- تىزىملاتقان
- 2012-12-24
- ئاخىرقى قېتىم
- 2016-6-15
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 6227
- نادىر
- 0
- يازما
- 166
ئۆسۈش
24.54%
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا edir تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-4-5 12:55
1560-يىلى شۋېتسارىيلىك سائەت ئۇستىسى تابوك مىسىردىكى ئېھرامنى ساياھەت قىلغاندا :<< ئېھرامنى ياسىغانلار قۇل ئەمەس ، شاد-خورام ، ئەركىن ئادەملەر بولىشى كېرەك >> دېگەن پەرىزىنى تۇنجى بولۇپ ئوتتۇرىغا قويغانىدى .
2003 -يىلى مىسىردىكى ئەڭ ئالىي مەدەنىي مىراسلار كومتېتى جىسانىڭ يېقىن ئەتىراپىدىكى 600 دىن ئارتۇق قەبرىنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئېھرامنى يەرلىك ئەركىن دېھقانلار ۋە قول ھۈنەرۋەنلەرنىڭ ياساپ چىققانلىقىنى دەلىللىگەنلىكىنى جاكارلىدى . بىراق ھېردودىدنىڭ << تارىخ >> ناملىق كىتابىدا 300 مىڭ قۇل ياساپ چىققان دەپ خاتىرىلەنگەن .
بۇ مەسىلىنى ئېنىقلاش ئۈچۈن ئۇلار بوكنىڭ مۇناسىۋەتلىك ماتىرىياللرىنى يىغىشنى باشلىغان . ئەڭ ئاخىرىدا بوكنىڭ سائەت ياساش بىلەن شوغۇللانغانلىقنى بايقىغان . يوقىرىقى ئالدىن بىلىش مۇشۇنىڭ نەتىجىسى ئىكەنلىكىنى بىلگەن .
بوك ئەسلىدە فرانسىيلىك كاتولىك دىنى مۇرتى ئىدى . 1536- يىلىرىم ۋاتىكاننىڭ دىننىي قائىدىلىرىگە قارشى تۇرغاچقا ، تۈرمىگە قامالغان . ئۇ سائەت ئۇستىسى بولغاچقا ، قامالغاندىن كېيىن ، سائەت ياساشقا ئورۇنلاشتۇرۇلغان . ئەركىنلىكىدىن مەھرۇم قىلىنغان ، تۈرمە تەرەپنىڭ قاتتىق بېسىمى ئاستىدا ياسىغان سائەتلىرىنىڭ كۈنلۈك خاتالىق پەرقى ئوندىن بىر سېكونت بولغانلىقىنى ، ئەمما ئۇلار تۈرمىگەكىرىشتىن ئىلگىرى ئۆزلىرىنىڭ دۇكىنىدا ياسىغان سائەتلىرىنىڭ خاتالىق پەرقى يۈزدىن بىر سېكونت بولغانلىقىنى بايقىغان .
نېمىشقا بۇنداق ئەھۋال كېلىپ چىقىدۇ ؟ دەسلەپتە بوك بۇنى مۇھىتنىڭ تەسىرى دەپ قارىغان . كېيىن ئۇلارنى رىناۋاغا يۆتكەيدۇ . ئۇ شۇندىلا سائەتنىڭ توغرىلىق دەرىجىسىگە تەسىر كۆرسىتىۋاتقان مۇھىت بولماستىن ، بەلكى سائەت ياسىغاندىكى كەيپىيات ئىكەنلىكىنى بايقايدۇ . ئۇ سائەت ياسىغاندىكى ئاشۇ تونۇشى ئاساسىدا ئېھرامنى ياسىغۇچىلارنىڭ ئەركىن ئادەملەر ئىكەنلىكىدىن ئىبارەت يەكۈننى چىقارغان .
مىسىرنىڭ دۆلەتلىك مۇزىيىنىڭ باشلىقى دۇماس بوكنىڭ يازمىلىرى ئىچىدىن بۇنداق ئىككى ئابزاسنى بايقىغان :
بىر سائەت ئۇستىسى نارازىلىق ۋە خاپىلىق ئىچىدە سائەت ياساشتىكى 1200 ئىش تەرتىپىنى تولۇق ئورۇنلىيالمايدۇ . قارشىلىق ۋە نەپرەت ئىچىدە سائەتكە كېرەكلىك 254 دانە زاپچاسنى بىر قانچە كۈنگىچە تەييارلاپ بولالمايدۇ . ئېھرامدەك بۇنداق ھەيۋەتلىك قۇرۇلۇش شۇنداق ئىنچىكە ، ھەر قايسى ھالقىلىرى نۇقسانسىز ياسالغان . شۇڭا ئېھرامىنى ياسىغانلار چوقۇم بىر توپ ساداقەتمەن ، ئەركىن كىشىلەر . بىر توپ ھورۇن ۋە قارشى ئىدىيدىكى كىشلەرنىڭ ئېھرامدەك غايەت زور تاش قۇرۇلۇشنى تاش ئارىسىغا تىغ سىغمۇغۇدەك ياساپ چىقالىشىنى تەسەۋۋۇر قىلىش تولىمۇ تەس .
بوك شۋېتسارىيىنىڭ سائەتچىلىك كەسپنىڭ قۇرغۇچىسى ۋە ھۆرمەتكە سازاۋەر كىشى . ئاڭلىشىمىزچە شۋېتسارىيە نۆۋەتتە يەنىلا بوكنىڭ سائەت ياساش ئىدىيسىنى ساقلاپ ، ئىشچىلارنىڭ مائاشىنى تۇتۇپ قالىدىغان ، مەجبۇرىي خاراكتىردە خىزمەت قىلدۇرىدىغان چەتئەل كارخانىلىرى بىلەن ھەمكارلاشمايدىكەن .
ئارتۇقچە يېتەكچىلىك قىلىدىغان ۋە قاتتىق باشقۇرۇلىدىغان جايدا ئالاھىدە بايقاش بولمايدۇ . چۈنكى ئادەمنىڭ ئىقتىدارى پەقەت تەن بىلەن روھ بىرلەشكەندىلا ، ئۆزىنىڭ ئەڭ يوقىرى سەۋىيسىنى جارى قىلدۇرالايدۇ .
مەنبە :خەنزۇچە << ئوقۇرمەن >> ژورنىلىدىن تەرجىمە قىلىندى .
|
|