قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 7018|ئىنكاس: 46

يېڭى جوڭگو تارىخىدىكى ئۈچ چوڭ جىنايى ئىشلار دېلوسى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

5

تېما

0

دوست

2190

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   6.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9153
يازما سانى: 92
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 238
تۆھپە : 529
توردىكى ۋاقتى: 253
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-27
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-1 18:14:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   polat315 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-4-2 14:32  

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، باغداش تورىدىكى بارلىق قېرىنداشلار . تىنىڭلار سالامەت ، ئىشلىرىڭلار ئۇتۇقلۇق كىتىپ بارىدىغاندۇ ؟ پېقىرنىڭ بۈگۈن يوللايدىغان تېمىسى ئەگەر بەزى تورداشلارنىڭ نەزىرىگە ئىلىنىمىغان بولسا ، مەن يۇسۈپقارى ئالدى بىلەن ئۆزرە ئىيىتىمەن . لىكىن مىنى قالايمىقان ھاقارەتلىگەنلەرنى ھەرگىز كەچۈرمەيمەن .
تېمامنىڭ مەنبەسى بەيدۇ تورى ۋە  http://bbs.tianya.cn/post-40-678282-1.shtml
مەن تۇنۇشتۇرماقچى بولغان تۆۋەندىكى ئۈچ كىشى بىزگە ئوخشاش ئاتا  - ئانىسى ئاپىرىدە قىلغان ئاددى ئىنسان ، لىكىن ئۇلار ياشىغان مۇھىت ، ئۇلارنىڭ مانا مۇشۇنداق ئادەم قىلىپىدىن چىققان ئىشلارنى قىلىشقا تۈرۈتكە بولغان .....
1.بەي باۋشەن .
بۇ ئىسىم بىزگە ئەڭ تۇنۇش بولسا كىرەك  ، بۇ ئادەمنىڭ بىز ئۇيغۇرلار سالغان زىيىنى ھەقىقەتەن ئىغىر . بەي باۋشەن ، ئەر ، خەنزۇ ، 1957 - يىلى تۇغۇلغان . يۇرتى بيىجىڭ ، بەي باۋشەننىڭ ئاتا - ئانىىسى ئىشىچى بولۇپ ، ھەر ئىككىسى بىيجىڭ پولات تۈمۈر شىركىتىنىڭ ئىشىچىىسى ئىدى . بەي باۋشەن ئۈچ ياش ۋاقتىدا ئاتا - ئانىسى ئاجرىشىپ كەتتى ، بەي باۋشەن ئانىسىنىڭ بىقىشىغا تاپشۇرۇلدى . ئاپىسى ئۇنى خىبىي ئۆلكىسى چۇشۈي ناھىيىسدىكى ئاتا - ئانىسىنىڭ قىشىغا ئاپىرىپ قۇيدى . ئاندىن ئۆز قايتا ياتلىق بولدى . 1971- يىلى 14 ياشقا كىرگەن بەي باۋشەن بىيجىڭدىكى ئاپىسىنىڭ قىشىغا قايتىپ كىلىپ ، باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 1- يىللىقىغا ئوقۇشقا كىردى ، ھەممىز بەلىكىم ئۇ مۇشۇ چاغدا ئۇچىرىغان زور بىسىمى ھىس قىلالىشىمىز مۇمكىن ، چۈنكى 14 ياشتا بىز تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنىمۇ پۈتتۈرۈپ بولىشىمىز مۇمكىن .  16 ياش ۋاقتىدا بەي باۋشەن ئوقۇشتىن چېكىنىپ ، بىر ئاچىقسۇ ئىشلەش زاۋۇتىدا ۋاقىتلىق ئىشىچى بولدى ، ئۇنىڭ مائاشى ناھايىتى تۆۋەن ئىدى ، ئائىلىسىمۇ نامرات ئىدى . ئۇ 1982  - يىلىدىن باشلاپ ئۇغۇرلۇق قىلىشقا باشلىدى ، 1983 -يىلى مەملىكىتىمىزدە تۇنجى قىېتىم قاتتىق زەربە بىرىش ھەرىكتى ئىلىپ بىرىلدى ، تەلىيى كاج بەي باۋشەن ئۈچ قىېتىم قۇلۇپ چىقىپ ئوغۇرلىققا كىرىپ ، بىر تال كۈنلۈك ، بىر ئەسكى چاپان ، ئاياغ قاتارلىق نەچچە يۈز قىممىتىدىكى نەرسىلەرنى ئوغۇرلاپ چىققاندا تۇتۇلۇپ قىلىپ ، ئوغۇرلۇق ، بۇلاڭچلىق جىنايىتى ئۈچۈن 14 يىللىق مۇدەەتلىق قاماق جازاسى بىرىلدى . (قاتتىق زەبە بىرىش ھەرىكىتى سەۋەپلىك) . بەي باۋشەن دەسلەپتە بىيجىڭ 1 - تۈرمىسىگە قامالغان بولۇپ ، جازا  مۇددىتى بەش يىل ئىدى . كىيىن ئۇنىڭ بىر شىرىكىمۇ تۇتۇلۇپ قىلىپ ، ئۇنىڭ باشقا جىنايەتلىرىمۇ پاش بولۇپ ، ئۇنىڭغا يەنە 11 - يىل قۇشۇلۇپ جەمىي 14  يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى ، كىيىنچە ئۇ شىنجاڭدىكى ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش مەيدانىغا ئەۋەتىلدى . ئۇ تۈرمىدە قوي باقتى ، ئۇ ۋاقتىلىق ئىشىچى بولۇپ ئىشلەۋاتقاندا ، خەلق ئەسكەرلىرى مەشىقىگە قاتناشقان ھەمدە راسىت ئوق ئىتىپ باققان بولۇپ ، قۇرالغا ئىنتايىن ھەۋىسى بار ئىدى . بىر قېتىم ئۇ مال بىقىۋىتىپ ، ئاز سانلىق مىللەت مالىچىلارنىڭ ئىزىپ قالغان قوي كالىلىرىنى ئۆزى بىقىۋاتقان پادىغا قۇشۇپ ، قوتانغا ھەيدەپ كەلدى ، مالىچىلار قوي كالىلىرىنى سوراپ كەلگەندە ، ئۇ بىر نەرسە بىرىشىنى تەلەپ قىلدى ، ھەمدە بىر مالچى ئسىۋالغان مىلتىققا كۆزى چۈشتى،  مالچىلار ئۇنۇڭغا يۈر پاي ئوق بىرىپ ، ماللىرىنى قايتۇرپ كەتتى . ئۇ تۈرمىدە يەتكۈچە خۇرلۇق تاتتى ، ھەمدە ئۆزىنى خورلىغان ئىككى تۈرمىدىشىنى ئۆلتۈرۈپ ، مال قوتىنىغا كۆمىۋەتتى ، ساقچىلار قاتتىق سوراق قىلىغان بولسىمۇ ، بۇ دىلو ئىنىقلانمىغانىدى ، كىيىن ئۇ تۇتۇلغاندا ئاندىن بۇ دىلو پاش بولدى . ساقىلار مال قوتىنىغا ئۈچ مىتىر كىلىدىغان جايدىن بۇ ئىككەيلەننىڭ جەسىتىنى قىزىۋالدى .
بەي باۋشەن 1996- يىلى مۇدەتتىن بىر يىل بۇرۇن تۈرمىدىن قويۇپ بىرىلدى ، ئۇ 1981 - يىلى توي قىلغان ، 1982- يىلى بىر پەرزەنىتلىك بولغانىدى ، ئۇ بىيجىڭغا كىلىپ ، ئۇششاق تىجارەت قىلىپ ، ئائىلىسىنى قامدىماقچى بولدى ، ئۇ كىچىك يايما ئاچتى ، لىكىن بازار باشقۇرۇش خادىملىرى ئۇنىڭ ماللىرىنى قايتا قايتا مۇسادىرە قىلدى ، ئۇ بىيجىڭدا تۇغۇلغان بولسمۇ ، لىكىن ساقچىخانا ئۇنۇڭغا نۇپۇس بىجىرىپ بىرىشىنى رەت قىلىدى ، ھەتتا پۇل بەرسە بىجىرىپ بىرىدىغانلىقىنى ئىيىتتى . مۇشۇ ئىشلار تەسىرىدە بەي باۋشەن قەبىي جىنايەت يولىنى تاللىدى ، ئۇ قۇرالغا ئامراق ئىدى ، چۈنكى قۇرال بولغاندىلا باشقىلارنى قۇرقۇتقىلى بولاتتى ، 1996- يىلى 3 - ئايدا ئۇ بىيجىدىكى بىر ئېلېكتر ئىستانسىدا قاراۋۇللۇق قىلۋاتقان قۇراللىق ساقچى قىسىم ئەسكىرىنى تۈمۈر تاياق بىلەن ئۇرۇپ يارىلاندۇرۇپ ، 56 تىپلىق يىرىم ئاپتوماتىك قۇرالنى بۇلىدى . شۇ يىلى 4 - ئايدا ئۇ قۇلىدىكى قۇرۇل بىلەن بىيجىڭ شىشەندىكى بىر بىرونىۋىك باتالىيۇننىڭ قاراۋۇللىقتا تۇرىۋاتقان ئىككى ئەسكىرىگە ھۇجۇم قىلىپ ، ئۇلارنى يارىلاندۇرغاندىن كىيىن ، قىچىپ كەتتى . ئەتىسى يەنە بىيجىڭ شى جيڭشەن جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسىنىڭ 6 نەپەر ساقىچىسىغا ھۇجۇم قىلىپ ئۇلارنى يارىلاندۇردى .شۇ يىلى 7 - ئايدا ئۇ ئۆزى كىچىك ۋاقتىدا ئون نەچچە يىل ياشىغان چۇ شۈي ناھىيىسىگە كىلىپ ، ئۈچ نەپەر ئەسكەرگە ھۇجۇم قىلىپ ، ئىككى ئەسكەرنى ئۆلتۈرگەندىن كىىن ، بىر ئاپتۇمات بولاپ ئۇنى كۆمۈپ قويدى .12 - ئايدا تىجارەت قىلىۋاتقان بىر ئايالنى قۇراللىق بۇلاپ ،ئۇ ئايالنى ئۆلتۈرۈپ 60 مىڭ يۈەننى ئىلىپ قىچىپ كەتتى . 1997- يىلى قىرىق ياشقا كىرگەن بەي باۋشەن ئاشنىسىنى ئىلىپ ، پويىزدا شىنجاڭغا كىلىپ ، شىخەنزە شەھىرى 147 - تۆۋەنىگە كىلىپ ، بۇرۇنقى تۈرمىدىشى بىلەن بىللە تۇردى . ھەمدە يىقىن ئەتراپتىكى تۈۋەن مەيدانلاردا قايتا قايتا دىلو سادىر قىلدى . ئۇ بىر دىھقاننى بۇلاپ ، ئۇنى ئۆلتۈرۈپ ئۆلىكىنى كۆمىۋەتتى ، بۇ جەسەت ئۇ تۇتۇلغاندا ئاندىن تىپىلدى . ئۇ 149 - تۆۋەننىڭ ساقچىخانىسىغا قۇراللىق باستۇرۇپ كىرىپ ، بىر ساقچىنى ئۆلتۈرۋەتكەندىن كىيىن ، 54 تىپلىق تاپانچىدىن بىرنى بۇلاپ ، قىچىپ كەتتى .
1997 - يىلى 8 - ئاينىڭ 18  - كۈنى ئۇ ھىلىقى تۈرمىدىشىنى ئىلىپ ، ئۈرۈمچىدىكى شىنجاڭ چىگرا رايون مىھمانخانىسىنىڭ ئەتراپىدا كۈپكۈندۈردە بۇلاڭچىلىق قىلىپ ، 7 ئادەمنى ئۆلتۈرۈپ ، 5 ئادەمنى يارىلاندۇرۇپ ، 1مىليۇن 400 مىڭ يۈەن پۇلنى بۇلاپ كەتتى . ئاندىن شىرىكىنى ئالداپ ، بۇغدا كۆلىگە ئىلىپ چىقىپ ، ئۇنى ئۆلتۈرىۋەتتى ، چۈنكى ئۇ بۇ شىرىكىدىن گۇمانلىنىپ قالغانىدى ، ئۇ ھەتتا ئاشنىنسىمۇ ئۆلتۈرىۋەتمەكچى بولغان ، ھەتتا ئۇنى كۆمىدىغان ئورەكنىمۇ كولاپ بولغانىدى ، لىكىن ئۇنىڭ قولى بارمىدى ، ئۇ بۇ ئاشنىسىنى ياخشى كۆرەتتى .8 - ئاينىڭ 28 - كۈنى ، ئىككەيلەن ئۈرۈمچىگە كىلىپ ، 1 مىليۇن 400 مىڭ يۈەننى تىقىپ قويغان يىرىدىن ئىلىپ ، پويىزغا ئولتۇرۇپ ، بىيجىڭغا قايتىپ كەلدى ، بەي باۋشەن ئاشنىسىغا 100 مىڭ يۈەن بىرىپ ، ئۇنى سىچۈەندىكى يۇرتىغا يولغا سىلىپ قويدى ، ئانىسىغا شىنجاڭدا سودا قىلىپ تاپتىم دەپ ئون مىڭ يۈەن بەردى .
9 - ئاينىڭ 5 - كۈنى ، شىخەنزە ساقچى ئىدارىسى بەي باۋشەننىڭ سۈرىتىنى بىيجىڭ ساقچى ئىدرىسىگە ئەۋەتىپ ، ئۇنىڭ دەل نۇرغۇن قىېتىم ئادەم ئۆلتۈرگەن قاتىل ئىكەنلىكىىنى جەزىملەشتۈرگەنلىكىنى ئوقتۇردى ، چۈنكى ئۇ ئۆلتۈرىۋەتكەن شىرىكى ئۇنىڭ يامان نىيىتىنى سىزىپ قىلىپ ، ئۆلۈشتىن بۇرۇن بەي باۋشەننىڭ تۇرۇشلۇق ئورنى ۋە ئاشنىسىنىڭ تۇرۇشلۇق ئورنىنى خەت يىزىش شەكلى بىلەن يەنە بىر دوسىغا ئەۋەتىپ بەرگەنىدى .  شۇ كۈنى 4 نەپەر خەلق ساقچىسى بەي باۋشەننىڭ ئۆيىگە نوپۇس تەكشۈرۈش باھانىسى بىلەن كىردى ھەمدە  ئۇنى ساقچىخانا ئىلىپ ماڭماڭچى بولدى، بەي باۋشەن شۇ ئانلا ئاشنام ماڭا ساتقىنلىق قىپتۇ دەپ ئويلىدى ھەمدە كىيىم ئالماشتۇرىۋالاي دەپ قۇرال بار ئۆيگە كىرىپ ، قۇرالنى ئىلىپ ، بۇ تۆت سويما ساقچىنى ئۆلتۈرۈپ قىچىپ كەتمەمچى بولدى ، ئۇ بۇنى قىلالايتى ، لىكىن  قول سالاي دەپ تۇرغاندا ئانىسى چىقىپ قالدى . ئۇ ئانىسىنىڭ يارىلىنىپ قىلىشدىن ئەنسىرەپ قۇرالنى تاشلاپ ، يۇۋاشلىق بىلەن تۆت ساقچىغا تەسلىم بولدى .شۇنىڭ بىلەن 1996- يىلى ۋە 1997- يىلى جوڭگودىكى 1  - نۇمۇرلۇق جىنايى ئىشلار دىلوسى دەپ ئاتالغان بەي باۋشەن دىلوسى پاش قىلىندى.
بەي باۋشەن بويى ئىگىز ، قارامتۇل ، ئورۇق ئادەم ئىدى ، ئۇنىڭ بۇ ئاددى  يۇۋاش كۆرىدىغان تۇرقى ئۇنى ناھايىتى ئاسانلا يۇشۇرۇپ كىتەتتى ، بەي باۋشەن ئىككى يىل ئىچىدە 15 ئادەمنى ئۆلتۈرۈپ ، 17 ئادەمنى يارىلاندۇردى ،1 مىليۇن 400 مىڭ يۈەن نەق پۇلىنى بۇلىدى ، ئۇ گەرچە مىنى ئاشنام سىتىۋەتتى دەپ ئويلىغان بولسىمۇ ، سوراق جەريانىدا ئۆزىنىڭ بارلىق جىنايەتلىرىگە ئىقرا بولدى ھەتتا بۇرۇن ئاشكارىلانمىغان جىنايەتلىرىنىمۇ تاپشۇردى ، لىكىن ئاشنىسىغا مۇناسىۋەتلىك جىنايەتلەرنى قەتتى تىلغا ئالماي ، ئۇنى قوغداپ قالماقچى بولدى ، ئۇ تۇتۇلغاندىن كىيىن سوراق جەريانىدا مۇنداق دىگەنىدى : مەن ئاشنامنى ئۆلتۈرىۋىتىشىنى ئويلىغان ، لىكىن قولۇم بارمىدى ، مەن ئۆيۈمگە كىرگەن 4 ساقىچىنى ئاسانلا جايلىۋىتەلەيتىم ، لىكىن ئۆيدە ئاپام بار ئىدى ، مىنىڭ ئاپامنىڭ ئالدىدا ئادەم ئۆلتۈرۈشكە قولۇم بارمىدى .......
ئۇنىڭ تۇتۇش ئۈچۈن نەچچە ئون مىڭ ساقچى ھەرىكەتكە كەلگەن بولسىمۇ ئۇنى تۇتالمىدى ، لىكىن ئۇ ئاخىرىدا تۆت ساقچىنىڭ قولىدا تۇتۇلدى ، 1998 - يىلى 4 - ئايدا ئۇ شىنجاڭغا ئىلىپ كىلىنىپ سوراق قىلىندى ھەمدە ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىپ ،  دەرھال ئىجرا قىلىندى . شۇ يىلى ئۇ 41 ياشتا ئىدى .

2. يېڭى جۇڭگو تارىخدىكى ئۈچ چوڭ جىنايى ئىشلار دىلوسىنىڭ ئىككىنچىسى : خۇلەن باتۇرى ---- جوڭگودىكى پاش بولمىغان ئەڭ چوڭ دىلو
1- خىل ۋاريانىتتى (مەن كۆرگەن ماتىرىياللاردا ھەر خىل ئىلىنىپتۇ )
خۇلەن ناھىيىسى يەنى ھازىرقى خۇلەن رايونى (ئۆلكىگە بىۋاستە قاراشلىق ئىقتسادىي رايون) دا 1982- يىللاردىن باشلاپ ، ئارقا - ئارقىدىن مەخسۇس ساقچى ، سوت خادىملىرىغا قارىتىلغان ۋەھشىي قاتتىللىق ۋەقەلىرى يۈز بەردى . لىكىن بۇ دىلونى زادى كىم سادىر قىلغان ؟ ئۇ نىمىشقا ساقچىلارغىلا ھۇجۇم قىلىدۇ ؟ نىمىشقا دىلو سادىر بولغان نەق مەيدانغا خۇلەن باتۇرى دەپ يىزىپ قويىدۇ ؟ خۇددى زورو دىگەن كىنودىكىدەك . بۇنىڭ ھەممىسى مەڭگۈلۈك سىر بولۇپ قالدى .
1986- يىلى 3 - ئاينىڭ 28 - كۈنى ، خىيلۇڭجىياڭ ئۆلكىسى خۇلەن ناھىيىسى سىياسىى قانۇن كومىتىتىنڭ ئائىلىكلەر قۇرۇسى . بۇ قانلىق كىچىدە بۇ قۇرۇدا 52 ئادەم باشقىلار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۋىتىلدى . بۇنىڭ ئىچىدە 25 ئادەم قانۇن ئىجراچىلىرى ، قالغان 27 كىشى ئۇلارنىڭ ئائىلە تاۋاباتلىرى ئىدى . جامائەت خەۋىپسزلىك مىنىسترلىقى زىل زىلىگە كەلدى . قاتىل ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى پىچاق بىلەن ئۆلتۈرۋەتكەنىدى . ھەمدە جىنايەت سادىر قىلغان مەيدانغا قان بىلەن خۇلەن باتۇرى دەپ يىزىپ قويغانىدى . جامائەت خەۋىپسىزلىك مىنىستىرلىقى ۋە ئۆلكىلىك ج خ نازارىتى دەرھال ئەڭ قابىل ساقچى ، رازۋىتچىكلارنى ئەۋەتتى . 4 - ئاينىڭ 2 - كۈنى 672 ئادەمدىن تەشكىل تاپقان يىڭى جوڭگو تارىخدىكى ئەڭ چوڭ مەخسۇس دىلو گۇرۇپپىسى تەشكىللەندى .  لىكىن بۇ خۇلەن باتۇرىنى قىلچە قورقىتالمىغان بولسا كىرەك . 1986 - يىلى 4 - ئاينىڭ 6 - كۈنى ، يەنى مەخسۇس دىلو گۇرۇپپىسى قۇرۇلۇپ 4 كۈندىن كىيىن ، مەخسۇس دىلو گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرىدىن بارماق ئىزى تەكشۈرۈش مۇتەخسىسى جاۋ بىلەن ۋاڭ باھىيىلىك مىھمانخانىدا ئۆلتۈرۋىتىلدى . ئارقىدىنلا خۇلەن ناھىيىسىنىڭ مەلۇم ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جىڭ ئائىلىسىدە ئىچىنىشلىك ئۆلدى ، ئۇنىڭ بارلىق ئائىلە تاۋاباتلىرىمۇ بىللە ئۆلتۈرۋىتىلدى ، تامغا يەنىلا خۇلەن باتۇرى دىگەن يىزىلغانىدى .  ئىش بۇنىڭ بىلەنمۇ تۈگۈمىدى . يەنە نەچچە كۈن ئۆتۈپلا مەخسۇس دىلو گۇرۇپپىسىنىڭ ئىككى نەپەر ئەزاسى زىيانكەنشلىككە ئۇچراپ ،ياتىقىدا ئۆلدى . 9 - ئايدا بۇ ناھىيىنىڭ پىنسىيىگە چىققان بىر پىشقەدەم رەھبىرى ئەگەر كىمدە كىم خۇلەن باتۇرىنىڭ ئىز دىرىكىنى بىلسە ، ئەڭ بولمىغاندا ئۇ دىلو سادىر قىلغاندا ئىشلەتكەن پىچاقنىڭ ئىز دىرىكىنى بىلسە ، ئۆزى شەخسەن 100 مىڭ يۈەن بىلەن مۇكاپاتلايدىغانلىقىنى بىلدۈردى . لىكىن كىم بىلسۇن ، بۇ بىچچارە رەھبەرمۇ بىر نەچچە كۈندىن كىيىن ئۆيىدە ئىچىنىشلىق ئۆلدى ، تامغا خۇلەن باتۇرى دىگەن خەت يىزىلغان ، ھەمدە دىلو سادىر قىلغان پىچاقمۇ ئۆلگۈچىنىڭ بەدىنىگە سانجىپ قۇيۇلغان ئىدى . ....
دىلو 2  يىل 6 ئاي تەكشۈرۈلۈپ ھىچقانداق نەتىجە چىقىمىدى . شۇنىڭ بىلەن دىلو پىچەتلىنىپ ، ھىچكىمىنىڭ بۇ دىلونى قايتا تەكشۈرۈشىگە يول قۇيۇلمىدى . بۇ دىلو شۇنىڭ بىلەن جوڭگو تارىخىدا پاش بولمىغان ئەڭ چوڭ دىلو بولۇپ قالدى .  
2 - خىل ۋاريانتى
خۇلەن ناھىيىسى( ھازىرقى خيلۇڭجىياڭ ئۆلكىسى خاربىن شەھىرىنىڭ بىر ئىقتسادىي رايونى ) دە 80 - 90- يىللاردا پارىخۇرلۇق ،چىرىكلىك ئەۋج ئالغان ، بۇلۇپمۇ قانۇن ، ساقچى تارماقلىرىدا چىرىكلىك ئىنتايىن  ئەۋج ئىلىپ ، ساقچىلار باشقىلارنىڭ مال مۈلكىنى خالىغانچە بۇلايدىغان ، ئاياللارغا پوخۇرلۇق قىلىدىغان ئىشلار ئەۋج ئىلىپ ، خەلق قاتتىق نارازى بولغان ، 1982- يىلىدىن باشلاپ ، خۇلەن ناھىيىسىدە بىرسى ئۆزىنى خۇلەن باتۇرى دەپ ئاتاپ ، مەخسۇس ساقچىلارغا ، قانۇن خادىملىرىغا زىيانكەشلىك قىلىپ ، 12 يىلدا 27 ئادەمنى ئۆلتۈرگەن ، ئۇ ئۆلتۈرگەنلەرنىڭ ھەممىسى دۆلەت كادىرلىرى ئىدى . 1994 - يىلى ئۇ ئاخىرقى قېتىم دىلو سادىر قىلغاندا بىر ئادەمنى خاتا ئۆلتۈرۈپ قۇيۇپ ، شۇنىڭدىن كىيىن دىلو سادىر قىلمىغان ، شۇنىڭ بىلەن ئىز دىرەكسىز يۇقاپ كەتكەن . بۇ دىلومۇ شۇنىڭ پاش بولمىغان .
3 - خىل ۋاريانتى :
خۇلەن باتۇرىنىڭ ئۆلتۈرگىنى پەقەت 12ئادەم بۇلۇپ ، ئۇ پىچاق ئىشلەتمەي ، تاپانچا بىلەن جىنايەت سادىر قىلغان ، چۈنكى ئۇ ساقچىلارنىڭ قىلىمىش ئەتمىشلىرىگە قاتتىق نارزى بولغان ، شۇڭا مەخسۇس ساقچىلارغا ھۇجۇم قىلغان . ج خ مىنىستىرلىكى تەكشۈرۈش ئارقىلىق جىنايەت گۇماندارلىرىدىن بىر قانچىنى بىكىتكەىن بولسىمۇ ، ئۇ ئىشلەتكەن تاپانچا نەچچە ئون يىل ئىلگىرى يۈتۈپ كەتكەن تاپانچا بولغاچقا ، ھىچقانداق دەلىل ئىسپات تاپالماي ، بۇ دىلونى ئاخىرلاشتۇرغان .

بەي باۋشەن

بەي باۋشەن

for ark

36

تېما

16

دوست

2 تۈمەن

جۇغلانما

باشقۇرغۇچى

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

ئۆسۈش   100%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4793
يازما سانى: 1199
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى: 4221
تۆھپە : 3702
توردىكى ۋاقتى: 919
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-5
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-1 18:45:42 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەشكېرەملىك دوللارچى باينى ئېتىپ ئۆلتۈرۈپ 1مىلىيوندىن ئارتۇق دوللارنى بۇلاپ قاچقان بەي باۋشەن مۇشۇ شۇكەندە.
بەخىتلىك كۈنلەرنىڭ كېلىدىغىنىغائىشىنىمەن.
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

0

تېما

1

دوست

3102

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   36.73%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  12252
يازما سانى: 141
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 683
تۆھپە : 482
توردىكى ۋاقتى: 192
سائەت
ئاخىرقى: 2014-7-1
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-1 19:03:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جاجىسىنى بەرگەيسەن ئاللاھىم،نۇرغۇنلىغان بىگۇناھ كىشىلەرنى ھاياتىدىن ئايرىپتۇ بۇ قەبىھ ئىنسان،مۇنداق قارىسا كىم قاتىللىق قىلىدىغان كىشى دەيدۇ بۇنى،ئاللا ساقلىسۇن ئەتراپىمىزدا بۇنداق يامان نىيەتلىك كىشىلەرنى يوق دىگىلى بولمايدۇ.........قاتتىق ھۇشيار تۇرايلى....

0

تېما

1

دوست

2009

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   0.3%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  14620
يازما سانى: 91
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 90
تۆھپە : 580
توردىكى ۋاقتى: 67
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-20
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-1 19:23:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىلىۋالدۇق!!!!!!!

7

تېما

3

دوست

6648

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   32.96%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4402
يازما سانى: 281
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 1103
تۆھپە : 1330
توردىكى ۋاقتى: 431
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-9
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-1 19:23:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
       بەي باۋشەننىڭ يۇقارقى قىلمىش- ئەتمىشلىرى تەسۋىرلەنگەن كىنوسىنى مەن كۆرگەن. خېلىلا ئەمىلىي ئىشلەپتىكەن.

3

تېما

0

دوست

1306

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   30.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  12940
يازما سانى: 66
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 199
تۆھپە : 267
توردىكى ۋاقتى: 79
سائەت
ئاخىرقى: 2013-5-22
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-1 19:47:48 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
«كۆز-قۇلاقلار» بەك ئاز ئوخشىمامدۇ بەزى يەرلەردە، شۇنچە جىنايەتلەرنى سادىر قىلسىمۇ نەچچە يىلغىچە تۇتۇلمىغىنى قىزىق.

1

تېما

1

دوست

4872

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   95.73%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  15719
يازما سانى: 664
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 46
تۆھپە : 1374
توردىكى ۋاقتى: 162
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-1 19:49:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىككىنجى ۋە ئۈچۈنجىنىمۇ يىزىۋەتكەن بولسىڭىز بوپتىكەن ؟ قىزىقىپ قالدىم ....

جەننەت قېلىچنىڭ سايىسى ئاستىدا

12

تېما

5

دوست

6676

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   33.52%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  16309
يازما سانى: 709
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 29
تۆھپە : 1966
توردىكى ۋاقتى: 252
سائەت
ئاخىرقى: 2014-3-12
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-1 20:18:15 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇنداق ئادەمنى تىرورچى دىسە بۇلىدۇ.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )