- تىزىملاتقان
- 2012-8-18
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-4-5
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 2047
- نادىر
- 0
- يازما
- 119
ئۆسۈش
15.63%
|
بىر دۆلەتنىڭ كۈچىگە سەل قارىغىلى بولمايدۇ ، شۇنىڭدەك چاۋشىيەننىڭ بۇ گەپلىرى سەل ئېشىپ كەتكەن بولسىمۇ چاۋشىيەننىڭ كۈچىنى سەل چاغلىغىلى بولمايدۇ . بەلكىم ئافغانىستان ، ئىراق ، ئىراندىن كۈچلۈك بۇلۇشى مۇمكىن . چۈنكى بۇ دۆلەت خۇددى تىلەمچىگە ئوخشاش ئۆزى چىقىم قىلماي ، تاپقان پۇلىنىڭ ھەممىسىنى قورال ياراققا دوغا تىككەن ، ئەگەر چاۋشىيەن بىلەن ئامرىكا ياكى كورىيە ئۇرۇشۇپ قالسا بۇ ئۇرۇشتا ئەڭ كۆپ زىيان تارتىدىغىنى ئېنىقلا ئېلىمىز جۇڭگو بولىدۇ .
مېنىڭچە چوقۇم بۇنىڭ ئارقىسىدا بىز بىلمەيدىغان نۇرغۇن سىياسىي سىرلار بۇلۇشى مۇمكىن . مەسىلەن چاۋشىيەندىكى ئۇرۇشقا كۈچكۈرتكۈچى خائىن ، خەلىقئارادىكى بىر قىسىم دۆلەتلەرنىڭ چاۋشىيەننىڭ كۆتىدىن يۆلەپ بېرىشى دېگەندەك سەۋەبلەرنىمۇ يوق دېگىلى بولمايدۇ . ئەگەر چاۋشىيەن مۇشۇ پېتى يوقالمىسا ئۇ شۇ جاھىل ساراڭدەك تەلۋە مېجەزى بىلەن ھامان يوغان ئىش تېرىشى ئېنىق . شۇڭا ئامرىكا چاۋشىيەننىڭ مۇش ئېتىپ ئۇرۇشقا بانا سەۋەب تېپىشىنى سەۋىرچانلىق بىلەن كۈتمەكتە .
ئەگەر بۇ قېتىمقى ئامرىكا ۋە چاۋشىيەن ئۇرۇشۇپ قالسا ئېلىمىز جۇڭگو چوقۇم بىرياندا تۇرۇپ تاماشا كۆرىشى مۇمكىن . ئامرىكا دەل مۇشۇنداق ئاقىۋەتنى كۆرمەكچى يەنى بۇ ئىككى ئاكا ئۇكىنى بىر بىرىدىن ئايرىپ ئاندىن ئاستا ئاستا جايلىماقچى . جۇڭگو ھازىر ئاللىبۇرۇن ئۇلارغا ياردەم بەرمەيدىغانلىقىنى ، ئۇلارغا ئىمبارگۈ يۈرگۈزۈشكە باشقا پىكرى يوقلىقىنى بىلدۈردى ، دېمەك بۇ ئىككى دۆلەتنىڭ ئاكا ئۇكىلىقى بەلكىم ئاخىرلاشقان بۇلۇشى مۇمكىن.
بەلكىم ئامرىكا مۇشۇ مەقسەتتە چاۋشىيەننى بىر مەزگىل كۆپتۈرگەن بۇلۇشى مۇمكىن . ۋاقتى كەلگەندە ئامرىكا بىرلا ۋارقىراپ قويسا چاۋشىيەن ئۇۋىسىغا كىرىپ جىم يېتىشى مۇمكىن . ئەگەر چاۋشىيەننىڭ تەلۋىلىكى تۇتۇپ ئۇرۇشتى دېگەن تەقدىردىمۇ بۇ قېتىمقى ئۇرۇشتا چوقۇم يېڭىلىدۇ ، چۈنكى ئۇنىڭ تۈزۈك ئىتتىپاقداشلىرى يوق ، ئەكسىچە ئامرىكىنىڭ ئىتتىپاقداشلىرى نۇرغۇن . شۇڭا چاۋشىيەننىڭ بىرىنچى پاي ئوقنى ئېتىش ئاتماسلىقتا ئېھتىيات قىلغان بۇلۇشى مۇمكىن . |
|