- تىزىملاتقان
- 2012-7-26
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-23
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 2170
- نادىر
- 0
- يازما
- 90
ئۆسۈش
5.67%
|
باشقۇرغۇچىلار بولسا ما تېمىنى بۇرۇنقى تېمىنىڭ ئاستىغا رەتلەپ چىقىرىپ قويغان بولساڭلار ، 1 - قىسىمىنىڭ ئادىرىسى مانا :./thread-16844-1-1.html
2. يېڭى جۇڭگو تارىخدىكى ئۈچ چوڭ جىنايى ئىشلار دىلوسىنىڭ ئىككىنچىسى : خۇلەن باتۇرى ---- جوڭگودىكى پاش بولمىغان ئەڭ چوڭ دىلو
1- خىل ۋاريانىتتى (مەن كۆرگەن ماتىرىياللاردا ھەر خىل ئىلىنىپتۇ )
خۇلەن ناھىيىسى يەنى ھازىرقى خۇلەن رايونى (ئۆلكىگە بىۋاستە قاراشلىق ئىقتسادىي رايون) دا 1982- يىللاردىن باشلاپ ، ئارقا - ئارقىدىن مەخسۇس ساقچى ، سوت خادىملىرىغا قارىتىلغان ۋەھشىي قاتتىللىق ۋەقەلىرى يۈز بەردى . لىكىن بۇ دىلونى زادى كىم سادىر قىلغان ؟ ئۇ نىمىشقا ساقچىلارغىلا ھۇجۇم قىلىدۇ ؟ نىمىشقا دىلو سادىر بولغان نەق مەيدانغا خۇلەن باتۇرى دەپ يىزىپ قويىدۇ ؟ خۇددى زورو دىگەن كىنودىكىدەك . بۇنىڭ ھەممىسى مەڭگۈلۈك سىر بولۇپ قالدى .
1986- يىلى 3 - ئاينىڭ 28 - كۈنى ، خىيلۇڭجىياڭ ئۆلكىسى خۇلەن ناھىيىسى سىياسىى قانۇن كومىتىتىنڭ ئائىلىكلەر قۇرۇسى . بۇ قانلىق كىچىدە بۇ قۇرۇدا 52 ئادەم باشقىلار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۋىتىلدى . بۇنىڭ ئىچىدە 25 ئادەم قانۇن ئىجراچىلىرى ، قالغان 27 كىشى ئۇلارنىڭ ئائىلە تاۋاباتلىرى ئىدى . جامائەت خەۋىپسزلىك مىنىسترلىقى زىل زىلىگە كەلدى . قاتىل ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى پىچاق بىلەن ئۆلتۈرۋەتكەنىدى . ھەمدە جىنايەت سادىر قىلغان مەيدانغا قان بىلەن خۇلەن باتۇرى دەپ يىزىپ قويغانىدى . جامائەت خەۋىپسىزلىك مىنىستىرلىقى ۋە ئۆلكىلىك ج خ نازارىتى دەرھال ئەڭ قابىل ساقچى ، رازۋىتچىكلارنى ئەۋەتتى . 4 - ئاينىڭ 2 - كۈنى 672 ئادەمدىن تەشكىل تاپقان يىڭى جوڭگو تارىخدىكى ئەڭ چوڭ مەخسۇس دىلو گۇرۇپپىسى تەشكىللەندى . لىكىن بۇ خۇلەن باتۇرىنى قىلچە قورقىتالمىغان بولسا كىرەك . 1986 - يىلى 4 - ئاينىڭ 6 - كۈنى ، يەنى مەخسۇس دىلو گۇرۇپپىسى قۇرۇلۇپ 4 كۈندىن كىيىن ، مەخسۇس دىلو گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرىدىن بارماق ئىزى تەكشۈرۈش مۇتەخسىسى جاۋ بىلەن ۋاڭ باھىيىلىك مىھمانخانىدا ئۆلتۈرۋىتىلدى . ئارقىدىنلا خۇلەن ناھىيىسىنىڭ مەلۇم ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جىڭ ئائىلىسىدە ئىچىنىشلىك ئۆلدى ، ئۇنىڭ بارلىق ئائىلە تاۋاباتلىرىمۇ بىللە ئۆلتۈرۋىتىلدى ، تامغا يەنىلا خۇلەن باتۇرى دىگەن يىزىلغانىدى . ئىش بۇنىڭ بىلەنمۇ تۈگۈمىدى . يەنە نەچچە كۈن ئۆتۈپلا مەخسۇس دىلو گۇرۇپپىسىنىڭ ئىككى نەپەر ئەزاسى زىيانكەنشلىككە ئۇچراپ ،ياتىقىدا ئۆلدى . 9 - ئايدا بۇ ناھىيىنىڭ پىنسىيىگە چىققان بىر پىشقەدەم رەھبىرى ئەگەر كىمدە كىم خۇلەن باتۇرىنىڭ ئىز دىرىكىنى بىلسە ، ئەڭ بولمىغاندا ئۇ دىلو سادىر قىلغاندا ئىشلەتكەن پىچاقنىڭ ئىز دىرىكىنى بىلسە ، ئۆزى شەخسەن 100 مىڭ يۈەن بىلەن مۇكاپاتلايدىغانلىقىنى بىلدۈردى . لىكىن كىم بىلسۇن ، بۇ بىچچارە رەھبەرمۇ بىر نەچچە كۈندىن كىيىن ئۆيىدە ئىچىنىشلىق ئۆلدى ، تامغا خۇلەن باتۇرى دىگەن خەت يىزىلغان ، ھەمدە دىلو سادىر قىلغان پىچاقمۇ ئۆلگۈچىنىڭ بەدىنىگە سانجىپ قۇيۇلغان ئىدى . ....
دىلو 2 يىل 6 ئاي تەكشۈرۈلۈپ ھىچقانداق نەتىجە چىقىمىدى . شۇنىڭ بىلەن دىلو پىچەتلىنىپ ، ھىچكىمىنىڭ بۇ دىلونى قايتا تەكشۈرۈشىگە يول قۇيۇلمىدى . بۇ دىلو شۇنىڭ بىلەن جوڭگو تارىخىدا پاش بولمىغان ئەڭ چوڭ دىلو بولۇپ قالدى .
2 - خىل ۋاريانتى
خۇلەن ناھىيىسى( ھازىرقى خيلۇڭجىياڭ ئۆلكىسى خاربىن شەھىرىنىڭ بىر ئىقتسادىي رايونى ) دە 80 - 90- يىللاردا پارىخۇرلۇق ،چىرىكلىك ئەۋج ئالغان ، بۇلۇپمۇ قانۇن ، ساقچى تارماقلىرىدا چىرىكلىك ئىنتايىن ئەۋج ئىلىپ ، ساقچىلار باشقىلارنىڭ مال مۈلكىنى خالىغانچە بۇلايدىغان ، ئاياللارغا پوخۇرلۇق قىلىدىغان ئىشلار ئەۋج ئىلىپ ، خەلق قاتتىق نارازى بولغان ، 1982- يىلىدىن باشلاپ ، خۇلەن ناھىيىسىدە بىرسى ئۆزىنى خۇلەن باتۇرى دەپ ئاتاپ ، مەخسۇس ساقچىلارغا ، قانۇن خادىملىرىغا زىيانكەشلىك قىلىپ ، 12 يىلدا 27 ئادەمنى ئۆلتۈرگەن ، ئۇ ئۆلتۈرگەنلەرنىڭ ھەممىسى دۆلەت كادىرلىرى ئىدى . 1994 - يىلى ئۇ ئاخىرقى قېتىم دىلو سادىر قىلغاندا بىر ئادەمنى خاتا ئۆلتۈرۈپ قۇيۇپ ، شۇنىڭدىن كىيىن دىلو سادىر قىلمىغان ، شۇنىڭ بىلەن ئىز دىرەكسىز يۇقاپ كەتكەن . بۇ دىلومۇ شۇنىڭ پاش بولمىغان .
3 - خىل ۋاريانتى :
خۇلەن باتۇرىنىڭ ئۆلتۈرگىنى پەقەت 12ئادەم بۇلۇپ ، ئۇ پىچاق ئىشلەتمەي ، تاپانچا بىلەن جىنايەت سادىر قىلغان ، چۈنكى ئۇ ساقچىلارنىڭ قىلىمىش ئەتمىشلىرىگە قاتتىق نارزى بولغان ، شۇڭا مەخسۇس ساقچىلارغا ھۇجۇم قىلغان . ج خ مىنىستىرلىكى تەكشۈرۈش ئارقىلىق جىنايەت گۇماندارلىرىدىن بىر قانچىنى بىكىتكەىن بولسىمۇ ، ئۇ ئىشلەتكەن تاپانچا نەچچە ئون يىل ئىلگىرى يۈتۈپ كەتكەن تاپانچا بولغاچقا ، ھىچقانداق دەلىل ئىسپات تاپالماي ، بۇ دىلونى ئاخىرلاشتۇرغان . |
|