قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 985|ئىنكاس: 4

ئوقۇتۇش ھىكايىسى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئالمىدەك يۈرەكت

5

تېما

13

دوست

2 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   37.52%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9801
يازما سانى: 1956
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2261
تۆھپە : 6043
توردىكى ۋاقتى: 1613
سائەت
ئاخىرقى: 2016-3-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-21 00:56:05 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەكتىۋىمىز ھەر يىلى، ھەر مەۋسۇم بېشىدا ، ئايلانما دەرس ئۆتۈش پائالىيىتى ئۆتكۈزىدۇ. بۇ پائالىيەتكە ھەرقايسى ئوقۇتۇش گورۇپپلىرىدىكى ئوقۇتقۇچلار قاتنىشىشى كىرەك.بۇقېتىم بىزنىڭ ماتېماتكا ئوقۇتۇش گۇرۇپپىسىدىكى ئوقۇتقۇچىلار پۇختا تەييارلىق بىلەن دەرسىنى ئۆتۈشكە ئاتلاندى.مانا بۈگۈن4-يىللىق 2 - مەۋسۇم  قۇشۇشنىڭ ئۇرۇن ئالماشتۇرش قانۇنى دىگەن دەرسنى بىزنىڭ خېلى تەجرىبىلىك بىر ئايال ئوقۇتقۇچىمىز سۆزلەپ بەردى.دەرس ئىشقىلىپ خېلى ئۇڭۇشلۇق تاماملاندى.ئوقۇغۇچىلارمۇ دەرسخانىدا خېلى ئاكىتىپ رولىنى جارى قىلىدۇردى. دەرس ئاياغلاشقاندىن كىيىن بۇ دەرسنى باھالاش ئۈچۈن ئۇيغۇر خەنزۇ ئوقۇتقۇچلار بىر يەرگە يىغىلدۇق.بۇ ئوقۇتقۇچى دەرسى توغرىلىق قايتا ئويلىنىشنى ئوتتۇرىغا قۇيىدىغان بولدى. خەنسۇ رەھبەرلەرمۇ بۇ ئوقۇتقۇچىنى خەنسۇچە ئوتتۇرىغا قويغىن دەپ تەلەپ قىلدى.بۇ ئوقۇتقۇچى مەن خەنسۇچە ئوتتورىغا قۇيالمايمەن. مەن تىلدا قىينىلىمەن دىدى. ئەتراپتا تۇرغان مىللىي ئوقۇتقۇچىلارمۇ ئەھۋال چۈشەندۈردى. لىكىن يەنىلا خەنسۇچە دېيىشكە ئۈندىدى. بىز مىللىي ئوقۇتقۇچلار ئاشۇ بىر سائەتلىك دەرسنى سۆزلەش ئۈچۈن قانداق جاپادا تەييارلايدىغانلىغىنى بىلىمىز. خەنسۇچنى يادلاپ بولسىمۇ بىر سائەتلىك دەرسنى شۇنداق مۈشكۈل ئەھۋالدا ئۆتۈپ تۈگەتتى. مەن شۇ چاغدا ئورنۇمدىن تۇرۇپ ئۇلارغا: تىل ئۆگىنىش ئۇنداق ئاسان ئەمەس،بۇ ئوقۇتقۇچىنى بۇنداق قىيىن ئەھۋالدا قويساق بولمايدۇ.بۇنى توغرا چۈشىنىەيلى دەپ چۈشەندۈردۇم.ئو ئوقۇتقۇچى سۆزلىگەن قايتا ئويلىنىشنى خەنسۇچە تەرجىمە قىلىپ بەردۇق. ئارقىدىن خەنسۇ يولداشلار دەرسنى باھالاپ ،دەرسكە بولغان باھالىرىنى بەردى. بىز مىللىي ئوقۇتقۇچىلارمۇ ئۆزىمىزنىڭ ئويلىغانلىرىنى بىرە ئېغىزدىن ئوتتۇرىغا قويدۇق.بىز ئۇيغۇر خەنسۇ ئارلاش مەكتەپ بولغىلى ئۇزۇن بولغان بولسىمۇ ، دەرس ئۆتىدىغان  چوڭ  پائالىيەتلەردە بىللە بولغان بىلەن باشقا ۋاقىتتا ئۇيغۇرلار ئۆز ئارا پائالىيەت قىلاتتۇق.نېمە ئۈچۈن دىگەندە خېلى كۆپ قېسىم ئوقۇتقۇچىلار تىل جەھەتتە ئىپادىلەشتە قېيىنچلىق بار ئىدى.  رەھبەرلەر بۇنىڭدىن كىيىن ھەر قانداق پائالىيەت بىر بۇلىدىغانلىغنى ،ئوقۇتقۇچىلارنىڭ تىل جەھەتتە ئىپادىلەشتە تېخىمۇ تىرىشىش لازىملىغىنى،دەرسنى باھالىغاندا مىللىي ئوقۇتقۇچىلارنىڭ تەتقىقاتچىسى تەلەپ قىلغان ئۆلچەم بۇيىچە ،قوشتىل 85پىرسەنت بولدىمۇ يوق ؟ مۇشۇلارنى ئۆلچەم قىلىپ دەرس باھالايدىغانلىغىنى دەپ بۇ قېتىمقى دەرس باھالاشنى ئاياغلاشتۇردى.
uyghuray

30

تېما

27

دوست

8778

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   75.56%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  5753
يازما سانى: 470
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 373
تۆھپە : 2520
توردىكى ۋاقتى: 1047
سائەت
ئاخىرقى: 2016-3-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-22 09:37:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىزمۇ تولا دەسسىلىپ ، تولا ئوقۇلۇپ ، تولا ئالدىنىپ ، ئالدىنىۋاتقانلىقىمىزنى بىلىپ تۇرۇپمۇ ، چۈشىنىپ تۇرۇپمۇ ، ئالدىنىپ ، ئالدىماسلىققا يالۋۇرۇپ تۇرۇپمۇ ئالدىنىپ ، چىرايلىق سۆزلەپمۇ ، قاتتىقراق ۋارقىراپمۇ ( بىر نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا سەل ئاۋازىمىزنى چىقىرىپ ئۇقۇشماستىن ئالدانغاندىكى خورلۇق سۈڭەككە يەتكەندە ۋارقىراپ سالاتتۇق .)  ئالدىنىپ ، قانداق بولاركىن دەپمۇ ئالدىنىپ ، بەك بولمىغاندا ئالدىغۇچىنى ئىزدەپ بارغىنىمىزدا چىرايى بىزنى ئالدىغان مەخلۇققا ئوخشىغىنى بىلەن ئەمما ھېلىقى چىرايلىق سۆزلەرنى قىلىپ بىزنى ياتقۇزۋېلىپ مىنىۋالغان ئادەمگە ئۆزى دېگەن گەپلەرنى ، ئۆزىنىڭ دېگەنلىكىگە ئىشەندۈرەلمەي ئاۋارە بولاتتۇق . پەقەت ۋاقتى ئۆتكەن پۇشايمانلا بىزگە قالاتتى . جاھاندا ئالدانغۇچىلار بىزدەك كۆپ بولماستۇ ، دەپ ئويلاپ قالىمەن

ئالمىدەك يۈرەكت

5

تېما

13

دوست

2 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   37.52%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9801
يازما سانى: 1956
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2261
تۆھپە : 6043
توردىكى ۋاقتى: 1613
سائەت
ئاخىرقى: 2016-3-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-22 23:17:26 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئويلىغانلىرىنى تىلدا ئىپادىلەپ بىرەلمەسلىك ،خۇددى گاچىدىن سۆز ئىسپاتى تەلەپ قىلغانغا ئوخشايدۇ.شۇڭىلاشقىمۇ ئەسلىدە پىشقان،پىشقەدەم ئوقۇتقۇچىلىرىمىزنىڭ كۈنى تېخىمۇ تەس بولۇپ قېلىۋاتىدۇ.
بىر قېرىندىشمىزنىڭ ئىنكاسى.

0

تېما

0

دوست

838

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   67.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8189
يازما سانى: 35
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 77
تۆھپە : 218
توردىكى ۋاقتى: 107
سائەت
ئاخىرقى: 2016-3-12
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-23 00:22:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇيغۇر تىلىغا پىششىق ، ئۇيغۇرنىڭ ئۆتمۇش ۋە  بۈگۈنىنى بىلگەن پشقەدەم ئوقۇتقۇچىلار يەكلەندى. يات بىر مەدەنيەتتە تەربىيلەنگەنلەر ئەمدى ئەۋلادلىرىمىزنى تەربىيلەۋاتىدۇ. بۇ بىر ئەۋلاد خەنچە تەربىلەنگەنلەردە ئۆز خەلقىنىڭ قايغۇسىنى چۈشنىدىغان قەلىب بولمايدۇ.
uyghuray

13

تېما

18

دوست

2918

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   30.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  48758
يازما سانى: 273
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 31
تۆھپە : 858
توردىكى ۋاقتى: 98
سائەت
ئاخىرقى: 2016-3-14
يوللىغان ۋاقتى 2015-12-16 21:19:51 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )