرمۇشىمىزغا ئايلاندى. بۇ شېرىن ھېس- تۇيغۇلارنى بىزگە ئاشۇ پەرىشتىدەك كاتتا زات بەخىش ئەتكەنىدى.
دادامنىڭ خەۋەر تېپىشىچە، ۋىلايەت ۋە ھەر قايسى ناھىيەلەرنىڭ ئاساسلىق رەھبەرلىرى قاتناشقان ئاشۇ كۈنى چۈشتىن كېيىنكى يىغىندا، يولداش تۆمۈر داۋامەت دادام ۋە بىزنىڭ ئائىلىنى مىسال قىلىپ تۇرۇپ، بىگۇناھ ۋە خاتا ھالدا زىيانكەشلىككە، خانىۋەيرانچىلىققا ئۇچرىغان بارلىق كادىرلارنىڭ دېلولىرىنى مەركەزنىڭ تەلىپى بويىچە تېزدىن تەكشۈرۈپ ئېنىقلاش، تۈزۈتىشكە تېگىشلىكلىرىنى چوقۇم تۈزۈتىش، خىزمىتىنى، نامىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش سىياسىتىنى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈش، توختىتىۋېتىلگەن ئىش ھەققىنى بەلگىلىمە بويىچە تولۇقلاپ بېرىش، ئائىلىسىنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇپ خاتىرجەم قىلىش، بۇ خىزمەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى دادامنىڭ دېلوسىغا قول تىقىشتىن باشلاش... قاتارلىق مەسىلىلەر توغرىسىدا كەسكىن ئورۇنلاشتۇرۇش قىلغان ئىكەن.

7
ياستۇڭ ئورمانچىلىق مەيدانى پوسكام ناھىيەسىنىڭ تەخمىنەن 50 كىلومېتىرچە غەربىگە جايلاشقان، غەرپتىن شەرققە سوزۇلغان، جەنۇپ تەرىپى پامىر تاغلىرىنىڭ شەرقى- جەنۇپ گىرۋىكى بىلەن، شىمال تەرىپى زەرەپشان دەرياسى بىلەن پاسىل ئايرىپ تۇرىدىغان، ھاۋاسى بەكمۇ پاكىز، مەنزىرىسى رىۋايەتلەردىكىدەك گۈزەل بىر توغراق ماكانى ئىدى. ( بۇ يەر ھازىر « ئالتۇن توغراق سەيلىگاھى » دېگەن نامى بىلەن يىراق- يېقىنغا داڭق چىقارغان بولۇپ، جاي- جايلاردىن كەلگەن ساياھەتچىلەرنىڭ ئايىقى ئۈزۈلمەيدىغان بىر كاتتا ئىستىراھەت ماكانىغا ئايلاندى.)  دادامنىڭ سىياسىتى ئەمەلىيلەشكەندىن كېيىن، ئالدى بىلەن بۇ يەرنىڭ تەنگە ھوزۇر، جانغا راھەت بېغىشلايدىغان ساپ مۇھىتىدىن بىر مەزگىل بەھىر ئېلىپ، نېرۋىسىنى ۋە سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش قارارىغا كەلگەنىدى. ئۇنىڭ بۇ تەلىپىنى ئالاقىدار ئورۇنلارمۇ ماقۇل كۆرگەنىدى. بىزنىڭ بەختلىك ۋە ھەقىقىي ئىنسانلارغا خاس قەدىر- قىممىتىمىز  ۋە نورمال تۇرمۇشىمىزمۇ مانا شۇنىڭدىن باشلاندى.
1978- يىل 9- ئايدا، بىز ئۈچ بالا بىراقلا مەكتەپكە كىردۇق. مەن ئۇ چاغدا 16 ياشتا بولۇپ، ئۇنىڭدىن ئىلگىرى دادامنىڭ يىتەكلىشى بىلەن بىر قىسىم ھەرىپ ۋە سانلارنى يېزىش ۋە ئوقۇشنى ئۆگىنىۋالغانلىقىم ۋە يېشىمنىڭ چوڭلىقىغا ئاساسەن، ئوقۇشنى باشلانغۇچنىڭ 2- يىللىقىدىن باشلىدىم. ئۆگىنىش نەتىجەم ياخشى بولغاچقا، كىيىنكى يىلى ئىككىنچى سىنىپتىن بىراقلا 5- يىللىققا ئاتلاپ قوبۇل قىلىندىم. 1980- يىلى يازدا دادامنىڭ خىزمىتى مارالبېشى ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە يۆتكەلگەنلىكى ئۈچۈن، ئائىلىمىزمۇ مۇشۇ ناھىيەگە كۆچۈرۈپ كېلىندى. موشۇ ئارىلىقتا دادام بىر تەرەپتىن دەم ئالغاچ بىر قىسىم ماقالىلارنى، ئەسلىمىلەرنى يېزىپ گېزىتلەردە ئېلان قىلدۇردى ( ئەپسۇسكى، ئۆي چېقىش، ئۆي كۆچۈش، ھۆل يېغىندا قېلىش قاتارلىق سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن، دادام يېقىنقى يىللارغىچە خۇددىي قىممەتلىك ئەڭگۈشتەردەك قاتمۇ- قات ئۇراپ ئەتىۋارلاپ ساقلاپ كەلگەن بۇ تەۋەرۈك ئەسەرلىرى  ئۇنىڭ بىر قىسىم خۇسۇسىي ماتىرىياللارى بىلەن قوشۇلۇپ يۇقۇلۇپ كەتكەن بولۇپ، ھازىر قولىمىزدا ئۇنىڭ ئازراقلا قول يازمىلىرى ۋە بىر قىسىم ۋەسىقە- خاتىرە بويۇملىرىلا قېپقالدى ). يەنە بىر تەرەپتىن ئۆز خىزمىتىگە ئاستا- ئاستا كېرىشىپ كەتتى. 1988- يىلى فىنسىيەگە چىقىپ، 2006- يىلى 4- ئاينىڭ 23- كۈنى 72 يېشىدا خاتىرجەم ھالدا ئالەمدىن ئۆتتى.
مەن ئوتتۇرا مەكتەپنى مارالبېشى ناھىيەسىدە پۈتتۈردۈم ۋە ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدىن ئۆتۈپ، 1985- يىلى 9- ئايدا، سابىق شىنجاڭ سىياسىي قانۇن باشقۇرۇش كادىرلىرى ئىنىستېتۇتىنىڭ قانۇن كەسپىگە قوبۇل قىلىندىم. 1988- يىل 7- ئايدا ئوقۇش پۈتتۈرۈپ، قەشقەر ۋىلايەتلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسىگە تەخسىم قىلىنىپ، ھازىرغىچە مۇشۇ ئورۇندا سوتچى بولۇپ ئىشلەۋاتىمەن. بۇ مەھكىمىدە ئىشلىگەن 25 يىلدەك ۋاقىتتىن بېرى دېلولارنى ياخشى بىر تەرەپ قىلغانلىقىم ئۈچۈن، كۆپ قېتىم شان- شەرەپلەرگە، ياخشى باھالارغا ۋە باشقىلارنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشىپ، ئۆز قىممىتىمنى نامايەن قىلىش پۇرسىتىگە نائىل بولدۇم. كىچىك چېغىمدىن باشلاپلا، ئەدەبىياتقا زوقمەن بولغانلىقىم ئۈچۈن، بوش ۋاقىتلاردا قولۇمغا قەلەم ئېلىپ، بىر قىسىم ئەسەرلەرنى ئىجاد قىلىپ، ھەر قايسى ئاخبارات ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلدۇردۇم. بىر نەچچە پارچە كىتابلىرىممۇ نەشىر قىلىندى. تۇرسۇنجان ئىسىملىك ئوغلۇم ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ، ھازىر جامائەت خەۋپسىزلىكى قوشۇنىدا خەلق ساقچىسى بولۇپ ئىشلەۋاتىدۇ. يەنە ئىككى قىزىم ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتىدۇ. سىڭلىم نۇرىگۇل دۆلەت ئېگىلىكىدىكى مەلۇم كارخانىدا ئىشلەۋاتىدۇ، ئۇنىڭ بىر قىزى شاڭخەيدە ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتىدۇ. ئىنىم مەمەتجان خەلق ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ ئىشلەۋاتىدۇ.
دادام ئابلىمىت ياقۇپ ئەزەلدىن باشقىلارغا خۇشامەت قىلىشنى ئەڭ يامان كۆرىدىغان، پايدا- زىيان ئالدىدا غورۇرىنى يوقۇتۇپ قويمايدىغان، تەكەببۇرلۇق ۋە نەپسانىيەتچىلىكنى كاللىسىغا زادىلا  سىغدۇرالمايدىغان، ئىستىلدا دۇرۇس، كەسپتە قىزغىن ۋە ھەققانىي، تۇرمۇشتا ئاددىي- ساددا ئادەم بولغاچقا، بايلىق ۋە مەنسەپ دېگەنلەرگە ئۆزىنى ئۇرۇپ كەتمەيتتى. شۇ سەۋەپتىن ئۇنىڭ خىزمىتى ئەسلىگە كەلگەن بولسىمۇ، قىلچە مەنسەپ كويىدا بولمىغان، فىنسىيىگە چىققاندىمۇ پەقەت مۇئاۋىن بۆلۈم دەرىجىسى بىلەن چىققان. ئۇنىڭ تەشكىل بەرگەن ئىش ھەققىدىن باشقا ھېچقانداق كىرىمى بولمىغاچقا، ئەل قاتارى بىرەر يۈرۈش ئۆي- جايمۇ قىالالمىغان. ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە مارالبېشى ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسى ئاجرىتىپ بەرگەن كونا ئىككى ئېغىزلىق ئۆيدە بەلگىلىمە بويىچە ئىجارە ھەققى تۆلەپ ئولتۇرغان. بىز ئۈچ بالىمۇ مۇشۇ ئۆيدە  يېتىپ- قوپۇپ چوڭ بولۇپ، ئالىي مەكتەپلەرگە كەتكەنىدۇق. دادام ئازغىنا ئىش ھەققى بىلەن بىزنى كەينى- كەينىدىن ئوقۇتۇش، خىزمەتكە ئورۇنلاشتۇرۇش، ئۆيلۈك- ئوچاقلىق قىلىش ۋە ئۆزى داۋالىنىش قاتارلىق زۆرۈرىيەتلەر سەۋەبىدىن ھەتتا ئاز- تولا قەرزدار بولۇپمۇ قالغانىكەن. ئۇ ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن، بۇ ئىشلارنى بىز بىر تەرەپ قىلدۇق.
دېمەك، دادام بىزگە پۇل- مال ياكى باشقا ماددىي بايلىق مىراس قالدۇرالمىغانىدى. ئەمما، ئۇ كۆز يۇمۇش ئالدىدا بىز ئۇنىڭدىن رازىلىق سورىغىنىمىزدا، ئۇ بىزگە « ھەرقانچە نامراتلىشىپ كەتسەڭلارمۇ، ئاچ قالساڭلارمۇ قان- تەرىڭلار سىڭمىگەن مەنپىئەتتىن تەمە قىلماڭلار، خىزمەتنى پۈتۈن نىيەت، ئىقبالىڭلار بىلەن ھەققانىي، ئادىل مەيداندا تۇرۇپ ئىشلەڭلار، سىلەرگە ئاش- نان بەرگەن تەشكىلنىڭ ئالدىدا يەرگە قارايدىغان ئىشنى قىلىشتىن ساقلىنىڭلار، باشقىلارغا خالىس ياخشىلىق قىلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭلار، ياخشىلىققا ياخشىلىق قايتۇرۇشنى، يامانلىق قىلغانلارنى ئەپۇ قىلىشنى ھەرگىز ئۇنتۇپ قالماڭلار، كەڭ قورساق بولۇپ، باشقىلار بىلەن ئىجىل- ئىناق ئۆتۈڭلار، ئۆزئارا ھۆرمەت، ئەدەپ- ئەخلاق دېگەنلەرنى ئېسىڭلاردىن چىقارماڭلار. مەن شۇندىلا سىلەردىن رازى بولىمەن...» دېگەنىدى. قايىلمەنكى، ئۇ ئۆزىمۇ ئالەمدىن ئۆتكەنگە قەدەر مۇشۇ ئېتىقاتىدىن قىلچە تەۋرەنمىگەنىدى. ئۇ چاغلاردا بىز دادامنىڭ بۇ ۋەسىيىتىنىڭ مەنىسىنى بىلگەن بولساقمۇ، ۋەزنىنىڭ شۇنچە ئېغىرلىقىنى ئانچە ھېس قىلىپ كەتمىگەنىكەنمىز. ئويلاپ باقسام، مانا بۇ دادامدىن بىزگە قالغان ناھايىتى قىممەتلىك مىراس ۋە زور بايلىق ئىكەن.
ھازىر بىز دادامنىڭ ئاشۇ ۋەسىيىتىنى تۇرمۇشىمىزغا قىبلىنامە قىلىپ، ئۆز ئەجرىمىزگە تايىنىپ ۋە خىزمىتىمىزگە سادىق بولۇپ، باشقا نۇرغۇنلىغان كىشىلەرگە ئوخشاش، تۇرمۇشتا ھېچنىمىدىن غەم قىلماي خاتىرجەم ۋە بەختلىك ياشاۋاتىمىز. بۇلارنىڭ ھەممىسى دادامنىڭ بىزگە ئاشۇنداق يۇقىرى تەلەپ قويۇپ ياخشى تەربىيەلىگەنلىكى،  پارتىيە، ھۆكۈمەتنىڭ غەمخورلىقى، بولۇپمۇ پارتىيەنىڭ قوينىدا ئۆسۈپ يېتىلگەن مۇھتىرەم شاپائەتچىمىز يولداش تۆمۈر داۋامەتكە ئوخشاش خەلقنىڭ دەردىگە دەرمان بولىدىغان، يۈرىكى كېچە- كۈندۈز « خەلقىم »، « ۋەتىنىم » دەپ سوقىدىغان، خەلقنىڭ يىغىسىغا يىغلاپ، كۈلكىسىگە كۈلەلەيدىغان، ئاجىزلارغا  پاناھگاھ بولۇشنى ئۆزىنىڭ مۇقەددەس بۇرچى دەپ بىلىدىغان دەنا پىشۋالارنىڭ سەمىمىي غەمخورلىقى ۋە شاپائىتىنىڭ نەتىجىسى ئىدى.
يولداش تۆمۈر داۋامەت بىز شىنجاڭ خەلقىنىڭ پەخىرلىك ئوغلانى ۋە ئىپتىخارى، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ ھۆرمەتكە سازاۋەر ئالىي رەھبىرى. پاساھەتلىك ئەسەرلىرى بىلەن خەلقنىڭ قەلبىگە نۇر- زىياھ ۋە ئىلھام ئاتا قىلغۇچى كاتتا شائىر. دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىغا تونۇلغان ئاتاقلىق جامائەت ئەرباپى، كامالەتكە يەتكەن ئىستىدات ئېگىسى. مېنىڭچە، يولداش تۆمۈر داۋامەتنىڭ خەلقىمىزگە قىلىپ بەرگەن ياخشى ئىش ئىزلىرىنى، زور تۆھپىسىنى ۋە ئالىي جاناپ پەزىلەتلىرىنى بىرەر پارچە ئاددىي قوليازما ئارقىلىق ساناپ، تەسۋىرلەپ، خۇلاسىلاپ، يەكۈنلەپ بولۇش مۇمكىن ئەمەس، شۇنداقلا بىرەر ئادەمنىڭ بۇ زاتنىڭ تۆھپىلىرىگە لايىقىدا باھا بېرەلىشىمۇ ھەرگىز مۇمكىن ئەمەس. مېنىڭدەك ئاددىي بىر ئادەمدە ئۇنداق سالاھىيەتمۇ يوق. بىراق شۇنى ئېتىراپ قىلىمەنكى، بۇرۇن مەن بۇ سۆيۈملۈك رەھبىرىمىزنى مىللىتىمىزدىن چىققان ھۆرمەتكە سازاۋەر بىر يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبىرىمىز دەپلا چۈشەنگەنىكەنمەن. بىراق ئەقلىمنىڭ بىر قەدەر ئۇلغۇيىشى، ئاق بىلەن قارىنى پەرق ئېتىش ئىقتىدارىمنىڭ تەدرىجى تاكامۇللىشىشى ۋە بۇ پەرىشتەكەبى زاتنىڭ ئەسەرلىرىنى ئوقۇش، ئۆگىنىش ۋە تەتقىق قىلىش ئارقىلىق شۇنى تونۇپ يەتتىمكى، يولداش تۆمۈر داۋامەت بىر ئالىي رەھبەر بولۇپلا قالماستىن بەلكى ئۇ مىللىتىمىزدىن يىتىشىپ چىققان كەڭ دائىرىلىك بىلىم قۇرۇلمىسىغا ئىگە كاتتا ئالىم، بارلىقىنى شەخسىيەتسىز ھالدا ۋەتەن ۋە خەلققە، ئۆز قېرىنداشلىرىغا ئاتىۋەتكەن، پۈتۈن ئۆمرى باشقىلارغا ياخشىلىق قىلىش، ۋاپادارلىق كۆرسىتىش بىلەن ئۆتكەن ئەۋلىياكەبى پازىل زات، بۈگۈنكىلەر ئۈچۈن مۇستەھكەم روھىي تۈۋرۈك، كېيىنكىلەر ئۈچۈن ئۆچمەس ئابىدە بولۇشقا مۇناسىپ ئىپتىخارىمىز ئىكەنلىكىگە شەكسىز ئىشەندىم.
مەن بۇ ئەسىرىمنى مانا مۇشۇ خىل تۇيغۇ ۋە تونۇش نوقتىنەزىرى بويىچە يېزىپ چىقتىم، مەقسىدىم:  ھەممىمىزگە ئاتا كەبى كۆيۈنۈپ، غەمخورلۇق قىلغان، بىزنىڭ غورۇرىمىزغا غورۇر ئاتا قىلغان بۇ پىشىۋايىمىزنىڭ شەپقىتىگە ئېرىشكەن بارلىق كىشىلەرگە ۋاكالىتەن ئاشۇ شەپقەتچىمىزگە ئۇ ھايات ۋاقتىدا چوڭقۇر ئېھتىرام بىلەن ھۆرمەت بىلدۈرۈش ۋە رەھمەت ئەيتىۋېلىشتىن ئىبارەت.
مەن ئاخىردا بۇ مۇھتىرەم زاتنىڭ ئۆمرىنىڭ ئۇزۇن، تېنىنىڭ سالامەت بولۇشىنى، ئائىلىسىنىڭ بەختلىك ۋە كۈنلىرىنىڭ مەڭگۈ خۇشھال- خۇرام ئۆتۈشىنى تىلەيمەن.

ئىزاھاتلار :
‹1› تەرەتچە- سەپەرگە چىققاندا ئۇسۇزلۇق قاتارلىقلارنى قاچىلايدىغان ياكى نامازغا تاھارەت ئېلىشتا ئىشلىتىلىدىغان كىچىك قاپاق.
‹2›  « زەھەرلىك چۆپ »- « مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى » مەزگىلىدە لىن بياۋ، جياڭ چىڭ گورۇھىدىكىلەر ماۋ زېدۇڭنىڭ « خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلايلى »، « بېتيۇننى خاتىرلەيلى »، « يۈي گۇڭنىڭ تاغنى يۆتكىشى » قاتارلىق ئۈچ پارچە ئەسىرىنى« ئۈچ ئەسەر » دەپ ئاتىۋالغان ۋە مۇشۇ « ئۈچ ئەسەر » دىن باشقا ئەدەبىي ئەسەرلەرنىڭ ھەممىنى « زەھەرلىك چۆپ » دەپ قاراپ، ئۇنىڭ ئىجاتچىلىرىنى زەربە بېرىش ئوبيېكتى قىلغان.
‹3› « سېسىق توققۇزىنچى »-  « مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى » مەزگىلىدە لىن بياۋ، جياڭ چىڭ گورۇھىدىكىلەر زەربە بېرىلىدىغان « يامان » ئادەملەرنى رەتكە تىزغاندا، زىيالىيلارنى پومېشچىك، باي دېھقان، ئەكسىل ئىنقىلابچى، بۇزۇق ئۇنسۇر، ئوڭچى ئۇنسۇر، خائىن، ئىشپىيۇن، كاپىتالىزم يولىغا ماڭغان ھوقۇقدارلارنىڭ كەينىگە تىزىپ،« سېسىق توققۇزىنچى » دەپ ئاتىغان.
‹4› لىن بياۋ- شۇ چاغدا  دۆلەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ دائىمىي ئىشلىرىغا مەسئۇل مۇئاۋىن رەئىسى، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكىنىڭ مىنىستىرى قاتارلىق ۋەزىپىلىرى بار ئىدى. 1971- يىل 9- ئاينىڭ 13- كۈنى ۋەتەنگە ئاسىيلىق قىلىپ، ئايرۇپىلان بىلەن چەتئەلگە قېچىپ، موڭغۇلىيەنىڭ ئۇندۇرخان دېگەن يېرىگە بارغاندا ئايرۇپىلان چۈشۈپ كېتىپ ئۆلگەن.
‹5› جياڭ چىڭ- شۇ چاغدا ماۋ زېدۇڭنىڭ ئايالى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي « مەدەنىيەت زور ئىنقىلابىي » غا رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئىدى. 1977- يىل 7- ئايدا چاقىرىلغان پارتىيە 10- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت 3- ئومۇمى يىغىنىدا پارتىيدىن چىقىرىلغان ۋە پارتىيە ئىچى- سىرتىدىكى بارلىق ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلىغان. ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى 1981- يىل 1- ئايدا ئۇنىڭغا ئۆلۈم جازاسى بېرىپ ئىككى يىل كېچىكتۈرۈپ ئىجرا قىلىش، سىياسىي ھوقۇقىدىن ئۆمۈرۋايەت مەھرۇم قىلىشقا ھۆكۈم قىلغان. 1983- يىل 1- ئايدا جازاسى مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا كېمەيتىلىپ، سىياسىي ھوقۇقىدىن ئۆمۈرۋايەت مەھرۇم قىلىشقا ئۆزگەرتىلگەن.
‹6› 1930- يىللارنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا شىڭ شىسەي قۇرغان بۇ سوت ھەيئىتى ئاتالمىش سىياسىي مەھبۇسلارنى جازالاشنى مەقسەت قىلغان مەخسۇس ئاپپارات بولۇپ، مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان قىسقىغىنا سەككىز يىل داۋامىدا قانۇنسىز ھالدا 50 مىڭدەك بىگۇناھ پۇخرانى، كوممۇنىستلارنى، دېمۇكراتىك زاتلارنى ۋە ئىلغار زىيالىيلارنى شەكلەن سوت قىلىپ، ۋەھشىلەرچە ئۆلتۈرىۋەتكەن.
‹7› سىم شەپكە- شۇ چاغلاردا مودا بولغان، يىپقا ئوخشاش يۇمشاق ۋە ئىنچىكە سىمدىن توقۇلغان شەپكە  بولۇپ، ھەممە ئادەم دېگۈدەك كېيەتتى. ھەممە جايدا ئوخشاش بىر يۇەندىن سېتىلىدىغان بولغاچقا، بەزى كىشىلەر ئۇنى « بىر كويلۇق شەپكە » دەپمۇ ئاتايتتى.


پايدىلانمىلار:
1. « ھايات مۇساپىسى » ( ئىككى توم )، ئەسلىمىلەر توپلىمى. ئاپتۇرى تۆمۈر داۋامەت،  مىللەتلەر نەشرىياتى  2010- يىل 3- ئايدا نەشىر قىلغان.
2. « ھايات گۈلشەنىدىن تەرمىلەر »، ئەدەبىي خاتىرىلەر توپلىمى، ئاپتۇرى تۆمۈر داۋامەت. مىللەتلەر نەشرىياتى 2009- يىل 12- ئايدا نەشىر قىلغان.
3. « ئۆمۈر ئىزلىرى »، شېئىرلار توپلىمى، ئاپتۇرى تۆمۈر داۋامەت. مىللەتلەر نەشرىياتى  2000- يىل 1- ئايدا نەشىر قىلغان.
4. « دېڭ شياۋپىڭ ماقالىلىرىدىن تاللانما » 2- توم. مىللەتلەر نەشرىياتى 1994- يىل 1- ئايدا نەشىر قىلغان.
5. « شىنجاڭ تارىخ ماتىرىياللارى (1) » ماقالىلار توپلىمى. شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1980- يىل 9- ئايدا نەشىر قىلغان ( ئىچكى ماتىرىيال )
6. « لىن بياۋ گۇرۇھىنىڭ قارا پەردىسى » تارىخىي ئەسەر ( ئاپتۇرى ئېنىق ئەمەس )، داۋۇت ساللات، ھوشۇر يۇنۇسلار تەرجىمە قىلغان. شىنجاڭ ياشلار- ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى 1989- يىل 7- ئايدا نەشىر قىلغان.
7. « مەدەنىيەت زور ئىنقىلابىدىكى سىرلار » تارىخىي ئەسەر. ئاپتۇرى شى شۇەن، جىن چۈنمىڭ. تەرجىمە قىلغۇچى دىلشات سۇلتان. شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 2000- يىل 8- ئايدا نەشىر قىلغان.
8. « قەشقەر ۋىلايىتى تەزكىرىسى » ئىككى قىسىم، قەشقەر ۋىلايەتلىك تەزكىرە كومىتېتى تۈزگەن. شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 2006- يىل 7- ئايدا نەشىر قىلغان.
9. « قەشقەر تەزكىرىسىدىن تەرمىلەر » ماقالىلار توپلىمى. ئاپتۇرى مۇھەممەتئىمىن قۇربانى ( ئىشقى ).  قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى 1999- يىل 8- ئايدا نەشىر قىلغان.
10. « تۇرپان » ژۇرنىلى، 2011- يىل 3- سان.
11. « قەشقەر » ژۇرنىلى 2012- يىل 2- سان.
12. دادام ئابلىمىت ياقۇپنىڭ بىر قىسىم خاتىرە، قول يازمىلىرى.

ئاپتۇر: قەشقەر ۋىلايەتلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسىدە.
=5]   

14

تېما

2

دوست

569

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   13.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  15697
يازما سانى: 51
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 38
تۆھپە : 160
توردىكى ۋاقتى: 53
سائەت
ئاخىرقى: 2013-5-27
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-21 18:20:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  يازمېڭېزنې ئۇقۇپ كوڭلۇم بەك يېرېم بولدې ،ئۇزۇمنې تۇتۇۋالالماي كوزلېرېمدېن ياشچېقېپ كەتتې ،ئاشۇ  قاباھەتلېك يېللاردا  نۇرغۇنلېغان ئۇقۇمۇشلۇق  زېيالېلار  زېيانكەشلېككە  ئۇچراپ ،ئائېلە بۇيېچە  ئۇۋالچېلېققا  ئۇچراپتېكەن ،مېنېڭ داداممۇ  چەتتە قالماپتېكەن ،كېيېن بېز  تۇغۇلغاندا  ئەقلېمېزنې بېلگەندە دادام شۇ ئېشلارنې سۇزلەپ  بەرسە  ئاڭلاپ  ھەيران قالغان ئېدۇق.رەھمەتلېك دادېڭېزنېڭ رۇھې  ئۇ دۇنيادا  ئەمېن تاپقاي،،،،
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

0

تېما

1

دوست

2016

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   0.53%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  15665
يازما سانى: 151
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 37
تۆھپە : 596
توردىكى ۋاقتى: 262
سائەت
ئاخىرقى: 2014-6-22
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-22 01:22:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كىسىلىنىڭ تىزراق ساقىيىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )