- تىزىملاتقان
- 2012-6-19
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-4-1
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 277
- نادىر
- 0
- يازما
- 15
ئۆسۈش
38.5%
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا polat315 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-4-1 18:31
ئەسسالام ئەلەيكۇم
ھۆرمەتلىك قېرىنداشلار بۈگۈن يەنى 2013-4-1 كۈنى ئاتۇش تىجەندىن بۇلبۇل قارىم دەپ نام ئالغان داڭلىق ئالىم ۋە ناتىق دەئۋەتچى ئابلەت قاراجىم ۋاپات بولدى. ئەتە بامداتقا يەرلىككە قويىلىدۇ. يىراق يېقىندىكى قېرىنداشلار ۋاقىپ بولۇپ قالغاي !!
ئورنى ئاتۇش تىجەن مەدىرس جامىئەسىدە .
ئەزا ئۆمەر يوللىغان تېما، مۇناسىۋەتلىك بولغاچقا ئايرىم تەستىقلانماي مۇشۇ يەرگە قوشۇلدى.
ئاتاقلىق دىنىي ئالىم، بىدئەتكە رەھىمسىزلەرچە ئوت ئاچقۇچى شىر يۈرەك ئىسلاھاتچى ۋە دەۋەتچى، 13 ياش ۋاقتىدىلا قۇرئان ئوقۇش مۇسابىقىسىدە بىرىنچى بولۇپ ھەممىنى قايىل قىلىپ << بۇلبۇل >> نامىغا نائىل بولغان مۇرەتتەپ قارى ئابلەت قارى ھاجىم ( تەخەللۇسى: بۇلبۇل قارىم ) 2013-يىلى 4-ئاينىڭ 1-كۈنى ئەتىگەن سائەت 8:30 دا قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي 77يېشىدا ئاتۇش شەھرىدە بىز بىلەن مەڭگۈلۈك ۋىدالاشتى. ئەلۋىدا، ئەلۋىدا، سۆيۈملۈك ئۇستاز! ئاز كۈندە بىزمۇ كەينىللىرىدىن بارىمىز! اللە سىلىنىڭ دىن يولىدا تىنىمسىز ئشلىگەن خىزمەتلىرىنى قوبۇل قىلغاي! تارتقان ئەرزىيەتلىرىگە كاتتا ئىنئام بەرگەي، نام-ئەمەللىرىنى ئوڭ تەرەپتىن بېرىپ ياتقان يەرلىرىنى جەننەتۇل رىزۋاندا قىلغاي، امين!...
مەرھۇمنىڭ مېيىت نامىزى ئەتە ئەتىگەن يەنى 2013-يىلى 4-ئاينىڭ 2-كۈنى بامدات نامىزىدىن كېينى ئاتۇش تېجەن مەدرىس جامەسىدە ئوقۇلماقچى. كەڭ مۇسۇلمان قېرىنداشلارنىڭ ۋاقىپ بولۇپ قېلىشىنى، شارائىتى يار بەرگەن قېرىنداشلارنىڭ اللە رىزالىقى ئۈچۈن داخىل بولىشىنى سورايمىز
|
|