بۇ يازمىنى ئاخىرىدا wolf-man تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-3-31 22:17
ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مىھرىبان اللەنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن .
1-سەھلى ئىبنى سەئدى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دىگەن: ئىككى چاغدىكى دۇئا ھەرگىز رەت قىلىنماي، ئىجاۋەت قىلىنىدۇ، ئەزان نىداسى ئاڭلانغاندىكى دۇئا بىلەن بەزىسى – بەزىسى بىلەن قۇچاقلاشما جەڭ قىلىۋاتقان، جەڭ مەيدانىدىكى دۇئا ئىجاۋەت قىلىنىدۇ.
ئەبۇ داۋۇد، ھاكىم، ئىبنى ھەببان،دارىمى توپلىغان،
تەھلل -يۇقاردىكى ھەدىستە ئەزان نىداسى ئاڭلانغاندىكى دۇئا رەت قىلىنماي ئىجابەت قىلىنىدۇ دىيىلگەن - ئەگەر سىز مەسچىتتە ياكى يولدا كىتۋىتىپ بىرەر مەسچتىنىڭ ئالدىدىن ئۈتۈپ كىتۋاتقان ۋاقتىڭىزدا ئەزان چىقىپ قالسا - ئەزاننى ئاڭلاپ بولغاندىن كىيىن شۇ پەيتىنى چىڭ تۇتۇپ دۇئا قىلۋىلىڭ ،
2-جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دىگەن: كىم ئەزاننى ئاڭلىغان چاغدا: «ئاللاھۇممە رەببى ھازىھىد دەئۋەتىت تاممەتى ۋەسسالاتىل قائىمەتى ئاتى مۇھەممەدىل ۋەسىيلەتە ۋەلفەزىيلەتە ۋەبىئەسھۇ مەقامەم مەھمۇدەللەزى ۋەئەتتەھۇ-ئىننەكە لاتۇخلىفۇل مىئاد»
تەرجىمىسى: ئى كامىل ئەزاننىڭ ۋە ئۇقۇلغۇسى نامازنىڭ ئىگىسى بولغان (مىھىرىبان) اللە ، بەندەڭ ۋە روسۇلۇڭ مۇھەممەدكە جەننەتتكى ئالى ئۇرۇننى ۋە يۇقېرى مەرتىۋىنى بەرگىن ، مۇھەممەدكە ۋەدە قىلغان شاپائەت قىلش بۈيۈك ماقامىغا يەتكۈزگىن-ھەقىقەتەن سەن ۋەدەڭگە خىلاپلىق قىلمايسەن» دېسە، قىيامەت كۈنى ئۇ كىشىگە شاپائىتىم يېتىدۇ(قىيامەت كۈنى اللەنىڭ ئۇ كىشىنىڭ گۇناھىنى مەغپىرەت قىلىپ جەننەتكە كىرگۈزىشنى تىلەيمەن)، ....... ئەھمەد، بۇخارى توپلىغان.
تەھلل - ئەزاننى ئاڭلاپ بولغاندىن كىيىن ئامال بار يۇقاردىكى دۇئانى ئۇقۇڭ . اللە نىسىپ قىلسا شۇ دۇئايىڭىزنىڭ سەۋەبىدىن قىيامەت كۇنى پەيغەمبىرمىزنىڭ شاپائىتىگە ئىرىشىپ جەننەتكە كىرىپ جەننەتتىن بىر كىشلىك ئۇرۇن ئىلىپ قىلشىڭىز مۇمكىن .
3-ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم:"يەتتە خىل ھالاكەتلىك گۇناھتىن ساقلىنىڭلار"دېگەندە، كىشىلەر"ئىي رەسۇلۇللاھ، ئۇ گۇناھلار قايسىلار؟"دەپ سورىغان. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم"ئاللاھقا شېرك كەلتۈرۈش،سېھرىگەرلىك قىلىش، ناھەق ئادەم ئۆلتۈرۈش، جازانىخورلۇق قىلىش، يېتىمنىڭ مېلىنى يەۋېلىش، جەڭ مەيدانىدىن قېچىش، ئىپپەتلىك، پاك مۆئمىن ئايالغا بوھتان چاپلاش"دىگەن.(ئىمام بۇخارى ۋە ئىمام مۇسلىم توپلىغان ھەدىس)
تەھلىل - يۇقۇرىدا دىيلىگەن ھالاك قىلدىغان يەتتە تۇرلۇك گۇناھنىڭ 1-اللەغا شىرىك كەلتۇرۇش
اللەغا شرىك كەلتۇرۇش قانداق بۇلىدۇ-ناسارالارغا ئوخشاش اللە مەۋجۇت ،لىكىن مەريەم اللەنىڭ خۇتۇنى ، ئىسا ئەلەيھىسسالام اللەنىڭ ئوغلى دىگەندەك باتىل كۆز قاراشتا بۇلۇش . يەنە ھىندى دىنى بۇددا دىندىكىلەرگە ئوخشاش ياراتقۇچى مەۋجۇت لىكىن بۇتلار بىزنى ياراتقۇچىغا يىقنىلاشتۇرىدۇ دەپ قاراش ..........مانا مۇششۇلار اللەغا شىرىك كەلتۇرۇش بۇلىدۇ .
ھالاك قىلدىغان يەتتە تۇرلۇك گۇناھنىڭ 2-سېھرىگەرلىك قىلىش
سېھرىگەرلىك قىلىشنى پەيغەمبىرمىز ھالاك قىلدىغان گۇناھ دەپ ئۈزى دىدى ، شۇڭا سىھىرگەرلىك قىلماڭ ، سىھرگەرلىك قىلدىغان تۇنۇشلىرىڭىز بولسا يۇقاردىكى ھەدىسنى يەتكۇزۇپ قۇيۇڭ .
ھالاك قىلدىغان يەتتە تۇرلۇك گۇناھنىڭ 3-ناھەق ئادەم ئۆلتۈرۈش - ...................
ھالاك قىلدىغان يەتتە تۇرلۇك گۇناھنىڭ 4-جازانىخورلۇق قىلىش
جازانىخورلۇق قىلىشنى پەيغەمبىرمىز ھالاك قىلدىغان گۇناھ دەپ ئۈزى دىدى .شۇڭا ئۈسۈم ئالدىغان بىرىدىغان ھەرقانداق ئۇرۇن ۋە شەخىس بىلەن مۇئامىلە قىلىش قەتئى توغرا ئەمەس .
ھالاك قىلدىغان يەتتە تۇرلۇك گۇناھنىڭ 5-يېتىمنىڭ مېلىنى يەۋېلىش
ئاتا ئانىسى يوق يىتىم بالىنىڭ پۇلىنى مىلىنى ئالداپ ياكى بۇلاپ يەۋىلىش ئەلۋەتتە چوڭ گۇناھ .
ھالاك قىلدىغان يەتتە تۇرلۇك گۇناھنىڭ 6-جەڭ مەيدانىدىن قېچىش
ئىسلامنى- يۇرتنى -قەۋم قىرىندىشىنى قۇغداش ئۇرۇشىدا دۇشمەنلەر بىلەن ئۇرۇش قىلۋاتقان ۋاقىتتا ئۈزىنىڭ بىر كىشلىك رۇلىنى جارى قىلدۇرماي جەڭ مەيدانىدىن قىچىش ئەلۋەتتە ئەيپلنىشكە تىگىشلىك ئىش .
ھالاك قىلدىغان يەتتە تۇرلۇك گۇناھنىڭ 7-ئىپپەتلىك، پاك مۆئمىن ئايالغا بوھتان چاپلاش
ئىپپەتلىك، پاك مۆئمىن ئايالغا بوھتان چاپلاش قانداق بۇلىدۇ - ئايال تۇنۇشڭىزدىن بىرەرسى ئىسلامنى چۈشۈنۈپ يىتىپ تۇيۇقسىزلا ياغلىق چىگىدىغان ، ئۈزۇن كىيىم كىيىدىغان بۇلۇپ قالسا ئۇنى بۇزۇلۇپتىكەن ئەمدى تۆۋبە قىلمەن دەپ بۇۋىم بولۋاپتۇ دەپ پىتنە تاقىتىش ، ئەرەپنى دورىۋالغانلار دىيىش ، جالاپ قىرىسا بۇۋىم بۇلامىش دەپ ھاقارەتلەش ، ياكى نەمەلۇم ئىشلار بىلەن گۇناھىسز ئىپپەتلىك، پاك مۆئمىن ئايالغا بوھتان چاپلاش ئۇنىڭغا زىيانكەشلىك قىلىش ، بىكاردىن بىكار ئۇرۇش ھالاك قىلىدىغان گۇناھ قاتارىندىندۇر .
مەنبە سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمى ۋە مەن .
|