ئەي سۈيۈملۈك رەسۇلۇم
ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھنىڭ نامى بىلەن باشلايمەن.
مەزكۇر ئەسىرىمنى يازغۇچە ئاللاھنىڭ سۆزۈمگە قۇۋۋەت ، دىلىمغا مېھىرلىك ھارارەت ، تەپەككۈر قاناتلىرىمغا جاسارەت بېرىشىنى تىلەيمەن.
ئەي سۈيۈملۈك رەسۇلۇم...........ئىنسانىيەت ياۋۇزلۇقتا يىلپىزنىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ ، قەلىبلىرى سەھرايى كەبىردەك قاغجىراپ ، رەھىم شەپقەت ۋە ئادالەتنىڭ پەزىلىگە تەلپۈنگەن ، ئېسىل روھى خىسلەت ۋە مەنىۋىيەتنىڭ بۇلاقلىرىغا سايدا قالغان بېلىقتەك تەشنا ھالدا تىپىرلىغان دەۋىردە ، ئاللاھنىڭ ئىرادىسى بىلەن سۈزۈك ئاسماندىكى قۇياشتەك پارلاق ، ئۈنچە - مارجاندەك قەدرىلىك ، گۈل غۇنچىدەك سۈيۈملۈك ھەم خۇش پۇراق بىر ھەقىقەتنى ، گۈلدۈرمامىدەك جاراڭلىق ھەقنىڭ ساداسى بىلەن قان - زۇلۇم ئوتتۇرىغا مېھرىڭ بىلەن تاشلىدىڭ.
ئەي سۈيۈملۈك رەسۇلۇم ........ مۇبارەك يۈزلىرىڭگە دەسسەپ تۈكۈرۈپ زۇلۇم قىلىۋاتقانلارنىڭ گۇناھىنى ، زۇلۇم قىلىۋاتقان شۇ دەقىقىدە تىلەپ تۇردۇڭ << يارەببىم ماڭا زۇلۇم قىلغۇچىلارنىڭ گۇناھىنى كەچۈر ، چۈنكى ئۇلار بىلمەيدۇ >> دېدىڭ ، يىرتقۇچتىن غالجىر كىشىلەر ئۆز خاتالىقىنى تۇنۇپ كەلسە ئىللىق باغرىڭغا باستىڭ ، يىرتقۇچلارنىڭ قەلبىگە مېھرىبان يۈرەكلەرنى سالدىڭ ، ئىنسانىيەت ئۆچكە ، ئۆچ ئالغان بولسا سەن ئۆچنى يۇتۇپ مېھىر بېرىشنى ئۈگەتتىڭ ، تۈلكىدەك مەككار يۈرەكلەر ساپ ئالتۇندەك چىن بولدى ، قاغجىرىغان يۈرەكلە ياشىرىپ گۈل - غۇنچىگە تولدى .
ئەي سۈيۈملۈك رەسۇلۇم .......سەن ھېچكىم دىلىغا ئازار بېرىشنى خالىمايتىڭ ، جان - جانىۋارغىمۇ مۇھەببەت بەردىڭ ، كۈچىگىنى ئېمىتىۋاتقان بىر ئىتنى بىئارام قىلماسلىق ئۈچۈن قوشۇنلىرىڭنى يىراق جايدىن ئەگىپ ئۆتكۈزدۈڭ ، ئۈممىتىڭدىن بىر كىشىمۇ جۇمەگە ماڭار چاغدا يەكتىكىدە ئۇخلاۋاتقان مۈشۈكنى ئويغۇتىۋېتىشكە كۆڭلى بارماي يەكتىكىنىڭ پېشىنى كېسىپ جۈمەگە ماڭدى ، بۇ مېھرىبانلىقنى سەن ئۈگەتكەن ئىدىڭ.
ئەي سۈيۈملۈك رەسۇلۇم ......سەن دۇنياغا مىيزاندەك ئادىل ، پەرىشتىدەك ئاڭلىق ، قۇياشتەك ئىللىق ، يۇلتۇزدەك گۈزەل ، ئايدەك سۈيۈملۈك بىر جەمىيەتنى بەرپا قىلماق ئۈچۈن ، ئىنسانىيەت ئوتتۇرىغا مېھىر - مۇھەببەت ، قەدىر - قىممەت ، ئىلىم - ھېكمەت ، ھۆرمەت - ئىززەت ، ئەخلاق - پەزىلەت ۋە گۈزەل مەدەنىيەتنى سالماق ئۈچۈن ، تاڭ نۇرىدەك روشەن بۇ يولنى ھېكمىتى بىلەن ئېلىپ كەلدىڭ ، بۇ يول ئاقىللارنىڭ ئەقلىگە مەنتىقە بىلەن سىغدى ، ياخشىلارنىڭ قەلبىگە لەززەت بىلەن ياقتى.
ئەي سۈيۈملۈك رەسۇلۇم .......سەن ئاجىزلارنىڭ دىلىغا قۇۋۋەت ، غەمكىنلەرنىڭ دىلىغا شاتلىق ، قۇللارنىڭ دىلىغا ھۆرلۈك، روھسىزلارنىڭ دىلىغا ئۈمۈد ، جۇدالارنىڭ دىلىغا مۇھەببەت ، ياۋۇزلارنىڭ دىلىغا رەھىم ، پەسلەرنىڭ دىلىغا گۈزەللىكنى سالدىڭ ، دۇنيانى مېھىر - مۇھەببەت سۈيىگە قاندۇردۇڭ ، ئەقىل - پاراسەت ئالىمىدە پەرۋاز قىلدۇردۇڭ ، گۈزەللىكتە نەپىس قىلدڭ.
ئەي سۈيۈملۈك رەسۇلۇم...........سۈيۈش ۋە سۈيۈلۈش سەندىن ئايلانسۇن ، سۆيسە سېنىڭدەك سۆيسۇن ، سۆيۈلسە سېنىڭدەك سۆيۈلسۇن ، سۆيمەك بولسا ئاۋال ئاللاھنى ۋە سېنى سۆيسۇن ، سۆيۈلمەك بولسا سېنىڭ ئىزىڭنى باسسۇن . دۈشمەنلەر ئالدىدا ھۆرمەتلىنىپ دوستىدىن ئەمىن بولدۇڭ ، دوسلۇرۇڭ ئارىسىدا سۆيۈلۈپ جاندىن ئەزىز بولدۇڭ .
ئەي سۈيۈملۈك رەسۇلۇم.............. سېنىڭ ئاي يۈزىدەك يۇلۇڭدا باسقان قەدەم ئىزىڭ ئەقىل ساھىپلىرىغا قۇياش نۇرىدەك روشەن تۇرۇپتۇ ، بۇ گۈزەل يۇلۇڭغا ئىشتىراك بولغۇچى ئەقىل ساھىپلىرى ، ئىزىڭنى بېسىپ بۇ يۇلۇڭنىڭ گۈزەللىكى ۋە قەدىر - قىممىتىنى نامايەن قىلدۇرغۇسى ، ئىزىڭنى باسقۇچى ئەزىمەتلەر كوچىسى ئاللاھ خالىسا قىيامەتكىچە ئادەمسىز قالمايدۇ ، سېنىڭ بۇ گۈزەل يۇلۇڭنى گۈزەللىكى بىلەن دۇنياغا تۇنۇتقۇسى................
مەنبە : قەلبىم.
|