بالىلارغا قويۇلغان تەلەپ لايىقىدا بولۇشى كېرەك قوشنام بالىسىغا ئالاھىدە تەلەپ قوياتتى. ئۇ بالىسىنى يەسلى يېشىغا يەتكەندە شارائىتى ياخشى يەسلىگە بەردى، بالا مەكتەپكە كىرگەندىن كېيىن ئۇنىڭ ئۆگىنىشىگە قاتتىق تەلەپ قويۇپ ماڭدى. بالىمۇ دادىسىنىڭ كۈتكىنى بويىچە تىرىشىپ ئوقۇپ سىنىپتا بىرىنچىلىكنى قولدىن بەرمىدى. قوشنام بالىسىنىڭ ئۆگىنىش نەتىجىسىدىن پەخىرلىنەتتى. بىر كۈنى بىر ئىش بىلەن قوشنامنىڭ ئۆيىگە كىرگەنىدىم. قوشنام قاپاقلىرى تۈرۈلگەن ھالدا ئولتۇراتتى. ‹‹ھەي، بىئەپ ۋاقتىدا كىرىپ قالدىممۇ نېمە؟›› دەپ ئويلىدىم. قوشنام مېنى كۆرۈپلا : قارىمامسىلەر ئاداش، ماۋۇ بالىنى، ماتېماتىكىدا سىنىپنىڭ ئالدىدا ئىدى، مانا ئەمدى 95نومۇر ئېلىپ ئىككىنچى بولۇپ قاپتۇ. ئىمتىھان سوئالىمۇ تەس ئەمەسكەن، ئەسلى 100نومۇر ئالىدىغان گەپتى، دەپ قايناپ كەتتى. بۇنى ئاڭلاپ: بۇنىڭغىمۇ خاپا بولۇپ كېتەمسىز، 95نومۇر تۆۋەن نومۇر ئەمەسقۇ، كېيىنكى قېتىمدا ياخشى ئالسا بولمىدىمۇ، دېدىم. بالا بىر بۇلۇڭدا يىغلامسىراپ تۇراتتى. قوشنامنىڭ گېپىچە بولغاندا، بالىسى ھەر ۋاقىت بىرىنچىلىكنى قولدىن بەرمەسلىكى كېرەك ئىكەن. لېكىن، بۇ مۇمكىنمۇ؟... مۇنداق بىر ھېكايىنى قىستۇرۇپ ئۆتەي: ۋەسىيىتى ئارقىلىق نوبېل مۇكاپاتىنى بارلىققا كەلتۈرگەن مەشھۇر خىمىيە ئالىمى نوبېل باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چاغلىرىدا سىنىپتا دائىم ساۋاقدىشى پاكنىڭ كەينىدە قېلىپ ئىككىنچى بولۇپ قالاتتىكەن. پاك بىر مەزگىل ئاغرىپ قېلىپ مەكتەپكە كېلەلمەپتۇ. شۇ چاغدا ساۋاقداشلىرى نوبېلغا: ئەمدى سەن سىنىپىمىزنىڭ بىرىنچىسى بولىدىغان بولدۇڭ، دەپتۇ. نوبېل بۇنىڭدىن ئانچە خۇشال بولۇپ كەتمەپتۇ، ئۇ ئەكسىچە پاكنى كۈندىلىك ئۆتۈلگەن دەرسلەرنىڭ مەزمۇنىدىن خەۋەردار قىلىپ تۇرۇپتۇ. مەۋسۇملۇق ئىمتىھاندا پاك يەنىلا بىرىنچى بولۇپتۇ. كېيىنكى كۈنلەردە نوبېل مەشھۇر خىمىيە ئالىمىغا ئايلاندى. ئەمما سىنىپتا دائىم بىرىنچى بولۇپ ئوقۇيدىغان ساۋاقدىشى پاكچۇ؟ ئۇ ئاددىي ئادەم سۈپىتىدە دۇنيادىن ياشاپ ئۆتۈپتۇ. ئۆگىنىشتە سىنىپ بويىچە بىرىنچى بولۇشلا ئەمەس، مۇھىمى، ئۆزىنى پەزىلەت ۋە ئىقتىدار جەھەتتىن داۋاملىق تەربىيىلەپ، بۈيۈك نىشانغا قاراپ ئۈزلۈكسىز ئىلگىرىلەشتۇر. ئامېرىكىلىق ئىجتىمائىي مەسىلىلەر تەھلىلچىسى دالى كارنېگ شۇنداق دەيدۇ: ‹‹ئادەم تەنقىدتىن كۆرە ماختاشنى ئەلا بىلىدۇ. قامچە ئورنىغا مەدھىيىنى ئىشلىتىش بىزنى تەربىيىدىكى ئالاھىدە ئۇتۇقلارغا باشلايدۇ››. ئۆسۈپ يېتىلىش باسقۇچىدا تۇرۇۋاتقان بالىلارنىڭ ئىچكى دۇنياسىدا بىر خىل ئىنتىلىش كۈچى بولىدۇ، ئانچىكى زەربىلەرمۇ ئۇنىڭغا چوڭ كاشىلا پەيدا قىلىپ قويىدۇ. بۇ بالىنىڭ تەرەققىيات يوشۇرۇن كۈچىنى بۇغقان بىلەن باراۋەر. ئەكسىچە، ماختاش، رىغبەتلەندۈرۈش ئاشۇ يوشۇرۇن ئوتنىڭ يېلىنجىشىغا تۈرتكە بولىدۇ. يېغىنچاقلىغاندا، بالىلارغا قويۇلىدىغان تەلەپ لايىقىدا بولۇشى كېرەك. قانداق قىلغاندا بالىنى تېخىمۇ ياخشى تەربىيلىگىلى بولىدۇ؟ بالىڭىزنىڭ بىلىمى مول ، نەزەر دائىرىسى كەڭ ، ھەر جەھەتتىن يېتىشكەن ياراملىق كىشىلەردىن بولۇپ يېتىشىپ چىقىشىنى ئارزۇ قىلامسىز ؟ ئۇنداقتا تۆۋەندىكى ئۇسۇللارنى سىناپ كۆرۈڭ :
1) ھېكايە سۆزلەپ بېرىش . بۇ ئارقىلىق بالىلارنىڭ تۇتۇۋېلىش قابىلىيىتىنى ئاشۇرغىلى ، بىلىم دائىرىسىنى كېڭەيتكىلى ، تەسەۋۋۇر قىلىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ .
2) شېئىر ئوقۇپ بېرىش . بۇ ئارقىلىق بالىلارنىڭ سۆز بايلىقىنى ئاشۇرغىلى ، ئەخلاقىنى تاۋلىغىلى بولىدۇ .
3) ئويۇن ئويناپ بېرىش . بۇ ئارقىلىق بالىلارنىڭ زېھنىي كۈچىنى تەرەققىي قىلدۇرغىلى ، بىلىمىنى بېيىتقىلى بولىدۇ .
4) سوئال سوراش ۋە كۆپ سوئال سوراشقا ئىلھاملاندۇرۇش . بۇ ئارقىلىق بالىلارنىڭ نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتكىلى ، مول نىلىمگە ئىگە قىلغىلى بولىدۇ .
5) بىۋاستە كۆزىتىش . ئەمەلىي بويۇملارنى بالىلارنىڭ پەرقلەندۈرۈشىگە قويۇپ بېرىش كېرەك . بۇ ئارقىلىق بالىلارنىڭ ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرگىلى بولىدۇ .
6) ئويۇن قويۇش . بۇ ئارقىلىق بالىلارغا ئوخشىمىغان روللارنى ئالدۇرۇپ ، بالىلارنىڭ قىزىقىشىنى قولغا كەلـتۈرگىلى بولىدۇ .
7) دوراش . بۇ ئارقىلىق بالىلارنىڭ چوڭلارنىڭ مەلۇم ئارتۇقچىلىقلىرىنى دوراشقا ئىلھاملاندۇرغىلى بولىدۇ .
8) مۇكاپاتلاش ۋە جازالاش . بۇ ئارقىلىق بالىلاردا توغرا - خاتانى ئايرىيالايدىغان قابىلىيەتنى يېتىلدۈرگىلى بولىدۇ . |