- تىزىملاتقان
- 2013-1-9
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-5-19
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 360
- نادىر
- 0
- يازما
- 2
ئۆسۈش
30%
|
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك تورداشلار!يېقىندا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق مەدەنىيەت يۇرتىنىڭ تالانتلىق رەسسامى پەرھاد ئىبراھىمنىڭ بىر قانچە يىلدىن بىرى كۆپ ئىزدىنىشى ۋە جاپالىق ئەجرى سىڭدۈرۈشى بىلەن يەكەن خانلىقىنىڭ ئاساسچىسى سۇلتان سەئىدخاننىڭ (150x100cm ئۆلچىمى) ماي بوياق بىلەن سىزىلغان رەسىمىنى تورداشلار بىلەن ئورتاق بەھىرلىنىش يۈزىسىدىن يوللاپ قويدۇم.
سۇلتان سەئىدخاننىڭ قىسقىچە تارىخى
يەكەن خانلىقىنىڭ ئاساسچىسى بولغان سۇلتان سەئىدخان شەرىقى چاغاتاي خانلىقىنىڭ خاقانى ئەھمەدنىڭ ئۈچىنچى ئوغلى بولۇپ، 1490- يىلى تۇرپاندا تۇغۇلغان. ئۇ 12 ياش ۋاقتىدا دادىسى بىلەن بىللە ئۆزبېك خانى شايبانىخانغا قارشى جەڭ قىلغان ھەمدە ئۇرۇشتا مەغلۇب بولۇپ ئەسىرگە چۈشكەن. بىر يىلدىن كېيىن شايبانىخان ئۇنى قويۇپ بېرىپ، ئۆزى بىلەن بىللە بىر قاتار ئۇرۇشلارغا قاتناشتۇرغان. كېيىن ئۇ شايبانىخاننىڭ خارەزىمگە كەتكەنلىك پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ، تاغىسى مەھمۇدخاننىڭ يېنىغا قېچىپ بارغان. لېكىن، تاغىسىنىڭ يېنىدا تۇرسا بىرەر ئىشنى ۋۇجۇتقا چىقارغىلى بولمايدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ، ئاخىر يەنە قىرغىزلار رايونىغا كېتىپ، ئۇلارنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشىپ، قىرغىزلارنىڭ چوڭ سەردارىغا ئايلانغان. 1508- يىلى سەئىدخان زور قوشۇن بىلەن تاغىسى مەھمۇدخانغا ھۇجۇم قىلىپ، ئۇنى ئېغىر تالاپەتكە ئۇچراتقان. دەل شۇ پەيتتە، سەئىدخاننىڭ چوڭ ئاكىسى مەنسۇرخان لەشكەر تارتىپ كېلىپ، سەئىدخانغا قارشى ئومۇميۈزلۈك جەڭگە ئاتلانغان. نەتىجىدە ئاكا - ئۇكا ئوتتۇرىسىدا ئالمائاتا دالاسىدا قاتتىق جەڭ بولۇپ، سەئىدخان مەغلۇب بولغان ھەمدە ئازغىنە ئادىمى بىلەن كابۇلدىكى تاغىسى زاھىردىن بابۇر شاھنڭ يېنىغا مىڭ تەسلىكتە قېچىپ كەلگەن. بابۇر شاھ ئۇنى ئىززەت - ئېكراملار بىلەن كۈتۈۋالغان. بۇنىڭ بىلەن سەئىدخان بىر مەزگىل تاغىسىنىڭ يېنىدا تۇرۇپ قېلىپ، ئۇنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدىكى ئۆزبېكلەرگە قارشى بىر قاتار ھەربىي ھەرىكەتلىرىگە قاتناشقان. كېيىنكى مەزگىللەرگە كەلگەندە، ئۆزبېكلەرنىڭ قايتىدىن باش كۆتۈرۈپ چىقىشى ھەمدە قەشقەر، يەكەن ۋە خوتەن ھۆكۈمرانى مىرزا ئەبۇبەكرىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىياغا قارىتا كەڭ كۆلەملىك ھەربىي يۈرۈش ئېلىپ بېرىشى سەۋەبىدىن سەئىدخان ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدىن ئۈمىد ئۈزگەن ھەمدە مىرزا ئەبۇبەكرىنى يوقىتىپ، قەشقەر، يەكەن، خوتەننى قولغا كىرگۈزۈپ، ئەجدادلىرى ھۆكۈمرانلىق قىلغان موغۇلىستان خانلىقىنىڭ زېمىنىغا ئىگىدارچىلىق قىلماقچى بولغان. دەرۋەقە، 1514- يىلى 6- ئايدا سەئىدخان 4 مىڭ 700 كىشىلىك قوشۇن بىلەن تورغات يولى ئارقىلىق ئاتۇشقا يېتىپ كەلگەن. بۇنى ئاڭلىغان مىرزا ئەبۇبەكرى ئۆز ھۆكۈمرانلىقىنى قوغداپ قېلىش ئۈچۈن، دەرھال ھەرىكەتكە كېلىپ قەشقەر ۋە يېڭىساردا كۈچلۈك ئىستىھكاملارنى ياساتقان. لېكىن، سەئىدخان مىرزا ئەبۇبەكرىنىڭ شەپقەتسىز ھۆكۈمرانلىقىغا ئۇچرىغان كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ قىزغىن قوللاپ - قۇۋۋەتلىشى بىلەن ئىلگىرى - ئاخىر بولۇپ يېڭىسار، قەشقەر ۋە يەكەنلەرنى ئىشغال قىلغان. مىرزا ئەبۇبەكرىنىڭ بۇ جايلارنى ساقلاۋاتقان قوشۇنلىرى ئاساسەن قارشىلىق كۆرسەتمەيلا تەسلىم بولغان. نەتىجىدە مىرزا ئەبۇبەكرى ئۆزىنىڭ ئاخىرقى كۈنلىرىنىڭ يېتىپ كەلگەنلىكىنى ھېس قىلىپ كوئىنلون تېغى ئارقىلىق لاداق رايونىغا قاراپ قاچقان. ئەمما، ئۇزاق ئۆتمەيلا سەئىدخاننىڭ قوشۇنلىرى مىرزا ئەبۇبەكرىنى ئىز قوغلاپ تۇتۇپ، لاداقتا قەتلى قىلغان. بۇنىڭ بىلەن 1514- يىلى 9- ئاينىڭ 21- كۈنى سەئىدخان دوغلات ئەمىرلىرىنىڭ ھىمايىسى بىلەن يەكەندە رەسمىي خانلىق تەختىگە چىققان.
سەئىدخان تەختكە چىققاندىن كېيىن خانلىقنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن تۆۋەندىكىدەك سىياسەتلەرنى يولغا قويغان. بىرىنچىدىن، جەمئىيەت ئامانلىقىنى قوغداش ئۈچۈن ئالدىن بىلەن مىرزا ئەبۇبەكرىنىڭ قالدۇق كۈچلىرىنىڭ يوقاتقان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە ئوغرى - بۇلاڭچى ۋە باشقا ھەرخىل جىنايەتچىلەرنى تازىلاپ، جەمئىيەتتە خاتىرجەم ۋەزىيەتنى بارلىققا كەلتۈرگەن. ئىككىنچىدىن، مىرزا ئەبۇبەكرىنىڭ تاشلاپ كەتكەن دۆلەت خەزىنىسىنى مۇسادىرە قىلىپ، ئۇنىڭ بىر قىسمىنى يەكەن خانلىقىنى قۇرۇشتا تۆھپە كۆرسەتكەن ھەربىي ۋە مەمۇرىي ئەمەلدارلارغا بۆلۈپ بەرگەن. يەنە بىر قىسمىنى خانلىق خەزىنىگە ئۆتكۈزۈپ، مۇشۇ ئىقتىساد ئارقىلىق خانلىقنى 10 يىلغىچە قامدىغان ھەمدە بۇنىڭ بەدىلىگە خەلقتىن 10 يىلغىچە ئالۋاڭ - ياساق ئالمىغان. ئۈچىنچىدىن، ئەينى زاماندىن مەشھۇر سوپى خوجا تاجىدىننىڭ تەشەببۇسى ئارقىلىق، 1516- يىلى 2- ئايدا ئاقسۇ بىلەن كۇچار ئارىلىقىدىكى ئارابات دېگەن تۈزلەڭلىكتە ئاكىسى مەنسۇرخان بىلەن كۆرۈشۈپ، سۈلھى تۈزىگەن. نەتىجىدە مەنسۇرخان ئۇنىڭ خاقانلىق ئورنىنى ئېتىراپ قىلىشقا مەجبۇر بولغان. تۆتىنچىدىن، ئۆز ھۆكۈمرانلىقىنى مۇستەھكەملەش ۋە كېڭەيمىچىلىك ئۇرۇشلىرىنى ئېلىپ بارغان. مەسىلەن، 1519- يىلى ۋە 1530- يىلى بەدەخشانغا ئىككى قېتىم ھۇجۇم قىلىپ، بۇ رايوننىڭ يېرىمىنى يەكەن خانلىقى زېمىنغا قوشۇۋالغان. 1522- يىلىدىن باشلاپ ئوتتۇرا ئاسىياسىدىكى قازاق ۋە قىرغىزلار رايونىغا قارىتا نەچچە رەت ھەربىي يۈرۈش ئېلىپ بارغان. 1532- يىلى 7- ئايدا 5 مىڭ كىشىلىك قوشۇن بىلەن تىبەت، لاداق، بالتىستان ۋە كەشمىر قاتارلىق جايلارغا ھۇجۇم قىلغان. نەتىجىدە، يەكەن خانلىقىنىڭ ھۆكۈمرانلىقى كۈندىن - كۈنگە مۇستەھكەملىنىپ، خانلىقنىڭ زېمىنى شەرقتە جيايۈگۈەنگىچە، غەربتە پامىر، خىۋە ۋە ۋاخان رايونلىرىغىچە، شىمالدا تەڭرىتېغىنىڭ شىمالىغىچە، جەنۇبتا كوئېنلون، ئالتۇن تاغلىرىغىچە يەتكەن.
سەئىدخان يۇقىرىقىدەك ئىچكى - تاشقى سىياسەتلەرنى يولغا قويۇش ئارقىلىق، خانلىقنىڭ دەسلەپكى گۈللىنىش - مەمۇرىچىلىق ۋەزىيىتىنى بارلىققا كەلتۈرگەن. بىر قىسىم مۇسۇلمان تارىخچىلارنىڭ خاتىرىلىشىچە، سەئىدخان خانلىقنى تۈزەپ، مۇئمىنچىلىك قىلىۋەتكەن. يۇقىرىسى بەگ - بېگات ئېسىلزادىلەردىن تۆۋىنى پۇقرايى - بەقىرلەرگىچە ھەممە كىشى ئەدەب - سۈلكەتلىك بولغان. ئۇ تەرەققىيپەرۋەر ۋە ئىستېدارلىق ھۆكۈمران بولۇپ، ئەلنى ئىدارە قىلىش سەنئىتىدە يۇقىرى كامالەتكە يەتكەن. ئۇ يەنە ئومۇمىيلىقنى ئەلا بىلىپ، خانلىقنى تىنچ يول بىلەن بىرلىككە كەلتۈرگەن. ھالىدىن كەتكەن خەلقنىڭ ئارام ئېلىپ دەرمان توپلىۋېلىشىغا پۇرسەت يارىتىپ بەرگەن. ئۇزۇن مۇددەتلىك ئۇرۇش پاراكەندىچىلىكىنى تىنچىتىپ، خارابلاشقان ئىگىلىك ۋە مەدەنىيەتنىڭ قايتىدىن جانلىنىشىغا ئىمكانىيەت يارىتىپ بەرگەن. لېكىن، سەئىدخان ئىسلام دىنىنىڭ سادىق مۇخلىسى بولغاچقا، غەيرىي دىندىكىلەرگە قارىتا بىر قاتار غازات ئۇرۇشلىرىنى ئېلىپ بارغان. كەشمىر، لاداق، ھەتتا ئالدى تىبەت ۋە ئارقا تىبەتلەرمۇ ئۇنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان. 1533- يىلى 7- ئاينىڭ 9- كۈنى 47 يېشىدا لاداققا قارشى ئېلىپ بارغان غازات ئۇرۇشى جەريانىدا تۈتەكتە قېلىپ ۋاپات بولغان. جەسىتى يەكەن خانلىق ئوردىسىغا يۆتكەپ كېلىنگەن.
قىسقىچە تارىخنىڭ مەنبەسى: «غەربىي يۇرت - تارىخىمىزدىكى خاقانلار» ناملىق كىتابتىن ئېلىندى.
|
|