قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 580|ئىنكاس: 6

تىل تەربىيسى ۋە ئۇنىڭ باشلانغۇچ مائارىپىدىكى ئۇرنى توغرىسىدا

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

4

تېما

0

دوست

1539

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   53.9%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8125
يازما سانى: 28
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 63
تۆھپە : 449
توردىكى ۋاقتى: 95
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-13
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-24 19:41:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تىل تەربىيسى ۋە ئۇنىڭ باشلانغۇچ مائارىپىدىكى ئۇرنى توغرىسىدا
تىل ئىنسانلارنڭ پىكىر ئالماشتۇرۇشتىكى ئالاقە قۇرالى بولۇپلا قالماستىن ئۇ يەنە بىر مىللەت مەۋجۇتلۇقىنىڭ ۋە مەدەنىيىتىنىڭ ئاساسى،مەلۇم مەنىدىن ئېيىتقاندا تىل مىللەتنىڭ ئوبرازلىق تارىخىدۇر.تىل بىلەن مىللەت تارىخ ياراتقان ئايرىلماس بىر گەۋدە.
بۇ يەردە سۆزلىنىۋاتقان «تىل»ئوقۇمى ئىجتىمائىي،ئىقتىسادى،سىياسىي،تۇرمۇش،مائارىپ...قاتارلىق قاتلاملارنىڭ ئومۇملاشتۇرۇلغان فورماتسىيەسىدىن ئىبارەت.
يۇقىرى قاتلاملارنى ئومۇملاشتۇرۇپ شەرئىيلىسەك تىل ۋاستە تەلەپ قىلىدىغان بىباھا بايلىق شۇنداقلا ئەڭ كۈچلۈك قۇرال دىسەك مۇبالىغە قىلىنغان بولماس ئەلۋەتتە.
بۇلاردىن كۆرۋېلىشقا بولىدۇكى تىل يەنە ئۆز نۆۋىتىدە بىر مىللەتنڭ مەدەنىيىتى ۋە مەنىۋىي بايلىقىنى ئۆلچەشتىكى «تارازا»دىن ئىبارەت بولۇپ،ئۇ ئارقىلىق شۇ مىللەتنىڭ ئەقىل ئىدراكى،پەم پاراسىتى،تارىخى قىممىتى ئۆلچىنىدۇ ياكى باھا بىرىلىدۇ.
تىل يەنە ئىجتىمائىي فورماتسىيە بولغانلىقى ئۈچۈن ھامان زىددىيەتكە تولغان بولىدۇ يەنى ئىجابى ۋە سەلبىي ئىككى تەرەپنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بۈلىدۇ.
ئەجداتلىرىمىز ناھايىتى ئۇزاق زامانلار ئىلگىرىلا تىلنىڭ ئىجتىمائىي تۇرمۇشتىكى ئورنى ۋە رولىنى تونۇپ يەتكەن ۋە ئۇنى ئىجابىيلاشتۇرۇش ئۈچۈن بەلگىلىك كۈچ چىقارغان،چۈنكى تىل ئىجابىي يۇسۇندا ئىشلىتىسە ھەقىقەتەن ئالەمشۇمۇل پايدا قىممىتى يارتالايدۇ ۋە ئىجابىي مۆجىزە يارتالايدۇ.
بۇ ھەقتە 11-ئەسىردە ياشاپ ئىجات ئەتكەن ئۇلۇغ ئالىم،جامائەت ئەربابى،تىل ئۇستىسى يۈسۈپ خاس ھاجىپ «قۇتاتقۇبىلىك»تە:
«دىدى ئاي تولدى:سۆزدە پايدا تولا،
ئەگەر سۆز قىلىشنى تىلىم بىلسىلا»
دىگەن مىسرالىرى ئارقىلىق تىلنىڭ ئىجابى رولىنى چۈشەندۈرۈپ بەرگەن بولسا،
«يەنە ئىيىتتى ئاي تولدى:ئېلىگ ئۇقار،
زىيان يەتسە تىلدىن ھايالىق يوقار.....»
دىيىش ئارقىلىق تىلنىڭ سەلبى تەرپىنىڭ قانچىلىك ئېغىر ئاقىۋەت ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەرگەن.
يەنە ئەدىپ ئەخمەت بىننى مەخمۇت يۈكنەكى «ئەتەبەتۇل ھەقايىق» دىگەن ئەسىرىدە
«نە كىم كەلسە ئەركە تىلىندىن كىلور،
تىلىندىن كىم ئەدگۈ،كىم ئىشسىز بولۇر»
(كىشىگە ھەر ئىش كەلسە،ئەركە تىلىدىن كىلىدۇ)
دىيىش ئارقىلىق كىمنىڭ ياخشى،كىمنىڭ يامانلىقى تىلدىن مەلۇم بولىدۇ دەپ تولۇقلايدۇ.يەنە ئەجدادلار ھىكىمەتلىرىدىمۇ
«پۇت يۈگۈرۈكى ئىشقا كىلور،تىل يۈگىرىكى باشقا»،«ياخشى سۆز تاشنى يارار،يامان سۆز باشنى يارار» دىگەنگە ئوخشاش ماقال تەمسىللار ئارقىلىق مىسال ۋە سېلىشتۇرما ئورنىدا ئوتتۇرىغا قۇيۇلغان.
ئۆز گىپىمىزگە كەلسەك بۇ ماقالىدا ئوتتۇرىغا قۇيۇلماقچى بولغان نوقتىنەزەر تىلغا دىئاگۇنۇز قۇيۇش ئەمەس بەلكى تىلنى قانداق يىتىلدۈرۈش،قانداق ئىشلىتىش ۋە ئۇنىڭدىن قانداق پايدىلىنىش توغرىسىدىكى نوقتىنەزەردۇر.شۇنى نەزەردىن ساقىت قىلماسلىقىمىز كىرەككى تىل ئەسلا تۇيۇقسىز ھەم بىر يولىلا پەيدا بولۇپ قالغان ئەمەس،ئۇ تەدىرجى تەرەققىيات جەريانىدا ۋاستىلىق ھالدا سىڭىشقان ۋە تاكامۇللاشقان بولدۇ،يەنى زوردىن سابىر ئىيتقاندەك «تىل ۋە بىلىم خۇددى ئاسقىغا ئېسىپ قويغان چاپانغا قپنغان تۇزاندەك ئاستا-ئاستا قۇنۇپ باردۇ» بۇيەردە دىمەكچى بولغىنىمىز،تىل ئالدى بىلەن جەمئىيەت،ئائىلە،مائارىپ قاتارلىق ئالاقە قاتلاملىرى ئارقىلىق كىشلەرگە بولۇپمۇ قىزقىش ۋە ئۈگەنچە باسقۇچىدىكى ياش ئۆسمۈرلەرگە ناھايىتى تىز تەسىر كۆرسىتىدۇ. بالىلار قانداق تىل مۇھىتىدا ياشىسا ۋە ئۇچىراشسا ئۇنى ئۆزىگە شۇنچە تىز سىڭدۈرۋالىدۇ.ھەتتا ئۇنى شۇ بۇيىچە ئىشلىتىدۇ.
دىمەك ئۇلارنىڭ قانداق تىل مۇھىتىدا ئۆسۈپ يىتىلىشى كەلگۈسى ئىجتىمائىي تىل ئالاقىسىدا ئىنتايىن مۇھىم ئورۇندا تۇردۇ.بولۇپمۇ مائارىپ جۈملىدىن باشلانغۇچ مائارىپىدىكى تىل مۇھىتى بالىلارنىڭ تىل چۈشەنچىسى ۋە تىل ماھارىتى يىتىلدۈرۈشىدە ئىستىراتىگىيلىك ئورۇندا تۇردۇ.شۇ سەۋەپتىن بالىلارنىڭ ۋە مىللەتنىڭ كەلگۈسىدىكى تىل سۈپۈتىنى يۇقىرى كۈتۈرىمىز دەيدىكەنمىز چوقۇم مائارىپ ئارقىلىق بولۇپمۇ باشلانغۇچ مائارىپى ئارقىلىق تەربىيلەشنى ئاساسىي ئورۇندا قۇيۇشىمىز لازىم.
بالىلارنى توغرا تىل بىلەن تەربىيلەشتە مەيلى ئانا تىلىمىز بولسۇن ۋە مەيلى قېرىنداش مىللەتلەرنىڭ تىلى بولسۇن تىل تەربىيسىنى مۇكەممەل بىر پەن قاتارىدا قۇيۇپ تەربىيلەشتىن سىرىت كۆپلەپ ئەخلاقى تەربىيە بىرىشىمىز چوڭلار جۈملىدىن ئوقۇتقۇچىلار ئۈلگە بولۇشىمىز ئۇلارنىڭ سەلبىي تىللارنى ئۆزگە يۇقتۇرۋېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشىمىز لازىم.
ناۋادا مائارىپنى بولۇپمۇ باشلانغۇچ مائارىپىنى مۇھىم ئورۇندا قۇيۇپ تىل تەربىيىسى ئېلىپ بارمىغىنىمىزدا ئەۋلاتلىرىمىزنىڭ شەرمى-ھاياسىز،ئىسىل پىكىرسىز بولۇپ قاتارغا قۇشۇلۇشتىن سىرىت «جاپا سالدى تىلىم ماڭا كۆپ قېتىم،كىسىلمەستە باشىم،كىسەي مەن تىلىم» دەپ نادامەت چىكىپ قېلىشى تۇرغانلا گەپ.
خۇلاسە قىلغاندا «يىللىق ئىشنى باھاردىن باشلا،كۈنلۈك ئىشنى سەھەردىن» دىگەن ھېكمەتنىڭ چاقىرىقىغا ئاۋاز قۇشۇپ،چوڭلارنى ئۈلگە،ئوقۇتقۇچىلارنى يىتەكچى ئورۇندا قۇيۇپ،ئەۋلاتلارنىڭ «باھارى» ۋە«سەھىرى» بولغان ئۆسمۈرلۈك مەزگىلى ـــ باشلانغۇچ مەكتەپ ھاياتىنى مۇھىم ئۇرۇندا قۇيۇشىمىز،توغرا تىل تەربىيسى ئارقىلىق ئۇلارنى مەدەنىيەتلىك،ئەدەپىلىك،ئەخلاقلىق ئىز باسارلاردىن قىلىپ يىتىشتۈرشىمىز لازىم.

ئالمىدەك يۈرەكت

5

تېما

12

دوست

2 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   26.34%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9801
يازما سانى: 1601
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2261
تۆھپە : 4671
توردىكى ۋاقتى: 1363
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-26 22:08:45 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تىل تەربىيەسىنى چوقۇم چىڭ تۇتۇش كىرەك .تىلى راۋان بولمىغان بىلىملىك ئادەم يەنىلا تەس كۈنگە قالىدۇ.
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

0

تېما

1

دوست

5463

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   9.26%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  12698
يازما سانى: 583
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 558
تۆھپە : 1258
توردىكى ۋاقتى: 341
سائەت
ئاخىرقى: 2013-6-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-26 23:49:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مېنىڭچە بولغاندا ، باشلانغۇچ مەكتەپنى چوقۇم ئانا تىلىدا ئوقۇش كېرەك .ئۇنىڭدىن كېيىنكى مائارىپ- ئوقۇتۇش جەريانىدا ئانا تىل، يات تىل(ھازىرقى ئاتالمىسى قوشتىل)نى تەڭ نىسبەتتە تۇتۇش   لازىم. ئويلاپ باقايلى: دەۋرىمىزدە «قوشتىللىق مائارىپ»تەربىيىسىنى ئالغان پەرزەنتلەر ئالىي مەكتەپكە بارسا ، يەنىلا بىر -ئىككى يىللىق تەييارلىق سىنىپلىرىدا ئوقۇتۇلۋاتقانلىقى نېمىنى چۈشەندۈرىدۇ؟. يەنە بىرجەھەتتىن ئېيتقاندا بالىلارنى ئون بەش ياشتىن بۇرۇن ئۆيدىن ئايرىپ ئوقۇتۇشنى تەشەببۇس قىلماستىن ، بەلكى شۇ ياش مەزگىلىدە ئاتا-ئانا بىلەن بىللە تۇرۇپ ، ئاتا-ئانا تەربىيىسىدە بولۇش تولىمۇ زۆرۈر، دەپ قارايمەن . چۈنكى بالىلىرىمىز ئاشۇ ياش مەزگىللىرىدە ئاددىسىنى دىگەندە ئەدەپ-قائىدە ، ئۆرپ-ئادەت ، خۇلۇم-خوشنا ئۇرۇغ-تۇغقانلىق مۇناسىۋەتلىرى... قاتارلىقلارنى ئۆگۈنىشى كېرەك(ئۆزگىچىلىكنى ساقلىشى، ئەبجەشلىشىپ كەتمەسلىكى كېرەك). بولۇپمۇ قىز پەرزەنتلىكلەر بۇ جەھەتتە  تېخىمۇ ئىنچىكە بولۇشلىرى زۆرۈردۇر. بىز ئاۋام پۇقرالارنىڭ  بىرقانچە يىللاردىن بۇيانقى كۈزىتىشىمىزچە ، ھازىرقى مائارىپىمىز بۇ جەھەتتە تەلەپنى قاندۇرالمايۋاتىدۇ .  پەرزەنتلىك بولغان ئاتا-ئانىلار بۇ نۇقتىنى ھەقىقى چۈشۈنۈشى، پەرزەنتىنىڭ كەلگۈسىنى سوغاققانلىق بىلەن  ئەستايىدىل ئويلۇنۇشى لازىم . ئازراقلا سەل قارالسا،  كېيىنكى ئەۋلاد تېڭىرقاپ قېلىشى، ئەجداد يولىنى ئىزدەپ ئاۋارە بولۇپ كېتىشى مۈمكىن.

12

تېما

1

دوست

3093

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   36.43%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8734
يازما سانى: 161
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 581
تۆھپە : 549
توردىكى ۋاقتى: 136
سائەت
ئاخىرقى: 2013-6-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-27 14:24:26 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    جەمئىيەتتە ھازىر بۇ توغرىسىدىكى غۇلغۇلا خېلى كۈچىيىپ قالدى. ئۆز ۋاقتىدا پەرزەندىنىڭ بىر-ئىككى ئېغىز خەنچە سۆزلىگىنىدىن پەخىرلەنگەن ئاتا-ئانىلار ئەمدىلىكتە خەۋپسىرەۋاتىدۇ، ئانا تىل يەسلىسى، ئانا تىل مەكتىپى قۇرۇش توغرىسىدىكى جامائەت پىكرىمۇ خېلى كەڭ كۆلەمدە ئەۋجىگە چىقىۋاتىدۇ. ئىگىسى نېسىپ ئەتسە ئۇ كۈنلەرمۇ قايتىپ كەپ قالار، ئىنشائاللاھ!

0

تېما

1

دوست

5463

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   9.26%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  12698
يازما سانى: 583
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 558
تۆھپە : 1258
توردىكى ۋاقتى: 341
سائەت
ئاخىرقى: 2013-6-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-28 00:25:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كەلگۈسىدە پەرزەنتىمىزنىڭ خىزمەت تېپىشى قىيىنغا توختاپ قالىدۇ دەپ قاراپ،  بالىسىنى پۈتۈن كۈنلۈك خەنتىللىق مەكتەپتە ئوقۇتۇۋاتقان ئاتا-ئانىلارغا «ئانا تىل، ئۆرپ-ئادەت»تېمىسىدىكى گەپلەر بۈگۈن بەك ياراپ كەتمەسلىكى مۈمكىن . ئەمما ئەتە ئۇلار ، شۇنداق ئوقۇتۇپمۇ يەنىلا بالىسىىنىڭ خىزنەت(ئۇلار مەمۇرى-كەسپى خىزمەتنى ھەقىقى خىزمەت دەپ تونۇيدۇ)كە چىقىش ۋاقتىدا، ھەر تۈرلۈك سەۋەپلەر بىلەن تىزىملىكدىن  چۈشۈپ قېلىۋاتقانلىقنى سەزگەنلىرىدە    «ھەي نېمىشقا ....»دەپ قالىدىغانلىقىنى ھېس قىلالماسلىقى  مۈمكىن .شۇ  چاغدا ئۇلار ئاللىقاچان چوڭ بىر خاتالىق(شۇ خىل تەربىيە ئالغانلارنىڭ كۆپ قىسمى مىللىيلىك جەھەتتە، ئەبجەش بولۇپ يېتىشىپ چىقىدۇ.ھازىر شۇنداقلار خېلى كۆپ) سادىر قىلغانلىقىنى بىلىدۇ . بىراق بىركىمگە ئېيتىشقا پېتىنالمايدۇ .

4

تېما

0

دوست

1539

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   53.9%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8125
يازما سانى: 28
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 63
تۆھپە : 449
توردىكى ۋاقتى: 95
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-13
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-27 22:09:31 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

4

تېما

0

دوست

1539

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   53.9%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8125
يازما سانى: 28
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 63
تۆھپە : 449
توردىكى ۋاقتى: 95
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-13
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-27 22:10:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )