بۇ يازمىنى ئاخىرىدا kadirdolan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-4-6 19:08
جوڭگونىڭ تەقدىرنى كىم بەلگۇلەيدۇ؟ جۇ فېڭفېڭ دولان تەرجىمىسى
توردا ھەقىقەتەن نۇرغۇن ئىسىل ئىبارىلەر بار، كەمىنە پېقىر بۇ يەردە يازغۇچىلارنىڭ ئىسمىنى تەگىپ ئولتۇرمايمەن، چۇنكى بۇ يازغۇچىلارنىڭ ھەممىسى يالغان ئىسىم قوللىنىدۇ، پېقىرنىڭ مەخسىدىمۇ ئۇلارنىڭ ھەقىقى ئىسمىنى ئاشكارىلاشمۇ ئەمەس ئەلىۋەتتە. ئالايلۇق سەن تىزلىنىپ باش ئىگىشكە ئادەتلەنگەن بولساڭ، سىنىڭ بۇ ئىتائەتمەنلىگىڭ زوراۋانلارنىڭ تەكەببۇرلۇقىنى تەخىمۇ ئاشۇرۇپ، ئاپەتكە ئايلىنىدۇ، مانىبۇ جوڭگونىڭ سىياسىي-ئىقتىسادىنى زاۋاللىقا يۇزلەندۇرىدىغان ئاپەت. پەقەت سەن كەسكىن ھالدا ئۆزمەنپەتىم نەدە، ھەقىقەت نەدە، ئىنساپ-دىيانەت نەدە دەپ خىتاپ قېلىپ، زوراۋانلىقنى جەھەننەمگە بەنىت قىلالىساڭلا، جوڭگونىڭ سىياسىي-ئىقتىسادى زور تەرەققىياتقا ئېرىشىدۇ. ياخشى تەرەققىيات بارغانسىرى تىزلىشىپ، زوراۋانلىق ئۇزىل-كىسىل زاۋاللىققا يۇزلىنىدۇ. ئاشۇ ئۇشبۇ ئىبارىلەردە ئاز بولمىغان مەنەلەر يۇشۇرىنغان، ئاتالمىش ترەققىيات ۋە زاۋالىقنى ئەمىلىيەتتە خەلقئارادا تەكىتلەۋاتقان جوڭگو تەھدىتى ۋە جوڭگونىڭ يىمېرىلىشى نەزىريىسىگە ئوخشىتىشقا بولىدۇ، مانىبۇ ئاممىباپ بولغان جوڭگوتەقدىرىنىڭ ياخشى-يامان بولىشىنى، ھازىرقى يولنىڭ تەرەققىيات ياكى مەغلۇبىيەت يولى ئىكەنلىگىنى كۆرسىتىدۇ. يازما ئىبارىلەردە « تاققا چىقىش نىشانى بىرلا بولسىمۇ بىراق تاغدىن چۇشىدىغان يۆلىنىش سانساناقسىز » دەيدۇ. بۇ گەپنىڭ يېرىمى توغرا، چۇنكى تاغدىن چۇشىدىغان يۇل سانساناقسىز، تاققاچىقىدىغان يۆلىنىش بىرلا بولسىمۇ بىراق تاققا چىقىدىغان ئۇسۇل كۆپخىل بولىدۇ، ئاشۇ ئاتالمىش سانساناقسىز يوللار ئاخىرى يەنىلا بىر مەركىزى نىشانغا تۇتۇشىدۇ خالاس. يازمىلاردا « جوڭگونىڭ سىياسىي-ئىقتىسانى كىرىزىسقا يۇزلەندىمۇ؟ » دەپ سۇئال قويىدى، جاۋابى شۇكى كىرىزىسقا يۇزلەندى. چۇنكى نۇرغۇن بىشارەتلەر بۇنوقتىنى ئىسپاتلايدۇ. جوڭگونىڭ فىۋداللىق جەمىيەت تەرەققىياتنىڭ دەۋرىيلىك قانۇنىيتىگە ئاساسلانغاندا، بىزنىڭ جەمىيىتىمىز سىياسىي-ئىقتىسادىي كىرىزىسنىڭ باشلىنىش نوقتىسىغا قەدەم قويدى دىيىشكە بولىدۇ. كاپتالىستىك بازار ئىقتىسادىي تەرەققىيات قانۇنىيتىگە ئاساسلانغاندا، جەمىيىتىمىزدە ئىقتىسادىي كىرىزىس باشلانغان بولۇپ، ئىقتىسادىي كىرىزىس مۇققەرەر سىياسىي كىرىزىسنى كەلتۇرىپ چېقىرىدۇ. سابىق سوۋىت ئىتىپاقىنىڭ سوتسىيالىستىك تەرەققىيات قانۇنىيتىگە قارىغاندىمۇجەمىيىتىمىز سىياسىي-ئىقتىسادىي كىرىزىسكە قەدەم قويغان بولىدۇ. ئۇندىن باشقائەتراپىمىزدىكى يامان نىيەتلىك خوشنىلارنىڭ ھەرقاچان بىزگە خىرىس قىلىپ، ئورىشقا قىستاپ، ئۆلمەكنىڭ ئۇتىگە تەپمەك قىلىشىدىن قارىغاندىمۇ جەمىيىتىمىزسىياسىي-ئىقتىسادىي كىرىزىسقا يۇزلەنگەنلىكىنى كۆرىۋالغىلى بولىدۇ. بۇ گەپلەرنى ئەسلى ئىقتىسادشۇناسلار دىيىشى كىرەك ئىدى، بەلكى يوقۇرقى قاراشلىرىم توغرا ئەمەستۇ، يېقىنقى يىللاردا كۆپچىلىكنىڭ ئاغزىدىن « پۇرسەت »دىگەن گەپ چۇشمىدى، پۇرسەت بولغان ئىكەن كىرىزىسمۇ بولىدۇ، گەپ ئۇنى قانداق تۇتىشتا. يازمىلاردا « دۆلەتنىڭ تەقدىرى ئەمىلىيەتتە پۇتۇنلەي دۆلەت رەھبىرىنىڭ قولىدا بولمايدۇ....دۆلەتنىڭ تەرەققىيات تەقدىرىنى بەلگۇلەيدىغان كىشىلەر تۇۋەن قاتلامدىكى مىليۇنلىغان ئامما » دەپ كۆرسىتىدۇ. بۇگەپ توغرا ياكى خاتا بولسۇن، ئادەتتە كۆپچىلىك ھەمىشە ئېغىزىنىڭ ئۇچىدىلاجوڭگونىڭ تەقدىرىنى بەلگۇلىگۇچىلەر تۇۋەن قاتلامدىكى مىليۇنلىغان ئامما دەيدۇ، ئەمىلىيەتتە دۆلەتنىڭ تەقدىرىنى بەلگۇلىگۇچىلەر كەڭ خەلق ئاممىسىدۇر. ماۋ زىدوڭ ئەينى چاغدا « خەلق، پەقەت خەلقلا تارىخنى يارىتىغان ھەركەتلەندۇرگۇچ كۇچ » دىگەن. بىراق بىز تەكىتلىگەن ئاشۇ مىليۇنلىغان ئامما تەشكىللەنگەندىن كىيىن ئاندىن كۇچكەئايلىنىدۇ، بۇنى تەشكىللەيدىغان سىياسىي پارتىيە بولىشى كىرەك، ئەگەر بۇ پارتىيەھاكىمىيەت يۇرگۇزسە، پارتىيە باشلىقى دۆلەت رەھبىرى بولىدۇ، شۇنداق ئىكەن دۆلەت رەھبىرىمۇ ئاممىدىن كەلگەن بولىدۇ، شۇنىڭ ئۇچىن دۆلەت رەھبىرىمۇ ئاممىنىڭ بىرئەزاسى دىگەن گەپ. ئەگەر دۆلەت رەھبىرى ۋە ھاكىيەت يۇزگىزىۋاتقان ج ك پ باشتىن-ئاخىر ئامما بىلەن بىردەك بولۇپ ھەممىدە ئاممىنى چىقىش قىلسا، چوقۇم تەرەققىياتقا ئىرىشىدۇ، ئۇنداق بولمايدىكەن زاۋاللىققا يۇزلىندۇ. ھەرقانداق دۆلەتنىڭ تەقدىرى بۇنىڭدىن مۇستەسنا بولغان ئەمەس. يەنە بىر يازمىدا « بىر ئۇلۇغ مىللەت شۇنىڭ ئۇچن ئۇلۇغكى، ئۇ مىللەت ئاڭلىق، ئۆزئۇزىگە خۇجا، مۇستەقىل، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزىش ئىقتىدارىغا ئىگەبولغان مىللەتتۇر. بىر مىللەت ئۆز ئاڭلىقلىقېدىن مەھرۇم بولسا، مۇستەقىللىقېدىنمۇمەھرۇم بولىدۇ. ئۆزئۇزىگە خۇجا بولمىغان مىللەت ھەممە ئىشتا باشقىلارنىڭ چىرايىغاقارايدىغان بولىدۇ، بۇنداق مىللەتنىڭ مۇستەقىللىق سالاھېيتى بولامدۇ؟ مۇستەقىل بولمىغان بىر دۆلەتنىڭ GDP سى دۇنيابۇيىچە 2-بولسىمۇ، كۇچلىكلەر ئۆزىنى سەمىرىتىۋاتسا، قۇدرەت تاپتى دىيىشكە قانداق يۇزى چىدايدۇ؟ دىيىلگەن بۇنى ئوتتۇرىغا قويغۇچى ئەلىۋەتتە جوڭگونى دىمەكچى، چۇنكى جوڭگونىڭ GDP سى دۇنيا بۇيىچە 2-ئورۇندا. بىراق بۇنىڭدىكى تەپەككۇر ۋە لوگىكا بىرئاز قالايمىقان. بۇ يەردىكى مەسىلە جوڭخۇا مىللىتى مۇستەقىل،ئۆزئۇزىگە خۇجا بولغان قۇدرەتلىك مىللەتمۇ؟ ئەگەر GDP دۇنيابۇيىچە 2-بولسىمۇ يەنە نۇرغۇنلىغان تولۇم چاشقانلار تۇرسا، قۇدرەتلىك دىيىشكەبولامدۇ؟ ئەگەر ئاڭلىقلىق بولمىسا مۇستەقىللىق بولمايدۇ، ئۇنداق ئىكەن قۇدرەتلىك دىگەندىن سۆزئېچىش مۇمكىنمۇ؟ دىيىش كىرەك. ھەممىگە مەلۇمكى « 4-ماي ياشلار ھەركىتى » دىن بۇيان، جوڭگو غەپلەتتىن ئويغىنىپ ئىلىم-پەن ۋە دىمۇكېراتىيەنى قوبول قېلىپ، نۇرغۇن ئوڭۇشسىزلىقنى بېسىپ 1949-يىلى ئاندىن جوڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنى قۇردى. 60 نەچچە يىللىق سوتسىيالىستىك قورۇلىش ئارقىلىق، GDP دۇنيا بۇيىچە 2-بولدى، ئەگەر مۇستەقىل ئۆزئۇزىگە خۇجا بولمىغان بولسا بۇ نەتىجە قولغا كىلەرمىدى؟ ئەلۋەتتە GDP نىڭ 2-بولىشىدا « تولۇم چاشقان » ۋە «قۇدرەتلىكتىن سۆزئاچالماسلىق » نى تەكىتلەشتىكى مەخسەت يەنە نۇرغۇنلىغان يىتەرسىزلىكنىڭ بارلىقېنى دىمەكچى ئەلۋەتتە. بۇ گەپنى ئامماباپراق دىگەندە،ئىقتىسادى سودا ئالماشتۇرىشتا بەزى جايلارنى چەتئەل كاپىتالى ئىگەللىۋالدى، بىزناھايىتى كۆپ دۆلەت بايلىقى ۋە ئەرزان ئەمگەك كۇچىنى سەرىپ قىلدۇق.....بىراق بۇنداق قىلماسلىققا بولامدۇ؟ پەقەت بىزنىڭ ئاشۇنداق غايەت زور بەدەللىرىمىز،دۆلىتىمىزنىڭ دۇنيادىكى قۇدرەتلىك ئورنىنى تەدرىجى ھالدا بەرپا قىلدى. يولىققان مەسىلىلەرمۇ تەرەققىيات جەريانىدا تەدرىجى ھەل بولىدۇ....ئەلۋەتتە بۇنىڭ ئىچىدەئاڭلىقلىقمۇ بار. 1 مىليارت 300 مىليۇن كىشى ئاڭلىق بولمىسا بولمايدۇ، مەسىلەن خەلققە زۇلىم قىلىدىغان پارىخورلار، ماجاڭ ئويناپ يەپ-ئىچىپ كۇن ئۆتكۇزىدىغان تەييارتاپلار، ئۆزىنىلا ئويلايدىغان نەپسى تويماسلار... يەنىلا ساماندەك دەيدۇ. كەمىنە قەلەم ئىگىسى يۇقورقى بايانلارغا باشقىچە قاراشتا بولساممۇ بىراق ئاساسىي جەھەتتىن قوشۇلىمەن. نۇرغۇن يازمىلاردا ئامىرىكىدىن نىمىنى ئۇگىنىش،روسىيەنى پىپەن قىلىش، ياپونىيە ۋە تەيۋەننى تەتقىقى قىلىش قاتارلىقنى تەكىتلىسىمۇ، كەمىنە بۇ قاراشلارغا قىززىقمايمەن، چۇنكى بۇ نوقتى-نەزەرلەرنىڭ مەركىزى نوقتىسى ئېنىق ئەمەس، ئاساسلىرى يىتەرسىز، سەۋەبلىرى تولۇق ئەمەس. چۇنكى دۆلەت ۋە جەمىيەت ئەھۋالىدىن ئايرىلغان نەزىرىيە مۇكەممەل بولمايدۇ، 60 نەچچەيىلدىن بۇيان نۇرغۇن تەجرىبە-ساۋاققا ئىگە بولدۇق. ئەگەر لۇشۇن ئەپەندىنىڭ « ئېلىپكىلىش مەسلىكى » نى ئېتىراپ قىلساق، ئۇنداقتا دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتنىڭ ياخشىنەرسىللىرىنى ئۇگىنىپ تەتقېق قىلىشىمىزغا ئەرزىيدۇ، ناچار نەرسىلېرنى تەنقىد قىلىش بىھاجەت. مەيلى سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي قورۇلىش بولسۇن، جوڭگونىڭ دۆلەت ئەھۋالىغاماسكەلسە ئىدى، ئۇنداقتا ئاتالمىش تەرەققىيات ۋە زاۋاللىق، ئۆزئۇزىگە خۇجا بولۇش قاتارلىقنى تەكىتلەشنىڭ زۇرۇرىيتى بولمايتى. كەمىنە قەلەم ئىگىسىنىڭ قارىشىچە،مەيلى قانداق خەلق ئاممىسى بولسۇن، چوقۇم ئىلغار ئىددىيگە ئىگە سىياسىي پارتىيە يىتەكچىلىك قېلىشى، ئەگەر خەلق ئاممىسى ھىمايە قىلىدىغان بۇنداق سىياسىي پارتىيە بولمىسا، ئۇنداقتا دۆلەتنىڭ ھەرقايسى قاتلاملىرىنى قانداقمۇ مۇۋاپپىق ئورۇنلاشتۇرغىلى بولسۇن، خۇددى بەشى يوق يىلاندەك ھىچقانداق ئىش ۋۇجۇتقا چىقمايدۇ. شۇنىڭ ئۇچۇن جوڭگونىڭ تەرەققىياتى ۋە زاۋاللىققا يۇزلىنىشىنى كىم بەلگۇلەيدۇ؟ جاۋابى شۇكى: مىليۇنلىغان ئامما ۋە ئىلغار سىياسىي پارتىيە. 18-قورۇلتايدىن بويان، ئىلغار زاتلاردىن تەشكىللەنگەن ج ك پ، جوڭگوچە سوتسىيالىزىم يولىنى ئېنىق بىكىتتى، مىليۇنلىغان ئامما زىچ ئىتتىپاقلىشىپ، ئىددىيە جەھەتتە شىجىنفىڭ باش شۇجىلىقىدىكى مەركىزىي كومتىت بىلەن بىردەكلىكنى ساقلاپ، قورۇق گەپنى ئاز قىلىپ، ئەمىلىي ئىشلەپ، ئاڭلىقلىقېمىزنى ئۆستۇرسەكلا، پارتىيە قورۇلغانلىقىغا 100 يىل بولغاندا، جوڭگونىڭ تەرەققىيات ئىستىقبالىندىن گۇمانلىنىشقا بولمايدۇ.ئۇنىڭ ئەكسىچە بولسا جوڭگو زاۋاللىققا يۇزلىنىدۇ.
( ئاللا كۆڭلىڭېزگە ئىنساپ بەرسۇن قالايمىقان ئىنكاس يازماڭ )
|