سۈرەتتە: 2007-يىلى ئابې شىنزو تۇنجى نۆۋەت باش ۋەزىر بولغاندا، بىريۇسسېلدىكى ش ئا ئە ت باش شتابىدا، ئەينى چاغدىكى باش كاتىب شىفىر خۇپجاب بىلەن كۆرۈشكەن ئىدى
نۇر تورى تەرجىمىسى: 12-يانۋار، ياپونىيە تاراتقۇلىرى مۇنداق خەۋەرنى تارقاتقان، ياپونىيە باش ۋەزىرى ئابې شىنزو جۇڭگوغا قاتتىق پوزىتسىيە تۇتقاندىن كېيىن، شىمالى ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپىغا شەخسەن مەكتۇپ يوللاپ، ش ئا ئە ت بىلەن بىرلىشىپ، دېڭىزچىلىق ئىشلىرىدا باش كۆتۈرۋاتقان جۇڭگوغا بىرلىكتە تاقابىل تۇرماقچى بولغان.
«يۇمىئۇرى خەۋەرلىرى» گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ياپونىيە ھاكىمىيەت بېشىدىكى پارتىيە ئەركىن دېمۇكراتلار پارتىيىسىدىن بولغان، ئاۋام پالاتا دىپلوماتىيە كومتېتىنىڭ باشلىقى كاتسيۇكى مۇراي 15-يانۋاردىن 19-يانۋارغىچە ئەنگلىيە، فرانسىيە ۋە بىلگىيلەردە زىيارەتتە بولغاندا، ش ئا ئە ت نىڭ باش شتابى بىريۇسسېلغا بېرىپ، ش ئا ئە ت نىڭ باش كاتىپى راسمۇسېن بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ، ئابې شىنزونىڭ ئۆز قولى بىلەن يازغان مەكتۇبىنى ئۇنىڭغا تاپشۇرۇپ بېرىدىكەن.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، مەزكۇر مەكتۇپتا، ئابې ش ئا ئە ت نى دېڭىز تەسر كۈچى كۈنسايىن زورىيىۋاتقان جۇڭگوغا ياپونىيە بىلەن بىرلىشىپ تاقابىل تۇرۇشقا مۇراجىئەت قىلىغان. مەكتۇپتا يەنە مۇنۇلار ئېيىتلغان: «جۇڭگو دىياۋيۈ ئارىلى(ياپونىيە سېنكاكو ئاراللىرى دەپ ئاتايدۇ)نىڭ ئەتراپىدا ياپونىيەنىڭ دېڭىز تەۋەلىكى ۋە ھاۋا تەۋەلىكىگە توختىماي تاجاۋۇز قىلىۋاتىدۇ، جۇڭگو ئۆزىنىڭ دېڭىزدىكى ۋە چاۋشيەندىكى تەسر كۈچىنى بارغانسېرى كېڭەيتىپ، شەرقى ئاسىيانىڭ بىخەتەرلىك ۋەزىيتىنى كەسكىنلەشتۈرىۋەتمەكتە.» ئابې مەكتۇپتا مۇنۇلارنى ئېيتقان: ياپونىيە شەرقى ئاسىيانىڭ تىنچلىقى ۋە گۈللىنىشى ئۈچۈن ئاكتىپ رول ئويناشنى، شۇنداقلا رايون سېتراتىگىيلىك مۇھىت ئۆزگىرىشى قاتارلىق جەھەتلەردە ش ئا ئە ت بىلەن ئورتاق تونۇشقا ئىگە بولۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ.
ياپونىيەNHK تېلېۋىزىيە ئىستانسى مۇنۇلارنى خەۋەر قىلغان، مەزكۇر مەكتۇپتا ئېيتىلىشىچە، ياپونىيە بىلەن ش ئا ئە ت ئورتاق قىممەت قارىشىغا ئىگە ھەمراھلاردىن بولۇپ، ياپونىيە ش ئا ئە ت بىلەن خەۋپسىزلىك كاپالىتى تەرەپلەردە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنى ئارزۇ قىلىدىكەن. يەنە بەزى ياپونىيە تاراتقۇلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، ئابې ھاكىمىيەت بېشىغا قايتا چىققاندىن كېيىن، ياپونىيە-ئامېرىكا ئىتتىپاقىنى كۈچەيتىشنى دىپلوماتىيە، بىخەتەرلىك قوغدىنىش سىياسىتىنىڭ يادروسى قىلغان ئىدى، ھالا بۈگۈنكى كۈندە، ش ئا ئە ت بىلەن ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، جۇڭگو ۋە چاۋشيەننى تىزگىنلەش غەرزىنى بارغانسېرى ئاشكارىلىغان.
11-يانۋار، ئابې شىنزو جۇڭگونى تەنقىدلەپ نۇتۇق سۆزلىگەن. ياپونىيە تاراتقۇلىرىنىڭ قارىشىچە، ياپونىيە-ئامېرىكا ۋە ياپونىيە-كورىيە مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاشتا ئىلگىرىلەش بولغان، ئەگەر ياپونىيە ئامېرىكا ۋە كورىيە بىلەن ھەمكارلىقنى ھەقىقى قانات يايدۇرسا، جۇڭگوغا قاتتىق پوزىتىسيە تۇتالايدىكەن.
مۇشۇ يىلنىڭ بېشىدا، ئابې كورىيەگە پەۋقۇلئاددە ئەلچى ئەۋەتىپ، تاكشىما ئارىلى(كورىيە توكدو ئارىلى دەپ ئاتايدۇ) سەۋەبىدىن قارشىلىشىپ قالغان ياپونىيە-كورىيە مۇناسىۋىتىنى ياخشىلىماقچى بولغان ئىدى. ئەڭ مۇھىم ئورۇندا تۇرىدىغان ياپونىيە-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىدە، ئابې يانۋاردا ئامېرىكىنى زىيارەت قىلالمىغان بولسىمۇ، لېكىن دىپلوماتىيە ۋەزىرى مۇشۇ ئاينىڭ 18-كۈنى ئامېرىكىدا زىيارەتتە بولۇپ، ئىتتىپاقلىقنى كۈچەيتمەكچى بولۇۋاتىدۇ. دىپلوماتىيە ۋازارىتىدىكى ئەمەلدارلارنىڭ كۆرسىتىشىچە، نۆۋەتتە، جۇڭگوغا قاتتىق قول بولۇش شارائىتلىرى ھازىرلانغان.
|