- تىزىملاتقان
- 2012-8-20
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-12-6
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 399
- نادىر
- 0
- يازما
- 15
ئۆسۈش
49.5%
|
‹سېمفونىيە› خىزمەتخانىسى دەسلەپتە 2006-يىلى8-ئايدا شەنشى ئۆلكىسى شىئەن شەھىرىدە ھۆكۈمەت ئورگانلىرى ۋە بىر قىسىم چوڭ-كىچىك كارخانىلارغا مۇلازىمەت قىلىش مەقسىتىدە قۇرۇلغان ، خىزمەتخانا قۇرۇلۇپ قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە 500 خىلدىن كۆپرەك مەھسۇلاتنىڭ ئورالما قاپ لاھىيەسىنى ئۆزى مۇستەقىل ياخشى ئىشلەپ ، كۆرۈنەرلىك نەتىجىگە ئىرىشكەچكە ، خىزمەتخانا مەسئۇلى راخمان ھىمىت شەنشى ئۆلكىسى شىئەن شەھىرى بويىچە ‹ئىگىلىك تىكلەشتىكى مۇنەۋۋەر ياش› دىگەن شەرەپلىك نامغا ئېرىشكەن. ‹سېمفونىيە› خىزمەتخانسىدىكى كەسپىي خادىملار بۇنىڭلىق بىلەن قانائەت قىلىپ قالماي، شىئەن ۋە شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى رايونلىرىغا بېرىپ، ۋاكالىتەن بازار تەكشۈرۈپ ھەم مەھسۇلات سېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈدىغان تۈرلۈك پائالىيەتلەرنى تەشكىللەپ ، ھەمكارلاشقان خېرىدارلىرىغا ئاز بولمىغان ئىقتىسادى قىممەت يارىتىپ بىرىپ ئۇلارنىڭ دائىملىق ھەمكارلاشقۇچىسىغا ئايلانغان . ‹سېمفونىيە› خىزمەتخانىسى ياخشى تەرەققي قىلۋاتقان بولسىمۇ،خىزمەتخانا قۇرغۇچىسى راخمان ھىمىت ،يۇرتى شىنجاڭدىن ئىبارەت بۇ گۈزەل ماكاننى گۈللەندۈرۈش، شۇنداقلا مىللىي مەدەنىيىتىمىزنى ئورتاق تەرەققي قىلدۇرۇشقا تۆھپە قوشۇش مەقسىتىدە، 2011- يىلى ئۈرۈمچىگە قايتىپ كىلىپ، ئۈرۈمچىدە داڭلىق كارخانا گۇرۇھلارنىڭ 50 دىن كۆپرەك چوڭ تىپتىكى تېلېۋىزىيە ئېلانى 330 دىن كۆپرەك شېركەت مەخسۇس فېلىمىنى ئشلىگەن كۆزگە كۆرۈنگەن نوپۇزلۇق ئېلان لاھىيلەش ئۇستىللىرى بىلەن بىرلىكتە قولىنى قولغا تۇتۇشۇپ تېخىمۇ مۇكەممەل بولغان مولازىمەت ئەندىزىسىنى يارتىش مەقسىتىدە ، شۇ يىلى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق سودا سانائەت مەمۇرى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن،500 مىڭ يۇەنلىك كاپىتالغا ئىگە ئۈرۈمچى ‹سېمفونىيە› مەدەنىيەت
تارقىتىش چەكلىك شېركىتىنىڭ رەسمىي قۇرۇلغانلىقىنى جەمئىيەتكە ئېلان قىلدى .
شىركەتنىڭ تىجارەت دائىرىسى مەدەنىيەت بايلىقلىرىنى قېزىش ، مەدەنىيەت ساھەسىگە مەبلەغ سېلىش ،كارخانا گۇرۇھلارنىڭ تۈرلۈك تەشۋىقات لىنىيەسىنى پېلانلاش، رادىئو –تېلېۋىزىيە ئېلانلىرنى ئىشلەش ، سىنارىيە ئېجادىيىتى، سېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش پائالىيەتلىرىنى پېلانلاش قاتارلىقلارنى بىر گەۋدە قىلغان.
رادىئو – تېلىۋىزىيە ئېلانلىرىنى ئىشلەش، تەشۋىقات ئىشلىرىنى پېلانلاش، سىنارىيە ئېجادىيىتى،
ھەرخىل كېچىكلەرنى تەشكىنلەش، يوقۇرى ئېنىقلىقتا سۈرەتكە ئېلىش، فىلىم ئۈنۈمىنى ئىشلەش، مۇزىكا ئىشلەش، مەخسۇس فىلىم ئىشلەش، تۈر ئىلتىماس قىلىش فىلىمى ئىشلەش، رەڭلىك قوڭغۇراق مۇلازىمىتى، سېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش پائالىيەتلىرىنى پېلانلاش، ئېلان ۋاكالەتچىلىكى، ئېلان تارقىتىش، ماركا لاھىيەلەش، ماركا ئىلتىماس قىلىش، مەھسۇلات ئورام قاپ لاھىيەلەش، رەڭلىك رەڭسىز باسمىچىلىق، تەكشىلىكتە لاھىيەلەش، لوزۇنكا بېسىش، يۇقۇرى ئېنىقلىقتىكى پۈركىمە ئېلان بېسىش، شىركەت ئالبومى ئىشلەش، ئەينەك ۋىۋىسكا ئىشلەش،قەغەز سومكا بېسىش، قەغەز يەشىك بېسىش، كىتاپ ژورناللارنى لاھىيەلەپ بېسىش قاتارلىقلار.
|
|