قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 2245|ئىنكاس: 23

ئوقۇتقۇچىنى يوقىتامدۇق!؟...

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

21

تېما

0

دوست

2533

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   17.77%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  13883
يازما سانى: 122
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 260
تۆھپە : 620
توردىكى ۋاقتى: 176
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-21
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-25 15:29:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   

    ئوقۇتقۇچىنى يوقىتامدۇق!؟
             فىلىيەتون
(بىرئوقۇتقۇچىنىڭ تەھەددى ئارىلاش سۆزلىرى)
     
      
    ئوقۇتقۇچىلارنىڭ تەربىيەسىدىن مۇستەسنا ھالەتتە ئانىسىنىڭ قورسىقىدىنلا دوكتۇر، ماگىستېر، ئالىم– ئىنژىنېر، رەھبىرىي كادىر بولۇپ تۆرەلگەن  ئەي تۇغما تالانتلىقلار! ئەقلى زىيادە دانىشلار!؛
ئوقۇتقۇچىلار ئورنىنى نوپۇزىنى ئازراق يۇقىرى كۆتۈرۈپ قويايلى!. بۇنداق دىسەم (سەن ئوقۇتقۇچى ھەممىنى باشقۇرسۇن دىمەكچىمۇ؟)دەپ تەتۈرلۈك قىلماڭلار!. چۈنكى بىز ئوقۇتقۇچىلار داۋامسىز ئوقۇغۇچىلار ئۆيىگە سۆھبەتكە بارساق ، ئۇلار بىزنىڭ مىڭ ئېغىز نەسىھەت قىلىپ كاپشىغىنىغا كەلمەيدۇ. لىكىن ئازراق ھۆكۈمەت ھەركىتى بولسا كىلىدۇ. شۇڭا شۇنداق دەۋاتىمەن. باشقا غەرىزىم يوق. ئەلۋەتتە ھەممە يەردىكى ئوقۇغۇچىلار ئۇنداق ئەمەس. ئايرىم ئورۇنلاردىكى ،ئايرىم ساندىكى نادان كىشىلەر (مەكتەپ باللىرىمىزنى دىنسىز قىلىدۇ) دەپ مەكتەپكە ئەۋەتكىلى ئۇنىماي باللىرىنىڭ داۋامسىز بولۇشىغا سەۋەپچى بولىۋاتىدۇ. باشقا يەردىكى ئوقۇتقۇچىلاردىن دەل بۇنداق يەردىكى ئوقۇتقۇچىلار بەكرەك قىينىلىدىغان گەپكەن. بىراق بەزىلەر داۋامسىزلىقنى ھەل قىلىشنى ئوقۇتقۇچىغا ئارتىپ قويىدۇ. ئوقۇتقۇچىلار بەزىلەرنى سۆھبەتتە ھەل قىلالىغان بىلەن بەزىلەرنى ھەل قىلالماي قىينالماقتا.. شۇڭا ئوقۇتقۇچىنى بۇنداق قىينىغىچە يوقىتىپلا قۇتۇلۇڭلار بولدى.  بىلىمەن ئەمىلىيەتتىمۇ سىلەرئاشكارا ھالدا(ئوقۇتقۇچىنى يوقىتايلى!)دىمىگەن بىلەن لىكىن . ھەر قايسىڭلارنىڭ شۇنچە يىللاردىن بېرى  قىلغان ئەتكىنىڭلار ھەمدە ، ئۇيغۇر پەيلاسوپى يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ «بالاڭنى تەربىيەلەشتە تاياق بىلەن ئۇر، تاياق بىلەن ئىللەت تۈزىلۇر. .ئوقۇتقۇچى ئۇستازلارنى ھۆرمەتلە، ئوقۇتقۇچى ئۇستازلارنى ھۆرمەتلىگەن ئەل گۈللىنەر.  ئەكسىچە قىيناپ ئازاپلىغان ئەل خاراپلىشار»" دېگەن ئاساسسىز، مەدەنىيەتسىز، سەۋىيەسىز گەپلىرىگە،  يەنى شۇ كاللىسىغا ئىشەك تېپىۋەتكەن ئەجدادلارنىڭ "ئۇستاز زالىم بولسا، شاگىرت ئالىم بولۇر"، "تەلەپچان ئۇستازدىن ياراملىق شاگىرت چىقىدۇ" ئۇستازىڭغا ئەقىدە قىلىپ ئۇلۇغلا. تەربىيەسىنى ئاڭلاپ ،قوللاپ قۇۋەتلە. دەل شۇنىڭدىلا بىلىم چوقىسىغا چىقالايسەن! بەختىڭنى تاپالايسەن!   دېگەن قۇرۇق سەپسەتىلىرىگە ئىشەنمەي،  نەچچە يىللاردىن بىرى  ئوقۇتقۇچىلىقنىڭ تاغدەك جاپالىرى بىلەن بىللە ھېچبىر ئەھمىيەتسىز ، ھەقىقەتنى ئەمىلىيەتتىن ئىزدىمىگەن. «ئىككى ئاساسەن»نىڭ ئارخىپلىرىنى «تىكىپ سۆكۈپ»يازدۇرۇش  ئىشى بىلەن نەچچە ئوقۇتقۇچىنى ساراڭ قىلىپ، يەنە  نەچچىلەپ ئوقۇتقۇچىنىڭ ۋاقىتسىز قېرىپ تۇيۇقسىز ئۆلۈپ كىتىشىگە سەۋەپچى بولغىنىڭلار، يەنە شۇنداقلا ئىلىم-پەن ئارقىلىق، بىرقىسىم كىسەللىك ۋە   ساۋادى تىز چىقىدىغان زىھنى ئوچۇق بولۇش، تىز بىلىم ئىگەللەش قاتارلىقلار....ئىرسىيەتكە  ۋە شۇبالا ھەم ئاتا-ئانىسىنىڭ قوللىشى ، مەكتەپكە تولۇق كىلىشى ،شۇبالىنىڭ قىزىقىشى قاتارلىقلارغا باغلىق ئىكەنلىكى ئىسپاتلانغان تۇرسىمۇ،   بىز قىسىم ئاڭسىز ئاتا-ئانىلارغا، جەمىيەت ھەركىتى قوزغاپ، داۋامنى ياخشىلاپ بىرىشنىڭ ئورنىغا، «ئىشەككە كۈچۈڭ يەتمىسە ئۇرتوقۇمنى» دىگەندەك، «زادى ئوقۇتقۇچى دەرس ئۆتەمدۇ؟ تاپشۇرۇق تەكشۈرەمدۇ؟ قايسى بىرسىنى قىلىدۇ؟! قايسى ۋاقىتتاسۆھبەت قىلىدۇ؟!»دەيدىغان گەپ يوق   (سۆھبەت ئارقىلىق داۋامنى ياخشىلىماپسەن!؟ دەپ، زادى سەۋەپ نەدە !؟  دىمەي ئوقۇتقۇچىلارنىڭ  نەچچە مىڭ يۈئەنلەپ  مائا شىنى تۇتۇپ قان يىغلاتقىنىڭلار، ئانا سۈتىدىن ھالال ئىش ھەققىنى قىرقىپ ئاران كىتىۋاتقان ئائىلىسىنى  قاخشاتقىنىڭلار دەل ئوقۇتقۇچىنى يوقىتىشنىڭ ئالامىتى بولماي نىمە ؟!
... خاتا دىدىممۇيە ؟! ؟  . مەن شۇتاپتا، بىر ئوقۇتقۇچى بولۇش سۈپىتىم بىلەن قاتتىق تەلەپ قويمىسىمۇ ئۆزلۈكىدىنلا ئەقىللىق، بىلىملىك بولۇپ كېتىدىغان، خاتالىقىنى تەنقىد قىلىپ كۆرسىتىپ بەرمىسىمۇ ئۆزلۈكىدىن تۈزىتىپ ئوڭشىلىپ كېتىدىغان، كەلگۈسىدە داڭلىق ئالىم-ئۆلىما بولىدىغان ئارزۇلۇق پەرزەنتلىرىڭلارنى خۇددى كېيىن ياراملىق ئادەم بولۇپ قالسا ماڭا تۇتاملاپ پۇل ئەكېلىپ بېرىدىغاندەك قىلىپ چىڭ تۇتۇپ، خاتالىق ئۆتكۈزسە تەنبىھ بېرىپ، تولىمۇ قاتتىق تەلەپ بىلەن ئوقۇغۇچى تەربىيەلەپ ھەممىگە يامان بولۇپ كەلگەن خاتالىقىمغا چەكسىز پۇشايمان ۋە تەۋبىلەرنى قىلىپ ئولتۇرماقتىمەن.!.....
    كىچىكىمدە ئاتام  ئۇستازىمغا "بالىنىڭ گۆشى سىلىنىڭ، سۆڭىكى بىزنىڭ" دەپ  مېنى قاتتىق قول تەربىيەلىگۈچىگە تاپشۇرۇپ بەرگەن ئىدى.، يالغانچىلىق قىلىپ مۇئەللىمدىن تاياق يەپ ئۆيگە يىغلاپ كەلسەم، دادام يۈگۈرۈپ بېرىپ مۇئەللىمنىڭ ياقىسىدىن ئېلىشنىڭ ئورنىغا مېنى "ئۇستازىڭغا يالغان گەپ قىلدىڭما؟" دەپ ئۆگەي بالىنى ئۇرغاندەك ئۇرۇپ كەتكەن دادامنى قەبرىسىدىن تارتىپ ئېلىپ چىقىپ، ھۆكۈمەتنىڭ ھۆججەتلىرىنى، تورداشلارنىڭ ئوقۇغۇچىلارنى قوغداش، ئاسراش ھەققىدىكى ئىنكاسلىرىنى كۆرسەتكۈم كېلىۋاتىدۇ. شۇ تىل – دەشناملارنىڭ دەستىدىن ئاران ئوقۇتقۇچى بولۇپتىمەن، ناۋادا ئۇنداق كۆڭلۈمگە ئازار بەرمەي، سىلاپ – پەپىلەپ ئوقۇتقان بولسا، چوقۇم دوكتۇر ئاشتى بولاتتىممىكەن تاڭ! ؟.... خەپ دادا!  توۋادەيمەن! ؟
ئۆتكۈر پىچىقى بىلەن راك ھۈجەيرىلىنى كېسىپ تاشلاپ، نۇرغۇن بىمارنى قۇتقۇزغان ئۇستا دوختۇرنى بىر قېتىملىق سەۋەنلىك بىلەن قولىدىكى پىچاقنى تارتىۋالساق، نۇرغۇن جىنايەتچىلەرنى پاراسەت بىلەن قولغا چۈشۈرۈپ، نۇرغۇن خەلقنىڭ ھاياتى ۋە مال – مۈلكىنى قوغداپ كەلگەن ساقچىنى بىر قېتىملىق سەۋەنلىك بىلەن تۈرمىگە سولىساق، نۇرغۇن ئالىم – ئىنژىنېر، تەتقىقاتچى – كەشپىياتچىلارنى تەربىيەلەپ كەلگەن ئوقۇتقۇچىنى بىرەر ئوقۇغۇچىنىڭ ئۆزىنى بىنادىن تاشلىۋېلىشى بىلەن (سەن ئوقۇغۇچىلار كۆڭلىنى ئۇتالماپسەن)دەپ مۇنبەردىن ئايرىساق  قانداق بولار! ؟ ...توغرا سىلەرنىڭچە شۇنداق قىلساق..دانىشلارچە ئىش قىلغان بولىمىز.جەمىيىتىمىز تەرەققى قىلىپ  ئىلگىرىكىن  بەخىتلىك بولالايدۇ.!؟
    18 ياشتىن ئاشقاندىن كېيىن خاتالىق ئۆتكۈزۈپ قويسا يەتمىش پۇشتىغىچە پۇشايمان قىلغۇدەك جازالايسىز-يۇ، كىچىكىدىن باشلاپ قاتتىق تەلەپ بىلەن تەربىيەلەپ، چوڭ بولغاندا خاتالىشىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى مەقسەت قىلىپ قاتتىق تەربىيە قىلسا نېمە ئۈچۈن خاتا دەيسىز؟!... توغرا.!
    ھەر يىلى نەچچە ئونمىڭلىغان ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ كۆپ قۇرامىغا يەتكەنلەر جىنايەت ئۆتكۈزۈپ تۈرمىگە كىرسە، ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنسا كۆزىڭىزنى مىت قىلمايسىز، پۈتۈن مەملىكەتتىكى نەچچە يۈز مىليون ئوقۇغۇچىنىڭ ئىچىدە بىر – ئىككىسى ئوقۇتقۇچىنىڭ ياخشى نىيەت بىلەن قىلغان تەنبىھلىرىگە چىدىماي ئۆزىنى بىنادىن تاشلىۋالسا، سەۋەبىنى سۈرۈشتۈرمەيلا ھەممىنى بىر تاياقتا ھەيدەپ، ئوقۇتقۇچىلارنى ئاغزىڭىزغا كەلگەنچە تىللاپ، مىدىرلىيالماس قىلىپ قويىسىڭىز توغرا بولامۇ؟.
    نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا كەپسىزلىكتە ئۇچىغا چىققان، ئاتا – ئانىسىمۇ باشقۇرالماي قالغان بىر نەچچە ئوقۇغۇچى ئوقۇتقۇچىدىن تاياق يېسە دەرھال تۈزۈم چىقىرىپ (تەن جازاسى بېرىشكە بولماس) قىلىۋەتتىڭلار!، ھەر قانچە خاتالىق ئۆتكۈزسىمۇ، غورۇرىمىزغا تەگسىمۇ قول تەگكۈزەلمەيدىغان بولدۇق. ئۆتكەن يىلى ئوقۇتقۇچىنىڭ گېپى ئىچىگە ئۆتۈپ كەتكەن بىرى بىنادىن ئۆزىنى تاشلىۋالسا ئەمدى ئوقۇغۇچىلارنى تىللاشقىمۇ، ئاتالمىش "زىتىغا تېگىدىغان" گەپلەرنى قىلىشقىمۇ پېتىنالماس بولدۇق.
    ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىنى ئۇرسا تۈرمىگە كىرىدۇ. ئوقۇغۇچىلار بىرلىشىپ ئوقۇتقۇچىنى ئۇرسا "قۇرامىغا يەتمىگەن" دېگەن باھانە بىلەن پەقەت تەربىيە بېرىلىدۇ.  2009يىلى ئەتراپىدا قەشقەر شەھەرلىك 25-ئوتىرا مەكتەپتە بىر كەپسىز ئوقۇغۇچى، ئوقۇتقۇچىسغا پىچاق تىقىۋەتسىمۇ، بارچە گۇنا يەنە شۇ بىچارە ئوقۇتقۇچىغا ئارتىلغان ئىدى.  مانا بۇلارنىڭ ھەممىسى ئوقۇتقۇچىغا تۇتقان ئاتالمىش ھۆرمەتلىگەن مۇئامىلىمىزنىڭ ھاسىلاتى.!.....تەشۋىقاتلاردا «ئوقۇتقۇچىنى ھۆرمەت قىلايلى!» دەپ بەكمۇ داۋراڭ سالىمىز.قېنى شۇ ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ھۆرمىتى؟ قېنى شۇ ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئىززىتى؟   قېنى  شۇ ئوقۇتقۇچىلارنىڭ نوپۇزى؟  سىزنىڭ بالىڭىزنىڭ غورۇرى غورۇر بولۇپ، ئوقۇتقۇچىنىڭ غورۇرى كالىنىڭ پىشمايدىغان يېرىما؟ ! ؟
تۆۋەندىكى مەكتەپتىكى دىئالوگلار؛
-       تاپشۇرۇق ئىشلىمەپسەنغۇ؟
-       مۇئەللىم، ھۆكۈمەت ئوقۇغۇچىلارنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىڭلار دەۋاتسا، نېمە دېگەن كۆپ تاپشۇرۇق بۇ؟  شۇڭا ئىشلىمىدىم....
-       تۈنۈگۈن نېمىشقا دەرسكە كىرمەيسەن؟
-       مۇئەللىم، بۇ دىگەن ساپا مائارىپى. ئوقۇغۇچىلار قىزىقىشى ۋە ئالاھىدىلىكى بويىچە تەربىيەلىنىشى كېرەك. قىزىقىشىم پۇتبول بولغاچقا پۇتبول مەشىق قىلدىم شۇ. ....
-   مەكتەپكە نىمىشقا كەلمەيسەن؟
-   مۇئەللىم  پۇل بولمىسا ئاچ قالىدىغان گەپ، شۇڭا كىپەز تىرىپ  پۇل تاپتىم،......-شوگۇڭ ئىشلەپ پۇل تاپتىم.......-ئانار ئۈزدۇق.......- ئۈزۈم ئۈزدۈق......-ئاتا-ئانام ئېتىزغا ئىشلىگىلى كەتكەن شۇڭا بالا باقتىم..........ھەلەپ ئىتىپ كالا باقتىم.....مەكتەپكە بارسام نىمە پايدىسى بار؟ مەلىمىزدىكى نەچچە ئوقىغان بالىلار خىزمىتى يوق يۈرمەمدۇ ئەنە!....   بۇ مەكتەپتەئوقۇيمەن دەپ ۋاقىتنى ئىسراپ قىلغاندىن بالدۇراق بىرەر ھۈنەر كەسىپنىڭ پىشىنى تۇتقان ياخشى.!...................
   يۇقارقى دىئالوگلار  ، ئوقۇتۇشتا قوللانغان ،ئوقۇتقۇچىنىلام  باسىدىغان ، ئوقۇغۇچىنى ئازىلاپ ، ئوقۇتقۇچىنى خارلايدىغان ، تەرەققى قىلغان مىللەتلەرنىڭ ئەكسىچە ئىش قىلىنغان ، بىرتەرەپلىمە قائىدە تۈزۈملىرىمىزنىڭ ھاسىلاتى!....قاراپ بېقىڭلار! تەكشۈرۈپ بېقىڭلار!. ئاشۇ تەرەققى قىلغان ئىلغار ، قۇدرەتلىك ئەللەرنىڭ ھەرقاندىقى ئوقۇتقۇچى ئۇستازلارنى، ئالىملارنى، ئۇلۇغلاپ ھۆرمەتلەيدۇ. ئوقۇتقۇچىلارنىڭ بالا تەربىيەلەلەش ، جەھەتتە ئالاھىدە ھەق ھوقۇقلىرى بولىدۇ.  بىزگە ئوخشاش ناچار ئوقۇغۇچى ۋە ئاتا-ئانىلار تەرىپىدىن خارلانمايدۇ.
    شۇنى سورىغۇم كېلىۋاتىدۇ. قايسى بىر ئوقۇتقۇچى كۆڭۈل خۇشلۇقى ئۈچۈن بىگۇناھ ئوقۇغۇچىلارنى ئۇرۇپ ئوينايدىغاندۇ؟ قايسى ئوقۇتقۇچى ھېچبىر سەۋەبسىز ئوقۇغۇچىنى تەنقىد قىلىدىغاندۇ؟ سىزچە ئوقۇتقۇچى تاپشۇرۇق تەكشۈرۈشكە شۇنچە ھېرىسمەنمىدۇ؟ ئوقۇتقۇچىنىڭ ئوقۇغۇچىلارنى قاتتىق تەلەپ بىلەن تەربىيەلىشى ئۆز كەلگۈسى ئۈچۈنمىدۇ؟ ۋەياكى..ئەل-ۋەتەن خەلقى ئۈچۈنمىدۇ؟..نىمىشقا ئويلانمايسىلەر؟يولداش دىڭشاۋپىڭ«مىللەتنى گۈللەندۈرۈشنىڭ ئۈمۈدى مائارىپتا، مائارىپنى گۈللەندۈرۈشنىڭ ئۈمۈدى ئوقۇتقۇچىلاردا» دىگەنتى دەپ  بىرتەرەپلىمە ھالدا ئوقۇتقۇچىنى مۇشۇنداق ئانى تېپىپ ، چىڭ تۇتماقچىمۇ يا؟! . سىلىنىڭ توغرا ؟! بالىنى شۇنداق سىلاپ سىپاپ ئازىلاپ چوڭ قىلسا ياراملىق ئادەم بولىدۇ! ؟
   ئەي  ئوقۇتقۇچىنى يامان كۆرۈدىغان،  ئوقۇتقۇچىلارنىڭ تەربىيەسىدىن مۇستەسنا ھالەتتە ئانىسىنىڭ قورسىقىدىنلا دوكتۇر، ماگىستېر، ئالىم – ئىنژىنېر، رەھبىرىي كادىر بولۇپ تۆرەلگەن  ئەي تۇغما تالانت ئەقىل ئىگىللىرى! ئوقۇتقۇچىلار ھۆرمەت تېپىپ ، تۇرمۇشى خاتىرجەم بولۇپ قالسا، بەخىتسىز بولۇپ قالىسىلەر !  ئەڭ ياخشىسى ئوقۇتۇچى ئۇستازلاردىن بولۇپمۇ قاتتىق قول، تەلەپچان ئۇستازلاردىن شۇنچە بىزار بولغان بولساڭلار، ئوقۇتقۇچىلارنى يوقىتىپلا قۇتۇلۇڭلار بولدى!. چۈنكى ئۇلار «سېسىق توققۇزىنچى» ئەمەسمۇ!؟...دەل شۇندىلا بەختىڭلارنى تاپالايسىلەر!؟...... راست! مەدەنىيەت ئىنقىلاۋى ئوقۇتقۇچىلارنى «سېسىق توققۇزىنچى»دەپ لەقەم قويۇپ تىللاپ خارلىغاچقا، مەدەنىلىشىپ بەك تەرەققى قىلغان ئەمەسمىدۇق!؟.......
(تەھرىر :ئۇيغۇربىز)


 ئۇيغۇر مائارپىغا نەزەر
مەنبەسى :http://www.akademiye.org/ug/?p=209
ئالىم، پىسخولوگ جىك ھونتېر (ئامېرىكا)

مۇقەددىمە

مەن ئۇيغۇر نامى بىلەن ئاتالغان ئەلدە خېلى ئۇزۇن تەلىم ئالدىم. لېكىن مەندە قالغان تەسرات شۇ بولدۇكى، ئۇ يەردە ھەقىقى مەنادىكى مائارىپ تېخى شەكىللەنمەپتۇ. ۋەتەنگە ۋاقتىدا قايتىپ كەلمىگەن بولسام، مەنمۇ تەربىيىسىز قالاركەنمەن. زاۋۇتتىن چىققان خىشتەك، بىر خىللا ئىدىيىلىك، بىر قىلىپتىكى ئادەملەرنى تەربىيىلەپ چىقىشنى مەقسەت قىلغان ئۇ سىستېما ھەققىدە بەك كۆپ توختالغۇم يوق. ئۇلار تېخى ئۆزلىرىچە مائارىپتا ئىسلاھ ئىلىپ بېرىۋاتىمىز، دەپ قارايدىكەن. ئۇلار ئىسلاھات دەپ چۈشەنگەن ئىشنىڭ ماھىيىتىنى قىسقىلا قىلىپ ئۈچ نوقتىغا يىغىش مۇمكىن.
1- باب. ئۇيغۇر مائارىپىدىكى «ئىسلاھات» قا ئىزاھات
ئۇلار بىز ئىسلاھات ئىلىپ بېرىۋاتقىلى يىگىرمە نەچچە يىل بولدى دەپ ماختىنىدىكەن، ئەمىلىيەتتە ئۇيغۇر مائارىپىدا ئەزەلدىن ئىسلاھات بولۇپ باقماپتۇ. بىر زاماندا روسلارنىڭ ئەندىزىسى بىلەن شەكىللەنگەن مائارىپىدىن پەخىرلەنگەن ئىكەن. مانا ئەمدى خەنزۇ مائارىپىنىڭ كۆچۈرۈلمىسىدىن ماختىنىپ يۈرۈپتۇ. بۇ خىل كۆچۈرۈلمە ئەندىزىسىمۇ يىل ساناپ ئۆزگىرىپ تۇرىدىكەن. بۇ يىل نىشانلىق ئوقۇتۇش دېگەن شۇئارنى كۆتۈرۈپ چىقسا، كېلەر يىلى ساپا مائارىپى دېگەن گەپنى ئوتتۇرىغا قويىدىكەن، ھازىر «ئېمتىھان مائارىپى» دېگەن ئۇقۇمنى پەيدا قىلسا، ئەتە تۇرۇپلا ئامېرىكىنىڭ 20- ئەسىرنىڭ 70- يىلىلىرىدىكى پېداگوكى بۆلۈمىنىڭ نەزەرىيسىنى بازارغا سالىدىكەن. مەھمۇت قەشقىرى، نىزامىدىن ئەلشىر ناۋايى … قاتارلىق يىتۈك ئۆلىما ئۇستازلىرى ياراتقان تەربىيىلەش تەجرىبىلىرىنى تەتقىق قىلىپ كۆرمەي، چەتئەلنىڭ سۇخۇلمىنىسكى، كۇڭزى كەبى پېداگوكلىرىنىڭ ئۆزلىرىگە ماس كەلمىگەن تەشەببۇسلىرىغا ئېسىلىۋالىدىكەن. ئىسلاھات دەپ كۈچىگەنسېرى ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەرسلىك كىتابلىرى كۆپىيىپ كېتىدىكەن، ئۇ دەرسلىكلەر ئەمەلىيەتتىن ئايرىلغان بولۇپ، ئۇنى ئوقۇپ چىققانلار رېئاللىققا، تۇرمۇشقا زادىلا ماسلىشالمايدىكەن. ئەقەللىيسى، فىزىكا ئوقۇغانلار ھەمىشە كۆرۈپ تۇرغان شال بىلەن بۇغداي مايسىسىنى پەرىقلەندۈرەلمەيدىكەن. باشلىق كۆپەيتىش – ئۇلار دېگەن ئىسلاھاتنىڭ مۇھىم بىر تەركىبى قىسمى ئىكەن. «ئادەم كۆپ بولسا ئىش كۆپ بولىدۇ» دېگەن گەپ ئۇلارنىڭ دەستۇرى سانىلىدىكەن. ئادىمى يۈزگىمۇ يەتمەيدىغان مەكتەپنىڭ 8-10 نەپەر مۇدىرى بولىدىكەن. بۆلۈم، گۇرۇپپا مەسئۇللىرى، سىياسى خىزمەتچىلەر… دېگەنلىرىنى قوشقاندا مەكتەپ خادىمىنىڭ 40-0 پىرسەنتىنى باشلىقلار تەشكىل قىلىدىكەن.
باشلىقلار كۆپىيىپ تۇرغىنى بىلەن «ئىخچاملاش» نى ئېغىزدىن چۈشەرمەسلىك ئۇلارغا ئورتاق ئۇدۇم ئىكەن. ئىخچاملىدۇق دەپ بىر-بىرىگە مۇناسىۋەتسىز بىر تالاي مەكتەپلەرنى زورمۇ-زور بىرلەشتۈرۈپ قويۇپتۇ. بۇنىڭ بىلەن ئاپپارات كېلەڭسىزلىشىپ ئادەم تېخىمۇ كۆپىيىپ كېتىپتۇ. «شىتات قىسقارتىمىز» دېگەن گەپ شۇنىڭدىن چىقىپتۇ. ئۇلار شىتات قىسقارتىشنى ئۈنۈملۈك ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن جاي-جايلاردا «شىتات قىسقارتىشقا رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى» دەيدىغان مەخسۇس شىتاتلىق ئورگاننى كۆپەيتىپتۇ.
ئۇلارنىڭ «ئىسلاھات» دەپ چۈشىنىدىغان يەنە بىر ئىشى — ئۆز تىلىدا ئۆتۈلگەن دەرسلەرنى ئۆزلەشتۈرۈپ بولالمايۋاتقان ئوقۇغۇچىلارغا باشقا تىلدا دەرس ئۆتۈش ئىكەن …
قىسقىسى، ئۇيغۇرلارنىڭ خاس مائارىپ ئەندىزىسى يوق ئىكەن. ھازىرقى شارائىتتا ئۇلارنىڭ مائارىپىدا ئىسلاھاتنىڭ بولىشىمۇ مۇمكىن ئەمەس ئىكەن. ئەگەر يېڭىلىق بار دېيىلسە ئۇ خورىتىش ۋە قورقىتىش ئىكەن!
2- باب. خورىتىش
ئىنسانىيەتنى ئۈزلۈكسىز ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشىدىكى تۈپ مەقسەت — ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى ئازاد قىلىش.
بۇ ئاز ئىشلەپ، كۆپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىش ئۈستىدە ئىزدىنىش دېگەنلىك. لېكىن ئۇيغۇر مائارىپى بۇنىڭ ئەكسىگە قاراپ تەرەققى قىلىۋېتىپتۇ. ئۇلار «ئىسلاھات» دېگەن بۇ ئۇقۇمنى «كۆپ ئىشلىتىش، كۆپ باشقۇرۇش، كۆپ چارچىتىش» دەپ چۈشىنىدىكەن. ئۇلاردا ئوقۇتقۇچىلارنى قانداق قىلغاندا ئىشتىن باش كۆتۈرەلمەيدىغان قىلغىلى بولىدۇ، دېگەن مەسىلە ھەققىدە ئىزدىنىش ئەڭ چوڭ ئىسلاھات سانلىدىكەن. شۇڭا ھەر قانداق مەكتەپ مۇدىرى ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەن ھامان مۇشۇ توغۇرلۇق باش قاتۇرىدىكەن. كىم ئوقۇتقۇچىلارغا ئىش تېپىپ بېرەلىسە، يېڭىدىن يېڭى ئۈنۈمسىز ۋەزىپىلەرنى ئارتالىسا، شۇ ئىقتىدارلىق مۇدىر ھېسابلىنىدىكەن. شۇنىڭ ئۈچۈن ھەممىسى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ يۈكىنى ئاشۇرۇش كويىدا پالاقلايدىكەن. بىر مۇدىر دەرس ئوقۇتقۇچىلىرىنى قايسى ئۇسۇلدا ھاردۇرۇشنىڭ ئامالىنى ئىزدەپ، ئون، ئونبەش خىل قوللانما تۈزسە، يەنە بىر مۇدىر ئۇنىڭدىن قالماسلىق ئۈچۈن، كېچە-كۈندۈز باش قاتۇرۇپ يۈرۈپ، سىنىپ تەربىيىچىلىرىنى جازالاش ھەققىدە 20-25 تۈرلۈك مەخسۇس قوللانما تۈزۈپ چىقىدىكەن. ئۈچۈنچى بىرسى ئۇنىڭدىن ئېشىپ چۈشىدىغان بىمەنىلىكلەرنى ئويلاپ تاپىدىكەن …
ئوقۇتقۇچىلار كېچە-كۈندۈز ئارام ئالماي، تۈرلۈك ئەھمىيەتسىز جەدىۋەل، قوللانمىلارنى تولدۇرۇپ ھالىدىن كېتىدىكەن. ئۇلارغا ئارام خۇدا دەرس تەييارلىغۇدەكمۇ ۋاقىت بېرىلمەيدىكەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە دەرسلىك ئۆزگەرمىگەن ئەھۋال ئاستىدىمۇ بۇ يىلقى تۈزگەن كونسىپىكنى كېلەر يىلى ئىشلىتىشكە بولمايدىكەن.
ئۇلارنىڭ «گۇرۇپپا باشلىقى» دەپ ئاتىلىدىغان دۇنيادىكى ئەڭ كىچىك باشلىقى كونسىپىكنى قايتا-قايتا كۆچۈرتۈپ ئۇنىڭ ئاخىرىغا سەت خەتلەر بىلەن ئىسمىنى يېزىۋالمىسا ئۇنىمايدىكەن. ئاڭلىسام، ئۇلارنىڭ ئىشى مۇشۇ ئىشتىن ئۆسىدىكەن. شۇڭا، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ كۈنى دەرسلىكتىن كونسىپىككە، پايدىلىنىش ماتېرىيالىدىن دەپتەرگە، دەپتەردىن دەپتەرگە، دەپتەردىن يېڭى دەپتەرگە كۆچۈرۈش بىلەن ئۆتىدىكەن …
مەكتەپ باشلىقلىرىنىڭ دەرسلەرنى باھالاش ئۇسۇلىمۇ غەلىتە ئىكەن. ئۇلار ئالدىن بېكىتىۋالغان مەڭگۈ ئۆزگەرمەيدىغان باھالاش ئۆلچىمىنى مەخسۇس دەپتەر قىلىپ باستۇرۇپ، ھەممە ئوقۇتقۇچىغا بىردىن تارقىتىپ بېرىدىكەن. بارلىق ئوقۇتقۇچى مۇشۇ دەپتەر بويىچە دەرس ئۆتۈشى كېرەك ئىكەن، يەنە كېلىپ ئوقۇتۇشنىڭ ھەر بىر باسقۇچىغا مۇقىم ۋاقىت بېكىتىلگەن بولۇپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەمەلى ئەھۋالىغا قاراپ ۋاقىت چىكىنى بۇزۇشقا ھەرگىز بولمايدىكەن، دەرس ئۆزلەشسۇن، ئۆزلەشمىسۇن مۇشۇ ۋاقىت بويىچە قىلىپقا چۈشۈرۈپ دەرس ئۆتۈپ بەرگەن ئوقۇتقۇچى مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچى بولۇپ باھالىنىدىكەن. سەل چوڭقۇرلاپ كەتكىنى بېكىتىلگەن ئۆلچىمىگە چۈشمەي قالىدىكەن – دە، لاياقەتسىز باھالىنىدىكەن. شۇڭا ھەممە ئوقۇتقۇچى بىر ئادەمدەك دەرس ئۆتىدىكەن. ھىچقايسىسى قائىدىدىن چىقىپ كەتمەيدىكەن. تېخىمۇ قىزىق بولغىنى ئوقۇتۇشتىن ئىبارەت سوبېيكتىپ جەريان قېلىپلاشقان، مىخانىك پائالىيەتكە ئايلىنىپ قاپتۇ.
يىل بويى ئارام ئالماسلىق، ئۇلارنىڭ نەزەرىدىكى يەنە بىر ئىسلاھات ئىكەن. مەكتەپلەر ئوقۇتقۇچىلارنى قىشۇ-ياز تەتىلگە قويۇپ بەرمەي، تۈرلۈك ئۆگىنىشلەرگە سالىدىكەن. شەنبە-يەكشەنبىلەرمۇ ئىشلەۋېرىدىكەن. قانۇنىيەتكە خىلاپ بۇ ئادەت ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنى ئاسانلا كاردىن چىقىرىدىكەن. شۇنداق بولغانلىقتىن ئۇلارنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى گومۇش، يىراقنى كۆرەلمەس … قاتارلىق كېسەللەر بىلەن، ئوقۇتقۇچىلىرى ئۆپكە، يۈرەك، بۆرەك … دېگەندەك رەئىس ئەزالار كېسىلى بىلەن ئاغرىيدىكەن. مەن بۇ ئەلدىكى ئىلى، ئاقسۇ، قەشقەر، خوتەن قاتارلىق يەرلەرنى ئارىلاپ يۈرگەنلىرىمدە تالاي ئوقۇتقۇچىلارنى شۇ خىلدىكى كېسەلگە گىرىپتار بولۇپ كەتكەنلىكىنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆردۈم.
ئۇلاردا ئوقۇتقۇچىلارنىڭ يۈكى ئىنتايىن ئېغىر ئىكەن، مەكتەپ مۇدىرلىرى دەل موشۇ ئىشتىن پەخىرلىنىدىكەن. ئوقۇتقۇچىلارنى قانچىكى كۆپ قاقشاتسا، قانچە كۆپ ئۈنۈمسىز ئىشلارغا مەلىكە قىلالىسا بۇ ئىسلاھات ھېسابلىنىدىكەن. دوكتور، يازغۇچى، تەتقىقاتچى … دېگەندەك كەم تېپىلىدىغان ئىقتىساس ئىگىلىرى بولغان ھالەتتىمۇ تۈرلۈك شەكىلۋازلىقلىرىغا كۆنۈشى كېرەك ئىكەن. بۇ شەكىلۋازلىققا چىداپ ئىشلىگەنلىرى بولسا بەش-ئالتە يىلغا بارمايلا بەلگىلەنگەن قېلىپ بويىچە ئۆلچەملىك دەرس ئۆتۈشتىن باشقىغا يارىمايدىغان ئادەتتىكى «مۇئەللىم» گە ئايلىنىدىكەن. بۇ نېمە دېگەن ئېغىر پاجىئە – ھە!؟
شۇڭا دەيمەن، ئۇلاردا ھەقىقى مائارىپ يوق، ئىسلاھات يوق، قەستەن خورىتىشلا بار ئىكەن!


«دۇنياۋى مەتبۇئاتتا كىملەرنىڭ گېپى» ناملىق ماقالىلار توپلىمىدىن ئېلىندى

21

تېما

0

دوست

2533

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   17.77%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  13883
يازما سانى: 122
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 260
تۆھپە : 620
توردىكى ۋاقتى: 176
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-21
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-26 13:48:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىدىكى(ئوقۇتقۇچىنى يوقىتامدۇق؟)دىگەن سۆز
ھەممىسى ئەمەس، بىرقىسىم يېزا قىشلاقلىرىمىزدىكى
ماڭا ئوخشاش، بىر قىسىم ئوقۇتقۇچىلارنىڭ بېشىغا
كەلگەن دەتكە چىدىماي، دىگەن تەھەددى قىلغان سۆزى.!
ئاخىرىغا،ئامرىكا پىسخىلوگىنىڭ ئۇيغۇر مائارىپىنى تەكشۈرۈپ يازغان(ئۇيغۇر مائارىپىغا نەزەر)ناملىق
ماقالىسىنى قوشۇپ قويدۇم. چۈنكى بۇمۇ بىزنىڭ
مائارىپىمىزدا كۆرۈلىۋاتقان ئىشلارنىڭ نەخ ئۆزى.!!؟؟!!! ..
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

9

تېما

4

دوست

4558

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   85.27%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9938
يازما سانى: 277
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 726
تۆھپە : 898
توردىكى ۋاقتى: 252
سائەت
ئاخىرقى: 2014-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-26 14:40:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مائارىپ ئىسلاھاتى ئاۋال زىيالىلاردىن باشلىنىش كېرەك، زىيالى يېتەكلەش تىپىدىكى، جانباقتى تىپىدىكى ۋە ماڭقۇرت-مۇناپىق تىپىدىكى دەپ 3 تۈرلۈك بولىدۇ ( بۇ مېنىڭ شەخسى قارىشىم ) يېتەكلەش تىپىدىكى زىيالىلارنىڭ ئازىيىپ، مۇناپىق ۋە جانباقتى تىپىدىكى زىيالىلارنىڭ كۆپىيىشى زامانىمىز مائارىپىنىڭ ئەڭ چوڭ مەغلۇبىيىتى.

2

تېما

0

دوست

1388

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   38.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  15774
يازما سانى: 110
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 24
تۆھپە : 418
توردىكى ۋاقتى: 94
سائەت
ئاخىرقى: 2014-4-5
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-26 16:42:03 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شەكىلۋازلىق ؛ بىلىمسىز ، خوشامەتچى مۇناپىقلارنىڭ مائارىپ باشقۇرىشى ، بۆك ئال دىسە باشنىمۇ قوشۇپ ئېلىپ كېلىدىغان مەيدانى يوق ئاكتىپلارنىڭ قىلمىشىنىڭ ئاقىۋىتى ........مائارىپىمىزدىكى پاجىئە ......

2

تېما

0

دوست

431

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   65.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  14396
يازما سانى: 13
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 55
تۆھپە : 98
توردىكى ۋاقتى: 35
سائەت
ئاخىرقى: 2014-4-10
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-26 18:46:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تولىمۇ ئوبرازلىق تېما بوپتۇ، تېما ئىگىسەگە رەھمەت.

0

تېما

0

دوست

1546

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   54.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  3805
يازما سانى: 76
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 329
تۆھپە : 252
توردىكى ۋاقتى: 68
سائەت
ئاخىرقى: 2013-6-3
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-26 19:05:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  بۇ تىما خېلى بۇرۇنلا ئىلان قىلىنغان ئىدى قارىسام يەنە تۇرىدۇ، ئىنكاسلارنىڭ تايىنى يوق، ئىلگىرىمۇ شۇنداق بولغان. دىمەك جەمىيەتتىكى كىشىلەر ئوقۇتقۇچىنى يوقۇتۇشقا قوشۇلغاندەك قىلىدۇ.  
       ئەي ! شورى قۇرغۇر تەلەپچان ئوقۇتقۇچى، نىمىمۇ قىلاتتىڭ ئۇنچە تەلەپ قويۇپ، كىشى بالىسىغا ئۇۋال قىلىپ، بەرگەن نىسىۋىگە شۇكرى قىلساڭ كۇنىڭ خاتىرجەم ئۆتسە بولماسمىدى، نەگىلا قارىسا بىچارە ئوقۇتقۇچىغا كەلگۈلۈك كىلىۋاتقان، ئۇنىڭ ئورنىغا باشقىلار يوقاتقۇچە ئۆزۈڭلار يوقۇلۇپلا كەتسەڭلار بولماسمۇ؟!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!

9

تېما

6

دوست

8257

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

ئۆسۈش   100%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  14993
يازما سانى: 1097
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 52
تۆھپە : 2344
توردىكى ۋاقتى: 135
سائەت
ئاخىرقى: 2013-6-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-26 21:34:44 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىزنىڭ بالىڭىزنىڭ غورۇرى غورۇر بولۇپ، ئوقۇتقۇچىنىڭ غورۇرى كالىنىڭ پىشمايدىغان يېرىما؟ ! ؟
شۇنداق دىگەندەكلا بولىۋاتىدۇ

0

تېما

0

دوست

1829

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   82.9%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  13890
يازما سانى: 97
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 433
تۆھپە : 270
توردىكى ۋاقتى: 73
سائەت
ئاخىرقى: 2013-3-29
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-26 22:15:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ بەك ياخشى تىما بۇلۇپتۇ.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )