- تىزىملاتقان
- 2011-1-7
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-4-5
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 16280
- نادىر
- 8
- يازما
- 450
ئۆسۈش
15.7%
|
چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىدە مۇنداق دېيىلدى : چاۋشيەن ۋەزىيىتى تېخى تېگىپ كەتسىلا پارتىلايدىغان ھالەتكە يەتكىنى يوق ، لېكىن جەنۇب _ شىمال ئىككى تەرەپ تىركىشىشىدىن قارىغاندا ، ئىككى تەرەپ ئارىسىدا توقۇنۇش پارتىلاش ئېھتىماللىقى كۈندىن كۈنگە ئاشماقتا . يېرىم ئارال مەسىلىسىدە ، كۆپ قېتىم " بۆرە كەلدى " دەپ توۋلاپ قويۇشتەك ۋاقەلەر يۈز بېرىپ ، ۋەزىيەت تېخىمۇ جىددىيلەشتى .
چاۋشيەننىڭ سابىق رەھبىرى كىم جۇڭئېل ۋاپات بولغاندىن كېيىن ، چاۋشيەن بىلەن لىي مىيۇڭباڭ ھۆكۆمىتىنىڭ ئالاقىسىمۇ ئۈزۈلۈپ قالدى . ئامېرىكا چاۋشيەننى 24 توننا ئاشلىق بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىنى جاكارلىغاندىن كېيىن ، چاۋشىيەن تەرەپ يادرو سىنىقى ، يىراق مۇساپىلىق باشقۇرۇلىدىغان سىنارەد سىنىقى ۋە ئوران قويۇلدۇرۇشنى توختۇتۇشقا ۋەدە بەردى ، لېكىن چاۋشيەن ئىككى قېتىملىق سۇنئى ھەمرا قۇيۇپ بېرىش سىنىقى ۋە ئۈچىنچى قېتىملىق يادرو سىنىقى قىلدى ، ب د ت خەۋىپسىزلىك كېڭىشى چاۋشيەننى ئەيىپلىدى ھەم ئىمبارگو يۈرگۈزدى ، ئامېرىكا بىلەن كورىيەمۇ چاۋشيەن يېرىم ئارىلىدا كەڭ كۆلەملىك ھەربىي مانېۋىر قىلدى . چاۋشيەنمۇ "چاۋشيەننىڭ ئۇرۇش توختۇتۇش كېلىشىمى" كۈچكە ئىگە ئەمەس دەپ ، بىر قاتار ھەربىي مانېۋىرلارنى قىلدى . چاۋشيەننىڭ سۇنئىي ھەمرا قويۇپ بېرىش ھەم يادرو سىنىقىغا قارىتا يۈرگۈزۈلگەن ئېمبارگو ۋە ئېمبارگوغا قارشى تۇرۇش قاتارلىقلار چاۋشيەن يېرىم ئارىلى ۋەزىيىتىنى تېخىمۇ جىددىلەشتۈرىۋەتتى . ئۇنداقتا چاۋشيەن يېرىم ئارىلىدا راستتىىنلا ئۇرۇش پارتىلامدۇ ؟ ھەرخىل ئەھۋاللاردىن قارىغاندا ، چاۋشيەن يېرىم ئارىلى تېخى ئۇرۇش قىلىش باسقۇچىغا كېرگىنى يوق .
بىرىنچىدىن ، چاۋشيەن يەنىلا ئاغزىدا تەھدىت سېلىپ ۋە ئاگاھلاندۇرۇپ ، ئۆزىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش قارارى ۋە ئىدىيەسىنى نامايەن قىلىش ئارقىلىق ئامېرىكا ۋە كورىيەگە بېسىم ئىشلىتىۋاتىدۇ ، لېكىن ئۇنىڭ تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۇرۇش پەيدا قىلىشى مۇمكىن ئەمەس .
ئىككىنچىدىن ، چاۋشيەن ئامېرىكا بىلەن سۆھبەت ئۈستىلىگە قايتىپ كېلىشنى ئۈمىد قىلىدۇ . بۇ يىلنىڭ بېشىدا ، چاۋشيەن ئالدى -كەينى بولۇپ ، ئامېرىكا خەلق ۋەكىللەر ئۆمىكى ، ئامېرىكا ئاگېنتلىقى ۋەكىللەر ئۆمىكى ، ھەم ۋاستىكبولچىلار ئۆمىكىنى قوبۇل قىلدى .
ئۈچىنچىدىن ، چاۋشيەن كورىيە يېڭى ھۆكۆمىتى بىلەن ئالاقىلىشىشقا چىقىش يولى قويۇپ قويدى .
تۆتىنچىدىن ، ئامېرىكا بىلەن كورىيە نۆۋەتتە تەشەببۇسكارلىق بىلەن چاۋشيەنگە ھۇجۇم قىلىش ئىدىيەسىدە بولۇپ باقمىدى . كورىيە كۆپ قېتىم بايانات ئېلان قىلىپ ، " چون ئان ۋەقەسى" ۋە يەنپىڭ ئارىلىنى توپقا تۇتۇش ۋەقەسىنىڭ قايتا سادىر بولۇپ قېلىشىغا قاراپ تۇرمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى .
دېمەك كۆپ قېتىم " بۆرە كەلدى" دەپ توۋلاپ قويۇپ ، ۋەزىيەتنى جىددىلەشتۈرۈش ھەر قايسى تەرەپلەرگە پايدىسىز .
مەنبە : شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى |
|