- تىزىملاتقان
- 2013-3-17
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-3-24
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 165
- نادىر
- 0
- يازما
- 10
ئۆسۈش
55%
|
تۈنۈگۈن كېچە پەقەتلا ئۇيقۇم كەلمدى بۇنىڭ سەۋەبىنى ئۆزەممۇ ئۇقمايمەن يىلدا ھەپتە ئون كۈن مۇشۇنداق ئەھۋالغا ئۇچىرايمەن(پىسخولوگلار مەسلىھەت بېرۋەتمەمسىلەر)،سائەت تۆتلەربولغاندا ئاران ئۇخلىيالىدىم ،
تاك-تاك قىلىپ ئىشىكنىڭ چىكىلگەن ئاۋازىدىن ئويغونۇپ كەتتىم ، قارسام ياتاقتىكى ئۈچەيلەن تېخچە ئويغانماپتۇ، سائەتكە قارسام سەككىزيېرىم بولاي دەپتۇ ، ئىشىك يەنە چىكىلدى .
-كىمۇ؟
-.....
-كىمۇ نىمە ئىش ؟
شۇنچە گەپ قىلسام بىر ئېغىز گەپ يوق توختىماي ئىشىكنى چىكىۋەردى ،باشقا بالىلارمۇ ئويغۇنۇپ كەتتى .
-ۋاي-ۋۇي بۇنچە ئەتتگەندە كىمدۇ بۇ ؟دىدى ئۇدۇلۇمدىكى ياتاقدىشىم
-سائەت سەككىز يېرم بولدى يەنە ئەتتىگەنما ؟ دىدىممەن
-شەنبە يەكشەنبەدىمۇ ئۇزۇنراق ئۇخلىغىلى قويمايدىكەن ئادەمنى ...دىگىنىچە ياتاقدىشىم كارۋاتتىن چۈشۈپ ئىشىكنى ئاچتى ،قارساق ئورۇق بىر خەنزۇ ئوقۇغۇچى قولىدا بىر نەچچە ۋاراق كۆتۈرگىنىچە ياتاققا كىردىدە:
-كەچۈرۈڭلار ،سىلەرنى ئاۋارە قىلىدىم ،كېچىككنە بىر ئىش بار ئىدى ياردەم قىلغان بولساڭلار .....
مەن ئالى مەكتەپ ئوقۇۋاتقان چاغلىرىمدا بۇنداق ئىشلارنى تولا كۆرگەن ،بىرسى پايپاق ساتقان، بىرسى قەلەم ساتقان ،بىرسى ئىئانە دەۋاتقان ،ئىشقىلىپ بىر مەۋسۇمدە ياتاقنى نەچچە يوقلاپ تۇراتتى بۇنداقلار دىگەنلەرنى خىيالىمدىن ئۆتكۈزۈپ يەنە يېتىۋالدىم ،ياتاقدىشىم نىمە ئىش دىگەن بولسا كېرەك ،
- مۇنداق ئىشتى ، بۈگۈن كەچ سائەت سەككىزدە ياتىقىڭلارنىڭ توكىنى بىر سائەت ئۆچۈرۈپ تۇرغان بولساڭلار !
-نېمە دىدىممەن ئورنۇمدىن قايتا تۇرۇپ ،ئۇ گىپىنى قايتا تەكرارلىدى،
-نېمىشقا ،توك ئۆچۈرىمىز ئەمدى ؟
-شۇ بۇ بىر پائالىيەت ،باشقا مەقسەت يوق ،ئېنىرگىيە تېجەش پائالىيىتى،
_ شۇنداقمۇ ؟بۇنى سىلەر پىلانلىغان ئىشما ؟ دىگەچ ئۇنىڭ قولىدىكى قەغەزگە كۆزۇم چۈشتى
- بۇ نىمە كۆرۈپ باقاي!
قارسام يۈرەك شەكلىدە قارا كاتەكچىلەر تۇرىدۇ .
- بۇ چىراق ئۆچۈرمەيدىغانلارنىڭ ياتاقلىرىمۇ؟
-شۇنداق
-ھىم ،قايسى رومانتىكنىڭ قىز دوستىغا مۇھاببەت ئىزھار قىلغۇسى كەپتۇ ئەمدى ، شۇنچىۋالا ئادەمنى ئاۋارە قىلىپ..
- ياق-ياق ، ئۇقۇشماسلىق بولمىسۇن ، بۇگۈن راستىنلا يەر شارى بويىچە بىر سائەت توك ئۆچۈرۈلىدۇ ،بۇنىڭغا 170تىن ئارتۇق دۆلەت قاتناشقان ،دۆلىتىمىزدىن 90گە يېقىن شەھەر قاتناشتى، بۇنىڭ ئىچىدە بۇ شەھەرمۇ بار ، بۇ يۈرەككە كەلسەك بۇ بىزنىڭ ئېنىرگىيەنى ئاسراشتىكى قەلبىمىزنى ئىپادىلەيدۇ..
- توغرا -توغرا ، مەن بۇرۇن ئاڭلىغان ،لىكىن تۇنجى قېتىم يولۇقۇشۇم ،ھەي سەندىن سوراپ باقاي ،پەقەتلا چىراقنىلا ئۆچۈرەمدۇق؟ چىراقنى ئۆچۈرۈپ شام ياقساق بولامدا؟
-چىراقنىلا ئۆچۈرسىلەر ، شام يېقىش مەسىلىسگە كەلسەك ،ئۇنى ئۆزەڭلار بەلگىلەڭلار ،مېنىچە شام ياققاندىن چىراقنى ئۆچۈرمىگىنىڭلارياخشىمىكىن،ئۇنداق قىلساڭلار موھىتنى ئوخشاشلا بۇلغايسىلەر ؟
-نېمانچىۋالا ئەمدى بىر تال شام بىلەن موھىتتىنى بولغۋەتكىلى بولماس
ئۇنىڭ دىيىشىچە ھەممىلا ئادەم شام ياقسا ،ئۇنىڭدىن چىققان كاربۇن بىرنىمە ئوكسىد ،گۈڭگۈرد يەنە بىرنىمە ئوكسد ،قوغۇشۇن دەمدۇ بىرنەرسىلەر يەنىلا موھىتتنى بولغايدىكەن .مەن ئۇنىڭغا كەچتە چوقۇم چىراقنى ئۆچۈرۈپ ،دۇنياغا ئازراق بولسىمۇ ئېنرگىيە تېجەش ئۈچۈن تۆھپە قوشىدىغانلىقىمنى ئېيتىم ئۇ رەھمەت ماسلاشقىنىڭلارغا دىدى ،نېمىگە رەھمەت دەيسەن يەرشاردا بىزنىڭمۇ ھەققىمىز ، بۇ بىزنىڭ بۇرچىمىز دىدىم
شۇنداق قىلىپ بۈگۈن كەچ توكنى بىر سائەت ئۆچۈردىغان بولدۇق ، كۆڭلۈمدە ئۆزەمنى ناھايىتى چوڭ ئىش قىلۋاتقاندەك ،شۇنداق خوشال بولدۇم
ئا بالغا بېلىپ بىلمەي دىگەن گەپلىرىم مېنى قايتىدىن ئويلىنىشلارغا سالدى ،راستە يەرشارىدا بىزنىڭمۇ ھەققىمىز ،ھەم بۇرچىمىز بار ،ھىچكىمنىڭ بۇزغۇنچۇلۇق قىلىشىغا يول قويمايمىز ، قولىمىزدىن كېلىشىچە ،يەرشارىمىزنى ئاسرايلى !
قانداق ،بۈگۈن كەچ سىزمۇ توكنى بىر سائەت ئۆچۈرەمسىز؟
مەنبە.ئالمىزار تۇرى |
|