- تىزىملاتقان
- 2012-6-17
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-4-5
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 547
- نادىر
- 0
- يازما
- 23
ئۆسۈش
36.75%
|
<<مايمۇن ئەمەلدار بولسا كىشلەرنى دەرەخكە چىقىشقا زورلايدۇ.>>خاتىرەمدىن
قىرغىز يازغۇچىسى چىڭغىز ئايتوماتوف ئانا تىل ھەققىدە توختىلىپ : .<< كۆپ تىللىق بولۇش شاراپەت ، ئاناتىلنى سۆيمەسلىك جىنايەت >> دېگەن ئىدى .ھازىرئەمما بىزنىڭ بەزبىركااتتىلىرىمىز ئانا تىلنى سۆيگەنلەرنى جىنايەتچى قاتارىدا سوراق قىلىپ ھەرخىل تونلارنى كىيگۈزۈپ ، تېلى كېكەچ، زۇۋان سۈرمەس قىلىۋەتكىلى تاسلا قېلىۋاتىدۇ . يېقىندا قومۇل دىيارىدا يۈزبەرگەن مۇنداق بىر ۋەقە ئادەمنى شۇنچىلىك ئازابلايدۇكى بۇنى بىلگەن ھەرقانداق كىشى ئېتى ئۇلۇغ، سۇپۇرىسى قۇرۇق كاللا كېسەر بۇجاللاتلارنى ئاشكارا تىللىيالمىسۇ ئىچىدە بولسىمۇ تىللايدۇ. نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا كۈچادىمۇ قايسى بىر جايدا يۈربەرگەن بىر ئىش مېنى شۇنچىلىك ئازابلىغان ئىدى. ئەسىلىدە شۇ شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىىنىڭ بىرقىسىىم كاتتىلىرى مەلوم بىر مەكتەپنىڭ خىزمەتلىرىنى تەكشۈرەپ بېرىپ سىنىپلارغا چاپلاقلىق يۈسۈپ خاس ھاجىپ ، مەھمۇت قەشقىرى قاتارلىق پۇتۈن دۇنيا ئېتىراپ قىلىدىغان ئالىملىرىمىزنىڭ رەسىمىنى نىمىشقا بۇ سەللا ئورىۋالغان كىشلەرنىڭ رەسىمىنى سىنىپقا چاپلىۋالىسىلەر دەپ مەجبورى ئالغۇزۇپ نەق مەيداندا يىرتقۇزۇپ تاشلىغانلىقىنى ئاڭلىغان ئىدىم. مانا بۇ تىراگىدىيەنىڭ داۋمىنى ئۈزۇن ئۆتمەي قومۇل دىيارىدا ئاڭلاپ بېشىمدىن بىرچىلەك سۇنى قۇيىۋەتكەندەك ئەندىكىپ كەتتىم. قومۇل شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسىدىن بىز زۇۋان باشلىق بىرقىسىم كاتتىلار مەلوم مەكتەپكە خىزمەت تەكشۈرۈپ بېرىپ بىرئىجتىمائى پەن ئىشخانسىغا كىرىپ تام دوسكىغا چىقىرىپ قويغان ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىنىڭ بايراقدارى ، نەشىرىياتچى ، مائارىپ ئىشلىرنىڭ باشلامچىسى قۇتلۇق ھاجى شەۋقىنىڭ << ئانا تىل بىلگەن كىشنىڭ ئىززىتىنى قىلغۇم كېلۇر>> دىگەن <<ئانا تىل >> ھەققىدە يېزىلغان شېئىرىنىڭ بىرمىسىراسىنى تۇتقا قىلىپ تۇرۇپ بۇ ئوقۇتقۇچىلارنى تېرورچىلار قاتارىدا سوراق قىلىپ ئانا تىل بىلگەن كىشىنىڭ ئىززىتىنى قىلىپ ، باشقا تىل بىلگەن كىشىنىڭ ئىززىتىنى قىلمامدۇ؟ دىگەندەك بىريۈرۈش <<دانا>> پىكىرلىرىنى يورغۇلۇتۇپ بۇ ئىشخانىدىكى ئوقۇتقۇچىلارنى راسس بىر مەيدان سوراققا تارتىپتۇ . ئوقۇتقۇچىلار گەرچە بۇ << دانا ، پىر،غوجاملارنىڭ >> دەششەتلىك سوراقلىرىغا قىلچىلىك بويۇن ئەگمىەسىتىن ھەم چۈشەندۈرۈشنىڭ بۇلار ئۈچۈن قىلچە قىممىتى يوقلىقىنى ھېس قىلىپ بۇلار بىلەن دە تالاش قىلىشتىن ۋاز كېچىپتۇ. شۇندااق قىلىپ بۇ ئۆززۇۋان كاللا كېسەرلەرنىڭ جاللاتلىرىنىڭ قانلىق قېلېچلىرى ئاستىدا ئوقۇتقۇچىلار قەلبىدە ، كۆزلىردە لىق ياش خۇددى قۇتلۇق شەۋقىنىڭ يۈزىنى بوياۋاتقاندەك تۇيغۇدا دوسكىدىن بۇ پۈتۈن ئەل خەلق تەرىپدىن بىردەك ئېتىراپ قىلىنغان تىللاردا داستان بولىۋاتقان بۈيۈك زاتنىڭ ئانا تىلغا بولغان ئاتەش كەبى ھېسياتى بىرقىسىم ھوقۇق قاينىمىدا مېڭىسى قۇچۇلۇپ كەتكەن ماڭقۇرۇتلارنىڭ جادۇسى ئاستىدا ھۆرمەتسىزلىك بىلەن سېھىرلىنىپ تاشلاندى. بىزنىڭ مائارىپمىز نىڭ سۈپىتىنىڭ يىلدىن يىلغا چۈشۈشىنىڭ سەۋەبىنى نۇرغۇن كىشلەر ئوقۇتقۇچىلاردىن كۆرىدۇ، ئەمىللىيەتتە ئوقۇتقۇچىلارنىمۇ راست سۆزلەشكە قويمايدىغان ھە دېسە ئۇلارنىڭ پۇت قولىغا كىشەن ئېغىزغا ئېغىزدۇرۇق سېلىپ قويىدىغان مۇ نداق مۇستەبىتلەرنىڭ بارلىقىنى ھېچكىم ئويلاپمۇ قويمايدۇ. ئەسلىدە نۇرغۇن سىياسەتلەر يوقۇردىن چۈشكەندە ناھايىتى توغرا ئەمما بەزى مۇشۇنىڭدە << يېڭىلىق تەرەپدارلىرى>>نىڭ ئالامەت كەشپىياتلىرى ئارقىلىق تۈپتىن ماھىيەتتىن يىراقلاپ كىتىپ بارىدۇ. مەسىلەن : قوش تىللىق ئوقۇتۇش يولغا قويۇلغاندا بەزى مائارىپ ساھەسىدىكى << مۇتەخەسسىلەر>> كېچە - كۈندۈز تەتقىق قىلىش ئارقىلىق پۈتۈن دەرسلىكلەرنى خەنزوچىلاشتۇرماقچى بولدى. ھەتتا باشلانغۇچ مەكتەپلەردە ئېلىپبە ئوقۇتۇشنى چەتكە قېقىپ تاسلا قالدى بىرقىسىم زامانىۋى ساۋاتسىزلارنى پەيدا قىلغىلى . شۇ سەۋەپ مىللى ئوقۇغۇچىلار مىللى ،روھى زىمىندىن قوغلىنىپ يا خەنزوچىدا يوق يا ئۇيغۇرچىدا يوق يا تەپەككۇرى يوق ئېتى ئۇيغۇرچە تىلى ئەبجەش 57 -مىللەت پەيدا بولۇپ قالغىلى تاسلا قالدى. ما نا بۇلار مۇشۇ كاتتا زاتلارنىڭ يىتىشتۈرگەن كاتتا سورتلىرى . جەمىئىيەت ، خەلق ئۆزىمىز قاراكۆزلەرنىڭ تەقدىرىگە كۆڭۈل بۆلمىسەك مۇنداق ھوقۇق مەستانىلىرى ھەرگىزمۇ بالىلىرىمىزنىڭ تەقدىرىگە كۆڭۈل بۆلمەيدۇ. ئۇلارنىڭ كۆڭۈل بۆلدىغىنى باشلىقلىرىغا كۈچۈكلىنىپ ئۆزلىرى ئۈچۈن شاھادەتنامە تەييارلاش خالاس. ئەقلى ھوشى جايىدا ئادەم ھەرگىز باشقىلار ئالدىدا قارا يۈز بولىشنى راۋا كۆرمەيدۇ. ئاخىرىدا مۇنداق بىر كۇپىلىت شېئىرنى سوۋغا قىلاي.
گەر توخو قالسىمۇ زۇڭتۇڭ سايلىنىپ ،
يۈرسىمۇ سۈيدۈكتە ئاغزى مايلىنىپ .
گەرچە ئۇ تاج كىيىپ يۈرگۈنى بىلە،
ھامان تاپىدۇ گەندىنى ئايلىنىپ . |
|