بۇ يازمىنى ئاخىرىدا gadankax تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-3-28 01:03
قىزىلسۇچە(سىز بۇرۇن قەتئىي ئاڭلىمىغان ناخشا بولىشى مۇمكىن)
ياخشىمۇسىلەر تورداشلار. بەلكىم تورداشلار سىلەر ئاتۇشچە دېگەن ناخشىنى ئاڭلىغان بولىشىڭلار مۇمكىن بىراق قىزىلسۇچە دېگەن ناخشىدىن خەۋېرىڭلار بولىشى ناتايىن. بۇ ناخشىنىڭ ‹‹تېكىست››ىنى يازغۇچى قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستلىق ھۆكۈمەت. بۇ ناخشىنىڭ تېكىستى ماڭا تازا يارىمىغاچقا مەن سىلەرگە يەتكۈزدىم. ئاكورتلاشتۇرۇپ نوتىغا سالامسىلەر ياكى كۆرۈپلا قويۇمسىلەر ئەلۋەتتە، ئىختىيارىڭلار. ئالاھىدە ئەسكەرتىش: ئىنكاس يوللىغۇچىلار ئەقىل بىلەن يازغايسىلەر. يەنە ھېلىقى بىر خىزمەت كۆرسىتىپ تۆھپە يارىتىش ئۈچۈن ئارانلا تۇرغانلار مېنىڭ بۇ تېمامنى - ‹‹موللامنىڭ ئېشىكىنى قىخ دېسىمۇ گۇناھ، پۇرشششششششششششش دېسىمۇ گۇناھ››، كاتېگۇرىيىسىگە سېلىۋالمىغايسىلەر. تەپەككۇرىڭىزنى ئىتتىپاقلىق، ئىناقلىق، تەرەققىيات، ئادالەت يوللىرىدا جارى قىلدۇرغايسىز. ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونۇم ئوبلاستلىق ھۆكۈمەت تەخمىنەن 7 يىل ئاۋال چىقارغان بىر ‹‹يەرلىك ھۆججەت››تە -پارتىيە ئەزالىرى، دۆلەت كادىر، خىزمەتچىللىرى، دۆلەت تەمىناتىدىن بەھرىمان بولىدىغانلار، كارخانا خادىملىرى، 3 پىشقەدەملەر، سىتۇدېنتلار، 18 ياشتىن تۆۋەنلەر...دىن سېرت يەنە -‹‹بىۋاستە تۇغقانلىرى ياكى پەرزەنتلىرى كادىر بولغان كىشىلەرنىڭ ھەج تاۋاپ سەپىرىگە بېرىشىغا بولمايدۇ››، سىياسىتى ئىزچىل يولغا قويۇلۇپ كېلىۋاتقاچقا ئاتۇش تەۋەسىدىكى بىۋاستە تۇغقانلىرى ياكى پەرزەنتلىرى كادىر بولغان مۇسۇلمانلارنىڭ باشقا ھەممە شارائىتى تولۇق بولسىمۇ بىۋاستە تۇغقىنى ياكى پەرزەنتىنى ئالىي بىلىم يۇرتلىرىدا ئوقۇتۇپ، ‹‹كادىر›› قىلىپ يىتىشتۈرىشى يۇقارقى ‹‹يەرلىك سىياسەت››كە ‹‹خىلاپ›› كىلىپ، ھەر مىللەت مۇسۇلمانلارنىڭ ئۆمرىدە بىر قىتىم پەرھىز بولغان مەككە مۇكەرەمگە بىرىپ ھەج تاۋاپ سەپىرىگە بېرىشى چەكلىمىگە ئۇچرىماقتا. بۇ ‹‹يەرلىك سىياسەت›› ئاتۇشتا 7 يىلدىن بىرى ھەر مىللەت كەڭ مۇسۇلمانلارنىڭ قاتتىق نارازىلىقىنى قوزغاپ كەلمەكتە. ھەتتا بۇ ‹‹يەرلىك سىياسەت›› سەۋەپلىك قىسمەن مۇقىمسىزلىق ئەھۋاللىرىمۇ ئاندا-ساندا يۈز بەرمەكتە. -دۆلەتنى قانۇن ۋە ئەخلاق ئارقىلىق ئىدارە قىلىش، تەكىتلىنىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە بۇ ‹‹يەرلىك سىياسەت›› ئىزچىل يولغا قويۇلىۋېرىدىغان بولسا: 1. بۇ ‹‹يەرلىك سىياسەت›› ئالاقىدار قانۇنلارنى ئويلىشىپ چىقىرىلغانمۇ - يوق؟ 2. بۇ ‹‹يەرلىك سىياسەت››نىڭ قانۇنىي ئاساسى قايسى قانۇننىڭ قايسى ماددىسى؟ 3. قىزىلسۇدا ھەر قايسى مىللەتتىن بولغان ‹‹بىۋاستە تۇغقانلىرى ياكى پەرزەنتلىرى كادىر مۇسۇلمانلار››نىڭ مەككە مۇكەررەمگە بېرىپ ھەج تاۋاپ قىلىشىنى چەكلەشنىڭ ئىجابىي ۋە سە سەلبى تەسىرلىرىنى ئايرىم-ئايرىم جىڭلىغاندا قايسىسى ئىغىر كىلەر؟ 4. بۇ سىياسەتنىڭ ئىزچىل يولغا قويۇلىشى -مەرىپەت بۆشىكى ئاتۇشتىكى مۇسۇلمانلارنىڭ بۇندىن كىيىن مائارىپقا بولغان ئوتتەك قىزغىنلىقىغا شۇنداقلا بىۋاستە تۇغقانلىرى ۋە پەرزەنتلىرىنى ئالىي بىلىم يۇرتلىرىدا ئوقۇتۇپ ۋەتەنگە ياراملىق ئادەم قىلىپ تەربىيەلەپ يىتىشتۈرۈش قىزغىنلىقىغا سەلبىي تەسىر بەرمەيدۇ، دەپ قايسى رەھبەر كاپالەت بېرەلەيدۇ؟ 5. ئەسلىدە ئوتنى كىم تۇتسا شۇنىڭ قولى كۆيسە ئەقىلگە سىغاتتى. بۇ ‹‹يەرلىك سىياسەت››تىن قارىغاندا ئاتۇشتا 7 يىلدىن بېرى كادىر پەرزەنتلەر ‹‹ئوت›› بوپتىمۇ قانداق؟!!! زور بەدەل بىلەن پەرزەنتىنى ئالىي بىلىم يۇرتلىرىدا ئوقۇتۇپ ۋەتەنگە ياراملىق قىلىپ يىتىشتۈرۈش ‹‹گۇناھ››، خاتا بوپتىمۇ قانداق؟!!! بۇ ‹‹يەرلىك سىياسەت›› تارىختىكى چىن، مىڭ قاتارلىق فېئوداللىق مۇستەبىت سۇلالىلەرنىڭ -‹‹چىتىپ جازالاش››، تۈزۈمىدىن قانچىلىك پەرقلىنىدۇ؟!!! مەن يۇقىرى دەرىجىلىك مۇناسىۋەتلىك ئورۇن ۋە تارماقلارنىڭ بۇ مەسىلىگە ئەستايىدىل قاراپ، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستلىق ھۆكۈمەتتىن يۇقارقى 5 سوئالغا بۇ تەۋەلىكتە ياشاۋاتقان ۋەتەنپەرۋەر، قانۇن ئىنتىزامغا ئاڭلىق بويسۇنىدىغان، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ھىمايە قىلىپ، 3 خىل كۈچكە مەيدانى مۇستەھكەم ھالدا قارشى تۇرىدىغان، ھالال سودىسى ۋە ئەمگىگى بىلەن بېيىغان، ساخاۋەتچى، مەرىپەتپەرۋەر ھەر مىللەت كەڭ ‹‹بالىسى ياكى بىۋاستە تۇغقانلىرى كادىر›› مۇسۇلمان ئاتا-ئانىلارغا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاساسىي قانۇنىنىڭ 36-، 38-، 41- ماددىلىرى؛ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ قانۇن چىقىرىش قانۇنىنىڭ 2-، 66- ماددىللىرى؛ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ جىنايى ئىشلار قانۇنىڭ 251- ماددىسى؛ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مىللىي تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيە قانۇنىنىڭ 11- ماددىسى بويىچە قانائەتلەنگۈدەك جاۋاب ئىلىپ بىرىشىڭلارنى تۆۋەنچىلىك بىلەن سورايمەن. قەلەم تەۋرەتكۈچى: ئاتۇشتىكى دېھقان ئاتا-ئانىسىنىڭ ھەج تاۋاپ قىلىشىغا توسالغۇ بولغان، ‹‹كادىر›› بولغىنىغا خوش بولىشىنى ياكى ئەپسۇسلىنىشىنى بىلەلمەي قالغان ‹‹كادىر››لارنىڭ بىرى. |