قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 8905|ئىنكاس: 73

ئامرىكىلىقلار بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ ساغلاملىق قارىشىدىكى پەرقلەر

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

3

تېما

0

دوست

623

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   24.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  16427
يازما سانى: 10
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 19
تۆھپە : 150
توردىكى ۋاقتى: 21
سائەت
ئاخىرقى: 2013-5-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-24 05:07:32 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
abida
ئامرىكىلىقلاردا سالامەتلىككە داىر ساۋاتلارنىڭ ئومۇملىشىشى ئۇيغۇرلارغا قارىغاندا كوپ يۇقۇرى. چۈنكى بۇلاردا سالامەتلىك ئۇچۇرلىرىغا بولغان قىزىقىش نايىتى يۇقۇرى. بۇنداق ئۇچۇرلار مەكتەپلەردە، گېزىت-جورناللاردا، ت.ۋ. لەردە داۋاملىق ئۇچراپ تۇرىدۇ. ئۇيغۇرلار بولسا ئادەتتىكى ساغلاملىق بۈلۈملىرىگىمۇ خۇددى دوختۇردىن باشقا ئادەم تەگسە بولمايدىغان سىرلىق بىر نەرسىدەك ئۈزىنى قاچۇرۇپ بېشىغا كەلمىگىچە قىززىقماسلىق پوزتسىيەسىنى تۇتىدۇ. بۇ پوزتسىيە ئۆزگۈرۈشى كىرەك.  ھەممە ئادەم ئاز دىگەندە قاندىكى ئۆزگۈرۈش (قان قويۇقلاپ كىتىش) بىلەن سالامەتلىكنىڭ مۇناسىۋىتىنى، بولۇپمۇ يۈرەك ھۇجۇمى(heart attack)، مىڭە ھۇجۇمى (stroke) ۋە دىيابىت كىسىلى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى، يۈرەك ھۇجۇمى بىلەن مىڭە ھۇجۇمىنىڭ ئالامەتلىرىنى ۋە تەدبىرلىرىنى بۈلىشى كىرەك. ئون مىنۇت سەرپ قىلىپ ئۈگۈنۈپ قويغان بۇ بىلىمىڭىز بىر كۈنى ئۆزىڭىزنىڭ ياكى يېقىنىڭىزدىن بىرىنىڭ ھاياتىنى قۇتقۇزۇپ قېلىشى مۈمكۈن.

مىنىڭ بىر دوستۇم كۆپ يىللار ئىلگىرى ۋەتەندىكي چاغدا دادىسى رەھمەتلىك يۈرەك ھۇجۇمىغا ئۇچراۋاتسا بىلمەي، توغرا تەدبىر قوللانماي قۇچىغىدا جان ئۈزدۈرگەنلىگىدىن ھازىرغىچە ئۆكىنىدۇ. ھازىرقى بىلىمىم شۇ چاغدا بولغان بولسا بەلكى دادام بۈگۈن ھايات يۈرەتتى دەپ ئۆزىنى ئەيىپلەيدۇ. يەنە بىر تونۇشۇم ئانىسى مىڭە ھۇجۇمى بولغاندا ۋاختىدا دوختۇرغا ئاپارماي پالەچ بولىشىغا سەۋەپچى بولغانلىغىغا ئىچىنى ئۇۋايدۇ.

يۈرەك ھۇجۇمى بىلەن مىڭە ھۇجۇمىنىڭ ھەر ئىككىسى چان تومۇرلىرىنىڭ ئىتىلىپ قېلىشىدىن چىقىدىغان كىسەللەر. قان تومۇرلىرى ئىتىلىپ قالسا يۈرەك ياكى مىڭە موسكۇللىرىغا ئوكسىگن ۋە باشقا ئوزۇقلار يىتىشمەي ئۆلىشكە باشلايدۇ. ئۇنداقتا قان تومۇرى نىمىدىن توسۇلۇپ قالىدۇ؟ قاندىكى كولېستېرول ۋە ماي نورمالدىن ئېشىپ كەتسە قاندىكى باشقا ماددىلار بىلەن بىرلىشىپ ئىرىمەس لاتقا پېيدا قىلىپ قان تومۇرلىرىغا يېپىشىۋالىدۇ(خۇددى لاي سۇ ئاقىدىغان دېريانىڭ تېگىگە لاي ئورناپ كەتكەندەك). بۇنداق لاتقىلار ئېشىپ كېتسە يۈرەك ياكى مىڭىنىڭ چان تومۇرلىرىنى توسىۋالىدۇ(مىخانىزىمى ئۈستڭدە توختالمايمەن). بۇنىڭدىن كۆرىۋالغىلي بولىدىكى كولېستېرول ۋە ماي (ئۈچگلىسېرول) ماددىلىرىنىڭ ئېشىپ كىتىشى ئىنساننىڭ ئۆمرىنى قىسقارتىدىغان ئەڭ چوڭ سەۋەپ. بۇ سەۋەپتىن دۇنيادا ئەڭ كۆپ سېتڭلىدىغان دۇرىلار ماينى سۇيۇقلاندۇرۇش(كولېستېرولنى چۈشۈرۈش) دۇرىللىرى تۇرىگە كىرىدۇ. دۇنيادا ئەڭ كۆپ سېتىلىدىغان دۇرا Lipitor مۇ بۇ تۇردىكى دۇرا. ئۇنىڭ يىللىق سېتىلىش مىقدارى 12-14 مڭليارت، يەنى 12-14000 مىليون دوللار. ماينى قويۇقلاتماسلىقنىڭ ئەڭ ياخشى چارىسى ساغلام يىيىش (ئېغىزنى ئەمەس بەدەننى خوش قىلىدىغان تاماقلارنى كۆپرەك يىيىش)، بەدەن چېنىقتۇرۇش. ئەگەر بۇ ئىككىسىنى قىلالمىسىڭىز ياكى تەسىر قىلمىسا بىر ئۆمۈر كولېستېرول پېسلىتىش دۇرىسىنى يىيىشكە توغرا كىلىدۇ. ئامرىكىدا بۇنداق دۇرا يېيدىغانلار نايىتى كۆپ. شۇڭا Lipitor نىڭ سودىسى ياخشى. مىنىڭ بىلەن ئىشلەيدىغانلارنىڭ ئارىسىدا 20 نەچچە يېشىدىن باشلاپ دۇرا يەۋاتقانلاردىن ئىككىسى بار. ئامرىكىلىقلار ئاساسەن كىسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن دۇرا يەيدۇ. 60 تىن ئاشقان ئامرىكىلىقلارنىڭ ئىچىدە كۈندە نەچچە خىل دۇرا يەيدىغانلار نۇرغۇن. ئۇلار دۇرا يىيىشكە كۆنۈك. ئەمما ئۇيغۇرلار دۇرىنى كىسەل ئادەم يەيدۇ دەپ قاراشقا ئادەتلەنگنلىكتىن دۇرا يىيىشكە قېرىق. ئۇيغۇرلار قان قويغلۇققا سەل قاراپ 50 ياشتىن ئۆتە-ئۆتمەي پالەچ بولىشقا، يۈرەك كىسىلى بىلەن ئۆلۈپ كىتىشكە يولىقىشى مۈمكىن. ئامرىكىلىقلار بولسا دۇرا ئارقىلىق 80-90 ياشقىچە ساغلام ياشايدۇ. 80 دىن ئاشقاندىمۇ ماشىننىللىرىنى ھەيدەپ مۇستەقىل ياشاپ يۈرىدۇ.

يۈرەك ھۇجۇمى
يۈرەك كىسەللىرىنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ خەتەرلىگى يۈرەك ھۇجۇمى. يۈرەك ھۇجۇمى كىنولاردا تېسۋىرلەنگەندەك تۇساتتىن يۈز بىرىشى ناتايىن(دىمەك خەنزۇچە ئاتالغۇسىدىكى "تۇفا" دىگەن سوزمۇ توغرا ئەمەس). ئەملىيەتتە كۆپ ساندىكى يۈرەك ھۇجۇملىرى سۇس مەيدە ئاغرىغى ياكى بى-ئاراملىغى بىلەن ئاستا باشلىنىدۇ. بۇ كىشىلەرنىڭ يۈرەك ھۇجۇمى ئىكەنلىگىنى تونۇپ يىتىشىگە تەسىر يەتكۈزۈپ ۋاختىدا چارىسىنى قىلىشقا ئۈلگۈرەلمەسلىگىگە سەۋەپ بولىدۇ. كۆپ ھاللاردا بۇ ئاغرىق مەيدىنىڭ ئوتتۇرسى مۇجۇپ ئاغرىشتىن باشلىنىپ بىر-نەچچە مىنۇتتىن كۆپ داۋام قىلىدۇ. مەيدىدىن باشقا بەدەننىڭ يۇقۇرى قىسمى، مەسلەن جەينەكنىڭ يۇقۇرىسى، گەجگە، مۈرە ۋە ئىڭەك ئاغرىشى مۈمكۈن. تىنىق تەسلىشىش، سوغاق تەرلەش، كۆڭلى ئېلىشىش، بېشى قېيىش ئالامەتلىرى كۆرىلىشى مۈمكۈن. ئەگەر بىرسى بۇ ئالامەتلەرنى كەچۇرۋاتقاننى كۆرسىڭىز دەرھال دوختۇرنى چاقىرىڭ. ئەگەر ئاسپىرىن تاپالىسىڭىز دەرھال بىر تەبلىت يىگۈزىۋىتىڭ. چوڭلار بار ئۆيدە ئاسپىرىننى ئايرىمىغان ياخشى. ئۇ ھەممە يەردە كەڭرى تېپىلىدىغان ئەرزان دۇرا.

مىڭە ھۇجۇمى
ئىككى خىل بولىدۇ. بىرى مىڭە قان تومۇرلىرىنىڭ ئىتىلىپ قېلىشىدىن كىلىپ چىقىدۇ، يەنە بىرى مىڭە تومۇرىنىڭ تىشىلىپ كىتىشىدىن كەپ چىقىدۇ (مىڭىگە قان چۈشۈش دىگەن شۇ). مىڭە ھۇجۇمى بولغان ئادەمگە ئاسپىرىن بىرىش خەتەرلىك. ئاسپىرىن قان سۇيۇلدۇرىدىغان بولغاچقا قان تومۇر تىشىلگەن مىڭىنىڭ قانىشىنى تېخىمۇ كەسكىنلەشتۈرىدۇ. مىڭە ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان ئادەمنى دەرھل دوختۇرغا ئاپىرىش كىرەك. ھەر مىنۇتتا مىليونلىغان نىرۋا ھۈجەيرىللىرى ئۆلىدۇ، شۇڭا ھەر بىر مىنۇت پالەچ بولۇش بولماسلىق، ھەتتا ئۆلۈش-ساق قېلىشنى بەلگۈلەيدۇ. قان قويۇقلىغىدىن سىرت يۇقۇرى قان بېسىمى بىلەن دىيابىت كىسىلى مىڭە ھۇجۇمىنىڭ ئاساسى سەۋەپلىرىدۇر. سېمىزلىك دىيابىت كىسىلىنىڭ ئەڭ ئاساسلىق سەۋەبى. كۆپ ئىچىش، كۆپ چىكىش، تۇز ۋە ماينى كۆپ يىيىشمۇ مىڭە ھۇجۇمىنى كەلتۈۈپ چىقىدىغان ئامىللار. 35 ياشتىن ئاشقان ئاياللاردا تۇغۇت كونترول قىلىش دۇرىسى قان لاتقىسىنىڭ ھاسىل بولىشىغا سەۋەپ بولۇپ مىڭە ھۇجۇمىنى كەلتۈرۇپ چىقىرىشى مۈمكۈن.
مىڭە ھۇجۇمى ئادەتتە تۇساتتىن يۈز بىرىدۇ. باشتىكى 1-2 كۈندە كىلىپ-كىتىپ تۇرىشى مۈمكۈن. مىدىرلىسىڭىز ياكى يۈتەلسىڭىز تېخىمۇ ئاغرىشى مۈمكۈن. تۈۋەندىكى باشقا ئالامەتلەر مىڭىنىڭ نىرىدە يۈز بەرگىنىگە قاراپ يا كۆرىلىدۇ يا كۆرىلمەيدۇ: سەزگۈرلىگى تۈۋەنلەش، ئاڭلاش، كۆرۈش، تېتىش، ئاغرىق ياكى ئىسسىق-سوغۇقنى سىزىش قابىلىيىتى، سۆزلەش ۋە مېڭىش قابىلىيىتى ئۆزگۈرۈش. بۇ كىسەلنى ۋاختىدا بايقاپ دوختۇرغا كۆرۈنمىسە ئۆلۈم ياكى پالەچلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. يېشى چوڭلار، قېنى قويۇقلار، قان بېسىمى يۇقۇرىلار ياكى دىيابىت كىسىلى بارلار بېشى ئاغرىسا سەل قارىماسلىغى لازىم.

قىسقىسى، يۈرەك ھۇجۇمى بىلەن مىڭە  ھۇجۇمى دەرھال تونۇپ تەدبىر كۆرمىسە ئۆلۈم ياكى پالەچلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان كىسەللەر بولغاچقا ئۇلارنىڭ ئالامەتلىرىنى ھەممە ئادەم تۇنىشنى ئۈگۈنىشى كىرەك. ئامرىكىدا پات-پات ئەمدى 4-5 ياشقا كىرگەن بالىلارنىڭ چوڭ ئاتا-ئانىللىرى ياكى ئاتا-ئانىللىرى بۇ كىسەللەرنى كەچۇرۋاتقاندا بايقاپ 911 گە تىلىپۇن قىلغانلىق خەۋەرلىرى چىقىپ تۇرىدۇ. دىمەك، بۇلار باللىرى بۆشىگىدىن ئايرىلا-ئايرىلمايلا بۇ ساۋاتلارنى بېشىغا سىڭدۈرۈپ بولىدۇ.  


3

تېما

0

دوست

623

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   24.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  16427
يازما سانى: 10
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 19
تۆھپە : 150
توردىكى ۋاقتى: 21
سائەت
ئاخىرقى: 2013-5-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-24 05:25:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
«Heart attack» بىلەن «stroke» نىڭ ئۇيغۇرچىدا ئومۇملاشقان ئاتالغۇللىرىدىن خەۋىرىم بولمىغىنى ئۈچۈن ئېنگلىسچى سۆز مەنىسى بويىچە تەرجىمە قىلىىپ ئىشلەتتىم. ماقالىنىڭ مەزمۇنىنى چۈشىنىشىڭلەرگە تەسىر قىلمىسا كىرەك.
قۇتلان تېلفۇنلىرى

0

تېما

1

دوست

1322

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   32.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  15665
يازما سانى: 111
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 37
تۆھپە : 378
توردىكى ۋاقتى: 206
سائەت
ئاخىرقى: 2013-10-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-25 12:39:01 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىلىپ قويۇشقا تىگىشلىك ساۋاتلار ئىكەن ،رەھمەت
يەنە يوللاپ تۇرارسىز .

1

تېما

1

دوست

296

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   0%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  14863
يازما سانى: 22
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 16
تۆھپە : 80
توردىكى ۋاقتى: 9
سائەت
ئاخىرقى: 2013-6-3
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-25 13:11:01 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Heart attack» بىلەن «stroke»  
--------------------------

سىز تىلغا ئالغان ئىككى سۆزنى مەن  تەرجىمە قىلىپ قوياي . Heart  يۈرەك دىگەن گەپ ، attack ھۇجۇم دىگەن گەپ .

stroke : قولۋاقلارنى ھەيدىگەندە  پالاق ئۇرۇش  ،  ينىك چېكىش ، يېنىك زەربە بېرىش ، توپ ئۇرۇش ، كومپىيۇتېر كۇنۇپكا تاختىسىدا خەت ئۇرغاندا قول بىلەن چېكىلىشى  .


سىز تېمىڭىزنى يازىۋېرىڭ ، يازغىنىڭىز ياخشى تېما . ئانداق ئېنگىلىزچە ئاتالغۇلار چىقسا  ئاستىغا يەشمىسىنى يېزىپ قوياي  . ئېنگىلىزچە - ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىنى مەن ئىنكاس شەكلىدە يېزىپ قوياي . ئوقۇغانلار ئۆزلىرى چۈشىنىۋالسا بولىدۇ .
ئۇيغۇرچە قانداق بىرلىككە كەلگەن ئاتىلىشى بار ؟  بىلمىگەندىن كېيىن خالىغانچە ئالغىلى بولمىدى .
مەسىلەن ‹يۈرەك ھۇجۇمى› ، ‹يېنىك زەربە ، چېكىلىش قېتىمى› دىگەندەك ئالساق ، بەلكىم مۇۋاپىق بولماس .

2

تېما

2

دوست

2692

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   23.07%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  12697
يازما سانى: 307
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 395
تۆھپە : 542
توردىكى ۋاقتى: 448
سائەت
ئاخىرقى: 2013-6-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-25 13:15:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يۈرەك تىقىلمىسى،مېڭە تىقىلمىسى دېگەن  گەپلەرگە ئۇدۇل كەلمەمدا بۇ گەپلەر....

2

تېما

0

دوست

1212

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   21.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  15774
يازما سانى: 108
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 24
تۆھپە : 360
توردىكى ۋاقتى: 77
سائەت
ئاخىرقى: 2013-11-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-25 21:28:42 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ساغلام تەندە ساپ ئەقىل

42

تېما

0

دوست

2843

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   28.1%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  14570
يازما سانى: 258
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 142
تۆھپە : 778
توردىكى ۋاقتى: 125
سائەت
ئاخىرقى: 2013-11-8
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-25 22:57:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
strokeمەن تەرجىمە قىلىپ باقاي. سىلىماق. سىيرىماق. ئۇرۇش. سۇقۇش .سىلاش.  مىڭە قان تۇمۇرى يېرلىش .سىزىش .سۇئۇزۇش. تەلەي.دىگەن مەنىلرى باركەن
سىزنىڭ دىمەكچى بولغىنىڭىز مىڭە قان  تۇمۇرى يېرلىش دەپ ئالسىڭىز توغىرمىكىن
Heart attackنىڭ مەنىسى يۇرەك كىسىلى يۇرەك سۇقۇشتىن توختاش دىگەن مەنىسى بار

9

تېما

6

دوست

8259

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

ئۆسۈش   100%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  14993
يازما سانى: 1099
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 52
تۆھپە : 2344
توردىكى ۋاقتى: 135
سائەت
ئاخىرقى: 2013-6-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-25 23:18:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇستازلىرىمىزمۇخىلىكۆپكەن . توك ئىسكىلىت- يانپۇن- قولپۇن -دىگەندەك ياخشى ئاتالغۇلارنى چىقىرىپ بەرسەڭلا ، مەن ئويلايمەن كىين بىز كۆپ سۆزلەرنى يات تىل بىلەن ئىشلىتىشكە مەجبۇركەنمىز شۇنىڭ ئۈچۈن قانداقلا بولمىسۇن باشقىلارغا ئۇيغۇرچىكەن دىگدەك سۆزلەرنى تولوقلىۋالساق ئاڭلىغانسىرى ئۆزلىشىپ كىتەتتۇق
دىمەكچى بولغىنىمنى توغرا چۈشەنسەڭلا

14

تېما

7

دوست

2877

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   29.23%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  15531
يازما سانى: 222
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى: 74
تۆھپە : 902
توردىكى ۋاقتى: 289
سائەت
ئاخىرقى: 2013-11-8
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-26 04:29:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تىمىڭىزغا كۆپ رەھمەت. ناھايتى پايدىلىق ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلەپسىز.

بىز ئېنگىلىزچە دەپ كۆنۈپ قالغان ئاتالغۇلارنى ئۇيغۇرچە توغرا ئاتىماق سەل تەس كىلىدىغىنى راست، لىكىن «مېڭە ھۇجۇمى»، «يۈرەك ھۇجۇمى»، «كولېستىرول»، «ئۈچگلىسېرول» دىگەندەك ئاتالغۇلار  ئۇيغۇرچىغا قىلىپلاشقان شەكىلدە ئىلىنمىغاندا ئوقۇرمەننى ئاسانلا زېرىكتۈرۈپ قويدىكەن.

«يۈرەك ھۇجۇمى» ئەمەس «يۈرەك تىقىلمىسى»
«مېڭە ھۇجۇمى» ئەمەس «مىڭىگە قان چۈشۈش» ياكى «مىڭە تومۇر يېرىلىش-توسۇلۇش كېسەللىكى»
«كولېستېرول» ئەمەس «خولېستېرول»
«ئۈچگلىسېرول» ئەمەس «تىرىگلىسېرول»

دەپ ئىلىش ئۆلچەملەشكەن، ئۆزلەشكەن تىل بويىچە ئىېلىنغانلىق بولىدۇ. خولېستېرول ئېنقكى ئومۇملاشقان ئۇقۇم، يۈرەك تىقىلمىسىمۇ شۇنداق، لىكىن قالغان ئىككىسىنى مەنمۇ ئېنىق بىر نىمە دىيەلمەيمەن، شۇنداقراق كۆرگەن ئېسىمدە.

سىز دوختۇرخانىدا ياكى بىرەر ئۇنۋىرستىتنىڭ تەتقىقات مەركىزىدە ئىشلەيدىغان ئوخشىمامسىز؟ ئۇيغۇر ئوقۇرمەنلەرگە بىلىملىرىڭىزنى ئايىماپسىز، ئەجرىڭىزگە كۆپ رەھمەت.

ۋاقتىڭىز يەتكەندە دېئابىت كېسىلى توغۇرلۇق بىلىدىغانلىرىڭىزنىمۇ يىزىپ قويسىڭىز، ئوقۇرمەنلەرگە پايدىسى تىگىشى مۇمكىن. بولۇپمۇ يىقىنقى يىللاردىن بىرى سېمىزلىكنىڭ ئەۋج ئېىلىشى بىلەن 2 تىپلىق دېئابىت كېسىلىگە گىرىپتار بولۇۋاتقانلار ياكى شۇنى سەزمەي يۈرۈپ ئاخرىدا ئېغىر ئاقىۋەتكە قالىدىغان كىشىلەر كۆپ بولۇشى مۇمكىن.   

3

تېما

0

دوست

623

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   24.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  16427
يازما سانى: 10
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 19
تۆھپە : 150
توردىكى ۋاقتى: 21
سائەت
ئاخىرقى: 2013-5-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-26 07:35:26 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   sevgisheher تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-3-26 07:42  

بۇ سۆزلىكلەرنىڭ ئۇيغۇرچى ئۆلچەملىك ئاتالغۇللىرىنى سېلىپ قويغىنىڭىزغا رەخمەت. بۇ ئاتالغۇلارنىڭ ئومۇملىشىشى ئۈچۈن ئاتالغۇنىڭ كىسەل مەزمۇنىنى توغرا ئىپادىلىشىدىن كۆرە ئېغىزغا ئىشتىك كىرىدىغان، ئىشتىك ئىسىدە قالىدىغان ئىسىملارنى قوللۇنۇش ياخشى. يېڭى ئاتالغۇلارنى ئۇيغۇرچىدا ئىپادىلەش قولايسىز بولسا باشقا تىللاردىن ئاسان ئېغىزىزغا كىرىدىغان ئىسىملارنى قوبۇل قىلىپ ئۇيغۇرچىغا ئۆزلەشتۈرسىمۇ بولىدۇ. دۇنيادىكى ھەممە تىللاردا باشقا تىلدىن كىرگەن سوزلىكلەر بار. دۇنيادىكى ئەڭ ئېقىۋاتقان ئېنگلىسچىنى ئالساقمۇ ئۇنىڭدىكى يېرىمدىن كۆپ سۆزلۈكلەر باشقا تىللاردىن كىرگەن. ئېنگلىسچى تىل باشقا تىللاردىن قوبۇل قىلىش ئارقىلىق ئۈزىنى بېيىتىپ ئىپادىلەش كۈچىگە باي بىر تىل بولغان. خەنزۇ تىلىمۇ ئېنگلىسچىدىن نۇرغۇن سۆزلۈكلەرنى، ئىپادىلەش ئۇسۇللىرىنى قوبۇل قىلىپ ئۆزىنى بېيىتقان.
خولېستېرول رۇسچىدىن كەلگەن بولسا كىرەك. ئېغىزغا خېلى تەبى كىلىدىكەن، ئەمما قالغانلىرىنى ئانچە ياخشى كۆرمىدىم. ئەلۋەتتە، ياخشى كۆرۈش-كۆرمەسلىگىم ھېچ نەرسىنى ئۆزگەرتەلمەيدۇ. شۇنداقتىمۇ ئويلىغانلىرىمنى دەپ قويغۇم كەلدى. يۈرەك تىقىلمىسى كىسەل تەسۋىرىگە يېقىن بوپتۇ، ئەمما سەل كالامپايراق ئىسىم بوپتۇ. مىڭىگە قان چۈشۈش stroke نىڭ پەقەت بىر خىلى. تومۇر يىرتىلماي توسۇلۇپ قېلىش ئارقىلىقمۇ stroke بولىدۇ. تىرىگلىسېرولمۇ ئاسان ئېغىزغا كىرمەيدىكەن. ئۇنىڭدىكى «تىرى» دىگەن سۆزنىڭ مەنىسى 3 دىگەنلىك بولىدۇ، شۇڭا ئۈچگلىسېرول دەپ ئالغان بولسا ئاسانراق ئېغىزغا كىلىدىغان ھەم ئاسان ئەستە قالىدىغان ئىسىم بولاركەندۇق.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )