- تىزىملاتقان
- 2012-2-8
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-4-10
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 10611
- نادىر
- 2
- يازما
- 324
ئۆسۈش
1.53%
|
يېقىندىن بۇيانقى بىر ھەپتە ئىچىدە، جۇڭگو بىلەن ياپونىيىنىڭ دياۋيۈ ئارىلىدا قانۇن ئىجرا قىلىشتىكى تىركىشىش ۋەزىيىتى تېخىمۇ جىددىيلەشتى، چاۋشيەن يېرىم ئارىلىنىڭ بىخەتەرلىك ۋەزىيىتى تېخىمۇ ئەۋجىگە چىقتى، ئامېرىكا شەرقىي ئاسىيادىكى ھەربىي ئورۇنلاشتۇرۇشىنى تېخىمۇ تېزلەشتۈردى، ياپونىيە ‹‹مەخسۇس مۇداپىئەلىنىش›› خاراكتېرىدىكى ‹‹تىچلىق ئاساسىي قانۇنى›› نى ئۆزگەرتىشكە ئۇرۇنىۋاتىدۇ… بىردىنلا، شەرقىي ئاسىيا رايونىدا ئىس-تۈتەك قۇيۇقلىشىشقا باشلىدى، كۆپلىگەن دۆلەتلەر، جۇڭگو ئۇرۇش خەتىرىگە دۇچ كېلەرمۇ دەپ ئەندىشە قىلدى.
ئۇرۇش بىلەن تىچلىققا ھۆكۈم قىلىش بىر چوڭ ئېستىراتېگىيىلىك ھۆكۈم بولۇپ ھېسابلىنىدۇ، بۇ دۆلەتنىڭ ھەر قايسى تەرەپلەردىكى چوڭ ئېستىراتىگىيىلىك قارارلىرىنى بەلگىلەيدۇ، ھەر بىر كارخانا ھەر بىر شەخسكە مۇناسىۋەتلىك ئىش بولغاچقا، چوقۇم سوغۇققانلىق بىلەن ئانالىز قىلىپ، توغرا ھۆكۈم چىقىرىش كېرەك.
ئىنكار قىلىشقا بولمايدىكىنى شۇكى، جۇڭگونىڭ دېڭىز ئۈستىدىكى ھەربىي تىركىشىشى يەنىمۇ ئېغىرلىشىشى مۇمكىن، ئەمما شۇنداق دەپ قاراشقا بولىدۇكى، جۇڭگوغا قارىتىلغان ياكى جۇڭگونى چوڭ كۆلەملىك ئۇرۇشقا سۆرەپ كىرىش رېئاللىقتىن يەنىلا يىراق.
بىرىنچىدىن، تىچلىق ۋە تەرەققىياتنىڭ ھازىرقى دەۋردىكى ئاساسىي تېما بولۇش ۋەزىيىتى تېخى ئۆزگەرگىنى يوق. دېڭ شياۋپىڭ ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىدا ‹‹تىچلىق بىلەن تەرەققىيات ھازىرقى دەۋرنىڭ ئاساسلىق ئالاھىدىلىكى›، دېگەن. سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى دەۋرىدە ئامېرىكا بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقى نەچچە ئون يىل قارمۇ-قارشىلىشىپ ھېچقانداق ئۇرۇش يۈز بەرمىدى، پەقەتلا ‹‹ئۆز-ئارا ھۇجۇم قىلىش ئىقتىدارى›› نى ساقلاپ قالدى. پەقەت جۇڭگو تىچ تەرەققىي يولىدا تەۋرەنمەيدىكەن، شۇنىڭدەك پۇختا جەڭ تەييارلىقىنى قىلىپ ماڭىدىكەن، ھېچقانداق دۆلەت جۇڭگوغا ئاسانلىقچە ھۇجۇم قىلالمايدۇ.
ئىككىنچىدىن، دۆلەتنىڭ ئۇنىۋېرسال كۈچى ئېشىپ، خەلقئارادىكى تەسىر كۈچىمۇ كۈچەيدى. بۈگۈنكى جۇڭگو كىم كەلسە بوزەك قىلىۋېرىدىغان جۇڭگو ئەمەس. جۇڭگو ھازىر ئىقتىسادىي كۈچ جەھەتتە كۈچىيىپلا قالماستىن بەلكى يەنە خەلقئارا مۇناسىۋەت تەرەپلەردىكى تەسىرى، ھۇجۇمغا تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارى ھەسسىلەپ ئۆستى. دۇنيادىكى نۇرغۇن دۆلەتلەر جۇڭگونىڭ تەرەققىياتىغا ئۈمىد بىلەن قارايدۇ، جۇڭگو بىلەن بولغان مۇناسىۋەتكە ئەھمىيەت بېرىدۇ، جۇڭگونىڭ خەلقئارالىق ئىدىيىسىنى ئېتىراپ قېلىدۇ، جۇڭگو بىلەن دوستانە ئۆتۈشنى ئارزۇ قىلىدىغان دۆلەتلەر دۇنيانىڭ ھەممە يېرىدە بار. جۇڭگوغا دۈشمەنلىك نەزىرىدە قارايدىغان دۆلەتلەر ئاز سانلىقنى ئىگىلەيدۇ، جۇڭگوغا قورال كۈچى بىلەن رىقابەت ئېلان قىلغۇسى بولسىمۇ ئەمما كۈچى ئاجىز.
ئۈچىنچىدىن، ئىقتىسادنىڭ يەر شارىلىشىش قەدىمى بارغانسىرى كۈچىيىۋاتىدۇ. دۆلەتلەر بىلەن دۆلەتلەر ئارىسىدىكى ئىقتىسادىي ئالاقە كۈندىن-كۈنگە قۇيۇقلىشىۋاتىدۇ. ‹‹تەرەققىي قىلىش ئۈچۈن ھەمكارلىشىش›› بارغانسىرى كۆپلىگەن دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق غايىسىگە ئايلىنىۋاتىدۇ. جۇڭگو پۇل-مۇئامىلە كىرزىسىگە پېتىپ قالغان دۇنيادا ماس قەدەمدە تەرەققىي قىلىۋاتىدۇ. دۇنيادىكى نۇرغۇن دۆلەتلەر جۇڭەونىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىدىكى ‹‹تېز ئاپتوموبىلى›› غا چىقىشقا تەشنا. گەرچە جۇڭگوغا قوشنا بەزى دۆلەتلەر جۇڭگودىن تەشۋىشكە چۈشسىمۇ، چوڭ دۆلەتلەرنى يېنىغا تارتىپ جۇڭگو بىلەن بولغان كۈچ تەڭپۇڭلىقىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىۋاتسىمۇ، جۇڭگونى چەكلەشكە ئۇرۇنسىمۇ، يەنىلا جۇڭگونىڭ تەرەققىياتىدىن نەپ ئېلىشنى خالايدۇ، جۇڭگو بىلەن بولغان ئىقتىسادىي مۇناسىۋىتىنى يامانلاشتۇرۋېتىشنى خالىمايدۇ. ئامېرىكا بىلەن ياپونىيە قول تۇتۇشۇپ جۇڭگونى قورشاۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما جۇڭگودەك بۇنداق ئىقتىسادى تەرەققىياتى تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىۋاتقان ‹‹دۇنيا ماتورى›› نىڭ ئۆچۈپ قېلىشىدىن قورقىدۇ.
ئەمەلىيەتتە، شەرقىي ئاسىيادىكى بىخەتەرلىك جەھەتتە ھېچقانداق دۆلەتنىڭ ئۇرۇشقۇسى يوق، شۇنداقلا ھېچقايسى دۆلەت ئۇرۇش تەييارلىقىنى پۈتتۈرۈپ بولالمىدى. ئامېرىكىنىڭ جۇڭگوغا يۈرگۈزۈۋاتقان ئېستىراتېگىيىسى ‹‹قورشاش+ھەمكارلىشىش›› بولۇپ، جۇڭگونىڭ تەرەققىياتىنى چەكلەش، جۇڭگونىڭ ئۆزىنىڭ ئاتامانلىق ئورنىغا رىقابەت ئېلان قىلىشىنى توسۇش، ئەمما جۇڭگو بىلەن بىر مەيدان ئىككىلا دۆلەت ھالاك بولىدىغان ھەتتا ئىنسانلارنى قۇرۇتىۋېتىدىغان بۇنداق جەڭنى قىلغۇسى يوق. ياپونىيە جۇڭگوغا رىقابەت ئېلان قىلغۇسى بولسىمۇ، ياپونىيىنىڭ ئەينى دەۋردىكى ئىمپىرىيە تارىخىنى قايتا ياراتماقچى بولسىمۇ، ئەمما ئۇ بىر تەرەپتىن ئاساسىي قانۇننىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرايدۇ، يەنە بىر تەرەپتىن ئۇرۇش قىلىشقا مۇناسىۋەتلىك سىياسى، ئىقتىسادى، ھەربىي تەييارلىقلارنى پۈتتۈرگىنى يوق. چاۋشيەن ئۇرۇش قوزغاپ سالسا يوقىتىش خاراكتېرلىك ئۆچ ئېلىشقا ئۇچرايدۇ، شۇڭا چوڭ كۆلەملىك ئۇرۇش قوزغاش مۇمكىنچىلىكى كىچىك. جۇڭگومۇ تىچلىق تەرەققىيات يولىدا چىڭ تۇرىدۇ، ئەلۋەتتە باشقا دۆلەتلەر جەڭنى جۇڭگوغا تاڭسا، بۇنىڭ يولى باشقا بولىدۇ.
ئەلۋەتتە، دياۋيۈ ئارىلىدىكى قانۇن ئىجرا قىلىش بولسۇن ياكى چاۋشيەن يېرىم ئارىلى كىرزىسى بولسۇن، ئىشنىڭ چېڭىغا چىقىپ كېتىش خەتىرى بار، ھەتتا قوراللىق توقۇنۇش يۈز بېرىشى مۇمكىن. ئەمما جۇڭگو، ياپونىيە، ئامېرىكا ھېچقانداق بىر دۆلەتنىڭ بىر مەيدان ئۇرۇشقىسى يوق، چەكلىك ئۇرۇش پارتلاش ئېھتىماللىقىنى چىقىرىپ تاشلاشقا بولىدۇ.
شۇنىڭ ئۈچۈن، بىز كەسكىن ھالدا شۇنى قىياس قىلالايمىزكى، بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر قەدەر ئۇزۇن مەزگىل ئىچىدە، جۇڭگوغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئۇرۇش خەتىرى بەك كىچىك، تىچلىق ۋە تەرەققىيات ئاساسىي تېمىسى ئۈزۈلۈپ قالمايدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرلا ۋاقىتتا شۇنى كۆرسىتىپ ئۆتۈش كېرەككى، تەييارلىق پۇختا بولغاندىلا خەتەردىن قۇتۇلغىلى، خاتىرجەم تەرەققىي قىلغىلى بولىدۇ، پۇختا ھەربىي تەييارلىق ئۇرۇشتىن ساقلىنىشنىڭ ئەڭ ئۈنۈملۈك يولى.
|
|