- تىزىملاتقان
- 2012-8-17
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-26
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 4213
- نادىر
- 0
- يازما
- 247
ئۆسۈش
73.77%
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا honzade تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-3-26 05:13
بەلكىم تېمىنىڭ ئىسمى بەك زور، چوڭ بولۇپ كەتكەن بولۇشى مۇمكىن. بەلكىم بەزىلىرىمىز مۇشۇنىڭغىمۇ نوبىل مۇكاپاتى بېرەمدۇ؟ دەپ تۈزۈك نەرسە يوللىماي دىيىشىمۇ مۇمكىن. بەلكىم تېخى بۇ تېما مۇنبەرنىڭ بىرەر ئەمەلدارىغا تازا ياراپ كەتمەي زەيداندا قېلىشىمۇ مۇمكىن.
بىراق... مەن بۈگۈن نوبىلنى ھەم ئۇيغۇرچە بىر پىكىردە تەسەۋۋۇر قىلدىم. ئۇنى ھەم تەسەۋۋۇرۇمدا ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇپ باقتىم. ئەلۋەتتە بىزدە تەسەۋۋۇرۇمدىكى نوبىل مۇكاپاتىغا ساھىب بولغۇدەك ئوغلانلىرىمىز نۇرغۇن. بەلكىم ساناقسىز... نۇرغۇنلىرىنى مەن تونۇيمەن، ھەم يەنە نۇرغۇنلىرىنى تونۇشقا ئۈلگۈرمىگەندۇرمەن. بىراق، ئۆز خەلقىنىڭ يىغىسىغا پەقەت كۆزىدە ئەمەس قەلبىدە يىغلىيالىغان ئەشۇ سانسىز سۆيۈملۈك ئەزىزلەرگە بۇ تېمام ئارقىلىق، تەسەۋۋۇرمدىكى ئۈشبۇ نوبىل مۇكاپاتىنى چىن قەلبىمدىن تەقدىم ئېتىمەن.
خەلقىم- ئۇ تەسەللىگە موھتاج! ئۇ ئەكسى ئەمەس بەلكى كۆڭۈللىرىنى ئاۋۇندۇرغۇچىغا، ئۆزىگە ئۈمىد شامى ياندۇرغۇچىلارغا، ئۆزىگە، ئۆزىدىن بولغانلىقى ئۈچۈن پەخر ھىس قىلدۇرغۇچى نىجات ساھىبلىرىغا موھتاج! ئۇ- ئۆزىگە دىلداش تاپقىنىدا تۈمەنمىڭ ھەسرەتلىرىنى پەقەت كۆز ياشلىرى بىلەنلا ئىپادە قىلدى. دۇنيادا ئۆزىنىمۇ چۈشەنگۈدەك قەلبداشلارنىڭ، ھەمنەپەسلەرنىڭ بولغانلىقىدىن، بارلىقىدىن قەلبى زەررە ئازادىلىككە تولۇپ، ياشلىق كۆزلىرىنى ئۇزاق ئۇپۇققا تىكتى... ئېتىز قىرلىرىدا ۋۇجۇدى يەنە زەررە قۇۋۋەتكە تولۇپ، ھالال مىھنىتىگە بىردىنبىر ھەمراھ كەتمىنىنى قولىغا ئالدى...
... قاتتىق يامغۇرلۇق بۇ كېچىدە، قەلبىمدىكى سۆيگۈ دولقۇنلىرى مېنى يەنە ئۇيقۇسىزلىققا ئەسىر قىلدى. روھىيىتىمدىكى تەگسىز، ۋە ساماسىز غېرىپلىق ئارا ماڭا ھەمراھ سانسىز يورۇق يۇلتۇزلار يىراقلاردىن ئالىمىمنى بېزەيدۇ. شۇ يۇلتۇزلار ئارا غېرىپلىقىمنى ھاپاش قىلىپ، نەچچە ئەسىرلىك بۇ مېھىرلىك ئانا كوچىلىرىمدا يۈرۈپ، مەرھۇم روزى سايىتنى يوقلاپ چىقتىم، قۇملار كېزىپ ئۆتۈپ ئۆتكۈرىمىزگە، تاغۇ-باغلار ئاتلاپ بېرىپ زوردون سابىرىمىزگە خەيرلىك تىلەكلەر تىلەپ، جەننەتنى ئىگىسىدىن سوراپ دۇئالار قىلدىم... ئەلۋەتتە ئۈشبۇ يۇلتۇزلار سانىغا ئوخشاش، غېرىپلىققا ھەمراھ بولۇپ ئۇنىڭغا قۇۋۋەت، ئۈمىد ۋە ئىشەنچ ئاتا قىلغان، تۈن قاراڭغۇلىرىدا ئۇنىڭغا گۈلخان - مەشئەل بولغان سانسىز ئەزىزلىرىم تۇپرىقىمنىڭ ئاداققى دانچىسىگىچە سىڭگەنىدى... مەن ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى سۆيدۈم. تۇپرىقىمدىن ئۇلارنىڭ ھىدىنى ئالدىم... ئۇلارنىڭ تۇمان باسقان ئىزلىرىنى كۆزلىرىمگە سۈردۈم... مېنى، ھەم غېرىپلىقىمنى ياراتقان ئاللاھقا شۈكۈركى، ئۇلار تومۇرۇمدا ئاققان قان بولۇپ، ماڭا ھەردەم يېپيېڭى جاسارەت، زۇلمىتىمگە يوپيورۇق بىر ماياك، ياشىشىمغا پاكپاكىز بىر ئالەمنى ئىجاد ئېتىدۇ...
گۈزەللىك بابىدا خەلقىمنى چۈشەنگەن ئەشۇ سانسىز يۇلتۇزلار گەرچە ئۆزلىرى توپا چىراي بولسىمۇ، يۈرگەنلىرى توپا يول، مىنگەنلىرى ئات- ئېشەك بولسىمۇ، ۋۇجۇدى گۈزەللىك مەنبەسى ئىدى! شۇڭا ئۇلارنىڭ ھاياتىدىن پاكلىق ھىدلىرى دىللارغا سىڭەتتى! تەپتىدىن خەلق سۆيگۈسىنىڭ ئوتلۇق ھارارىتى كېلەتتى. چۈنكى ئۇلار گۈزەللىك ئۈچۈن ئۆزلىرىنى بېزىمىسىمۇ، گۈزەللىك، ئادىمىيلىك شۇلارنى ئۆزلىرىگە ماكان، مەنبە قىلىشقانىدى...
ئاللاھىمغا شۈكۈركى، مەن خەلقىم ۋە خەلقىم قەلبىدە پىلىلداۋاتقان شاملارنىڭ ساھىبلىرى بولمىش ئەنە شۇ سانسىز يۇلتۇزلىرىمىز ئارا رىشتىگە گۇۋاھچى بولدۇم! ھەم خەلقىم يۈرەكلىرىدىن ساقىۋاتقان ھەسرەت تامچىلىرىنىڭ دىللارنى ئېزىدىغان تۆكۈلمە ئاۋازىنى غېرىپلىقىمغا تەپسىرلىدىم... ئۈشبۇ تەپسىرلەرنىڭ ئۆتمۈش ۋە بۈگۈنكى رېئال ساھىبلىرىغا قەلبىمدىكى ئۇيغۇرچە يەنى <مەنچە> نوبىل مۇكاپاتىنى باش ئۈستۈمگە قويۇپ ھۆرمىتىگە سۇندۇم.
(ئاپتورى ئۆزۈم)
قېنى تورداشلار، ھەركىم ئۆز قەلبىدىكى <مەنچە> نوبىل مۇكاپات ساھىبلىرىنى قالدۇرۇپ باقمىسۇنمۇ، بەلكىم بۇ يەردە بىر قامۇسىمىز پۈتۈپ قالامدۇ تېخى! |
|