ئامىرىكىنىڭ ئوتتۇرا شەرق سىياسىتىدىكى تېڭىرقىشى
ئامىرىكىنىڭ يېڭى ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەن دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى كېررى 1 ـ قېتىملىق زىيارىتىگە ياۋروپا ۋە ئوتتۇرا شەرقتىكى 9 دۆلەتنى تاللىدى. بىر قىسىم جامائەت پىكرى كىررىنىڭ ئوتتۇرا شەرقنى بىرىنچى قېتىملىق زىيارەت نىشانى قىلىشى ئامىرىكىنىڭ بۇ رايونغا بولغان يۈكسەك دىققىتى ئىپادىلىدى دەپ قارىدى.
ئوباما 1 ـ قېتىملىق ۋەزىپە مۇددىتى ئىچىدە، ئامىرىكا ۋە ئىسلام دۇنياسىنىڭ مۇناسىۋېتىنى ياخشىلاشقا ئىرادە باغلىغان، لېكىن نەتىجە ئارزۇنىڭ ئەكىسچە بولۇپ چىقتى. 2012 ـ يىلى 6 ـ ئايدا ئامىرىكا پېۋ مەركىزىنىڭ تەكشۈرۈش نەتىجىسىنىڭ كۆرسىتىشىچە، بىر قانچە ئاساسلىق ئىسلام ئەللىرى ئىچىدىكى ئامىرىكىنى قوللاش نىسبىتى 2008 ـ يىلدىنمۇ تۆۋەن بولغان، ئامىرىكىنىڭ يۆلەش سالمىقى قانچە كۈچلۈك بولغان دۆلەتلەردە ئەكىسچە ئامىرىكىغا قارشى كەيپىيات شۇنچە روشەن بولغان. بۇنىڭغان قارىتا ئامىرىكىلىقلار تېڭىرقاش ھېس قىلدى. بۇ خىل ئەھۋال قارىماقتا قىممەت قارىشىدىكى پەرقتەك كۆرۈنسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ئامىرىكىنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك خاتا سىياسىتىنىڭ مۇقەررەر نەتىجىسى.
ئامىرىكىنىڭ ئوتتۇرا شەرقتە ئۇزاق مەزگىلدىن بۇيانقى يولغا قويۇۋاتقان زومىگەرلىك سىياسىتى ئەكس تەسىر ئېلىپ كەلدى. 2 ـ دۇنيا ئۇرۇشى ئاياقلاشقاندىن كېيىن، ئامىرىكا بىلەن ئىسلام ئەللىرىنىڭ مۇناسىۋىتى ئەسلى يامان ئەمەس ئىدى، لېكىن ئامىرىكىنىڭ ئىسىرالىيەگە ئاشكارا يان بېسىشى ئىسلام ئەللىرىنىڭ ئامىرىكىغا بولغان ئۆچمەنلىكىنى كۈنسېرى كۈچەيتتى. سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى ئاياقلاشقاندىن كېيىن، ئامىرىكا بىردىنبىر «دەرىجىدىن تاشقىرى دۆلەت» كۈچىدىن پايدىلىنىپ ئوتتۇرا شەرقتە تېخىمۇ ئەيمەنمەي ھەرىكەت قىلدى. «11 ـ سېنتەبىر» ۋەقەسىدىن كېيىن، ئامىرىكا تېرورلۇققا قارشى تۇرۇش باھانىسى بىلەن ئارقا ـ ئارقىدىن ئافغانىستان ئۇرۇشى ۋە ئىراق ئۇرۇشىنى قوزغىدى، زۆر كۈچ بىلەن «دېموكىراتىك ئۆزگەرتىش»نى يولغا قويۇپ، ئوتتۇرا شەرقتە داۋالغۇچ يۈز بېرىشىگە سەۋەب بولدى.
ئامىرىكىنىڭ ھۇجۇم ھالىتى، ئىسلام ئەللىرىدىكى خەلقنىڭ ئامىرىكىغا بولغان تېخىمۇ كۈچلۈك ئۆچمەنلىك كەيپىياتىنى قوزغاتتى. ئۇزۇن يىلدىن بۇيان يوشۇرۇنۇپ كەلگەن ئىسلام سىياسى كۈچلىرى قايتىدىن سىياسى سەھنىنىڭ مەركىزىگە چىقتى. ماراكەش، تۇنىس، مىسىر قاتارلىق دۆلەتلەردە ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە ئىسلام پارتىيەلىرى ھوقۇققا ئېرىشىش ئەھۋالى كۆرۈلدى.
ئسلام سىياسىي كۈچلىرىنىڭ زورىيىشى ئوتتۇرا شەرق دۆلەتلىرى ۋە خەلقىنىڭ مەسىلىلەرنى كۈندىن ـ كۈنگە «ئىسلام بىلەن غەرب دۆلەتلىرى»،«ئىسلام بىلەن خىرىستىئان دىنى» دېگەن ئىدىيەدە تەھلىل قىلىشىغا سەۋەبچى بولدى. ئوتتۇرا شەرق سىياسىتىنىڭ «ئىسلاملىشىشى» ، ئامىرىكىنىڭ بۇ رايونلارنىڭ ۋەزىيىتىگە بولغان كونتىروللۇقىنى كۈندىن ـ كۈنگە يوقىتىپ قويۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. ئامىرىكا يېڭى ئامىرىكا بىخەتەرلىك مەركىزى دوكىلاتىدا خۇرسىنىپ،« ئامىرىكا دىپلوماتىيە ئەمەلدارلىرى ۋە ئوفىسىرلىرى بىلەن ئەرەب دۆلەتلىرى پادىشاھلىرى ۋە گېنىراللىرىنىڭ قارارى ئامىرىكىنىڭ ئوتتۇرا شەرقتىكى ئابرويىنى يوقاتتى» دېدى.
غەرب تاراتقۇچىلىرىنىڭ ئىسلام دۇنياسىغا بولغان ئۇزاق مۇددەتلىك سەلبىي تەشۋىقات ئۇسۇلىنىمۇ قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ. غەرب دۆلەتلىرى بولۇپمۇ ئامىرىكىنىڭ بىر قىسىم كىنو ئەسەرلىرىدە، تېرورچىلار كۆپىنچە ياغلىق ئارتقان، بومبا ساقال مۇسۇلمانلارنىڭ سىياقىدا تەسۋىرلىنىدۇ. بۇنىڭغا ئوخشاش ئىسلام دىنى ۋە مۇسۇلمان ئەھلىنى سەلبىي تەسۋىرلەش، تەبىئيلا ئەكس تەسىر قوزغايدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى ئامىرىكىدا ئىسلام دىنى ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ ھاقارەتلىنىش ۋەقەسى ئارقا ـ ئارقىدىن يۈز بەردى، مەسىلەن: مەھبۇسلارنى خورلاش، مېيىتنى خورلاش، «قۇرئان»نى كۆيدۈرۈش قاتارلىقلار. بۇ ۋەقەلەر ئىسلام دىنى مەدىنىيىتىنى ئوچۇقتىن ـ ئوچۇق ئاياغ ئاستى قىلىشتۇر. قارىماقتا شەخسلەرنىڭ ھەرىكىتىدەك كۆرۈنگەن بۇ ۋەقەلەر ئەمەلىيەتتە «غەرب مەدىنىيىتى ھەممىدىن ئەلا نەزەرىيەسى»نىڭ ئاستىرىتتىن قۇترۇتىشى، غەرب مەدىنىيىتىدىن باشقا مەدىنىيەتلەرگە بولغان ھاكاۋۇرلۇقى ۋە مەنسىتمەسلىكى.
ئامىرىكىنىڭ ئوتتۇرا شەرقتىكى ئىسلام ئەللىرى بىلەن بولغان مۇرەككەپ مۇناسىۋىتىدە، ئۆتۈشمە دېپلوماتىيە ھەرگىزمۇ ماھىيەتتىن تۈزەش چارىسى ئەمەس
مەنبە:http://www.nur.cn/
|