- تىزىملاتقان
- 2012-9-25
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-2-5
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 8589
- نادىر
- 0
- يازما
- 524
ئۆسۈش
71.78%
|
تۆۋەندىكىسى ھوشۇر ئىسلامنىڭ دادىسىنىڭ تەرجىمھالى
ھېنىپاخۇن ئىسلام
مەرېپەتپەرۋەر، يۇرت جامائەت ئىشلىرىغا ئەجىر سىڭدۈرگەن ھېنىپە ئىسلام 1898- يىلى قازاقىسىتاننىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى شۇڭقار يۇرتىدا تۇغۇلغان، 1930-يىلى سابىق سەۋىت ئىتتىپاقىدىن قېچىپ كۆچۈپ كېلىپ، چوڭبۇغرا ساي (جىلغا) ئىچىگە گەمە كولاپ ئولتۇراقلاشقان. ئۇ يۇرتداشلىرىغا باش پانا بولۇپ، ئەينى ۋاقىتتىكى جان بېقىش يوللىرىنى تېپىپ ھەل قىلىشقا كۆپ كۆچ سەرىپ قىلىپ، يۇرتداشلىرىنىڭ ھىمايىسىگە ئېرىشكەن.
1946- يىلى ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلاۋى مەزگىلىدە خونخاي تەۋەسىدىكى ئۆلكە بېنەم يەرلەرنىڭ بىر قىسىم ئىگىلىك ھوقۇقى قېچىپ كۆچۈپ كەلگەن كىشىلەرگە بېرىلگەندە، ئۇ يۇرتقا باشلامچى بولۇپ، يۇرت چوڭلىرى بىلەن مەسلىھەتلىشىپ، سوپۇنبۇلاق سېيىنىڭ شەرىق تەرپىگە مەھەلە بېنا قىلىپ، گەمە ئۆيلەردىن تام ئۆيلەرگە كۆچۈپ چىققان. 1946- يىلى بۇ مەھەلىگە مەكتەپ سېلىشتا ئۇ باشتىن ئاخرغىچە كۈچ چىقىرىپ، ئۆزى مەبلەغ ياردەم قىلغاننىڭ سىرتىدا، يۇرت جامائەت كىشىلىرىنىمۇ مەكتەپ قۇرۇش ئىشىغا مەبلەغ ئېئانە قىلىشقا سەپەرۋەر قىلغان. ئۇ يەنە بۇ كەنىتنىڭ بىر يىللىق دېھقانچىلىق چارۋاچىلىق باج پۇلىنى مەكتەپ سېلىشقا ئىشلىتىش ئۈچۈن كەنىت باج خىزمەتچىسى ساۋۇت قىرغىزباي بىلەن بىرلىشىپ، كۆپ قېتىم يۇقۇرغا ئىلتىماس قىلىپ، كەنىتنىڭ بىر يىللىق دېھقانچىلىق، چارۋۇچىلىق بېجىنى مەكتەپ قۇرلۇش ئشلىرىغا ئىشلىتىشنى ھەل قىلغان. ئۇ ئۆز ئوغىلى ئازاتنى مەكتەپ قۇرلىشى ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان ياغاچلارنى تاغدىن توشۇپ ئەكىلىشكە ھەقسىز ئىشلەتكەن. ئۇ 1952- يىلىدىن 1956- يىلىغىچە بەش پەرزەنتىنى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇتۇش ئۈچۈن جاغىستايدىن ئۆي ئىجارە ئېلىپ ئوقۇتقان. ئۇ يەنە 1960- يىللىرىدىكى ئېغىر ئاچارچىلىق ۋە قىيىنچىلىق يىللىرى قىلچە ئىككىلەنمەي ئۈچ ئوغۇل، ئىككى قىز پەرزەنتىنى ئالى مەكتەپلەردە ئوقۇتۇپ، جەمئىيەتكە ياراملىق ئادەملەرنى يېتىشتۈرگەن. جامائەتكە تونۇشلۇق ئۇچۇر تېخنىكا ئالىمى ئاكادىمىك ھوشۇر ئىسلام ئەنە شۇ بەش پەرزەنىتنىڭ بىرسىدۇر.
1962- يىلىدىكى «29- ماي ۋەقەسى» دىكى سىياسى ھەركەتتە، (1960- يىلى ئۇنىڭ نۇرمەھەممەت ئىسىملىك بىر ئوغلى سابىق سەۋىت يېرىگە كۆچۈپ كەتكەنلىگى ئۇنىڭغا باھانە بولۇپ)، «قوش يۈرەك» دېگەن بەتنامە چاپلىنىپ، 1963- يىلى شۇ مەزگىلدە چېگىرا رايون ھېساپلانغان سوپۇمبۇلاق يۇرتىدىن چاپچال ناھىيەسىنىڭ كان يېزىسىغا كۆچۈرۋېتىلگەن. ئۇ كان يېزىسىدا 1974- يىلى 84 يېشىدا ۋاپات بولغان.
يۇقارقىلاردىن باشقا يەنە بىر ئۆمۇر مائارىپ سېپىدە ئوقۇتقۇچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىپ جەمئىيەتكە ياراملىق بىلىم ئەھىللىرىنى يېتىشتۈگەن ئابدۇۋەلى ئابدۇرۇسۇل، ئاسىم مەسۇم، ئولپەز بەرى، خۇسۇر شېرىپ، قەمىردىن، ئاشۇبەك (قازاق )، چويۇنبەك (قازاق ) سايىت، باۋخان ئىسھاق، پولات ئىسھاق، قاتارلىقلار خەلىق قەلبىدىكى ئوقۇتۇچىلاردۇر.
ئەل يۇرت ئىشىغا ئىزچىل ئارلىشىپ، خەلقنى ياخشى يولغا باشلىغان، ئابدۇرېھىم ھاجى، غىياسىدىن ھاجى، سادىر توكۇر (لەقىمى توكۇر ئىدى)، يولداش باي، شېرىپ يۈز بېگى ساۋۇت ئەللىك بېشى، تۇرغاندىن ئەللىك بىشى، ئابدۇللا پېتەك، پالتا (پالتە بوۋاي)، ساۋۇت قىرغىزباي، ئاۋاكرى ئەللىك بېشى، خۇشنەزەر قازى، دۇگان، (دۇگان بوۋاي )، مېھراپ ئىمام، ئابلىز مەزىن، نەمان بوۋاي، ئابدۇللا سىدىق (ئابدۇل دۈيجاڭ ) قاتارلىق كىشىلەرنىڭ ياخشى ئىش – ئىزلىرىنى خەلق ھازىرمۇ سېغىنىپ، يادقا ئالىدۇ.
|
|