- تىزىملاتقان
- 2013-1-25
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-5-24
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 4413
- نادىر
- 0
- يازما
- 471
ئۆسۈش
80.43%
|
* سىز قىزىڭىزنى كىمگە بىرىسىز؟
*
*جەمىيەت شۇ قەدەر مۇرەككەپلىشىپ كەتتكى خاتىرجەملىك ۋە گۈزەللىك بەش مۈشكۈل بىر ئىشقا ئايلاندى.قىزى بارلار قىزىدىن،ئوغلى بارلار ئوغلىدىن غەم غۇسسىگە چۈشتى،ئىشەنچ يەتتە تاغنىڭ ئۇ تەرىپىگە قاچقاندەكلا بىزدىن قېچىشقا باشلىدى.بۈگۈن قۇتلۇق جۈمەدە ئىمامنىڭ ئىمامنىڭ ئابدۇللاھ ئىبنى مۇبارەك توغرىسىكى بىر ئېسىل گىپى مىنى ھەيرەتتە قالدۇردى ھەم قايىل قىلدى.
ئىسلامدىكى نوپۇزلۇق ئالىم ،مۇھەددىس،پەيلاسوپ ئابدۇللاھنىڭ دادىسى مۇبارەك بىر بايغا ياللىنىپ ئىشلەيتتى،باينىڭ چوڭ بېغىنىڭ ئىشلىرىنى قىلاتتى.بىر كۈنى باي بىر قانچە مىھمانلىرنى باغقا باشلاپ كىلىپ مۇبارەككە ئانار ئۈزۈپ كىلىشنى بۇيرۇيدۇ. بۇبارەك ئانار ئۈزۈپ كلىپ بايغا بىرىدۇ.مىھمانلار ئانارنى يىسە ئانار ئاچچىق چىقىدۇ.شۇنىڭ بىلەن باي مۇبارەككە:-
-ئانار ئۈزۈپ كەل دىسەم ئاچچىق ئانار ئۈزۈپ كەلگىنىڭ نىمىسى نىمىسى؟- دەيدۇ .بۇبارەك:-
-مەن ئانار يەپ باقمىسام ئانارنىڭ ئاچچىق تاتلىقلىقىنى نەدىن بىلىمەن؟-دەيدۇ.باي:-
سەن مىنىڭ بېغىمدا ئىشلىگەن 3 يىلدىن بۇيان ئانار يەپ باقمىدىڭمۇ؟ دەپ سورىغاندا مۇبارەك:-
ھە ئە،يەپ باقمىدىم -دەپ جاۋاپ برىدۇ.
باي بىر ئىشىنىپ بىر ئىشەنمەي باشقا ئىشلەيدىغانلارنى چاقىرىپ كىلىپ مۇبارەكنىڭ 3 يىلدىن بىرى باغدىن ئانار يگەن يىمىگەنلىگىنى سورايدۇ.ئىشلەمچىلەر:-
-بىز 3 يىل مابەينىدە مۇبارەكنىڭ بۇ باغدىن بىر تال نەرسىنى ئېلىپ ئېغىزىغا سالغىنىنى كۆرمىدۇق ،-دەپ جاۋاپ بىرىشىدۇ.
باي ھەيران قېلىپ مۇبارەكتىن:
-مىنىڭ بىر قىزىم بار،سىنىڭچە قىزىمنى كىمگە بەرسەم بولار؟-دەپ سورايدۇ.
مۇبارەك مۇنداق جاۋاپ بىرىدۇ:-
-ناسارالار نەسەب سۈرۈشتۈرىدۇ،يەھۇدىلار پۇل-مال سۈرۈشتۈرىدۇ.مۇسۇلمانلار بولسا تەقۋادارلىقنى سۈرۈشتۈرىدۇ.سىز قىزىڭىزنى كىمگە بىرىشنى خالايسىز؟
باي:-
-مەن ئۆمرۈمدە سەندىن تەقۋا بىرسىنى كۆرۈپ باقمىدىم،قىزىمنى ساڭا بىرەي -دەيدۇ.
شۇنىڭ بىلەن باينىڭ قىزى مۇبارەككە ئابدۇللاھ ئىسىملىك مۇھەددىس ،يىتىشكەن ئالىمدىن بىرنى تۇغۇپ بىرىدۇ.
خوش،ئەمدى كەلدۇق ئۆزىمىزنىڭ گىپىگە.
مەن بۈگۈن بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ ھەقىقەتەن چۇڭقۇر ئويغا چۆكتۈم.مۇسۇلمانلار بىلەن ناسارا جويۇت توغرىسىدا قايتا ئويلاندىم.ئەخلاق توغرىسىدا قايتا ئويلاندىم.پەيغەمبەر ئەلەيھىسالامنىڭ<<ئامانەتكە خىيانەت قىلغۇچىدا ئىمان يوق>>دىگەن ھەدىسىنى خىيالىمدىن قايتا ئۆتكۈزدۈم.شۇ قەدەر ئېسىل دىن،شۇ قەدەر ياخشى تاللاش...
ئۈرۈمچىدىكى بايلار سورۇنىدا بىر باينىڭ دىگەن گىپى قۇلاق تۈۋۈمدە قايتا جاراڭلىدى<<قىزىمنى ئوقىغان ياخشى بالا بولسا بەرسەم دەيمەن،سودىگەرگە قىز بىرىشكە بولمايدۇ.سودىگەر دىگەن يۈزسىز،رەھىمسىز،قوپال،باغرى تاش ،ساختىپەز كىلىدۇ>> .بۇ گەپنى دىگەن ئادام ئۈرۈمچىدىكى چوڭ باي ئىدى،كاتتا سودىگەر ئىدى.
تاللاش ئۆلچىمىنى بىزگە بۇرۇنلا ئاللا قۇرئاندا بەلگىلەپ بەرگەن.ھەتتا سۆيۈملىك پەيغەمبىرىمىزنىڭ ئاياللىرى مال-دۇنيا تەلەپ قىلغاندا ئايەتلەر چۈشۈپ ئەگەر شۇ ئاياللار مال-دۇنيانى تاللىسا چىرايلىقچە ئاجرىشىپ كىتىشتىن ئىبارەت ئېنىق يولنى كۆرسەتكەن.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام<<تەبىر بەلگىلەشتىن ئارتۇق ئەقىل پاراسەت يوق،ئەخلاقتىن ئارتۇق يۈز ئابىروي يوق،گۇناھتىن ساقلىنىشتىن ئارتۇق تەقۋادارلىق يوق >>دىگەن.ئۇشبۇ مەنادا تەقۋادارلىق نىمە دىگەن ياخشى،نىمە دىگەن ياخشى.
مەيلى ئوغۇل بولايلى،مەيلى قىزلار بولسۇن بۇ مەسىلىلەردە قايتا ئويلانمىساق بولمايدىغاندەك تۇرىدۇ.بولۇپمۇ ئاتا-ئانىلارنىڭ كۈيئوغۇل ياكى كىلىن تاللاش مەسىلىسىدە ئالاھىدە دىققەت قىلىشى زۆرۈردۇر.ھازىرقى ۋەزىيەتتە ئاجرىشىش نىسبىتىنىڭ پەۋقۇلئادەە يۇقىرى بولشى ئىماننىڭ سۇسلىقىدىن ئەلۋەتتە،ئاچكۆزلۈكنىڭ زىيادىلىشىپ كىتىۋاتقانلىقىدىن،تەكەببۇرلۇقنىڭ يامراپ كىتىۋاتقانلىقىدىن ئەلۋەتتە.
ئېسىل ئىنكاسلىرىڭلارنى ئايىمىغايسىزلەر قەدىردانلار،ئەزىزلەر.بولسا ئابدۇللاھ ئىبنى مۇبارەكنىڭ تەرجىمىھالىنى بىلىدىغانلار بولسا يوللاپ قويساڭلار،ھەممىمىز تەڭ نەپ ئالساق.
|
|