بۇ يازمىنى ئاخىرىدا kadirdolan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-3-22 22:24
ئىسلام مەدىنىيىتىنىڭ شىنجاڭدىكى تەسىرى ۋاڭ داخاۋ
1-كۆرېنىش: ئۇرىمچى دۆڭكۆۋرىك نەچچى يىل بۇرۇن،ئۇرىمچىدىكى غەربىي چوڭ كۆۋرىكتە شاڭخەيلىك بىر ساياھەتچى مەدىن « نەدە مەسچىت بار؟ » دەپ سورىدى. يىراق يولنى بېسىپ كەلگەن شاڭخەيلىك ,ئۇرمچىدىكى ئىگېز بىنالارغا قىززىقماي،تەرەپ-تەرەپتىن مەسجىت ئىزدىشى ھەرگىزمۇ ناماز ئۇقۇش ئۇچىن ئەمەس بەلكى شىنجاڭنىڭ« مىللىي ئالاھىيدىلىك » كە ئىگە جايلىرىنى كۆرىش ئۇچۇندۇر، ئۇ كىشى يولنى بىلمىگەچكە مەسچىت بار يەرنى تاپالمىغان، ئەگەر ئۇيغۇرلار مەركەزلەشكەن دۆڭكۆۋرىككە بارغان بولسا بىر كىلومىتىر دائىرىدە 14 مەسچىت بار ئىدى. مۇنازىرە تەلەپ قىلمايدىغىنى شۇكى، مەسچىت شىنجاڭدىكى« مىللىي ئالاھىيدىلىك » نىڭ ئەڭ رۇشەن بەلگىسى بولۇپ قالغان. ھازىر شىنجاڭ « مىللىي ئالاھىيدىلىك » كە بارغانسىرى كۆڭىل بۇلۇۋاتىدۇ، يېڭى سەلىنغان نۇرغۇن ئىمارەتلەر مىللىي نۇسخىدا زىننەتلىنىپلا قالماي بەلكى ئاز بولمىغان كونا ئىمارەتلەرنىمۇ مىللىي نۇسخىدا زىننەتلەۋاتىدۇ. بۇ خىل ئىسلام ئۇسلۇبىدىكى ئىمارەتلەر بارغانسىرى كۆپىيىپ، سىرىتتىن كەلگەنلەر ئاتايىن بېرىپ كۆرىدىغان بىرخىل ئادەتكە ئايلاندى. مانىبۇ شىنجاڭنىڭ دىنىي ئىتىقاد ئەركىنلىگى ۋە دىنىي مەدىنىيەتنىڭ بىناكارلىق قورلىشىدىكى ئىپادىسى. شىنجاڭنىڭ نۇپۇسى 21 مىليۇن 586 مىڭ 300 نەپەربولۇپ، ئىسلام دىنىغا ئىتىقاد قىلىدىغان ئون نەچچە ئازسانلىق مىللەت نۇپۇسى 11 مىليۇن 300 مىڭدىن ئارتۇق. شىنجاڭدا ھازىر 24300 مەسچىت بولۇپ، ھەر 400 نەپەر مۇسۇلمان ئاممىسىغا بىردىن مەسچىت توغراكىلىدۇ، ئوتتۇرا شەرىقتە 1000 ئادەمگە بىر مەسچىت، ئىراندا 11000 ئادەمگە بىرمەسچىت، مىسىردا 2500 ئادەمگە بىر مەسچىت توغرا كىلىدۇ؛ شىنجاڭدىكى ئالى، ئوتتۇرا،باشلانغۇچ مەكتەپ سانى 1400 دانە بولۇپ، مەسچىت سانى مەكتەپتىن 5.8 ھەسسە كۆپ،شىنجاڭدىكى 2371 مەمۇرىي كەنىتكە ئوتتۇرىچە 4 دىن توغرا كىلىدۇ. مەن جەنۇپتىكى كۆپلىگەن ئىماملاردىن « ئۆزجايىڭلاردىكى مەسچىت يىتىشەمدۇ؟ » دەپ سورىسام، ئۇلار « يىتىشىدۇ » دەپ جاۋاپ بەردى. بىراق بىر ئىمام « نۇرغۇن كىشى بىنالارغا كۆچىپ كەتتى، مۇمكىن بولسا يېكى ئولتۇراق رايۇنغا مەسچىت سېلىپ بەرسە » دىگەن تەلەپنى ئوتتۇرىغا قويدى. مەن بۇئىنكاسنى شۇ ناھىيەدىكى تەشۋىقات بۇلىمنىڭ ئۇيغۇر باشلىقىغا ئىنكاس قىلسام، ئۇكىشى كۇلپكېتىپ « ھەي ھازىرقى كىشىلەر يول مېڭىشتىن ئېرىنىدۇ، ھەممە كىشى ئۆيىنىڭ ئالدىدا مەسچىت بولىشنى ئارزۇ قىلىدۇ، بۇ قانداقمۇ مۇمكىن بولسۇن » دىدى. مەن ئۇنىڭ ئىشخانىسىدا ئۇستەلدىكى « قۇرئان » نى كۆردىم، ئۇ ماڭا ” بالىلىق ۋاختىدا نەچچى يىل « قۇرئان » ساۋادى ئالغانلىقېنى،نۇرغۇن ئايەتنى يادقا ئالغان بولسىمۇ، ئۇيغۇرچە مەنىسىنى بىلمەيدىغانلىقىنى “ دىدى. شىنجاڭدىكى دىنىي مەدىنىيەت ئاساسلىقى ئىسلام مەدىنىيىتى، مىللىي ئالاھېيدىلىك ئاساسلىق ئىسلام مەدىنىيەت ئالاھېيدىلىكى. ئىسلام دىنى شىنجاڭغاكېرگەندىن كىيىن، بۇ يەردىكى مۇسۇلمانلارنىڭ ئىتىقادىغا چوڭقۇر ئورناپكەتكەن بولۇپ، بۇگۇنكى كۇندىمۇ ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ كۇندىلىك تۇرمۇشىدا ئىسلام دىنى مەدىنىيەت ئامىلىنى رۇشەن كۆرگىلى بولىدۇ. نۆۋەتتە شىنجاڭ مىللىي مەدىنىيەتنى قوغداشقابارغانسىرى كۆڭىل بولىۋاتىدۇ، شىنجاڭنىڭ ھەقايسى جايلىرى ئۆز « مىللىي ئالاھېيدىلىك » نى گەۋدىلەندۇرىپ، دۆلەت ئىچى-سىرتىدىكى ساياھەتچىلەرنى جەلىپ قىلىۋاتىدۇ. جوڭگونىڭ بازار ئىقتىسادى تەرەققىياتى ئىسلام مەدىنىيىتىتەرەققىياتىنى زور ھەركەتلەندۇرگۇچ كۇچ بىلەن تەمىنلەپ، تەخىمۇ گۇللىنىش پۇرسىتى ئاتا قىلدى. 2-كۆرىنىش: قارىمايدىكى ئاشخانا 2011-يىلى 8-ئايدا مەن قارىماي شەھرىگە بېرىپ، يول بويىدىكى ئاشخانىدا غىزالىنىپ قالدىم، بۇ ئاشخانىنىڭ ئىچىگە، ئىككى قىزنىڭ ناماز ئوقۇۋاتقان رەسىمى ئىسىلغان بولۇپ، رەسىمدە مەككە ئارقا كۆرىنىش قىلىنغان ئىدى. جىڭ ناھىيەسىگەبارغاندا، بىر مۇسۇلمان ئاشخانىسىغىمۇ دىنىي تۇستىكى رەسىملەر ئېسىلغانلىقىنى كۆردىم. ئاشخانىغا دىنىي مەدىنىيەتكە ئائىت رەڭلىك رەسىملەرنى ئېسىش ئىلگىرى يوق ئىدى، بىراق ھازىر يېڭىبىر ئادەتكە ئايلىنىپتۇ. مەن شىنجاڭنىڭ ئۇرىمچى ۋە باشقاۋىلايەت، ئوبلاس، ناھىيەلىرىدە ھىباچلانغان، چۇمبەل تارىتقان نۇرغۇن ئۇيغۇر ئاياللىرىنى ئۇچراتتىم، بۇ خىل دىنىي مەدىنىيەت تۇسىنى ئالغان كىيىم-كىچەكلەر، نۆۋەتتە شىنجاڭ« مىللىي ئالاھېيدىلىك » نىڭ بىرقىسمىغا ئايلىنىپتۇ. بىركۇنى مەن ئۇرۇمچىدىكى بىر پولوخانىغا تاماق يىگىلى بارسام تاقاقلىق ئىكەن، بۇئەسلىدە سودىسى ناھىيىتى ئاۋات ئاشخانا ئىدى، نىمىشقا تاقالغاندۇ؟ بىركۇن سودا قىلمىسا نۇرغۇن پۇل زىيان تارتىدىغۇ؟ دەپ ئۇزىمگە سۇئال قويدىم. كىيىن بىلسەم بۇمۇسۇلمانلارنىڭ رامىزان ئېيى بولۇپ، بىر ئاي ئاشخانا ئاچمايدىكەن، ئوقۇشسام شىنجاڭدا نۇرغۇن ئاشخانا رامىزاندا بىر ئاي تىجارەت قىلمايدىكەن، بۇ يەردىكى مۇسۇلمانالار ئىتىقادنى پۇلدىنمۇ مۇھىم بىلىدىكەن. 3-كۆرىنىش: رامىزاندا تاقالغان ئاشخانا ئۇرىمچى كۇچىسىدا نۇرغۇن ئۇيغۇرنىڭ ھارۋىدا مىۋە-چىۋە سەتىۋاتقانلىقىنى ئۇچرىتىسىز، گاھىدايول بويىغا توختىتىپ قويغان ئىگىسى يوق مىۋە-چىۋە ھارۋىسىنى كۆرىسىز، بۇ ۋاقىتتامال ئىگىسى يېقىن ئەتراپتا ناماز ئوقۇۋاتقان بولىشى مۇمكىن، ئەگەر سىز مىۋە-چىۋە سەتىۋەلىش ئۇچۇن -بۇ تاۋۇز نەچچە پۇل؟-دەپ سورىسىڭىز. يېقىن ئەتراپتا ناماز ئوقۇۋاتقان كىشى گىپىڭىزنى ئاڭلىمىغاندەك جاۋاپ بەرمەيدۇ، پەقەت نامازنى ئوقۇپ بولۇپ سىز ئۇچۇن قىزغىن مۇلازىمەت قىلىدۇ. بۇنداق ۋاقىتتا ئەڭ ياخشىسى ناماز ئوقۇۋاتقان كىشىنى ئەۋارە قىلمىغىنىڭىز ياخشى. شىنجاڭدا مۇسۇلمان ئىتىقادچى ئاممىسى ناماز ئوقۇۋاتقاندا باشقىلار دەخلى قىلمايدۇ، دەخلى قىلىش ئەخلاقسىزلىق ھىساپلىنىدۇ. ئۇرىمچىدىكى 1-ماي كەچلىك بازىرى داڭلىق بولۇپ، ئىيۇل ۋەقەسەدىن كىيىن تاقىۋىتىپ، نەچچە ئايدىن كىيىن يەنە ئېچىلدى، مەن بىر قېتىم بارسام ئون نەچچە ئۇيغۇر ئايال ناماز ئوقۇۋاتقان ئىكەن، گەرچە بۇ يەردە ئادەم شۇنچە كۆپ بولسىمۇبىراق ئۇلار ھىچكىشى يوقتەك پۇتىن ئىخلاسى بىلەن ناماز ئوقىۋەتىپتۇ، يېقىنلا يەردەبازارنىڭ ئامانلىقىنى قوغدايدىغان بىرنەچچە قوراللىق قىسىم ساقچىسى بولۇپ، ئۇلارناماز ئوقۇۋاتقانلارغا دەخلى قىلماسلىق ئۇچىن جايىدا جىم تۇرىشقان ئىدى. مەن بىرقېتىم ئۇرىمچىدە سەرىق ئاش يەپقالدىم، بۇ تىپىك بولغان توڭگان ئەر-خۇتۇننىڭ يايمىسى بولۇپ، ئايال خۇجايىن « ناماز ۋاختى بولدى » دەپ ئېرىنى ئەسكەرىتتى، ئېرى دەرھال نامازغا ماڭدى، سودىنى ئايال خۇجايىن قېلىۋەردى، ئايال خۇجايىن بەشىغا توڭگانلارنىڭ ياغلىقېنى ئارىتقان بولۇپ، شىنجاڭچە توڭگان تىلىدا خەرىدارچاقىراتتى، بىر دەمدىن كىيىن 10 نەچچە ياشلىق ئىككى قىزىنىڭ تاپشۇرۇق ئىشلىشىگە نازارەت قېلىپ، دىگەن گۇاڭدوڭ شىۋىسى دىققىتىمنى تارىتتى، مەن ھەيران بولۇپ - سىز گۇادوڭ شىۋىسىنى قانداق بىلىسىز- دەپ سورىدىم. -گۇاڭدوڭلىق تۇرسام- جاۋاپبەردى ئۇ. مەن تەخىمۇ ھەيران بولۇپ ئارىمىزنى بردەم جىمجىتلىق باستى، قارىغاندا بۇ ئايال ياش جەھەتتە مەدىن ئانچە پەرىقلەنمەيتى. -مەن ئېرىم بىلەن گۇاڭجۇدا تۇنىشقان، ئۇ گۇاڭجۇدا كاۋاپچىلىق قىلاتتى، كىيىن شىنجاڭغاكىلىپ توي قىلدۇق-دىدى ئۇ. - ئۇ ئىسلام دىنىغا ئىشىنەمدۇ؟-سورىدىم مەن. ئۇنىڭ چوڭ قېزى گەپنى تارتىۋەلىپ - ئاللاغا ئىشەنسە جەننەتكە كېرىدۇ-دەپ جاۋاپ بەردى. گۇاڭجۇلىق بىر بۇددا مۇخلىسى بولغان خەنزۇ قىز، مۇھەببەت ئۇچىن،جەنۇپتىكى گۇاڭجۇدەك چوڭ شەھەردىن شىنجاڭغا كەلگەن ۋە ئىتىقادىنى ئۆزگەرتىپ مۇسۇلمان بولغان.نۇرغۇن شىنجاڭلىق گۇاڭجۇدا تىجارەت قىلىدۇ شۇنداقلا نۇرغۇن گۇاڭجۇلىق شىنجاڭدا تىجارەت قىلىدۇ، مەن ئىچكىردىكى شىنجاڭلىقنىڭ ئىتىقادىنى ئۆزگەرىتكىننى كۆرمىدىم،لىكىن شىنجاڭغا كەلگەن بىرقىسىم كىشىلەر ئىسلام دىنىغا ئىتىقاد قىلغانلىقى ھەقىقەت. قانداقلا بولمىسۇن دىنغا ئىشىنىش ھەركىمنىڭ ئۆز ئەركىنلىگى. مەن تۇرغان جايدىن يىراق بولمىغان يەردە بىر مەسچىت بولۇپ، ھەر سەھەر تاتلىق ئۇيقۇدا ئۇخلاۋاتقاندا ئەزان ئەۋازى ئاڭلىناتتى، بۇ ئىتىقادچىلارنى بامداتقا چاقىرغانلىق ئىكەن، مەن شىنجاڭدىكى ۋاختىمدا ھەر كۇنى ئەزان ئەۋازى ھەمرا بولدى، ئەشۇ مۇڭلىق ئەزان ئەۋازى، دىنىي ئىتىقاد ئەركىنلىگىنىڭ بىر خىل ئىپادىسىدۇر.
ئەسكەرتىش: ئىنكاس يېزىش چەكلىندۇ
|