قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 868|ئىنكاس: 4

ساپا مائارىپى ۋە جىسىمنىڭ ئاساسى شەكىللىرى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

4

تېما

0

دوست

1178

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   17.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  16569
يازما سانى: 108
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2
تۆھپە : 356
توردىكى ۋاقتى: 37
سائەت
ئاخىرقى: 2013-6-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-22 21:24:48 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
abida
ساپا مائارىپى  ۋە جىسىمنىڭ ئاساسى شەكىللىرى  

   ئاپتورى    : ھاكىم غېنى ،ئارزىگۇل قېيىم،   

   ئاساسى مەزمونى :

  {1}جىسىم  ۋە كۇچ كىلاسسىك فىزىكا ۋە ھازىرقى زامان فىزىكىسىنىڭ مويىم تەتقىقات ئوبىكتى،لېكىن گالىلېي،نيوتون،ئېينىشتىيىن ۋە سىتىفېن خاۋكىڭلاردىن ئىبارەت نەچچە ئەسىرنىڭ فىزىكا ئالىملىرىمۇ ئۈزلىرىنىڭمۇ  جىسىمنىڭ بىر تۇرى ئىكەنلىگىنى چۇشەنمەيدۇ.
   {2}نيوتون  غايەت زور مېخانىك سائەت پەرىزى ئارقىلىق بۇ ئالەمنى ئۇزىنىڭ ياراتقانلىغىنى،ئالەملىك تارتىشىش كۇچىنىڭ ماھىيەتتە ئۇزىنىڭ كۇچى ئىكەنلىگىنى جەزىملەشتۇررگەن.بۇ ئۇنىڭ  ۋە ئۇنىڭ قوللۇغۇچىلىرىنىڭ تاكى ھازىرغىچە غايەت زور سائەتنىڭ  جىسىمنىڭ ئەڭ ئاددى بىر تۇرى ئىكەنلىگىنى چۇشەنمىگەنلىگىنىڭ بىرىنچى قول پاكىتى .بۇنىڭ بىلەن ئادەملەرمۇ ئۈزىنى خۇدا دەيدىغان بولدى.  
  {3} ئېينىشتىيىن  جىسىمنىڭ زادى نىمىلىگىنى ،جىسىم ماسسىسىنىڭ زىچلىق ۋە ھەجىمدىن تۇزۇلگەنلىگىنى ،بۇلار ئوتتۇرسىدا ئوڭ تاناسىپلىق مۇناسىۋەتنىڭ بارلىغىنى بىلمىگەن.شۇنداقلا جىسىم بىلەن ماكان ۋە زاماننىڭ بىر گەۋدە ئىكەنلىگىنى بىلمىگەن.                                                                                             
   {4}ھازىرقى زامان نەزىريەۋى فىزىكىسىدىكى ئەڭ مەشھۇر ئالىم خاۋكىڭمۇ ئادەمدىن ئىبارەت بۇ   جىسىم ۋە ئۇ تۇرغان ماكان-زامان  بىلەن ئانتى ماددىدىن تۇزۇلگەن يەنە بىر  ماكان ۋە زاماننىڭ دىيالىكتىك مۇناسىۋىتىنى  چۇشەنمەيدۇ.شۇ سەۋەپتىن  ئۇمۇ نيوتونغا ۋارىسلىق قىلىپ ئانتى ماددىدىن تۇزۇلگەن يېڭى بىر ئالەمنى يارىتىدۇ،ئۇ ئالەمدىكى كىشىلەر  بۇ ئالەمدىكى كىشىلەردىن سەل دوت.   ھازىر بار بولغان پۇتۇن دۇنياغا ئورتاق بولغان فىزىكا دەرسلىك دەرسلىك كىتاپلاردا ، كىلاسسىك فىزىكىنىڭ ئاساسى توۋرۇكلىرىدىن بولغان نيوتون قانۇنلىرى  ۋە ئالەملىك تارتىشىش كۇچى قانۇنى  بىر سېستىما دەپ قارايدۇ،لېكىن بۇ خىل قاراش  نيوتون قانۇنلىرىنى چۇشەنمەيدىغان فىزىكا دوكتۇرلىرىنىڭ قارىشى.چۇنكى تارتىشىش كۇچىنىڭ كۇچلۇك ياكى ئاجىز  بولۇشى جىسىمنىڭ ماسسىسى يەنى ھەجىم ۋە زىچلىغى تەرىپىدىن بەلگۇلىنىدۇ.يەنى بۇ كۇچ جىسىمنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى ئامىل تەرىپىدىن بەلگۇلىنىدۇ،بۇ ماركىسىزىمدىكى {ئىچكى ئامىل ئاساسى رول ئوينايدۇ،سىرتقى ئامىل قوشۇمچە رول ئوينايدۇ} دىگەن لوگىكا بىلەن ئوخشاش.لېكىن ئۇنىڭ 3قانۇنىنىڭ ھەممىسىدە،سىرتقى ئامىل يەنى سىرتقى كۇچنى بەرگۇچى سىرتقى جىسىم ئاساسى رول ئوينايدۇ،بۇ لوگىكا ماركىسىزىملىق لوگىكا بىلەن تۇپتىن قارمۇ قارشى.بۇ پاكىتلارمۇ نيوتون قانۇنلىرىنى نيوتون ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى 300يىل ئىچىدە نەچچە مىليون ئادەمنىڭ چۇشەنمەيدىغانلىغىنى ئىسپاتلايدۇ.بۇنىڭدىكى ئاساسى نېگىز يەنىلا جىسىم دىگەن نىمە ؟ئادەم جىسىممۇ ئەمەسمۇ ؟دىگەن مەسىلىلەرنىڭ ھەل بولمىغانلىغىنى كۇرسۇتۇدۇ.بۇنداق ئەھۋال ئېينىشتىيىندىمۇ ئۇچۇرايدۇ.                                                      
    ئېينىشتىيىن ھازىرقى زامان فىزىكىسىنىڭ ئاساسى تۇۋرۇكلىرىدىن بولغان { تار مەنىدىكى ۋە كاڭ مەنىدىكى  نىسپىلىك نەزىريەسى}نى ئوتتۇرغا قويغان بولۇپ،ئۇنىڭ 1905يىلى ئېلان قىلغان، بىز {تار مەنىدىكى نىسپىلىك نەزىريەسى}سىنىڭ ئاساسى مەزمونلىرىدا بىر-بىرىگە قارمۇ قارشى مەزمونلار  بار بولۇپ،بۇ ھەقتىكى مەزمونلارنى
دولەت دەرىجىلىك  ژورناللاردا ئېلان قىلىپ بولۇپ،  باغداش ۋە مىسرانىم  تورلىرىدا ئېلان قىلغاندىن كېيىن ،  10تۇمەندەك تورداشلارنىڭ بولۇپمۇ فىزىكا ساھاسىدىكى كىشىلەرنىڭ ئوخشىمىغان تەنقىتلىرىگە ئۇچۇرۇدى،لېكىن ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئۈز ئىسمى بىلەن ئەمەس،كەپتەر،قۇچقاچ دىگەن ناملار بىلەن قارشى پىكىرلەرنى بەردى،بۇنىڭ ئىچىدە دوكتۇر ۋە دوتسىنىتلار،فېرافېسسورلارمۇ نۇرغۇن سالماقنى ئىگىلەيدۇ.  بۇ پىكىرلەرنى يەنىمۇ ئوموملاشتۇرۇپ،2012-11-ئايدا ،ھىندىستاندا چىقىدىغان {يەر شارى ماتىماتىكا ۋە ئىلىم -پەن } ژورنىلىدا {كېمبىرىج ئۇنىۋېرىستېتى ئىنسانىيەت تارىخىدىكى ئىككىنچى ۋاتىكان }دىگەن ماقالىنىمۇ ئېلان قىلدۇق،يەنە كېلىپ بۇنىڭدىكى ئىدىيەدىن پايدىلىنىپ،نەزىريەۋى فىزىكىدىكى ھازىر بار بولغان نەىزىريەلەرنىڭ ئىگىلىرىدىن  نيوتون،ئېينىشتىين ۋە سىتىفون خوك ۋەكىللىگىدىكى فىزىكلارنىڭ ئاساسى نەزىريەلىرىسىكى  خاتالىقلارنى بىرمۇ -بىر دىگۇدەك كورسۇتۇپ ئوتتۇق،،ئۇيغۇرچە تور بىكەتلەردىن مىسرانىم ۋە باغداش ،ئىزدىنىش ۋە بايقاش تورى قاتارلىق 10نەچچە تورغىمۇ بۇ ماقالىلرنى يوللۇدۇق.                                   
        ئۇنداق بولسا جىسىم دىگەن نىمە؟
      جىسىمنى تەڭرى ياراتقانمۇ ياكى ئۇزى پەيدا بولغانمۇ؟يەنى ئىدىيالىزىمدىكى{ روخ بىرلەمچى، ماددا ئىككىلەمچى} دىگەن قاراشنى {روخ بىرلەمچى ،جىسىم ئىككىلەمچى} دەپ قاراشقا بولامدۇ،بۇنى ماركىسىزىمچىلاشتۇرۇپ{جىسىم بىرلەمچى،ئاڭ ئىككىلەمچى} دىيىشكە بولامدۇ يوق دىگەن قاراشنىڭمۇ زورۇر ئىكەنلىگىنى تونۇپ يەتتۇق،فىزىكىدا جىسىم  ئەڭ مويىم ئۇقۇم،جىسىمنىڭ زادى نىمىلىگىنى ئاسىرتوتىل ،گالىلېي،بۇنىڭ بىلەن ئۇلار جىسىمنىڭ ھەركىتىگە بولغان قارىشى بىر تەرەپلىمىىلىكتىن خالى ئەمەس،جىسىم دىگەن نىمە ؟بۇنىڭ مەنىسىنى  نيوتون تۇلۇق چۇشۇنۇپ كېتەلمەيدۇ،شۇ سەۋەپتىن ئۇ ئۇزىمۇ سەزمەيلا  مۇتلەق ئوخشىمايدىغان ئالەم بىلەن غايەت زور سائەتنى بىر ئۇقۇم دەپ قاراپ قالغان،بۇنىڭ بىلەن {ئىنجىل}دىكى يىللارغا ئاساسلانغاندىمۇ ھەرىكەت قىلغىلى 5600يىلدىن ئاشقان ئالەمنى ھەرىكەت قىلمىدى دەپ قاراپ،تەڭرىنى چاقىرغان،خىرىستىئان دىنىنىڭ لوگىكىسىدىن قارىغاندا تەڭرىنىڭ  كېلىپ  ئالەملىك بىرىنچى تارتىشىش كۇچىنى  ئىشقا سېلىپ ئالەمنى ھەرىكەتلەندۇرۇشى مۇمكىن ئەمەس.شۇنىڭ ئۇچۇن پەقەت نيوتونلا بۇ سائەتنى ھەرىكەتلەندۇرەلەيدۇ.لېكىن نيوتوندا بۇنچىلىك زور كۇچ يوق،يەنە كېلىپ نيوتوننىڭ تەڭرى بىلەن كۇرۇشىشىمۇ مۇمكىن ئەمەس،،كېيىنكى ۋاقىتلاردا فىزىكا ساھاسىدىكى نوپوزلۇق ئالىملار نيوتوننى خاتىرلەش ئۇچۇن كۇچنىڭ بىرلىگىنى نيوتون دەپ ئالغان،بۇ ھازىر  بۇ قاراش پۇتۇن دۇنيا مىقياسىغا كەڭ ئومومىلىشىپ كەتتى،كۇرۇشكە بولىدىكى بىرىنچى ئىتتىرىش كۇچى بىلەن تارتىشىش كۇچىنىڭ مەنىسى بىر ئۇقۇم، ئاتىلىشى ئوخشاش ئەمەس. كۇچنىڭ بىرلىگىنى نيوتون دەپ قاراشمۇ ئەمەليەتتە نيوتوننى  بۇ ئالەمنىڭ ياراتقۇچىسى دەپ قاراش بىلەن پەرقلەنمەيدىغان قاراشتۇر.   
         بۇنى چۇشۇنەي دىسەك، تارىخى ماتىريالىزىملىق مەيدانغا تۇرۇپ قارىساق،نيوتون بۇ ئالەمگە كېلىشتىن بۇرۇنلا ئالەم تارتىشىش كۇچىنىڭ تەسىرىدە ھەرىكەت قىلىۋاتقان بولۇپ،بۇ كۇچ نيوتوننىڭ كۇچى ئەمەس، بەلكى تەبىئەت دۇنياسىدا ئەسلىدىلا بار بولغان كۇچتىن ئىبارەت.ھازىرقى ۋاقىتتا ئالەمنىڭ ئومومى تارىخىنىڭ تەخمىنەن 13مىليارت 700مىليون يىلدىن ئاشقانلىغىنى،نيوتوننىڭ تەڭرىنى چاقىرىشىنىڭ تامامەن زورور ئەمەسلىگىنى كۇرۇپ يەتتۇق،دىمەك نيوتون  ئۇزىنى تەڭرى قىلىپ قاراپ قالغان، يەنە كېلىپ بۇ قاراش يىتەكچىلىگىدىكى مەزمونلار پۇتۇن دۇنيانىڭ دەرسلىكلىرىگە كىرىپ بولدى،بۇ ساپا مائارىپىنىڭ تەرەقىياتىنىي بۇغۇپ تۇرۇدىغان غايەت زور كۇرۇنمەس كۇچ.بۇمۇ بىر زور خاتالىق.لېكىن نيوتون جىسىمنىڭ  ھەجىم ۋە زىچلىقتىن تۇزۇلىدىغانلىغىنى  ئوتتۇرغا قويغان،لېكىن بۇ قاراشنى  ئېينىشتىيىن{ تار مەنىدىكى نىسپىلىك نەزىريەسى}نى ئېلان قىلغاندىن باشلاپ پۇتكۇل ئىنسانىيەت دىگۇدەك ئاساسەن ئىنكار قىلىدۇ، دىمەك نيوتون  ۋە ئېينىشتىيىننىڭ ،سىتىفون خوكنىڭ  نەزىرىدە ماسسا  ئوخشىمايدىغان ئىككى خىل مەنىگە ئىگە. شۇنىڭ بىلەن ئۇ {ئادەم نۇر تېزلىگىدە يۇرگەندە، ماكان ۋە زاماندا ئۇزگۇرۇش بولىدىغانلىغىنى ،ئادەمنىڭ  ئۇزۇن ئۇمۇر كۇرۇدىغانلىغىنى ئوتتۇرغا قويۇپ،پۇتۇن دۇنيا مىقياسىدا ئۇزۇن ئۇمۇر كۇرۇشنى ئارزۇ قىلىدىغان كىشىلەر}گە رىتسىپ چىقىرىپ بەردى،لېكىن بۇنىڭ بىلەن ئۈزىنىڭ1905يىلى ئېلان قىلغان{تار مەنىدىكى نىسپىلىك نەزىريەسى}نىڭ ئىككىنچى مەزمونى بولغان{ تېزلىك ئاشسا  جىسىمنىڭ ماسسىسىنىڭ ئاشىدىغانلىغىنى  تامامەن ئاغدۇرۇپ تاشلىدى}، دىمەك ئېينىشتىيىن ئۈز نەزىريەسىدىكى بۇ خاتالىقنى سەزمىگەن،ئۇنىڭدىن كېيىنكىلەرمۇ بۇ ھەقتە تەپسىلى تەھلىل ئېلىپ بارمىغان، يەنى ئەڭ ئاساسى پىرىنسىپلاردىكى بۇ ئەجەللىك قارمۇ-قارشىلىقنى سەزمىگەن .بۇ دۇنيا فىزىكا ساھاسىدىكى مائارىپنىڭ سۇپىتىگە قويۇلىدىغان تەلەپنىڭ تۇۋەنلىگىنى كۇرسۇتۇدۇ.  

         بۇگۇنكى كۇنلۇكتە بولسا،ئەنگىلىيە كېمبىرىج ئۇنىۋېرىستېتىنىڭ نەزىريەۋى فىزىكا ئالىمى سىتىفون خوۋكىڭ نيوتونغا ۋارىسلىق قىلىپ،2001يىلىدىن باشلاپ پۇتۇن دۇنيا مىقياسىدا كەڭ سېتىلغان {شاكال ئىچىدىكى ئالەم }دىگەن كىتاۋىدا ، ئالەمنى تەسۋىرلەشتە،ئالەمنىڭ  پەيدا  بولۇپ تەخمىنەن  13مىليارت يىل ئوتكەندىن كېيىن پەيدا بولغان ياڭئاقنىڭ مىۋىسىنى ئېلىپ،ئاندىن ياڭئاقنىڭ مېغىزىنى تاشلاپ قويۇپ،ئۇنىڭ قۇرۇق قېپىغا ئالەمنى سولىغان،يەنى ھازىر بار بولغان نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى مۇشۇ قاپتىن چىققان بولىدۇ،بىز بۇنى ئۇبىرازلىق ئوخشۇتۇش دەپ چۇشۇنۇپ كەلگەن ئىدۇق،لېكىن بۇ خىل ئوبىرازلاشتۇرۇش بىلەن نيوتوننىڭ ئالەمنى غايەت زور مېخانىك سائەتكە ئوخشۇتۇشىدىكى ئوبىرازلاشتۇرۇش بىلەن   بىر كېلىپ قالىدىكەن ،نيوتون ئالەمنى غايەت زور سائەتكە ئوخشۇتۇشىنى تاساددىبىلىق دەپ قارىغىلى بولمايدۇ،ھازىر قارىساق،ئۇ ئالەمدىن بىرنى ياراتقان،ھەم بۇ ئالەمنى ئۇزى ھەرىكەتلەندۇرگەن ،بۇنى بۇنىڭدىن باشقا خىل ئۇسۇلدا چۇشەندۇرگىلى بولمايدۇ،سىتىفېن خاۋڭنىڭ ئادەمنى جىسىم دەپ قارىغانلىغىدا گەپ يوق،لېكىن ئۇ ئانتى ماددىدىن تۇزۇلگەن يەنە بىر ئادەمنىمۇ ياراتقان يەنى ئۇ بىزنى ئەسكەرتىپ{كۇنلەرنىڭ بىرىدە ،ئانتى ماددىدىن تۇزۇلگەن ئۈزىڭئىز بىلەن ئۇچۇرۇشۇپ قالسىڭئىز،ھەرگىز قول ئېلىشىپ كۇرۇشمەڭ،بۇنىڭدا ئىككىڭلارنىڭ قولى تېگىشكەن ھامان ھەر ئىككىلىڭلار پارتلاپ كېتىسىلەر}دەپ ئەسكەرتكەن}{بۇ مەزمون ۋاقىتنىڭ قىسقىچە تارىخى-شىنجاڭ خەلق نەشىريەتى نەشىر قىلغان ئۇيغۇرچە نۇسخىسىنىڭ 98-بېتىدە ئۇچۇرايدۇ،بۇنىڭدا بىز ئۇنىڭ نەدىن خاتالاشقانلىغىنى كۇرۇپ باقايلى،ھازىرقى ئادەملەرنىڭ ھەممىسى ھەقىقى ماددىدىن تۇزۇلگەن،ئادەم ھاياتلىق جەريانىدا ھاۋادىن نەپەس ئالىدۇ،يىمەك -ئىچمەك،كىيىم كىچەككە،تۇرالغۇ ئۈيگە ئېھتىياجلىق بولىدۇ،بۇلارنىڭ ھەممىسى ھەقىقى ماددىدىن تۇزۇلگەن،ئانتى ماددىدىن تۇزۇلگەن ئادەم بولسا،ئانتى ماددىدىن تۇزۇلگەن ھاۋا،يىمەك ئىچمەك،كىيىم كىچەككە ،تۇرالغۇ ئويگە تايىنىدۇ،بۇلارنىڭ ھەممىسى ئانتى ماددىدىن تۇزۇلگەن بولىدۇ،ئۇلار بۇ رايوندىن ئايرىلسىلا ئۇلارنىڭ ياشاش مۇھىتى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچۇراپ،ھاياتىدىن ئايرىلىدۇ،يەنە كېلىپ ئانتى ماددىدىن تۇزۇلگەن سىز قۇياس سېستىمىسىغا كىرىشىڭئىز بىلەنلا،ھەقىقى ماددا بىلەن ئۇچۇرۇشۇپ،شۇ يەردىلا پارتلاش يۇز بېرىدۇ،ئىككى ئادەمنىڭ كۇرۇشەلىشى زادىلا مۇمكىن بولمايدىغان رىياللىق،كۇرۇشكا بولىدىكى،سىتىفېن خاۋكىڭمۇ  پەقەت مەۋجۇت بولمىغان ئانتى ماددىدىن تۇزۇلگەن سىزدىن يەنە بىرنى ياراتقان، يەنە كېلىپ بۇ  بۇ كىتاپ پۇتۇن دۇنيا مىقياسىدا كەڭ سېتىلغان،ناھايىتى بازار تاپقان،بىز بۇ كىشىلەرنىڭ خاتالىشىپ قېلىشىدىنكى ئەھۋاللارنى مۇنۇ ئۇسۇل ئارقىلىق بىلەلەيمىز.                                                                                          
    1840-يىللىرى ئەتىراپىدا ئېنگىلىس ئىلىم- پەننىڭ ئەينى چاغدىكى سەۋىيەسىگە ئاساسەن  پۇتكۇل ئالەمدىكى بارلىق  جىسىملارنىڭ ھەركەت شەكىللىرىنى 5خىل شەكىلگە بۇلگەن بولۇپ ،{ ماركىسىزىملىق  جىسىم كاتوگىرىيەسى--جىسىمنىڭ ئاساسى شەكىللىرى}نىڭ مايدانغا كېلىشى ئۇچۇن مۇستەككەم ئاساس سېلىپ قويغان،فىزىكا ساھاسىدىكى{ ئالەمنىڭ چوڭ پارتلاش نەزىريەسى }ۋە{ تار دائىردىكى نىسپىلىك نەزىريەسى}  ماركىسىزىملىق جىسىم  كاتۇگىرىيەسىنىڭ مەيدانغا كېلىشىگە، جىسىمغا يېڭى ئېنىقلىما بېرىشىگە ماددى ئاساس بولدى.   يەنى جىسىم-ئوبىكتىپ چىنلىقنى ئىپادىلەيدىغان پەلسەپەۋى كاتوگىرىيە،ئو ئاددى شەكىلدە پەيدا بولۇپ مۇرەككەپ شەكىلگە قاراپ تەرەقى قىلغان ،بەش خىل ئوخشىمىغان شەكىلدە ئىپادىلىنىدىغان ، ھايۋاناتلارنىڭ  مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش شەكلى بىرىنچى فىزولوگىيەلىك-پىسخولوگىيەلىك ھەركەت  شەكلى ،ئىنسانلارنىڭ مەۋجۇت بولۇش شەكلى  ئىككىنچى  دەرىجىلىك فىزولوگىيەلىك -پىسخولوگىيەلىك ھەركەت شەكلى  ۋە ئۇلار  ئورتاق يېڭىدىن  ياراققان ماددا شەكىللىرىنىڭ   ھەممىسى جىسىم دىيىلىدۇ،  بولۇپمۇ ئىنسانلار ياراتقان يېڭى جىسىم شەكىللىرىدىن بولغان ھازىرقى زامان قاتناش قوراللىرى،كومپۇيوتىر قاتارلىق ئېلىكتىرون مەخسۇلاتلىرىنىڭ ھەممىسى ئىنسانلارنىڭ ئېڭىغا باغلىق بولغان يېڭى جىسىم شەكىللىرىدۇر،ئىنسانلار پەيدا بولمايدىكەن بۇلارمۇ مەۋجۇت بولمىغان بولاتتى.بۇنداق دىيىشتىكى سەۋەپ ھايۋانلار بىرىنچى دەرىجىلىك تاش قوراللارنى ئىشلىتىدۇ ،ئىنسانلار بولسا تېخىمۇ پىششىقلاپ ئىشلەنگەن ئەمگەك قوراللىرىنى ئىشلىتىپ يېڭى قىممەت يارىتىدىغان بولغانلىغى ئۇچۇن لوگىكا بويىچە ئىنسانلاردىكى ئاڭ ئىككىنچى دەرىجىلىك ئاڭ بولۇشى كېرەك .   
         جىسىم شەكلى يەنە ئىككى تۇرگە يەنى   جىسىمنىڭ تەبىى شەكلى ۋە ئىجتىمايى مەۋجۇدىيەت شەكلى دەپ ئىككى تۇرگە بولونىدۇ،مەسىلەن ، جىسىم تەبىى شەكلى ئالەمدىكى يۇلتۇزلار سېستىمىسى 1000مىليوندىن ئاشىدۇ.سامان يولى سېستىمىسى دەل بۇلارنىڭ بىرى،بولۇپ،بۇمۇ قۇياش سېستىمىسىدەك سېستىمىدىن 20مىليوندىن كۇپەرەكتىن تۇزۇلگەن،بۇلار دەل  ئىنسانلارنىڭ قەدىمى  يەتمىگەن قۇياش سستىمىسىدىكى باشقا پلانىتلار ،قۇياش سېستىمىسىدىن سىرتقى ساھالەردىكى جىسىم شەكىللىرى بىلەن ئىنسانلار پەيدا بولۇشتىن بۇرۇنقى جىسىم  شەكىللىرى ۋە ھازىرمۇ ئىنسانلار تېخى ئۇزگەرتىشكە ئۇلگۇرمىگەن ساھالەرنىڭ ھەممىسى جىسىمنىڭ تەبىى شەكلىگە كىرىدۇ .دىمەك ئىنسانلارنىڭ ئايىغى يەتمىگەن تەبىى جىسىم شەكلى قۇياش سېستىمىسىنىڭ چوڭ كىچىكلىك پەرقى ئىنتايىن زور،لېنىننىڭ ئەينى چاغدا ئىنسان ئۈڭىغا باغلىق بولمىغان جىسىم  شەكىللىرى دىگىنى دەل مۇشۇ تەبىى ساھەنى كۇرسۇتۇدۇ.  
   
               --  جىسىمنىڭ ئىجتىمايى مەۋجۇدىيەت شەكىللىرى ----بولسا ئىنسانلارنىڭ ئەمگىگى ئارقىلىق يېڭىدىن ئۇزگەرگەن يېڭىدىن يارىتىلغان تۇرلەر كىرىدۇ،بۇلارنىڭ مەۋجۇت بولۇشى  ئاڭنى بىۋاستە شەرت قىلىدۇ،ئاڭ بولمىغان بولسا بۇلار مەۋجۇت بولمىغان بولاتتى.مەسىلەن  ھازىر دۇنيادا ئامرىكا بىلەن ئىراقنىڭ ،چاۋشەننىڭ قىزىق تالىشىش نوختىسى بولىۋاتقان يادرو قۇراللار مەسىلىسى،كۇپ دۇلەتلەرنىڭ  ئىراق بىلەن ئۇرۇش قىلىشى،سادام ھاكىميىتىنىڭ گۇمران بولۇشىغا سەۋەپ بولغان چوڭ تىپتىكى قىرغۇچى يادرۇ قوراللار ۋە بىولوگىيەلىك قۇراللار دەل ئاڭ بولغانلىغى ئۇچۇن  بۇلار مەۋجۇت  بولغان.   
       ئېنگىلسنىڭ {ھەركەتنىڭ ئاساسى شەكىللىرى}دىكى ھەر خىل ھەركەت شەكىللىرى ئاددىدىن مۇرەككەپلىككە قاراپ تىزىلغان بولۇپ ،ھەر خىل ھەركەت شەكلى ئۇز ئىچىگە كۇپ خىل ھەرىكەت شەكىللىرىنى ئوز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۇلار   ئوزىنىڭ ھەرىكەت قانۇنيەتلىرى بىلەن   مۇئەييەن ماكان ۋە زاماندا ھەركەت قىلىدۇ،مەسىلەن مۇتلەق كۇپ ساندىكى ئىنسانلار يەر شارىدىلا پائالىيەت قىلىدۇ،بۇنىڭ ئىچىدە يەنە مۇتلەق كۇپ ساندىكى كىشىلەر پۇتۇن ئۇمۇرىنى دىگىدەك  ئۈزى تۇرۇشلۇق  ماكاندا ئۇتكۇزىدۇ.ئاددى دەرىجىلىك ھەركەت شەكلى يۇقۇرى دەرىجىلىك ھەرىكەت شەكلىنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى ۋە تەرەقى قىلىشىدىكى ماددى ئاساس.يۇقۇرى دەرىجىلىك ھەرىكەت شەكلى تۇۋەن  دەرىجىلىك  ھەرىكەت شەكلىدىن تەرەقى قىلىپ كەلگەن.شۇنىڭ ئۇچۇن يۇقۇرى دەرىجىلىك ھەرىكەت شەكلىنى تۇۋەن دەرىجىلىك شەكلىگە يىغىنچاقلاپ قويۇشقىمۇ ،تۇۋەن دەرىجىلىك ھەرىكەت شەكلىنى يۇقۇرى دەرىجىلىك ھەرىكەت شەكلىگە كۇتۇرۇشكىمۇ بولمايدۇ. ----        
        بۇنى {ئالەمنىڭ  پارتلاش نەزىريەسى}گە ئېلىپ كەلسەك ،بۇندىن 13مىليارت700مىليون يىل بۇرۇن ئېغىرلىغى 9كىلوگىرام ،ئۇزۇنلىغى  10-34سانتىمېتىرلىق دەرىجىدىن تاشقىرى كىچىك ئالەم پەيدا بولغان بولۇپ ،ئۇنىڭ شۇ چاغدىكى تىمپۇراتۇراسى 10نىڭ 32دەرىجىسى كالورىيە بولۇپ ،بۇ ئالەم پەيدا بولۇپ 10نىڭ مىنوس 44سىكىنوتتىن كېيىنلا  پارتىلىغان.ئوخشىمىغان ماتىرياللاردا بۇ چاغدىكى پارتلاش تېزلىگى ئىنتايىن يۇقۇرى بولۇپ ،نۇر تېزلىگىدىن يۇقۇرى .پارتلاشنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە ماددا بىلەن ئانتى ماددا تەڭلا پەيدا بولغان ،چۇنكى ئىسسىقلىق ماددىغا ئۇزگۇرەلەيدۇ.تەڭلا ۋاقىتتا پەيدا بولغان ماددا بىلەن ئانتى ماددىنىڭ ماسسىسىدا پەرق بار بولۇپ ،ماددا ئانتى ماددىدىن سەل چوڭ،شۇنىڭ ئۇچۇن ھازىرقى ئالەمدە ماددىلا قىپ -قالغان.ئانتى ماددا بەك ئاز. كېيىن ئالىملار بۇ ئانتى ماددىنى بايقىدى،بۇنىڭ بىلەن نوبېل فىزىكا مۇكاپاتىغا ئېرىشتى،پارتلاشنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە كۋارك ،ئېلىكتىرون قاتارلىق »ئاساسى زەرىچە  دەپ قارىلىۋاتقان ماددىلار باشتا پەيدا بولغان،ئاندىن كۇۋاركلار بىرىكىپ  پروتون بىلەن نېيترونلار پەيدا بولغان.ئالەم پەيدا بولۇپ 3مىنوتتىن كېيىن ئولۇنۇپلا بىر پروتوندىن تۇزۇلگەن ھىدروگىن ئاتوم يادروسى،پروتون ۋە نېيتروندىن تۇزۇلگەن ھىدروگىننىڭ ئىزوتوپ يادروسى، ئىككى پروتون ۋە ئىككى نېيتروندىن تۇزۇلگەن ھىدروگىن ئاتوم يادروسى پەيدا بولغان .ئالەم پەيدا بولۇپ 38تۇمەن يىلدىن كېيىن ،ئالەمنىڭ تىمپۇراتۇراسى 3000گىرادۇسقا چۇشكەن بولۇپ ،ھىدروگىن ئاتوم يادروسى بىلەن بىر ئېلىكتىرون بىرىكىپ ھىدروگىن ئاتومىنى ھاسىل قىلغان.ھىدروگىن ئاتوم يادروسى بىلەن ئىككى ئېلىكتىرون بىرىكىپ ،گېلىي ئاتومىنى ھاسىل قىلغان،ھىدروگىننىڭ ئىزوتوپ ئاتوم يادروسى بىر ئېلىكتىرون بىلەن بىرىكىپ ،ئىزوتوپ ئاتومنى ھاسىل قىلغان.ئالەم بىر تەرەپتىن ئۇزلۇكسىز كېڭئەيگەن،يەنە بىر تەرەپتىن تىمپۇراتۇراسى ئۇزلۇكسىز تۇۋەنلىگەن ،بۇ جەرياندا پلانتلار بىلەن يۇلتۇزلار سېستىمىسى ئۇزلۇكسىز پەيدا بولغان،ئالەمدىكى يۇلتۇزلار سېستىمىسى 100مىليارتتىن ئاشىدۇ.تەخمىنەن 12مىليارت بۇرۇن شەكىللىنگەن سامان يولى سېستىمىسى بۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىرى. سامان يولى سېستىمىسى قاينامدىن تۇزۇلگەن بۇلۇپ ،دىيامىتىرى 10تۇمەن نۇر يىلى كېلىدۇ،يەنى نۇرنىڭ سامان يولىنىڭ بىر چېتىدىن يەنە بىر چېتىگە چىقىپ كېتىشى ئۇچۇنمۇ 10تۇمەن يىل ۋاقىت كېتىدۇ.سامان يولىدىكى پلاناتلار 200 مىليارتتىن ئاشىدۇ.تەخمىنەن 5مىليارت يىل بورۇن قۇياش سېستىمىسى پەيدا بولغان،تەخمىنەن 4مىليارت 500مىليون يىل بۇرۇن يەر شارى پەيدا بولغان.
 ---ئالەم يېڭى پەيدا بولغان مەزگىلدە ،ئەڭ بۇرۇن شەكىللەنگەن پلانتلار   بىر قەدەر يېنىك بولغان ھىدروگىن ۋە گېلىي قاتارلىق يېنىك ئېلىمىنىتلاردىن تۇزۇلگەن بولۇپ،پلانتلارنىڭ ئىچىدە يادرونىڭ بىرىكىش رىئاكسىيەسى بولۇپ،ئالدى بىلەن ھىدروگېن  بىلەن گېلىي  بىرىكىپ  گېلىي ھاسىل بولغان، ئاندىن كېيىن كاربون،ئاندىن ئوكسىگېن، خلور، ماگنىي، گۇڭگۇرت،كالتسىي،تومۇر قاتارلىق بىرقەدەر ئېغىر ئېلىمىنىتلار پەيدا بولغان، بۇ ئالىمىنىتلاردىن تۇزۇلگەن پلانتلار ئۇمۇرىنىڭ ئاخىرىدا يەنە پارتلاپ تەركىۋىدىكى بۇ خىل ئېغىر ئېلىمىنىتلارنى ئالەمگە چېچىۋەتكەن،بۇ ئېلىمىنتلار يەنە يىغىلىپ پلانتلارنى ھاسىل قىلغان، ئۇمۇرىنىڭ ئاخىرىدا بۇلار يەنە پارتلاپ ......مۇشۇنداق ئۇزلۇكسىز تەكرارلىنىش ئارقىلىق 100خىلدىن ئارتۇق خىمىيەلىك ئېلىمىنىتلار مانا مۇشۇنداق پەيدا بولغان،                  
            تەخمىنەن 4مىليات يىل بۇرۇن يەر شارىدا تاق ھۇجەيرىلىك جانلىقلار پەيدا بولغان، ئاندىن ئۇلار تەرەقى قىلىپ جۇپ ھۇجەيرىلىك جانلىقلارغا ،ئۇلار فونتوسىنتاز ئارقىلىق {دېڭىز ئاستىدا ئېلىپ بارغان فونتوسىنتېز}تەخمىنەن 2مىليارت500مىليون يىلدىن 2مىليارت يىل بۇرۇن بولغان.تەخمىنەن 600مىليون يىل بۇرۇن ھايۋانلار پەيدا بولغان. تەخمىنەن 550مىليون يىل بۇرۇن ئومۇرتقىسىز ھايۋانلار پەيدا بولغان.420مىليون يىل بۇرۇن ئۇسۇملۇكلەر قۇرۇقلۇققا يىلتىز تارتقان،تەخمىنەن 360مىليون يىل بۇرۇن ئۇمۇرتقۇلۇق جانلىقلار پەيدا بولغان.تەخمىنەن 300مىليون يىل بۇرۇن ئوملۇگۇچى ھايۋانلار پەيدا بولغان،تەخمىنەن 2مىليارت500مىليون يىل بۇرۇن سۇت ئەمگۇچى ئوملۇگۇچى ھايۋانلار پەيدا بولغان،--تەخمىنەن 245مىليون يىل بۇرۇن ئۇمۇرتقۇسىز جانلىقلار يوقالغان،تەخمىنەن 228مىليون يىل بۇرۇن دڭنازاۋۇرلار پەيدا بولغان.80مىليون يىل بۇرۇن كىچىك تىپتىكى سۇت ئەمەۇچى ھايۋانلار پەيدا بولغان،-تەخمىنەن 65مىليون بۇرۇن دىنازاۋۇرلار يوقالغان،48مىليون يىل بۇرۇن ئەڭ بۇرۇنقى ئادەمسىمان مايمونلار پەيدا بولغان،-تەخمىنەن 44مىليون يىل بۇرۇن لامىدا مايمونسىمان ئادىمى پەيدا بولغان،تەخمىنەن 4مىليون يىل بۇرۇن ئىنسانلار پەيدا بولغان، تەخمىنەن 160تۇمەن يىل بۇرۇن ئافرىقىدا ئۇرە ماڭئالايدىغان ئىنسانلار پەيدا بولغان،ھەم ئۇلار ئوت ئىشلەتكەن.                                                                             
           ئالەمنىڭ 13مىليارات 700مىليون  بۇرۇن پەيدا بولغان ماددا دەل مۇشۇنداق قىلىپ تەرەقى قىلىپ ھاياتلىق پەيدا بولغان ،يەنى جىسىم ئاددى شەكىلدىن مۇرەككەپ شەكىلگە قاراپ تەرەقى قىلغان بولۇپ،،ماركىسىزىملىق پەلسەپەدە دىيىلىۋاتقان ماددا بىلەن  ھازىرقى زامان ۋە قەدىمكى زامان كىلاسسىك فىزىكىسىدا  تەتقىق قىلىنىۋاتقان  جىسىمنىڭ ئوخشاش بىر ماددا ئىكەنلىگى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلاندى.1840يىللىرى ئېنگىلس ماددىنىڭ ھەركەت شەكىللىرىنى 5تۇرگە بۇلگەن،بۇ نەزىريەنى جىسىمنىڭ پەيدا بولۇش ،تەرەقى قىلىش ۋە ئۇزگۇرۇش جەريانلىرى بىلەن بىرلەشتۇرسەك .بۇ ماددىلارنىمۇ بەش خىل  شەكىلگە بولگىلى بولىدۇ.بۇلار دەل جىسىمنىڭ مىخانىك شەكلى،فىزىكىللىك شەكلى ،خىمىيەلىك شەكلى،بىولوگىيەلىك شەكلى ۋە ئىجتىمىيى مەۋجۇدىيەت شەكلىدۇر.     
*      جىسىمنىڭ مىخانىك شەكلى-----تەخمىنەن 13مىليارت700مىليون يىل بۇرۇن پەيدا بولغان ،مۇتلەق {نول}گە تەڭ بولمىغان يوقلۇقتىن پەيدا بولغان،تىمپۇراتۇراسى ئىنتايىن يۇقۇرى بولغان ،ئېغىرلىغى 9كىلوگىراملىق 10نىڭ مەنفى 34دەرىجىسى سانتىمىتىرلىق دەرىجىدىن تاشقىرى كىچىك ئالەم ،ھەم ئىچكى كۇچنىڭ{ئىسسىقلىق} ئاساسلىق ،سىرتقى كۇچنىڭ قوشۇنچە رول {ھەقىقى بوشلۇق }ئۇينۇشى نەتىجىسىدە،{يەنى ماددا بىلەن ئانتى ماددا پەيدا بولۇشتىن بۇرۇن}،ئۇزلۇكسىز ھازىرغىچە  كېڭئەيگەن،ھەم مۇشۇ ئالەمدىكى ئۇزلۇكسىز كېڭىيىۋاتقان ھەم بۇنىڭ ئىچىدىكى ئېزلۇكسىز تارىيىۋاتقان يەنى ئاللىقاچان قارا ئوڭكۇر ھاسىل قىلىغان ۋە قارا ئوڭكۇر بۇلۇپ  شەكىللىنىۋاتقان ماددىلارنى كۇرسۇتىدۇ.بۇ جىسىم شەكلىنىڭ ئاساسلىق ھەركەت شەكىللىرى،،ماددىنىڭ ئورۇن يۇتكۇلۇشى بولۇپ.بۇ ھەركەتلەرنىڭ كۇرسۇتۇدىغىنى 100مىليارتتىن ئارتۇق يۇلتۇزلار سېستىمىسى،سامان يولى سېستىمىسىدىكى پلانتلار 100 مىليارتتىن ئاشىدۇ،بۇلارنىڭ ھەركىتى دەل مىخانىك ھەركەت قىلىدىغان ماددىنىڭ مىخانىك شەكلىدۇر.بۇ ماددىنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش ماكانى 13مىليارت700مىليون نۇر يىلى ئارلىق بولۇپ،زامانىمۇ ئەڭ ئۇزۇن.ھەركەت قىلىش ماكانى ئەڭ كىچىك بولغىنى ئىنسانلار بولۇپ،يەر شارى ۋە ئاي شارىدىن ئىبارەت.
  ---جىسىمنىڭ  فىزىكىلىق شەكلى----دەرىجىدىن تاشقىرى كىچىك ئالەمنىڭ پارتىلىشىدىن پەيدا بولغان،ئىسسىقلىقنىڭ ئۇزگۇرۇشىدىن پەيدا بولغان ،ماددا ۋە ئانتى ماددا ۋە ماددىدىن ئۇزگەرگەن كۋاراك،ئېلىكتىرون قاتارلىق ئاساسى زەرىچىلەر،ھەم كۋاركلارنىڭ بىرىكىشىدىن پەيدا بولغان پروتون،نېيترون، مېزون قاتارلىق 300خىلدىن ئارتۇق ئاساسى زەرىچىلەر  ۋە ئۇلارنىڭ ھەر خىل شەكىلدىكى ھەرىكىتى بولغان نۇر ،ئىسسىقلىق ،سۇغۇق ،توك ،ئاۋاز،ماگنىت مەيدانى قاتارلىق ھەركەتلەرنى كۇرسۇتىدۇ.جىسىم فىزىكىلىق شەكلىنىڭ ئومومى مەۋجۇت بولۇش ۋاختى ماددا مىخانىك شەكىلدىن سەپ -پەل قىسقا،ماكانىمۇ شۇنداق.بۇلارنىڭ زامانى تەخمىنەن 13مىليارت 7000مىليون يىل .
  -----جىسىمنىڭ خىمىيەلىك شەكلى ------ئالەم پەيدا بولۇپ تەخمىنەن38 تۇمەن يىلدىن كېيىن تىمپۇراتۇرانىڭ ئۇزلۇكسىز چۇشۇشىگە ئەگىشىپ {10نىڭ 9دەرىجىسى كالورىيە}،جىسىمنىڭ فىزىكىلىك شەكلى بولغان ھىدروگىن  ۋە ھىدروگىن ئىزوتوپى ئاتوم يادروسى ۋە ئېلىكتىرونلارنىڭ بىرىكىشىدىن ھاسىل بولغان ئاتوم ۋە ئۇلارنىڭ يادرو رىئاكسىيەسى ئارقىلىق پەيدا بولغان لىتىي،فوسفور،قەلەي،ئوكسىگېن،ناتىرىي،كالىتسىي،ئاليومىن،مىس كۇمۇش ،ئالتون قاتارلىق خىمىيەلەك ئېلىمىنىتلار ۋە ئۇلارنىڭ ھەر خىل شەكىلدىكى بىرىكىشىدىن شەكىللەنگەن خىمىيەلىك بىرىكمىلەر.ئاساسلىق ھەركەت شەكىللىرىدىن ئاتوم يادروسىنىڭ بىرىكىشى ۋە پارچىلىنىشى ۋە يادرو رىئاكسىيەسى قاتارلىقلار بۇ جىسىم شەكلىنىڭ مەۋجۇت بولۇش ماكانى 100مىليارتلىق پۇتكۇل ئالەم.ۋاختى 13مىليارت700مىليون يىلدىن -30تۇمەن يىل.بۇ مەزگىلدە جىسىمنىڭ مىخانىك شەكلى،فىزىكىلىق شەكلى ۋە خىمىيەلىك شەكىللىرى پەيدا بولۇپ بولغان بولۇپ ،ھەرىكەت شەكىللىرىدىن مىخانىك ھەرىكەت ،فىزىكىلىك ھەرىكەت ۋە خىمىيەلىك ھەرىكەت شەكىللىرىلا بار بولۇپ ،ئۇسۇملۇك ،ھايۋانات ۋە ئىنسانلار تېخى بولمىغانلىغى ئۇچۇن بىولوگىيەلىك ھەرىكەت بىلەن ئىجتىمايى ھەرىكەت شەكىللىرى تېخى مەۋجۇت ئەمەس.
   ------جىسىمنىڭ بىولوگىيەلىك شەكلى-----جىسىم خىمىيەلىك شەكلىنىڭ  9مىليارت 700مىليون يىللىق ئۇزلۇكسىز ئوزگۇرۇش ۋە  تەرەقىياتىدىن كېيىن پەيدا بولغان،تاق ھۇجەيرىلىك جانلىقلاردىن -كۇپ ھۇجەيرىلىك جانلىقلارغىچە{ئۇسۇملۇكلەر}--- ئولاردىن ھايۋاناتلارغىچە{ئۇمۇرتقۇسىز}--ئولاردىن ئومۇرتقۇلۇق جانلىقلارغىچە ----ئۇلاردىن سۇت ئەمگۇچى ئۇملۇگۇچى جانلىقلارغىچە-- ۋە ئۇلاردىن سۇت ئەمگۇچى جانلىقلارغىچە بولغان بولغان بارلىق شەكىللەر جىسىمنىڭ بىولوگىيەلىك شەكلى  جىسىم  دىيىلىدۇ.بۇلار يەنە ئۇز ئىچىدىن ئوتخور ۋە گۇشخور،قۇشلار ۋە بېلىق تۇرىدىكىلەرنىمۇ ئۇز ئىچىگە ئالىدۇ.شۇنداقلا تەخمىنەن 65مىليون يىل بۇرۇن نەسلى قۇرۇپ كەتكەن دىنازاۋۇرلارنىمۇ ئېز ئىچىگە ئالىدۇ.بۇلارنىڭ مەۋجۇت بولۇش ماكانى نۇۋەتتە يەر شارىدىن ئىبارەت.
بۇلار چوڭ ئىككى تۇرگە بولىنىدۇ،يەنى ئوسۇملۇكلەر ۋە ھايۋاناتلار.
  -ئۇسۇملۇكلەرنىڭ ھاياتلىق ھەركىتى  ھەرىكىتى فونتوسىنتىز بولۇپ ،قۇياش ئېنىرگىيەسىنى بىولوگىيەلىك ئېنىرگىيەگە ئايلاندۇرىدۇ.يەنى بۇ ئارقىلىك بارلىق سامان غوللۇق ۋە ياغاچ غوللۇق ئۇسۇملۇكلار ئۇسىدۇ.ھايۋاناتلارنىڭ ھەركىتى دەسلەپكى شەكىلدىكى فىزولوگىيەلىك -پىسخولوگىيەلىك ھەرىكەت بولۇپ،ئۇلارمۇ ئىنسانلارغا ئۇخشاش سۇغا،ھاۋاغا،يىمەكلىككە،پاكىز مۇھىتقا ئېختىياجلىق بولىدۇ.
----جىسىمنىڭ ئىجتىمايى مەۋجۇدىيەت شەكلى----سۇت ئەمگۇلەردىن ئىبارەت  سان -ساناقسىز ھايۋانلارنىڭ 61مىليون يىللىق دەسلەپكى فىزولوگىيەلىك -فىسخۇلوگىيەلىك ھەرىكىتىدىن   كېيىن پەيدا بولغان،ئىككىنچى،ئۇچۇنچى ۋە ئولاردىن يۇقۇرى ئەمگەك قۇراللىرىنى ياسىيالايدىغان،بۇ ئارقىلىق تەبىئەتنى ۋە ئوزىنى ئۇزگەرتىدىغان ئىنسانلارنى كۇرسىتىدۇ.
          ئىنسانلارنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىدىكى ھەركەت شەكلى دەل فىزولوگىيەلەك -پىسخولوگىيەلىك ھەركەت بولۇپ ،بىز بۇنى ئاڭ دەپمۇ ئاتايمىز، بۇ فىزولوگىيەلىك -پىسخولوگىيەلىك ھەرىكەت بولغان ئىكەن ،ئەلۋەتتە ماددا بىلەن ھەرىكەتنىڭ ئايرىلماسلىكتەك پىرىنسىپىغا ئاساسەن بۇ ھەرىكەتكە يەنە بىر ئېنىقلىما بېرىپ چىقىمىز.يەنى ----ئادەم تېنىدىن ئىبارەت بۇ ئالاھىدە ماكاندا ،ئادەم ياشىغان زاماندا{بىولوگىيەلىك سائەت} ھەركەت قىلىدىغان،تەبىئەت دۇنياسى ۋە ئۇز ئالاھىدىلىگىنىڭ ئادەم مىڭىسىدىكى ئىنكاسى ۋە نىسپى مۇستەقىل بولغان بۇ ئىنكاسنىڭ تەبىئەت دۇنياسى ۋە  ئۇز تېنىگە بولغان ئەكس رولى پىسخولوگىيەلىك -فىزولوگىيەلىك ھەرىكەت دىيىلىدۇ.ئىنسانلار پەيدا بولۇپ ئىپتىدايى جەمىيەت ،قۇللۇق جەمىيەت ،فىوداللىق جەمىيەت ،كاپىتالىستىك جەمىيەت ۋە سۇتسىيالىستىك جەمىيەت قاتارلىق جەمىيەتلارنى باشتىن كەچۇردى. بىز بۇنى ماركىسىزىملىق تارىخى ماتىريالىزىمدا  ئىجتىمايى ھەرىكەت شەكلى دەيمىز.شۇنىڭ ئۇچۇن بۇنى ئىجتىمايى فىزولوگىيەلىك -پىسخولوگىيەلىك ھەرىكەت دەپ قارىساقمۇ بولىدۇ .               
     بۇنىڭ سەۋەبىمۇ دەل بايا دىگەندەك،ئۇنىڭ جىسىم دىگەن نىمە دىگەن ئاتالغۇنى چۇشەنمىگەنلىگىنى كۇرسۇتۇپ بېرىدۇ.بىز نيوتون،ئېينىشتىيىن ۋە سىتىفون خاۋكىڭنىڭدەك ئالىملارنىڭ ئىنسانىيەتكە قوشقان توھپىسدىنى خوش بولىۋاتقان ۋاقىتتا ،يەنە ئۇلارنىڭ كىشىنى تۇيۇق يولغا باشلايدىغان نەزىريەلىرىنى تەنقىدى قۇبۇل قىلىشىمىز كېرەك،بازار تاپقانلىكى ئەسەرلەرنىڭ نادىر ئەسەر بولۇپ كېتەلىشى ناتايىن،مەسىلەن ،نيوتوننىڭ {تەبىئەت پەلسەپەسىنىڭ ماتىماتىكىلىق پىرىنسىپلىرى} دىگەن ئەسىرىمۇ پۇتۇن ياۋرۇپادا ناھايىتى بازار تاپقان،بۇ كىتاپ 300نەچچە يىلدىن كېيىنكى بۇگۇنكى كۇندە  يەنە داۋاملىق نەشىر قىلىنىۋاتىدۇ،لېكىن بۇ كىتاۋىنىڭ ئاساسى لوگىكىسى نيوتوننىڭ ئۈزىنى خۇدا دەپ قارىغان لوگىكىسىنى ئاساس قىلغان،چۇنكى جىسىمنى تۇرلەرگە بولساكلا،نيوتون،ئېينىشتىيىن ۋە خاۋكىڭو ۋەكىللكىگىدىكى ئالىملارنىڭ ناھايىتى زور خاتالاشقانلىغىنى بىلەلەيمىز.
ئىزاھات:‹1›ھاكىم غېنى‹شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش -قۇرۇلۇش بانكىسى قۇرۇلۇش يولى تارمىغى}

       ‹2›ئارزىگۇل قېيىم‹شىنجاڭ يىندولەن ئۇيغۇر دورىگەرلىگى چەكلىك شىركىتى›
پايدىلانغان ماتىرياللار:يالقۇن روزى‹تەكلىماكاندىكى ئالتون كولدۇرماما›،شىنجاڭ خەلق نەشىرياتى،1999-يىل 12-ئاي 1-بېسىلىشى.
{2}‹ئىنسانىيەت تارىخىدىكى ئەڭ مەشھۇر ئالىملار› خەنزۇچە 89-بەت.  
*    {3} .ئىنسانىيەت تارىخىدىكى ئەڭ مەشھۇر ئالىملار› 78-79-بەتلەر،مۇشۇ كىتاپ 74-بەت.{100مەشھۇر شەخس-ئۇيغۇرچە 336-بەت.
    ‹4›دالى كارنىگنىڭ بارلىق  كىتاپلىرى.
5‹›‹كەڭ دائىردىكى ›ۋە ‹تار  مەنىدىكى نىسپىلىك نەزىريەسى›-‹ئېينىشتىيىن›  تور بېكىتى .  
   ‹6›‹يۇقۇملۇق كىسەللىكلەر رىتسىپلىرى› شىنجاڭ نېفىت دوختۇرىانىسى ئەخمەت  مەمەت ‹شىنجاڭ پەن -تېخنىكا سەھىيە نەشىرياتى2000-يىلى نەشىرى。                                
*  7‹ېيجىڭ ئۇنۋېرستېتى  دوكتۇرلار ئىلمى ماقالىلەر توپلىمى›
   ‹ 8›بېيجىڭ ئىلمى مائارىپ كىنو سىتودىيەسى بىلەن  مەركىزى تېلۋىزىيە ئىستانسىسى 6-قانال بىرلىشىپ ئشلىگەن  ئىلمى تەربىيىۋى فىلىم‹ئالەم ۋە ئىنسانلار›.                       
  {8}‹ۋاقىتنىڭ قىسقىچە تارىخى›،‹مىۋە قېپى ئىچىدىكى ئالەم › ئاپتورى  سىتىفون  خوك.
‹9›يىجوڭتىئەننىڭ  ‹ئۇچ پادىشاخلىق ›قا بەرگەن باھاسى-جەمى 52 قىسىم .  
*  ‹10›.ماركس ،ئېنگىلىس ،لېنىن ،ستالىن تاللانما ئەسەرلىرى 1،2،3،4توملار.
* ‹11›‹تەبىئەت دىيالىكتىكىسى›--ئېنگىلىس 1979-يىلى  مىللەتلەر نەشىرياتى يېڭى يېزىق نەشىرى
  ‹12›  ئىستىلىستىكىلىق ۋاستىلەر - مەرھۇم يولۋاس راشىدىن -شىنجاڭ مائارىپ نەشىرياتى ئەدەبىيات فاكولتىتى 2002يىلى نەشىر قىلدۇرغان.                                                        
   ‹13›ئىنسانىيەتنىڭ تارىخى تەرەقىياتىغا تەسىر كۇرسەتكەن 100مەشھۇر شەخىس. ئاپتورى مېخائىل خارت -ئامىرىكا -تەرجىمە قىلغۇچىلار ئازات ئالماس ،تەلئەت ئىمىن ،رىشىت ئابدۇراخمان ،تىلەك ›.2000 -يىل شىنجاڭ خەلق
‹14›‹ئەڭ بۇرۇنقى 3 مىنوت› - سىتىۋىن  بوگىن {ئامرىكا›.  
‹15›-‹ماتىماتىكا -فىزىكا -خىمىيەدىن ئاممىباپ لىكسىيە›-ئاپتورى لىياڭ خېڭ ،مۇھەممەتجان نۇجۇۋۇللا ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلغان.                                                              
*
يىتەكچىلەر:شىنجاڭ ھازىرقى زامان كەسپى تېخنىكا ئىنىستىتوتى مۇدىريەت رەئىسى،دوتسىنىت غۇپۇر يۇنۇس،{شىنجاڭ  ئۇنىۋېرىستېتى ئىلمى ژورنىلى}نىڭ مۇئاۋىن باش تەھرىرى،دوتسىنىت ئابدۇروسول كىچىك ئاخۇن،تۇردى ئۇمەر‹شىنجاڭ پەنلەر ئاكادىمىيىسى فىزىكا-خىمىيە تەتقىقات ئۇرنىدىن دوكتۇر،تەتقىقاتچى›







9

تېما

6

دوست

8259

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

ئۆسۈش   100%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  14993
يازما سانى: 1099
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 52
تۆھپە : 2344
توردىكى ۋاقتى: 135
سائەت
ئاخىرقى: 2013-6-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-24 00:08:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىرئوبدان كىتاپ ئوۋىتىپ نەشىرياتقا كىرىپ قالدىممۇ ...


شۇنداقراق ئىسىمدە
قۇتلان تېلفۇنلىرى

61

تېما

12

دوست

3 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   58.04%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4372
يازما سانى: 3199
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2587
تۆھپە : 8118
توردىكى ۋاقتى: 4460
سائەت
ئاخىرقى: 2014-4-2
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-24 11:39:26 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

قاسىم سىدىق


يەكەن ناھىيە چارەك بازار ئوتتۇرا مەكتەپ تولۇق ئوتتۇرائوقۇتۇش گورۇپىسىدىن مۇھەممەت ئەلى ئەپەندىم شەكىل نەزەريىسىنىڭ "ئېن"،"ئارقا كۇرۇنۆش"،"مۇتلەق ھەجىم"قاتارلىق بىر قىسىم ئۇقۇملىرىنىڭ پۇت تىرەپ تۇرالمايدىغانلىغىنى ئىسپاتلاش مەقسىدىدە "ھەممە باپ مۇتلەق جىسىم قەتئي مەۋجۇت ئەمەس"ۋە"شەكىل نەزەرىيەسى» نىڭ سەل قارىغان تەرەپلىرى ھەققىدە ئويلىغانلىرىم"قاتارلىق ئىككى پارچە يازما يازدى.ئالدى بىلەن ئەپەندىمنىڭ ۋاقىت ئاجرىتىپ شەكىل نەزەريىسىنى تەنقىدى نەزەردىن ئۇتكۆزگەنلىگى ئۈچۈن رەھمەت ئوقۇيمەن.

ئەپسۇس،ئەپەندىم بۇ يازمىلىرىدا شەكىل نەزەريىسى ۋە ئۇنىڭ ئالاقىدار ئۇقۇملىرىنى ئۇز غايىسىدىكىدەك ئاغدۇرۇپ تاشلىۋىتەلمەيلا قالماي،بۇ تىرىشچانلىق جەريانىدا ئۇزىنىڭ شەكىل نەزەريىسى ۋە ھازىرقى زامان فىزىكىسىنىڭ زامان-ماكان ئىدىيىلىرىدىن چوڭقۇر خەۋەردار ئەمەسلىگىنى ئىپادىلەپ قويدى.تۇۋەندە مەن بۇلار ھەققىدە قىسقىچە توختۇلۇپ ئۇتىمەن. ۋاقىت ئىتىۋارى بىلەن پىكىرلىرىمنى ئامالنىڭ بارىچە قىسقا بايان قىلىمەن.باشقا ئالدىراش ئىشلىرىم بولغانلىغى ئۈچۈن بۇ يازمىنى بىر يولىلا تاماملاپ كېتەلمەيمەن.مۇبادا مۇھەممەت ئەلى ئەپەندى ئۇزىنىڭ قاتتىق تەقەززالىغىنى ئىپادىلىمىگەن بولسا،مەن بۇ يازمىلارغا مەخسۇس تېما يېزىپ جاۋاپ بېرىشنىڭ ھاجىتىمۇ يوق دەپ قارىغان ئىدىم.

تولۇقى بۇ يەردە:

http://www.kayinat.com/bbs/forum.php?mod=viewthread&tid=18923&page=1&extra=#pid47259

0

تېما

1

دوست

1409

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   40.9%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  22100
يازما سانى: 104
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 420
توردىكى ۋاقتى: 55
سائەت
ئاخىرقى: 2014-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-12 08:13:49 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش




  


   


  






  







  




  

  

  


Dr Kainth
Director-cum-Senior fellow(ICSSR)at Guru Arjan Dev Institute of Development Studies


  




  




  


  


  




  




  



On 11/10/13 2:26 AM, Dr Kainth wrote:
--------------------
Dear friends,

Greetings from IDSAsr
Amritsar-based Guru Arjan Dev Institute of Development Studies will host three-day international seminar on the theme Energy for Sustainable Development in Asia Pacific from November 29 to December 01, 2013 in the Guru Nanak Bhawan of Guru Nanak Dev University, Amritsar. The seminar is jointly sponsored by the Government of India through its Ministry of Statistics and Programme Implementation and Department of Bio Technology of Ministry of Science and Technology.
Padma Bushan Dr Kirit Shantilal Parikh Former Member, Planning Commission, Government of India and Chairman, Integrated Research and Action for Development (IRADe), New Delhi has consented to inaugurate the seminar. He was a Member of the Economic Advisory Council (EAC) of the Prime Ministers of India, Atal Behari Vajpayee, P.V. Narasimha Rao, Chandra Shekhar, V.P.Singh and Rajiv Gandhi. In the past he had also been a member of the National Committee for Environmental Planning & Co-ordination, the National Committee on Science and Technology and the Fuel Policy Committee.
Dr Jyoti Parikh, Executive Director of of Integrated Research and Action for Development (IRADe), New Delhi; and Member, Prime Minister's Advisory council on Climate and a recipient of Nobel Peace Prize awarded To IPCC authors will deliver her key note address. Dr IA Khan Adviser Energy of Planning Commission will deliver the valedictory address on December 01, 2013. Nearly forty papers will be presented at the three days seminar.
You are requested to participate in the deliberation. You are also requested to depute some of the officials/friends also to attend and participate in the deliberation.

Looking forward for early date favourable response to make local logistic arrangement.

With warm regards   TIP   You can respond to this message by replying to this email

  




  








  




  



  






   

0

تېما

1

دوست

1409

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   40.9%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  22100
يازما سانى: 104
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 420
توردىكى ۋاقتى: 55
سائەت
ئاخىرقى: 2014-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-12 08:17:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
这是印度社会科学院副院长的邀请函,我们的论文{国际高等教育的危机与物质的基本形式}这个论文被他们会二手了。
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )