قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 1515|ئىنكاس: 12

زوردۇن سابىر ۋە كىتاب

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

21

تېما

0

دوست

2547

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   18.23%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11617
يازما سانى: 74
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى: 350
تۆھپە : 582
توردىكى ۋاقتى: 158
سائەت
ئاخىرقى: 2016-2-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-25 11:27:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   abdurxitosman تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-3-25 15:14  

                                                                            زوردۇن سابىر ۋە كىتاب
                                                                             ئابدۇرېشىت ئوسمان
                                                                ( غۇلجا شەھەرلىك 3- ئوتتۇرا مەكتەپتىن )
      دۇنيا ئەدەبىيات تارىخىدىكى ئۇلۇغ يازغۇچىلار ۋە شائىرلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ئىنسان مەنىۋىيىتىنى تاكامۇللاشتۇرغۇچى ئەڭگۈشتەر، ئىرادىنى چېڭىتىدىغان مەنىۋى ئوزۇق، قاراڭغۇ دىللارنى يورۇتقۇچى نۇرلۇق چىراغ، سېھىرلىك قولۇپلارنىڭ ئاچقۇچى ئالتۇن ئاچقۇچ، ئەقىل-ئىدراك ۋە پەم – پاراسەتنىڭ مەنبەسى، ئىلىم- ئىرپان خەزىنىسى--- كىتابنى ئۆزىگە دوست تۇتقان . ئۇلار ئۆز ئۆمرىدە نۇرغۇن كىتاب ئۇقۇغان، كىتاب ئوقۇشتىن خاتىرە يازغان، نۇرغۇن كىتاب ساقلىغان، كىتابنى كۆپ ئوقۇشتىن ئەدەبىي ئىجادىيەتكە قىزغىن ئىشتىياق باغلىغان.
   بۈگۈنكى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى ئۇلۇغ يازغۇچى زوردۇن سابىرمۇ كىتابنى ئۆزىگە ئەڭ يىقىن دوست تۇتقان، ئۆز ئۆمرىدە نۇرغۇن كىتاب ئوقۇغان،كىتاب ئوقۇشتىن خاتىرە ييزىشنى ئۆزىگە ئادەت قىلغان، ئائىلە كىتابخانىسىدا نۇرغۇن كىتاب ساقلىغان، جاپا- مۇشەققەتلىك، ئازاپ – ئوقۇبەتلىك، غۇربەتچىلىكتە ئۆتكەن ئېغىر كۈنلەردىمۇ قولىدىن كىتابنى چۈشۈرمەي، مەنىۋى دۇنياسىنى بىيىتقان، تۇرمۇشنى نۇرلاندۇرغان، ئەدەبىي – ئىجادىيەتكە بولغان ھەۋەس ئۇچقۇنلىرىنى كۈچلۈك يالقۇنغا ئايلاندۇرغان.
دېمەك ، يازغۇچى زوردۇن سابىر كىتابنى بىلىم ئوچىقى-  مەكتەپكە، ئۆزىنى تەبىيەلەپ ئۆستۈرگەن ئانىغا، كىتابسىز ئۆتكەن تۇرمۇشنى قاراڭغۇ تۈنگە، كىتابسىز قالغان ئەقىل – ئىدراكنى قاناتسىز قۇشقا ئوخشاتقان.زوردۇن سابىر كىتاب ئوقۇش جەريانىدا ئەدەبىي- ئىجادىيەتكە قىزغىن ئىشتىياق باغلاپ، ئوقۇغان كىتابلىرىدىن مول ھېسلارغا چۆمۈلگەن. مانا بۇ زوردۇن سابىرنىڭ كىيىن داۋاملىق يازغۇچى بولۇپ چىقىشىدا مۇھىم رول ئوينىغان ئامىللارنىڭ بىرى.
       ئەدىب غوجا ئەخمەت يونۇس يازغۇچى زوردۇن سابىرنىڭ  ۋاپاتىنىڭ 10 يىللىقىنى خاتىرىلەپ يازغان ‹‹ زوردۇن سابىر ھەققىدە ئۈچ قىسقا ئەسلىمە› ناملىق يادنامىسىنىڭ ‹‹ كۈتۈپخانىدىكى كىتابخۇمار ئوقۇغۇچى››  دېگەن پارچىسىدا  مۇنداق دەپ يازغان:  ‹‹- مەن زوردۇن سابىر بىلەن ىىلى دارىلمۇىەللىمىن مەكتىپىدە 1954- يىلىدىن 1956- يىلىغىچە ىىككى يىل ساۋاقداش بولدۇم. بىرىنچى يىلى ىىلى دارىلمۇىەللىمىن مەكتىپى بىلەن ىىلى ىەرلەر تولۇق ىوتتۇرا مەكتىپىدىكى ىوقۇغۇچىلار بىر مەكتەپتە –بىلىم يۇرتىدا ( ھازىرقى غۇلجا شەھەر 8- ىوتتۇرا مەكتەپ) بىللە ىوقۇدۇق.
1955- يىلى 9- ىايدا ىىلى دارىلمۇىەللىمىن مەكتىپى ھازىرقى ىىلى پېداگۇگىكا ىىنىستىتۇتىنىڭ ىورنىغا كۆچۈپ چىقتى. مەن 3- يىللىق سىنىپتا ىوقۇيتتىم. زوردۇن سابىر بىلەن مىجىت ناسىر 2- يىللىق سىنىپتا ىوقۇيتتى. زوردۇن بىلەن مېنىڭ ىارامدىكى يېقىن مۇناسىۋەت مەكتەپ كۈتۈپخانىسىدا تىكلەندى. ىۇ چاغلاردا ىۇيغۇرچە نەشىر قىلىنغان كىتابلار ىانچە كۆپ ىەمەس ىىدى. ىەمما شۇ چاغدا بېيجىڭدا ۋە ىالمۇتا ، تاشكەنتلەردە نەشىر قىلىنغان ىۇيغۇرچە كىتابلارنىڭ ھەممىسىنى دېگۈدەك ىىلى دارىلمۇىەللىمىن مەكتىپىنىڭ كۆتۈپخانىسىدىن تاپقىلى بولاتتى. بۇ كىتابلارنىڭ ىىچىدە بېجىڭدىكى مىللەتلەر نەشىرياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنىغان ‹ يېڭى باتۇرلار › قاتارلىق كىتابلار ۋە ىالمۇتادىكى ‹ يېڭى ھايات ›ژورنىلى نەشىرياتى ، تاشكەنتتىكى ‹شەرق ھەقىقىتى› ژورنىلى نەشىرياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنغان ‹ھاجى مۇراد› ( لېف تولستوي) ، ‹ىانا› ( ماكسىم گورگىي) ،‹ پولات قانداق تاۋلاندى› ( نىكولاي ىوستروۋىسكى ) ، ‹پولك ىوغلى› ( ۋالېنتىن كاتايېف) ، ‹سىرلىق سوقماقلار› ( گېىورگى برەنسېف) ، ‹ىالتۇن يۇلتۇز كاۋالىرى› ( سېميون بابايېۋىسكىي)، ‹ىالتۇن ۋادىدىن شاماللار›( ىايبېك ) ، ‹قۇتلۇق قان› (ىايبېك ) ، ‹قۇللار› ( سەدىردىن ىەينى )، ‹كېلىدۇ بىر كۈن › ( مىرزا ىىبراھىموف ) ، ‹ھېكايىلەر› ( لۇشۇن، روسچىدىن تەرجىمە قىلىنغان ) ، ‹ىېغىر كۈنلەردە› ( ىۆمەر مۇھەممىدى) ، ‹ىىسىيان› ( فۇرمانوف ) قاتارلىق كىتابلار بار ىىدى.
  ىوقۇغۇچىلار مەكتەپ كۇتۇبخانسىغا كىرىپ ، ىۆزىگە كېرەكلىك كىتابلارنى كۇتۇپخانا مەسىولى ىۆلمەس ىاپپايغا تىزىملىتىپ قويۇپ ، يەكشەنبە كۈنىدە ۋە ھەپتىنىڭ باشقا كۈنلىرى كەچتە ياتاقتا ىوقۇيتتى. ۋاقىتنىڭ ىۆتۈشىگە ىەگىشىپ كۈتۇپخانىغا پات – پات كىرىپ كىتاب ىارىيەت ىالىدىغان ىوقۇغۇچىلار يىقىن دوستلاردىن بولۇپ قالدۇق. بۇ كىتابخۇمار ىوقۇغۇچىلار ىىچىدە مېنىڭدىن باشقا ، مەرھۇم تۇرسۇن زىردىن ، ىابدۇكىرىم مەخسۇت ، زوردۇن سابىر ، ىابدۇۋەلى كەرىملەر بار ىىدى. زوردۇن كىتابنى باشقىلىرىمىزغا قارىغاندا تېز ۋە كۆپ ىوقۇيتتى. ىۇ چاغلاردا ھەر شەنبە كۈنى كەچتە بەشىنچى كورپۇس كولۇبى ( ھازىرقى ھەربىيلەر كولۇبى )  قاتارلىق جايلاردا تانسا كىچىلىكى ىۆتكۈزۈلۈپ تۇراتتى، زوردۇن مۇنداق پاىالىيەتلەرگە كەمدىن – كەم قاتنىشاتتى. شۇڭا ، ىۇنىڭ كىتابنى تېز ۋە كۆپ ىوقۇشى تەبىىي ىىدى. مەن كىيىنكى چاغلاردا زوردۇن سابىرنىڭ ىوقۇرمەنلەرنىڭ ىالقىشىغا ىىرىشكەن ھېكايىلىرى ، پوۋېسىتلىرى ، رومانلىرىنى ھوزۇرلىنىپ ىوقۇغان ۋاقتىمدا ، ىۇنىڭ ىىلى دارىلمۇىەللىمىن مەكتىپىنىڭ كۇتۇپخانىسىدىن ىارىيەت ىېلىپ ىوقۇغان كىتاپلاردىن ىەدەبىي ىىجادىيەتكە كۈچلۈك ىىلھام ىالغانلىقى ۋە ياخشى ىاساس سالغانلىقىنى ھېس قىلدىم » ( ماخمۇت مۇھەممەت : « ىابرال ىوغلى » ناملىق كىتاب ، شىنجاڭ ياشلار - ىۆسمۈرلەر نەشىياتى ، 261- 263- بەتلەر  ).
ئەدىب ئەنىۋەر ئابدۇرېھىمنىڭ ‹‹ يازغۇچىلار بىلەن سۆھبەت›› ناملىق كىتابىغا كىرگۈزۈلگەن ‹‹ تىپ- خاراكېتىرىنى خاسلاشتۇرۇشنىڭ مەھسۇلى›› ناملىق سۆھبەت  خاتىرىسىدە يازغۇچى زوردۇن سابىر كىتاپ ئوقۇشنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيتىگە كۆرسەتكەن تەسىرى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېگەن: ‹‹ مەن 1957- يىلدىن 1960- يىلغىچە  تەخمىنەن 300 پارچىدىن ئارتۇق رومان ئوقۇدۇم. بەزى كۈنلىرى ياتاقتىن چىقماي، ئون ئىككى سائەتلەپ كىتاپ ئوقۇيتتىم.مەن ئەينى يىللاردا ئۇيغۇر تىلىدىكى‹ نېمە قىلىش كېرەك›، ‹ ئوغرى سېغىزخان ›، ‹ ئۆلۈك جانلار›، ‹ بوران›، ‹ ئاباي›، ‹ نەۋائىي›.... قاتارلىق رومانلارنى ئوقۇپ خاتىرە قالدۇرغان، لەنجۇغا بېرىپ بىر يىرىم يىلدىن كىيىن خەنزۇچە رومانلارنىمۇ ئوقۇشقا كىرىشكەن ۋە ‹ كۆكۈيۈن›، ‹ خاتا تەربىيە › قاتارلىق رومانلار، مۇپاسسان ھىكايىلىرى ، ماۋدۇننىڭ ‹ تۈن يانغاندا ›، باجىننىڭ ‹ ئائىلە ›... قاتارلىق ئەسەرلىرى بىلەن خەنزۇ تىلى ئارقىلىق ئۇچراشقان. مەن بالزاكنىمۇ شۇ چاغلاردا تونۇغان،‹ تېنىچ دون › نىمۇ شۇ يىللاردا ئوقۇغان. مەن غەربىي شىمال مىللەتلەر ئىنىستېتۇتىدا ئوقۇپ يۈرگەن چاغلىرىمدا يەنە ئەدەبىيات نەزەرىيىسى، ئېستېتىكا ۋە پەلسەپىگە ئائىت نۇرغۇنلىغان ئەسەرلەرنى، جۈملىدىن لېنىننىڭ ‹ پەلسەپە خاتىرىلىرى›، ‹ دۆلەت ۋە ئېنقىلاپ › ... قاتارلىق ئەسەرلىرىنى، ماركىسنىڭ ‹ كاپىتال› ناملىق ئەسىرىنى ماركىس بىلەن ئىنگىلىسنىڭ ئەدەبىيات- سەنئەت ھەققىدىكى بايانلىرىنى، ماۋزېدۇڭنىڭ ‹ ئەمەلىيەت توغرىدىسدا›، ‹ زىدىيەت توغرىسىدا› ، ‹ خەلق ئىچىدىكى زىدىيەتلەرنى توغرا ھەل قىلىش مەسىلىسى ھەققىدە›.... قاتارلىق پەلسەپىۋى ئەسەرلىرىنى ئوقۇدۇم. قىسقىسى، شۇ يىللاردا ئوقۇغان كىتابلىرىم ئەدەبىي ئىجادىيىتىمدە ئاساسلىق رول ئوينىدى. ئەگەر مەن شۇ چاغلاردا ئاشۇنداق زور ئىشتىياق بىلەن  بېرىلىپ كىتاب ئوقۇمىغان بولسام، بۈگۈنكى كۈندە ئەدەبىياتنىڭ قانۇنىيەتلىرى ھەققىدە بىر قەدەر ئەتراپلىق بىلىمگە ئېرىشەلمىگەن بولاتتىم››.
     يۇقىردىكى  پارچىلاردىن شۇنداق خۇلاسە چىقىرىشقا بولىدىكى، يازغۇچى زوردۇن سابىر كىتاب ئوقۇش ئارقىلىق كېيىنكى ئەدەبىي ئىجادىيىتىگە كۈچلۈك ئاساس سالغان.
     يازغۇچى زوردۇن سابىر كىتابنى ئەدەبىيات  ھىرىسمەنلىرى ۋە يازغۇچى بولۇشنى كۆڭلىگە پۈككەنلەرنىڭ ئەڭ ياخشى مەكتىپى، دەپ قارىغان. ئۇ دېگەن گىپىگە ئەمەل قىلىپ نۇرغۇن كىتاب يىغقان، كىتاب ئوقۇشنى كۈندىلىك تۇرمۇش ئادىتىگە ئايلاندۇرغان، كىتاب سېتىۋىلىشقا ئالدىرغان. كىتاب ئوقۇمايدىغان يازغۇچى مەڭگۈ نەتىجە قازىنالمايدىغان يازغۇچى دەپ قاراپ، كىتاب ئوقۇشقا باشچىلاپ كىرىشىپ كەتكەن.
     1997- يىلى 11- ئايدا ‹‹ جۇڭگو مىللەتلىرى ›› ژورنىلى تەھرىر بۆلۈمىنىڭ تەشكىللىشى بىلەن بۇ ژورنالنىڭ تۆھپىكار ئاپتورلىرى ئىچكىرى ئۆلكە – شەھەرلەردە ئىكىسكۇرىيە ۋە زىيارەتتە بولغان. شۇ قېتىملىق سەپەردە يازغۇچى زوردۇن سابىر بىلەن سەپەرداش بولغان ئەدىب ماخمۇت مۇھەممەت يازغۇچى زوردۇن سابىرنىڭ كىتاب ئوقۇش ھەۋەس- ئىشتىياقى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دەيدۇ: ‹‹ -- يىگىرمە كۈنلۈك سەپەردە مەيلى پويىز، پاراخۇتتا، ياتاققا ياكى ئاپتوموبىلدىكى قىسقا يۈرۈشلەردە بولسۇن مەيلى ئىكىسكۇرسىيە  ياكى زىيارەت داۋامىدا بولسۇن ، ئۇ سوراشتىن ، كۆرۈشتىن، ئوقۇشتىن ۋە بەس مۇنازىرە قىلىشتىن توختىماي، زىرىكمەي، چارچىماي، نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئىگەللىگەن ئىدى. زىيارەت ئۆمىكىمىزدە پەقەت ئۇلار تۇرمۇشقا ئائىت نەرسە – كېرەك سىتىۋالمايتتى. لېكىن بارغانلا يىرىدە كىتاب ئىزدەپ ، كىتاب ئالاتتى. يادىمدا، يىگىرمە كۈنلۈك سەپەر تۈگىگىچە ئۇ سېتىۋالغان خەنزۇچە كىتابلار بىر چامادان بولغان ئىدى.
...يەنئەنگە بارغان كۈنىمىزنىڭ ئەتىسى ئۇنىڭ يەنئەن مۇزىيى ئالدىدىن كىتابپۇرۇشلار قولىدىن خەنزۇچە تۆت كىتاپنى ئۈچ يۈز ئاتمىش سومغا تالاشماي سېتىۋالغانلىقى يادىمدىن چىقمايدۇ. بىز ئەتراپتا تۇرغانلار ئۇنىڭ ئۈچۈن تۇشمۇتۇشتىن باھا تالىشىپ كەتتۇق. ئۇ بولسا ئالغان كىتابلىرىنى ۋاراقلاپ، كۆزىگە يىقىن ئەكىلىۋىلىپ قارىغىنچە :
   --- ئالامەت نوچى كىتابلاركەن جۇمۇ، پايدا  بەرسەڭمۇ ساتمايمەن، ئاغىنىلەر ، - دەپ كۈلەتتى. ››
( ماخمۇت مۇھەممەت : ‹‹ ئابرال ئوغلى ›› ناملىق كىتابىدىن )
يازغۇچى زوردۇن سابىر بارغان – تۇرغان يېرىدە ئەدەبىيات ھېرىسمەنلىرى ۋە ياش يازغۇچىلارغا كىتاب ئوقۇشنىڭ زۆرۈرلىكى ۋە پايدىسى ھەققىدە كۆپ سۆزلىگەن. ئۇنىڭ كىتاب ھەققىدە قىلغان گەپ – سۆزلىرىنى ئاڭلىغانلاردا كىتاب ئوقۇشقا نىسپەتەن قىزىقىش پەيدا بولغان.
يازغۇچى زوردۇن سابىرنىڭ ئاكىسى نۇرۇم سابىرنىڭ غۇلجا ناھىيە يېڭتام يىزا تۆۋەنكى بوستان كەنتى بىرىنچى گۇرۇپپىدا  ئولتۇرۇشلۇق قىزى نۇربانۇم نۇرۇم ‹‹ دادامنىڭ زوردۇن سابىر ھەققىدە ئىيتقانلىرى ۋە باشقىلار ›› ناملىق ئەسلىمىسىدە  زوردۇن سابىرنىڭ ئۆزىنى كىتاب ئوقۇشقا ئۈندىگەنلىكى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دەيدۇ: ‹‹ .... بىر قېتىم دادام مېنىڭ يازغىنىمنى كۆرۈپ: - كىچىك داداڭغا كۆرسىتىپ باقە،- دېدى.  يىزىپ پۈتكۈزۈپ  كىچىك دادامغا كۆرسىتىۋىدىم، ئۇ ئەستايدىل كۆرگەندىن كىيىن ‹ سىزنىڭ يازغىنىڭىزنى ھىكايە دېگىلى بولمىسىمۇ، بۇنچىلىك يازماق سىزنىڭ يىشىڭىزدىكىلەرگە ئاسان ئەمەس، يازغۇچى بولاي دېگەنمىتىڭىز؟ › دەپ سورىدى.مەن‹ساڭا ئوخشاش يازغۇچى بولاي دېگەنتىم› دەپ جاۋاپ بەردىم.  كىچىك دادام بۇنى ئاڭلاپ كۈلۈپ كەتتى. ‹ يازغۇچى بولىمەن دېسىڭىز كىتابنى كۆپ ئوقۇڭ، كۆپ يىزىڭ، سىز قايسى كىتابلارنى ئوقىغان؟ › دەپ سورىدى. مەن : ‹ جىگدىلەر پىچىرلايدۇ› ،‹ ئۇنۇتمايمەن گۈلسىارە›، ‹ ئارچا ياپرىقى › نى ئوقۇدۇم دەپ جاۋاپ بەردىم. كىچىك دادام : ‹ مېنىڭ ئەسەرلىرىمنىلا ئوقۇپسىز، باشقىلارنىڭكىنىمۇ ئوقۇڭ› دېدى. مەن شۇنىڭدىن باشلاپ كىتاب ئوقۇشقا كىرىشپ كەتتىم.›› (‹‹ ئىلى دەرياسى›› ) نىڭ 2006 - يىللىق 6 - سانىدىن ئېلىندى)
     يازغۇچى زوردۇن سابىر 1972 – يىللىرى غۇلجا شەھەرلىك 2- ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇتقۇچىلىق قىلىۋاتقان چاغلىرىدا نىلقا ناھىيە ھەسەل فېرمىغا قايتا تەربىيىگە چۈشكەن زىيالى ياش ماخمۇت مۇھەممەت،..... قاتارلىق ئوقۇغۇچىلىرى بىلەن ئۇچرىشىپ تۇرغان. بىر قېتىملىق سۆھبەتتە يازغۇچى زوردۇن سابىر كىتاب ئوقۇش ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېگەن: ‹‹ - سېنىڭ كىتابقا بىرىلگىنىڭ ئۆزى ياخشى ئىش،- دېگەنىدى ئۇ بىر قېتىم ماڭا، - يىزىقچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىشقا نىيەت باغلىغان ئادەم كۆپ كىتاب ئوقۇشى، دائىم كىتاب ئوقۇشى كېرەك. گوركىي نېمە دېگەن؟ ‹ مەن ئاچ كىشىلەر نانغا ئىنتىلگەندەك مەن كىتابقا ئىنتىلىمەن›  دېگەن. ھىم  ،خاتىرەڭگە يېزىپ قوي ماخمۇت بۇنى ، يوغان قىلىپ يېزىپ قوي، ئاندىن ئوقۇغان كىتابلىرىڭدىن خاتىرە ياز، تەسىراتىڭنى، كىتابتا ساڭا يارىغان جۈمىللەرنى، غەلىتىرەك ئىسىملارنى، باشقىلاردىن ئاڭلىغان ماقال-تەمسىل،  ئوخشىتىش ھەتتا ساڭا سەل تەسىر قىلغان بىرەر گەپنىمۇ يېزىۋال گوگۇلنىڭ خاتىرە دەپتىرىدەك .››
(ماخمۇت مۇھەممەت : ‹‹ ئابرال ئوغلى›› ناملىق كىتابتىن )
يازغۇچى زوردۇن سابىر ئۆزىنىڭ كىتابخۇمارلىقتەك ئېسىل مىجەز –خاراكتېرىنى بىر  قىسىم ئەسەرلىردىكى پېرسۇناژلارنىڭ خاراكتېرىگە سىڭدۈرۋەتكەن. شۇ ئارقىلىق ئوقۇرمەنلەرنىڭ كىتاب ئوقۇش قىزغىنلىقىنى ئاشۇرغان، كىتاب ئوقۇش ئادىتىنىڭ شەكىللىنىشىگە تۈرتكە بولغان. مەسىلەن، ‹‹ئانا يۇرت›› رومانىدىكى نۇرى، روسۇلۇف، سەبىخە ، پەرىخە ، زەيتۇنەلەر ؛ ‹‹ ئىزدىنىش›› رومانىدىكى ئەلا ، ئۆمەر ئەپەندى، ئەلانۇر، ساۋۇتۇفلار ؛ ‹‹ئاتا›› رومانىدىكى زىمىن ، ئابلا يانتاقلار؛ ‹‹ سۈبھى›› پوۋېستىدىكى ئەسئەت ، راھەت ، سۈبھىلەر ؛ ‹‹ خىرە دېرىزە›› پوۋېستىدىكى مىركامىل، ئابىدەلەر؛ ‹‹ يېڭلانغان ھاۋا›› پوۋېستىدىكى يازغۇچى ؛ ‹‹ چايخورلار›› ھېكايىسىدىكى بوتيا، زىمىنبايلار ؛ ‹‹ قەشقەر كوچىلىرى›› ناملىق ھىكايىدىكى ئازاد ، سەبۇرى ئىسىملىك كىتابپۇرۇشلار،... كىتاب ئوقۇشقا ھېرىسمەن، كىتابنى دوست تۇتقان، كىتاب ئوقۇش ئارقىلىق ئادىمىيلىكىنى بىيىتقان، كىتاپ ئوقۇش ئارقىلىق شان-شەرەپ، نەتىجە-ئۇتۇق، يۈز-ئابروي تاپقان ھەر ساھە ، ھەر كەسىپتىكى كىشىلەرنىڭ تىپىك ئوبرازىدۇر .
مەسىلەن ، يازغۇچى زوردۇن سابىرنىڭ  ‹‹ يېڭىلانغان ھاۋا›› ناملىق پوۋېستىدا مۇنداق بىر تەپسىلات بار: ‹‹ ئايالىمنىڭ سۆزىنى ئاجايىپ ئاڭلايمەن-دە، ئۇ ئالتە بالىنى رومان ئوقۇپ يۈرۈپ چوڭ قىلغان. 10-سىنىپنى تۈگىتىپ ئۆيدە ئولتۇرۇپ قالغىنى بولمىسا جەمىيەتتىكى كادىر ، مۇئەللىم ئاياللارنىڭ ھېچقايسىسىدىن كەم ئەمەس . ئۆيگە كىرسىڭىز ، شۇڭا بىزنىڭ كىتابخانىمىز مېھمانخانىمىزدىن چوڭ ، گۆش-ياغ ، سەي-كۆكتاتقا قارىغاندا، كىتابقا جىقراق پۇل خەجلەيمىز . ئالتە قىزىمنىڭ ھەممىسىلا ئەدەبىيات ھەۋەسكارى، ئايال بىلەن ئىككىمىزغۇ مەستانىسى.››
     مانا بۇ ئەسەر تەپسىلاتىدا كىتاب ئوقۇشنى كۈندىلىك تۇرمۇشنىڭ موھىم بىر مەزمۇنىغا ئايلاندۇرغان يازغۇچى ئائىلىسىنى تېپىكلەشتۈرۈپ ، ئوقۇرمەنلەرنىڭ  دىققەت- ئىتىبارىنى بۇ ئائىلىنىڭ قويۇق ئەدەبىي مۇھىتىغا، كىتاب ئەنئەنىسىگە، كىتاب مەدەنىيىتىگە مەركەزلەشتۈرگەن.
مەسىلەن، يازغۇچى زوردۇن سابىرنىڭ ‹‹ ئانا يۇرت ›› ناملىق رومانىدا مۇنداق بىر تەپسىلات بار: - ‹‹ ئۇ ياتىقىغا كىرىپ مۇز گۈللىرى بىلەن بېزەلگەن دىرىزە قاپقاقلىرىنى ئەتتى، ئىشىكنى ئىچىدىن تاقىدى ۋە مەشكە كۆمۈرنى جىق سىلىپ قويۇپ كارىۋاتقا ئوڭدىسىغا ياتتى – دە ، خىيالدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن قولىغا كىتاب ئالدى. چېرنىشىۋىسكىنىڭ ‹ نېمە قىلىش كېرەك› دېگەن رومانىنىڭ لاتىن يىزىقىدىكى ئۆزبەكچىسىنى ئىككى كۈندىن بىرى ئوقۇماقتا ئىدى. چېرنىشىۋىسكى تۈرمىدە يىتىپ ئون بىر ئايدا يىزىپ چىقققان بۇ رومان نۇرىنىڭ نۇرغۇن سوئاللىرىغا جاۋاپ بەرمەكتە، ئۇنى قاراڭغۇلۇق ئىچىدە يول تىپىپ ئىلگىرلەشكە ئىلھاملاندۇرماقتا ئىدى... ئۇ‹ كۆكۈيۈن› دېگەن روماننىمۇ ئوقۇغان، تۈرمە ئازابى ئارتۇر ئۈچۈن راھەت.››
يازغۇچى زوردۇن سابىر بۇ روماندا غىنى باتۇردەك ھېچنىمىدىن قورقمايدىغان، روسۇلۇفتەك بىلىملىك، نىزەرخان غوجىدەك ھىممەتلىك، ئىلخان تۆرەمدەك يولباشچى، داھى بولۇشنى ئارزۇ قىلدىغان تىپىك پرسۇناژ نۇرىنىڭ كىتابخۇمارلىقتەك يارقىن خاراكتېر ئالاھىدىلىكىنى بۇ ئەسەرنىڭ نۇرغۇن تەپسىلات، تەسۋىرلىرىدە گەۋدىلەندۈرۈشكە تىرىشقان. نەتىجىدە يازغۇچى زوردۇن سابىرنىڭ بەدىئىي غايىسىگە ۋەكىللىك قىلدىغان نۇرىدىن ئىبارەت بۇ پېرسۇناژنىڭ مۇۋاپىقيەتلىك يارىتىلغان بىر پۈتۈن خاراكېتىر – ئالاھىدىلىكى ئوقۇرمەنلەرنى قانچىلىك سۆيۈندۈرگەن بولسا، ئۇنىڭ كىتابخۇمارلىقتەك ئۆزگىچە بىر خاراكتىرى ئوقۇرمەنلەرنىڭ دىققىتىنى شۈنچىلىك ئۆزىگە مەھلىيا قىلغان.
    يازغۇچى زوردۇن سابىر تۇرمۇش ئۆگىنىش ئۈچۈن ئانا يۇرتىمىزنىڭ جاي – جايلىرىغا بارغاندا بىر قىسىم ئەدەبىيات ھەۋەسكارلىرى ۋە ياش يازغۇچىلار بىلەن تونۇشقان، سىرداشقان، مۇڭداشقان، دوستلاشقان. ئۇلارغا كىتاب سوۋغا قىلىش ئارقىلىق دوستلۇقنى چېڭىتقان، ئۇلارنىڭ ئەدەبىي – ئىجادىيىتىگە مەدەت – ئىلھام بەرگەن.
تۇرپان ۋىلايىتى پىچان ناھىيەسى پىچان يىزا ماچاك ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ تىل – ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى ھەبىبۇللا سىيىت باۋۇدۇن 1985- يىلى 2- ئايدا ئۈرۈمچىدىن تۇرپانغا ماڭغان يولۇچىلار ئاپتوبۇسىدا تاسادىبى پۇرسەتتە يازغۇچى زوردۇن سابىر بىلەن تونۇشۇپ قالغان. سەپەر جەريانىدا مۇڭدىشىپ ياخشى دوستلاردىن بولۇپ قالغان. كىين يازغۇچى زوردۇن سابىر ھەبىبۇللا مۇئەللىمگە پوچتىدىن كىتاب ئەۋەتىپ سەمىمىي دوستلۇقىنى ئىزھار قىلغان  ھەم ھەبىبوللا موئەللىمنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيىتىگە ئىلھام بەرگەن،بۇھەقتە ھەبىبوللاسىيىت باۋۇدۇن  ‹‹تۇرپان››ژورنىلىنىڭ 2012-يىللىق2-سانىدا ئىلان قىلغان ‹‹ئاتاقلىق يازغۇچى زودۇن سابىر بىلەن بىللە بولغان كۈنلەردە ››ناملىق ئەسلىمە ماقالىدە مۇنداق دەپ يازغان :‹‹ 1985-يىلى4- ئاينىڭ ئوتتۇرلىرى بولسا كىرەك، بىركۈنى پوچتالىيۇن بىرتېڭىق پوسۇلكا ئېلىپ كېلىپ ماڭا تۇتقۇزدى، قارىسام مىنىڭ ئادرىسىم ۋە ئىسمىم  ئېنىق  يىزىلغانىدى. پوسۇلكا ئەۋەتكۈچى كىمدۇ،دەپ قارشى تەرەپنىڭ ئادىرسىغا قارىدىم:  ‹ئۈرۈمچى شەھىرى يەنئەن يولى44-قورۇدىكى زۇردۇن سابىردىن›دەپ يىزىلغانىدى. مەن يوغان پوسۇلكىنى ئىشخانىغا ئىلىپ كىرىپ، زور قىزىقىش ئىچىدە ئاچتىم. ئىچىدىكىسى زوردۇن سابىرنىڭ ‹ئىزدىنىش›،‹ئاۋرال شاماللىرى›،‹ئارچا ياپرىقى›،‹جىگدىلەر پىچىرلايدۇ›،‹شەبنەم ›قاتارلىق رومان، پوۋېستلار توپلىمى،ھىكايىلەر توپلىمىنىڭ ئىمزا قويۇلغان قاتتىق مۇقاۋىلىق نۇسخىلىرى ئىكەن.مەن بۇ كىتابلارنى ۋاراقلاۋىتىپ بىرتەرەپتىن ئاتاقلىق يازغۇچى زوردۇن سابىرنىڭ مىنى ئۇنتۇپ قالمىغانلىقىغا ھەقىقىي ئىشەنسەم، يەنە بىرتەرەپتىن ئىچ-ئىچىمدىن سۆيۈنۈپ كەتتىم، كىتابنىڭ ئىچىدىن بىرپارچە خەتمۇ چىقتى:‹ئىنىم ھەبىبوللا ،ياخشىمۇسىز؟ تىنىڭىز سالامەتمۇ؟ يەنە پىچاننىڭ ماچاڭ دېگەن يىرىدە ئوقۇتقۇچىلىق خىزمىتىنى ئىشلەۋاتامسىز؟ ئوقۇتقۇچىلىق ھەقىقەتەن كۆڭۈللۈك، ياخشى خىزمەت. مەنمۇ بۇرۇن لەنجۇدىكى غەربىي شىمال مىللەتلەر ئىنىستىتۇتىدا، شۇنداقلا غۇلجا شەھەرلىك 2-ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان، ئوقۇتقۇچىلىق خىزمىتىگە مىنىڭ مىھرىم بار، مەن ماڭغان يولدا سىزمۇ مىڭۋاتىسىز، ياخشى ئىشلەڭ. خىزمەتنى مىھرىڭىز بىلەن ئىشلەڭ، جاپا تارتىشتىن قورقماڭ، شۇ چاغدىلا خىزمەتنىڭ ئۈنۈمى، ھاياتىڭىزنىڭ راھىتى كۆرۈلىدۇ. شان-شەرەپ، نەتىجە دىگەنلەر سىزگە ياربولىدۇ. ھە راست، سىزكىتابنى كۆپ ئوقۇيدىكەنسىز، ئەدەبىياتقا بەك قىزىقىدىكەنسىز، تۇرمۇش ئۈگىنىش ۋە ئەمەلىيەتكە تەدبىقلاشنى بىرلەشتۈرسىڭىز كەلگۈسىدە چوقۇم خەلىققە نەپ بىرىدىغان يازغۇچى بولۇپ قالسىز، مەن سىزگە ئۈمىد بىغىشلايمەن. ئۈگىنىڭ، تىرىشىڭ. نۇرغۇن يازغۇچى، شائىر، ئالىملارنىڭ ئوقۇغان مەكتىپى چوڭ ئەمەس، لېكىن ئۇلاركېچە-كۈندۈز تىرىشىپ ئۈگىنىش نەتىجىدە ئۆزىنىڭ نادىر شېئىر، ھىكايىلىرىنى يىزىپ چىقالىغان، شۇنداقلا نۇرغۇنلىغان نەرسىلەرنى ئىجادقىلغان.تىرىشش ۋە ئۈگىنىشلا نەتىجە ۋە ئۇتۇق قازىنىشنىڭ مەڭگۈلۈك يول خىتى.
     ۋاقىتنىڭ قىسقىلىقى تۈپەيلىدىن خېتىمنى مۇشۇ يەردە ئاخىرلاشتۇردۇم . خەت يىزىپ تۇرۇڭ . خەيىر ، كۆرۈشكىچە ئامان بولۇڭ .
زوردۇن سابىر ، 1985-يىل 11- ئاپىرىل ، ئۈرۈمچى ›
زوردون سابىرنىڭ ماڭا ئەۋەتكەن كىتاب ۋە خەتلىرىنى كۆرۈپ مەزمۇنىدىن خەۋەر تاپقان خىزمەتداشلىرىممۇ ، ‹سەن نېمىدىگەن بەخىتلىك- ھە !؟ ئاتاقلىق  يازغۇچى زوردۇن سابىر بىلەن تونۇشۇپ قاپسەن ، شۇنداقلا يىقىن دوستلاردىن بولۇپ قاپسىلەر ، ساڭا نۇرغۇن تىلەكلەرنى تىلەپتۇ ، شۇڭا سەنمۇ تىرىشىپ ئۆگىنىپ يازغۇچى بولۇشقا تىرىشقىن ! جاۋاپ خەت يازغىن› دېيىشتى . مەن ئۇ كۈنى ناھايتى خوشال بولۇپ كەتتىم . بىر ھەپتىدەك ۋاقىت ئۆتۈپ ، مەنمۇ زوردۇن سابىر ئاكىغا جاۋاپ خەت يازدىم  ›› .
    يازغۇچى زوردۇن سابىر مانا مۇشۇنداق ئېسىل ئەخلاق-پەزىلىتى بىلەن ئاپتۇنۇم رايونىمىزنىڭ جاي-جايلىرىدىكى نۇرغۇن ئۈمىدلىك ياش ئەدىبلەرنى بايقىغان، يىتەكلىگەن ، ئەمىلى ھەرىكىتى بىلەن ئۈلگە بولۇپ ، ئۇلارغا غەمخۇرلۇق قىلغان .
يازغۇچى زوردۇن سابىر بىلەن ھەم سۆھبەت بولغان ئادەم بۇ يازغۇچىنىڭ ئىنتايىن كۆپ كىتاب ئوقۇغان ۋە ئوقۇيدىغان ئادەم ئىكەنلىكىنى ھىس قىلالايدۇ . يازغۇچى زوردۇن سابىر باشقىلار بىلەن ھەم سۆھبەت بولغاندا ھەرگىز قۇرۇق پاراڭ قىلمايتتى . سۆھبەت تىمىسى كۆپ ھاللاردا ئوقۇغان كىتابلىرى توغرىسىدا بولۇپ، يىقىندا قانداق كىتاب ئوقۇغانلىقى ، ئۇ كىتابلاردىن قانداق تەسىرات ، چۈشەنچە ئالغانلىرىنى مىساللار بىلەن سۆزلەيتتى . شۇ ئارقىلىق قارشى تەرەپكە شۇ كىتاپتىن ئۇچۇر بېرىپ، تىزراق ئوقۇش ئىستىكىنى قوزغايتتتى.
يازغۇچى زوردۇن سابىر ئاپتۇنوم ريونىمىزنىڭ جاي – جايلىرىدا ئىچىلغان ھەرخىل مۇھاكىمە يىغىن ۋە ئەدەبىيات سىىمنارىيەلىرىگە قاتنىشىپ، لىكسىيە سۆزلىگەن ۋە تەكلىپ پىكىر بىرىش پۇرسەتلىرىدە كۆپ ھاللاردا يازغۇچىلارنى كۆپ كىتاب ئوقۇشقا ئۈندىگەن. ئەتراپلىق بىلىم ئىگەللەشنى تەشەببۇس قىلغان. ئوقۇغان كىتابتىن خاتىرە قالدۇرۇشنى تەكىتلىگەن .بىر قىسىم يازغۇچىلارنىڭ يازماقچى بولغان ئەسىرىگە ئەندىزە، قىلىپ ئىزدەش،  تەقلىد قىلىش ئۈچۈن ياكى كىتاپ ئوقۇش ئۈچۈنلا كىتاپ ئوقۇيدىغان ناچار ئادەتلەرنى كەسكىن تەنقىد قىلغان.
     يازغۇچى زوردۇن سابىر كىتابنى ناھايتى ئەستايدىللىق بىلەن ئوقۇيدىغان ئادەتتنى يىتىلدۈرگەن. ئۇ كىتاب ئوقۇغاندا مۇھىم مەزمۇنلارنى ، خاتا، مۇجىمەل، گۇمانلىق نوقتىلارنى، گىراماتىكىلىق قائىدىلەر ياكى لوگىكىغا ئۇيغۇن بولمىغان سۆز - جۈملىلەرنى ئۇچۇرتۇپ قالسا، ئىرىنمەستىن شۇ سۆز – جۈملىلەرنىڭ ئاستىغا سىزىش، يان تەرەپكە سىزىق تارتىپ توغىرلاش، سوئال ياكى ئۈندەش بەلگىلىرىنى قويۇشتەك ئۇسۇللاردىن پايدىلانغان.زۆرۈر تىپىلغاندا كىتاب سەھىپلىرىدىكى بوش ئورۇنلارغا  ئۆزىنىڭ كۆز قاراشلىرىنى ئىلاۋە، ئىزاھ شەكىلىدە يىزىپ قويغان.
1998- يىلى 8- ئاينىڭ 1-كۈنى شىنجاڭ ياشلار - ئۆسمۈرلەر نەشىرىياتىنىڭ پىشقەدەم مۇھەرىرى، بالىلار يازغۇچىسى تۇرسۇنمۇھەممەت پەخىرىدىن ئاكا ئۈرۈمچى شەھىرى يەنئەن يولى 44- قورۇ ھويلىسىدا يازغۇچى زوردۇن سابىر بىلەن ئۇنىڭ تېخى يىقىندىلا نەشىرىياتقا تاپشۇرغان ‹‹ ئانا يۇرت ››  رومانى ئۈستىدە پاراڭلاشقان، سۆھبەت تېمىسى نۆۋەتتە نەشىر قىلىنۋاتقان بىر قىسىم كىتابلارنىڭ نەشىر سۈپىتى ئۈستىدە بولغان. بۇھەقتە ئەدىب تۇرسۇنمۇھەممەت پەخىردىن ‹‹ تارىم ›› ژورنىلىنىڭ  2008- يىللىق 8- سانىدا ئېلان قىلىنغان ‹ قەلب ئاسمىنىدىكى ئۆچمەس چولپان› ناملىق ئەسلىمىسىدە مۇنداق دەپ يازىدۇ:
‹‹ -- بۇ ئۈچ قىسىملىق روماننىڭ ئورگىنالىنى سىلەرنىڭ  نەشىرىياتقا تاپشۇردۇم.
- ياخشى بوپتۇ، توختام تۈزگەنسىلەر ،- دېدىم ئىشنىڭ پۇختا بولىشىنى ئويلاپ.
- ئابدۇراخمان ئەبەي ئۆزى ماڭا شۇنداق دېدى، گىپىدە تۇرار، قالغىنىنى كىتاب چىققاندا بىر نېمە دىمەمدۇق،- دېدى ئۇ كۆكسىنىڭ سول تەرىپىنى سىلاپ قويۇپ .بىر ئاز جىم ئولتۇرغاندىن كىيىن سۆزىنى داۋاملاشتۇردى، راست،- بۇ كىتاپنىڭ سۈپەتلىك چىقىپ – چىقماسلىقىنىمۇ ئويلاپ قالدىم. ھازىر كىتابلاردا خاتالىقلار بەك جىق كۆرىلىۋاتىدۇ. بىر-ئىككى كۈن بولدى، شىنجاڭ ياشلار- ئۆسمۈرلەر نەشىرىياتى تەرىپىدىن چىقىرىلغان بىر كىتابنى ئوقۇۋاتىمەن. بۇ كىتابتا مەن بايقىغان مەسىلىلەر، مۇھەررىر ۋە كوررېكتوردىن كەتكەن ئىملا خاتالىقلىرى، توغرا ئىشلىتىلمىگەن تىنىش بەلگىلەر، قاملاشمىغان ، گىراماتىكىغا خىلاپ سۆز-جۈملىلەر نۇرغۇن ئىكەن . بۇلارغا بەلگە سىلىپ سىزىپ قويدۇم. كىتابنىڭ بەتلىرى قىپقىزىل بويىلىپ كەتتى. كىتاب چىقىرىشتا شۇنداقمۇ بىپەرۋالىق قىلغان مۇھەرىر، كوررېكتورلارنىڭ مەسئولىيىتى نېمىشقا سۈرۈشتۈرۈلمەيدۇ،- دېدى ئۇ ئاچچىقىدىن تىتىلداپ كۆزەينىكىنى ئاستا كۆتىرىپ قويدى،- مېنىڭ بۇ كىتابىم ئۇنداق بولۇپ قالماس،- ئەنسىرەش ئىچدە سورىدى ئۇ.››
         يۇقىرىقى تەپسىلاتتىن  كۆرىۋىلىشقا بولىدۇكى، يازغۇچى زوردۇن سابىرنىڭ كىتاپ ئوقۇغاندىكى ئەستايدىل پوزىتسىيىسى ئادەمنى ھەقىقەتەن ئويلاندۇرىدۇ، بىر قىسىم كىشىلەر يازغۇچى زوردۇن سابىرنىڭ بۇ خىل كىتاب ئوقۇش ئۇسۇلىدىن ئىلھاملىنىش، ئۆزىنىڭ ئۆزگىچە كىتاب ئوقۇش ئادىتىنى شەكىللەندۈرگەن.
      مەن 2009- يىلى 3- ئاينىڭ 12- كۈنى غۇلجا شەھەر 2- ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ سابىق مۇدىرى شۆھرەت نېغمەت بىلەن مەرھۇم يازغۇچى زوردۇن سابىرنىڭ ئۈرۈمچى شەھەرلىك يەنئەن يولى 44- قورۇدىكى ئۆيىگە بىرىپ ئائىلە تاۋاباتلىرى بىلەن ‹‹ زوردۇن سابىر خاتىرە ئۆيى ›› نى قۇرۇش ھەققىدە سۆھبەتلەشكەن ئىدىم.سۆھبەت ئارلىقىدا مەرھوم زوردۇن سابىرنىڭ ئايالى خەلچەم ھاجىمدىن سورىدىم:
  -زوردۇن سابىر ئاكىمىزنىڭ يىزىقچىلىق ئۆيىنى كۆرۈپ باقسام بولارمۇ ؟
- بولىدۇ، ئۇكام قىنى ماۋۇ ئۆيگە كىرىڭ!- دېدى خەلچەم ھاجىم قىزغىنلىق بىلەن.
مەن زوردۇن سابىرنىڭ يىزىقچىلىق ئۆيىگە كىردىم . بۇ ئۆينىڭ سول تەرەپتىكى تامدا كىتاب جازىسى بار بولۇپ، كىتاب جازىسىدا تورۇس بىلەن تەڭ كىتاب تىزىلغان ئىكەن. بۇ كىتابلارنىڭ ئارىسىدا ئۇيغۇر تىل-يىزىقىدىكى كىتابلاردىن سىرىت يەنە ئىنگىلىزچە، خەنزۇچە، ئەرەپچە،پارىسچە،سىلاۋيان يىزىقلىرىدىكى كىتابلار بار ئىكەن. ئەدەبىي كىتابلاردىن باشقا يەنە، تارىخ، جۇغراپىيە، ئىتنوگىرافىيە، فولىكلور، لوگىكا، پىسخولۇگىيە، تىلشۇناسلىق، ئىنسانشۇناسلىق، ئىرىقشۇناسىلىق، مىللەتشۇناسلىق، سەنئەت، مەدەنىيەت، جەمىيەتشۇناسلىققا ئائىت كىتابلار رەت-رىتى بىلەن تىزىلغان ئىدى. مەن قۇرۇلماقچى بولغان ‹‹ زوردۇن سابىر خاتىرە ئۆيى ›› گە يازغۇچى زوردۇن سابىر ئوقۇغان مانا مۇشۇ كىتابلاردىن بىر نەچچە دانە كىتابنى خاتىرە سۈپىتىدە قويۇشنىڭ مۇھىملىقىنى ھىس قىلىپ خەلچەم ھاجىمدىن كىتاب سورىدىم.  خەلچەم ھاجىم خوشاللىق بىلەن كىتاب تاللىۋىلىشىمغا قوشۇلدى. مەن نۇرغۇن كىتابلار ئارىسىدىن يازغۇچى لىف.تولىستوينىڭ ئۇيغۇرچە نەشىر قىلىنغان  ‹‹ ئۇرۇش ۋە تىنچلىق ›› ناملىق ئىككى قىسىم رومانى بىلەن يازغۇچى سېتىندالنىڭ خەنزۇچە نەشىر قىلىغان ‹‹ قىزىل ۋە قارا ›› ناملىق ئىككى قىسىملىق رومانىنى تاللىۋالدىم. مەن ھەرقېتىم ‹‹ زوردۇن سابىر خاتىرە ئۆيى ›› گە كىرىپ ئەينەك ئىشكاپ ئىچىگە تىزىپ قويۇلغان مەرھۇم يازغۇچى زوردۇن سابىرىدىن ئەستىلىك بولۇپ قالغان بۇيۇملار قاتارىدا مۇشۇ كىتابلارغا قارىساملا ، ھاياتىدا تاماق يىمەي ئاچ قالغان كۈنلىرى كۆپ، ئەمما كىتاب ئوقۇمىغان كۈنلىرى يوق دىيەرلىك، كىتاب ئوقۇمىسا ئۇخلىيالماسلىقنى ئۆمۈرلۈك ئادەت قىلغان مەرھۇم يازغۇچى زوردۇن سابىرنىڭ يىزىقچىلىق ئۆيىدە يۇقىرى گرادۇسلۇق كۆزەينەك تاقاپ، كۆزلىرىنى سىغىرايتقىنىچە كىتاب ئوقۇۋاتقان ھالىتى كۆز ئالدىمغا كېلىدۇ- دە ، يازغۇچىغا بولغان قايىللىق، ھۆرمەت، سىغىنىشىم ھەسسىلەپ ئېشىپ، كۆز چاناقلىرىم لىققىدە ياشقا تولىدۇ.
   يازغۇچى زوردۇن سابىرنىڭ لەنجۇ مىللەتلەر ئىنىستىتۇتىدا بىرگە بىلىم ئاشۇرغان، بىرگە خىزمەت قىلغان بىر موڭغۇل دوستى مۇنداق دېگەنىكەن: ‹‹ مەن زوردۇننى كىتابلارسىز تەسەۋۋۇر قىلالمايمەن، ئەسلىيەلمەيمەن، يازغۇچى دېسە، زوردۇن دەسلەپتىلا كۆز ئالدىمىغىلا كېلىدۇ. ئۇ تىنماي ئۈگىنىپ، ئۈگەنگەنلىرىنى ئۆزىگە يۇقتۇرۇپ، ئەمەلىيەتتە ئىشلىتىپ، ھەقىقى ئۈنۈم ھاسىل قىلالىغان يىتۈك زىيالى. مۇھىمى ، ئۇ ئۆز خەلقىنى چىن قەلبىدىن سۆيىدىغان، خەلقىنىڭ غېمىنى يەيدىغان ئاجايىپ پەزىلەتلىك ئادەم ئىدى!››
( ماخمۇت مۇھەممەت: ‹‹ ئابرال ئوغلى ›› ناملىق كىتابتىن)
  يەنە يازغۇچى زوردۇن سابىرنىڭ سابىق غەربىي گىرمانىيەلىك دوستى توماس خاپپىي ۋە زوردۇن سابىر 1987- يىلى سابىق غەربىي گىرمانىيەگە زىيارەتكە چىققاندا ئالايتەن ئىزدەپ بىرىپ سۆھبەتلەشكەن تۈركۈلوگ، ئۇيغۇرشۇناس ئالىم گابائىن خانىمىلار يازغۇچى زوردۇن سابىرغا باھا بىرىپ مۇنداق دېگەن:‹‹ ھازىرقى زامان ئۇيغۇرلىرى ئارىسىدا زوردۇن ئەپەندىدەك كۆپ كىتاپ ئوقۇيدىغان، ئونۋېرىسال بىلىم دائىرىسى كەڭ بۇنداق ئادەمدىن يەنە بىرىنى كۆرۈپ باقمىغانمىز›› دەپ قايىل بولۇشقان.
       ئومۇملاشتۇرغاندا، يازغۇچى زوردۇن سابىر كىتاب ئوقۇشنىڭ ئىنسان ئۈچۈن ئۆمۈرلۈك، ئىنسانىيەت ئۈچۈن مەڭگۈلۈك مەنىۋى پائالىيەت ئىكەنلكىنى ئاڭلىق تونۇپ يىتىپ، كىتاب ئوقۇشتىن خوشاللىق تاپقان، بىلىم ئالغان، ئەدەبىي – ئىجادىيەتتە ئىقتىدار- قابىلىيەت ماھارەت يىتىلدۈرگەن. شۇڭا يازغۇچى زوردۇن سابىر كىتابنى ئۆزىگە مەڭگۈلۈك دوست  تۇتۇپ، كىتاپنى ساغلام ئەقىل – پاراسەتنىڭ ئالتۇن ئاچقۇچى، ئەقىل – پاراسەتنىڭ نۇر كامالىتى، ئەقىل – پاراسەتنىڭ ھوزۇر- ھالاۋىتى،  ئەقىل – پاراسەتنىڭ زەر بىلەيچىسى، ئەقىل – پاراسەتنىڭ زىننەت تەكچىسى، ئەقىل- پاراسەتنىڭ تىغ – ھەيدەكچىسى، دەپ بىلگەن.


uyghuray

8

تېما

2

دوست

2586

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   19.53%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8497
يازما سانى: 142
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 455
تۆھپە : 469
توردىكى ۋاقتى: 51
سائەت
ئاخىرقى: 2016-1-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-25 14:24:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
زوردۇن سابىر ھەقىقەتەنمۇ بىزنىڭ ئەڭ پەخىرلىك يازغۇچىمىز 。 ئۇنىڭ « قەرزدار » « قۇياش ۋەھىمىسى » دەك نادىر ھېكايىلىرىنى ھازىرقى تېشى ھەيۋەتلىك ، ئادەم قايتا ۋاراقلىغۇدەك قىممىتى يوق ، ئوقۇلۇپ بولۇنۇپلا ئۇنتۇلۇپ كېىدىغان بىر قىسىم رومانلاردىن ئاسمان - زېمىن پەرق قىلىدۇ . ئانا يۇرت  ئەدەبىياتىمىزنىڭ مەڭگۈلۈك قىممەتكە ئىگە تۇغىدۇر ...

2

تېما

1

دوست

1520

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   52%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11775
يازما سانى: 104
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 81
تۆھپە : 431
توردىكى ۋاقتى: 164
سائەت
ئاخىرقى: 2014-12-22
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-25 18:58:45 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كىتاب   ئۇقمايدىغان   كىشنىڭ   سۆزلىرىدىن   مەنا  ئىزدەش  --ئەمادىن   يول  سورىغانغا  باراۋەر  

ئىتتىپاقلىق كۈچ.

11

تېما

0

دوست

9119

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   82.38%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8558
يازما سانى: 623
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 1509
تۆھپە : 1730
توردىكى ۋاقتى: 267
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-9
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-25 22:40:16 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەرھۇم زورۇدۇن ساۋۇر ئاكىنى مەڭگۇ ئەسلەيمەن. ياتقان يىرى جەننەتتە بولسۇن.
uyghuray

ئىتتىپاقلىق كۈچ.

11

تېما

0

دوست

9119

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   82.38%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8558
يازما سانى: 623
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 1509
تۆھپە : 1730
توردىكى ۋاقتى: 267
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-9
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-25 22:43:31 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خاتا يېىزىلىپ قاپتۇ،،زوردۇن سابىرئاكا...

.مىللەتنىڭ كەلگۈ

17

تېما

7

دوست

7386

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   47.72%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11308
يازما سانى: 534
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 1416
تۆھپە : 1298
توردىكى ۋاقتى: 295
سائەت
ئاخىرقى: 2014-7-21
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-25 22:45:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   kukhelal تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-3-25 22:46  

ئۆتمۈش ھامان ئۆتمۈش!ئۇنۇڭدىن تەجرىبە ساۋاق يەكۈنلەشكىلا بولىدۇ!
ئالدىمىزدا بىزگە تاقىشىۋاتقان نۇرغۇن رىئال مەسىلىلەر بىزنى ئۇيغۇنۇشقا مەجبۇر قىلىۋاتىدۇ!ئەپسۇس بىز يەنىلا خىيالدا!
ئاپتۇرنۇڭ ئەمدىكىنى نىشانىنى رىئال مەسىلىلەرگە قارتىشىنى تەلەپ قىلىمەن!ھەددىدىن ئىشىپ كەتكەن مەدھىيلەش،ئەمەلىيەتكە نىسبەتەن سۈكۈت ئەتراپقا نىسبەتەن قورقۇش بىزنى قارغۇلارچە ئۇلۇغ شەخىسلەر ئۈستىدىن ھاياتىي خۇلاسە چىقىرىشقىلا يارايدىغان ناباب قەلەم تەۋرەتكۈچى قىلىپ قويماسلىقى كىرەك!
ئەتراپىمىزدا تولۇپ تاشقان دىتال بىزنىڭ قىزىشىمىزنى كۈتۈپ ياتىدۇ!مۇشۇنداق خىيالىي مەدھىيلەشلەرنىڭ ئورنىغان رىئاللىققا نىسبەتەن پوزىتسىيە بىلدۇراشنى بىلگەن ۋاقتىمىز مىنىڭچە بىزنىڭ ئۇيغانغان ۋاقتىمىز!
غۇلجا شەھەرلىك 3-ئوتتۇرا مەكتەپكە نىسبەتەن رئاللىقنى قىزىش تولۇمۇ موھىم!مىنىڭ نەۋرە ئىنىم شۇ مەكتەپتە!مەن بۇرۇن شۇ مەكتەپ توغۇرلۇق تىمىمۇ يازغان!
ئاپتۇرنىڭ مەسلىلەرگە رىئال پوزىتسىيە تۇتىشىنى ئۆمۈت قىلمەن!
./thread-13948-1-1.html
تىما مەزمۇنىغا مۇناسىۋەتسىز گەپ بولۇپ قالدى كەچۇرسىزلەر!
7#
ئىناۋەتسىز قەۋەت،بۇ تېما ئۆچۈرۈلگەن

13

تېما

0

دوست

4132

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   71.07%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11043
يازما سانى: 204
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 520
تۆھپە : 920
توردىكى ۋاقتى: 239
سائەت
ئاخىرقى: 2016-2-28
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-26 14:54:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھېكايىسىدىن«قەرزىدار»،پوۋسىتىدىن«كەچكۇز»،رومانىدىن«ئانا يۇرت»....ماڭا ئەڭ يارايدۇ.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )