رۇستەم قاراسۇ ئىجادىيتى
ئاتۇش تىجەن مەدرىس مەسچىتنىڭ ئىمامى بۇلبۇل قارى ھاجىمغا مەرسىيە
ئاتۇشۇمغا يەنە كەلدى مۇسىبەت،
كۆز يېشىمنى يۇشرالمىدىم مىڭ قىلىپ.
ئاتۇشۇمدىن چىققان دېنى زات ئىدى،
بۇلبۇل قارىم كەتتى بىزنى يىغلىتىپ.
تىجەن مەدرىس ھەمىمىزگە تۇنۇشلۇق،
شۇ مەدرىسكە ئىمام ئىدى بۇلبۇلۇم.
ئاتۇشۇمغا ياغدىمىكىن بىر شۇملۇق،
مەرسىيەگە يىتشەلمىدى بۇ قولۇم.
ئارقا-ئارقا كەتتى بىزدىن ئۈچ ئۆلما،
بۇندىن ئارتۇق بولماس بەلكىم يۇقۇتۇش.
كۆز ياش تۆگەپ قان يىرىڭلار ئاقماقتا،
ئاتۇشۇمنىڭ بىشىدىمۇ يا ھۇقۇش.
تەغدىر دېمەي بىز بەندىدە نە ئىلاج،
قاقشاپ قالدۇم بولدى مانا ئۈچ مەرتە.
كۆمۈپ قويۇش ئۇدۇم بولدى بىزلەرگە،
نامىزىغا داغىل بولۇپ شۇ سەپتە.
كەتتى بۈگۈن ئاتۇشلۇقنىڭ بۇلبۇلى،
باغلىرىمىز خۇش ئاۋازدىن ئايرىلدى.
كەتتى يەنە ئاتۇشلۇقنىڭ دۇلدۇلى،
قاناتىمىز ئەجەب چاغدا قايرىلدى.
رۇستەم قاراسۇ.......ئاتۇش
كېچىڭىز
2013.4.1..كۈنى كەچ شىنجاڭ ۋاقتى 8.35..يېزىلدى
ئاللاھ ئالىممىزنىڭ ياتقان جايىنى جەننەت قىلغاي ئامىن
|