- تىزىملاتقان
- 2013-3-3
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-9-3
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 2455
- نادىر
- 0
- يازما
- 292
ئۆسۈش
  15.17%
|
بىر قېرى تۆگە قېرىپ ماغدۇرى ئۇزۇلەي دەپ قالغان بىر چاغدا يەنە بىر قېتىم ( ھالاكەت دېڭىزى) دەپ ئاتالغان پايانسىز قۇملۇقنى كېسىپ ئۆتۇپ غەلبىلىك قايتىپ كەپتۇ .
ئات بىلەن ئېشەك تۆگىنى تەجىربە سۆزلەپ بېرىشكە تەكلىپ قىپتۇ
-سۆزلىگىدەك ئالاھىدە گەپمۇ يوق . نىشاننى بېكىتىۋېلىپ چىدامچاللىق بىلەن بىر قەدەم -بىر قەدەمدىن مېڭىپ قارارگايىمغا يەتتىم شۇ ،- دەپتۇ تۆگە سەمىمىلىك بىلەن .
مۇشۇلما ؟-دەپتۇ ئات مىلەن ئېشەك ھەيرانلىقتا .
ھەممىسى شۇ .
-ئا.............-دەپتۇ ئات تېرىكىپ ،- كىشىنى تاڭ قالدۇردىغان بىرەر ئالاھىدە گەپ چىقارمىكىن دىسەم ، ئادەتتىكىلا ئىككى -ئۇچ ئېغىز گەپكەنغۇ .
-ۋاي دېگۇچۇلكى يوق گەپلەركەن ، تازىمۇ............. ، -دەپتۇ ئېشەكمۇ نارازى بولۇپ .
ئەمىليەتتە ھەرقانداق تەجىربە ئەنە شۇنداق ئاددى ئىدى .گەپ ئۇنى جان پىدالىق بىلەن ئىجرا قىلىشتا بولاتتى .
ھېكىمەت؛
مۇۋەپپىقيەتتە مەخپىيەت يوق .تىرشىپ ئىشلىسىڭىزلا ئۇ سىزنىڭ . |
|