- تىزىملاتقان
- 2011-1-7
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-4-4
- ھوقۇقى
- 150
- جۇغلانما
- 33820
- نادىر
- 6
- يازما
- 1281
ئۆسۈش
100%
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ilim تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-4-2 11:40
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىنداشلار .
ئاتالمىش سۇدا سۈيى ۋە كولا تۈرىدىكى ئىچىملىكلەرنىڭ كالتىسىينى خورىتىش،ئاشقازاننىڭ كىسلاتالىقىنى ئاشۇرۇپ ياللۇغ قوزغاش يامان تەسىرىنى بارلىقىنى بىلىمىز .بۇ ئىچىملىكلەرنى جىقراق ئىچىدىغان ياشانغانلار ۋە بالىلارغا زىيىنى تېخىمۇ چوڭ بولىدۇ .
بازاردا سېتىلىۋاتقان ئاتالمىش سۇدا سۈيى نامىدىكى ئىچىملىكلەر سۇدا سۈيى ئۆلچىمىگە ئاساسەن چۈشمەيدۇ .سۇدا سۇيى دىگەن ئاز مىقتاردا سۇدانى سۇدا ئېرىتىپ ئىچىلىدۇ .مانا بۇ سۇدا سۇيىدور .لېكىن بۇ سۇدا سۇيىگە قەنىت جەۋھىرىنى قوشۇپ ،ئۇزۇن ۋاقىت ساقلاش مەقسىتىدە
كاربون تۆت ئوكسىد بىلەن بىنزول تەركىپلىك چىرىتىشتىن ساقلىنىدىغان تەركىپنى قوشۇپ ياسىغان ئىچىملىك ھەرگىز سۇدا سۈيى ئەمەس .ھەقىقى سۇدا سۈيىنىڭ بولۇپمۇ بىزدەك گۆش بىلەن جىق ھەپىلىشىدىغان ،بەدىنى كىسلاتالىق ئۇيغۇر خەلقىگە پايدىلىق .لېكىن سۇدا سۈيىنى جىق ئىچىۋەتسە سۇدادىن زەھەرلىنىش كېلىپ چىقىدۇ .شۇڭا ھەقىقى سۇدا سۈيىنىمۇ نورمال ئىستىمال قىلماق لازىمدور .
لېكىن ئەيسى قاتارلىق كاربون كىسلاتاسى تۈرىدىكى ئاتالمىش سۇدا سۈيىلىرىنى جىقراق ئىچىۋەتسە كالتىسىي ۋە ئوزۇقلۇقنىڭ ئېقىپ كېتىشى سەۋەپلىك ياشانغانلاردا سۆڭەك شالاڭلىشىش كىسىلى بولۇشنى تىزلىتىش،بالىلارنىڭ بويى ئۆسىشىنى ئاستىلىتىش ۋە ئاسان ئاچچىقلىنىشتەك يامان تەسىرى بولىدۇ
ئامىرىكا ۋېرمونت ئونۋىرسىتىدىكى سارا سورنىك دوكتۇر بىر بۆلەك تەتقىقاتچىلارنى باشلاپ ماسسا چوستىس شىتاتلىق مەكتەپتىكى 1874 نەپەر 14 ياشتىن 18 ياشقىچە بولغان بالىلار ئۈستىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بارىدۇ .ئۇلاردىن كاربونلۇق ئىچىملىكلەرنى ئىچىش ئەھۋالىنى سورىغاندا ئۈچدىن بىر قىسىم ئوقۇغۇچى بىر ھەپتىدە ئاز دىگەندە بەش قۇتا ئىچىدىغانلىقى ،بەزىلىرى ھەتتا بىر كۈندە ئۈچ قۇتا ئىچىدىغانلىقى ئايان بوپتۇ .تەتقىقاتچىلار يەنە بۇ بالىلارئۈستىدە مۇشۇ بىر يىل ئىچىدە ،ئاكا ئۇكا قېرىنداشلىرىغا زورلۇق زۇمبۇلۇق قىلغان قىلمىغانلىقىنى ،مەكتەپكە قۇرال ۋە پىچاق ئېلىپ كىرىش ئەھۋالىنى تەكشۈرەپتۇ .تەكشۈرۈش ئايان بوپتۇكى دائىم كاربونات كىسلاتالىق ئىچىملىكلەرنى ئىچىدىغانلارنىڭ ھۇجۇم خارەكتىرلىك ھەركەتلىرى باشقىلارغا قارىغاندا توققۇز پىرسەنتتىن 15 پىرسەنتكىچە يوقىرى بوپتۇ .كاربونات كىسلاتالىق ئىچىملىكلەرنى قانچە كۆپ ئىچىدىغانلارنىڭ زورلۇق زۇمبۇلۇق قىلمىشلارنى سادىر قىلىش مۇمكىنچىلىكى شۇنچە كۆپ بوپتۇ .كاربۇنات كىسلاتالىق ئىچىملىكلەر بەدەندىكى كالتىسىي ۋە ئوزۇقلۇقلارنىڭ ئېقىپ كىتىشىنى تىزلەتكەچكە ئۆسمۈرلەردە ئوزۇقلۇق يىتىشمەسلىك كەلتۈرۈپ چىقىرىپ كاللىنى ئاسان ھاياجانلاندۇرۇش ،چارچىتىشتەك ئەھۋاللارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن . مانا بۇ تەتقىقاتچىلارنىڭ بىزگە دىگەن سۆزلىرى .مەنبە:http://news.xinhuanet.com/edu/2011-10/27/c_122202574.htm
لېكىن يېقىنقى يىللاردا خەلقىمىز ئىچىدە ئاتالمىش سۇدا سۇيىنى بەك ئىچىدىغان ھالەت پەيدا بولدى .بالىلارمۇ مودا قىلىپ تېلىۋىزوردا دائىم چىقىدىغان ھېلىقى سۇدا سۈيىنى ئىچىدىغان بولدى .دۇكاندارلار بەلكىم بىلمەسلىكتىن بالىلارغا كاربونلۇق ئىچىملىكلەرنى سېتىۋەردى .كىشىنى ئەڭ ئېچىندۇردىغىنى يېقىندا مالايسىيەدىن كىرگۈزگەن بىر ئىچىملىكنىڭ ئېلانىدا بىر مويسىپىت بۇ ئىچىملىكنى ماختاپ چىقتى ئاخىرىدا بالىلارغا ئەڭ زىيان سالىدىغان كولا ئىچىملىكىنى بالىلارغا ماس كېلىدۇ دەپ ئېلاننى تۈگەتتى .يەنى چىرىس ئىچىملىكىنىڭ ئېلانى .مېنىڭچە بۇ سودىنى قىلىۋاتقان سودىگەرلەر كاربونلۇق ئىچىملىكلەرنىڭ بالىلار بىلەن ياشانغانلارغا ئەڭ زىيان سالىدىغانلىقىنى بىلىدۇ .لېكىن نىمە ئۈچۈن ئەتەي ئاشۇنداق ئېلاننى ئىشلەيدۇ ؟مەن بۇنى چۈشىنەلمىدىم .ئەسلى بارلىق دۇكاندارلار بالىلارغا گازلىق ئىچىملىكلەرنى سېتىۋىرىدۇ دەپ ئويلاپتىمەن .لېكىن ئۇنى ئىچمەسلىكنى ئەسكەرتىپ تۇرىدىغان دۇكاندارلارمۇ بار ئىكەن .بىر كۈنى مەن قومۇلدىكى مەلۇم بىر ئىمپورت ماگىزىنىغا مال ئالغىلى كىرسەم بىر قارتۈۋلۈك ئاتا بىلەن بالا كىرىپ كەلدى . ئاتا ئىككى قۇتا ئەيسى ئېلىپ بىرنى ئېچىپ ئۆزى ئىچتى يەنە بىرنى بالىسىغا بەردى .بۇنى كۆرگەن خوجايىن بالىغا ئەيسى بەرمەسلىكنى ۋە ئۇنىڭ بالىلارغا زىيىنىنى ئەسكەرتتى .مەن بۇ ئەھۋالنى كۆرۈپ دۇكاندارنىڭ بۇ ئەخلاقىغا ئاپىرىن ئېيتتىم .ئەسكەرتىش:مەن گازلىق ئىچىملىكلەرنى ھارام ئىچمەڭلەر دىمەكچى ئەمەس ،ھەم دىيەلەيدىغان سالاھىيەتتە ئەمەسمەن پەقەت گازلىق ئىچىملىكلەرنى ئاز ئىچىشىڭلەرنى بولۇپمۇ بالىلارنى بۇ ئىچىملىكلەرنى ئىچىشتىن توسىشىڭلارنى ئۈمۈد قىلىپ .سىلەرگە سالاماتلىك تىلەپ بۇ يازمىنى ئەۋەتتىم .قېنى كۆپچىلىك نىمە دەيدىكىن .
|
|