قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 526|ئىنكاس: 4

پىفاگور ئۆگۈتلىرىدىن پارچە

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

7

تېما

5

دوست

3250

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   41.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  5979
يازما سانى: 227
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 277
تۆھپە : 797
توردىكى ۋاقتى: 211
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-24
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-1 11:41:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  __ ئەي ئەزىز،سەن دائىم پازىل كېشىلەر بىلەن دوسلاشقىن ، ئۇلارنىڭ سۆھبىتىنى ئىزدە، ئۆز نەپسىڭنى كۆپ يېيېشتىن ئاسرا! ، غەزەپلىنىشتىن ، كۆپ ئۇخلاشتىن ، قەبىھ ئىشلاردىن قاچ !  ئۆلۇمنى دائىم يادىڭدا تۇت ۋە شۇنىڭغا بېقىپ ئىش قىل ، كەسىپ ۋە مەھىشەتتە ئوتتۇرچە يول تۇت!
    __ ھەر كىم دوست تۇتۇشقا قادىر بولمىسا ، دۇشمەنگە قارشى ئىش تۇتۇشقا ھەم ئاجىز كىلىدۇ . كىشىنى سۆزىگە قاراپ ئەمەس ، ئىشىغا قاراپ بىلىشكە بولىدۇ .
                                      پىفاگور.  «ئەدەپنامە» دىن ئىلىندى.


پىفاگور
(مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى572-497)


         قەدىمكى يۇنان ماتېماتىـكى، پەيلاسوپ پىفاگور(Pythagoras) پۈتكۈل شەرق ئېلىدە پىساغۇرۇس نامى بىلەن مەشھۇر بولۇپ،  مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى572 -يىلى ئېگەي دېڭىزىدىكى سامۇس ئارىلـى (بـۈگۈنكـى گرېتسىيىنىڭ شەرقىي قىسمىدىكى كىچىك ئارال) دا باي سودىگەر ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ئۇ كىچىكىدىنلا ئەقىللـىـق، تىرىشچان بولۇپ، داڭلىق ئۇستازلاردىن گېئومېتىرىـيـە، تـەبـىئىـي پـەن ۋە پەلسەپە ئۆگەنگەن. كېيىن شەرقنىڭ ئەقىل - پاراسىتىگە تەلمۈرۈپ، تاغ - دەريالارنى كېزىپ بابىل، ھىندىستان ۋە مىسـىـرغـا كـېـلـىـپ، ئەرەب مەدەنىيىتى ۋە ھىندىستان مەدەنىيىتى، ھەتتا جۇڭگو مەدەنىيىتىـدىـكى مول ئوزۇقلۇقلارنى سۈمۈرۈپ، تەخمىنەن مىلادىيىدىن ئىلگـىـرىـكـى530 - يىلى سامۇس ئارىلىغا قايتقان. كېيىن زىيانكەشلىكتىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئىتالىيىنىڭ جەنۇبىي قـىـسـمـىـدىـكـى شۇ چاغدا گىرىتسىيەگە قاراشلىق كروتونغا  ئولتۇراقلىشىپ، ئۆزىنىڭ ئىلمىي ئېقىمىنى بەرپا قىلىپ، بىر ياقتـىـن مائارىپ بىلەن، بىر ياقتىن ماتېماتىكا تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللانغان. يۇكسەك نۇتۇق ئىقتىدارىدىن پايدىلىنىپ يۇقىرى سەۋىيىلىك كىشىلەردىن 600 شاگىرت توپلاپ  ئەر-ئايال باراۋەر بولغان، مال-مۈلۈك تەڭ تەقسىم قىلىنغان، تەشكىلى ئىنتىزامى ئىنتايىن قاتتىق بولغان، روھنى تازىلاش مەقسىدىدىكى بىر كىچىك تەشكىلى ئاپاراتنى بەرپا قىلغان. بۇ تەشكىلات بارا-بارا بىر ئۆزگىچە خۇراپى ، يەر ئاستى دىنغا ئوخشاپ كېتىدىغان تەشكىلى تۈزۈم ۋە مەخپىيەتلىكنى ساقلاش ئىنتىزامىغا ئىگە بولغان.
   
         شۇنداق بولسىمۇ پـىـفـاگـور ۋە ئۇنىڭ ئىلمىي ئېقىمى ماتېماتىكىدا نۇرغـۇن ئىـجـادىـيـەتـلـەرنـى يـاراتـقـان، بولۇپمۇ، پۈتۈن ساننىڭ ئۆزگىرىش قانۇنىيـىـتـىـگـە قـىـزىـقـىـپ قـالـغـان. مەسىلەن، (ئۆزىدىن باشقا) بارلىق كۆپەيتكۈچىلىرىنىڭ يىغىندىـسـى ئۆزىـگـە تەڭ بولغان سانلارنى مۇكەمـمـەل سـان (مـەسـىلـەن،6 ،28 ،496 قـاتـارلـىـقلار) دەپ ئاتىغان، ئۆزى كۆپەيتكۈچىلىرىنىڭ يىغىـنـدىـسـىـدىـن چوڭ بولغان سانلارنى ئاشىدىغان سان دەپ ئاتىغان؛ كۆپەيتكۈچىلـىـرىـنـىـڭ يىغىندىسىدىن كىچىك بولغان سانلارنى كېمىيىدىغان سـان دەپ ئاتىغان. ئۇلار يەنە «تىك بۇلۇڭلۇق ئۈچبۇلۇڭدا ئىككى تىك تەرەپ كـۋادىراتـلىرىنىڭ يىغىندىسى يانتۇ تەرەپنىڭ كۋادراتىغا تەڭ» ئىكەنلىكىنى بايـقىغان. غەربلىكلەر بۇنى پىفاگور تېئورېمىسى دەپ ئاتىدى، ئېلـىمـىـزدە گـۇگـۇ تېئورېمىسى دەپ ئاتىلىدۇ.
        ھازىر ماتېماتىـكـىـدا يـەنـە «پـىـفـاگـور ئۈچ نامەلۇملۇق سانلار گۇرۇپپـىـسـى» ئۇقۇمى بـار، بـۇ تـىـك بـۇلۇڭلـۇق ئۈچبۇلۇڭنىڭ ئۈچ تەرىپىنى ئىپادىلەيدىغان سانلار گۇرۇپپىسىنىڭ توپـلـىـمـىـنـى كۆرسىتىدۇ.
      پىفاگور ئىلمىي ئېقىمىدىكىلەر گېئومېتىرىيىدە «تىـك بـۇلـۇڭـلـۇق ئۈچبۇلۇڭنىڭ ئىچكى بۇلۇڭلىرىنىڭ يىغىندىسى ئىكـكـى تـىـك بـۇلـۇڭـغـا تـەڭ بولىدۇ» دېگەن ھۆكۈمنى ئىسپاتلىدى؛ ئالتۇن بۆلۈش ئۇسۇلىنى تەتقىق قىلدى؛ مۇنتىزىم بەش تەرەپلىك ۋە ئوخشاش كۆپ تـەرەپلىكلەرنى سىزىش ئۇسۇلىنـى بايقىدى؛ ئۇنىڭدىن باشقا مۇنتىزىم كۆپ ياقلىقنىـڭ مـۇنـتـىـزىم4 يـاقـلـىـق، مۇنتىزىم6 ياقلىق، مۇنتىزىم8 ياقلىق، مۇنتىزىم12 ياقلىـق ۋە مـۇنـتىـزىم20 ياقلىقتىن ئىبارەت بەش خىلى بولىدىغانلىقىنى ئىسپاتلىدى.
       پىفاگور ئىلمىي ئېقىمىدىكىلەر ساننى ئەڭ يۈكسەك، ئەڭ سىرلـىـق دەپ قارايدۇ، ئۇلار بۇنىڭدا پـۈتـۈن سـانـنـى كـۆزدە تـۇتـىـدۇ. «سـان مەۋجۇدات دېمەكتۇر» دېگەندىمۇ ئالەمدىكى ياراتقۇچىمۇ سان ئارقىلىق دۇنياغا ھۆكۈمرانلىق قىلىدۇ، جىمى مەۋجۇداتلارنىڭ ھەممىسى سان،  تۈرلۈك مۇناسىۋەتلەرنى پـۈتـۈن سان ياكى پۈتۈن سان نىسبىتى ئارقىلىق ئىپادىلەشكە بولىدۇ دەپ قـارايـدۇ. بىراق، ھىپوس ئىسىملىك بىر ئوقۇغۇچـى تـەرەپ ئۇزۇنـلـۇقـى1 بـولـغان كۋادراتنىڭ دىئاگونالنى پۈتۈن سان نىسبىتـى بىلەن ئىپادىلىگىلى بولمايدىغانلىقىنى بايقايدۇ. بـۇ مـۇشـۇ ئېـقـىـمـدىـكـىـلـەرنـىـڭ ئەقىدىـسـىـگـە دەخـلـى - تـەرۇز يـەتـكـۈزگـەنـلـىـكـى ئۈچـۈن، ھەرقـانـداق ئادەمنىڭ (يەنى، ئىرراتسـىئونـال سـان) نـىـڭ مـەۋجـۇتلۇقىنى ئاشكارىلىشىغا بولمايدۇ دېگەن ئىنتىزام بەلگىلىنىـدۇ. سـاددا ھىپوس باشقىلار بىلەن سۆزلىشىۋېتىپ ئۆزىنىڭ بايقىشىنى ئېيتىپ قويىـدۇ، نەتىجىدە زىيانكەشلىككە ئۇچرايدۇ، بىراق ناھايىتى تېزلا ماتېـمـاتـىـكـا ئىدىيىسىدىكى زور ئىنقىلابنى قوزغايدۇ. ئىلىم - پەن تارىخىدا بۇ ۋەقە تۇنجـى ماتېماتىكا كرىزىسى دەپ ئاتىلـىـدۇ. ھـىـپوسنىڭ ئۈچۈن ھاياتىنى قۇربانلىق قىلغانلىقىدىن بىزگە قالغان ساۋاق شۇكى، ئىلىم - پەننىڭ چېكى بولمايدۇ، كىمىكى ئىلىم - پەنگە چەكلەنگەن رايون بېكىتسە، شۇ ئىلىم - پەننىڭ دۈشمىنىگـە ئايلىنىپ، ئاخىرىدا ئىلىم - پەن تەرىپىدىن دەپنە قىلىنىدۇ.
        ئەپسۇسكى، ئەقىل - پاراسىتى ئۇرغۇپ تۇرغان، دۇنيا تەبىئى پەنى ۋە پەلسەپىسىنىڭ تەرەققىياتىدا غايەت زور ئاكتىپ رول ئوينىغان پـىـفـاگـور ئۆمـرىـنـىـڭ ئاخىرقى يىللىرىغا بارغاندا، ئىلىم جەھەتتە مۇتەئەسسىـپـلـىـشـىـپلا قـالـمـاي، سىياسىي جەھەتتە يېڭى شەيئىلەرگە دىموكراتىيەگە قارشى تۇرغان ۋە مىلادىدىن بۇرۇنقى 497-يىلى 80يېشىدا ۋاپات بولغان.  پىفاگورنىڭ ئىدىيىسىنى شاگىرتلىرى يۇنانغا قايتقاندىن كېيىن تارقاتقان.
---------------------------

جەنۇبىي ئىتالىيەنىڭ رېگىيە شەھرىدە تۇغۇلۇپ ئۆسكەن قەدىمقى يۇنان پەيلاسوپى پىفاگور منېسەرخ ئىسىملىك كىشىنىڭ پەرزەندى ئىدى. ئاتىسى خىزمەت سەپىرىدە  دائىم ئۇنى ئۆزى بىلەن بىللە ئېلىپ يۈرگەن. نەتىجىدە پىفاگور قىزىقىشچان ۋە يېڭى نەرسىلەرنى بىلىشكە ئىنتىلىشچان بولۇپ ئۆسكەن.
ئۇ پەيلاسوپلاردىن ئاناكسىماندىر بىلەن فېرېكىدنىڭ شاگىرتى ئىدى.
پىفاگور ئۇزاق ۋاقىت مىسىردا ئوقۇغان، زەردۇشت دىنىغا بەك قىزىققان. ئۇ مىسىردا ئىلىم سىرلىرىنى ئۆگىنىش ئۈچۈن ھەتتا خەتنە قىلدۇرۇشقىمۇ رازى بولغان. لىكىن ئۇنى كىتابلارغا يېقىنلاشتۇرمىغان. ئۇ ھىچقاچان مەيۈسلەنمىگەن ۋە ئومۇمەن ھىسسىياتقا بېرىلمىگەن.
پىفاگورنىڭ تۆۋەندىكى ئەسەرلىرى مەلۈم:
(1) «تەبىئەت ھەققىدە»
(2) «دەۋلەت ھەققىدە»
(3) «تەربىيە ھەققىدە»
(4) «جان ھەققىدە»
(5) «ئالەم ھەققىدە»
(6) «ئىلاھىي كالام»
پىفاگور مىلادىدىن ئاۋالقى 496-يىلى دۈشمەنلىرى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن.
پىفاگور  ھاياتنىڭ مەزمۇنىغا ئائىت قاراشلارغا-«پەلسەپە» دەپ نام بەرگەن تۇنجى دانىشمەن ئىدى.


پىفاگور ھىكمەتلىرىدىن ئۈزۈندىلەر:
★ رىۋايەت قىلىنىشىچە، فلىئۇنت شەھرىگە سەپەر قىلىش ۋاقتىدا ھاكىم لېئون پىفاگوردىن سورىدى:
- سەن قايسى ئىلىمنىڭ بىلىمدانىسەن؟
- ھىچ قايسى،  دەپ جاۋاب بەردى پىفاگور،  مەن ئادەتتىكى بىر پەيلاسوپ.
- پەلسەپە دىگەن نىمە ئۆزى؟  تەئەججۈپلىنىپ سورىدى ھاكىم.
پىفاگور مۇنداق جاۋاب بەردى:
- ئىنساننىڭ ئۆمرىنى بازار ۋە ئولىمپىك ئويۇنلىرىغا قىياسلاش مۈمكىن. بازاردىكى سېتىقچىلار ھەم، خېرىدارلار ھەم دائىم ئۆز پايدىسىنى كۆزلەيدۇ. ئولىمپىك ئويۇنلىرىغا قاتناشقۇچىلار بولسا شان-شۆھرەت ۋە مەشھۇرلۇق كويىدا بولىدۇ. مەيداندىكى تاماشابىنلار بولسا ئۇلارنى دىققەت بىلەن كۈزىتىپ تۇرىدۇ. ھاياتتىمۇ ھەم شۇنداق. ئادەملەرنىڭ كاتتا بىر گورۇھى بايلىق ۋە شان شۆھرىتىنى ئاشۇرۇش مەقسىتىدە پالاقلايدۇ. ئەنە شۇ ئالامان ئارىسىدا ئازچىلىقنى تەشكىل قىلغۇچى بىر گورۇھ باركى، ئۇلار بىر چەتتە تۇرۇپ، ئەتراپتىكىلەرنى جىمجىتقىنە كۈزىتىپ. ۋەقە-ھادىسىلەرنى، ئىنسان تەبىئىتىنى تەتقىق قىلىدۇ. ھەقىقەتنى ئاڭلاش-ئۇلارنىڭ ئەڭ سۆيۈملۈك ئىشىدۇر. ئەنە شۇ تائىپەدىكى ئادەملەر  پەيلاسوپلار-دانالىقنى سۆيگۈچىلەر-دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇلار سوفىستلەر، يەنى دانىشمەنلەر ئەمەس. چۈنكى ھەقىقى مەنادىكى دانىشمەنلىك يالغۇز ئاللاھقا خاس سۈپەت. بەندەلەر بولسا دانىشمەنلىككە ئىنتىلىش بىلەن كۈپايىلىنىدۇ. خالاس.


★ دانىشمەنلىكنىڭ باشلىنىشى-پىكىر قىلىشنى ئۆگىنىش. ۋايساشنى تۈگىتىش.
★ ئۆتكەن كۈنلەر ھەققىدىكى: «مەن ئۇنى قانداق ئۆتكەزدىم؟ نىمەلەرنى قىلدىم؟ نىمىلەرنى قىلالمىدىم؟» - دىگەن سۇئاللارغا جاۋاب تېپىلمىغۇچە كۆزلىرىڭ ئۇيقۇغا كەتمىسۇن.
★ ئەي ئادەملەر! ئەڭ ئاۋۋال ئىزگۈ ئەخلاققا ئىگە بولۇش ئۈچۈن تىرىشىڭ. چۈنكى، ئەخلاق - قانۇننىڭ ئاساسىدۇر.
★ تەرتىپ-سېنىڭ مۇقەددەس مەقسىتىڭ بولسۇن. سەن بۇ مەقسەت يولىدا ئەستايىدىل خىزمەت قىل. چۈنكى، تەرتىپ - ھەممە نەرسىنىڭ مەجمۇئەسىدۇر (يىغىندىسىۇر). تەبىئەتنىڭ مەۋجۇدلىقى ھەم تەرتىپ ئاساسىغا قۇرۇلغان.
★ ئەگەر سەندىن، «ئىزگۈلۈك نىمە؟» دەپ سورىسا، «ئەمەلدە پايدىلىنىشقا بولىدىغان دانىشمەنلىكتۇر» دەپ جاۋاب بەر.
★ ئاڭلاش ۋە سۈكۈت قىلىش سېنى دانالىققا يىتەكلەيدۇ. سۈكۈت - دانالىقنىڭ باشلىنىشى.
★ بىلىملىك بولۇش بىلەن دانىشمەنلىكنى ئوخشاش بىر نەرسە دەپ ھىسابلىماڭ.
★ خۇسۇسىي مۈلكى بولمىغان پۇخرا - ۋەتەنسىزدۇر.
★ ئەي، ئاددىي خەلق ئارىسىدا ياشاشقا مەھكۈم دانىشمەن! سەن مايغا(ياغقا) ئوخشىشىڭ لازىم. ماي سۇغا ئارىلىشىپ كەتمەي، ئۇنىڭ يۈزىدە پاقىراپ تۇرىدۇ.
★ سەن ئۆز-ئۆزۈڭگە ھاكىم بول. ئۆزۈڭگە ئۆزۈڭ شاھ بولساڭ، ئادالەتلىك باشقۇرۇش دەۋرىدە يۈكسەك ھۆكۈمرانلىققا ۋە ئەڭ مۇھىم خىزمەتكە ئېرىشىسەن.
★ ئايالى بىلەن مۇرەسسەگە كېلەلمىگەن ئادەمنى دوست تۇتما.
★ جانزاتلارنى (ھاياتلىقنى) ئۆلتۈرۈشتىن ساقلىنىڭ. چۈنكى ئادەم ئۆلتۈرۈش جانۋارلارنى ئۆلتۈرۈشتىن باشلانغان.

بۇ ماقالە ماتېماتىكا بلوگىدىن كۆچۈرۈلدى، ئەسلى ماقالە ئادرىسى :  http://matimatik.blogbus.com/logs/35233432.html

9

تېما

6

دوست

8257

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

ئۆسۈش   100%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  14993
يازما سانى: 1097
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 52
تۆھپە : 2344
توردىكى ۋاقتى: 135
سائەت
ئاخىرقى: 2013-6-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-1 16:04:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىزدە دوسىتمۇبار لىكىن دۈشمەنمۇئازئەمەس


ئەي سۈيۈملۈك رەسۇلۇم.............. سېنىڭ ئاي يۈزىدەك يۇلۇڭدا باسقان قەدەم ئىزىڭ ئەقىل ساھىپلىرىغا قۇياش نۇرىدەك روشەن تۇرۇپتۇ ،  بۇ گۈزەل يۇلۇڭغا ئىشتىراك بولغۇچى ئەقىل ساھىپلىرى ، ئىزىڭنى بېسىپ بۇ يۇلۇڭنىڭ گۈزەللىكى ۋە قەدىر - قىممىتىنى نامايەن قىلدۇرغۇسى ، ئىزىڭنى باسقۇچى ئەزىمەتلەر كوچىسى ئاللاھ خالىسا قىيامەتكىچە ئادەمسىز قالمايدۇ ، سېنىڭ بۇ گۈزەل يۇلۇڭنى گۈزەللىكى بىلەن دۇنياغا تۇنۇتقۇسى................
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

7

تېما

5

دوست

3250

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   41.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  5979
يازما سانى: 227
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 277
تۆھپە : 797
توردىكى ۋاقتى: 211
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-24
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-1 16:59:03 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دانىشمەنلىكنىڭ باشلىنىشى-پىكىر قىلىشنى ئۆگىنىش. ۋايساشنى تۈگىتىش.

قارام سوپى

7

تېما

6

دوست

4413

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   80.43%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  14014
يازما سانى: 471
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 170
تۆھپە : 1225
توردىكى ۋاقتى: 263
سائەت
ئاخىرقى: 2014-5-24
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-2 02:14:05 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پىفاگور مىسىرغا بېرىش ئۈچۈن كىمىگە چىققاندا مىسىرغا بارغۇچە كىمىدە ھېچقانداق چاتاق چىقمىغان،ئۇندىن بۇرۇن كىمە گاھ شامالىنىڭ گاھ ئۇنىڭ گاھ بۇنىڭ زەربىسىگە ئۇچراپ تۇراتتىكەن.كىمە باشلىقى بۇ خىل تىنچ-ئامانلىقنى يۇناندىن تارتىپ مىسىرغىچە كىمىنىڭ بىر بېشىدا مەزمۇت تەپەككۇر بىلەن ئولتۇرغان ئۇزۇن چاچ ،سۈرلۈك،كىلىشكەن يىگىت پېفاگورنىڭ خسلىتىدىن كۆرۈپ پېفاگورغا مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ كىرا ھەققىنى ئالمىغانكەن.

قارام سوپى

7

تېما

6

دوست

4413

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   80.43%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  14014
يازما سانى: 471
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 170
تۆھپە : 1225
توردىكى ۋاقتى: 263
سائەت
ئاخىرقى: 2014-5-24
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-2 02:15:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاڭلاشلارغا قارىغاندا پېفاگور بىر غارغا كىرىپ توققۇز كۈنگىچە ھېچ نەرسە يىمىگەنكەن.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )