قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 1975|ئىنكاس: 22

ھوشۇر ئىسلام ھەققىدە

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

8

تېما

0

دوست

668

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   33.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  16886
يازما سانى: 51
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 190
توردىكى ۋاقتى: 41
سائەت
ئاخىرقى: 2013-6-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-1 08:17:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   uzturik تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-4-1 08:18  


  كومپىيۇتېر مۇتەخەسسىسى ، دوكتۇر ئاسپىرانىت يېتەكچىسى ھوشۇر ئىسلام 1942-يىلى 20-ئاۋغۇسىت غۇلجا شەھىرى چاپچال ناھىيىسى جاغىستاي يېزىسىدا تۇغۇلغان . بۇ قەدىمى يۇرت چاپچال ناھىيىسى ئىلى دەرياسى بىلەن تەڭرىتاغ تىزمىلىرى ئارىلىقىدىكى 40~50 كىلومېتىرچە يانتۇ تەكشىلىككە ، تاغ باغرى ئېتىكىدىكى يېشىل ۋادىغا جايلاشقان بولۇپ ، يىراقتىن تارىختىن قالغان ، سۈكۈتتە تۇرغان يادنامىدەك تەسىر بېرەتتى. ھەيران قالغىنىم ئاز ئۇچرايدىغان ئۈچ خىل يايلاق ئېكولوگىيىسى ، تەبىئى ئەۋزەللىك شۇ ئارىلىقتا تېپىلىدىكەن .
    ئۇ ئەنە شۇ گۈزەل ۋادىنىڭ ئەركىن قۇشىدەك ئارزۇ-ئارماننى بويلاپ ، « پەلەك چاقى» دېگەندەك بىراقلا يىراقلارغا پەرۋاز قىلىپ ، ئىلى پېداگوگىكا مەكتىپى ، شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتىدا فىزىكا كەسپىنى ئەلا نەتىجە بىلەن پۈتتۈرۈپ ، 22 يېشىدا قەشقەر پېداگوگىكا ئىنىستىتۇتىغا كېلىپ نەق 17 يىل ئىشلەپ ، ياشلىقتىن قىرانلىققا دەۋرىگە قەدەم باسقان تەقدىرىي قىسمەتنى تۇيمايلا قالدى .
   ئۇ 1981-يىلى شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتىتىغا يۆتكىلىپ كېلىپلا يېڭى شارائىتقا غەرق بولۇپ ، بىر قاتار كەسپىي ، مەمۇرىي ۋە ئىجتىمائىي ئىشلارنى ئۈستىگە ئېلىپ ئىشلەشكە باشلىدى . بولۇپمۇ تەتقىقات ، ئوقۇتۇش مەسئۇلىيەت جاۋابكارلىقى ئېغىر خىزمەت بولغاچقا ، باشتىن-ئاخىر كۈچلۈك بېسىم ، ئەندىشە ، تەقەززالىق ئىچىدە ياشىدى . ئەلۋەتتە نەتىجىلەردىن ئۇلا ئەمەس ، خەلقىمىز خۇش بولدى .ئۇ خىزمەتلەرنىڭ ئوڭۇشلۇق ، نەتىجىلىك راۋاجى ئۈچۈن ، ۋاقىت ئىچىدىن ۋاقىت چىقىرىپ ، ئىلمىي پوزىتسىيىدە بىر قانچە مۇلازىمەت ئامىلىنى توغرا ھەل قىلىپ ماڭالىدى .
    ۋاقىت ، ئومۇمىي پائالىيەت ، ئىش ئۈنۈمدارلىقى ؛ يەككە ، كۆپ قاتلاملىق ھەم بىرلەشمە تېما ؛ كەسپىي ، مەمۇرىي ھەم ئىجتىمائىي خىزمەت ؛ شەخسىي ياكى ئائىلە ھەم كوللىكتىپ ئىشلار قاتارلىق تۆت قاتلامدىكى ئۈچ خىل مۇناسىۋەت باغلىنىشىنى توغرا ماسلاشتۇرۇپ ، يۈكسەك مەسئۇلىيەت ، جاسارەتتە ، تۈنلەرنى تاڭلارغا ، خىياللارنى نىشانلارغا ، تەسەۋۋۇرنى تەپەككۇرغا ئۇلاپ ، پىلانلىق ، سىتېمىلىق ئىشلەپ ماڭدى .
تەتقىقات مەزمۇنى تېمىدىن تېمىغا ، ئاددىيلىقتىن مۇرەككەپلىككە ، رايون سەۋىيىسىدن دۆلەت ، خەلقئاراغا يۆتكەلگەندە ئەلۋەتتە مۇناسىپ ئىزدىنىش ، ئۇسۇل ، سەۋىيە ، تەپەككۇر ئالدىن يېتەكچىلىك رولىنى ئوينىدى . بەزى زىددىيەت-خىرىسلىق ئىشلارنى ئازابلىق كەچۈرمىشلىرىنى باشقىلارنى ئاياپ پىنھان تۇتۇپ ، باش چۆكۈرۈپ ئىشلىدى .


  ھوشۇر ئىسلام شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتىتىنىڭ پروفېسسورى ، دوكتۇر ئاسپىرانت يېتەكچىسى . مەركىزىي كومپارتىيە تەشكىلات بۆلۈمى باشقۇرۇشىدىكى مۇنەۋۋەر مۇتەخەسىس ۋە ش ئۇ ئا ر رايونلۇق ئالاھىدە دەرىجىلىك پەن-تېخنىكا مۇكاپاتىغا ( 500 مىڭ يۈەن ) ئېرىشكەن بىردىنبىر ئازسانلىق مىللەت ئالىمى .ئۈچ قېتىم جۇڭگو قۇرۇلۇش ئاكادېميىسىنىڭ ئاكادېمىلىكىگە كۆرسىتىلگەن نامزات . دۆلەتلىك ئالاھىدە تۆھپىكار مۇتەخەسىس ، دۆلەتلىك ئىلغار خىزمەتچى ، ئاپتونۇم رايونلۇق مۇنەۋۋەر مۇتەخەسىس ( ئۈچ نۆۋەت ) ، دۆلەتلىك 10 مۇنەۋۋەر مۇھاجىر خادىمىنىڭ بىرى . ئاپتونۇم رايونلۇق مۇتەخەسىسلەر مەسلىھەتچىلەر كومىتىتى ھەيئىتىنىڭ ئەزاسى ،ئاپتونۇم رايونلۇق ئىلمىي ئۈنۋان كومىتىتىنىڭ ئەزاسى ،  مەملىكەتلىك ۋە ئاپتونۇم رايونلۇق كومپىيۇتېر ، ئۇچۇر جەمىيئەتلىرىنىڭ ھەيئەت ئەزاسى ھەم مۇئاۋىن مۇدىرى ، دۆلەتلىك «211 قۇرۇلۇشى » « شىنجاڭ ئۇچۇر تېخنىكىسى ھەم ئالاقە ئىلمى » نۇقتىلىق پەن قۇرۇلۇشىنىڭ يېتەكچىسى ، دوكتۇر ۋە دوكتۇر ئاشتى تەربىيىلەش مەركىزىنىڭ قۇرغۇچىسى ، 4 خىل كومپىيۇتېر ئۇچۇر ماگىستىرلىق تەربىيىلەش مەركىزىنىڭ ھەم كۆپ خىل تىل –يېزىقلىق ئۇچۇر تېخنىكىسى تەتقىقات مەركىزىنىڭ قۇرغۇچىسى . ئۇ 50 تىن ئارتۇق ئاسپىرانت ۋە ياش تايانىچنى تەربىيىلىگەن . خەلقئارالىق ، مەملىكەتلىك ژۇرناللاردا 70 تىن ئارتۇق ماقالە ئېلان قىلغان . ئىككى قېتىم خەلقئارالىق ، مەملىكەتلىك يىغىنلارغا رىياسەتچىلىك قىلغان ، 15 قېتىمدىن كۆپرەك خەلقئارالىق يىغىنلاردا ماقالە ئوقۇغان . 10 پارچە ئالىي مەكتەپ دەرىسلىكى يازغان . 10 مىڭدىن ئارتۇق كومپىيۇتېر –ئېلىكترون سۆزلۈكلىرىنىڭ ئۆلچەملىك ئاتالغۇسىنى بېكىتىپ چىققان . بۇلار ھەرقايسى ساھەلەردە كەڭ قوللىنىلىۋاتىدۇ .
    پەن-تېخنىكا جەھەتتە :
    ھازىرغىچە دۆلەت «863 » يۇقىرى تېخنىكىلىق تەتقىقات پىلانىدىكى ئىقتىدارلىق ماشىنا تەتقىقات تۈرىدىن يەتتىگە ، دۆلەت تەبىئىي پەن فوندى تەتقىقات تۈرىدىن ئۈچكە ، يەنە مەملىكەت ۋە ئاپتونۇم رايونلۇق نۇقتىلىق تەتقىقات تۈرلىرى بولۇپ جەمئى 20 تۈرگە يېتەكچىلىك قىلغان . 20 دىن ئارتۇق كۆپ خىل يېزىق ئۇچۇرلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش يېڭى سىستېمىلىرىنى تەتقىق قىلىپ ، يېڭى ئۇسۇل ، يېڭى تېخنىكىلارنى ئوتتۇرىغا قويغان . بۇ مۇۋەپپىقىيەتلىرى بىلەن مەملىكەتلىك پەن-تېخنىكا تەرەققىياتى بويىچە 2-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ۋە 3-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن . ئۈچ تۈردە ئاپتونۇم رايونلۇق پەن-تېخنىكا تەرەققىياتى بويىچە 2-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن . ئالتە تۈر « مەملىكەتلىك تۇنجى ئىجادىيەت » ۋە « خەلقئارالىق ئىلغار سەۋىيە » دەپ بېكىتىلگەن . بەش تۈردە مەملىكەتلىك ئالدىنقى سەۋىيىگە يەتكەن . سەككىز تۈردە مەملىكەتلىك پاتېنىت ھوقۇقىغا ئېرىشكەن . نۆۋەتتە دۆلەتلىك ۋە ئاپتونۇم رايونلۇق تەتقىقات تۈرىدىن سەككىزگە يېتەكچىلىك قىلماقتا .
ئۇ ئازسانلىق مىللەتلەر ئۇچۇر بىر تەرەپ قىلىش ساھەسىنى ئاچقان . ئازسانلىق مىللەتلەر تىل-يېزىقىدىكى كۆپ خىل يېزىقلىق dos2.0 دىن dos6.0 گىچە ، windows3.1/95/98/2000/xp تۈرىدىكى ھەرخىل مەشغۇلات سىستېمىلىرى ۋە يۇمشاق دېتاللارنى ئىشلەپ چىققان . ئوخشىمىغان يۆنىلىشتىكى ، ئوخشاشمىغان كەڭلىكتىكى كۆپ خىل يېزىقلارنى قوش يۆنىلىشتە ئارىلاشما بىر تەرەپ قىلىشنى ھەل قىلغان .
    ئۇ تۇنجى بولۇپ تەتقىق قىلىپ چىققان ئۇيغۇرچە ، خەنزۇچە ، ئىنگلىزچە چاقىرغۇ ۋە يانفونلار شىنجاڭدا تورلاشتى . ئازسانلىق مىللەتلەرنىڭ ئۆلچەملىك توچكىلىق ھەرپ ئامبىرىنى قۇرۇپ ، ۋېكتورلۇق ھەرپ ، ئۈچ ئۆلچەملىك ئەگرى سىزىقلىق ھەرپ دەرىجىسىگە كۆتۈردى . مېخانىك خەت بېسىش ، مىخ مەتبەئە ساھەسىنىڭ ئېلىكترونلۇق ماشىنا ، ئاپتوماتلىشىش دەۋرىگە كىرىشىگە زور تۆھپە قوشتى .
    دۆلەت ئىچى-سىرتىدا altay تىل سىستېمىسىدا تۇنجى بولۇپ ئۇيغۇرچە ئاۋاز تونۇش  سىستېمىسىنى ئىشلەپ چىقتى . ئۇنىڭ 40 مىڭغا يېقىن سۆزلۈكنى تونۇش ئىقتىدارى %95 كە يەتتى . مۇئاۋىن زۇڭلى بۇ سىستېمىنى كۆرۈپ يۇقىرى باھا بەردى . ھوشۇر ئىسلام 10 نەچچە يىللىق جاپالىق ئەمگىكى ئارقىلىق ئۇيغۇرچە ، قازاقچە ، قىرغىزچە يېزىق ئۇچۇرلىرىنىڭ خەلقئارالىق ۋە دۆلەتلىك ئۆلچىمىنى بېكىتىش ۋە ئۇنى unicode غا كىرگۈزۈپ ئۇيغۇرچە ، قازاقچە ، قىرغىزچە ئۇچۇر بىر تەرەپ قىلىش ۋە ئالماشتۇرۇشنى خەلقئاراغا يۈزلەندۈرۈشتە ئالاھىدە تۆھپە ياراتتى . ھازىر يېڭى يېزىقنى ۋە كونا ئۇيغۇر يېزىقى (orkhun) نى خەلقئارالىق ئۆلچەمگە كىرگۈزۈشكە كۈچەۋاتىدۇ . ئۇ تورلاشتۇرۇشتىكى « كۆرۈش ، مۇلازىمەتچى ، مەلۇمات ئامبىرى » دىن ئىبارەت ئۈچ قەۋەتلىك سىستېما قۇرۇلۇشى قاتارلىق مۇرەككەپ مەسىلىلەرنى ھەل قىلدى .
    ھوشۇر ئىسلام ۋە ئۇنىڭ شاگىرىتلىرى ، خىزمەتداشلىرى 20 نەچچە يىللىق جاپالىق ئەمگىكى نەتىجسىدە ،شىنجاڭ ئازسانلىق مىللەتلەر ئۇچۇر بىر تەرەپ قىلىش ئىشلىرىنى كۆپ مۇھىتلاشتۇرۇش ، تورلاشتۇرۇشنى يېڭى سەۋىيىگە كۆتۈردى .
    يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۇنىڭ مۇۋەپپىقىيەتلىرىدىن ياسالغان مەھسۇلاتلار شىنجاڭ ھەم چەتئەللەرگە تارقالدى .
   ئەمەلىي قوللنىلىدىغان سىستېمىلار :
    كۆپ خىل يېزىق « شىڭ خەن » ۋە «بوغدا » مەتبەئە سىستېمىسى ، ئازسانلىق مىللەت ئۇچۇر ئامبىرىنى ئاپتوماتىك شەكىللەندۈرۈش سىستېمىسى ، ئۇيغۇرچە ئاۋاز تونۇش-سىتېزلاش سىستېمىسى ، « ئۇيغۇرچە كومپىيۇتېرلىق ئائىلە ئوقۇتقۇچىسى » ، ئۇيغۇرچە-خەنزۇچە-ئىنگىلىزچە چاقىرغۇ ، ئىنگىلىزچە-خەنزۇچە –ئۇيغۇرچە ئىلىكترونلۇق لۇغەت ،شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتىتى «863» ۋە «سەردار » تور بېكەتلىرى ،« دەن چىن » ماركىلىق ئۇيغۇرچە –خەنزۇچە-ئىنگىلىزچە ئېلىكترونلۇق كۇتۇپخانا ، ئۇيغۇرچە-خەنزۇچە يانفۇن (ئۈچ خىل ) ،رادىئو ئىستانسىسى ھۆججەت تور سىستېمىسى ، ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىنىڭ ئېلىكترونلۇق ھۆججەتلىرىنى يوللاش ، قوبۇللاش سىستېمىسى ، ئۇيغۇرچە ئىشخانا ، ئۆزلۈكىدىن ئۆگەنگۈچىلەر ئۈچۈن ئىمتىھان ئېلىش سىستېمىسى ، ئۇيغۇرچە ، ئەرەبچە ، روسچە linux مەشغۇلات سىستېمىسى قاتارلىقلار .
    ھازىر كومپىيۇتېر كۆپ خىل يېزىقلىق ئۇچۇر تېخنىكىسى ھەم نەزەرىيىسى ساھەسىدە مەملىكەتلىك ھەم ئاپتونۇم رايونلۇق سەككىز نۇقتىلىق تەتقىقات تېمىسىنى ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا ، غەربىي ئاسىياغا يۈزلەندۈرۈش تەتقىقاتىدىن ئىككىنى ئىشلىمەكتە . ئۇ يېتەكلىگەن ستۇدېنىتلارنىڭ كەشپىياتلىرىمۇ ئالاھىدە نەتىجىلىك بولماقتا . 6-نۆۋەتلىك « غالىبلار لوڭقىسى » مەملىكەتلىك سىتۇدېنىتلار ئىلىم-پەن ، تېخنىكا ئەسەرلىرى مۇسابىقىسىگە 322 ئالىي مەكتەپتىن 1049 ئەسەر ( شىنجاڭدىن 11 ) قاتناشتۇرۇلغانىدى . شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتىتى 7-لىككە ( مەملىكەت ئىچىدە چىڭخۇادىن قالسىلا 2-لىككە ) ئېرىشكەن . ھوشۇر ئىسلام « مۇنەۋۋەر باغۋەن » مۇكاپاتىغا ۋە شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتىتى « رىغبەتلەندۈرۈش » ، « تەشكىللەش » مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن .
بۇ مۇسابىقە دەرىستىن سىرتقى پائالىيەت بولغاچقا بەزى چەكىلىمىلەرگە ئۇچرىسىمۇ ، ئەمما ئەركىن ئىشلەش ھەم بازار ئىگىلىكىنىڭ تۈرتكىسىدە ھەقىقى قەھرىماننى ، ئىقتىدارلىقلارنى سىنايدىغان جەڭگاھتەك رول ئوينايدۇ . بۇ مەنىدىن قارىساق نەتىجىنىڭ قىممىتى يەنىمۇ ئاشىدۇ . مانا بۇ نەتىجىلەرنىمۇ پروفېسسورنىڭ يېتەكچىلىكىدىن ۋە ئەجرىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ .
    ھوشۇر ئىسلامنىڭ نەتىجىلىرىنىڭ شۇنداق يۇقىرى باھالارغا ئېرىشىپ ، دۆلەت ۋە خەلقئارالىق ئىلىم-پەن مۇنبىرى ۋە ژۇرناللاردا تونۇشتۇرۇلۇشى ئۇنىڭ تەتقىقات ئىشلىرىنىڭ ئىجتىمائىي ئەھمىيىتى ، ئىقتىسادىي ئۈنۈمى ، تېخنىكىلىق قىممىتى ۋە نەزەرىيىۋى سەۋىيىدە يۇقىرى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ . شۇ ۋەجىدىن ئۇ مەملىكەتلىك ئالاھىدە تۆھپە ياراتقان مۇتەخەسسىس ، غەربىي شىمالنى ئېچىشتا تۆھپىسى ئالاھىدە مۇتەخەسسىس ، پارتىيە مەركىزىي كومىتىتى تەشكىلات بۆلۈمى ئالاقىلىشىدىغان ، يەنە ئاپتونۇم رايونىمىزدا « پەن-تېخنىكا تەرەققىياتى ئالاھىدە مۇكاپاتى » غا ئېرىشكەن بىردىنبىر ئازسانلىق مىللەت مۇتەخەسسىس .گوۋۇيۈەن فوندىدىن بەھرىمەن بولغۇچى مۇتەخەسسىس ، دۆلەتلىك 10 مۇنەۋۋەر مۇتەخەسسىس قاتارلىق ھەرخىل كەسپىي مۇكاپات ، يۇقىرى شەرەپ ، ئىنئام ۋە مەمۇرىي خىزمەت ئورۇنلىرىغا مۇيەسسەر بۇلالىغان . فاكۇلتىت مۇدىرى ۋە باشقا بىر قاتار مەمۇرىي ، ئىجتىمائىي خىزمەتلەرنىمۇ بىللە ئىشلىگەن .
    يۇقىرىقى نەتىجىلەرنىڭ سان-سۈپىتىدىن ھەم سېلىنما مەھسۇلات نىسبەت قائىدىسىدىن قارىساق ، بىر كىشىنىڭ ئەمەس ، خۇددى نەچچە ئون كىشىنىڭ ، شۇنداقلا سېلىنمىدىن ھەسسىلەپ ئېشىپ كەتكەن ھاسىلات تۇيغۇسى بېرىپ ، ھۆرمىتىمىزمۇ شۇنچە ئېشىپ ئاپىرىن ئوقۇماي تۇرالمايمىز .
    ئادەمنىڭ ئىقتىدارىغا ئىقتىسادىي مۇھىت ، قاتتىق دېتال قىسمى سەپلەنسە ، مۆجىزە يارىتالىشى مۇمكىن ئىكەن . بىرەر ئىشنىڭ ۋۇجۇتقا چىقىشى ھامان مەلۇم قوللاشتىن ئايرىلالمايدۇ . پروفېسسور ئېرىشكەن شان-شەرەپ ، نەتىجىلەر تەشكىلنىڭ قوللىشى ، ئۆزىنىڭ تىرىشچانلىقى ، دەۋرىمىزنىڭ مەھسۇلى –نەمۇنىسى .
    ھوشۇر ئىسلامدەك تەبىئى پەن ئالىملىرىمىز ، ئوخشاشلا ئىجتىمائىي پەن ساھەسىدىكىلەر ، ئىسلاھات-رىقابەت دەۋرىنىڭ پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ ، ئەقلىي-قۇۋۋەت كارامىتىنى كۆرسىتىپ ، مەملىكەتلىك ، خەلقئارالىق نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ ، يۇرتىمىزنىڭ شان-شۆرىتىنى ئاشۇرۇپ ، كەڭ سەپ بويىچە ئىجادىي روھ ، جاسارەت ئۇرغۇتىشىدا زور رول ئوينىماقتا . بۇلار ئازسانلىق مىللەت ئىلىم-پەن خادىملىرىنىڭمۇ دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلىشىگە ئۈلگە-نەمۇنە تىكلەپ بەردى.


9

تېما

6

دوست

8257

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

ئۆسۈش   100%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  14993
يازما سانى: 1097
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 52
تۆھپە : 2344
توردىكى ۋاقتى: 135
سائەت
ئاخىرقى: 2013-6-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-1 15:43:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەي سۈيۈملۈك رەسۇلۇم.............. سېنىڭ ئاي يۈزىدەك يۇلۇڭدا باسقان قەدەم ئىزىڭ ئەقىل ساھىپلىرىغا قۇياش نۇرىدەك روشەن تۇرۇپتۇ ،  بۇ گۈزەل يۇلۇڭغا ئىشتىراك بولغۇچى ئەقىل ساھىپلىرى ، ئىزىڭنى بېسىپ بۇ يۇلۇڭنىڭ گۈزەللىكى ۋە قەدىر - قىممىتىنى نامايەن قىلدۇرغۇسى ، ئىزىڭنى باسقۇچى ئەزىمەتلەر كوچىسى ئاللاھ خالىسا قىيامەتكىچە ئادەمسىز قالمايدۇ ، سېنىڭ بۇ گۈزەل يۇلۇڭنى گۈزەللىكى بىلەن دۇنياغا تۇنۇتقۇسى................
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

0

تېما

0

دوست

2363

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   12.1%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  6277
يازما سانى: 122
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 125
تۆھپە : 644
توردىكى ۋاقتى: 143
سائەت
ئاخىرقى: 2015-1-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-1 16:31:41 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مانا مۇشۇنداق مىللەت سۆيەر دادىلاردىن تۇمەنلەپ چىقسا،بارلىرى يۈز ياشقىچە ياشىسا دەيمەن!!!ھۇشۇر ئىسلام،ئەركىن سىدىق،،،،،،،تەك مىللەتپەرۋەر بىلىم ئىگىلىرى ئامان بولغاي،ئەزىز تېنى سالامەت بولغاي!!!

2

تېما

1

دوست

2563

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   18.77%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  10813
يازما سانى: 127
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 154
تۆھپە : 700
توردىكى ۋاقتى: 198
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-28
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-1 16:40:49 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھۇشۇر ئىسلامنى ئۇيغۇرلارغا دەۋىر بۆلگۈچلۈك تەسىر كۆرسەتكەن ئالىم دەپ ئېيتىشقا بولىدۇ.......

@人不应该放弃,而更

2

تېما

1

دوست

1883

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   88.3%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8717
يازما سانى: 87
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 309
تۆھپە : 383
توردىكى ۋاقتى: 301
سائەت
ئاخىرقى: 2014-1-3
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-1 16:53:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاپىرىن.....ئۆرلە ،ئۇيغۇرۇم..

10

تېما

3

دوست

1104

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   10.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11643
يازما سانى: 85
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 22
تۆھپە : 317
توردىكى ۋاقتى: 30
سائەت
ئاخىرقى: 2014-11-2
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-1 17:25:46 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  خەلق ئۆزىنىڭ نېمىگە ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى ئوبدان بىلىدۇ . خەلقى ئۈچۈن قان -تەر تۆكۈۋاتقانلارنى ئەلۋەتتە قەدىرلەيدۇ . بىر خەلقتە شۇ ئەل غېمىنى يەيدىغان توپ قانچە كۆپەيسە ئۇ ئەلنىڭ ئۆزىنى سالاھىيەتلىشى شۇنچە ئۈستۈنلۈككە ئېگە بولىدۇ .

3

تېما

3

دوست

1104

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   10.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9618
يازما سانى: 40
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 90
تۆھپە : 288
توردىكى ۋاقتى: 56
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-1 17:32:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئون مۇنەۋۋەر مۇھاجىر.........................
بۇ ئالىمىمىز مۇھاجىرما؟

13

تېما

0

دوست

4047

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   68.23%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11043
يازما سانى: 203
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 520
تۆھپە : 892
توردىكى ۋاقتى: 231
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-1 17:55:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىشلىرىغا ئۇتۇق،تىنىگە سالامەتلىك تىلەيمەن..!!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )